ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تۆرت يۈز سەكسەن ياشتا
(بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بۈيۈك ئالىمە، ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان نەفىسىي تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىش نۇتقى)
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار!
بۈگۈن بىز مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بۇ يەردە، داغدۇغىلىق يىغىلىش ۋە ئەھمىيەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بۈيۈك ئالىمە، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 480 يىللىقىنى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلەۋاتىمىز.
مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى دېگىنىمىز، ئۇزاق ئەسىرلەر جەريانىدا، ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان، مىلادىيە ئون ئالتىنچى ئەسىرگە كەلگەندە، ئاماننىساخان نەفىسىي باشلىق مۇقام پېشۋالىرى تەرىپىدىن رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ئۈچ يۈز ئاتمىش ئاھاڭلىق ئون ئىككى يۈرۈش نەغمە ۋە ئۇنىڭغا جۆرە قىلىنغان ئۈچ مىڭ تۆرت يۈز ئوتتۇز ئالتە مىسرا نەزمەدىن تەركىب تاپقان بۈيۈك مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئېيتىلىدۇ.
شۇنداق، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئەنە شۇنداق بۈيۈك مىللىي مەدەنىيەت خەزىنىسى بولۇپ، دۇنيا مىللەتلەر مەدەنىيەت خەزائىنلىرى قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھبە قوشقان ھىدايەتكار پېشۋا ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىيدۇر. ئۇ مىلادىيە 1534-يىلى، ئۇيغۇر يۇرتىنىڭ دولان دىيارىدا، بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى مەھمۇد قالۇن ۋە ساتارنى ياخشى چالىدىغان ماھىر مۇزىكانت ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان ئۇستا مۇقامچى ئىدى. ئاماننىساخان نەفىسىي مىلادىيە 1567-يىلى تۇغۇتتا شەھىدە بولغان. ئۇنىڭ مۇبارەك مېيىتى ياركەند خانلىقىنىڭ خان جەمەت قەبرىستانلىقى «ئالتۇنلۇقۇم»غا دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ قەبرىگاھى كۈنىمىزدە، ياركەند شەھرىدىكى مۇھىم بىر زىيارەتگاھ-تاۋاپگاھ بولۇپ كەلمەكتە ھەقلىق يۇسۇندا.
بىز مۇقام ئۇستازى، ئاتاقلىق ئالىمە ئاماننىساخان نەفىسىينى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلىگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇ بۈيۈك مومىمىزنىڭ ئىشەنچلىك تارىخىي خاتىرىلەر، مۆتىۋەر كلاسسىك ئەسەرلەر تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان ھايات كارتىنىسىنى ئىپتىخار ۋە ئېھتىرام بىلەن كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىز مۇمكىن:
ئاماننىساخان نەفىسىي بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپلا، مەرىپەتپەرۋەر ئاتا مەھمۇدنىڭ تەربىيەسى ۋە تەسىرىدە، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى، ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا ئىشتىياق باغلىغان تىرىشچان ئوقۇغۇچى، غايىلىك ئۆسمۈر بولۇپ، 13-14 ياشلارغا كىرگەن چېغىدا، ئۆزىنىڭ نەفىسىي تەخەللۇس بىلەن يازغان شېئىرىنى پەنجگاھ مۇقامىغا سېلىپ تەمبۇر بىلەن ئورۇنلاپ، ئۆز زامانىسىنىڭ شائىر پادىشاھىنى ھەيران-ھەسلىكتە قالدۇرغان. بۇ دەلىل-ئىسپاتنى چىقىش قىلىپ شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى، ئاماننىساخان نەفىسىي ئەمەلىيەتتە، 4-5 يېشىدىلا پۈتۈن-پۈتۈن شېئىرلارنى دېكلىماتسىيە قىلغان، 14-15 ياشلارغا كىرگەندە بولسا، نادىر ئەسەرلىرى بىلەن ئەل- جامائەتكە تونۇق ئۆسمۈر شائىر بولغان بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىيدىن ئۇدۇم ئالغان ئىقتىدار ئىگىسى ۋە تالانت ساھىبىدۇر.
ئاماننىساخان نەفىسىي ياركەند خانلىقىنىڭ ئىككىنچى پادشاھى سۇلتان ئابدۇررەشىد خانغا خانىش بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر تەرەققىيپەرۋەر پادشاھنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئوردىدىكى مۇزىكىشۇناس قەدىرخان ياركەندىي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلەپ مۇكەممەلەشتۈرگەن؛ ئۇ يەنە «ئىشرەتەڭگىز» (ھاياتنى جانلاندۇرۇش، ياشامنى گۈزەللەشتۈرۈش) ناملىق مۇقامنى ئىجاد قىلغان؛ «دىۋانى نەفىسىي» (نەفىسىي شېئىرلار توپلىمى)نى تۈزۈپ ئېلان قىلغان؛ شۇنداقلا، ئەخلاقشۇناسلىق ۋە مۇزىكانتلىققا ئائىت بولغان «ئەخلاقى جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق) ۋە «شۇرۇھۇل قۇلۇب» (قەلبلەر شەرھلىرى) قاتارلىق نادىر ژىرىك ئەسەرلارنى يازغان. ئەمدى، بىز مانا بۇ پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ شۇنداق باھا بېرىشكە ھەقلىقمىزكى، ئاماننىساخان نەفىسىي ئۇنداق بامداد نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا: «يوتقان سوغۇپ بولغىچە كىرىپ، ئۇخلىۋالسا ساۋاب بولىدۇ» دەپ چۈشكىچە ئۇخلايدىغان ھۇرۇن مۇسۇلمان ئەمەس ئىدى. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، سەھەر تورغايلىرىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرۈپ مۇقام ياڭرىتىدىغان ھارماس مۇزىكانت، گۈلزار بۇلبۇللىرىنىڭ زوقىنى قوزغاپ، كۆڭۈل جۇشقۇلىرىدىن شېئىر تۈزۈپ ئوقۇيدىغان شائىرە، يۈرىكىگە ۋەتەن-مىللەت ئارزۇسىنى پۈكۈپ، ئەۋلادلارنى تەربىيەلەيدىغان ھىدايەتكار ئەسەرلەرنى يازىدىغان مەسئۇلىيەتچان ئالىمە ئىدى. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ راھەتپەرەس خانىش بولۇشنى راۋا كۆرمەي، ۋەتەننىڭ ئەرتىسىنى، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆز زامانىسىدا نىسبەتەن چېچىلاڭغۇ ھالەتتە تۇرغان ئۇيغۇر مۇقام كۈيلىرىنى سىستېمىلاشتۈرۈپ، مۇقام تېكىستلىرىنى رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە ھالىتى بىلەن ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان ئەمگىكى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكا-سەنئەت تارىخىدا مىسلىسىز بۈيۈك پىر-ئۇستازدۇر.
ئەزىز قېرىنداشلار:
ناخشا، كۈي-مۇزىكا ئىنسانىيەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك يېشىل روھىي غىزاسىدۇركى، ئۇ ئىنساننىڭ روھىنى جانلاندۇرىدۇ، ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۆز ئانىسىنىڭ ئوغۇز سۈتى ئارقىلىق تۇنجى ماددىي غىزانى قوبۇل قىلسا، ئانىنىڭ ئاشۇ راھەتلىك ئۇيقۇ ئاتا قىلغۇچى يارقىن ئاھاڭ بىلەن ئوقۇغان ئەللەي ناخشىسىدىن تۇنجى ۋە ئەبەدىيلىك زۆرۈر بولغان مەنىۋى-روھىي ئوزۇق ئالىدۇ. شەكسىزكى، ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىيمۇ ناخشا ئوقۇشنى ئانىسىنىڭ ئەللەي ناخشىسىدىن ئۆگەنگەن؛ مۇزىكا-كۈي ئىجاد قىلىشتا بولسا، دادىسى مەھمۇد ئۇنىڭغا «ئاماننىسا» دەپ ئات قويۇشتىن بۇرۇن قۇلىقىغا چىللاپ تۇرۇپ ئوقۇغان يېقىملىق تەكبىرى ئەزاندىن ئەندىزە ئالغاندۇر. بامداد نامىزىغا، بەلكى ھەر قېتىملىق ناماز ئۈچۈن جامە مۇنارىلىرىدىن ياڭرايدىغان لەرزان-يېقىملىق ئەزان ئاھاڭىدىن ئىلھام ئېلىپ، «بەياد» (يادلاش، ئاللاھنى ياد ئېتىش)، «چەببەيات» (يەنى شەب بەياد: ئاللاھنى كېچىدە ياد ئېتىش) دېگەن مۇقاملارنى ئىجاد قىلغان؛ مەككە-مەدىنە ھەرەملىرىگە ھەج قىلىش قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ھەجچىلىرى، ئىراقنىڭ چۆلىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ غەزەل توۋلاپ، ناخشا ئوقۇپ، ئۆزلىرى يېڭىدىن ئىجاد قىلغان بۇ ناخشا-كۈيلىرىگە «چۆلى ئىراق مۇقامى» دەپ ئات قويغاندۇر. (قاراڭ: «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»، قوليازما، 24-بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982-يىل نەشرى)؛ ئەمگەكچان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەخسۇس ئەمگەك قوشاقلىرىنى توقۇپ، ئۇنى گۈزەل مۇقام ئاھاڭلىرى بىلەن جاراڭلىق ئوقۇپ، ئەمگەك مۇشەققەتلىرىنى يەڭگەن بولسا، تۇغۇت، توي-تۆكۈندەك شادىيانە ئىشلار ئۈچۈن، مەخسۇس شاتلىقنى ئىپادىلەيدىغان يارقىن-يېقىملىق ئاھاڭلار بىلەن ياڭرايدىغان توي ناخشىلىرىنى ئىجاد قىلىپ ئوقۇپ، تۇرمۇشلىرىنى جانلاندۇرۇپ، رەڭدار بېزەپ كەلگەن. ھەتتا ئۆلۈم-مۇسىبەت ئۈچۈنمۇ ھەسرەتلىنىش، قايغۇرۇش، ھازىدارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدىغان مۇڭلۇق ناخشا-كۈيلەرنى ئىجاد قىلىپ ئوقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي تەزىيە كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەپ كەلگەندۇر. ئەمدى، پەخىر-ئىپتىخارىمىز بولغان ئاماننىساخان نەفىسىي مانا مۇشۇنداق ئەقىدىلىك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھالال ئېغىز ئىجادىيەتلىرىنى خۇددى بۇغداي ئۈنچىلىرىنى تەرگەندەك بىردىن، بىردىن تېرىپ، جەۋھەر-گۆھەر توپلىغاندەك بىرمۇبىر توپلاپ، ئاخىرىدا بۈيۈك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى كۈي- تېكىستلىرى گەۋدىسىنى ھاسىل قىلغاندۇر.
روشەنكى، بۈيۈك بوۋىمىز ئەلىشىر غىياسۇددىن نەۋائىيدىن بىزگە مىليونلارچە خەتلىك يازما نادىر ئەسەر يادكار قالغان بولسا، بۈيۈك مومىمىز ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىيدىن ئون ئىككى ۋاقىت يىگىرمە تۆرت سائەتلىك ھەر بىر سوتكا ھاياتنىڭ مۇئەييەن پەيتلىرىدە، زوق-شوق بىلەن تەرەننۇم قىلىنغان ۋە ئەبەدۇلئەبەد تەرەننۇم قىلىنىدىغان ئۈچيۈز ئاتمىش ئاھاڭلىق گۈزەل كۈيلەر بىلەن ئۇنىڭغا جۆرە قىلىنغان نەچچە مىڭ بېيىتلىك ئاغزاكى ناخشا ئۆلۈمسىز ئەدەبىيات خەزىنىسى مىراس قالغاندۇر. ھالبۇكى، مۇشۇنداق تۆھپىكار، مۇشۇنداق مۆتىۋەر ۋە مۇشۇنداق بۈيۈك مومىمىزنى، شۇ قەدەر مۆھتەرەم ۋە شۇ قەدەر ئۇلۇغ ئالىمەمىزنى ھېچ بولمىسا، ئون يىلدا بىر نۆۋەت بولسىمۇ، خاس پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەشكە ھەقلىق ۋە مەجبۇرىيەتلىك ئەمەسمۇ بىز-ئەجەبا!
بىز بۈيۈك ئالىمە، بۈيۈك مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىينى خاتىرىلىگەن ۋاقتىمىزدا، ئاشۇ مۇقام رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن 16-ئەسىردىن تارتىپ، بىزمىڭ مۇشۇ زامانىمىزغىچە بولغان ئارىلىقتا، مۇقام خەزىنىمىزنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىگە كاپالەت قىلغان، ئۇنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە ھەقلىق رەۋىشتە يىلتىز تارتىشىغا ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشقان تۆھپىكارلىرىمىزنىمۇ تەشەككۇر تۇيغۇمىز بىلەن زىكىر قىلىپ تۇرىمىزكى:
ئۆز زامانىسىدا، خانىش ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى كۈيلىرى ۋە تېكىستلىرىنى رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن يېتەرلىك ئىمكانلارنى يارىتىپ بەرگەن، ئۇنى قوللىغان ۋە قوغدىغان زات مەرىپەتپەرۋەر شائىر، تەرەققىيپەرۋەر پادشاھىمىز سۇلتان ئابدۇررەشىد خاندۇر!
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى نەچچە مىڭ مىسرالىق مۇكەممەل تېكىستلىرى بىلەن، (خەت تونۇمىسىمۇ، نوتا بىلمىسىمۇ) ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئۇلاپ يادقا ئوقۇپ، يادقا ئورۇنلاپ، دەۋرىمىزگە يەتكۈزگەن گىگانت ئىنسان بۈيۈك ئۇيغۇر سەنئەتكارى، مۇقامشۇناس ئۇستاز تۇردى ئاخۇن كاشغەرىي ئاكىدۇر.
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى يوقىلىپ كېتىش گىردابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، نەچچە ئەۋلادتىن بۇيان مۇقامچىلىق بىلەن پېقىرانە ياشاپ كەلگەن مۇقام ئورۇنلىغۇچىلارنى ئىزدەپ تاپتۇرۇپ، مۇقام كۈيلىرى ۋە تېكىستلىرىنى زامانىۋى ئۈن-ئاھاڭ خاتىرىلىگۈچ ماشىنىلار ۋاسىتىسى بىلەن لېنتا-سىمغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈنالغۇلاشتۇرۇلۇشىغا ۋە نوتىلاشتۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغان زات تالانتلىق يازغۇچى، شائىر ۋە ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى سەيپىددىن ئەزىزىيدۇر.
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ تۇنجى قېتىم بەش سىزىقلىق نوتىغا ئېلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان ۋە بىۋاسىتە ئەمگەك سىڭدۈرگەن زات خەلق سەنئەتكارى ۋە ئۇستاز مۇزىكاشۇناس ۋەن توڭشۇ ئەپەندىدۇر.
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى بىلەن مۇقام ئاھاڭلىرىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك رەتلىنىپ، بەش سىزىقلىق نوتىسىنى، تېكىستلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئوقۇلغۇسىنى، يېشىمىنى، خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ۋە سۆزلۈك لۇغىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون ئۈچ توملۇق مۇكەممەل گىگانت ئەسەر بولۇشىنى ۋە ئۇنىڭ تۇنجى VCD ۋە DVD پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئىشلىنىپ تارقىتىلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن زات تالانتلىق يازغۇچى، شائىر ۋە داڭقلىق جامائەت ئەربابى تۆمۈر داۋامەت ئاكىدۇر.
مىلادىيە 2005-يىل 5-ئايدا، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى» (فورماتى 32 كەسلەم، 851 بەتلىك؛ كىتاب نومۇرى ISBN7-105-06934-1/J.547) ناملىق ژىرىك ئەسەر ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرىنىڭ ئېغىزاكى تەلەپپۇزلۇق شەكلى بىلەن ئاشۇ 16- ئەسىردىكى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسلىي شەكلىنى تۇنجى بولۇپ بىر كىتاب ئىچىدە كۆرسەتكەن، ئوقۇلغۇنى ئەسلىي يېزىق ئاساسىدا تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەن نادىر ئەسەردۇر.
2005-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ كومىتېتىنىڭ خاس قارار ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى «ئىنسانىيەت ئاغزاكى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» دەپ ئېلان قىلغانلىقى مۇقام تېكىستلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت سورۇنىدا پايدىلىنىش، ئېچىش، تەتقىق قىلىش ۋە قوغدىلىش بويىچە، ھەقلىق ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقىنىڭ مۇھىم دەلىلىدۇر.
ھېچ شەك يوقكى، شۇ قەدەر بۈيۈك مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ ساھىبى بولغان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ خاس مىللىي مەدەنىيەت ئابىدىسى بىلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقتۇر. خىرىس، ئىمكان ۋە ئىمتىھان ئىچىدە قايناپ تاشقان ۋە ئاداققىي بەسلىشىش ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى مەدەنىي رىقابەت دۇنياسىدا، خەلقىمىز، خۇسۇسەن ياش ئەۋلادلىرىمىز بۈيۈك ئون ئىككى مۇقام ئۆز گەۋدىسىگە مۇجەسسەم قىلغان مەنىۋى بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى ئوبدان بىلىشلىرى كېرەك. بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇقامى تېكىستلىرىنى تەتقىق قىلىشىمىزنىڭ، بىزنىڭ بۈيۈك ئالىمە، مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان نەفىسىينى چەكسىز غۇرۇر ۋە تويۇنغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇمىز بىلەن خاتىرىلىشىمىزنىڭ رېئال ۋە نەق ئەھمىيىتىمۇ دەل مۇشۇ يەردە!
2014-يىل 9- ماي، بېيجىڭ.
(ئىزاھ؛ بۇ نۇتۇق « تارىخى رەشىدىي» (1551-يىل)، «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن» (1850-يىل)، «تارىخى ئەمنىييە» (1903-يىل)، «تارىخى ھەمىدىي» (1908-يىل) «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىدىن-- ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى» (2005-يىل) ۋە «ئويغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» (2009-يىل) دېگەن ئەسەرلەردىكى بىلىكلەر ئاساسىدا تەييارلاندى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-10 09:06 AM