قورقىمەن
ئىز بېسىپ قوغلاپ يۈرەر پايلاقچىلاردىن قورقىمەن،
ئىت كەبى ماراپ ياتار ئايغاقچىلاردىن قورقىمەن.
بىگۇناھنى خارلىغان زالىمغا سۆزلەي دەيمەنۇ،
كەينىدە ھە-ھۇ دېگەن پوداقچىلاردىن قورقىمەن.
چىقسا گەر دۈشمەنلىرىم ئالدىمغا سەكرەپ مەيلىغۇ،
قوينىدا پالتا-پىچاق قىلتاقچىلاردىن قورقىمەن.
ئۆز ئېلىمنىڭ بېغىغا تىكسەم كۆچەتلەر، ئاينىسا،
ياۋا شاختىن بىخەۋەر پۇتاقچىلاردىن قورقىمەن.
بولدى بەس توختا قەلەم كەتمە تېگىپ چىڭ پەللىگە،
ھەر تەرەپ تەييار تۇرار قالپاقچىلاردىن قورقىمەن.
ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alxir552 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-11 08:14 PM