پارىخورلۇق پەسلىكتۇر(سانائىل سۆزئۇيۇنى)
پەملىشىمچە پارىخورلۇق پەسلىكتۇر.پارىخورلۇقنى پارتىيە پەقەتلا پىچەتلىۋەتسىمۇ، پارتىيەدىكى پۇرسەتپەرەسلەر، پۇخرالارنىڭ پۇتلاشقان پۇتلىكاشاڭلىرىدىكى پەريادىدىن پايدىلىنىپ،پارىخورلۇققا پىنھان پىتراۋاتىدۇ.پارتىيەنىڭ پاكىزپۇللىرىدا پاكلاشماي، پەسلىشىۋاتىدۇ.
پارىخورلۇقنىڭ پەسلىكىنى پەستىكى پاراگىرافلاردىن پەرىقلەندۈرۈڭ؛
پاراۋانلىق پونكىتىنىڭ پەخرىلىك پىشۋاسى پازىلجان پاراۋانلىق پۇلىغا پىترايدىغادىغانلارنىڭ پاراۋانلىق پونكىتىغا پاتماي پوملىشىۋالغانلىقىدەك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ،پۇللۇقلارنى پەملەپ، پۇلسىزلارنى پەرىشانلاشتۇرۇپ، پونكتنى پاتپاراقلاشتۇرۇپ، پىچەتلەنگەن پۈتۈكلەرنى پارچىلاپ، پەلىپەتىش پۈتۈكلەرنى پۈتۈۋەردى.
پەيزاۋات، پەشتاقتىكى پىيمىچى پالتاخۇننىڭ پۇشتى پوشكالچى پامىر پۈتۈلىشىدىنلا پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانىداپۇتى پۈتۈن پۈتمەي،پۈچەك،پالەچ پۈتۈلگەن.پالتاخۇن پىشانىسىگە پۈتۈلگەن پالاكەتچىلىكتىن پۇچۇلاندى.پالتاخۇن پۇخرالاردىن پارتىيەنىڭ پاراۋانلىق پۇلىدىن پايدىلىنىپ، پامىردەكلەرنى پەپىلەيدىغانلىقىدەك پاراڭلىرىدىن پەخىرلىنىپ،پارۋانلىقنىڭ پۈتۈكىگە پۈتۈلىۋېلىشنى پەملەپ، پامىرنىڭ پوشكاللىرىنى، پاتەمخان پىشۇرغان پولونى پەتنۇسقا پاتقىچە پوملاپ،پىشمىغان پاقالچاقلارنى پولوغا پاتۇرۇپ،پۇرلەشكەن پەشتامانغا پەشلەپ،پاراۋانلىق پونكىتىغا پايپاسلىدى.پاراۋانلىق پونكىتىدا پامىردەك پېقىرلار پەرۋانىدەك پىتراۋاتاتتى.پالتاخۇن پىتىراۋاتقانلارغا پەرۋاسىزلاپەشتامىنى پوكىنىغا پاتۇرۇپ،پازىلنىڭ پەشتاقلىق، پىشايۋانلىق پۈتۈكخانىسىنىڭ پەنجىرىسىنى پاقىلداتتى.پۈتۈكخانىسىدا پاينەكباش، پۈتۈكچىسىگە پەس پىچىرلاۋاتقان پازىل پەنجىرىنىڭ پاقلىدىشىدىن،پىغانى پوكىنىغا پاتماي پارتىلىدى.پالتاخۇن پازىلنىڭ پەرمانىدا پۈتۈكخانىغا پالاقلاپ،پامىرنىڭ پالەچلىكىنى پەريادلاپ،پونكىتقا پالاقشىدىكى پىلانىنى پازىلغا پۇرتىۋىدى،پالتاخۇننىڭ پوكىنىدىكى پومپايغان پەشتاماندىن پازىلنىڭ پەيمانى پۈتۈپ.پالتاخۇننىڭ پوكىنىدىكى پەشتاماننى پىرقىرتىۋەتتى.پەشتامان پەشتاقتىن پەسكە پومزەكتەك پىلتىڭلاپ،پاتقاققا پاتتى. پالتاخۇن پارقىرىغىنچە پازىلنىڭ پۇتىغا پۈكۈلدى.پۈتۈن پۇللارنىلا پەشلەيدىغان، پارچە-پۇرات،پولو-پاچاقلارغا پىسەنتلىمەيدىغان پازىل،پالتاخۇننىڭ پەريادىدىن پەقەتلا پەرىشانلاشماستىن، پارقىراق پاشنىسىنى پالتاخۇننىڭ پاتىڭىغا پاتۇرۇپ پوپوزىلاپ،پامىرنى پۈتۈككە پۈتۈشنى پىلانلىسا،پۈتۈن-پۈتۈن پۇللارنى پەشلىسە پامىرنى پاتلا پۈتۈككە پۈتۈپ پۈتتۈرۋىتىدغانلىقىنى پالتاخۇنغا پۇراتتى.پالتاخون، پازىلنى پەشۋالاشقا پېتنالماي،پۇشايماندا پاتقاقتىكى پەشتامىنىنى پاكىزلىمەستىن، پونكىتتىن پەيزاۋاتتىكى پارتىيەگە پىكاپتا پالاقشىپ،پازىلنىڭ پاتىڭىغا پاشنىسىنى پاتۇرغانلىقىنى،پۇشتى پالەچ پامىرنى پارتىيەنىڭ پۇلىدىن پايدىلىنىغان پۈتۈككە پۈتمەستىن،پۇتلىغانلىقىنى پاكىتلىدى.پارتىيەدىكى پىدائىيلار پالتاخۇننىڭ پاكىتلىرىدىن پازىلنىڭ پارىخورلىقتەك پەسكەشلىكىنى پەرەزلەپ،پات-پۇرسەتتە پازىلنى،پۈتۈكچىسى پاينەكباشنى پوسكايتىۋەتتى.پازىل پۇشايمانداپۇچۇلاندى.
پازىلنىڭ پۇشايمىنىدىن پەخەسلىنىڭلاركى:پارىخورلىشىپ،پۇخرالارنى پەملەپ، پاساڭدىغانلار، پارتىيەنى پايمانلاشتۇرغانلار،پاسكىنىلاشقانلار...پازىلدەك پۇشايمان پاتقىقىغا پاتىڭىڭىزغىچە پاتىسىز.....
ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-11 06:06 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- ]2 q! T+ x/ p- `
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ C- I \! x1 X' |& V