|
|
|
|
كەشتىچىلىك مىنىڭ خۇشاللىقىم
شەنبە كۈنى سەھەر تۇرۇپ ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىشىمنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى ئويلاپ ئولتارغان ۋاقتىمدا، تۇيۇقسىز ئۈندىدارىمغا ئۇچۇر كەلدى، ئۇچۇر تاسادىبىي پۇرسەتتە تۇنۇشۇپ قالغان مىھرى ئىسسىق ئاچىمىز رەشىدە مۇئەللىمدىن كەلگەن ئىدى.
- سىڭلىم بۈگۈن ۋاقتىڭىز بارمۇ ؟ ۋاقتىڭىز بولسا دىيىشكىنىمىز بۇيىچە كەشتىچى نىيازخاننى يوقلاپ كەلسەك قانداق؟
- ماقۇل ئاچا ۋاقتىم بار، بىر سائەتتىن كىيىن كۆرۈشەيلى . مەن دەرھال بۇ ئۇچۇرنى يازدىم.
ھەي، ماۋۇ ئۇنتۇغاقلىقىمنى، ئىككى ئۈچ كۈن بورۇن بۇ تۇغۇرلۇق سۆزلەشكىنىم ھەم شەنبە يەكشەنبە ۋاقتىم بار دىگىنىم ئىسىمدىن چىقىپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ؟ دەرھال ئاپپاراتىمغا، تىلفۇنۇمغا توك قاچىلىغۇچنى چېتىپ قۇيۇپ، تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم.
بۈگۈنكى بۇ يوقلاشنىڭ مەقسىتى يالغۇز يوقلاشلا بولۇپ قالماي، ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسى، ئانا مىراس كەسپىمىز دىيىشكە بولىدىغان مىللىي كەشتىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ، 30 يىلدىن بېرى تاشلاپ قويماي، مىللىي كەشتىچىلىكنى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ خۇشاللىقى، ئىقتىساد مەنبەسى قىلىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كىلىۋاتقان مىيىپ ئاچىمىز نىيازخان ئىبراھىمنىڭ كەشتىلىرىنى كۆرۈپ بېقىش، ھەم ئاددى بىر سۆھبەت ئىلىپ بېرىش ئىدى.
مىللىي كەشتىچىلىك بىز خانىم قىزلارنىڭ لاتاپىتىنىڭ ، ئەقىل پاراسىتىنىڭ بەلگىسى، جاسارىتىنىڭ، قىمممەت يارىتىشىنىڭ نامايەندىسى بۇلۇپلا قالماي يەنە، ئۆز نۆۋىتىدە ئەۋلاتمۇ - ئەۋلات تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، بارلىق قىز ئاياللىرىمىزغا ئۆگۈتۈشكە تىگىشلىك بولغان ئىسىل ئەنئەنىسى ھىساپلىنىدۇ.
تۇلۇقسىزدا ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ كانىۋاي ھەم ئىلمە كەشتە بىلەن ئىككى ياستۇقنى تىكىپ ئۆگۈنۈپ ھەم 2 ئايدا پۈتتۈرۈپ، بەك خوش بولۇپ كەتكەن ئىدىم، شۇنۇڭغىمۇ ھازىرغىچە چىرايلىق كەشتىلەنگەن ھەر خىل دوپپا، كانۋاي كۆينەك، كۆرپە، ياستۇق، دىگەندەك خىلمۇ - خىل كەشتىلەرنى كۆرسەم بىر خىل ھەۋەسلىنىپ قاراپ كىتەتتىم. ھازىر بولسا ھەر خىل ئالدىراشچىلىقلار ئىچىدە ئۇنتۇپ قالايلا دېدىمغۇ دەيمەن..
بىر سائەتتىن كىيىن دىيىشكەن جايدا رەشىيدە ئاچىمىز بىلەن ئۇچراشتۇق ھەم ئاپتۇۋۇزغا ئولتۇرۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭ ئايدىڭكۆل يېزىسى، يەمشى مەھەلىسىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.
يول بويى دەرىيزىدىن سىرتقا قاراپ ماڭغان بولساممۇ، مەنزىرە كۆرمەي، كاللام ھەر خىل خىياللار بىلەن تولغان ئىدى. تۇرۇپلا يېنىمدا ئولتارغان بۇ ئاچاشنى ئويلاپ قالدىم. بۇ بىزنىڭ تۇنۇشۇپ تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشىمىز ئېدى.
تۇنجى قېتىم بىلىپ ئۆمۇت ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەترىتىنىڭ ئاپەت يۈز بەرگەن خوتەن رايۇنىغا ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدە، پىدايىلار قاتارىدا ئالدىراش نەرسە كېرەك تىزىملاۋاتقان ۋاقتىمدا، بۇ ئاچاش يىپ يىڭى 40 جۈپ ئاياقنى چوڭ يەشىك بىلەن ئىئانە قىلغىلى ئەكىلىپتىكەن. شۇ چاغدا تېلفۇن نومۇرىنى يېزىۋالغان ئىدىم. ( ئەينى چاغدا دۇكان ئاچىدىغان ئۇخشايدۇ دەپ قاپتىكەنمەن، ئەسلى ئۇغلىنىڭ دۇكىنى باركەنتۇق) كىيىن چىرايىنى ئۇنتۇپلا قاپتىكەنمەن. ئۈندىدارغا قۇشۇپ بىر ئىككى قېتىم پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئىسمىنىڭ رەشىيدە ئىكەنلىكىنى، تۇرپان شەھەرلىك بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپتە ماتېماتىكا ئۇقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئۇققان ئىدىم. مانا بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئۇچرۇشىشىمىز بولسىمۇ، قىلچە يېتىرقاش يوق، بىر خىل مىھىرلىك، يىقىن ھىس قىلۋاتاتتىم.
خىياللار بىلەن بولۇپ ، مەنزىلگە تىزلا يېتىپ كەلگىنىمىزنى ھىس قىلماپتىمەن. نىيازخان ھەدە بىلەن يولدىشى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ تۇرۇپتىكەن ، بىز بىردەم ئەھۋاللىشىپ ئاندىن ئۆيگە كىردۇق. ئۆيلىرى گەرچە ئاددىي بولسىمۇ ئەمما پاكىزە ئىللىق ئىدى. مىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئەمەلىي زىيارىتىم بولغاچقىمۇ، دەسلەپ گەپنى، ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي سەل قېينىلىپ تۇرۇپ قالدىم. يەنىلا رەشىيدە ئاچاشنىڭ ياردىمى بىلەن كىلىش مەقسىتىمنىڭ ھەم يوقلاپ كىلىش ھەم ئاددىي بىر زىيارەت خاراكتىرلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم.
نىيازخان ھەدەماڭا قاراپ تۈزۈت ئاھاڭىدا: - ۋاي سىڭلىم، يۇقلاپ كەلگىنىڭىزدىن شۇنداق خوش بولدۇم، بىراق زىيارەت قىلىمەن دىسىڭىز ، مەن يا بىرەر چوڭ نەتىيجە قازانغان ئايالمۇ ئەمەس، پەقەت ئاددىيلا بىر ئۆز تۇرمۇشۇمنى قامداپ كىلىۋاتقان ئايال دەپ تۇرۇپ قالدى.
مەن دەرھال : - ئاچا مىنىڭ زىيارەت نىشانىم دەل ئەتراپىمىزدىكى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، جاپاغا چىداپ ياشاۋاتقان، ئەتراپىمىزدىكى سىزگە ئۇخشاش ئاددى ئەمما تېرىشچان ئاياللار دېدىم. شۇنىڭ بىلەن زىيارىتىمنى ئۇڭۇشلۇق باشلىۋالدىم.
ئاچا ئۆزىڭىز تۇغۇرلۇق قىسقىچە سۆزلەپ بېرەمسىز؟ مەسلەن : قاچان ، قەيەردە تۇغۇلغان؟ قانداق بۇلۇپ مىيىپ بولۇپ قالغان؟ مەكتەپ ھاياتىڭىز قانداق دىگەندەك مەسىللەر تۇغرىسىدا؟
مىنىڭ ئىسمىم نىيازخان ئىبراھىم، 1968 - يىلى تۇرپان شەھەرلىك ئايدىڭكۆل يېزا يەمشى مەھەللىسىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئىكەنمەن. 3 ياشقا كىرگەن يىلى قاتتىق قىزىپ قىلىپ دۇختۇرغا ئاپىرىپ ئۇكۇل ئۇرۇش سەۋەپلىك ياخشى بولۇپ كىتەلمەي، شۇنۇڭدىن كىيىن بىر پۇتۇم سەزمەس بولۇپ قالغان، مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن، ئىزچىل دەرسلەردە تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردا ئۇقۇدۇم، تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەن يىلى تېخنىكومغا ئېمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ئىدىم. مەكتەپتىن ئاۋال چاقىرىق كەلدى دەپ خەۋەر قىلغان، كىيىن نىمە بولدى، چاقىرىقىڭىز خاتا بولۇپ قاپتىكەن، ئىسمىي ئالمىشىپ قاپتىكەن دەپ يوق بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ تەغدىرىمگە تەن بېرىپ سۈرۈشتە قىلىپ يۈرمىدىم. قايتىلاپ ئىمتىھان بەرگۈممۇ كەلمىدى، تولۇقنى يۇقۇرلاپ ئۇقۇشنىمۇ خالىمىدىم ، ئۆيگە قايتىپ بىر مەزگىلدىن كىيىن كەشتە تۇقۇشنى ئۈگەندىم . 93 - يىلى رەشىيدە مۇئەللىمنىڭ ئاتىسى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە ئىشلەۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، ئۆيىمىزدىكى قىيىنچىلىقنى بىلگەچكە مىنى تۇرپان شەھەرلىك باسما زاۋۇتىغا ۋاقىتلىق ئىشچىلىققا تۇنۇشتۇرۇپ قويدى . ( ئۇلار رەشىيدە مۇئەللىم بىلەن خۇشنا ، تەڭتۈش ئىكەنتۇق) ئۇ يەردە ئىككى يىل ئىشلىگەندىن كىيىن 95- يىلى ھازىرقى يولدۇشۇم تۇختى مەمەت بىلەن توي قىلىپ ئاندىن خىزمەتتىن تۇختاپ قالدىم.
توي قىلغاندىن كىيىنكى تۇرمۇشىڭىز قانداق ئۆتتى ؟ قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدىڭىز قانداق يەڭدىڭىز؟
يولدۇشۇمنىڭ ئاتا ئانىسى يوق، ئىجارە ئۆيدە ئولتۇردىغان بولغاچ، ئۇنىڭ پىكرى بۇيىچە تۇرپان شەھەر ئەتراپىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ 2 يىل ناۋايخانا ئېچىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىدۇق ، ئەمما كىيىن ئۆي ئورنى كىلىشمەي تۇختاپ قالدۇق ھەم ئايدىڭكۆلگە قايتىپ كەتتۇق. ئاساسەن دىگۈدەك ئۆي قىيىنچىلىقى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقىمىز ئىدى، بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەھۋالىمۇ تازا ياخشى ئەمەس، ئۇلارمۇ ياردەم قىلالمايتتى. بۇ جەريانلاردا مەن يەنە كەشتىچىلىك قىلىپ ئاز ئاز كىرىم قىلسام، يولدۇشۇم مۇقىم كەسپى بولمىغاچ، ئۇنۇڭ بۇنۇڭغا ياردەملىشىپ دىگەندەك ئۆتتۇق. 10 يىلدەك ئۆز ئۆيىمىز يوق، ئۇنىڭ بۇنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئىلىپ ئولتۇرۇپ كەلدۇق. 2005 - يىلى ئايدىڭكۆل يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۆي ئىلتىماسنى تەستىقلاپ، 3 ئېغىز قىلىپ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىپ بەردى. ئاخىر ئۆزىمىزگە تەۋە ئۆيگە ئىگە بولدۇق، شۇنۇڭدىن كىيىنكى كۈنلىرىمىز ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئۆتتى.
بۇندىن كىيىن قانداق ئارزولىرىڭىز بار؟
ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئاللادىن بىر بالا بېرىشنى تىلەۋاتىمەن. توي قىلىپ تا ھازىرغىچە بالىلىق بولالمىدۇق. ئەمما يولدۇشۇم بىلەن ياخشى ئۆتىمىز ، ھازىر مەسلىھەتلىشىپ ئەھۋالىمىز ئازراق ياخشىلانسىلا بالا بېقىۋىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. ئۇنۇڭدىن كىيىنكى ئارزويۇم بولسا كەشتىچىلىكىمنى راۋاجلاندۇرۇپ ، شارائىت يار بەرسە ، مەھەللىدىكى ئاياللارنى تەشكىللەپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قىلىدىغان، كۆلەملەشكەن كەشتىچىلىك بازار ئېچىش، بىز تەييار قىلىپ بەرسەك ، توپ سېتىۋالىدىغان ھەمكارلاشقۇچى بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى دېدى.
بورۇن قولدا ئىشلەيتتىم، سۈرئەتمۇ ئاستا ئىدى. بۇ يىل يەنى 2014 - يىلى 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى رەشىيدە مۇئەللىم ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ 3000 يۈەنگە توكلۇق كەشتە تۇقۇيدىغان ماشىندىن بىرنى، رەخت، ھەم نۇرغۇن يىپ ئىلىپ بەردى ، ھازىر سۈرئىتىم تېخىمۇ تىز دېدى.
توۋا ، - بۇ مۇئەللىمنىڭ بۇنداق ياخشى ئىشىمۇ باركەندە، مەن ئۇنۇڭغا تېخىمۇ ھۈرمەت نەزىرىم بىلەن قاراپ قالدىم.
بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدا كۆپ ئامىللار بولۇپ ، قىزغىنلىق، يىڭىلىق يارىتىش، تىرىشچانلىق، بۇلاردىن باشقا يەنە باشقىلارنىڭ ئاكتىپ دۇستانە ياردىمىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە، قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قولىمىزنى سۇنالىساق، ئۆزىمىز خۇشال بولۇپلا قالماي، باشقىلارنىمۇ خۇشال قىلالايمىز. باشقىلارنىڭ چېھرىدىن خۇشاللىق نۇرلىرى تارالغاندا ، بىزنىڭ چېھرىمىزدىنمۇ تەڭ خۇشاللىق نۇرلىرى تارىلىدۇ. بەخت تويغۇسى جىلۋىلىنىدۇ...
ئاخىرىدا بىز بىرلىكتە نىيازخان ئاچىمىزنىڭ گۈلدەك ھۈنىرىنىڭ بازىرىنى ئىچىشىغا ياردەم قىلىپ تەشۋىقات ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشقا ، ھەم توپ ئۆتكۈزۋالىدىغان ھەمكارلاشقۇچى تىپىشىغا ياردەملىشىش ھەققىدە كىلىشىپ ئاچىمىزگە روھى جەھەتتىن مەدەت بېرىپ خوشلاشتۇق .
كىلىپلا بۇ تېمىنى يېزىپ چىقتىم. ئىھتىياجلىقلارنىڭ دۇستانە ياردىمىنى ئايىماي ئاچىمىزنى قوللاپ قۇيۇشىنى ئۆمۈت قىلىمەن. ياخشىلىق ھەرگىز يەردە قالمايدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى : نىيازخان
ئالاقىلىشىش قول تېلفۇن: 13899312741 ، 13899314661
ھەر خىل نۇسخىدىكى كۆرپىلەر
مەنبە: گۈلبەشىكەر 2014 - يىلى 5 - 11 - كۈنى تۇرپان
|
|
|
|
|
|