|
|
|
|
شىنجاڭ كۇماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئۇتتۇرۇپ قويدى
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 2:30 دا ، جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 9-ئايلانمىسى ئوينالدى. ئۈرۈمچى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ساھىبخان مەيدان خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسىدا ئىلگىرى شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسى بولغان ئەكرەم توپ تەپكەن.
مۇسابىقە باشلىنىپ 25-مىنۇتتا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئىجارىگە ئالغان جونىي بىر توپ ئۇردى، 44- مىنۇتتا خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسىدىن لىيۇ شۇەن بىر توپ ئۇرۇپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى، 89-مىنۇتتا لىيۇ شىنيۈ بىر توپ ئۇرۇپ شىنجاڭ كوماندىسىنى ساھىبخان مەيدان مەغلۇپ قىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلاشقاندا خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى جاڭ شۈ جازالىنىپ كۆرۈش سۇپىسىغا چىقىرۋېتىلدى.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئالدىنقى ئايلانما ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ تۇنجى مەيدان ساھىبخان مۇسابىقىدە چۇڭچىڭ لىفەن كوماندىسى بىلەن 1-1 تەڭلىشىپ، ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا ساھىبخان مەيدان غەلبە قىلالمىغان.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىپىزى كوماندىسى خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسى بىلەن ئىلگىرى ئىككى مەيدان ئۇچىراشقان بولۇپ خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسى بىر مەيدان ئۇتۇپ، بىر مەيدان تەڭلەشكەن، يېقىنقى بەش مەيدان مۇسابىقىدە خۇنەن شىياڭتاۋ ئىككى مەيدان ئۇتۇپ، ئىككى تەڭلىشىپ بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ سەككىز نومۇرغا ئېرىشكەن، ئەمما شىنجاڭ تڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى يېقىنقى بەش ئايلانما مۇسابىقىدە ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرغان.
مۇسابىقە باشلىنىڭ 2- مىنۇتتا شىنجاڭ كوماندىسى بىر ئىختىيارى توپ تىپىش پۈرسىتىگە ئېرىشتى، يەھيا ئىختىيارى توپنى چەكلەنگەن رايونغا تاشلىدى، ۋېيسىنتې ئۈسكەن كاللا توپ ۋارتار تۈۋرىكىگە تەگدى. 23- مىنۇتتا شىنجاڭ كوماندىسى سول تەرەپتىن بۆسۈپ كىردى توڭ شاۋشىڭ چەكلەنگەن رايوندىكى جونىيغا ئۇزۇن پاس بەردى، جونىي ئۈسكەن كاللا توپنى قارشى تەرەپ چىقىرۋەتتى. 25-مىنۇتتا بارى ئوڭ تەرەپتىن چەكلەنگەن رايونغا پاس بەردى، جونىي توپ ئۇردى.
41-مىنۇتتا خۇنەن شىياڭتاۋ بىر توپ كىرگۈزدى ،ئەمما باش رېپىر ھۇجۇمدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى. 44-مىنۇتتا ىۇنەن شىياڭتاۋدن لىيۇ شۇەي بىۋاستە ئىختىيارى توپ كىرگۈزۈپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى.
كىيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ، 51-مىنۇتتا يەن جىيۈ ئوڭ تەرەپتىن چەكلەنگەن رايونغا پاس بەردى بارى تېز سۈرئەتتە قىستىلىپ كىرىپ كاللا توپ ئۈسۈپ تۈۋرۈك سوقتى. 78-مىنۇتتا شىنجاڭ كوماندىسى ئىختىيارى توپ باشلىدى، جونىي تەپكەن توپ ئادەم تامغا تەگدى، تولۇقلاپ ھۇجۇم قىلغان توپنى قارشى تەرەپ ۋارتارى توسىۋالدى.89-مىنۇتتا مەيدانغا ئەمدىلا ئالمىشىپ چىققان لىيۇ شۇەن بىرتوپ كىرگۈزۈپ خۇنەن شىياڭتاۋ 1-2 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بويىچە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى ئەرگۈڭ مەيدانىدا ساھىبخان بولۇپ تىيەنجىن سۇڭجىياڭ كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ.
تېمىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ قېرىندىشىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-11 10:35 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-11 11:57 AM):
تېما مەنبەسى: نۇرتورى
|
|
|
|
|
|