مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kashgari

مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھاب كىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103298
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 08:36:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى ، مەن سىزگە تۆۋەندىكى ماقالنى ھەدىيە قىلاي :

     ئۇسۇلنىڭ ناچىرى گاراھى ،مۇسۇلماننىڭ ناچىرى ۋەھھابى .

     اللەقا ئامانەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103298
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 06:43:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى زىۋانىڭىز چىقمايدىغۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 06:38:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە مەخپى، ئوچۇق سىرلارنى بىلىپ تۇرغۇچى -يەككە يىگانە ئۇلۇغ ئاللاھدۇر. ھەممە ماختاش ھەمدۇسانالار پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىمىزغا خاستۇر. مەن بۇرۇن بىرقانچە ماتېرياللاردىن مۇھەممەد ئەبنى ئالدۇلۋاھابنى ئەنگىيلىكلەر بىلەن بىرلىشىپ ئوسمانىيلار خەلپىلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغانلىقى سۆزلىندىكەن. بۈگۈن بۇ تېمىنى كۆرۈپ بۇرۇن بەكلا يۈزەكى پىكىر قىلغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. مەيلى بۇرۇن سۆزلەنگەن تارىخ ھەقىقەت بولسۇن ۋەياكى بۈگۈن تېمىدا سۆزلەنگەن تارىخ ھەقىقەت بولسۇن قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ «ئىسلام» دىن ئىبارەت بىرلىك بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، «قۇرئان» كەرىمنى ئۆزىمىزگە نۇرلۇق يول باشلىغۇچى چىراق قىلىپ ئۆتۈپ كەتسەك .بىزلەرگە پىكىرلىشىش، سېردىشىش سورۇنى ھازىرلاپ بەرگەن مىسرانىم مۇنبىرنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن، موھىمى «ئۇيغۇر» دىگەن مىللەت نامىمىڭزنىڭ ئەسلى خاسلىقىنى ھەقىقى نامايان قىلىپ، سەن ۋاھابى، مەن پۇستانچى ، پوكۇنچى دەپ بىر بىرمىزنىڭ دىلىغا، كۆڭلىگە ئازار بەرگەننىڭ ئورنىغا ئىلمىي پىكىرلىشىپ بىلمىگەننى سۆراپ بىلۋالساق، بىلگەنلەر بىلىملىرىنى كەڭ تۇرداشلاردىن ئايىمىسا، بىر بىرمىزنى ھۆرمەتلەپ، ئىززەتلەپ ئىناق-ئىتپاق ئۆتۈپ كەتسەك نىمە دىگەن ياخشى ھە!شۇڭا ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىش ئۆملۈكتە،كۈچ بىرلىكتە دەپ ئالتۇنغا تىگۈشكىسىز تەربىيۋى ئەھمىيتى زور بولغا ماقال-تەمسىللەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئەمەسمۇ قىرىنداشلىرىم. بىز قاچانغۇچە مەيلى دىننىي مەسلىلەردە بولسۇن ياكى كىشلىك تۇرمۇش، ئەخلاق ، ئىختىساد يەنە نۇرغۇن مەسلىلەردە بىرلىككە كىلەلمەي تىرىغتەك چىچىلىپ ياشايمىز؟

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103298
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 05:59:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

              سۈننى ئىسلامدىكى ۋاھابى ۋە سەلەفى ھەرىكەتلىرى

                                       بىلىمخۇمار
                          2014 -يىلى3-ئاينىڭ 27-كۈنى

       مەن ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا،بىز ئۆزىمىزنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى ھونلار بىلەن تۈركلەرگە باغلاپ چۈشىنەتتۇق. دىن جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سۈننى ئىسلامغا تەۋە ئىكەنلىكىلا تەكىتلىنىپ، ئۆزىمىزنى باشقا بىرەر مەزھەپ ياكى گۇرۇھلارغا باغلايدىغان، باشقا بىر گۇرۇھنىڭ يولىنى تۇتىدىغان ئىشلارنى مەن ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى بىر قانچەپارچە ماقالىسىگە چۈشكەن ئىنكاسلاردىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىشلىرىدا بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، بىر قىسىم يېڭى ھادىسىلەرۋۇجۇدقا كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىر قىسمى ئادەمنى ناھايىتى خۇشال قىلىدۇ، يەنە بىر قىسمى بولسا ئادەمنى ناھايىتى ئەنسىرىتىدۇ. مەن ئالدىنقى ماقالەمدەبەزى ۋاھابى يۈزلىنىشىگە تەۋە نەرسىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا باش كۆتۈرۈپ قېلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىمنى ۋە ناھايىتى ئەنسىرىگەنلىكىمنى تىلغائېلىپ ئۆتتۈم. ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئىشلار ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇئېچىندۇرىدۇ. مەسىلەن، ۋاھابى ھەرىكىتى 18-ئەسىردە پەيدا بولغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ۋاھابىلار قەغەز پۇل ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. ئەمما ۋاھابىلار 1951-يىلى يېڭى پەتىۋا چىقىرىپ، قەغەز پۇل ئىشلىتىشكە بولغان چەكلىمىنى بىكار قىلغان. بىراق، بەزى ئۇيغۇر موللىلار ھازىر، يەنى بۈگۈنكى كۈندە، «قەغەز پۇل ئىشلىتىش ھارام» دەپ پەتىۋا چىقىرىۋېتىپتۇ. ئۇيغۇرلار قايسى دەۋرگە قايتماقچى؟ بۇ ئىش سىزنى ئەنسىرەتمەمدۇ؟ مەنمۇ بىلىمەن، بۇنداق ئىشلار ھازىر بىر ئومۇملىشىپ كەتكەن ئىشلارئەمەس، ئايرىم ھادىسىلەر. ئەمما، بەزىدە ئايرىم ھادىسىلەر سەل قارىلىدىكەن، ئۇ بىرچوڭ بالايىئاپەتكە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.
       مەن يېقىندا تورلارغا «ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا ۋە ئاتتىلائىزم»دېگەن بىر پارچە بۇرۇن يازغان ماقالىنى چىقىرىپ قويدۇم. ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر قېرىندىشىمىز ئاتتىلانىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە دىققەت قىلىپتۇ: « ھەممىدىن مۇھىمى، ھەر بىر ھوندا ساداقەتمەنلىك بولۇشى كېرەك. پىكىرئىختىلاپىنىڭ ھەممىسى ساداقەتسىزلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر بىر ھون ئۆزقەبىلىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنپەئەتى ئۈچۈن سېنىڭ پىكرىڭگە قوشۇلمايدىكەن، سەن ئۇنىڭسۆزىگە قۇلاق سېلىشىڭ كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر بىر ھون ئۆز قەبىلىسىنىڭ مەنپەئەتىگە قارىمۇ-قارشى بولغان ئىشلارغا ئاكتىپ ھالدا قاتنىشىدىكەن، ياكى باشقىلارنى ئاشۇنداق قىلىشقا ئۈندەيدىكەن، بۇ ساداقەتسىزلىك بولىدۇ. بۇنداق ھونلار، مەيلى ئۇلار جەڭچى بولسۇن ياكى قەبىلە باشلىقى بولسۇن، ئەڭ تېز سۈرئەتتەيوقىتىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ساداقەتمەن ھونلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنىڭئىرادىسىنى بوشىتىش ئىقتىدارى بىر خىل يۇقما كېسەلگە ئوخشايدۇ. ساداقەتسىزھەرىكەتلەر ۋە پوزىتسىيىلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىچىمىزدىكىبىز قىلىۋاتقان ئىشلارغا نىسبەتەن «ھېچ بىر قىممىتى يوق ئىشلار» دېگەن پوزىتسىيىدەبولىدىغان، ھەمدە ئۇ ئىشلارنى ئاغدۇرۇۋېتىشنى ئويلايدىغان ئادەملەرنى قاتتىق چارەبىلەن كۆزىمىزدىن غايىب قىلىشىمىز كېرەك.»
        مېنىڭ مەزكۇر ماقالىنى يېزىشتىكى مەقسىتىم ھەرگىزمۇ ئالدى بىلەنۋاھابىچىلارغا «يامان» دېگەن قالپاقتىن بىرىنى كىيدۈرۈپ، ئاندىن ئۇنى ئىسپاتلاپچىقىش ئەمەس. ھەرگىزمۇ ۋاھابى ئېقىمىغا تەۋە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يامان، دېمەكچىئەمەسمەن. مېنىڭ مەقسىتىم پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋاھابى ھەققىدە بىر ئومۇمىيچۈشەنچە بېرىش. ئىسلام دىنى ئىچىدىكى ھەر خىل ئېقىملار ئىچىدە، ئېتىقادنى قانداقئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە ۋاھابىنىڭ بەزى ئېسىل تەرىپىمۇ بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇۋاھابىلارنىڭ ئىسلامنى چۈشىنىشنى بىۋاسىتە قۇرئاندىكى تېكىستلەر بىلەنپەيغەمبىرىمىزنىڭ تەلىماتى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىدۇر. مانا بۇۋاھابىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ۋاھابى ھەرىكىتىگە كىرگەن مۇسۇلمانلارنى ئەڭ جەلپقىلغان تەرىپىدۇر. بۇ يەردىكى گەپ، يۇقىرىقى ياخشى نەرسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدەراست ئىكەنلىكىدۇر. ئەگەر ئۇ راست بولسا، نېمە ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىكى داڭلىقئىسلام دىنى ئالىملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ۋاھابىزمغا قارشى تۇرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈنئۇلار ۋاھابىزمغا «ئىسلام مەدەنىيىتى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ قارايدۇ؟ۋاھابىزمنىڭ بىز بىلمەيدىغان زادى يەنە قانداق تەرەپلىرى بار؟ مەزكۇر ماقالىدا مەنئەنە شۇنداق سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن.
        مەن بۇ قېتىم كۆرگەن بەزى ئىشەنچلىك ماتېرىياللاردائاشكارىلىنىشىچە، ۋاھابىزمنى پەيدا قىلغان كىشىلەر ئەنگلىيىنىڭ قولى بىلەنقۇرئاننىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى ئۆزگەرتكەن. ئەنگلىيىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكىمەقسىتى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلار قەلبىدىكى تەسىرىنى يوق قىلىشئىكەن. مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەسىرى ئۆچتى،دېگەنلىك، نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ ھەقتە سىز ئۆزىڭىز ئويلىنىپ بېقىڭ. ۋاھابگۇرۇھىنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ، سىياسىي جەھەتتىن ئىزچىل يۆلەپ كەلگەن سەئۇدئائىلىسى 1750-يىللىرىدىن باشلاپ تاكى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىئاغدۇرۇلغۇچە ئەنگلىيىدىن مائاش ئالغان ئىكەن. ئىزچىل تۈردە ئەنگلىيە بىلەنھەمكارلىشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا خائىنلىق قىلىپ كەلگەنىكەن. بەزىدەھەتتا ھەقىقىي مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانىكەن. مەن بۇھەقتە ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا يەنە ئازراق توختىلىمەن.
        ئېتىقادنى قانداق ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدىن باشقا، ۋاھابىھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە يامان تەسىر ئېلىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىبارغانسېرى يامان تەقدىر تەرەپكە يېتەكلەپ كېتىۋاتقان تەرەپلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ بىرىۋاھابىنىڭ زامانىۋىلىققا ماسلىشالماسلىق، ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەنمەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالماسلىق مەسىلىسى. يەنە بىرى بولسا ۋاھابىغا تەۋەمۇسۇلمانلار بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە بولمىغان ئاساسىي ئېقىمدىكى مۇسۇلمانلار ۋە باشقابارلىق مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئىلمىي ۋەمەدەنىيەتلەشكەن ئىنسانلارغا خاس يول تۇتالماسلىق مەسىلىسى. ۋاھابىنىڭ بۇتەرەپلىرى ھازىر پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتىدۇ. ئىسلاممەدەنىيىتىنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىركۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھازىر سۈننى مۇسۇلمانلار، شىئە مۇسۇلمانلار، باشقامۇسۇلمانلار، خرىستىئانلار، يەھۇدىيلار، ۋە دۇنيادىكى باشقا خەلقلەرنىڭ ھەممىسىۋاھابىزمدىن ناھايىتىمۇ ئەنسىرەۋاتىدۇ. ۋاھابىلاردىن باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىۋاھابىزمغا نىسبەتەن «ئىسلام مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ قاراۋاتىدۇ.
         ۋاھابىدىن باشقا، ھازىر دۇنيادا ئۇنىڭ بىر يېقىن «دوستى» بولغان«سەلەفى ئېقىمى» مۇ مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئېقىم مۇنداق 2 ئالاھىدىلىككە ئىگە: (1)سەلەفى ئېقىمىنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن گۇرۇھلار بار. مەسىلەن، قوراللىق كۈرەشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار، تىنچلىق پەرۋەرلەر، سىياسىيدىن يىراق تۇرىدىغانلار، ۋەسىياسىيغا كىرىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار قاتارلىقلار. كېيىنكىسىنىڭ بىر مىسالى ھازىر مىسىردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان «مۇسۇلمانلار قېرىنداشلىق تەشكىلاتى» (Muslim Brotherhood) دىن ئىبارەت. مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋاھابىنى ياقلاش تەرەپدارى ئىكەن. مېنىڭ پەرىزىمچە بۇ ئۇيغۇرلار ھەقىقىي ۋاھابىزمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تولۇق بىلمەسلىكى، ھەمدە سەلەفى ئېقىمىدىكى بىر قىسىم ياخشى نەرسىلەرنىڭ تەسىرىگەئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. مەن بارلىق قېرىنداشلارنى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ساھەسىدە تۇتقان يولىنىڭ نېمە يول ئىكەنلىكى، ۋاھابى بىلەن سەلەفىنىڭ قانداق ياخشى تەرەپلىرى بارلىقى، ھەمدە قانداق زىيانلىق ۋە خەتەرلىك تەرەپلىرىمۇ بارلىقى ھەققىدە بىر قىسىم چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، مەزكۇر ماقالىدا ۋاھابى بىلەن سەلەفى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن. مېنىڭ نىشانىم بىر پۈتۈنلەي بىتەرەپ مەيدانىدا تۇرۇپ، ۋاھابى ۋە سەلەفىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش. مەن مەزكۇرماقالىدا مۇشۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمەن.
       مەن رەسمىي مەزمۇننى باشلاشتىن بۇرۇن، ئوقۇرمەنلەردىن تۆۋەندىكى بىرئىشقا دىققەت قىلىپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمەن. ئۇ بولسىمۇ ئىسلامدىكى ئوخشىمىغان  مەزھەپ ۋە گۇرۇھلار مەسىلىسى. مەن ئىسلامدا ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھەر خىل مەزھەپ ۋە گۇرۇھلارنىڭ بۆلۈنۈش ئەھۋالىنى ئۆزۈمنىڭ «ھازىرقى زامان مۇسۇلمان ئەللىرى قانداق شەكىللەنگەن؟» دېگەن ماقالىسىدە 9-رەسىم ئارقىلىق بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويغان ئىدىم. ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭغا قانچىلىك دىققەت قىلدى، ئۇنى بىلمەيمەن. ئاشۇرەسىم ۋە مەزمۇن مەزكۇر ماقالە بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، مەن ئۇ رەسىمنى بۇ يەرگە 1-رەسىم قىلىپ قىستۇرۇپ قويدۇم. بۇ رەسىمدە ئوخشىمىغان مەزھەپ ۋەگۇرۇھلارنىڭ ئىسمى ئىنگلىزچە بېرىلگەن بولۇپ، مەن قولىدىن كېلىدىغان ۋە قىلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلاردىن بىرسىنىڭ بۇ رەسىمنى ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلەپ، تورغايوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇر لاتىنچە يېزىقىنى ياكى ئىنگلىزچىنى بىلىدىغان قېرىنداشلار بۇ رەسىمنى ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈپ چۈشىنەلەيدۇ. گەرچەۋاھابى ۋە سەلەفىلار سۈننى ئىسلامنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولسىمۇ، بۇ 2 ئىسىم تۆۋەندىكى رەسىمدە يوق. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، بىر توپ مۇسۇلمانلار بىر ئايرىم دىنىي مەزھەپ ياكى دىنىي گۇرۇھ بولۇپ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تېئولوگىيىسى باشقا مۇسۇلمانلارنىڭكى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىشى كېرەك. تېئولوگىيەبولسا خۇدا ئۇقۇمى ۋە دىنىي ھەقىقەتنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى سىستېمىلىق ۋەراتسىئوناللىق (مۇۋاپىق) چۈشەنچىلەردىن ئىبارەتتۇر. ۋاھابى بىلەن سەلەفى سۈننى ئىسلام ئىچىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر بولۇپ، ئۇلار ئايرىم تېئولوگىيىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار ئايرىم دىنىي مەزھەپ ياكى ئايرىم دىنىي گۇرۇھ بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك، ھازىر ئىسلام دىنى سۈننى بىلەن شىئەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە سۈننى يەنە 4 تارماق مەزھەپ ياكى گۇرۇھقا، شىئە بولسا 15 گۇرۇھقا بۆلۈنىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنداق كۆپ بۆلەكلەرگە پارچىلىنىپ كېتىشى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر خىل پاجىئە. ئەمما بۇنداق ئىش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن تارتىپلا مەيدانغا كەلگەن. مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى بىر گۇرۇھنىڭ باشقا گۇرۇھلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكى ھازىرمۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ، بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇمەۋجۇت. يالغۇز ئۇلا ئەمەس، ئۇيغۇرلاردا دىنچىلار بىلەن پەنچىلەر، ۋە دىنچىلاربىلەن مىللەت پەرۋەرلەر ئوتتۇرىسىدىمۇ بۆلۈنۈشلەر مەۋجۇت. مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدەكېيىنچە بىر ئايرىم تېمىدا توختىلىشىم مۇمكىن. باشقا مۇسۇلمانلارغا ۋە باشقادىندىكىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيە مەسىلىسى ۋاھابىچىلارنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بىر مۇھىم ئامىل بولۇپ، مەن ئوقۇرمەنلەردىن مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇش جەريانىدا ئاشۇ نۇقتىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

file:///C:/Users/esidick/AppData/Local/Temp/OICE_080CD8A1-2077-48E5-BFF5-E29BD8CBACA4.0/msohtmlclip1/01/clip_image002.gif
1-رەسىم: مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى 2 چوڭ مەزھەپ ۋە نۇرغۇن كىچىك گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈش ئەھۋالى.
      مەن بۇ قېتىم پايدىلىنىدىغان ئاساسلىق ماتېرىيال «ئامېرىكا سۈننەت فوند جەمئىيىتى» (As-SunnahFoundation of America) [1-2] نىڭ تور بېتىگە قويۇلغان، تېمىسى «ۋاھابىزم: رادىكال ئىسلامنىڭ يىلتىزى بىلەن ئۆرنىكىنى چۈشىنىش» دەپ ئاتالغان بىر ئىلمىي ماقالە [3].بۇ فوند جەمئىيىتى 1997-يىلى ئامېرىكىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىسلام تەشكىلاتى بولغان«ئامېرىكا ئالىي دەرىجىلىك ئىسلام مەجلىسى» بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇئىسلام ئېتىقادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدا ئىش ئېلىپ بارىدىغان بىرتەلىم-تەربىيە تەشكىلاتى ئىكەن [2]. مەن بۇ ماقالىدا باشقا مەنبەلەردىنمۇ بىر ئازپايدىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ مەنبەلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ماقالىنىڭ ئاخىرىدا تولۇق بېرىمەن. يۇقىرىدىكى ماقالە بىر دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى شەكلىنى ئالغان ئۇزۇن ماقالە بولۇپ، مەن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى قىسقارتتىم، ھەمدە ئۇنىڭ مەزمۇنلىرىنى مەزكۇرماقالىغا ماسلاشتۇرۇپ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇردۇم.

1. ۋاھابىنىڭ يىلتىزى: 644-661-يىللىرىدىكى خاۋارىجلار
       ۋاھابىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ۋاھابىلارغا ئۈلگەبولغان بىر قىسىم تارىخىي ۋەقەلەرگە قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكىسى خاۋارىجلار ھەرىكىتىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرىدىن بولغان ھەزرىتى ئوسمان بىلەن ھەزرىتى ئەلى (پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۈيئوغلى) نىڭ ۋاقتىدا، ھەزرىتى ئەلى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكىدەمەشىقنىڭ ھاكىمى مۇئاۋىيە بىلەن خەلىپىلىك مەسىلىسىدە كېلىشتۈرمىچى بولۇپ خىزمەت قىلدى. بىر توپ كىشىلەر ھەزرىتى ئەلى بىلەن مۇئاۋىيە ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قىلغان بۇ ئىشنى «ھۆرمەتسىزلىك» دەپ ئەيىبلەپ، بۇ ئىشتا ئەڭ يۇقىرى نوپۇزغا ئىگەبولغىنى ئۇلار ئەمەس، بەلكى قۇرئان دەپ قارىدى. ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى مۇسۇلمانلارجەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتتى. بۇ گۇرۇھ كىشىلىرى «خاۋارىجلار» ياكى «خاۋارىج قوزغىلاڭچىلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ سۆز «چىقىپ كەتكەن كىشىلەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. خاۋارىجلار ئىسلام تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەڭ دەسلەپكى قارىغۇلارچەئەگەشكۈچىلەر (fanatics) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خاۋارىجلارنىڭ يېتەكچىسىنىڭ ئىسمى «ئەل-تامىمى» (Dhu’l-Khuwaysiraal-Tamimi) بولۇپ، بەزى ھەقىقىي (orthodox) سۈننى ئىسلام زىيالىيسىنىڭ دېيىشىچە،تامىمى ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدىنمۇ ئۈستۈن قويغان. بانۇ خەنىفە (Banu Hanifa) قەبىلىسىدىكى مۇسايلىما (Musaylima the Prevaricator) ئۆزىنى«پەيغەمبەر» دەپ ئاتاپ، ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوخشاش ئورۇنغاقويۇۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ يۇرتدىشى نافى ئىبن ئەل-ئەزراق (Nafi ibn al-Azraq) باش بولۇپ ئېلىپ بارغان خاۋارىجلار ھەرىكەتلىرىدە مىڭلىغان مۇسۇلمانلار ئۆلتۈرۈلگەن.
     خاۋارىجلارنىڭ ھەزرىتى ئەلى بىلەن مۇئاۋىيەنى «ھۆرمەتسىزلىك قىلىش»گۇناھى بىلەن ئەيىبلىگىنىگە ئوخشاش، كېيىنچە ۋاھابىلارمۇ سۈننى مۇسۇلمانلار بىلەنشىئە مۇسۇلمانلارنى ھۆرمەتسىزلىك گۇناھى بىلەن ئەيىبلىدى.

2. ۋاھابىلارنىڭ ئۆرنىكى -- ئىبىن تەيمىيەھ (1263-1328)
        ۋاھابىزمنىڭ قۇرغۇچىسىغا ئۈلگە بولغان يەنە بىر كىشى ئىبىن تەيمىيەھ(IbnTaymiyyah ، 1263-1328) بولىدۇ. تەيمىيەھ بىر قىسىم ئەقىدەۋە ئىبادەت مەسىلىلىرىدە سۈننى ئىسلامنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىن چەتنىگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان بىر داڭلىق زاتقائايلاندى.
       تەيمىيەھ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە، بولۇپمۇ ياش ئىسلاھات پەرۋەرئىنقىلابچىلار ئىچىدە «دەسلەپكى پاك مۇسۇلمانچىلىقنى ھەقىقىي تۈردە ساقلاپ قالغان كىشى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. ھەقىقىي سۈننىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بولسا ئۇنى«ئەيىبلەشكە تېگىشلىك ئىسلاھاتچى» (bid’ah) ياكى «ئازغۇن»، دەپ ئەيىبلىدى. يەنە بەزىلەر بولسا ئۇنى «كۇپپار»(kufr) دەپ ئەيىبلىدى. تەيمى يەھنىڭ سۈننىلەر ئىچىدە توقۇنۇش پەيدا قىلغان ۋە سۈننىلەرگە قارشى چىققان بىر قاتار ئىدىيىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار سۈرىيە بىلەن مىسىردا چەكلەندى.ئەمما باشقا مۇسۇلمان زېمىنلىرىدا مەخپىي ھالدا تارقىلىپ يۈردى. تۆۋەندىكىسى تەيمىيەھ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم قاراش ۋە دېگەن بىر قىسىم سۆزلەر:
--ئاللاھ مەلۇم بىر يارىتىلغان شەكىلگە ئىگە، دەپ قاراش (attributed God withcreated attributes)
--يارىتىلغان نەرسىلەر مەڭگۈ ئاللاھ بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى، دەپ قاراش (created things existed eternally with Allah)
--دىنى زىيالىيلارنىڭ ئاجرىشىش توغرىسىدىكى بىرلىككە كەلگەن قارارىغا قارشى تۇرۇش
--ھەقىقىي سۈننىلەرنىڭ تاۋاسسۇل (tawassul) نى يولغا قويۇشىغا، يەنى بىر ئۆلۈپ كەتكەن تەقۋادارنى كېلىشتۈرگۈچى ياكى ئوتتۇرىدىكى ۋاسىتە قىلىپ، ئاللاھتىن بىر نەرسە تىلىشىگەقارشى تۇرۇش
--دوزاختا كىشىلەرنىڭ ئازابلىنىشى مەڭگۈ داۋاملاشماي، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن توختايدۇ، دەپ قاراش
--ئاللانىڭ پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغان بىر چەكلىمىسى بار، دېيىش (Allah has a limit(hadd) that only He Knows)
--ئاللاھ بىر تەخت (al-Kursi) تە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يېنىدىكى يەرنى ئېلىپ قويغان، دېيىش
--مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسىنى تۇتۇش كۆپ خۇداغا ئىشىنىش (polytheism, shirk) بىلەن ئوخشاش، دەپ قاراش
--مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئاللاھتىن بىرياخشىراق سالاھىيەت تىلەشنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك ئىجادىيەت (reprehensible innovation)، دەپ قاراش
--ئاللاھ يەرگە چۈشىدۇ، دېيىش، ھەمدە ئۇنى ئۆزى مۇسۇلمانلارغا خۇتبەبېرىپ، مۇنبەردىن چۈشكەن ۋاقىتتىكى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرۇش
--بىرلا ئاللاھقا سەجدە قىلىشنى « تەۋھىد ئەل-رۇببىيا » (Tawhid al-rububiyya) بىلەن «تەۋھىدئەل-ئۇلۇھىيا» (Tawhidal-uluhiyya) دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىغان بولۇپ، سەلەف تەقۋادارلىرىھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلىپ باقمىغان.
      تەيمىيەھ موڭغۇللار باغداتنى بۇلاپ، 1258-يىلى ئابباسىيلارئىمپېرىيىسىنى بويسۇندۇرغان چوڭ قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدە ياشىدى. 1303-يىلى ماملۇك سۇلتانى ئۇنى بىر پەتىۋا چىقىرىپ، موڭغۇللارغا قارشى جىھاد قىلىشنى قانۇنلاشتۇرۇشقا بۇيرۇق بەردى. موڭغۇل پادىشاھى ماخمۇد غەزەن (Mahmoud Ghazan) 1295-يىلى ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغانىدى. ئەمما، تەيمىيەھ ئۈچۈن موڭغۇللارنىڭ ئىسلام قانۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئىجرا قىلمىغانلىقى، ھەمدە موڭغۇللارنىڭ«كاپىرلىق» ھېسابلىنىدىغان ياسا قانۇنىنى ئىجرا قىلغانلىقى ئۇلارنى قانۇنلۇق يوقىتىش نىشانى قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن جىھاد يولغا قويۇلۇپ، موڭغۇللارنىڭ سۈرىيىگە بولغان تەھدىتى يوقىتىلدى. ۋاھابىلار بىلەن سەلەفىلەر تاكى بۈگۈنكى كۈنگەكەلگۈچە ماخمۇد غەزەننى كاپىر ھېسابلايدۇ. ئەمما، ھەقىقىي سۈننى مۇسۇلمانلار بولساماخمۇد غەزەننى «مۇسۇلمان» دەپ مەدھىيىلەيدۇ.
       تەيمىيەھ بىلەن ۋاھابىلارنىڭ نۇرغۇن ئىشلاردىكى مەيدانى ئوخشاش.ئەمما، قىسمەن پەرقلەرمۇ بار. مەسىلەن، تەيمىيەھ سوپىزمنى بىر قانۇنلۇق ئىسلام ئىلمى، دەپ قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەقىقىي سۈننى مۇسۇلمانلارمۇ ھەم شۇنداق قىلىدۇ. ئەمما ۋاھابىلار ئۇنىڭغا «بىر ئەسكى ئىجادىيەت» دەپ، ئۇنى پۈتۈنلەي رەتقىلىدۇ. تەيمىيەھ بىلەن ھەقىقىي سۈننى مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەشنى قانۇنلۇق، دەپ ھېسابلايدۇ، ئەمما ۋاھابىلار بولسائۇنىڭغىمۇ «ئەيىبلەشكە تېگىشلىك ئىجادىيەت» دەپ قاراپ، ئۇنى پۈتۈنلەر بىكار قىلىشيولىنى تۇتىدۇ.
      1326-يىلى ھەنەفىي، ھەنبەلى، مالىكىي ۋە شافىئىيدىن ئىبارەت 4 سۈننىمەزھىپىگە تەۋە بولغان 4 نەپەر ھەقىقىي سۈننى ئىسلام سوتچىلىرى بىرلىكتە بىرپەتىۋا چىقىرىپ، تەيمىيەھنى تۈرمىگە قاماشقا ھۆكۈم چىقاردى. بۇ 4 سۈننى ئىسلاممەزھىپى بۈگۈنكى كۈنگىچە مەۋجۇت بولۇپ، مۇشۇ ئىشنىڭ ئۆزىلا تەيمىيەھنىڭ تەرغىب قىلغىنىئاشۇ 4 سۈننى مەزھەپلەر ۋەكىللىك قىلغان ھەقىقىي سۈننى ئىسلام تەلىماتلىرى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

3. ۋاھابىچىلارنىڭ پەيدا بولۇشى
     «ۋاھابىزم» دېگەن سۆز ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل-ۋاھاب(MuhammaedIbn Abdul-Wahhab، 1703-1792) نىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يىلتىزى ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ تۇتىشىدۇ. بۇ يەردىكى «سەئۇدى» دېگەن سۆز «سەئۇد» دېگەن ئادەمنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخى مۇنداق:
     ئەرەب يېرىم ئارىلىرىغا تارقالغان ئۇرۇقداشلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ ئىسمى سەئۇد بولۇپ، ئۇلار ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد شەھىرىگەيېقىن بولغان نەجد رايونىدىكى ئاد-دىرىياھ يېزىسىدا ياشايتتى. ئۇلار تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، سان جەھەتتىن تەدرىجىي ھالدا كۆپىيىپ، كېيىن سەئۇد تەبىقى سىبولۇپ شەكىللەندى. گەرچە ئۇلار ئاساسەن ئۆز ئالدىغا ئايرىم ياشىغان بولسىمۇ، ئۇلارھەرگىزمۇ ئىمپېرىيە قۇرغۇچىلاردىن ئەمەس ئىدى.
     ۋاھاب بولسا بانۇ تامىم قەبىلىسىدىن بولۇپ، ئۇ نەجدنىڭ ئۇيەينە (Uyayna) مەھەللىسىدىكى بىر تەقۋادار ئائىلىدە تۇغۇلدى، ھەمدە شۇ يەردە ئۆسۈپ چوڭ بولدى. ئۇ ئىسلام بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇيەينەدىن ئايرىلىپ، سەپەر قىلدى. ئۇ مەككە، مەدىنە، ئىراق ۋەئىرانلارغا بېرىپ، ئوخشىمىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بىلىم ئالدى. ئۇ ئوقۇپ بولۇپ يۇرتى ئۇياناھغا قايتىپ كېلىپ، يۇرتىدىكى كىشىلەرگە ئۆزىچە «ئەڭ پاك ئىسلام» دەپ قارىغان دىن بويىچە تەلىم بەردى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئېلىپ بارغىنى ئەنئەنىۋى سۈننى ئىسلامغا قاراتقان رەھىمسىز ھۇجۇملار ئىدى. ۋاھاب بىلەن سەئۇد بىرلىشىۋېلىپ،ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى «كۆپ خۇدالىق مۇسۇلمانلار» (polytheists) غا قارشى جىھاد قىلدى.
      ۋاھابنىڭ مەدىنە ۋە باشقا جايلاردىكى بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنىڭ سۈننىلەرگە قارشى ۋاھابىچە ئەقىدىسىدىن خەۋەر تېپىپ، مۇسۇلمانلارغا ۋاھابتىن يىراقتۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ۋاھابنىڭ ئۆز دادىسىمۇ ئۇنىڭغا قارىتا بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇردى. ۋاھابنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى سۇلايمان ئەينى ۋاقىتتىكى ھەقىقىي سۈننى زىيالىيلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ «ۋاھابىلارغا رەددىيەبېرىدىغان مۇقەددەس چاقماقلار» (Divine Lightnings in Refuting the Wahhabis) دېگەن كىتابنى يېزىپ، ۋاھابقا رەددىيە بەردى.
       ۋاھابنىڭ «ئاللاھنىڭ بىرلىكى ھەققىدە» (Book of Unity of God) دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىتابى بار بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى ۋاھابىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالدى.ئەمما ھەقىقىي سۈننى زىيالىيلار بۇ كىتابقا نىسبەتەن مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتتىن بولسۇن ئۇنىڭدا ھېچ قانداق زىيالىيلىق يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
       نەجد ئانچە مۇقەددەس ئەمەس بىر جاي بولۇپ، ھازىرغىچە مۇسۇلمانلارغائىش تېرىپ بېرىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ چىققان يەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاشۇ جايدىن چىققان، ئۆزلىرىنى «پەيغەمبەر» دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەردىن مۇسايلىما قاتارلىق 4ئادەم بار. داڭلىق خاۋارىج قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بىر قىسمىمۇ نەجدتىكى بانۇ تامىمدىن چىققان.
      سەئۇد ئالدى بىلەن ئۆز قەبىلىسىنىڭ ۋاھابىلىرىنى باشلاپ، نەجدنىڭ بارلىق كەنت-يېزىلىرىدىكى «كۆپ خۇدالىق يارىماسلار» دەپ قارالغان كىشىلەرنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. ئۇلار قەبرىلەر ۋە باشقا نەرسىلەرنى چېقىپ، ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى تەدرىجىي چوڭايتىپ، 1765-يىلىغا كەلگەندە نەجدتىكى كىشىلەرنى ئاساسەن«ۋاھابىزم» دېگەن بايراق ئاستىغا يىغىپ بولدى. ۋاھابىزمچىلار ئېلىپ بارغان ھۇجۇم بىلەن جىھاد 1765-يىلى سەئۇد ئۆلگەندىن كېيىنمۇ توختىمىدى. سەئۇدنىڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز بىر تەۋرەنمەس ۋە رەھىمسىز قوشۇننى باشلاپ، يېڭى زېمىنلارغا قاراتقان جىھاد ئۇرۇشلىرىنى توختاتمىدى. ئۇلار 1773-يىلى رىيادنى ئىشغال قىلدى. ۋاھاب1772-يىلى ئۆلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ 4 ئوغلى سەئۇدلار ئائىلىسى بىلەن بىرلىشىپ ۋاھابىزمنى تارقىتىشنى توختاتمىدى. 1801-يىلى، 10 مىڭ كىشىلىك ۋاھابى ئارمىيىسى6000 تۆگە بىلەن ئىراقنىڭ كەربالا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىردى (كەربالا باغداتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى باغداتتىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەرگە جايلاشقان). شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن ئۇلار 8 سائەت قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، يەرلىك ئاھالىدىن 5000 ئادەمنى رەھىمسىزلەرچە چاناپ ئۆلتۈردى. ئۇلار يەنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەزرىتى ئىمام ھۈسەيىننىڭ قەبرىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ، شەھەرنى بۇلاپ،ناھايىتى قاتتىق ۋەيران بولغان شەھەردىن 200 تۆگىگە يۈكلەنگەن مال-دۇنيا بىلەن ئايرىلدى. بۇ چوڭ قىرغىنچىلىق سۈننى ۋە شىئە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ئەپۇ قىلىشقابولمايدىغان دەرىجىدىكى غەزەپ بىلەن ئۆچمەنلىكنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇلارمۇشۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاھابىلارغا تاكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە قاتتىق لەنەت ئوقۇيدۇ. شىئە مۇسۇلمانلار ئىمام ھۈسەيىننى ئەڭ ئۇلۇغ زاتلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ قەبرىسىنى بولسا يەر شارىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايلارنىڭ بىرى ھېسابلايدۇ. ھازىر ھەريىلى مىڭلىغان شىئەلەر ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ قەبرىسىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىنى خاتىرىلەيدۇ. ۋاھابىلار شىئەلەرنىڭ ئاشۇنداق لەنەتلىرىگە پەرۋا قىلىپ قويمايدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار سۈننىلەر بىلەن شىئەلەرنىڭ تاۋاسسۇل (tawassul) بىلەن تاباررۇك (tabarruk) نى يولغا قويغانلىقىغا «مۇقەددەسنەرسىلەرگە بىھۆرمەتلىك قىلىش» دېگەن قالپاقنى كىيدۈرىدۇ. گەرچە ۋاھابىلارئۆزلىرىنى «سۈننىلەر» دەپ ھېسابلىسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ سۈننىلەرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ.

4. ۋاھابىلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەنگلىيىنىڭ قوشقان تۆھپىسى
      مەن بۇ قېتىم مەزكۇر ماقالە ئۈچۈن ماتېرىيال ئىزدەش جەريانىدا،ئىراننىڭ ئىنگلىزچە چىقىرىلىدىغان «تېھران دەۋر گېزىتى» (Tehran Times) گە2013-يىلى 16-ئىيۇن كۈنى بېسىلغان بىر پارچە ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بۇ گېزىت1979-يىلىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىنلا تەسىس قىلىنغان ئىكەن. ئۇ ماقالىنىڭ تېمىسى«ۋاھابىزم ئىسلام مەدەنىيىتىگە بولغان بىر چوڭ تەھدىت» بولۇپ [4]، ئۇنىڭداتۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار بېرىلگەن (قىسقارتىلمىسى):
ئەنگلىيە ئوتتۇرا شەرققە ئەۋەتكەن خەمفەر ئەپەندى (Mr. Hempher) نىڭ ئەسلىمىسى قاتارلىق نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ۋاھابىزمنى ئەنگلىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مۇستەملىكە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان «ئەنگلىيە جەنۇبىي ئىشخانىسى» ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. 1710-يىلى جەنۇبىي ئىشخانىغا مەسئۇل بولغان مىنىستىر (secretaryof state) مىسىر، ئىراق، ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ئىستانبۇلغا كەسپىي جاسۇسلاردىن 10 كىشىنى ماڭدۇردى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ماجىرائۇرۇقلىرىنى تېرىش ۋە ئەنگلىيىنىڭ مۇسۇلمان ئەللىرىگە خوجايىنلىق قىلىش ھوقۇقى يۈرگۈزۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىش بولدى. بۇ 10 جاسۇسلارنىڭ بىرى خەمفەر بولۇپ، ئۇ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش چارىسىنى تېپىش مەقسىتىدەئىستانبۇلغا كەلدى. ئۇ ئۆزىنى «مۇھەممەد» دەپ تونۇشتۇرۇپ، بىر ھەنەفىي (Hanafi) زىيالىيسى ئۆتكەن قۇرئان ۋە شەرىئەت ھەققىدىكى دەرسلەرنى ئالدى. ئۇ تۈرك تىلى بىلەن ئەرەبتىلىنى پۇختا ئۆگىنىپ، لوندونغا قايتتى. ئارىلىقتا 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ بەسىرە(Basra) گە كېلىپ،ئىبىن ئابد ئەل-ۋاھاب بىلەن دوست بولدى. خەمفەر ۋاھابدىن پايدىلىنىپ ئۆزپىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرى ۋاھابىزمنىڭ مۇستەملىكىچىلەر مەزھىپىنى قۇرۇپ چىقتى. خەمفەرنىڭ دېيىشىچە، ۋاھاب مۇسۇلمان زىيالىيلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قۇرئان بىلەن سۈننەتنى ئىجرا قىلىشتا تۇتقان يولىغا قاتتىق نارازى بولۇپ، ئىسلامغانىسبەتەن ئۇنى ھېچ قانداق كۆزگە ئىلماسلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتقان.
       ئىسلامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرىدە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلامدا73 مەزھەپنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 72 مەزھەپ يالغان بولۇپ،قوبۇل قىلىنمايدىغان مەزھەپ بولىدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان بىر پەرەزنى ئالدىن ئالائوتتۇرىغا قويغانىدى. ھازىر ھەر خىل مەزھەپتىكى نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلەر پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامغا بەرگەن چۈشەندۈرۈشى توغرا بولۇپ، ھەقىقىي ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارىماقتا. ئەلۋەتتە، ھازىر ئىسلامنىڭ ئومۇمىي ۋە تۈپ پرىنسىپلىرىغانىسبەتەن پىكىر بىرلىكىگە ئىگە بولغان مەزھەپلەرمۇ بار، مەسىلەن، ھەنەفىي،ھەنبەلى، مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھەپلىرى. بۇ مەزھەپلەر ھېچ قانداق مەسىلە يوق ھالدا بىرلىكتە ياشاپ كېتىۋاتىدۇ.
       ۋاھابىزم ئومۇمەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىچىدىكى بىر ھەرىكەت.1-دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، ئوسمانلىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەنگلىيەئابدۇلئەزىز ئىبىن سەئۇد بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپ1915-يىلى «دارىن كېلىشىمى» گە ئىمزا قويدى. شۇنىڭ بىلەن سەئۇد ئۆيى (House of Saud)كونتروللۇقىدىكى زېمىنلار ئەنگلىيە قوغدايدىغان زېمىنلارغا ئۆزگەردى. ئابدۇلئەزىز18-ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ نەجد رايونىنى سورىغان مۇھەممەد ئال سەئۇدنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، شۇنداقلا ۋاھابىزمنى قۇرغان مۇھەممەد ئىبىن ئابد ئەل-ۋاھابنىڭ دوستى ئىدى. ئۆز قەبىلىسى ئۈچۈن ۋاھابىزمنى تاللىغان ئەڭ دەسلەپكى كىشى مۇھەممەد ئەلسەئۇد ئىدى.
       ئەنگلىيە كېلىشىمگە ئەمەل قىلىپ، ئابدۇلئەزىزگە ھەر ئايدا ئەنگلىيەپۇلىدىن 5000 فوند ستېرلىڭ بەردى، ھەمدە ئۇنى ناھايىتى زور مىقداردىكى ھەربىي قورال-ياراق بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، ئوتتۇرا ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلىپ، 1927-يىلىغىچە مەككە بىلەن مەدىنەنىمۇ ئىگىلىۋالدى. 1927-يىلى20-ماي كۈنى، لوندون «دارىن كېلىشىمى» نىڭ ئورنىغا «جەدداھ كېلىشىمى» نى تۈزۈپ،سەئۇد چاڭگىلىغا چۈشۈرگەن زېمىنلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلدى. ئەنگلىيىنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى بىلەن، 1932-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستان قۇرۇلدى.
      شۇنداق قىلىپ، ئەنگلىيە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئۆز قولى بىلەن بىرھاكىمىيەت قۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى ئۆزلىرىدىن مائاش ئالىدىغان بىر قورچاق باشلىققاتۇتقۇزۇپ، سەئۇد ئۆيىنىڭ ۋاھابى ئىدىيىلىرى بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۈشمىنىنى تارمار قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز مەنپەئىتىنى قوغدىدى.ئابدۇلئەزىز بولسا سەئۇد ئۆيىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئۆزچاڭگىلىغا كىرگۈزۈش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئەنگلىيە ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ دەسلىپىدىن باشلاپلا ئابدۇلئەزىزنىڭ ئۇستازى بولۇپ، كېيىنچە سەئۇدى پادىشاھلىرى بۇخىل مۇناسىۋەتنى يوشۇرۇپمۇ ئولتۇرمىدى.
ۋاھابىزمنىڭ تارىخى يالغۇز مۇشۇلا ئەمەس. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ئىسلامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرىدىن باشلاپلا، نۇرغۇن كىشىلەر مۇسۇلمانلارنى پارچىلاپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھلى ئەل-بەيت (Ahl al-Bayt) تىن ئىبارەت بارلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەددىيە بېرىشكە ئۇرۇندى. ۋاھابىلار ھازىريەنە شۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، ھەمدە شىئە ئىسلامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇقەددەسلىكىگە بى ھۆرمەتلىك قىلىۋاتىدۇ. يەنى، باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ۋاھابىلار ھازىر تۇتقان يول بىلەن ئەڭ دەسلەپكى ئىسلام دەۋرىدە ئۇمەۋىي (Umayyad) لەرتۇتقان يول ئوخشاش. ئۇ بولسىمۇ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ پاك ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەسىرىنى ئىسلام مەدەنىيىتىدىن چىقىرىۋېتىش. بۇ ھەتتا ۋاھابىلار بىلەن ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانىمۇ ئەمەس. ۋاھابىلارنىڭ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەسىرىنى ئىسلام مەدەنىيىتىدىن تازىلىۋېتىشتىن مەقسىتى پۈتۈن ئىسلامنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرىنى يوقىتىۋېتىشتۇر. ۋاھابى ھەرىكىتىنىڭ مۇشۇنداق مەقسىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئاساسلار بار. ۋاھابىلارنىڭ بۇ ساھەدە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ بىرى، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئائىلىسى ھەققىدە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىش. ئەمەلىيەتتە بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەڭ ياخشى ۋەكىللىك قىلالايدىغان كىشىلەردۇر.
خەمفەر ۋاھابقا بەرگەن تەكلىپلەرنىڭ ئىچىدە، قۇرئاندىكى بىر قىسىم ئايەتلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا يالغان گەپلەرنى كىرگۈزۈش ئىشىمۇبار. خەمفەر ۋاھابدىن يەنە كىشىلەرنىڭ مەككىگە ھەج قىلىشقا بېرىشىنى توسۇش، ۋەمەككىدىكى بەيتۇللاھنى چېقىۋېتىشنىمۇ تەكلىپ قىلغان. خەمفەر جەمئىي 12 ئىشنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ۋاھاب ئۇنىڭ ئىچىدىكى 10 تەكلىپنى ئىجرا قىلغان، ئەممايۇقىرىقى 2 ئىشنى رەت قىلغان. سەۋەبى، ۋاھاب ئۇنداق ئىشلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. خەمفەرنىڭ پىلانى ئىسلامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرىدەبەزى كىشىلەر ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ئەھلى ئەل-بەيت (Ahl al-Bayt) نى ئىسلام مەدەنىيىتىدىن تازىلىۋېتىش پىلانى بىلەن ئوخشاش.

5. ۋاھابى بىلەن سەلەفىنىڭ مۇناسىۋىتى
          ۋاھابىلار ئۆزلىرىنى «ھەقىقىي سۈننىلەر» دەپ ئاتايدىغان بولغاچقا،ۋاھابىزمنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئۇنىڭ ھەقىقىي سۈننى ئىسلام بىلەن بولغان پەرقىنى ئاسانلىقچە پەرق ئېتەلمەيدۇ. ھەممە ۋاھابىلار سۈننى مۇسۇلمانلار بولۇپ، ھەرگىزمۇسۈننى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ۋاھابىلار ئەمەس. ئەگەر سىز ۋاھابىلاردىن «سەن ۋاھابىمۇ؟» دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار دەرھاللا «ياق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارئۆزلىرى ئىشىنىدىغان ۋە ۋەكىللىك قىلىدىغان نەرسە «ئەقىدىنىڭ پاكلىقى ۋە يالغۇزئاللاھنىلا ھۆرمەتلەش، پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدىكى ئىسلامنى بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملاش تۇرۇپكەلگەن ھەقىقىي ۋارىسچىلار» بولۇپ، بۇلار ۋاھابىلارنىڭكىدىن پەرقلىق، دەپ ئويلايدۇ. ئۆزلىرىنىڭ «ۋاھابىلار» دەپ چاقىرىلىشىنى بىر خىل ھاقارەت، دەپ ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنى «ۋاھابىلار» دەپ ئاتاش ئۇلار قوبۇل قىلغان ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ قۇرئان بىلەن سۈننەتتىن ئىبارەت ئىسلامنىڭ ئىككى ئۇلۇغ مەنبەسىدىن ئەمەس، پەقەت«ۋاھاب» دېگەن بىر ئادەمدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ چۈشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قانداق ئويلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئەگىشىۋاتقان ئىدىيىلەر ھەقىقىي ئىسلام مەنبەلىرىدىن كەلگەن بولماستىن، بەلكى 1700-يىللىرىدىكى ۋاھابنىڭ ئىسلامنى خاتاچۈشەندۈرۈشىدىن كەلگەن. سۈننىلەر بىلەن ۋاھابىلاردىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەر ئۇلارنى ھەقىقىي سۈننىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا «ۋاھابىلار» دېگەن نامنى بەرگەن.
      ئىسلام تارىخىدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇپ ياشىغان1-ئەۋلاد مۇسۇلمانلار (يەنى ساھابىلەر) بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ ساھابىلەرنىڭ يولىنى تۇتقان 2- ۋە 3-ئەۋلاد مۇسۇلمانلىرى قوشۇلۇپ «سەلەف» (Salaf) دەپئاتىلىدىغان بولۇپ، پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەرنى پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل مۇسۇلمانلار، دەپ ماختىغان ئىدى. ۋاقىت جەھەتتىن سەلەفلار دەۋرى ھىجرىيەكالېندارى باشلانغاندىن كېيىنكى، يەنى 622-يىلىدىن كېيىنكى 300 يىل ۋاقىتنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. سەلەف مۇسۇلمانلىرى ئېتىقاد قىلغان دىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ پاك شەكلىگە ۋەكىللىك قىلغاچقا، سەلەف مۇرىتلىرىنىڭ ئىزىدىن مېڭىش سەلەف دەۋرىدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئارزۇسى بولۇپ كەلدى.
      ھەقىقىي (orthodox) سۈننى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى سەلەف دەۋرىدىن كېيىن پاك ئىسلامنى ساقلاپ كەلگەن كىشىلەر دەپ ھېسابلايدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، سەلەف دەۋرىدىن كېيىن، دەسلەپكى مۇسۇلمانلارنىڭ توغرا ئىسلام يولى دىنى زىيالىيلارنىڭ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تولغان، سىستېمىلىق ۋە مېتودولوگىيىلىك ئۇسۇللىرى بىلەن ساقلاپ قېلىندى، ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. شۇڭلاشقا ھەقىقىي سۈننىمۇسۇلمانلارنىڭ يىلتىزى سەلەفلارغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا سەلەفلارئېتىقاد قىلغان توغرا ئىسلام ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 1-رەسىمدىكى 4 سۈننىئىسلام مەزھەپلىرى تەرىپىدىن نامايان قىلىنماقتا.
     مەن بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرگە مۇنداق بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ قويۇشنىمۇۋاپىق كۆردۈم: مەن پايدىلانغان 3-نومۇرلۇق مەنبە بىلەن مەن مۇشۇ ماقالىنىڭ9-قىسمىدا تونۇشتۇرىدىغان ياسىر قازىنىڭ سۆزلىرىدە ماتېماتىكىنىڭ ئىشلىتىلىشى سەلنورمالسىز ئىكەن. يەنى ئۇلار بىر يەردە «سەلەف ئىسلامنىڭ دەسلەپكى 100 يىلىنى ياكىدەسلەپكى بىر ئەۋلادنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېسە، يەنە بىر يەردە «دەسلەپكى 300يىلنى، ياكى دەسلەپكى 3 ئەۋلادنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دەپتۇ. شۇڭلاشقا مەن ئۇيەردىكى ئۇچۇرلارنى بىر قانچە قېتىم تەكشۈرۈپ، بۇ ئىككىسىدىن قايسىسىنى تاللاشھەققىدە يەنىلا بىر قارارغا كېلەلمىدىم. شۇڭلاشقا مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ئىشتىنخەۋەر تېپىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
     ئۆزلىرىنى ھەقىقىي سۈننىلەردىن پەرقلەندۈرۈش، ھەمدە ئۆزلىرىنى سەلەفلەرنىڭ ۋارىسچىلىرى، دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، ۋاھابىلار ئۆزلىرىنى «سەلەفىلەر»دەپ ئاتىۋالغان. مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى «ھەقىقىي ئىسلامنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرى»دەپ نامايان قىلماقچى بولغان. جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ۋاھابىلار پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىچىدىلا مەۋجۇت بولۇپ، سەلەفىلەر بولساپۈتۈن مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا تارقالغان.

6. ۋاھابى-سەلەفىلەرنىڭ ھەقىقىي سۈننى مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان پەرقى
        ۋاھابى-سەلەفىلەر سۈننىلەرنىڭ مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تۇتۇپ كەلگەن يولى پۈتۈنلەي خاتا، دەپ قاراپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ قەلبىدەسەلەف دەۋرىدىن باشلاپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىپەرۋالىق ھالىتى (jahillliyya) دىن ئازادقىلىشنى ئويلايدۇ. بۈگۈن ئەگەر كۆپ سانلىق سۈننىلەر ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، پۈتۈندۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سوزۇلغان بىر ئىمپېرىيىنى باشقۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، سەلەفىلەر ئۈچۈن بۇ يەنىلا بىر مەغلۇبىيەت ھېسابلانغان بولاتتى. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى، سەلەفىلەرنىڭ نەزىرىدە، بۇنداق بىر سىياسىي سىستېما ئەيىبلەشكەتېگىشلىك ئىجادىيەت (reprehensible innovation, bid’a) بىلەن كۇپپارلىقنىڭ ئاساسىغا قۇرۇلغان بولاتتى.
       سەلەفىلەر ھازىرقى دۇنيادىكى بىر ئاز سانلىقلاردۇر. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىسلام تارىخىدا باشتىن-ئاخىر نامايان قىلىنغان ئىسلام ھەقىقىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى  ۋە كۈچى بۇلغىنىشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، سۈننى ئىسلام بۇ جەھەتتە مۇسۇلمان ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىن كېيىنكى ياۋروپا زومىگەرلىك ھوقۇقىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن ئوخشاش. سەلەفىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ دۇنيا كۇپپارلار ياشايدىغان جاي بولۇپ، ئۇنىڭغاكاپىرلار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭدا كاپىرلار ياشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرزوراۋانسىز ۋە زوراۋانلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىپ، بىر ئاتالمىشدۇن ياۋى پاك ئىسلام سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلغان ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيىتى مەۋجۇت.
       ھەقىقىي سۈننىلەر يەرلىكتە ياتقان بىر تەقۋادار ئادەم ياكى بىرەرنەرسە (تاباررۇك) نى ئوتتۇرىدىكى ۋاسىتە قىلىپ، ئاللاھتىن بىرەر نەرسىنى تىلەيدۇ،بۇ «تاۋاسسۇل» قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ، ياكى ئۈستىگە قۇرئاندىكى ئايەتلەر يېزىلغان تۇمارلار بىلەن ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەيدۇ. ئەمما ۋاھابىلار بۇنداق ئىشلارنى«شېرىكلىك قىلىش» دەپ ئەيىبلەيدۇ. ۋاھابىلارنىڭ نەزىرىدە بىر نەرسىنى ۋاسىتە قىلىپ ئاللاھتىن بىر نەرسىنى تىلەش ئاشۇ ۋاسىتىگە سەجدە قىلغانلىق بىلەن ئوخشاش. بۇ خىل ئەھۋال مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ، ئاللاھتىن بىر نەرسىنى تىلىگەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. ۋاھابىلار ئاشۇنداق مۇسۇلمانلارنىمۇ «پەيغەمبەرگەسەجدە قىلدىڭ» ، دەپ ئەيىبلەيدۇ، ۋە بۇنداق ئىشلارغا قەتئىي يول قويمايدۇ. مۇشۇسەۋەبتىن ۋاھابىلار «كۆپ خۇداغا چوقۇندى» دېگەن بانا بىلەن ئەرەبىستاندا نەچچە مىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
      ۋاھابىلار ھەقىقىي سۈننىلەرنى «كۆپ خۇدالىق شېرىكلەر» دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىللە، ئۇلار ئۆزلىرى ئاللاھ تۇرىدىغان بىر جاي بار، كېلىدىغان بىر يۆنىلىش بار، دەپ قارايدۇ.
     مەسىلەن، ۋاھابى يازغۇچىسى بىلال فىلىپس (Bilal Philips) مۇنداق دېگەن: «ئاللانىڭ بەدىنى يوق، ئەمما ئۇ شەكىلسىز روھمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۆزقەدرى-قىممىتىگە ماس كېلىدىغان، ئادەملەر قەتئىي كۆرۈپ باقمىغان ياكى تەسەۋۋۇرقىلىپ باقالمىغان شەكلى بار بولۇپ، ئۇنى پەقەت جەننەتتىكى كىشىلەرلا (ئادەملەرنىڭ چەكلىمىسى دائىرىسى ئىچىدە) كۆرەلەيدۇ.»
     ئۆلۈپ كەتكەن ۋاھابى زىيالىيسى مۇھەممەد سالىھ (Muhammad Salehal-Uthaymeen) مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا ئاتالغان بىر تەختنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇتەختتە ئاللاھ ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»
ھەقىقىي سۈننىلەر ئاللانىڭ يۆنىلىشلىرى بىلەن ماكانلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. سۈننىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئاللاھ بىر ماكانغا ئېھتىياجسىز ھالدا ھەممەۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ، بىر ماكاننى ئۆزى يارىتىپ، ئاندىن ئۇ يەرنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىۋالغان ئەمەس. بۇ جەھەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن باشقا ھەقىقىي سۈننىلەرنىڭ چۈشەنچىسى ئوخشاش. سەلەف دەۋرىدەياشىغان ئۇلۇغ ئىجتىھاتلىق (mujtahid) ئىمام، ئىمام ئەبۇ خانىفاھ (Imam Abu Hanifah) مۇنداق دېگەن: «ئاللانىڭ چەكلىمىسى يوق.» ھەقىقىي سۈننىلەر ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىدىيەمانا مۇشۇ.
ۋاھابى-سەلەفىلەرنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى باشقىلىرىغا قارىغاندا ئاشقۇنلۇقنى بەكرەك تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرقلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى تەقۋادار ئەجدادلارنى ئۈلگە قىلغان ئاساستا كۈچەيتىشتەقوللىنىدىغان ۋاسىتىسىدىن كېلىپ چىققان. ھەممە ۋاھابىلار سەلەفى بولۇپ، ھەممەسەلەفىلەر ساپ ۋاھابىلاردىن ئەمەس. «سەلەفى مۇسۇلمانلار» سەيىد قۇتۇبقا ئوخشاش كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، سەيىد قۇتۇب ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى ئاتالمىش دىنغا سۇس قاراش ھالىتىنى تازىلاپ، مۇسۇلمانلارنى سەلەف دەۋرىدىكى پاكلىققا قايتۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئەمما، مەيلى ۋاھابىلار بولسۇن ياكى قۇتبىلار بولسۇن، سەلەفى مۇسۇلمانلار بۈگۈنگىچە ھەر خىل ئىنقىلابچىلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان ۋاھاب بىلەن تەيمىيەھنىڭ تۆھپىسىنى ھەددىدىن زىيادە كۆككە كۆتۈرىدۇ. شۇڭلاشقا،گەرچە ھەممە سەلەفىلەر ۋاھابىلار بولمىسىمۇ، سەلەفىلەر بىلەن ۋاھابىلار ئوخشاش كىشىلەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈلگە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈلگىلىرى يالغاندىن ھەقىقىي ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلغۇچى بولۇۋالغانلىقى ئۈچۈن بارلىق ھەقىقىي سۈننى زىيالىيلىرىنىڭ ئورتاق رەت قىلىشى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان كىشىلەردۇر.
   
ئىلاۋە:
       مەن مۇشۇ يەردىكى مەزمۇنلارنى ئالغان 3-نومۇرلۇق مەنبەدە دۇنياغا تونۇلغان، ھەمدە ۋاھابىزمغا رەددىيە بېرىپ كىتاب ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان ھەقىقىي سۇننى زىيالىيلارنىڭ بىر تىزىملىكى، يەنى ئۇلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئېلان قىلغان كىتاب-ماقالىلىرى، بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ تىزىملىك ئامېرىكىنىڭ ئۆلچەملىك ھۆججەت قەغىزىدە 5 بەتتىن ئارتۇق كېلىدىكەن. مۇشۇ ساھەدەئىزدىنىش ئېلىپ بارماقچى بولغان قېرىنداشلار ئۈچۈن بۇ بىر ئىنتايىن مۇھىم تىزىملىك، دەپ ئويلايمەن.
     سەلەفى گۇرۇھلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرقلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇلارزوراۋانسىز ۋە زوراۋانلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز-ئارابىرلىشىۋالدى. مەسىلەن، 1950- ۋە 1960-يىللىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىق تەشكىلاتى مىسىرنىڭ ناسەر (Nasserist)ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى جەريانىدا، مۇسۇلمان قېرىنداشلىق تەشكىلاتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋاھابىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ناھايىتى كۈچەيگەنىدى. سەئۇدىلار مۇسۇلمان قېرىنداشلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرىنى پاناھ جاي بىلەن تەمىنلىدى، ھەمدە ئۇلارغا باشقا ئەرەب ئەللىرىدە ياردەم بەردى.ئىراندىكى خومەينى ئىنقىلاب قوزغاپ، 1979-يىلى ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقلىق تۈزگەن شاھنى ئاغدۇرۇۋەتكەن ۋاقىتتا، شىئەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگەتاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ۋاھابى-سەلەفىلەر بىر-بىرى بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتكەن ئىدى.
       ئافغانىستاندىكى دىنسىز ۋە كوممۇنىست سوۋېتلىقلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىھاد ئۇرۇشلىرىدىمۇ ۋاھابى-سەلەفىلەر ئىتتىپاقلىق قۇردى. سەلەفىلەرنىڭ ھەممە گۇرۇھلىرى «توغرا سۈننىلەر» سۈپىتىدە شىئە-كوممۇنىستلارنىڭ تەھدىتىگەتاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىشىپ، سەلەفىزمنى بىر ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىرىش ئۈچۈن،كىشىلەرنى سەلەفىگە كىرىشكە ئۈندەشتىن تارتىپ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشكىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. رادىكال سەلەفىلەرنىڭ ئارزۇسى «كاپىر» ھۆكۈمەتلەرنى سەلەفىلەرنىڭ ئىدولوگىيىسى بويىچە ئىش قىلىدىغان، يىراقنى كۆرەلمەس «زىيالىيلار»نىڭ قولىغا تۇتقۇزۇش بولۇپ، ھازىر ئوتتۇرىغا چىققان ئاتالمىش «سۈننى تېررورىزمى»نى مانا شۇلار كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ قولى ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگەسوزۇلغان بولۇپ، ئۇلار تەسىر كۆرسەتكەن ئەللەردىن بوسنىيە، ئالبانىيە،ھىندونېزىيە، فىلىپپىن، ئۆزبېكىستان، ئەنگلىيە، مالايسىيا، جەنۇبىي ئافرىقا،لىۋان، ئافغانىستان ۋە پاكىستان قاتارلىقلار بار. يېقىنقى بىر قانچە 10 يىلمابەينىدە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىغانلىقىنىتولۇق ئىسپاتلاپ بولدى.
يۇقىرىقى مەزمۇنلار 3-نومۇرلۇق مەنبەدىن ئېلىنغان بولۇپ، ۋىكىپېدىيەتور بېتىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار بار ئىكەن [5]:
       ۋاھابى ئىماملىرى چەكلىگەن ئىشلاردىن تۆۋەندىكىلىرى بار: مۇزىكائورۇنلاش ياكى ئاڭلاش، ئۇسۇل ئويناش، رەم سېلىش، قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا چۈشۈش، دىننىمەزمۇن قىلمىغان تېلېۋىزور پروگراممىلىرىنى كۆرۈش، تاماكا چېكىش، شاھمات ۋە قارتئويناش، ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزىش، كونسېرتتا رول ئېلىش ياكىھېكايە يېزىش (بۇ ئىككىسى يالغانچىلىق ھېسابلىنىدىكەن)، ۋە تېببىي تەتقىقات ياكىجىنايەتلەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن جەسەتنى يېرىش.
      ئادەتتىكى مۇسۇلمانلار قىلىدىغان، ئەمما ۋاھابىلار چەكلىگەن ئىشلاردىنمۇنداقلىرى بار: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۈيلەيدىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاش،قەبرىستانغا بارغاندا ئاللاھقا دۇئا قىلىش، پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىتەبرىكلەش، مۇنار ياساش، ۋە مەسچىتلەرنى زىننەتلەش. ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىباشقا بارلىق ئەللەردە يول قويۇلغان بولۇپ، ئۇ پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستاندىلاچەكلەنگەن. پەقەت تالىبان قىلىشقىلا يول قويۇلغان چۈش ئۆرۈشنى ۋاھابىلارئىمكانقەدەر قىلماسلىققا ئۈندەيدۇ.
     ۋاھابىلار ئاددىي-ساددا كىيىنىشنى بەلگىلەپ بېرىپلا قالماي، قايسى خىلدىكى كىيىملەرنى كىيسە بولىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن، پەقەت كۆزى بىلەن قولىلا يېپىلمايدىغان قارا تون(ئابايا) مۇ بار. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھازىرمۇ ھۆكۈمەت ھوقۇقى سەئۇد ئەۋلادلىرىنىڭ قولىدا، دىنى ھوقۇقلار بولسا ۋاھاب ئەۋلادلىرىنىڭ قولىدا. ئۇلار ئىنتايىن قاتتىق«دىنىي ساقچىلار» تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، يۇقىرىدىكىدەك بەلگىلىمىلەرنى قانۇن سۈپىتىدە ئىجرا قىلىدۇ. ئۇلار ئىجرا قىلىدىغان ئىشلاردىن ناماز ۋاقتىداھەممە دۇكانلارنى تاقاش، ئەر-ئاياللارنى ئايرىش، ھاراق ساتقۇزماسلىق ۋەئىچكۈزمەسلىك، ئاياللارغا ماشىنا ھەيدىگۈزمەسلىك، ۋە باشقا ئىجتىمائىي چەكلىمىلەربار.
     ۋاھابىزم ئىسلامنىڭ سىرتىدىكى مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەردىن ساقلىنىشنى ناھايىتى كۈچەپ تەكىتلەيدىغان بولۇپ، چەت ئەلنىڭ نەرسىلىرىنى بەزىدەجازالايدۇ، بەزىدە بولسا قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. بۇنداق نەرسىلەردىن ئاشىق-مەشۇق بايرىمى، ئانىلار بايرىمى، ساقال چۈشۈرۈش، بۇرۇتنى چۈشۈرۈش ياكى ياساش، بىرسىگەگۈل تەقدىم قىلىش، بىر داڭلىق زاتنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆرە تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈرۈش، تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش، ۋە ئۆيدە ئىت بېقىش ياكى ئىتنى ئوينىتىش قاتارلىقلار بار.
     ۋاھابىلار ئەر-ئاياللارنىڭ رول ئايرىمىسىغا ئىنتايىن قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئاياللارنىڭ سەپەر قىلىشى ياكى ئۆينىڭ سىرتىدا ئىشلىشىگە يول قويمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەرلەر ئايالىنىڭ سەپەر قىلىشى ياكىسىرتتا ئىشلىشىنى ھەر قانداق ۋاقىتتا چەكلىيەلەيدۇ.
سەئۇدى پادىشاھى چەت ئەل قوشۇنلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇشىغا يولقويمايدىغان بولسىمۇ، 1990-يىلى سادام ھۈسەيىنگە تاقابىل تۇرۇشتا ئۇلارغا يولقويدى. قىز-ئوغۇللارنىڭ ئالاقە قىلىشىپ ئۆتۈشى چەكلەنگەن بولۇپ، بۇنداق ئىشقاپەقەت پادىشاھ ئابدۇللا پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىلا يول قويۇلىدۇ. كىنوخانا ۋەئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى چەكلەنگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق نېفىت كىرىمىنىيارىتىپ بېرىدىغان ئارامكو (ARAMCO) شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ئۈچۈن بۇ چەكلىمىلەر بىكار قىلىنغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەئۇدى بىر قىسىم ئىشلارغا بولغان چەكلىمىنى بىكار قىلدى. مەسىلەن، 1951-يىلى قەغەز پۇلغا يول قويدى. 1962-يىلى قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلدى. 1964-يىلى قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا يول قويدى. 1965-يىلى تېلېۋىزور كۆرۈشكە يول قويدى.

7. ۋاھابىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان تىمبۇكتۇدىكى ۋەيرانچىلىق ھەققىدە
      ۋاھابىلار ۋە سەلەفىلەر ھەققىدە گەپ بولغاندا، غەربلىكلەرئافرىقىدىكى مالى دۆلىتىنىڭ تىمبۇكتۇ رايونىدا يۈز بەرگەن يېقىنقى بىر ۋەقەنى تىلغا ئالىدۇ. تىمبۇكتۇ «333 مۇسۇلمان دانىشمەنلەرنىڭ شەھىرى» دەپ نام ئالغان بولۇپ [6]، ئۇ يەردىكى كۇتۇپخانىلار بىلەن شەخسىيلەرنىڭ قولىدا مىڭلىغان قەدىمكى قول يازمىلار ۋە ھۆججەتلەر ساقلىنىپ كەلگەن. 1988-يىلى ب دت ئۇ يەردىكى 3 چوڭ مەسچىت بىلەن16 قەبرىستانلىق ۋە قەبرە تاشلارنى «دۇنيا يادىكارلىقلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى. ۋاھابىلار ئىسلام يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىرى بولۇپ، ئۇلار مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان ئۆي ۋە مەسچىتلەرنىمۇ ۋەيران قىلغان ياكى بۇزغان ئىدى. 2012-يىلى مالى ھۆكۈمىتىنى بىر قوراللىق گۇرۇھ ئۆرۈۋەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوراللىق كۈرىشىنى «ئانسار ئال-دىنە» (Ansar Al-Dine) دەپ ئاتىلىدىغان ۋاھابى تاجاۋۇزچىلىرى ئۆزلىرىگە ئۆتكۈزۈۋالدى. 2012-يىلى 4-ئايدائانسار ئال-دىنە قوشۇنلىرى 15-ئەسىردىكى سۇفى بىنالىرىنى ۋەيران قىلىپ،تىمبۇكتۇدىكى بابا ئاخمەد كۇتۇپخانىسىنى تاقىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تىمبۇكتۇدىكى بىرقاتار ئىسلام بىناكارلىق مىراسلىرىنى چېقىپ يوقاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇنىڭدىن 600يىل بۇرۇن سېلىنغان مەسچىتلەرمۇ بار. بۇ ئىشتا ئانسار ئال-دىنە خەلقئارا قانۇن ۋەئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىغان بولۇپ، ئۇلار تۇتقان بۇ يول ئەلقائىدە بىلەن تالىبانلارنىڭ 2001-يىلى ئافغانىستاندىكى بامىيان بۇددا دىنى ھەيكەللىرىنى ۋەيران قىلىشتا تۇتقان يول بىلەن ئوخشاش.

8. ياسىر قازىنىڭ ۋاھابى ھەققىدىكى قاراشلىرى
        مەن يېقىندا دوكتور ياسىر قازى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئوخشىمىغاندىنلار ئوتتۇرىدىكى ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر رادىئوپىروگراممىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئاڭلاپ چىقتىم[7]. ھەمدە ئۇنى قايتا-قايتا ئاڭلاش ئارقىلىق، ياسىر قازىنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇم. تۆۋەندىكىسى ئاشۇ سۆھبەتتە ياسىرقازىنىڭ دېگەنلىرى. بۇ سۆھبەت ئەسلىدە سوئال-جاۋاب شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،مەن سوئاللارنى ئېلىۋېتىپ، پەقەت ياسىر قازىنىڭ جاۋابلىرىنىلا بۇ يەرگە كىرگۈزدۈم.بۇ ئاۋازلىق ھۆججەت 2013-يىلى 13-ئاپرېل كۈنى تورغا قويۇلغان ئىكەن.
      بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى مەن بىر ئون نەچچە ياشلىق ياش ۋاقتىمدائۆزۈمنى سەلەفى ھەرىكىتىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ ئويلايتتىم. ئەمما، يېقىندا مەن ئۇھەرىكەتتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتىم [7]. سەۋەبى، بۇ ھەرىكەت ئىلىملىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئادەملەرنى مەن ئۈمىد قىلغاندەك روھلاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇھەرىكەت ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان يېڭى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. بىر قىسىم ئىشلاردا باشقا ھېچ كىمنىڭ ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلار ئىسلام ئۈستىدىكى باشقىچە چۈشەندۈرۈلۈشلەرگىمۇ ناھايىتى دۈشمەنلىك بىلەن قارايدۇ. شۇڭا مەن سەلەفى ھەرىكىتىنىڭ مېتودولوگىيە جەھەتتە تۇتقان يولىنى قوبۇل قىلالمايدىكەنمەن.
     مېنى سەلەفى ھەرىكىتى ئەڭ دەسلەپتە جەلپ قىلغان ئامىللاردىن بىرقانچىسى بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، سەلەفى ھەرىكىتىنىڭ سىزدىن ئىسلامنى چۈشىنىشنى بىۋاسىتە قۇرئاندىكى تېكىستلەر بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەلىماتى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىدۇر. بۇ ئەقىلنىڭ ئازادلىققا چىقىرىلىشى بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا سىز ئىسلامنى چۈشىنىشتە ئوتتۇرىدىكى كىشى ياكىدىنى ئۆلىمالارنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە تايانمايسىز. سەلەفىنىڭ ئەنئەنىسىنىڭ بىرى، بىردىنى ئۆلىما مەلۇم بىر نەرسىنى چۈشەندۈرگەندە، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇ مەزمۇنغائاشۇنداق يېشىم بېرىدىغانلىقىغا قارىتا جەڭ ئېلان قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشتۇر.سەلەفىلەر كىشىلەردىن ھەر بىر ئىسلام ھەققىدىكى پىكىرگە نىسبەتەن يېتەرلىك مىقداردىكى پاكىتلارنى تېپىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ مۇسۇلمانلارنى ئىسلام ئەنئەنىسى بىلەن قايتىدىن باغلىنىش ھاسىل قىلىشقا ئېلىپ باردى. شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت بىلەن دىننى پەرقلەندۈرۈۋېلىشىغا  ياردەم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇننەرسىلەرنىڭ دىنىي نەرسىلەر ئەمەس، مەدەنىيەتكە ئائىت نەرسىلەر ئىكەنلىكى بايقالدى. مەسىلەن، بىر قىسىم قانداق كىيىنىش ۋە ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدىكى قائىدىلەر مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئادەتلەر ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى. كىشىلەردىن پاك، ساغلام ۋە ھەقىقىي ئېتىقادنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىندى.
      كىشىلەرنى قۇرئاننى بىۋاسىتە ئوقۇپ، قۇرئاندىكى مەزمۇنلارنى ئۆزلىرى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆزلىرى بىۋاسىتە چۈشىنىشكە رىغبەتلەندۈردى. مانا بۇ سەلەفىنى ياقلايدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ ناھايىتى تېز كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ بىر سەۋەبىدۇر.سەلەفى مۇسۇلمانلىرىدىن بۇرۇنقى ئەنئەنىگە قايتىپ، كىتابلارنى تەنقىدىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ بىۋاسىتە ئوقۇش، ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە بىۋاسىتەقايتىدىن قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىندى. ئۇلار يەرلىك ئۆلىمالارغا، ئۇلارنىڭ دىنبىلەن مەدەنىيەتنى ئارىلاش تۇرىۋېلىشىغا قارىتا جەڭ ئېلان قىلىشقا ئۈندەلدى. ئۇلارھەقىقىي ئىسلامنى قايتىدىن بايقاشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى.
      ئەمما، سەلەفى ھەرىكىتى ئىچىدە يەنە نۇرغۇن گۇرۇھلار مەيدانغاكېلىپ، ئۇلار نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۆز-ئارا بىرلىك ھاسىل قىلالمىدى. بولۇپمۇسىياسەت ۋە قوراللىق كۈرەش جەھەتلەر شۇنداق بولدى. زوراۋانسىز سەلەفى بىلەن زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان سەلەفىلار ۋۇجۇدقا كەلدى. سىياسەتكە قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سەلەفى بىلەن سىياسەتكە قاتناشسا دىن ياكى روھىي جەھەتتىكى پاكلىقنى ساقلىغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدىغان سەلەفىلەر بارلىققا كەلدى. شۇڭلاشقاسەلەفى ئىسلام بىر بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەت ئەمەس، بىر خىل يۈزلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.
      ۋاھابىزم بولسا بىر ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك قۇرۇلما ئىچىگە جايلاشقان سەلەفىدىن ئىبارەت. 17-ئەسىردە سەئۇد قەبىلىسى ئەرەبىستاننى ئۆز قولىغا ئېلىۋېلىپ،بىر ئالاھىدە سەلەفى ئۆلىماسى ۋاھاب بىلەن بىرلەشتى. «ۋاھابى» دېگەن ئىسىم ئەنەشۇنىڭدىن كەلگەن. بۇ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ،سەئۇدنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرغىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتىدۇ.ۋاھابنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا دىنىي ھوقۇقنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. ۋاھابى ئىسلام بولساسەلەفى ئىسلامنىڭ بىر ئالاھىدە ماكان ۋە بىر ئالاھىدە زاماندىكى سىياسىي نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى، ۋاھابىزم سەلەفىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ،ۋاھابىچىلار جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتىن پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستاندىلا ياشىغان ۋەھازىرمۇ ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
     سەلەفى ھەرىكىتىگە كىرگۈچىلەرنىڭ سانى ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىداكۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، سەلەفىچىلارنىڭ ئىسلامنى چۈشىنىشنى بىۋاسىتە قۇرئاندىكى تېكىستلەر بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەلىماتى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى، ئىسلامدا تېخى تاشقى دۇنيانىڭ تەسىرى بىلەن بۇلغانمىغان،تېخى ئىنسانلارنىڭ خاتا چۈشەنچىسى سەۋەبىدىن بۇزۇلمىغان ئەڭ دەسلەپكى ئىسلام، ياكىسەلەف دەۋرىدىكى ئىسلامغا قايتىشنى تەلەپ قىلىشى، ئىسلامنى چۈشىنىش ۋە ئىجراقىلىشتا دىنىي ئۆلىمالارنىڭ قۇرئاندىكى ئايەتلەر ۋە ھەدىستىكى تەسۋىرلەر ھەققىدىكىھەر بىر چۈشەندۈرۈشىگە قارىتا جەڭ ئېلان قىلىپ، بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئويلاشئىقتىدارىنى تولۇق ئىشقا سېلىشنى تەلەپ قىلىشىدىندۇر.
     ئەمما، ۋاھابىچىلار بىلەن سەلەفىچىلارنىڭ مۇنداق بىر ئورتاقمەسىلىسى مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ، ئۇلار تېخى «ئەڭ دەسلىپىدىكى ئىسلام يولىنى ھازىرقىزامانغا قانداق ماسلاشتۇرىمىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ باقمىدى. ئۇلار بۇجەھەتتە تېخى بىر ئېنىق ئىدىيىگە ئىگە ئەمەس.

9. قۇرئاندىكى «ئاللاھ» ھەققىدىكى سۈرە
     مەن يېقىندا ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىلىرىنى ئاڭلاش جەريانىدا، دىن نىيېڭىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغانلارغا زور پايدىسى بولىدىغان، ھەمدەۋاھابى-سەلەفىلەرنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى ئىدىيىسىدىكى مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بىر سۈرە ھەققىدىكى لېكسىيىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم [8]. مەن بۇ يەردەئۇ مەزمۇننى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. بۇ سۈرە ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ياسىرقازى بۇ سۈرىدىكى ھەر بىر سۆزنىڭ مەنىسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. مەن تەپسىلىي چۈشەنچىلەرنىمۇ بۇ ماقالىگە كىرگۈزۈشكە ئاجىز كېلىپ قالدىم. ئەگەر مۇمكىن بولسا،ئىنگلىزچە بىلەن دىندىن ياخشى خەۋىرى بار قېرىنداشلاردىن بىرسى بۇ لېكسىيىنى تولۇقئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، تورغا يوللاپ قويسا، بەك ياخشى بولاتتى.
112-سۈرە «ئىخلاس» (610-بەت، ئاللاھتىن 22-نۆۋەت چۈشكەن) تا مۇنداق دېيىلگەن: « (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ – ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھقاموھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغاتەڭداش بولالمايدۇ.»
بۇ سۈرە سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز سىزگە تۇنجى قېتىم يادلاتقان سۈرە بولۇشى مۇمكىن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ سۈرە توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «مەن ئاللاھقاقەسەم قىلىپ تۇرۇپ شۇنى ئېيتالايمەنكى، بۇ سۈرە پۈتۈن قۇرئاننىڭ 3 دىن بىر قىسمىغاتوغرا كېلىدۇ.» بۇنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ سىز مەزكۇر سۈرىنى 3 قېتىم ئوقۇۋەتسىڭىز،قۇرئاننىڭ قالغان قىسمىنى ئوقۇمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى، سىز بۇ سۈرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئېرىشەلەيدىغان مۇكاپات پۈتۈن قۇرئاننىڭ مۇكاپاتىنىڭ 3 دەن بىرقىسمىغا توغرا كېلىدۇ، دېگەنلىك. دىنى زىيالىيلارنىڭ ئېيتىشىچە، قۇرئاننىڭ مەزمۇنىمۇنداق 3 ساھەگە بۆلۈنگەن: (1) قۇرئاننىڭ 3 دەن بىر قىسمى ئاللانىڭ كىملىكى ۋەئۇنىڭغا قويۇلغان ئىسىملارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. قۇرئاننىڭ ئاشۇقىسمى مۇشۇ ئىخلاس سۈرىسىدە خۇلاسىلەنگەن. (2) قۇرئاننىڭ 3 دەن بىر قىسمى قانۇنھەققىدە، يەنى نېمىنىڭ ھالال، نېمىنىڭ ھارام، يېيىش، ئىچىش، روزا تۇتۇشقاتارلىقلار ئۈستىدە سۆزلەيدۇ. (3) قۇرئاننىڭ قالغان 3 دەن بىر قىسمى بولساجەننەت، دوزاخ، ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ھېكايىلىرى ئۈستىدە سۆزلەيدۇ.دېمەك، ئىخلاس سۈرىسى قۇرئاننىڭ مەنىسىنىڭ 3 دەن بىر قىسمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇگۈزەل سۈرە ئاللاھتىن بىر قەدەر بالدۇر چۈشكەن. يەنى، ئۇ 22-نۆۋەتتە مەككىگەچۈشكەن. شۇ چاغدا مەككىدىكى باشقا بىر قەبىلىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغابىر يېڭى دىننىڭ چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ قېشىغا كېلىپ سورايدۇ:«ھەي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، سەن كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلىۋاتقان خۇدا قايسى خۇدا؟بۇ يېڭى دىن قانداق دىن؟» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ئاللاھ»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇباشلىق يەنە سورايدۇ: «ئاللاھنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويغىن. ئۇ ئالتۇندىن ياسالغانمۇ،ياكى كۈمۈشتىنمۇ؟ ياكى ئۇ پاختىدىن ياسالغانمۇ ياكى ياغاچتىنمۇ؟ بۇ زادى قايسىخۇدا؟» ئۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇتلارغا ئىبادەت قىلىپ يۈرگەنىدى. ئۇبۇتلارنى بولسا كىشىلەر ئۆز قولى بىلەن بىرەر نەرسىنىڭ تۇرقىغا ئوخشىتىپ ياساپچىققان ئىدى. شۇڭا ھېلىقى باشلىق يەنە سورايدۇ: «سەن سەجدە قىلىۋاتقان خۇدا نېمىگەئوخشايدۇ؟ ئۇنىڭ دادىسى كىمۇ؟» ئەگەر سىز قەدىمكى دىنلار، مەسىلەن، گرېكلەرنىڭدىنى ۋە بۇددا دىنى قاتارلىقلارغا قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ خۇداسى ناھايىتىكۆپ بولۇپ، ھەر بىر خۇداسىنىڭ بىردىن ئائىلىسىمۇ بار بولغان. شۇنىڭ بىلەنيۇقىرىدىكى قەبىلە باشلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋابەن، ئاللاھ «ئىخلاس» سۈرىسىنىچۈشۈرگەن.
       سۈرە ئىخلاستىن باشقا، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئەڭ دەسلىپىدىلائۆگىنىدىغان، ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە ياخشى كۆرۈپ ياشايدىغان يەنە بىرسۈرە بار. ئۇ بولسىمۇ 108-سۈرە كەۋسەردىن ئىبارەت (621-بەت): «بىز ساڭا ھەقىقەتەننۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق. پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋەقۇربانلىق قىلغىن. ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام-نىشانى قالمايدۇ.» سۈرە كەۋسەرمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نام-شۆھرىتىنى قوغدايدۇ. سۈرە ئىخلاس بولسا ئاللاھنىڭنام-شۆھرىتىنى قوغدايدۇ. ئىسلام دىنى مانا مۇشۇ ئىككى سۈرىدىن تەشكىل تاپقان. سۈرەئىخلاس ئاللاھنىڭ مۇكەممەللىكىنى تەسۋىرلىسە، سۈرە كەۋسەر پەيغەمبىرىمىزنىڭمۇكەممەللىكىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئىككى سۈرىنى بارلىق مۇسۇلمانلار، قېرىلار بىلەنياشلار، ئەرلەر بىلەن ئاياللار، ئېتىقادى كۈچلۈكلەر بىلەن ئېتىقادى ئاجىزلارنىڭھەممىسى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئىككى سۈرە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئويغىنىپ قىلىدىغان 1-ئىشىسۈرە ئىخلاسنى ئوقۇش بولغان. ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقىئىشىمۇ سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇش بولغان. يەنى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەر بىر يېڭى كۈنىسۈرە ئىخلاس بىلەن باشلىنىپ، ھەر بىر كۈنى يەنە سۈرە ئىخلاس بىلەن ئاخىرلاشقان.

10. ئاخىرقى سۆز
    مەن ئەسلىدە سەلەفى بىلەن ۋاھابىنى ئايرىم-ئايرىم تېما قىلىپ يېزىشنى ئويلىغان بولساممۇ، بۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە بەك يېقىن بولغاچقا، ئۇلارنىمۇشۇ بىر پارچە ماقالىدىلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم.
    مەن ئالدىنقى ماقالەمدە ياسىر قازىنىڭ «دىننى ھازىرقى زامانغاماسلاشتۇرۇش، دىننىڭ تېئولوگىيە ۋە ئىسلام قانۇنلىرىغا ياتمايدىغان قىسىملىرىنى دىنىي زىيالىيلارنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە ھازىرقى زامانغا ماسلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش» ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى تونۇشتۇرغىنىمدا، بىزنىڭ بەزى قېرىنداشلىرىمىز «ئۆزگىرىش» دېگەن سۆزنى كۆرۈپ بىر ئاز جىددىيلەشتى. مەن ئۇلارنىڭ نېمىشقا جىددىيلىشىدىغانلىقىنى توغرا چۈشىنىمەن. تارىختىكى سەلەف دەۋرىدىن كېيىن ئىسلام دىنىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ باققان بولۇپ، ئۇ ئۆزگىرىشلەر ئاساسەن«بۇزۇلۇش» ۋە «بۇلغىنىش» لارغا ۋەكىللىك قىلغانىدى. شۇڭلاشقا «ئىسلام دىنىنى ئۆزگەرتىش»دېگەن گەپ چىققان ھامان، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا ئەنە شۇنداق بۇرۇن يۈز بېرىپ باققان ئۆزگىرىشلەر كېلىدۇ. ئەمما، ئۆزگىرىش توختىماي يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئۆزگىرىش توختىماي يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. مەيلى بىز ئېتىراپ قىلايلى، ياكى ئېتىراپ قىلمايلى، ئۇ ئۆزگىرىشلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ. ئەگەر بىز ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇلارنى ئېتىراپ قىلماي يۈرۈۋەرسەك، ئۇمەسىلىلەر مەۋجۇتلۇقتىن توختاپ قالمايدۇ. بەلكى ئۇلار مەۋجۇت بولۇپ، ھەتتابارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋېرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزگىرىشتىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچساق،بۇ توغرۇلۇق سۆز قىلىشتىن قورقساق، ئىش تېخىمۇ يامىنىغا قاراپ مېڭىشى مۇمكىن.ئۇنىڭ ئورنىغا، خۇددى ھازىر ياسىر قازى تەشەببۇس قىلىۋاتقىنىدەك، ئۆزگىرىشنى دىنىي زىيالىيلارنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بارغان ياخشى.
         ياسىر قازى ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئىلمىي دوكلاتىدا مۇنداق بىرئوخشىتىشنى قوللاندى: ئىسلام دىنىنى بىر ئۆي بىناسىغا ئوخشاتساق، ئىسلام دىنىنىڭ تېئولوگىيىسى، شەرىئەت قانۇنلىرى، ۋە ئاساسىي پرىنسىپلىرى قاتارلىقلار ئۇ ئۆينىڭ ئۇلى بىلەن بىنانىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاساسىي گەۋدىسىگە ئوخشايدۇ. ئەمدى بۇ ئۆيدىكى بىر ياتاق ئۆيدە سىزنىڭ بىر بالىڭىز سىزنىڭ ئاتا-بوۋىڭىزدىن قالغان بىر كارىۋاتتاياتىدۇ، دەيلى. بۇ كارىۋاتنى بىر قانچە ئەۋلاد ئىشلىتىپ كەلگەن بولغاچقا، ئۇھازىرقى زامانغا ماسلاشماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن بالىڭىز سىزدىن ئۇ كارىۋاتنى ھازىرقى زاماندا ئىشلەنگەن بىر يېڭى كارىۋاتقا ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.ھەمدە «ئەگەر ئالماشتۇرۇپ بەرمىسەڭ، مەن ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن»، دەپ سىزگە شەرت قويدى. بۇ خۇددى بەزىلەرنىڭ «ئىسلام دىنى ھازىرقى زامانغا ماسلاشمايدىكەن، شۇڭامەن ئۇنىڭغا كىرمەيمەن»، ياكى بەزىلەرنىڭ «ئىسلام دىنى ھازىرقى زامانغا ماسلاشماي قالدى، شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىمەن»،دېگىنى بىلەن ئوخشاش. ئەگەر بالىڭىزغابىر يېڭى كارىۋات ئېلىپ بەرسىڭىز، ئۇ كارىۋات ھەرگىزمۇ ئۆينىڭ ئۇلى بىلەن گەۋدىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ھەرگىز ئۇنىڭلىق بىلەن ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ. ئۆينىڭ ئۇلى بىلەن گەۋدىسى شۇ پېتى تۇرۇۋېرىدۇ. ئۆينىڭ ئىچىدىكى بىر كارىۋاتلا ئالمىشىدۇ،خالاس. بۇ مىسالدا كارىۋاتنى ئالماشتۇرۇپ بېرىپ، بالىڭىزنى ئۆيدە تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ تەربىيىلىشى، كارىۋاتنى ئالماشتۇرۇپ بەرمەي، بالىڭىز ئۆيدىن ئايرىلىپ،ئۆز ئالدىغا ياشىغانغا قارىغاندا كۆپ ياخشى.
     ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، «دىنغا ئۆزگىرىش كىرگۈزۈش» دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ بىرئىمام ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئىسلامدىكى نېمىنى ساقلاپ قېلىش،نېمىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن بۇ ھەقتە قارار چىقىرىپ ئىجرا قىلىش، دېگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ. ياسىر قازى بۇ ئىشقا ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويۇپ كېلىۋاتىدۇ. يەنى، (1) بۇ ئىشقا چوقۇم دىنى زىيالىيلار يېتەكچىلىك قىلىش،(2) نېمىنى ئۆزگەرتسە بولىدىغانلىقىغا بىر زېمىندىكى، مەسىلەن، پۈتۈن ئۇيغۇردىيارىدىكى، بارلىق دىنى زىيالىيلار ئورتاق ھالدا قوشۇلغان بولۇش. ئەگەر مۇشۇبويىچە قارىساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرچە بۇنداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا شەرتى توشماي قېلىشى مۇمكىن. يەنى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دىيارىدا يېتەرلىك ساندىكى دىنى زىيالىيلار يوق بولۇشى مۇمكىن. «ياق، بار» دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، نېمىنى ئۆزگەرتسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەقىقىي قۇرئان روھى بويىچە پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى دائىرىسى ئىچىدە بىر تۇتاش قارار ئېلىش ئىمكانىيىتى يوق بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق بىر رېئاللىققا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرى مەن بۇ يەردە بايان قىلىۋاتقان دىنىي ئىسلاھات ياكى دىنىي ئۆزگەرتىش ئىشىدىكى قارار ئېلىش جەريانىغا قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن. پەقەت چەت ئەللەردەئېلىنغان قارارلارنى ئىجرا قىلىش جەريانىغىلا قاتنىشالىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا مەن ئوقۇرمەنلەردىن بۇ ئىش ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشقا بەك كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلماسلىقىنى، ۋە قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلماسلىقىنى سورايمەن. مەن ئۆز ماقالىلىرىمدە بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ قويۇشۇمدىكى مەقسەت، ئوقۇرمەنلەرگە ھازىر غەرب ئەللىرىدە مۇشۇنداق بىر ئىش ئۈستىدەئىزدىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتىنلا ئىبارەت. مېنىڭ ئىمكانىيىتىملابولىدىكەن، مەن غەرب ئەللىرىدىكى بۇ ساھەدە ئېلىنغان يېڭى قەدەملەردىن ئۇيغۇردىيارىدىكى قېرىنداشلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت ئەلدىكى تەقۋادار ۋە تەقۋادارلىققا قىزىقىدىغان قېرىنداشلارنىڭ بۇئىشنى مەن بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇرلارغا غەربتىكى يېڭىلىقلار ھەققىدىكى ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ بەرمىسەك، ئۇلارنىڭ ئۇچۇر مەنبەسى پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق بىر قىسىم ئەرەب ئەللىرى بىلەنلا چەكلىنىشى مۇمكىن.سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈلگە بولغۇدەك يېرى بارمۇ-يوق، بۇ ھەقتە بىزداۋاملىق بەس-مۇنازىرە قىلىپ باقساق بولىدۇ.
           2014-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكىدىكى بىر گۇرۇپپا مۇسۇلمانلارئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا بىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ،«ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى مەجلىسى» دېگەن بىر يېڭى تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى (تۆۋەندىكى 2-رەسىم). بۇ بىر ھۆكۈمەت ھېچ قانداق قول تىقمايدىغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئامېرىكىدىكى باشقا 10 چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىيغاقاتنىشىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىكەن. بۇ ئەھۋالنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ.

file:///C:/Users/esidick/AppData/Local/Temp/OICE_080CD8A1-2077-48E5-BFF5-E29BD8CBACA4.0/msohtmlclip1/01/clip_image003.jpg
2-رەسىم: ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا 2014-يىلى 12-مارت كۈنىچاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى. بۇ يىغىندا ئامېرىكىدا«ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى مەجلىسى» دېگەن بىر يېڭى تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن،ئامېرىكىدىكى بىر ئايال مۇسۇلمان دوكتور، بىر «ئىسلامدىكى ئاياللار» دېگەن تەشكىلاتنىڭ ئايال مۇسۇلمان رەئىسى، ۋە بىر ئايال مۇسۇلمان پروفېسسور قاتارلىق 3كىشىدىن تەشكىل تاپقان بىر ئايال دىنى زىيالىيلار گۇرۇپپىسى 2011-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار يېقىندا ئامېرىكىدىكى مەسچىتلەرنى ئايال مۇسۇلمانلارغاقولايلىقلاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇش ھەققىدە 4 تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇخىزمەتنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىدىكى مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇيدىغان ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئىكەن. سىزچە مۇشۇنداق ئىش سەئۇدى ئەرەبىستاندامۇمكىنمۇ؟ بۇ ئىشنىڭ زامانىۋىلىشىش ۋە مەدەنىيەتلىشىشكە پايدىسى بارمۇ ياكى زىيىنىمۇ؟ سىزچە ئۇيغۇر ئاياللىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئاياللاردەك ياشىشى كېرەكمۇ، ياكى ماۋۇ ئامېرىكىلىق ئاياللاردەكمۇ؟ مەن ئالدىنقى ماقالەمدە ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىغا غەربتىكى مۇسۇلمانلار ياخشىراق ئۈلگە بولالايدۇ، دېدىم. بۇمۇنداقلا دەپ قويغان گەپ ئەمەس. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالىمىز، ئۆزىمىزنىروناق تاپقۇزىمىز دەيدىكەنمىز، بىر ئاز ئاقىلانە بولۇشىمىز كېرەك.
file:///C:/Users/esidick/AppData/Local/Temp/OICE_080CD8A1-2077-48E5-BFF5-E29BD8CBACA4.0/msohtmlclip1/01/clip_image005.jpg
3-رەسىم: ئامېرىكامەسچىتىدە ناماز ئوقۇۋاتقان ئاياللارنىڭ بىر كۆرۈنۈشى.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] As-SunnahFoundation of America
http://sunnah.org/wordpress/

[2] As-SunnahFoundation of America
http://en.wikipedia.org/wiki/As-Sunnah_Foundation_of_America

[3] Zubair Qamar,«Wahabism: Understanding the roots and role models of Islamic Exremism»
http://www.sunnah.org/articles/Wahhabiarticleedit.htm

[4] Wahhabism, agreat threat to Islamic civilization
http://www.tehrantimes.com/compo ... slamic-civilization

[5] Wahhabi movement
http://en.wikipedia.org/wiki/Wahhabi_movement

[6] WahhabiVandalism Reaches Timbuktu, 2012-7-11
http://www.gatestoneinstitute.org/3161/timbuktu-wahhabi-vandalism

[7] Ex-Salafi ShaikhYasir Qazi `s Repentence from Salafism & Wahhabism
https://www.youtube.com/watch?v=NW8jxMu0wTs

[8] Khutbah: TafseerSurat Al Ikhlas - Love for Jesus, Mary & Celebrating Christmas ~ Dr. YasirQadhi
Delivered on Dec 27,2013
https://www.youtube.com/watch?v=JSnU2wAnBP8

[9] Islam by country
http://en.wikipedia.org/wiki/Islam_by_country

[10] Muslim world
http://en.wikipedia.org/wiki/Muslim_world

resim_09_Islam_branches.png (73.32 KB, چۈشۈرۈش سانى: 29)

2014-3-27 11:28 چىقىرىش
ھۆججەت ئىسمىنى بېسىپ قوشۇمچىنى چۈشۈرۈش
  
1-رەسىم

f_resim02_pressclub.jpg (92.33 KB, چۈشۈرۈش سانى: 5)

2014-3-27 11:28 چىقىرىش
ھۆججەت ئىسمىنى بېسىپ قوشۇمچىنى چۈشۈرۈش
  
2-رەسىم

f_resim03_muslimwomen.jpg (159.69 KB, چۈشۈرۈش سانى: 3)

2014-3-27 11:28 چىقىرىش
ھۆججەت ئىسمىنى بېسىپ قوشۇمچىنى چۈشۈرۈش
  
3-رەسىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103298
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 06:00:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10971
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 08:50:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kariguja يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 07:54 AM
مەن بىر قانچە كۈن بولدى مۇشۇ سۆزلەرنى قىلغان دىيارىمى ...

سىز كۇرسەتكەن بۇكىتاپلار نىڭ ئاساسى ئاجىزدەك قىلىدۇ  پىتنە ئىغۋالارغا ئىشىنىپ كىتىپسىز ئەگەر سىز بۇھەقتە سەھىھ ھەدىستىن دەلىل كەلتۇرەلمىسىڭىز تۇقىغان توھمىتىڭىزگە تەۋبەقىلىڭ توھمەت ناھايىتى ئىغىرگۇناھ يالغان ھەدىس كەلتۇرۇش تېخىمۇ ئېغىر جىنايەت شۇڭا سىز كورسەتكەن ھەدىسنىڭ مەنبەيىنى ئىنىق كورسىتەلىشىڭىز كىرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 849
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 07:03:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kariguja يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 07:54 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- i# L+ W+ @2 z
مەن بىر قانچە كۈن بولدى مۇشۇ سۆزلەرنى قىلغان دىيارىمى ...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 X  S$ g! [% Z7 [. r
سىز كۇرسەتكەن بۇكىتاپلار نىڭ ئاساسى ئاجىزدەك قىلىدۇ  پىتنە ئىغۋالارغا ئىشىنىپ كىتىپسىز ئەگەر سىز بۇھەقتە سەھىھ ھەدىستىن دەلىل كەلتۇرەلمىسىڭىز تۇقىغان توھمىتىڭىزگە تەۋبەقىلىڭ توھمەت ناھايىتى ئىغىرگۇناھ يالغان ھەدىس كەلتۇرۇش تېخىمۇ ئېغىر جىنايەت شۇڭا سىز كورسەتكەن ھەدىسنىڭ مەنبەيىنى ئىنىق كورسىتەلىشىڭىز كىرەك
نىمىگە ئاساسەن سىز بۇكىتاپلارنىڭ ئاساسى ئاجىز دەيسىز .
بەلكىم سىز ۋاھابى قول چوماقچىسى ئەمەستۇرسىز .(ئاللاھ ساقلىسۇن ) سىزگە ۋاھابى يولىنى كۈچۈپ تەشۋىق قىلىۋاتقان دىيارىمىز ئۆلىما-ئالىملىرى تەربىيە قىلسىمۇ ئۇلار بىلەن قارشىلىشۋاتقان شۇ بىر تۇركۈملەرنىڭ جەمەت تارىخىنى (يەنى نەسەبىنى ) تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ
پەيغەمبەرىمىزگە ئىسيان قىلغان مۇناپىقنىمۇ پەيغەمبەرىمىز نەسەبىنى ئەسكەرتكەن  .تەكشۈرگەندىن كىيىن بايقايسىزكى شۇ جاھىللارنىڭ تۇلىسىنىڭ دىنى بىلىمى كەمچىل ، دىنى بىلىمى يۇقۇرىلارنىڭ نەسەبىدە چاتاق بار . سىز بىرتەرەپلىمە ئويدا بولماي سىزنى شۇ يولغا سۆرەۋاتقانلارنى سەۋرچانلىق بىلەن تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ .ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز، دىيارىمىزدىكى ئۆلىما- ئالىملار بىلەن كۆپرەك ھەمسۆھبەت بولۇڭ .
دىيارىمىزدىمۇ نى-نى ئالىم -ئۆلىمالار ئۆتكەن . يېقىندىكى موللا جا موللا ، يىراقتىكى موللا دا موللادىگەندەك ئىش قىپ قالماڭ .مۇشۇ ئالىم -ئۆلىمالار بىلەن قارشىلىشىپ ، ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ بىلىمسىز نادانغا چىقىرۋاتقانلارنىڭ قانداق ئاقىۋەت بىلەن ئۈلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ قويۇڭ . سىزگە مىسال قىپ بېرەي . 6-26 ۋەقەسىنى بىلىسىز ھەقاچان .شۇ ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارمۇ شۇ ناھىيەنىڭ ،شۇ بازارنىڭ ئاخۇنى رەجەپ ئاخۇنۇمنى ھاقارەتلەپ،ھويلا -ئاراملىرىغا بىنزىن قاچىلانغان باكلارنى تاشلاپ ئۆيۈڭگە ئوت قويىمىزدەپ تەھدىت سېلىپ قىلمىغىنى قالمىغان ئىدى (شۇ ئاخۇنمۇ ۋاھابى يولى بىدئەت يول دەپ پەتىۋا بەرگەن )  ئاقىۋەت قانداق بولدى ، ھېلىقى ۋاھابىلار يەرلىككىمۇ قويۇلماي نامىزىمۇ چۈشۈرۈلمەي ئۇدۇنيا -بۇ دۇنيا لەنەت بىلەن كەتتى . مۇشۇ ئىشلارغا يۈرىكىڭىز ئىچىشماندۇ . بۇنداق مىسال دىگەن كۆرمىڭ .سىزمۇ ئەقىل ئىگىسى ئازماسلىقىڭىزنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن . ئامىن .

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10971
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 09:02:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرنى يەنە بىرىگە چېتىپ قارىلاش ئىسلام دىينىنىڭ ئەخلاقى ئەمەس ھەممە ئادەم ئۇزىنىڭ قىلغىنىغا ئۇزى جاۋاپ قىلىدۇ دادىسى كاپىر بۇلسىمۇ بالىسى مۇسۇلمان بۇلسا داداڭ كاپىر ئىدى دىيىشكە بۇلمايدۇ . ھەقىيقى ۋاھابىلار دىيارىمىزدا باربۇلىشى مۇمكىن بۇزۇقى بۇلىشى مۇمكىم لىكىن ھەممىنى بىرتاياقتا ھەيدىش ئاقىلانىلىق ئەمەس[ بۇ يازمىنى quwax تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-6-8 09:09 PM ]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 849
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 06:28:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرنى يەنە بىرىگە چېتىپ قارىلاش ئىسلام دىينىنىڭ ئەخلاقى ئەمەس ھەممە ئادەم ئۇزىنىڭ قىلغىنىغا ئۇزى جاۋاپ قىلىدۇ دادىسى كاپىر بۇلسىمۇ بالىسى مۇسۇلمان بۇلسا داداڭ كاپىر ئىدى دىيىشكە بۇلمايدۇ . ھەقىيقى ۋاھابىلار دىيارىمىزدا باربۇلىشى مۇمكىن بۇزۇقى بۇلىشى مۇمكىم لىكىن ھەممىنى بىرتاياقتا ھەيدىش ئاقىلانىلىق ئەمەس[ بۇ يازمىنى quwax تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-6-8 09:09 PM ]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 z8 y9 r1 C1 C" s: L  Nبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگo& i' e$ \6 d) U
ەن @8 e# ~%
  ئىسلامنىڭ ئوبرازىغا داغ كەلتۈرمەسلىك ئۇچۇن بىراۋ قىلغان يامانلىقنى يەنە باشقىلارغا ئىبرەت قىلىدىغان يامان  يولدىن ھەر ۋاقت ھۇشيار بولۇشنى ئەسكەرتىدىغان ۋەز-تەبلىغلەر سىزنىڭچە بىرىنى بىرىگە تېڭىپ قارىلاش بولامدا؟يەنەكېلىپ ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ جاۋابىنى ئۆزى بېرىدۇ دىيىلسە ئالىم -ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ۋەز-تەبلىغلىرىنى ئاڭلىمىساقمۇ بولىدىكەندە .سىزۋاھابى يولىغا قانداق قارايسىز ؟ ۋاھابى يولى دىيارىمىزغا يېڭىدىن كىرگەن  يات يول بولغانلىقى ئۈچۈن قىزىقىپ قېلىۋاتامسىز ياكى شۇ يولغا سىزنى دەۋەت قىلىۋاتقان بىراۋ ئۇچۇرىماي قالدىمۇ .سۆزلىرىڭىزدىن دىيارىمىزدا ۋاھابى بار بولىشىمۇ مومكىن يوق بولىشىمۇ مومكىن دەپسىزغۇ دىمەك سىز بويولنىڭ دىيارىمىزدا بار يوقلىقىغا مۈجىمەل بولغان ئىكەنسىز كۈچەپ كېتشنىڭ ،ئۆزىمىز چۈشەنمەيدىغان نەرسىنى توغرا دىمەسلىكىمىز كىرەك .سىزنى بىراۋ دەۋەت قىلىۋاتقان بولسا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزدىيارىمىزنىڭ ئالىم -ئۆلىمارىمىزدىن سوراپ زادى بۇ يولنىڭ قانداق يول ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندىن كىيىن ئاقلىسىڭىزمى ،قارىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ .بىلىپ قېلىڭكى بۇيول ئىسلام دىنىمىزدىكى 4 مەزھەپنىڭ ھىچقايسىسى ئەمەس ،4مەزھەپ ئەمەس ئىكەن ئۇ چوقۇم ئىسلام يولى ئەمەس . (ھىدايەت قىلغۇچى ئاللاھقا تەۋەككۇل )
   
ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103298
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 01:59:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kariguja يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 06:28 PM
بىرنى يەنە بىرىگە چېتىپ قارىلاش ئىسلام دىينىنىڭ ئەخلا ...

     ...   ۋاھابى يولى دىيارىمىزغا يېڭىدىن كىرگەن  يات يول بولغانلىقى ئۈچۈن قىزىقىپ قېلىۋاتامسىز ياكى شۇ يولغا سىزنى دەۋەت قىلىۋاتقان بىراۋ ئۇچۇرىماي قالدىمۇ .سۆزلىرىڭىزدىن دىيارىمىزدا ۋاھابى بار بولىشىمۇ مومكىن يوق بولىشىمۇ مومكىن دەپسىزغۇ دىمەك سىز بويولنىڭ دىيارىمىزدا بار يوقلىقىغا مۈجىمەل بولغان ئىكەنسىز كۈچەپ كېتشنىڭ ،ئۆزىمىز چۈشەنمەيدىغان نەرسىنى توغرا دىمەسلىكىمىز كىرەك .سىزنى بىراۋ دەۋەت قىلىۋاتقان بولسا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزدىيارىمىزنىڭ ئالىم -ئۆلىمارىمىزدىن سوراپ زادى بۇ يولنىڭ قانداق يول ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندىن كىيىن ئاقلىسىڭىزمى ،قارىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ .بىلىپ قېلىڭكى بۇيول ئىسلام دىنىمىزدىكى 4 مەزھەپنىڭ ھىچقايسىسى ئەمەس ،4مەزھەپ ئەمەس ئىكەن ئۇ چوقۇم ئىسلام يولى ئەمەس . (ھىدايەت قىلغۇچى ئاللاھقا تەۋەككۇل )بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% L& A- P  ]0 {$ Q
                  -----------------------------------------

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم . بەك ياخشى پىكىر يۈرگۈزىۋاتىسىز . بىراق سىزنىڭ :  بىلىپ قېلىڭكى بۇيول ئىسلام دىنىمىزدىكى 4 مەزھەپنىڭ ھىچقايسىسى ئەمەس - دېگىنىڭىز توغرا ، لېكىن :   4مەزھەپ ئەمەس ئىكەن ئۇ چوقۇم ئىسلام يولى ئەمەس - دېگىنىڭىز توغرا بولمىدى . ياخشىراق ئىزدىنىپ باققايسىز .

     اللەقا ئامانەت .
   
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش