ناھايىتى ياخشى نوتۇق تېكىستىنى بىزگە سۇنغىنىڭىزغا رەھمەت!
ئەلۋەتتە، بىزنىڭ قىلىۋاتقان ھەر بىر ھەرىكەتلىرىمىز ئادەملەر ئۈچۈن. چۈنكى بىز ئادەملەر بىراۋدىن ئۆزىمىزگە نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى تەما قىلىپ ياشايمىز.
ئۇلۇغ ئاللاھ بىزدىن كېلىدىغان ھېچ نەرسىدىن تەما قىلمايدۇ ھەم ھېچقانداق نەرسىگە مۇھتاج ئەمەستۇر. ئەمما، بىزنىڭ ئاللاھنى سېغىنىپ قىلىنغان ھەربىر ھەرىكەتلىرىمىز، تەپەككۇرلىرىمىزمۇ تەما قىلىشتۇر.شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ قىلغانلىرىمىز ئۈچۈن ئاللاھ بىزنى خالىسا مۇكاپاتلايدۇ (خالىسا جازالايدۇ)، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسالامنى لايدىن ياراتقاندىن كېيىن ئۇنى ئەزىز قىلدى ـــــــ بارلىق پەرىشتىلەرنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى. مېنىڭچە، شۇنىڭدىن كېيىن ئادەم بىراۋدىن نەرسە تەما قىلىشى ئەنە شۇ يەردىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇلۇغ، ئەڭ مەرت ئاللاھمۇ بارلىق نەرسىلەرنى ئادەم ئۈچۈن ياراتتى، كېيىن ياراتقان نەرسىلىرىنى ئادەملەرنىڭ توغرا يولدا ئىشلىتىشى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئىلاھىي قانۇن - ئەھكاملارنى تۈزدى، ئاخىرىدا يەنە شۇ ئادەملەرنىڭ ياخشى - يامان ئىشلىرىنى ئايرىش ئۈچۈن، ئىلاھىي قانۇن - ئەھكاملار ئاساسىدا سوراق مەيدانى ھازىرلىدى. ئاللاھ شۇ سوراق مەيدانىدا خالىغان كىشىنى ئەزىز قىلىدۇ (خالىغان كىشىنى خار قىلىدۇ)، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
ئادەملەر زامان - ماكان شارائىتىگە قاراپ بىراۋدىن بىر نەرسە تەما قىلىش ئۈچۈن، بىراۋنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ خالىنىنى قىلىدۇ. ئەمما، ئاللاھنىڭ ئىلاھىي قانۇن - ئەھكاملىرىغا خىلاپ ئىش قىلسا، ئاللاھ خالىسا ئۇنى جازالايدۇ (خالىسا كەچۈرىدۇ)، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
(سۆزلىرىمدە خاتالىق بولسا، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنى تىلەيمەن!)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-10 05:38 PM