ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ،بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا، دۇرۇد-سالاملار رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتىگە ۋە ساھابە كىراملىرىگە بولسۇن. ﻗﯘﺭﺋﺎﻥﻛﻪﺭﯨﻢﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔﺋﻮﻗﯘﭖ ، ﺋﻪﻣﯩﺮ - ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎﺑﻮﻱ ﺳﯘﻧﯘﺷﻰ ، ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦﻧﯧﺮﻯﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ، ﯞﻩﺯ - ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪﻗﯘﻻﻕﺳﯧﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩﻗﯩﺴﺴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦﺋﯩﺒﺮﻩﺕﺋﯧﻠﯩﺸﻰﺋﯜﭼﯜﻥ ﺍﻟﻠﻪﺗﻪﺋﺎﻻﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺯﯨﻞﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥﻛﯩﺘﺎب بولۇپلا قالماستىن يەنە ﺗﯧﺨﯩﻤﯘﻣﯘﮪﯩﻤﻰﺑﻪﺧﺘﻜﻪﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶﺋﯜﭼﯜﻥ ﺍﻟﻠﻪﺗﻪﺋﺎﻻﻏﺎ ﯞﻩﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕﻛﯜﻧﯩﮕﻪﺋﯩﻴﻤﺎﻥﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﮔﯘﻧﺎﮪﻠﯩﺮﯨﻐﺎﺗﯚﯞﺑﻪﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍﺍﻟﻠﻪ ﺋﯩﮕﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔﺩﻩﺭﮔﺎﮪﯩﻐﺎﺋﯩﻴﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﻏﯩﻠﻰﻧﯩﺴﺐﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﺩﻭﺯﺍﻕﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦﺳﺎﻗﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﻣﻪﺷﮭﻪﺭﮔﺎﮪﻛﯜﻧﻰ ﺭﻩﺳﯟﺍﻗﯩﻠﻨﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﭘﯩﻠﺴﯩﺮﺍﺗﺘﯩﻦﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﻰﻧﯩﺴﯩﺐﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔﮪﻪﻡﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔﺷﺎﻓﺎﺋﯩﺘﯩﮕﻪﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺕﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔﺩﯨﺪﺍﺭﯨﻐﺎﻣﯘﺷﻪﺭﺭﻩﭖﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰﺋﯜﻣﯜﺩﻗﯩﻠﯩﭗﺋﻮﻗﯘﺵ ﮪﻪﻡﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﺋﯜﭼﯜﻥﻧﺎﺯﯨﻞﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥﻛﯩﺘﺎﺑﺪﯗﺭ.
شۇڭا بىز ئۆزىمىزگە مۇناسىۋەتسىز كىشى ياكى نەرسىلەر ئۈستىدە ئورۇنسىز ئىزدىنىش،ئاخىرى چىقماس مۇنازىرىلەرگە پىتىپ ،ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىپ زىھىنىمىزنى چاچماي،پۈتۈن دۇنيادىكى مەيلى كىم ياكى قاندا ئورگان بولسۇن ساماۋى كىتابلىقىغا باش ئەگكەن قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ ،ئۇنىڭدىن ئىككى دۇنيالىق پايدا مەنپەئەتكە ئىرىشىشنى تەۋسىيە قىلىمەن،
قۇرئان كەرىم ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىنغان،ئۇنىڭدا،قىسسە،سىياسەت،قانۇن،ماتىماتىكا،فىزىكا،بىئولوگىيە،ئىتىكا......يەنە نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساماۋى كىتاب،شۇڭا قۇرئاننى ئاللاھ جەللى جالالىھۇ بىلدۈرگەن دائىرە ئىچىدە چۈشۈنۈش ئۈچۈن تەپسىرىنى ئوقۇش كىرەك،ھەرقايسى تىللاردىكى يەنى خەنزۇچە،ئۇيغۇرچە،ئىنگىلىزچە ،قازاقچە..ۋە باشقا تىللاردىكى بىلىملىك،دىنىي ئالىملارنىڭ تەرجىمىسىمۇ قۇرئاننىڭ تەپسىرى بولىدۇ،تىخىمۇ چۈشىنىش ئۈچۈن تەپسىرى ئىبنى كەسىردەك پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق تەپسىرلەرنى ئوقۇش كىرەك.
قۇرئاننى ئوخشىمىغان ياش،مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىكى كىشىلەر ئوقۇسا ئۇلارغا خاس ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ،
تۆۋەندە قۇرئاندىكى "ئادەم باللىرى" دەپ ئىيتىلغان ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى كۆرىمىز:
بِسْمِ اللهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشالايمەن
يَا بَنِي آدَمَ قَدْ أَنزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاسًا يُوَارِي سَوْءَاتِكُمْ وَرِيشًا وَلِبَاسُ التَّقْوَىَ ذَلِكَ خَيْرٌ ذَلِكَ مِنْ آيَاتِ اللّهِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
ئى ئادەم بالىلىرى!سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىندىغان لىباسنى چۈشۈردۇق،تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر ئەنە شۇلار (يەنى ئىنسان بالىلىرىغا سەترى ئەۋرەت ئۈچۈن لىباس ياراتماق) ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن اﷲنىڭ (بەندىلىرىگە بولغان پەزلى- مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر.[سۈرە ئەئراف 26-ئايەت]
يَا بَنِي آدَمَ لاَ يَفْتِنَنَّكُمُ الشَّيْطَانُ كَمَا أَخْرَجَ أَبَوَيْكُم مِّنَ الْجَنَّةِ يَنزِعُ عَنْهُمَا لِبَاسَهُمَا لِيُرِيَهُمَا سَوْءَاتِهِمَا إِنَّهُ يَرَاكُمْ هُوَ وَقَبِيلُهُ مِنْ حَيْثُ لاَ تَرَوْنَهُمْ إِنَّا جَعَلْنَا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاء لِلَّذِينَ لاَ يُؤْمِنُونَ
ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا- ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرۋەتكەندەك سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالغۇزۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەپچى بولغان ئىدى).شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر سىلەرنى كۆرەلەيدۇ سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر شۈبھسىزكى بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق. [سۈرە ئەئراف 27-ئايەت]
يَا بَنِي آدَمَ خُذُواْ زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ وكُلُواْ وَاشْرَبُواْ وَلاَ تُسْرِفُواْ إِنَّهُ لاَ يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ
ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان)كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار يەڭلار ،ئىچىڭلار ئىسراپ قىلماڭلاراﷲ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ. [سۈرە ئەئراف 31-ئايەت]
يَا بَنِي آدَمَ إِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ رُسُلٌ مِّنكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي فَمَنِ اتَّقَى وَأَصْلَحَ فَلاَ خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلاَ هُمْ يَحْزَنُونَ
ئى ئادەم بالىلىرى! ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە تەقۋادارلىق قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر. [سۈرە ئەئراف 35-ئايەت]
وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِن بَنِي آدَمَ مِن ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَى أَنفُسِهِمْ أَلَسْتَ بِرَبِّكُمْ قَالُواْ بَلَى شَهِدْنَا أَن تَقُولُواْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَذَا غَافِلِينَ
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ :«مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەمەسمۇ »دېدى (يەنى اﷲ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار:«ھەئە سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن گۇۋاھلىق بەردۇق»دېدى.(ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ :«بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز»دېمەسلىكلىرى ياكى «ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئوزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر. [سۈرە ئەئراف 172-ئايەت]
وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ وَحَمَلْنَاهُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَرَزَقْنَاهُم مِّنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَى كَثِيرٍ مِّمَّنْ خَلَقْنَا تَفْضِيلاً
شەك- شۈبھسىزكى بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۈردۇق دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزقلاندۇردۇق ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. [ سۈرە بەنى ئىسرائىل 70-ئايەت]
أَلَمْ أَعْهَدْ إِلَيْكُمْ يَا بَنِي آدَمَ أَن لَّا تَعْبُدُوا الشَّيْطَانَ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ
سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ . [سۈرە ياسىن 60-ئايەت]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% \6 S. z! A& ~3 i/ C
مەنبە:شىنخۇا كىتابخانىسىدىن سىتىۋالغان قۇرئان كەرىم،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 V& L0 @0 i0 O, y بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-11 08:25 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 f3 s% S6 ~/ t% rبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 x6 z" ^( T1 e