ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇختەر سوپى ئەپەندىم تەنلىرى سالامەت تىنچ -ئامان تۇرلىمۇ ؟ئىككىيلەن بىر نەچچە قىتىم ئۇچۇر قىلىشقان بەلكىم ئەسلىرىدە باردۇ؟شۇ ئۇچۇرلاشقاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ،بىر ئىدارە باشلىقى بولۇپلا قالماي ۋەتەن،خەلى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشكە تەييار كىشى ئىكەنلىكلىرىنى ھېس قىلغانىدىم ،ئالدىنقى قىتىم ئىنكاس قىلىنغان مەسىەلە بەلكىم ۋاقىتلىرىنىڭ يىتىشمەسلىكى ،باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ خاتالىقلارنى ۋاقتىدا بايقىيالماسلىقى سەۋەبلىك تېخىچە ھەل قىلىنمىدى ،بەلكىم سىلى تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتكەنلىكلرى ئۈچۈن ھازىرغىچە ھەل بولمايۋاتقاندۇ؟بىز خۇددى ئۇلۇغ كومپارتىيەگە ئىشەنگەندەك ،سىلنىڭمۇ ئۇ مەسلىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بىرىشلىرىگە ئىشىنىمەن .
ئەمدى ھازىر سىلىگە ئىنكاس قىلماقچى بولغان مەسىلە شۇكى ،ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى ياراتقان قەھرىمانلىرى ئالىم سىياسىئونلىرى .................قاتارلىق داڭلىقلىرى بولىدۇ ،ھەم شۇلارنىڭ ئەسلەش يۈزىسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قەبرىسى ،قەبرە تىشى ،زىيارەتگاھلىرى بولىدۇ .ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭمۇ جۈملىدىن قەشقەردەك تارىخى مەدىنىيىتى ئۇزۇن ئالىم ،تۆھپىكار ،سيىياسىئون.....كۆپ چىققان بۇ يۇرتتا بۇ خىلدىكى قەبرىلەر قەدەمدە بىر كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ .
ھازىر قەشقەردىكى نۇرغۇن تارىخى ئىزلار قەبرىلەر ھىلىھەم ھاياتى كۈچىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان بولسىمۇ ،شەھەر -يول قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۆپىيىشى نوپۇس بىسىمى سەۋەبلىك نۇرغۇن تارىخى ئىزلار چىقىپ يكتكەش ئارىلىقىدا يوقاپ كېتىش ،مۇۋاپىق ئاسرالماسلىق .ھەتتا يۇقاپ كىتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە .
بىز بۇ بىر ئەۋلاد شۇنداق بىر مەزگىلدە تۇرىۋاتىمىزكى ئەجدادلىرىمىز ياراتقان شۇ مەدىنى مىراسلارنى قانداق قىلىپ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قولىغا ساق -سالامەت يەتكۈزۈپ بىرىمىز ،بۇ ھەممەيلەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلەئەلۋەتتە ،بۇ مەسىلىدىكى ھەل قىلىدىغان ئىشلار تاغدەك دۆۋلىنىڭ بۇ بىر ئەۋلادنىڭ يولىنى توسۇپ تۇرۇپتۇ .
شۇ تارىخى ئىزلار قەبرىگاھلار ئىچىدىن ئەڭ تىپىك ،ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان ئىنكاسلاردىن ،20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى داڭلىق مائارىپچى ،ئىسلاھاتچى ،كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇلۋارىس قەشقەرىينىڭ قەبرىسىنى ئوڭشاش ،دائىرە ئىچىگە ئىلىش ،چۈشەندۈرۈش تاختىسى ئورنىتىش ،بولسا نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدىنى يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بىكىتىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى قىلىپ بىكىتىش تەخىرسىز مەسىلە دەپ قارايمەن .
بىر نەچچە يىل ئاۋۋال شۇ قەبرىلەرگە قارايدىغان مويسىپىت كىشى بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمىدە ئابدۇقادىر داموللام قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن مۇشۇيەرگە (ھەزرەت چوڭ قەبرىستانلىقى يول بويىغا )دەپنە قىلىنغانلىقى كېيىنچە ئاتۇشلۇق بايلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە ياساپ قويغىنىنى ،لېكىن داموللام قەبرىسى يىنىغا نۇرغۇن قەبرىلەر قويۇلۇپ ،كېيىنچە بەزى كىشىلىرىمىز بۇ قەبرىنى رىشاتكا ئىچىگە ئىلىپ قەبرىگە يوپۇق يىپىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ باشقا قەبرە ئىگىلىرىنىڭ قەبرىلەرنى يۆتكەشكە قوشۇلماسلىقى سەۋەبلىك ئۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقمىغىنىنى .