مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10716|ئىنكاس: 19

تۈركىيە تەسىراتلىرىم (5) قوغۇشۇندەك پاكىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106425
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2014-4-26
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 12:45:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   
    تۈركىيە تەسىراتلىرىم (5)
قوغۇشۇندەك پاكىت
ئاپتورى: قاريابكۆك  ( باغداش تورىدىن ئېلىندى)
20مىڭ نوپۇسلۇق  بىر خەلقنىڭ بىر دۆلەت بولىۋالغانلىقىنى كۆزى بىلەن كۆرۈشنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك،پالاۋغا
كەلگەندىن بۇيان دۆلەت دېگەن ئۇقۇم كاللامغا جىق كىرىۋالدى؛ كۆرگەن-ئاڭلىغان ھەر نەرسەم بۇ ئۇقۇمغا باغلىنىپ ئانالىز قىلىندى. مىرشات  ياتاقتا ئولتۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەن بىر ئىشمۇ شۇنداق: ئۇ پالاۋ سەپىرىنىڭ گوللاندىيە-ياپونىيە بۆلىكىدە بىر خەنزۇ بىلەن ئايرۇپىلاندا يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ قاپتۇ. ئۇ چەتئەلدىكى ئۆكتىچى زاتلاردىن بىرسى ئىكەن، ئۇ ئايرىپلانغا چىققاندىن چۈشكىچە ج ك پ نى ئەيىبلەپ كەپتۇ. ئۇ سۆھبەت ئارىسىدا مىرشاتنىڭ ئاخىرقى بېكىتىنىڭ پالاۋ ئىكەنلىكىنى  ئاڭلاپ چۆچىگەن ھالدا ئاگاھلاندۇرۇپتۇ(مىرشات ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگۈدەك پۇرسەتمۇ بولمىغان ئىكەن):
--- ھەرگىز  بارمىغىن، يېقىندا ئۇ يەرگە 6  ئۇيغۇر تېرورچى قويۇۋېتىلدى، ئىككىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەردىن قېچىپ كېتىپ پالاۋلىقلاردىن ئىككىنى ئۆلتۈرۈپتۇ، ھازىر ساقچىلار ئۇلارنى ئىزدەپ يۈرگۈدەك.

      بۇنىڭ بىر توقۇلما ئىكەنلىكى ئېنىق؛ خەنزۇ ئوكتىچى بۇنى مەيلى ئۆزى توقۇغان ياكى ئاڭلىغان بولسۇن، مۇشۇ گەپنى كۆتۈرۈپ يۈرگىنىنىڭ ئۆزى-  ئۇنىڭدىكى شۇ سابىق مەھبۇسلارغا قارىتا بىر نەپرەت، ھېچ بولمىدى دېگەندە بىر ياقتۇرماسلىقتىن بىشارەت. بۇ ئىشنىڭ دىققىتىمنى تارتقان تەرىپى- دۆلەت مەنپەئەتى دېگەن نەرسىنىڭ مىللەت ئەزالىرىنى بىرلەشتۈرۈش كۈچى: يەنى دېموكراتىيە ھەسرىتىدە ياشاۋاتقان بىر خەنزۇ ئۆكتىچى ئۆزىنىڭ رەقىبى بولغان ج ك پ بىلەن دۆلەت دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا ھېسسىيات جەھەتتىن قول تۇتۇشۇپ تۇرغىنى.
     پرېزىدېنت  تورىڭبوڭ  ھېلىقى كۈنكى ئۇچرىشىشىمىزنىڭ ئەتىسى بىزنى   "بۇ يەردە  مەيدىسىدە تۈكى بار جوڭگۇلۇقلاردىن يەنە ئالتىسى بار" دەپ  بىر ئۆيگە باشلاپ ئاپاردى. دەپ بولغىچە كىملىكىنى بىلىپ بولدۇق، چۈنكى ئۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ نامى پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتكەن ئىدى؛ كۆرۈشكىمىز  يوق ئىدى، ئەمما ئاقىتى-كۆكىتى دەپ ئولتۇرساق دۆلىتىمىزنىڭ يۈزى چۈشمىسۇن دەپ كىرىپ قويدۇق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈنۈگۈندىن بېرى دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى  ھەققىدىمۇ خېلى پولارنى ئاتقان ئىدۇق. ئەمەلىيەتتىمۇ سالام ۋە ئەھۋاللىشىشتىن ئىبارەت ئۆرپ-ئادەت دائىرىسىدىن ھالقىمىغان كۆرۈشۈش بولدى، ئىككى كۈن لەغمەنلەرنى تەڭ تارتىشىپ يەپ، سۈيقاشلارنى تەڭ ئۈزۈشۈپ ئىچىشكەندىن كېيىن خوشلاشتۇق. ئەسلىدە مەيلى سەلبىي، مەيلى ئىجابىي بولسۇن، ھەر بىرسىنىڭ ھاياتى بىر رومانغا ماتېرىيال؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىر پۇتى پارتىلاشتا زەخمىلىنىپ تىزىدىن كېسىۋېتىلگەن ئەخمەتنىڭ شۇ بىر كەچمىشىنىمۇ سورىمىدۇق؛ چۈنكى بىز ئوقۇغۇچى، ئۇلار سابىق مەھبۇس؛ بىز جوڭگۇلۇق، ئۇلار جوڭگۇ دۈشمەنلىرى. ئەمما شۇ قىسقىغىنە پۇرسەتتە ئۇلار ھەققىدە خاتىرەمدە قالغان ئىزلار شۇ:: ئارىلىرىدا بىر باشلىق يوق، ئەمما كۈچلۈك بىر ئىنتىزام بار؛ ھەرقانداق بىر پرىنسىپال سوئالغا جاۋاپ ياكى ئىشقا قارار بەرگەندە چوقۇم بىر ئۆزارا باش قوشۇش بار؛ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىر-بىرىنىڭ گېپىنى رەت قىلىش قەتئىيلا يوق، مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىش ياكى گەپتە بولسۇن. ياشتا 30دىن ئاشقان 6 يات ئەركىشىنىڭ بىر ئۆيدە بىر ئائىلە  ئەزالىرىدەك ئۆم ئۆتەلىشى ھەم پىسخىك ھەم ئەخلاق جەھەتتىن ساپا تەلەپ قىلىدۇ. بەلكىم بۇ نۇقتىدا ئۇلاردىكى  كۈچلۈك بىر ئېتىقادتىن باشقا، تاغدا باشتىن كەچۈرگەن ئەسكىرىي تەلىم تەربىيەنىڭمۇ رولى بولسا كېرەك. دېمەك دۆلەت دۈشمەنلىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ!
     قايتىدىغان كۈنى مىرشات ۋە نەسىردىن ئۈچىمىز پالاۋلىقلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرىمىزنى بايان قىلىشتۇق؛ ئورتاق تەسىراتلىرىمىز: كىشىلەرنىڭ نامراتراق بولسىمۇ غەمسىزلىكى؛ دۆلىتىدە ئاساسى قۇرۇلۇش بەك تەرەققىي قىلمىغان بولسىمۇ، جەمىيىتىنىڭ تېنچلىقى؛ ھەممىدىن مۇھىمى، بىز بىلەن ئىتتىپاقلىشىسەن دەپ بوينىدىن سۆرەۋاتقان؛ بىز بىلەن بىللە ياشايسەن دەپ بېشىغا قورال تەڭلەپ تۇرغان بىر كۈچ بولمىغاچقا كېلەچىكىدىن ئۈمىدۋارلىقى. بىر كۈنى بۇ تۇپراقلاردىن قوشنىلىرى بولغان فىلىپپىنلىقلار دادىسىنىڭ بىر مالىقىيى  ياكى سىنگاپورلۇقلار ئانىسىنىڭ بىر خېيىنى تېپىۋېلىپ " پالاۋ ئەلمىساقتىن تارتىپ بىزنىڭ بىر پارچىمىز" دەپ بېسىۋالمىسا بولاتتىغۇ دەپ ئەندىشىمۇ قىلىپ قالدۇق. شۇڭا پالاۋدىن ئايرىلىدىغان چاغدا،  بىزگە ئاچقان قۇچاقلىرىنىڭ ھۆرمىتى  ئۈچۈن " ئەي يېرى كىچىك ، باغرى كەڭ پالاۋ، ئامانلىقىڭغا كۆز تەگمىگەي!" دەپ  ئىچىمىزدە دۇئا قىلدۇق.
     قايتىش سەپىرىمىزنىڭ ئىككىنچى بېكىتى نيۇيورك ، ئايرۇدۇرۇمدا ئايرىپلان ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن تاموژنىدىن ئۆتىۋاتساق، مىرشاتنى ساقچىلار توختىتىپ، ئايرىم بىر تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى، مەن ئەھۋالنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن مىرشات ئېلىپ مېڭىلغان تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. ساقچىلار مېنى دەرھال ئارقامغا قايتىشىمغا بۇيرۇدى، توختاپ تۇرۇۋېدىم " سەن يولۇڭغا ماڭ، سەن يولۇڭغا ماڭ!"  دەپ ۋارقىرىدى. ئادەتتە  ئامېرىكا ساقچىلىرىنى بەك جىددىي بىر ئەھۋال بولمىسا، ئالدىراپ قوپاللىق قىلمايدۇ دەپ ئاڭلىغانمەن. شۇڭا ئويلۇدۇم، بەلكىم، قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەردىن بىرەرسىگە ئوخشىتىپ قالغاندۇ؟ بەلكىم پالاۋغا باردى  دېگەننى ئاڭلاپ بەزى ئەنسىزرەك تەرەپلەر گۇمانلارغا ئاساسەن توساقلارنى قۇرىۋەتكەندۇ؟ ئەمما نېمە بولسا بولسۇن، دوستىمىزنىڭ خېمىتۇرىچى ماڭا ئايان، پۇچىقى پىشمايدىغانلارغا قارشى  قەلەم ۋە ئېغىزىدىن باشقا قورالى يوق .  شۇڭا  خاتا ئۇچۇر بىلەن توسۇلۇپ قالسىمۇ تەكشۈرۈلۈشتىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.  
     شۇنداق قىلىپ مەن ئۇچۇپ كەتتىم،مىرشات نيۇيوركتا قالدى. ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن ، يەنە بىر نۆۋەت ئايرىپلان بىلەن كېلىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە،  ئاتاتۇرك ئايرىدۇرۇمىدا مىرشاتنى ساقلىدىم. ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئامېرىكىغا قورسىقىم كۆپمەي تۇرالمىدى:  جەڭ مەيدانىدا ئۆزىگە قارشى سەپتىن ئەسىر ئالغان كىشىلەرنى " دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس، ئەركىنلىك جەڭچىسى" دەپ  ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغان ۋە دۆلىتىمىزنىڭ قايتۇرۇپ بېرىش تەلىۋىنى رەت قىلىپ، تاغاردا بىر پۇل خەجلەپ ئۇ دۆلەت ، بۇ دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ يۈرگەن بۇ جاھانگىر، ئەمدى قولىدا بىر تال بەكىمۇ بولمىغان مىرشاتنى قاراىلاپ سولاپ قويىدىغان ئىشنى قىلماس ھە؟ مۇشۇ قورساق كۆپۈكى بىلەن يەنە دۆلەت دېگەن نەرسىنىڭ تەبىئىتى ھەققىدە ئوي-خىياللارغا غەرق بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەگە كېلىپ، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارىلىشىش داۋامىدا دۆلەت دېگەن ئۇقۇم ھەققىدە كاللامدا ئوخشىمىغان تەسىرلەر شەكىللىنىپ قالغان ئىدى. بەزىلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىدىن قاخشاشلىرى، مەسىلەن، دۆلەت بىخەتەرلىكى، دۆلەت مەخپىيەتلىكى دېگەندەك شۇئارلارنىڭ دەستىدە كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن يولۇققان ئاۋارىچىلىقلىرىنى ئويلىسام، دۆلەت دېگەن بۇ نەرسە كۆز ئالدىمدا بىر ھازازۇل - بىشەم خوتۇننىڭ ئۆزى؛ بەزىلەرنىڭ ماختاشلىرى يەنى  دۆلىتى بولغىنى ئۈچۈنلا ھەممە ئىشىنىڭ ئوڭ، ھەممە ئىشىنىڭ گۈل بولغىنىنى ئويلىسام، دۆلەت دېگەن مەۋجۇدات ئاللاھدىن كېيىن قالسىلا، ئىنسانغا كۈچ ۋە مەدەت بېرەلەيدىغان بىر تاغ ۋە بىر باغ؛ يەنە بەزىلەرنىڭ دۆلەتكە قارشى تۇرۇپ قويغىنى ئۈچۈن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، ئائىلە-بالاۋاقالىرىنىڭمۇ ئىنتىقام ئوبيېكتى بولۇپ قالغىنىنى  ئويلىسام،  دۆلەت دېگەن بۇ مەخلۇق  نامەرتلىكنىڭ، رەزىللىكنىڭ، ئۆكتەملىكنىڭ پىرى. بۇ كۆڭۈلسىز خىياللىرىم، مىرشاتنىڭ سىماسىنى يىراقتىن كۆرۈش بىلەن تارقالدى. ئۇ ئىككى سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن  قويۇپ بېرىلىپ باشقا ئايرىپلان بىلەن يولغا سېلىنغان. تاموژنىدىكى سوراق مۇنداق داۋام قىلغان.
- سەن جەنۇبى ئامېرىكىنىڭ قايسى دۆلىتىدىن؟
- مەن ئاسىيادىن، دۆلىتىم جوڭگۇ.
- گەپلىرىڭ خاتىرىلىنىۋاتىدۇ، كېيىن پۇشمان قىلىپ قالىسەن، راست گېپىڭنى دە!
-دۆلەت ۋە ۋەتەن دېگەننىڭ يالغىنى بولمايدۇ دەپ بىلىمەن مەن.
- گەپدانلىق قىلما، ئوتتۇرا شەرقنىڭ قايسى دۆلىتىدىن؟
  - ھاياتىمدا ئوتتۇرا شەرققە دەسسەپ باقمىدىم.
- ئاخىرقى پۇرسەت، راست گېپىڭنى دە، پاكىستاندىنمۇ ھىندىستاندىنمۇ؟
    ساقچىلار مىرشاتنى يۇقىرىقى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاتقان كى، جوڭگۇلۇققا ئوخشاتمىغان. مىرشات سومكىسىدىكى مەيدىسىدە تۈكى بار جوڭگۇلۇق دېگەن ماقالىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، يەنە قەيەرلەر بىلەندۇر تېلېفوندا ئالاقىلاشقاندىن كېيىن، پاسپورتىنى قولىغا قايتۇرۇپ بەرگەچ مۇنداق دېگەن:
    - كەچۈرۈڭ ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ، مەن 15  يىل تاموژنىدا ئىشلەپ سىزدەك جوڭگۇلۇقنى كۆرمىگەن ئىكەنمەن. بېلىتىڭىزنى تۆلەپ بېرىمىز.
دېمەك، مىرشات چېگرادىن ساختا پاسپورت بىلەن كىرىش گۇمانى بىلەن توسۇۋېلىنغان، بۇ گۇمان يالغۇز  ئۇنىڭ چىراي شەكلىدىكى جوڭگۇلۇقلارغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىككە  تايانغانمۇ ياكى بىر يوللانغان ئەنسىز ئۇچۇردىن تۇغۇلغانمۇ بۇ بىزگە تا ھازىرغىچە سىر. ئەمما شۇ كۈنى ئاتاتۈرك ئايرىدۇرىمىدا ئىككىمىزنى مېيىقىمىزدا كۆلدۈرگىنى، ئامېرىكىلىق تاموژنا خادىمىنىڭ مىرشاتنىڭ ئەزەلدىنلا جوڭگۇلۇق ۋە جوڭگۇ ئائىلىسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت  قوغۇشۇندەك پاكىتنى ئاخىرقى ھېسابتا ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغىنى.

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 01:03:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1923
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4742
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1478 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 01:06:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل يازما بوپتۇ.قىزىم ساڭا ئىيتاي.........

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27565
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7099
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5230 سائەت
تىزىم: 2011-1-24
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 01:17:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىغا تەشنامىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105948
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2014-4-12
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 02:54:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
misken.cn يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 01:03 PM
بۇتىمىنىڭ 1.قىسىمى باركەن 2-3-4جى بكلەكلىرى قەيەردە..

بۇ تېمىنىڭ 2،3،4- بۆلەكلىرى 1-بۆلەك يوللانغان تېمىنىڭ ئاخىرغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىپتۇ،ۋاقىپ بولغايسىز.

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104338
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 474
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2014-3-3
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 04:19:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تىما ،كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزيدۇ

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12722
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31722
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4654 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 05:47:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر تەسىراتلىرىڭىز مەندە ئۆزگىچە بىر خىل ھېس-تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلەرنى ئاتا قىلدى...

كۆزۈم تەسىراتلىرىڭىزنىڭ داۋامىدا.......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 06:36:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەسىراتكەن ..ئاللا رەھمەت قىلسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2264
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 638 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 06:40:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قېنى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12115
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3279 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 06:49:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش