ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار:
بىر قانچە ۋاقىتتىن بېرى مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنزىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە بىر قانچە تور بەت مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توختىتىلىپ ۋاقىتلىق رەتلەنگەن ئىدى. بىر مەزگىللىك رەتلەش ۋە ئىزدىنىشلەر ئاساسىدا مەزكۇر تور بەتلەر قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تور بەتنى قايتىدىن ئېچىش بىلەن بىرگە گۇرۇپپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ئەمگەك مەھسۇلى بولغان مەنزىل كىتابچىسى 1.0 نەشىرىنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق. تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
دېتال ھەققىدە:
دېتال ئىسمى: مەنزىل كىتابچىسى
دېتال سىغىمى: 35مىگابايت
ئىجرا مۇھىتى: XP, Win7, Win8
دېتال ئالاھىدىلىكى: مەزكۇر دېتال مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرىدىكى ئېلكىتابلارنى مەنبە قىلغان ئاساستا ياسالغان بولۇپ، تورداشلارغا كومپيۇتىردا دېتال ئارقىلىق توردىن ئېلكىتاب چۈشۈرۈش، ئېلكىتاب ساقلاش ۋە رەتلەش جەھەتلەردە قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈسى!
دېتالدىن كۆرۈنمە يۈزىدىن رەسىم: