مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 820|ئىنكاس: 16

يۈرىكىمنى ياراي! ياراي، ئانا... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24797
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16630
تۆھپە نۇمۇرى: 1059
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 09:10:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرىكىمنى ياراي! ياراي، ئانا!

(نەسىر)

ئانا!
    ئەللىيىڭدە پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈيلىرىنى جىسمىمغا سىڭدۈرۋەتكەن ئاشۇ مۇڭلىرىڭ روھىمغا ئوزۇق بولۇپ، ئوغۇزنىڭ قەھرىمانلىق روھىنى ،تۆمۈرنىڭ تىز پۈكمەس روھىنى، بابۇرنىڭ مەردانە روھىنى، بۇغرانىڭ ئالىيجاناپ روھىنى ، مەھمۇدنىڭ ئىزدىنىش روھىنى، تۇمارىسنىڭ پىداكار روھىنى ، سادىرنىڭ شىرمەت روھىنى، نۇزۇگۇمنىڭ ئىپپەت روھىنى،  ئابدۇخالىقنىڭ ئەركەك روھىنى،  رىزۋاننىڭ قەيسەر  روھىنى...  ھاياتىمنىڭ بېتىگە رەڭدار ئېچىلغان گۈللەر كەبى يالقۇنجاپ تۇرغان مەشئەللەردەك نۇر ئاتا قىلماقتا...
    سەن ئادەم ئاتىنىڭ قوۋۇرغىسىدىن يارىتىلغاندىن تارتىپ، بۈگۈنگىچە ئاشۇ بۈيۈك ۋەزىپەڭ ئۈچۈن ئۇلۇغلىنىپ، ھەتتا، ۋەتەن سىياقىدا سۈرەتلىنىپ كەلدىڭ، ۋەتەنمۇ سېنىڭ نامىڭدا ئۇلۇغلىنىپ كەلدى. سەن شۇنچە ئۇلۇغ بولمىساڭ ۋەتەننى«ئانا!» دەپ تەرىپلەرمىدۇق؟ «جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا...» دەيدۇ. سېنىڭ تاپانلىرىڭ ئاستىدا قالغان بۇ زېمىننىڭ قەدىرى ئېھتىمال شۇنىڭدىن بولسا كېرەك؟ سېنىڭ قىممىتىڭ شۇ ۋەتەننىڭ ئوغۇزلىرىنى تەربىيىلەپ، ئالتۇن بۆشۈكۈڭدە مۇپەسسەل بىر ھاياتنى-تېرە، تاش پۈتۈكلەرگە، قۇم ئاستىدىكى يىپەك رەختلەرگە، تاغلار باغرىدىكى تاش يۈزىگە، مەڭگۈتاش ئابىدىلىرىگە پۈتكەن بولسا، بىر قولۇڭدا ۋەتەن ئىگىلىرىگە بارلىق بەدەل تۆلەشلىرىڭ بىرلە دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن يەنى ۋەتەننىڭ ھەر بىر سىقىم توپىسى ئۈچۈن مېھرىڭنى بېرەلىگەنلىكىڭدە.
      سېنىڭ ئوغۇز سۈتىڭدە جان تاپقان ئاشۇ نىمجان تەن قانچە كېچىلەر ئۇيقۇسىزلىقىنىڭ، قانچە كۈنلەر ئاغرىق بىتاپلىقلارنىڭ، قانچە ئايلار پەپىلەشلەرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى سېنىڭدىنمۇ ئارتۇق ھېس قىلىپ يېتەلەرمۇ؟! ئۇنىڭ تېنى سېنىڭ تېنىڭغۇ!
ئاق سۈتۈڭ- ئاق ئايدىڭدەك قارا تۈنلىرىمگە مەشئەل بولسا، ئۈمىد دۇنيارىمنىڭ پارلاق ئەختىرىدەك نۇارنە جۇلالىنىپ، ھاياتىمغا كۈچ بېرىدۇ. ئاق سۈتۈڭنىڭ بەدىلىگە سېنى دەپ پارە- پارە بولۇپ كەتسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ!  توغراقلارغا ئۆمۈر بەرگەن شۇ سېنىڭ ئاق سۈتۈڭ ئەمەسمۇ؟  ئۇنىڭ مىڭ يىل كۆكلىشى، مىڭ يىل ياشنىشى، مىڭ يىل قۇم ئاستىدىمۇ چىرىمەسلىكىدىكى خاسىيەت سېنىڭ ئاق سۈتۈڭنىڭ ھەرگىزمۇ باشقا يات بىر رەڭدە بولمايدىغانلىقىنىڭ شاھىدى ئەمەسمۇ ؟! ئانا، سەن بىر بۈيۈك كارۋاننىڭ كولدۇرمىسىنى ئەسىرلەردىن بۇيان ياڭراق ئۈنلەردە جاھانغا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىسەن... قىزىل مىڭ ئۆيلەردىن تارىخىڭنىڭ يارقىن جامالى جىلۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ. چاك
-چاك بولغان تەكلىماكاندەك تىنىقلىرىڭ ئەۋرىشىم تولغىنىپ، ئىلى دەرياسىغا تەشنالىق بىلەن
بېقىپ ياتىدۇ... كۆكسۈڭدە بالقىپ تۇرغان تارىممۇ سېنىڭ بۇ تەشنالىقىڭنى قاندۇرۇپ
بولالماس؟ئەسىرلەردىن بۇيان قۇم بارخانلىرىغا ئورىنىپ پىنھان ياتقان كەچمىشلىرىڭ بىر-
بىرلەپ قۇياش چېھرىگە مەردانە باقماقتا... يالقۇنتاغنىڭ باغرىدا كۆيىۋاتقان ئوتلاردا «ئاچىل»غان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قەدىمىي شەھىرى ئۆز سەلتەنىتىنى يامغۇر- يېشىن، قار-بوراندىمۇ يەرگە چېچىلغان ئۇرۇق مىسالى دەۋىر تارىخىنى بىلگەنلەرنىڭ، بىلىدىغانلارنىڭ دىلىغا قۇياشتىن يىراقلاپ كەتكەن ئۇزلىقىنى چېچىپ يېتىپتۇ. شۇ تاملارنىڭ توپىلىرى سېنىڭ
مېھرىڭدە ئەيلەنگەن، ئەملەنگەن ئەمەسمۇ؟…
ئانا!سېنىڭ قۇچىقىڭدا پىلتىڭلاپ تۇرغان شۇ بېلىق ئۆز ئەركىسى بىلەن ھاياتلىق ئوكيانىدا پەقەت سېنىڭلا ئاسرىشىڭدىلا شۇنداق ئۈزۈپ يۈرەلەيدۇ...تۇپراقتا پۇت تېرەپ تۇرغان گۈل مىسالى سېنىڭ شۇ ئىللىقلىق تەپتىڭدىن جانلىنىپ،چۆلنى گۈلزار قىلىپ، رەڭمۇ-رەڭ گۈللىرى بىلەن خۇش ھىدىنى تارىتالايدۇ...
    ئانا، يىللارسېرى باغرىڭدىن چىقىۋاتقان قۇۋۋەتلەردىن پۈتۈن زېمىن جانغا كىرىپ ، ئۆز ھاياتىنى داۋام ئېتىۋاتىدۇ... سېنىڭ سېخىيلىك بىلەن سۇنغان ئەلۋەك سۇلىرىڭ ، مۇنبەت تۇپرىقىڭ بىلەن سېنىڭدىن ئاپىرىدە بولىۋاتقانلارنىڭ ھاياتلىق مەنبەيى بولىۋاتىدۇ. ئانا، سەن بارچە جاننىڭ ئوزۇقلۇق، ھاياتلىق ئاپىرىدە بولىدىغان ماكانى سەن!
-ئانا!
بۇ يۇمشاق ئاۋازدىن بۇلاقلارنىڭ شىلدىرلاشلىرى توختاپ قالغان، قۇشلارنىڭ تىلى تۇتۇلغان ، گىياھلارنىڭ ماجالى قالمىغان ھالدا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن تۇرىقى ئەينى ھۆرلۈك ساماسىدا ئەركىن يايرىغان قۇشتەك سامالارغا بوي سوزۇپ، نۇرلۇق يولغا تەلپۈنمەكتە...سېنىڭ تەرىپىڭگە ھەۋەسلىنىپ قاراۋاتقان قۇياشمۇ ھارارىتىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، كۈل بولۇشقا رازى بولدىمۇ تاغ ئارقىغا ئۆزىنى ئاتتى... ئاي ئۇز جامالىنى داڭلاپ چىققان بولسا كېرەك، لېكىن لەيلەپ كەلگەن بۇلۇتلار ئۇنىڭغا خىجىللىق رومالىنى ئارتىپ قويۇپ، ئۆز يولىغا ئۇزاپ كەتتى... يەنە نېمىلەر سېنىڭ بىلەن تەڭلەشمەكچى بولۇپ، ئالدىڭغا كېلەلىسۇن؟!
-ئانا!
بۇ ، جەزبىدارلىق بالقىپ تۇرغان ئاۋازدىن يېرىلغان تاشنىڭ چۇل-چۇل بولغانلىقى، پارە-پارە بولغان سۇنىڭ پارچىلىرى مادارىڭغا كۈچ ئېلىشالماي، تەسلىم بولغان ھالدا پەرمان بەردارلىق بىلەن «لەببەي!»دەپ، خىزمىتىڭگە تەييار تۇرماقتا... ئۇ سېنىڭ ئۈچۈن كۈل بولماققىمۇ تەييار ئىدى. نېتەي، قولۇڭدا سورۇپ تۇرۇپ، تاشنى، ئاش قىلىپ بېرەتتىڭ! سۈلكىتىڭدىن مۈكچەيگەن قارىغايلار نە مەزمۇتلىقىنى يوقىتىپ،يىلتىزى تامام يەر پېتىپ كەتمەكنى ئىستەر ئىدى...چىناردەك قەددىڭ ھەممىمىزنىڭ بېشنى تىك تۇتۇپ ياشاشقا ئۈندەپ كەلمەكتە.
-ئانا!
بۇ مۇڭلۇق ئاڭلانغان ئاۋازنى ئاڭلىغان ھەربىر ماددا ئۆزىنىڭ جەسۇرلىقىنى يوقىتىپ،بىر سېنىڭ پىداكارىڭ بولماقنى ئىستەيتتى. تاغلار ئۆز قەددىدىن ئارتۇق تۇرغان مەغرۇر قەددىڭدىن ئەيمىنەتتى. ھەتتاكى، كۆككە تاقاشقان خانتەڭرىمۇ ئالدىڭدا ئېگىلىپ سالام قىلار ئىدى... تولغىنىپ ياتقان تەڭرىتېغىمۇ قوينۇڭدا ئۆزىنى ئەينى ئەركىلەۋاتقاندەك سېزىپ، تولغىنىپ، تولغىنىپ قوياتتى گاھ-گاھ. بۇغدىنىڭ ئاق چوققىلىرى لېچەكلىرىڭ كەبى ئارتىلىپ تۇراتتى... مەزمۇت قارىغايلىرىڭ زېمىنىڭ ئۈچۈن «ھۇررا!» توۋلاپ كېتىپ بارغان لەشكەرلىرىڭ مىسالى قەددىنى رۇسلانغان ئىدى.
-ئانا!
 ۋۇجۇدۇمنى تىتىرىتىپ چىققان بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان تاغلارنىڭ قەددىي پۈكۈلگەن، باغلارنىڭ ھۆسنى يۈكۈنگەن، دەريالارنىڭ باغرى قان بولغان، ئاسماننىڭ يۈرىكى يىرتىلغان ھالدا مۇڭىلىرىدىن دەشتىلەر بوستان، بوستانلار باھارىستان بولۇپ، تەپچىپ تۇرغان ھالال تەرىدە ئۆزىنىڭ ئالەملىك ھاياتىنى ماڭىلا ئاتىغان ئانامنىڭ سىيماسى چۆلدە يېقىلغان گۈلخان مىسالى باغرىمنى كۆيدۈرۈپ، پۇچىلانغان سېغىنىشلارنى كۈل قىلماقتا...
    كەچمىشلەردە يالتىراپ تۇرغان ئاشۇ سەلتەنەتلەر سېنىڭ يۈكسەكلىڭىڭ بىلەن قارار تاپقان ئىدىغۇ ؟ سېنىڭ ئۈچۈن تالاي كېچىلەر توي بولغان، سېنىڭ ئۈچۈن تالاي قان كېچىپ، تالاي مەردانە باتۇرلارنىڭ جىسمى كۈل بولغان... تاڭنا باھاردا شېھىتلار قېنى گۈل بولغان! لېكىن چېچەكلەر ئۆز ھۆسىن- جامالىنى كۆز-كۆز قىلغۇچە بىقارار چىققان جۇدۇن ئۇنىڭغا رەڭسىزلىك تونىنى يېپىپ، تارتقان جەبرى- جاپالىرى ھاۋاغا ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى... ئۇلار قىيادىكى بۈركۈتلەردەك بىزنىڭ قەلب ئاسمىنىمىزدا مەڭگۈ قانات قاققۇسى! ئۇلارنىڭ كۈيلىرى زامان-زاماندىن ھالقىپ تەۋەرۈك بولۇپ قالغۇسى... ئانا، شۇ قاناتلار، شۇ كۈيلەر بىر سېنىڭ پۈتۈنلىكىڭ، ھۆرمىتىڭ، ئەزىزلىگىڭ ئۈچۈن ئىدىغۇ!
    ئانا، بېشىنى سىيلاپ چوڭ قىلىدىڭ تالاي ئەرنىڭ، چېچىنى تاراپ ئوڭ قىلىدىڭ تالاي قىزنىڭ، يەنە نۇرغۇنلىغان ئىزلارنى سېلىپ، سامالارغا ئۆز سادايىڭنى ياڭراتتىڭ... مۇڭلىرىڭغا قۇلاق سالغانلار ھالىڭدىن خەۋەر تاپقىنىدا ئاھ ئۇرۇپ ، پەريات قىلدى... لېكىن ئېغىزلاردىكى تىل، كىشەنلەنگەن، دىل ھېچنېمنى دېيەلمەي،« شامال دارىپ، كېكەچ بولدى...». گۈللەر بەرگىدە قېتىپ قالغان شەبنەملەر شېرىن چۈشلەرگە ئېكەك بولدى، ھىدلىرى باھارنى ئەسلىتىپ، ئۇلۇغ كىچىك تىنىشلار ئۆزىنى ئۆزى غاجاپ تاڭ ئاتتى، كۈن پاتتى...
    زامان يېڭىلىنىپ، سېنىڭ قۇۋۋىتىڭدە ئەقىل تاپقانلار ئۆز قانىتىغا ئۆزى كۆك ئاسمان راسلاپ، يۇلتۇزلارنى زۇننار قىلىپ، ھەق ئۈچۈن ئەزىز جانىنى پىدا قىلماق بولدىلەر، تەقدىر پىشانىسىگە نە قىسمەتلەرنى قويدىلەر؟
ئانا دەيمەن ئەزىزلەيمەن، ئەزىز جاندىن،
ئۆتۈپ كەتتى ئانامدەكلەر تامام ياندىن.
تىزاي دەستە ئېچىلغان قىزىل گۈلدىن،
چۈنكى ئۇ رەڭلەنگەن قىزىل قاندىن!

زەۋقىڭدە ياڭرىغان تالاي ناخشامنى،
ئېتىپ كەتكەن چاقماقتەك يەنە ئاخشامنى؟
سېنىڭدەك تۇتىيا بىلەلمەيمەن زىنھار،
زۇلمەتتە كۆيۈپ ئۆچكەن ئاشۇ ئاق شامنى...
 
    ئانا، سەن غۇرۇرۇمدا يالتىراپ تۇرغان شەمشەر ، سېنىڭ ئىپپىتىڭنى قوغدايدىغان. ئانا، سەن ۋىجدانىمدا بىخسىنىپ تۇرغان ئۇرۇق، ھەققانىيەت گۈلزارىدا ئېچىلىدىغان. ئانا، سەن تومۇرۇمدا دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان بىر ئەزىم دەريا، ئۈمىد بىلەن ياشاشقا ئۈندەۋاتقان. ئانا، سەن مېنىڭ ئۈچۈن زاۋال بولمىغان ھەم بولمايدىغان بىر دۇنيا! ھاياتىمغا كاپالەت بېرىۋاتقان. ئانا، سەن قەلب ئاسمىنىمدا پاتماس قۇياش، ھاياتلىقىمنىڭ مادارى بولغان. يۈرىكىم ئۈستىدە ئېچىلغان چوغلۇق گۈلسەن ئانا، مەڭگۈ سولمايدىغان، يىلتىزى قۇرىمايدىغان. چۈنكى ، بۇ يىلتىز سېنىڭدىن قۇۋۋەت ئېلىۋاتىدۇ... سەن خورىماس بۇلاقسەن! دىلىم سېنىڭدىن سۇ ئىچىپ، قېنىۋاتىدۇ، زەمزەم كەبى شۇ مېھىر يۈرىكىڭدىن يۈرىكىمگە ئېقىۋاتىدۇ...
  -ئانا!
  تىلىمدىن ئېتىلىپ چىققان ئۇشبۇ ئاۋازنىڭ كۈچىدىن رەقىبلىرىم باشىن ئەگكەن، ئانىسىزلار يۈرىكىگە تەگكەن ھالدا باغرىلىرىنى لەختە-لەختە قىلىپ، رەقىب باشىنىڭ ئېگىلگەنلىكى ماڭا ھۇزۇر ئاتا قىلسا، باغرىلىرى پۇچىلانغانلارغا سەۋىرلەر تىلىدىم...
   بىر سېنىڭ ئۈچۈن تالاي ئەركەكلەرنىڭ جېنى، تېنى، قېنى پايخان بولۇپ، ئىززەت تەختىدە بىر دانە بولغان ئىدىڭ. كىممۇ بۇنچە ئەزىزلىنىپ، تەختىكار بولالايدۇ؟ ئەلۋەتتە، سەندۇرسەن جېنىم ئانا! بىر سەن مانا شۇنداق ئەزىزلەشكە، ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك پەرىشتە سۈپەت ھاياتلىق دۇنيارىنىڭ زىننەتلىك مېۋە دەرىخى سەن! سەندىن بۆلەك قاي دەرەخ مۇنداق مېۋە بېرەلىسۇن؟ سەجدىگاھ سۈپىتىدە باش قويغان زامانلاردا سېنىڭ شۇ خىل يۈكسەكلىكىڭ ئۈچۈن تالاي ۋەسىقىلەر پۈتۈلۈپ كەتكەن... مانا، زامانلاردىن زامانلار ئۇزاپ، ساڭا بولغان ھۆرمەتنىڭ رېڭىنى يەنىمۇ نەپىسلىكى بىلەن جەلپ قىلارلىق بولسا بولدىكى، زىنھار ئۆز رەڭگىدىن، پېتىدىن چۈشۈپ، رەڭسىزلىنىپ كەتكىنى يوق.ئۇ قۇياش بىلەن تەڭ رەڭدار جۇلالانغۇسى...
    ئانا، ئۇشبۇ تەرىپلىرىڭگە يەنە تالاي ئەشئارلەرنى تىزىپ، دىلبايانلىرىمنى ئەيلەي دېدىم. مەقسەتلىرىم چىنلىقىدا شەكسىزدۇر. ساڭا قانچە-قانچە داستانلار پۈتۈلسىمۇ، دىل تارلىرىم ئەجەم ئەۋجىدە مىڭ رەت ئۇرۇلسىمۇ، يەنىلا بۇ تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ سېنىڭ بارىڭنى بايان قىلماققا. شۇندىمۇ بۇ ئاجىز تىلىمدا چىللاپ باقتىم، قەدەملىرىڭنىڭ بەرىكىتىنى تىلەپ،  قەلەملىرىمنى قانغا مىلەپ، غەملەرگە پاتتىم... سەن مەن ئۈچۈن تارىخ ياراتقان بولساڭ، مەن سەن ئۈچۈن تارىخىڭ يېزىشقا تۇتۇنىۋاتىمەن. ئېھتىمال، تولۇق يازالماسلىقىم مۇمكىن. لېكىن يۈرىكىمنىڭ بېغىشى سېنىڭ قان تومۇرلىرىڭىغا تۇتاش. ھالبۇكى، تۇتاشلىق- بىرلىك نىشانىدا مېنىڭ تىلىمدا زىكىرى قىلىنىپ، ساڭا ھەمدۇ سانا ئوقۇشقا تەرەددۇتلانماقتا... ئاللاھ ئىگەم بەرگەن تىلىمدا ساڭا تەسەننا ئوقۇمىسام، تۇزكورلۇق قىلغان بولمامدىمەن؟ قۇلاق سال ،ئانا!  بالاڭنىڭ يۈرەك تىۋىشىغا قۇلاق سال...
   ئانا، مېنى دەپ تالاي يوللارنى ياياقلىق باستىڭ، تىكەن –يانتاقلار تاپىنىڭغا كىرگىنىدە قىلچە ۋايسىمىدىڭ. تاپانلىرىمغا كىرگىنىدە شۇ تىكەنلەر كىرپىكىڭنى يىڭنە قىلىپ ئالدىڭ. بالىلىقىمنىڭ رەڭدارلىقى سېنىڭ شۇ گۈلدەك تۇتقان تۇرمۇشۇڭ بىلەن ئىدى. بىردە كېسەك توشىۋاتقان، بىردە لاي ئېتىپ، شورا ئېتىۋاتقان، چىتلاقلار بىلەكلىرىڭنى يارلاندۇرسىمۇ سەزمىگەن ھالدا ماڭا زەخمە يېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قورۇق تام قىلاتتىڭ... بىردە ئېغىلنى قۇرۇغداپ كالا، قويلارغا يەم خەشەك سېلىپ، ئايىغىنى تازىلاپ، بەللىرىڭ مۈكچەيگەندىمۇ ھاردىم دېمەي، مېنىڭ ئۈچۈن سېغىن سېيىرىنى سېغىپ، سۈت ئالاتتىڭ... ئانا، سېنىڭ بۇ ئىزنالىرىڭ قەلب دۇنيارىمنىڭ پايانسىز كەڭ زېمىنىدا بىر- بىرلەپ بېسىلىغان يوللاردەك ئېنىق تۇرۇپتۇ.
    كۆمۈر تۇتقان قوللىرىڭدا بۇرنۇمنى چىمدىپ قويۇپ، قىشنىڭ زىمىستان سوغلىرىنى ھېس قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن چوغدەك قىزارغان مەش يېنىغا ئورۇن راسلاپ ،«ئەللەي...» ئېيتىپ، ئۇخلىتىپ قوياتتىڭ... قۇياش بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئۆز ئىشىڭ بىلەن بەنىت بولاتتىڭ، « ياخشى ئوقۇ» دەپ، مەكتەپكە يولغا سېلىپ قوياتتىڭ... سېنىڭ ھەربىر ھۈجەيرەڭ مېنىڭ تېنىمدە ئۆز ئەينى ساقلانغان.  شۇڭىمۇ سېنىڭ تىنىقلىرىڭ ئوتنى ھىدلىسا ئوتنى، سۇنى ھىدلىسا سۇنى، گۈلنى ھىدلىسا گۈلنى ھىدلايدۇ تىنىقلىرىم بىتىنىم...
      ئانا، نەگىلا بارساڭ يانچۇقىڭنى ئاقتۇرۇپ، بىر نەچچە تال قاق، كەمپۈت، جىگدىنى ئېلىپ قانچە خۇش بولاتتىم ھە! خۇددى شۇ يانچۇق ئېچىل داستىخاندەك ، ئالسام، ئالسام تۈگەپ قالمايتتىغۇ... تاتلىق سالىدىغان ساندۇقىڭچۇ تېخى. ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق بولسا، يوشۇرۇن كىرىپ ، تاتلىقلارنى ئېلىپ چىقىپ يەۋالاتتىم...قىلچە خاپا بولمايتتىڭ، « سېنىڭ ئۈچۈن بالام » دەپ قويۇپ.
چاچلىرىڭغا ئېسلىغان چاچ تەڭگىلەرنى ئېلىۋېلىپ، ئەپ قاچاتتىم... شۇنچە تاتلىق كۈلۈپ كەتسەم، ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن قاراپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىڭ... تال-چىۋىقلاردىن ئات ئېتىپ چېپىپ ئوينىسام، ھەۋەسلىنىپ قاراپ قالاتتىڭ... بەلكىم ئۆزۈڭنىڭ مەندەك ۋاقىتلىرىنى ئەسلەر بولغىيتىڭ-ھە، ئانا!؟
     ئانا، سېنىڭ بۇ يىتۈك سۇمباتىڭغا تىكىلىپ قاراشقا پېتىنالايدىغان ئۆزگە سەن كەبى بىر گۈلمۇ يوق. سېنىڭ قەلبىڭ ھەر دەم باھار بولۇپ، ماڭا يېڭى –يېڭى ھايات بەخىش ئېتىپ تۇرىدۇ. شۇنداق تۇرسىمۇ ،مەن ئۆزۈمنى بىلمىگەن ھالدا نەچچە رەت شۇ باھاردەك قەلبىڭگە ئاياز جۇتلىرىنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدىم... مېنى كەچۈر ئانا، قەدىردانىم ئانا! يىگانىلىكىڭ سېھرىدە بىر دانەم ئانا! مىڭ دانە بولۇپ، نالە قىلىۋاتقان بالاڭنى كەچۈرگىن؟
     ئاشۇ ئاق كېچىلەردە سەن ئۇيقۇسىز، مەن بىخارامان ئۇيقۇغا غەرىق بولغان، ئاشۇ پىرغىرىم ئىسسىق ، تومۇزدا سەن قولۇڭغا ئورغاق ئېلىپ، دادام بىلەن تەڭ سول ئالغان، تېرىم- تېرىم باشاق يىغقان، مەن سايىدا شېرىن چۈشلەر قوينىدا . سەن خامانغا تۇلۇق سېلىپ ، ئات يېتىلەپ يۈرگەن دادامغا ئۆز مېھرىڭنى قوشقان شۇ بىر پىيالە ئۇسسۇلۇقنى سۇنۇپ ، يەنە مېنىڭ يېنىمغا كەلگەندە يىغلاپ قاقشاتسام، قېيدىماي ھەتتا، تاشلىۋەتمەي «بالام، يىگىتىم... يىغلىما ئوغلۇم...»دەپ، پەپىلەپ  قويغان ئانام! باغرىنى مەن ئۈچۈن سويغان ئانام! ئانا دېگەن نامىنى يۈرىكىمگە ئويغان ئانام...مەن ئۈچۈن ھەر يەرگە قەدەم قويغان ئانام...
   ئانا، ئۆز ھەرىكىتىنى سەندەك بىمىننەت تەكرار-تەكرار قىلىدىغان كىم بار؟ سېنىڭ شۇ قاپارغان قوللىرىڭغا قانچە- قانچە سۆيگۈم بار، بۇنى دىلىمدىلا بىلىپ كېلىۋاتقانلىقىمدىن سەن بىخەۋەر سەن، تاپانلىرىڭدىكى يېرىق-يېرىق ئىزلارنى كۆرۈپ، يۈرىكىم مۇجۇلۇپ، يوشۇرۇن كۆز يېشى قىلغانلىقىمدىن بىخەۋەر سەن... ئانا، سېنىڭ ئۇچتەك ئاقارغان شۇ ئاق چاچلىرىڭنى قانچە رەت سىلاشقا قول ئاپىرىپ، سىلىيالماي قولۇمنىڭ قۇرۇق قالغىنىدىن بىخەۋەرسەن... رومالىڭنى ئارىتقىنىڭدا پەرىشتە سۈپەت ئۇزلىقىڭغا باغرىمنى ئېچىپ باغاشلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم...
  ئانا، سەن مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىپ ، مېنى تەختىڭدە ئۇلۇغ بىلىپ كەلدىڭ. نېنىمنى يېقىپ، كىرىمنى يۇيۇپ، ئاش –تامىقىمنى ئېتىپ، يوقىمنى بار قىلىپ، ھېچنېمىنىڭ كەملىكىنى بىلدۈرمەي كەلدىڭ. ئاشۇ نان يېقىۋاتقان ھالىڭنى كۆرۈپ، تونۇردىكى قوقاستەك بولۇپ كەتتىم... شۇ قوقاسلاردا چاچلىرىڭنى كۆيدۈرۈپ، يۈزلىرىڭنى قىزدۇرۇپ ياققان نانلىرىڭ مېنىڭ تومۇرلىرىمغا كىرىپ كەتكەن ئىدى... كىرىمنى يۇيغان قوللىرىڭنى كۆرۈپ، تېرىلىرى سويۇلۇپ كەتكەن بارماقلىرىڭغا قاراپ، خىجالەتتە مەن سويۇلۇپ كەتتىم...شۇ پاكىز كىيىملەردە توپا قوندۇرماي چوڭ قىلدۇرىمەن دەپ سۆلەتلىك قىلىپ، ئەل ئالدىدا بېشىمنى تىك قىلغان ئىدىڭ. تاماق ئەتكەن ساپلىقىڭنى تۇتۇپ بېقىپ، ھاياتىمنىڭ بار كەچمىشىنى پىشۇرغانلىقىڭدىن سۆيۈندۈم... شۇ تائاملاردىن تېتىلغان تۇزنى يەپ، ئەي بولغان ئىدىم، تۇزلىقىنى بىلدۈرگەن تائاملارغا يۈز كېلىش ئۈچۈن قازانلىرىڭغا يەنە بىر قاراپ چىقتىم ... كەمنى ھېس قىلدۇرماي يۈرگەن دوقىراشلىرىڭدىن يۈرىكىم يەنە بىر رەت قاتتىق مۇجۇلدى. ئانا سېنى ياتلار ئالدىدا قىسىندۇرۇپ قويغاندىمەنمۇ؟! سېنى شۇلارنىڭ قولىغا تەلمۈرۈتۈپ قويغاندىمەنمۇ؟! شۇ كەمسىزلىكلەر مەندىن غەمنى كەم قىلغان ئىدى، شۇندىمۇ سېنىڭ بارىڭدا ئەنە شۇنداق شادىمان يۈرگەن ئىدىم خۇددى خان بالىسىدەك...
    سېنىڭ ئۈچۈن ھەر نە قىلماق مېنىڭ يەلكەمدىكى قەرزىمدۇر. سەن مەن دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن بېرى مۈشكۈلدىمۇ، شادلىقتىمۇ، قايغۇ ئەلەمدىمۇ، سېنىڭ ئۈچۈن تۇتىۋاتقان قەلەمدىمۇ،  ھەممە ھەممىدە ماڭا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتىسەن. چۈنكى سەن جاندىن ئەزىز سەن! سېنىڭ ئاققۇزغان قان تەرىڭگە قانچە قىلساممۇ، يەتتە رەت يەلكەمدە يۈدۈپ مەككىگە ئاپارساممۇ، ياق يەتمىش رەت يەلكەمگە ئالساممۇ قەرزىمنى ئادا قىلىپ بولالمايمەن، ئانا!
    چاچلىرىڭنى پۇراپ ياتقۇم بار تۈن كېچىلەردىن تاڭلارغىچە، قول-پۇتلىرىڭنى، ئۇچاڭنى تۇتۇپ ئۇيقۇسىز قالماق بولىمەن، لېكىن سېنىڭدەك قىلالايتتىمۇ؟! ئانا، سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى گەر سېنىڭدەك ئەينى قىلساممۇ، بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولالمايمەن. سېنىڭدەك پىداكار نەدە، ئانا!
ئاھ، ئانا! مېنى كەچۈرگىن ئانا، گۆدەكلىك قىلىپ، يۈرىكىڭنى قىسىندۇرغىدەك سۆز قىلىپ قويغان بولسام. تالاي كېچىلەر بالام دەپ ياشلىرىڭدا تامچىلىغان مېھىرنى تىڭشاپ ياتىمەن -يۇ، ئانا دەپ باغرىمنى ئېچىپ، قۇچاقلىيالمايمەن ...
    
    ئانا، سېنىڭ چاراقلاپ تۇرغان كۈلكەڭنى باغلاردىكى بۇلبۇللار ئاۋازىدىن چارە كۆرەتتىم. سېنىڭ شۇ تەبەسسۇمۇڭ تولۇنئاينى ئەسلىتەر ئىدى، ئايسىز ئاسماندا سەن ماڭا ئاي ئىدىڭ. كۆڭۈل ئاسمىنىمنى قىلچە ئايسىز تەسەۋۋۇر قىلمايتتىم سەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن. نىھايەت، سېنىڭ بارلىقىڭ مېنىڭ ئۈچۈن ئۆز جېنىمدىنمۇ چارە ئىدى. شۇڭىمۇ سېنىڭدىن ئۆزگە زېمىنىم يوق ئانا، سېنىڭدىن ئۆزگە ۋەتىنىم يوق ئانا، سېنىڭدىن ئۆزگە دۇنيارىم يوق ئانا!
    
سەن مېنىڭ دۇنيارىم ئەزىزىم ئانا،
بىر جېنىم بولسۇن مىڭ رەت پىدا.
شەنىڭگە پۈتسەممۇ تالاي داستانلار،
قىلىپ بولالمايمەن قەرزىمنى ئادا!

    باغ ياساپ،گۈل باقىسەن يەنىلا شۇ مېھرىڭدىن نۇر بېرىپ،  شۇ گۈللەرنىڭ ھىدىنى ماڭا ھىدلىتىپ، ھاياتىمغا مەنا قاتىسەن. مەن ياشايمەن، ئانام بار، مەن بار دەپ... سېنىڭ بارلىقىڭ - مېنىڭ بارلىقىمدۇر!

  ئايدىن گۈزەل ئاق ئانام،
  باغرى يۇمشاق نان ئانام.
  شادلىقىم سەن، يايلىقىم،
  مېھىرى ئىللىق كان ئانام.
  
  باغ ياسىدىڭ ۋەتەن دەپ،
  قوللىرىڭ گۈل خان ئانام.
  كۈلەر سەندە ھەر سەھەر،
  مېھىرىبانىم جان ئانام.
  
  تۈننى ئۇلاپ تاڭلارغا،
  ئېچىلدۇردۇڭ گۈل ئانام.
  پىشانەمدە دۇئايىڭ،
  بەختىمىزگە كۈل ئانام
  
  ئانا سەن ئۈچۈن ئوقۇلغان ناخشىلار ياڭرىماقتا... پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قۇلاق سېلىۋاتىمەن...  باغرىم ئېزىلگەن ھالدا بىر سېنىڭ ئۈچۈن دەريا بولۇپ ئاقساممۇ، لاۋا بولۇپ ياقساممۇ بۇ ھېسلىرىمنى ئەينى ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. جېنىم ئانا، ناخشامدا سەن بار، ئاق ئايدىڭ ئاخشامدا سەن بار!
   باسقان ھەربىر ئىزلىرىمدا سەن بار. سېنىڭ ئۈچۈن ياشىماق ئىككى دۇنيالىق بەختىم مېنىڭ ئانا! ئانا، مەڭزىمدىكى سېنىڭ مېھرىڭ ئۈچۈن تامغان ياشلارنى كۆرگىنىڭدە ئۆزۈڭ ئۈچۈن تامغانلىقىنى بىلەرسەنمۇ؟ سېنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ بىر رەت ئۇيقۇسىز قالاي، ياق، مۇشۇ ياشقا ھېسابلانغان قانچە كېچىلەر ئۇيقۇدىن بىدار بولغان بولساڭ شۇنچە كېچە ئۇيقۇسىز قالاي...مېنى ھاپاش ئېتىپ ماڭغان شۇ يوللارنى سېنىڭ ئۈچۈن مەن ماڭاي... سېنىڭ ئۈچۈن مېنى دەپ دال بولغان قەددىڭنى يەلكەمگە ئالاي... سېنىڭ ئۈچۈن ئانا، بىر سېنىڭ ئۈچۈنلا سازىمنى« ئانا!» دەپ چالاي... سېنىڭ ئۈچۈن ۋاپا تونۇرىغا ئەقىدە ئوتۇنىنى قالاي...ئاللاھ ئامان قىلسا مەنمۇ بالامغا سەن قارىغاندەك قاراي، ئانا! بەختىم ئۈچۈن قۇربانلىق بەرگەن جېنىم ئانا، سېنىڭ ئۈچۈن ئاسماندىن ئاينى ئالاي...سېنىڭ ئۈچۈن ئانا، يۈرىكىمنى ياراي! ياراي، ئانا! يۈرىكىمنى ياراي...
ئالدىڭغا ئېگىلىپ باراي...مېھرىڭگە قانداقمۇ قاناي؟...
سېنىڭ ئۈچۈن ئانا، يۈرىكىمنى ياراي! ياراي، ئانا! يۈرىكىمنى ياراي...
ئاھ، ئانا...مېھرىڭگە بىر قاناي!




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-11 10:53 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 11:12:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن   ئېسىل  ئەسەر  بوپتۇ  ،،مېھرىبان  جاپاكەش ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆمرى  ئۇزۇن  بەختى  زىيادە  بولسۇن

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104785
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 11:23:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sayam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-11 11:24 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8582
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 574 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 11:42:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكرار سۆزلەر بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن ، دەبىيدەبىيلىك سۆز -جۈمىلەر ئوقۇغان ئادەمنى ھارغۇزۇپ قويىدۇ ، ئىجادىيەتكە يېڭىدىن كىرىشكەن ئوخشىمامسەن ؟ قەلىمىڭنى ياخشىراق ئۇچلاپ  ئىزدەنگىن ، پۈتۈن ئەسەر قورۇلمىسىدىكى ھەر بىر جۈملىلىرىڭنى كۆرۈپ چىقتىم ، بىرسىمۇ ساڭا تەۋە سۆز - جۈملىلەر ئەمەسكەن ، بۇنداق دىسەم ، مېنىڭدىن رەنجىمىگىن ، كىينىكى ئىجادىيەت يولۇڭغا  ئازىراق بولسىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ قوياي دىدىم . باشقىلار دەپ بولغان سۆزلەرنى تەكرارلاپ يازىدىغان ئىش بولسا ھەممىسى شائىر يازغۇچى بوپ كېتەتتى . مۇئەييەنلۈشتۈرۈشكە بولۇدىكى تىرىشچانلىقىڭغا قايىل بولدۇم ، يەنىمۇ ئىزدەن ، باشقىلار ماڭمىغان يولدا ماڭ .....ئاڭلىدىڭمۇ ؟

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14105
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2030 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 01:25:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل  ئەسەر  بوپتۇ  

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 766 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 10:34:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېىل ئەسەر بوپتۇ.مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئوقۇغۇچى مۇنبىرىگە يوللىسام رۇخسەتمۇ؟ھەممەيلەن ھوزۇرلىنايلى دەيمەنغۇ ئەمدى...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2895
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16649
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2557 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 12:37:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا ھەققىدە يېزىلغان بىر داستانغا چۆككەندەك بولدۇم ،ئەمما چۆككەنلىرىمنىڭ كۆل ئەمەس بىر ئېقىن بولىشىنى تىلەيمەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104785
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 09:42:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇلىڭىزغا  دەت كەلمىسۇن ، تىخىمۇ تىرىشىڭ !

پىكىرنىڭ ئۆزى قورال

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89039
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 721
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 10:42:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېچقانداق ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ بېرىشىنى خالىمايدۇ. ئانىڭىزنى تېخىمۇ ئازاپلاپ نېمە قىلىسىز؟ يۈرىكىڭىزنى يارىمەن دېمەي بىر توخۇنى بوغۇزلاپ قارنىنى يېرىپ ئىسسىق شورپا قىلىپ بېرىڭە  قۇۋۋەت بولىدۇ.
دەبدەبىلىك شوئار توۋلاپ يۈرگەندىن ئانىڭىزنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ قويسىڭىز شۇ ياخشى!

مەن ھەممە ئادەمنىڭ پىكرىنى، قارارىنى ھۆرمەت قىلىمەن. شۇڭا مېنىڭ پىكرىمنىمۇ ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك!

پىكىرنىڭ ئۆزى قورال

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89039
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 721
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 10:49:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغان نەسىرىڭىزنى ياراتمىغانلىق ئەمەس، ھەرگىز خاتا چۈشەنمەڭ.
مەن مۇھەببەت قانچە ئاددىي قانچە تەبئىي بولسا شۇنچە چىن بولىدۇ دەپ قارايمەن.

مەن ھەممە ئادەمنىڭ پىكرىنى، قارارىنى ھۆرمەت قىلىمەن. شۇڭا مېنىڭ پىكرىمنىمۇ ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش