|
|
|
|
ئانا ئوغلى ئەلىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرەتتى. ئۇنىڭ باشقىلار ئالدىدا بويۇن قىسىپ قېلىشنى خالىمايتتى,چۈنكى ئۇنىڭ داىسنىڭ تۈگەپ كەتكىنىنىڭ ئۆزىلا چوڭ ئىش ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ ئانا بالىسىغا يىمەي يىگۈزۈپ, كىيمەي كىيگۈزۈپ دىگەندەك چوڭ قىلدى.ئۇنىڭغا كىچىكىدىن باشلاپلا،ناماز ئوقۇشنى ،ۋە ئىسلام شەرىئەتلىرىنى ئۆگەتتى. ئالىي مەكتـەپلەرگىچە ئوقۇتتى. تەلىيىگە يارىشا ئەلىمۇ ئانىسىنىڭ ئەجرىنى يەردە قويمىدى ,مەكتىۋىدە ئەلاچى بولۇپ ئۇقۇدى ئۇ ئوقۇش جەريانىدىمۇ ،نامىزىغا بەك ئەھمىيەت بېرەتتى،شۇ سەۋەپتىنمۇ ئىشقىلىپ ساۋاقداشلىرى،ئۇنى بەك ھۆرمەتلەيتى،ئۇ كەلگەندىن ياقى،ياتاقداشلىرىدا زور ئۆزگىرىش بولدى،بۇرۇن ئىچىپ-چېكىپ يۈرگەن بولسا، ھازىر بىر ئوبدانلا ئوڭشۇلۇپ، ھەپتىدە ئەلى بىلەن بىللە،جۈمەگە چىقاتتى،ئۇلارنىڭ ئارىسدا سەمى ئىسىملىك بىرى بولۇپ، ئۇمۇ ئەلىگە ئوخشاشلا بەش ۋاق ناماز ئۆتەيتتى.شۇ سەۋەپتىنمۇ ئەلى بۇ ياتاقدىشى بىلەن ئالاھىدە يېقىن ئۆتەتتى،بىر-بىرىگە سىرلىرىنى ئېيتىشاتتى.ئۇ مەكتەپتە بەرنا ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدى ,بەرنا ناھايتى شوخ ئوماق ئەركە قىز ئىدى, ئۇلار بىر يەرگە كەلسە ناھايتى قىزغىن پاراڭلىشاتتى ئەلى تولىمۇ ئېغىر بېسىق بولغاچقا ,بەرنا ئۇنى كالا دەپ چاقىرىشقا ئامراق ئىدى ئەلى بولسا ئۇنى مەلىكەم،دەپ چاقىراتتى.بەرنا ئەلىنىڭ شۇنداق چاقىرىشىنى بەكمۇ ياقتۇراتتى. بەرنانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھۆكىمەت خىزمەتچىلىرى بولغاچقا،ئۇ كىچىكىدىنلا ئىسلامنى چۈشەنمەي چوڭ بولغان ئىدى،ئۇ ئەلى بىلەن تۇنۇشقاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ ئەدەپ ئەخلاقى ۋە ئىسلامغا بولغان ،چوڭقۇر مۇھەببىتىنى كۆرۈپ ،ئۇنىڭدىمۇ ئىسلامغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولدى .ئۇلار كۆپىنچە مەكتەپ ھويلىسىدىكى چوڭ سۆگەتنىڭ يېنىدا مۇڭدىشاتتى. ئۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرى ،كۆپىنچە ئىسلام ۋە ناماز توغرىسىدا بولاتتى .كۈنلەر شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ ئۆتىۋەردى .ئەلى ئۆزىنىڭ بەرنا نى بارغانچە ياخشى كۆرۈپ قېلۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى،ئۇ بۇنى سەمى غا ئېيتتى، ئۇ بۇنداق ئىشلاردا ئەلىگە مەسلىھەت بېرەلەيتتى،سەنمۇ بىلىسەن دېدى سەمى:ئۇنىڭ ئۆيدىكىلەر بولسا ھۆكىمەت كادىرلىرى ،سەن ئۇنى ياخشى كۆرگەن بىلەن ،ئۇنىڭ ئۈيىدىكىلەر قوشۇلماسلىقى مۈمكىن.ئەلى بۇنى ئاڭلاپ چوڭقۇر ئويغا پاتتى.ئۇ كېچىچە ئۇخلىماي بىركېچە ئويلاندى، ئۇ ئاخىرى بۇنى بەرناغا ئېيتىش قارارىغا كەلدى. ئەتىسى چۈشتە ئۇ بەرناغا كەچتە ۋاقتىڭىز بارمۇ، بولسا پاراڭلاشساق دېدى, ۋوي بىزنىڭ كالىغا نىم بولغاندۇ ,ئەزەلدىن كەچتە ياتىغىدىن چىقمايدىغان كالىغا نىم بولغاندۇ ھا ھا ھا ,بولىدۇ ئەمسە شۇنداق بولسۇن .نەدە كۈرىشىمىز? كونا جايدا بولسۇن مەلىكەم دېدى ئەلى كۈلۈپ , ماقۇل ئەمىسە خوش كالا ,ئۇ شۇنداق دەپ كۈلگىنىچە كېتىپ قالدى. بەرنا كەچتە دېيىشكەن يەرگە كەلدى, ئۇ كەلگەندە ئەلى ئاللىقاچان كەپ بولغانىدى .كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى .ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كالا قانداق ئەھۋالىڭىز, خىيال سۈرىۋېرىپ خىيال دەرياسىنىڭ مايماق كېمىسىگە چۈكۈپ كەتمەڭ جۇمۇ ھې ھې, ئۇ شۇنداق دەپ كۈلدى ,ياقەي ئۇنداقمۇ ئەمەس, دېدى ئەلى خىجىل بولۇپ قىزىرىپ كەتكىنىدىن. ۋاي مانى تويى بولغان قىزلاردەك قىزىرىپ كەتكىنىنى ,ھې ھې بەرنا شۇنداق دەپ يەنە كۈلىۋەتتى. ئەلىمۇ ئۆزىمۇ تۇيماستىن كۈلۈپ كەتتى, ھە بۇنچە كەچتە چاقىرىپ دېمىسىڭىز بولمىغۇدەك نىمە گەپتى ئۇ ?تېزرەك دەڭ, قىز بالا بۇنچە كەچتە سىرتتا يۈرسە ياخشى ئەمەس دېدى بەرنا .بىلىمەن: لېكىن بۇ بۇ گەپ بەك مۇھىم ئەلى چوڭقۇر ئۇھ تارتتى! ئەمسە تېزرەك دېسىڭىزچۇ موزىينى يۈتتۈرۈپ قويغان كالىدەك تۇرماي ھې ھې دەپ كۈلدى بەرنا .بىلەمسىز مەلىكەم :مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، دەپ بەرنانىڭ كۆزلىرگە تىكىلدى ئەلى، ۋاي بىزنىڭ كالىنى مۆرىمەسمىكىن دىسەم ئەسلى چاقچاققا يامان ئۇستىكەن دىسە ھې ھې، بەرنا شۇنداق دەپ كۈلگىنىچە كۆزلىرىنى ئەپ قاچتى. كۈلمەڭ مەلىكەم: سىزنى راستىنلا بەك ياخشى كۆرىمەن ،مىنى رەت قىلمىسىڭىز! ئەلى شۇنداق دېگىنىچە كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ قالدى. ۋاي مانى كۈرۈڭ، كىچىك بالىنىڭ ئۆزىغۇ ،ئەسلى يوغان ئۆكۈزمىكىن دىسەم، كىچىككىنە موزايكەن دىسە ھې ھې، بەرنا شۇنداق دەپ كۈلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ ئەلىنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنى بىرە كۆرمەي قالسا بىر نەرسىسى كەمدەك ھېس قىلاتتى، ئۇ بولمىسا يالغۇز تاماقمۇ يىمەيتتى ،لىكىن ئۇ ئۆيىدىكىلەرنى ئويلاپ قالدى،ئاتا ئانىسنىڭ ئۈمىدى بولسا، ئۇنى باي باياشات ئائىلىگە ياتلىق قىلىش ئىدى، ئۇ شۇلارنى ئويلاپ نىمە دىيىشنى بىلەلمىدى، مېنى رەت قىلماڭ بەرنا، سىزگە بولغان مۇھەببىتىمگە اللاھ گۇۋاھ! سىزگە ئىشىنىىمەن، لېكىن ماڭا ۋاقىت كېرەك، دېدى بەرنا .سىزنى ئالدىراتمايمەن ،سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن ،مەڭگۈ بولسىمۇ ساقلاشقا مەن رازى دېدى ئەلى .خوش ئەمسە مەن ياتاققا قايتاي ،ئاللاھقا امانەت دېدى بەرنا. ماقۇل اللاھقا ئامانەت، ئەلى شۇنداق دىگىنىچە ئۇزاپ كەتكەن بەرنادىن، كۆزىنى ئۈزمەي تۇراتتى。(پەخرىم ئۇيغۇر)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ e% x7 g- V" g0 U, E
ئۈندىدار 63626177بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) Y( g9 Q: X0 b; y
داۋامى بار
|
|
|
|
|
|