مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1545|ئىنكاس: 8

دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال (2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102290
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1078
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-1-15
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 02:31:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بېشى ئالدىنقى ساندا...



دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال

ئاپتورى: ئائىز قەرنىي (سەئۇدىي ئەرەبىستان)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئويچى

ئۈچىنچى باب

   «بەخت دېگەن كۆڭۈل توقلىقى، ئىدىيە خاتىرجەملىكى، تىنىچلىق شاتلىقى، پاك مۇئامىلە، گۈزەل ئىش-ھەركەت ۋە قانائەتچان روھى ھالەتتۇر.»

**********************************************************

«مەن ساڭا ئاتا قىلغان نېئمەتلەرنى قوبۇل قىلغىن، شۇنداقلا ماڭا شۈكۈر قىلغىن.» (144 :7)
1
اللە نىڭ مەرھەمىتى قانچىلىك، ھېساپلاپ بېقىڭ

   تاڭ ئاتسىلا، قۇياش سانسىزلىغان بەخىتسىز ئاياللارنىڭ ئۈستىگە نۇر تاشلايدۇ، ئەمما سىز بەخىتلىك. ئۇ سانسىزلىغان ئاچ-يالىڭاچ ئاياللارغا نۇر چاچىدۇ، سىزنىڭ بولسا يېتەرلىك ئوزۇقىڭىز بار. ئۇ سانسىزلىغان مەھبۇسلارغا نۇر چاچىدۇ، ئەمما سىز ھۆر. ئۇ سانسىزلىغان ئاپەت تۈپەيلى جۈدەپكەتكەن ئاياللارغا نۇر تاشلايدۇ ، ئەكسىچە سىز ساغلام، شاد-خۇرام. قانچىلىغان كۆز-ياشلار ئۇلارنىڭ مەڭزىلىرىدىن ساقىماقتا، قانچىلىغان ئانىلارنىڭ قەلىبلىرى دەرت-ھەسرەتكە تولماقتا، قانچىلىغان سەبىي قىزلار ياردەمسىز ئىڭرىماقتا. سىزچۇ؟سىز بەخىت ۋە تەبەسسۇمغا ئىگىسىز. شۇڭا اللە قا- مەڭگۈ مەۋجۇت خۇداغا مېھرىبانلىقى، ھامىيلىقى، سېخىيلىقى ئۈچۈن ھەمدۇ-سانا ئېيتىڭ.
   ئولتۇرۇپ ئويلىنىڭ، سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىڭىزگە يۈزلىنىڭ، بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا قاراڭ. سىز قانچىلىك نەرسىگە، قانچىلىك بايلىققا ئىگە؟ قانچىلىك بەخىت ۋە سىزنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىز؟ـــــ ھۆسىن-جامال، مال-مۈلۈك، بالا-چاقا، سالقىن-سۆرۈن، ئائىلە، ۋەتەن، كۈن نۇرى،  ھاۋا، سۇ، غىزا، دورا. مانا بۇلارغا ئىگە بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن شاد-خۇرام بولۇڭ.
  
«بىر كوي پۇلىڭزنى مىسكىنلەرنىڭ بەختى ۋە سۆيگۈسىگە تىگىشىڭ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« اللە سەن ئۈچۈن تەقسىم قىلغانغا رازى بول، ئەڭ باي ئادەم بولىسەن.»

2
سىزنى خۇرسەن قىلىدىغىنى ناھايىتى ئاز، سىزنى ئازاپلايدىغىنى بولسا تولىمۇ كۆپ

   ھاياتىڭىزنىڭ ھەقىقى سانىغىلى بولىدىغان قىسمى دەل بەخىت ۋە مەمنۇنىيەت بىلەن تولغان ۋاقىتلاردۇر. تاماخورلۇق، ئاچكۆزلۈك ۋە ئالاقزادىلىك دېگەنلەر ساناقتا توختىمايدۇ. بۇلار سالامەتلىككە زىيانلىق ، گۈزەللىكنى نابۇت قىلىدۇ. اللە سىز ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغانغا رازى بولۇڭ، تەقدىرگە ئىشىنىڭ. ئۈمىدۋار روھى ھالەت بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنىڭ، خۇددى گۈزەل ۋە يەڭگىل قەلىبلىك، ھېچنىمىگە مەھلىيا بولمايدىغان، گۈلدىن-گۈلگە، باغدىن-باغقا، تاغدىن-تاغقا قونۇپ يۈرىدىغان كېپىنەككە ئوخشاش. ياكى گۈللەردىن شىرنە سۈمۈرۈپ، ھەسەل ئىشلەيدىغان ھەسەل ھەرىسگە ئوخشاش، ئۇ گۈللەرگە قونىدۇ بىراق گۈل شېخىنى سۇندۇرۋەتمەيدۇ، گۈل شىرنىسىنى يىغىپ ھەسەل ئىشلەيدۇ، ئەمما گۈل بەرگىنى چىشلەپ نابۇت قىلمايدۇ. قانائەت تۇيغۇسىغا باي «ۋىڭ-ۋىڭ» ئاۋازى بىلەن مېھىر-مۇھەببەت ۋە خۇش خەۋەر تارقىتىدۇ. گويا جەننەتتىكى ھۆر-پەرىلەر زېمىنغا چۈشكەن كەبى.
   
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«اللە تەۋبە قىلغۇچىلارنى، ئۆزىگە يۈزلەنگۈچىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا قايتىدۇ، ئۇنىڭغا ھازىرقى ھالىدىن شىكايەت قىلىدۇ.»
  « ئاللاھقا شۈكرى، ئۇ مېنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىمنى يۇقاتتى.»

3
بېشىڭىزنى تۆۋەن سېلىپ لاي-تۇپراققا ئەمەس، ئېگىز كۆتۈرۈپ رەڭدار بۇلۇتلارغا قاراڭ

   يىراقلارغا تىكىلىڭ، خىياللىرىڭىز قاناتلانسۇن. توختىماي يامىشىڭ، ئۈمۈد مەڭگۈ سىزنى باغاشلىسۇن. چىكىنىشتىن ساقلىنىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھايات دېمەك مىنۇت-سىكۇنت دىمەكتۇر. سىز گويا ئىشچان چۈمۈلە كەبى چىداملىق بولىشىڭىز كېرەك.
   ئۈزۈلدۈرمەي تىرىشىڭ، توختىماي پىكىر قىلىڭ. مۇبادا يەنە گۇناھ قىلىپ سالسىڭىز يەنە تەۋبە قىلىڭ.
   تىرىشىپ قۇرئان يادلاڭ. مۇبادا ئۇنتۇپ قالسىڭىز قايتىدىن بىر-بىرلەپ تەكرار قىلىڭ.
   ئەڭ مۇھىمى مەڭگۈ ئاھ ئۇرماڭ، ئەقىل بىلەن سۆزلەڭ. دۇنيادىكى ئىشلار يەكۈن ۋە خۇلاسە ئەمەس، پەقەت تەكرار تەجرىبە، خاتالىقتىن ساۋاق ئېلىش جەريانى،  خالاس. تۇرمۇش گويا ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئوپراتسىيەسىنى كۈتۈپ تۇرغان تەنگە ياكى قىسمەن ئوڭشىغىلى ھەتتا قايتىدىن سالغىلى بولىدىغان بىناغا ئوخشايدۇ. بارلىق مەغلۇب ئىدىيەلەردىن يىراق تۇرۇڭ، ئاشۇ بالا-قازا ۋە كۈلپەتلەرنى قايتا ئويلىماڭ. چۈنكى قادىر ئىگەم مۇنداق دەيدۇ: « ناۋادا سىلەر ھەقىقي مۇئمىن بولساڭلار، اللە قا تەۋەككۈل قىلىڭلار.» (23 :5)
  
« گۇناھنى داۋاملاشتۇرۇش تەرسالىق بولسا، گۇناھتىن ۋاز كېچىش جىھادتۇر. »
  
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا خۇش-خەۋەر بەرگىن » (25 :2)

4
ئىمانلىق كەپە ئىمانسىز قەسىردىن ئەلا

   پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىپ، ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتۇپ، كەپىدە تۇرىدىغان مۇسۇلمان ئايال، ئاشۇ كاتتا قەسىردە تۇرىدىغان، مۇلازىملىرى ۋە ھەشەمەتلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بار ئايالدىن بەخىتلىك.
   چىدىردا يېتىپ قوپۇپ، كۆمەچ يەپ، كۈپنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، قۇرئان ئوقۇيدىغان، اللە نى ئەسلەيدىغان بىر ئىمانلىق ئايال، ھەشەمەتلىك سارايدا، مەخمەل ھوجرىلاردا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارىنى تونۇمايدىغان، پەيغەمبىرىگە ئەگەشمەيدىغان ئايالدىن بەخىتلىك.
   بەخىتنىڭ ھەقىقي مەنىسىنى بىلىۋېلىڭ. ئۇ كۆپلىگەن كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك تار ۋە ئەپسانىۋى ئەمەس. سىز بەخىتنى دوللار ۋە ئالتۇندىن كېلىدۇ دەپ قارامسىز؟ ياكى ئائىلە جابدۇقلىرى، كىيىم-كېچەكتىن، يىمەك-ئىچمەكتىن، قاتناش-قوراللىرىدىن؟ ياق، پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس. بەخىت- قەلىبتىكى رازىلىق، ئىدىيەدىكى خاتىرجەملىك، تىنىچلىقتىكى شادلىق، ياخشى مۇئامىلە، گۈزەل-ئىش-ھەركەت ۋە قانائەتچان روھى ھالەتتۇر.
  
« مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان، قول ئاستىدىكىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان كىشى قانداقمۇ خاتىرجەملىك، رازىمەنلىك ھېس قىلالىسۇن؟»
  
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ھەممە ئىشنى مەڭگۈ ھايات، ئۆلمەس خۇداغا تاپشۇر.»

5
قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ

   بىرەر پارچە ياخشى كىتاپ ئوقۇپ بېقىڭ ياكى بىرەر تال ياخشى لېنتا ئاڭلاپ بېقىڭ. يېقىملىق «قۇرئان» غا قۇلاق سېلىڭ، بەلكىم، بىرلا ئايەت قەلبىڭىزگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ، ۋىجدانىڭىزنى قوزغاپ، ھىدايەت ۋە نۇر ئېلىپ كېلىشى، گۇمان ۋە ئۈمۈدسىزلىكنى يوقىتىشى مۈمكىن. «ياخشىلار باغچىسى» كەبى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆز-ھەركىتى خاتىرلەنگەن كىتاپلارنى ئوقۇڭ. شۇندىلا ئازغۇنلۇقتىن ياكى گۇناھتىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلىنى تاپالايسىز، مەنپەئەتلىك بىلىملەرگە ئېرىشەلەيسىز. بۇ ئىلىملەر سىزنىڭ بارچە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
   سىزنىڭ شىپالىق دورىڭىز ۋەھى ــ «قۇرئان»بىلەن«ھەدىس» تە، سىزنىڭ ئارامىڭىز ئىماندا، سىزنىڭ شاتلىقىڭىز نامازدا، سىزنىڭ خاتىرجەملىكىڭىز قانائەتتە، سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىز تەبەسسۇمدا، سىزنىڭ شان-شەرىپىڭىز ھىجابتا، سىزنىڭ تىنىچلىقىڭىز مېھرىبان اللە نى ئەسلەشتە.

  «مەزلۇمنىڭ قارغىشىدىن ۋە مەھرۇمنىڭ كۆز يېشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ.»
   
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىلەر ئۈچۈن قايغۇرۇپ، اللە سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلەر ئۈچۈن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.» (23 :57)

6
بىزنىڭ بەختىمىز ئۇلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ

   كىم سىزگە كىشىنى ئېزىقتۇرىدىغان مۇزىكىلار، ئەخلاقنى بۇزىدىغان ناخشىلار، پەسكەش ماغزاپ تىياتىرلار، ۋەقەلىكى يىرگىنىشلىك دىراممىلار، مەزمۇنى تېتىقسىز ژۇرناللار، شەھۋانى كىنولار بەخىت ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ دەيدۇ؟ سىزگە بۇلارنى كىم دېگەن بولمىسۇن بەرىبىر يالغان سۆزلەپتۇ. بۇ كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كىيىن پۇشايمان قىلغان كىشىلەر بۇ ئىشلارنىڭ ئازاپ، ئۈمۈدسىزلىك، چۈشكۈنلۈكنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇڭا بىكار تەلەت، ئويۇن قېپى ئادەملەردىن يىراق تۇرۇڭ، اللە نىڭ يولىدىن قېيىپ كېتىشتىن پەخەس بولۇڭ. ھۆرمەت بىلەن قۇرئان ئوقۇڭ، پايدىلىق كىتاپلارنى كۆرۈڭ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان نۇتۇقلارنى، ۋەز-نەسىھەتلەرنى ئاڭلاڭ. چىن دوستلۇق بەرپا قىلىڭ، دىنىي مۇراسىملارغا قاتنىشىڭ، اللە نى ياد ئېتىڭ، اللە تىن ئەپۇ تىلەڭ، شۇندىلا قەلبىڭىز خاتىرجەملىككە تولىدۇ.
  
« ساغلام قەلىبتە شېرىك، ئالدامچىلىق، ئۆچ-ئاداۋەت ياكى ھەسەتكە ئەسلا ئورۇن يوق.»
  
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئۇ ئېيتتى: پەرۋەردىگارىم! كۆكسى-قارنىمنى كەڭ قىلغىن.» (25 :20)

7
روھىيەتنىڭ نىجاتلىق كېمىسىگە چىقىۋېلىڭ

   مەن كۆپلىگەن ئارتىسلار، ناخشىچىلار ۋە ئەھمىيەتسىز كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇدۇم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھاياتلىرىمۇ ئۆلۈپ كەتكەنلىرىمۇ بار. مەن دېدىم: نېمىدىگەن ئېچىنىشلىق-ھە! مۇسۇلمان ئەر-ئاياللار، ئىمانلىق ئەر-ئاياللار، ئىخلاسمان ئەر-ئاياللار، رۇزىدار ئەر-ئاياللار، مەڭگۈ باقى اللە قا ئىبادەت قىلىدىغان ئەر-ئاياللار، كەمتەر، تەقۋادار ئەر-ئاياللار سىلەر قەيەردە؟ ئەجەبا بۇ چەكلىك ھايات مەنىسىز، بىھۇدە ئىستەكلەرگە ئىسراپ قىلىۋېتىلسە بولامدۇ؟ سىزنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ھاياتىڭىز بارمۇ؟ اللە سىزنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقىڭىزغا ۋەدە بەردىمۇ؟ ياق! اللە بىلەن قەسەمكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتا تەسەۋۋۇر ۋە خام-خىيالدۇر. ئۆزىڭىزگە قايتا بىر نەزەر سېلىڭ، ئاندىن بىر يېڭى پىلان تۈزۈڭ. تىرىشىپ-تىرمىىشىپ، قوغلاپ، يېتىشىپ روھىيەتنىڭ نىجاتلىق كېمىسىگە چىقىۋېلىڭ.
  
« پاراسەتلىك ئايال قاقاس چۆلنى يېشىل بوستانغا ئايلاندۇرالايدۇ.».
  
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« بوران-چاپقۇن، قار-يامغۇردىن كېيىن ھامان كۈن چىقىدۇ ».

8
ناماز-ئۇ بەختنىڭ ئاچقۇچى

   ھەركۈنى، بەخىتكە قاراپ بېسىلغان تۇنجى قەدەم بامدات نامىزىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈنلۈك تۇرمۇشنى باشلىسىڭىز، ھەممىگە قادىر اللە نىڭ ھىمايىسى ۋە رازىلىقى ئىچىدە بولىسىز. ئۇ سىزنى بارلىق گۇناھلاردىن ساقلاپ، بارچە ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ. بامدات نامىزى ئۆتىگەن پۈتۈن كىشىلەرگە خۇش-خەۋەر بېرىڭ. ئۇ بارچە ئەمەللەرنىڭ مەقبۇل بولىشىنىڭ ۋە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ تۇنجى قەدىمى.   اللە بامدات نامىزى بىلەن باشلانمىغان كۈنگە بەركەت بەرمەيدۇ. جاپا-مۇشەققەت ۋە ئازاپ-ئوقۇبەت بامدات نامىزىغا سەل قارايدىغان ئاشۇ كىشىلەرگە مەنسۇپ.
  
« تۈگىمەس مۇنازىرە، ئەرزىمەس تالاش-تارتىشلار تىنىچ-ئاراملىق تۇيغۇسىنى يوق قىلىدۇ.».
  
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« بىز سەن ئۈچۈن كۆكسى-قارنىڭنى كەڭرى قىلمىدۇقمۇ؟» (1 :94)

9
قەھرىمان ئانا

   ھەججاج ئالدىدىكى ئاشۇ مويسىپت ئايالدىن ئۆگېنىڭ. ھەججاج ئۇنىڭ ئوغلىنى تۇتۇپ زىندانغا تاشلىغان ۋە ئۆلتۈرۈشكە قەسەم ئىچكەندە، ئۇ پەرۋەردىگارىغا  يۆلىنىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، قەيسەرلىك بىلەن مۇنداق دېدى: « مۇبادا سەن ئۇنى ئۆلتۈرمىسەڭمۇ، ئۇ ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ.»
   ئاشۇ پارس مۇمايدىن ئۆگېنىڭ. ئۇ ئۆزىنىڭ توخۇ كاتىكىدىن ئامالسىز ئايرىلغىنىدا ئۇنى اللە قا تاپشۇردى ۋە ئاسمانغا قاراپ نىدا قىلدى: «ئاللاھىم، مېنىڭ توخۇ كاتىكىمنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن، سەن ئەڭ ياخشى ساقلىغۇچىسەن.»
   ئەسمادەك چىداملىق بولۇڭ. ئۇ ئوغلى ئابدۇللاھنىڭ دارغا ئېسىلغانلىقىنى كۆرگەندە مۇنۇ مەشھۇر بىر جۈملە سۆزنى قالدۇردى: «چەۋەندازنىڭ ئاتتىن چۈشۈدىغان ۋاقتى كەپتۇ-دە...؟!»
   خەنسادىن ئۆگېنىڭ. ئۇنىڭ تۆت بالىسى اللە يولىدا شېھىت بولدى. ئۇ بالىلىرىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: «اللە قا شۈكرى، ئۇ بالىلىرىمنى شەھىدلىككە تاللاپ، ماڭا شان-شەرەپ ئاتا قىپتۇ.»
بۇ ئاياللارغا ۋە ئۇلارنىڭ شانلىق ئىش-ئىزلىرىغا قاراڭ!
  
« مەيىن شامالنىڭ ئەۋرىشىملىكى، ئىپارنىڭ خۇشبۇي ھىدى ۋە تاغۇ-تاشلارنىڭ بەردەملىكىنى ۋۇجۇدىڭىزغا مۇجەسسەملەڭ .»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« بوشىشىپ قالماڭلار، قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار چۇقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر.» (139 :3)

                                   10
دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئايال بولۇڭ

   سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىز سىزنى قۇياشتىنمۇ پارلاق قىلىۋېتىدۇ، سىزنىڭ ئەخلاقىڭىز سىزنى ئىپاردىنمۇ خۇشبۇي قىلىۋېتىدۇ، سىزنىڭ ئالىجاناپلىقىڭىز سىزنى تولۇن ئايدىنمۇ نۇرلۇق قىلىۋېتىدۇ، سىزنىڭ كۆيۈمچانلىقىڭىز سىزنى باھار يامغۇرىدىنمۇ مەنپەئەتلىك قىلىۋېتىدۇ. ئىمانىڭىز بىلەن گۈزەللىكىڭىزنى قوغداڭ، قانائەت بىلەن خاتىرجەملىكىڭىزنى ساقلاڭ، ھىجاپ بىلەن پاكلىقىڭىزنى ئاسراڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىزنىڭ زىبۇ-زىننىتىڭىز ئالتۇن-كۈمۈش، مەرۋايىت ئەمەس. بۇلاردىنمۇ بەك يارىشىدىغىنى: سەھەردىكى ئىككى رەكئەت ناماز، اللە ئۈچۈن روزا تۇتقان چاغدىكى چاڭقاش، پەقەت اللە لا بىلىدىغان يوشۇرۇن سەدىقە، گۇناھلارنى يۇيىدىغان ئىسسىق كۆز ياش، اللە قا مۇتلەق ئىتائەت قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئۇزۇن سەجدە، شەيتان چاقىرغاندا اللە تىن قىلىنغان ھايا. تەقۋالىقنى لىباس قىلىپ ئۆزىڭىزنى ئورىۋېلىڭ، چۈنكى سىز دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال. گەرچە كۆڭلىكىڭىز كونا بولسىمۇ، ئالىجاناپلىقنى چىدىر قىلىپ ئۆزىڭىزنى دالدىغا ئېلىڭ، چۈنكى سىز دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال. گەرچە يالاڭ ئاياق قالسىڭىزمۇ ئاشۇ كىشى قەلبىنى قۇترىتىدىغان، شاللاق، جاھىل ئاياللارنىڭ تۇرمۇش شەكلىدىن نېرى تۇرۇڭ، چۈنكى ئۇلار دوزاخنىڭ يېقىلغۇلىرىدۇر. « ئۇنىڭغا پەقەت شورپىشانە ئادەملا كىرىدۇ.» (15 :92)

« ھاياتىڭىزدا مەيلى قەيەرگە بارماڭ، زۇلمەتكە يۇلۇققاندا قىلىدىغىنىڭىز پەقەت قەلبىڭىزدىكى ئاشۇ چىراقنى ياندۇرۇشتۇر.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

تۆتىنچى باب

  « تۇرمۇشتىكى ئازغىنە زۇلمەت تۈپەيلى قەدىمىڭىزنى تۇختاتماڭ، مەشئەل ئالدىڭىزدىلا، سىز پەقەت ئالغا بېسىپ ئۇنى ياندۇرسىڭىزلا بولدى.»

*******************************************************
«ئەتتىگەن ئويغانغىنىڭدا، كەچكىچە ياشاشنى تاما قىلما »

                                    1   
سىز شەرەپلىك ھەم ھۆرمەتكە سازاۋەر

   ئەي ئىخلاسمەن مۇسۇلمان ئايال! ئەي قاچانلا بولمىسۇن ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىغا سېغىنىدىغان مۇئمىن ئايال! سىز بارچە رەزىللىك ۋە زىيانكەشلىك ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىڭىز كېرەك، خۇددى خورما دەرىخىگە ئوخشاش قەيسەر بولۇڭ، مۇبادا ئۇنىڭغا تاش ئېتىلسا ئۇ پەقەت مېۋىلا تاشلاپ بېرىدۇ، ھەرگىز ئۆچ ئالمايدۇ، قىش-ياز يېشىل تۇرىدۇ، كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئۆز سالاھىيىتىڭىزنى چۈشۈرمەڭ. ئىززەت-ئابروي، شان-شەرىپىڭىزگە زىيان سالىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ. سۆزلىگەندە اللە نى ئۇلۇغلاڭ، قارىغاندا بىر نەرسە ئۆگىنىڭ، تىنىچلانغاندا تەپەككۈر قىلىڭ، شۇندىلا بەخىت ۋە خاتىرجەملىك تاپالايسىز، كىشىلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىسىز. ئۇلار سىزنى ماختايدۇ، سىز ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. اللە سىزدىن نەپرەت، قورقۇنچ ۋە غەم-ئەندشىنى قوغلايدۇ. سىز مۇئمىنلەرنىڭ دۇئاسىدا ئارامخۇدا ئۇيقۇغا كىرىسىز، ئۇلارنىڭ ماختاشلىرى ئىچىدە يەڭگىل ئويغىنىسىز. بەخىت تۇيغۇسىنىڭ بانكىدىكى پۇلدىن ئەمەس بەلكى اللە قا ئىتائەت قىلىشتىن، ھەشەمەتلىك كىيىم-كېچەك ياكى ئىنساننى رازى قىلىشتىن ئەمەس بەلكى اللە نى رازى قىلىشتىن كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىسىز.
   
«ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، ئۆزگىرىش ھامان ئاستا بولىدۇ، ئېغىر توسالغۇلارغا يولۇقۇشىڭىز مۇمكىن، بىراق ئۇلار سىزنى يېقىتىۋەتمىسۇن!»
  
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتتى: سىلەر ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن ئىجابەت قىلىمەن.» (60 :40)

2
اللە نىڭ نىئمەتلىرىنى قوبۇل قىلىڭ ھەم ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىڭ

   اللە نىڭ ئىلتىپاتلىرىدىن تولۇق مەنپەئەتلىنىڭ، تەشەككۇر ئېيتىڭ، ئىتائەت قىلىڭ. سىزنىڭ ئىچىدىغان سۈيىڭىز تولۇق، تاھارەت ئالىدىغان سۈيىڭىز پاكىز. سىز قۇياشنىڭ ئىللىقلىقىدىن، ئاينىڭ گۈزەللىكىدىن بەھىرلىنىۋاتىسىز. شاختىن مېۋە ئۈزۈپ يېيەلەيسىز، ئۆستەڭدىن سۇ ئېلىپ ئىچەلەيسىز. دېڭىز-ئوكيانلارغا قاراڭ، ئېتىز-دالىلارنى كېزىڭ. اللە قا، ھەممىگە قادىر، ئەپۇچان، ئۇلۇغ خۇداغا شۈكۈر قىلىڭ. اللە سىزگە ئاتا قىلغان سان-ساناقسىز نېئمەتلەردىن پايدىلىنىڭ، زىنھار تۇزكۇرلۇق قىلماڭ.
   «ئۇلار اللە نىڭ نېئمەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلدى. ئۇلارنىڭ تولىسى تۇزكورلاردۇر.» (83 :16)
   گۈلنىڭ تىكىنىگە قاراشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىڭ. قۇياشنىڭ ھارارىتىدىن نەپرەتلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ نۇرىدىن بەھىرلىنىڭ. كېچە زۇلمىتىدىن يىرگىنىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ جىمجىتلىقىنى خىيال قىلىڭ. نېمە ئۈچۈن مەسىلىلەرگە ئۈمۈتسىز، سەلبىي ئۇسۇل بىلەن مۇئامىلە قىلىسىز؟ نىمە ئۈچۈن تۇزكورلۇق تۈپەيلى بۇ نېئمەتلەرنى ئالماشتۇرىۋېتىسىز؟
   «ئەجىبا سەن بۇ كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار اللە قا تۇزكورلۇق قىلدى ۋە ئۆز قەۋمىنى ھالاك قىلدى.» (28 :14)
   بۇ ئىنئاملاردىن پايدىلىنىڭ، ئۇلارنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭ ۋە بۇلارئۈچۈن ھەممىگە قادىر، شەپقەتلىك اللە قا ھەمدۇ-سانا ئېيتىڭ.
   
« ياماندىن ياخشىغا ئايلىنىش ئۇزاق مۇددەتلىك، لېكىن ئاجايىپ مۆجىزە.»
   
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«  اللە نىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار.» (53 :39)

3
رىزىق تەۋبە-ئىستىغفار بىلەن بىللە

   بىر ئايالنىڭ بايانى:
   مەن ئوتتۇز نەچچە ياش ۋاقتىمدا ئېرىم ئالەمدىن ئۆتتى، بىزنىڭ بەش بالىمىز بار ئىدى. دۇنيا ماڭا بىردىنلا قاراڭغۇ بىلىندى، ئۇدا يىغلىدىم ھەتتا ئەنسىزلىكتىن يىغلاۋېرىپ كۆزۈمدىن ئايرىلدىم. ئۆز تەقدىرىمدىن ئاغرىنىپ، ئۈمۈتسىزلىك پاتقىقىغا پاتتىم. بالىلار كىچىك، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى يوق دېيەرلىك ئىدى. مەن ئېرىم قالدۇرغان پۇلنى ئاۋايلاپ سەرپ قىلدىم. بىر كۈنى ئۆيدە رادىئونى ئېچىپ، «قۇرئان» ئاڭلىتىشقا توغۇرلاپ، بىر ئالىمنىڭ مۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم: «اللە نىڭ ئەلچىسى مۇنداق دەيدۇ: «كىم اللە تىن داۋاملىق مەغفىرەت تىلەيدىكەن، اللە ئۇنى ئۈمۈدسىزلىك ۋە خاپىلىقتىن قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ.» شۇندىن كېيىن مەن ئۈزۈلدۈرمەي مەغفىرەت تىلىدىم، باللىرىمدىنمۇ شۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلدىم. ئالتە ئايدىن كىيىنكى بىر كۈنى، بىر ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى ئۆيىمىزگە كېلىپ نەچچە مىليون سومغا ئائىلىمىزنىڭ بىر قىسىم ئۆيلىرىنى سېتىۋالدى. كېيىن بىر ئوغلۇم بۇ يەردىكى «قۇرئان» نى تولۇق يادقا ئالغان تۇنجى ئوقۇغۇچى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. شۇندىن باشلاپ ئائىلىمىز بەخىتكە چۆمدى، ياخشى تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئىگە بولدۇق. اللە قىز-ئوغۇللىرىمنى ساغلام چوڭ قىلىپ، غەم-ئەندىشە، ئازاپ-ئوقۇبەت ۋە چۈشكۈنلىكىمنى ئېلىپ كەتتى، مېنى ئەڭ خوشال ئايالغا ئايلاندۇردى.
   « مۇبادا سىز ئۈمۈتسىزلىك پاتقىقىغا پاتسىڭىز، ئۇنىڭدىن ھېچنىمە ئۆگىنەلمەيسىز، بەلكى مەڭگۈ خوشاللىق تاپالمايسىز.»
   
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« اللە نىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، پەقەت كاپىر قەۋملا اللە نىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ.» (87 :12)

4
دۇئا قايغۇ-ھەسرەتنى يوقىتىدۇ

   مېنىڭ بىر تەقۋادار، ئىخلاسمەن دوستۇم بار ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئۈچ بالىسى بار ئىدى. بۇ ئۇنى ئۈمىدسىزلىككە مۇپتىلا قەلدى، گويا دۇنيا قاپقاراڭغۇدەك. بىر ئالىم ئۇنىڭغا تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش، تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن دۇئا قىلىپ، اللە تىن ئەپۇ-مەرھەمەت تىلەش، ئايالىغا زەم-زەم سۈيى ئىچكۈزۈش ھەمدە ئىچىشتىن ئىلگىرى قۇرئان ئوقۇش تەكلىپىنى بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ بۇيىچە قىلىشنى داۋاملاشتۇردى، ئۇنىڭ ئايالىمۇ قۇرئان ئوقۇشنى باشلىدى. بامداتتىن كۈن چىققۇچە، شامدىن خۇپتەنگىچە ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ اللە تىن ئەپۇ-مەرھەمەت تىلىدى. شۇنداق قىلىپ ئايالىنىڭ كېسىلى ساقايدى. ئۇنىڭ چاچ، تېرىلىرى بۇرۇنقىدىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتتى. ئۇمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەۋبە، ئىستىغفار، ناماز ئىبادىتىگە بېرىلدى. شان-شەرەپ شىپالىق بەرگۈچى-ساغلاملىق ئاتا قىلغۇچى اللە قا مەنسۇپتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. ئۇنىڭ تەڭدىشى يوقتۇر.
   ھەمشىرەم! مۇبادا سىز كېسەل بوپقالسىڭىز اللە قا، ھەممىگە قادىر خۇداغا سېغىنىڭ، ئۇنىڭدىن كۆپلەپ ئەپۇ تىلەڭ، نالە قىلىڭ، تەۋبە قىلىڭ، خوشال بولۇڭ. چۇنكى اللە دۇئايىڭىزنى ئىجابەت قىلىدۇ، ئازابىڭىزنى يەڭگىللىتىدۇ، زىيانلىق نەرسىلەرنى قوغلايدۇ.
   « بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان،  ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟» (62 :27)
  
  « ئۆتمۇشىڭىز ۋە ھازىرىڭىزنى تەكشۈرۈڭ. چۈنكى تۇرمۇش ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپىقىيەتنى بايقايدىغان تەجرىبە.»

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئۇ مۇئمىنلەرگە مېھرىباندۇر.» (43 :33)

5
ئۈمىدسىزلىك ۋە ئارسالدىلىقتىن ساقلىنىڭ

   بىر ئانا بولۇپ، ئۇنىڭ يىگانە تۇققىنى-ئوغلى تۈرمىگە كىرىپ قاپتۇ. ئۇ كېچىلىرى يىغلاپ، كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەپتۇ، دەرت-پىراق ئۇنى تامامەن يەپ كېتىپتۇ. يىغلاپ كۆز ياشلىرى قۇرۇپتۇ. اللە ئۇنى « لەھەۋلە ۋەلە قۇۋۋەتە ئىللە بىللەھ ‹اللە قا تايانماستىن كۈچ-قۇۋۋەت، چارە-تەدبىر يوق›» دېيىشكە يېتەكلەپتۇ. ئۇ بۇلۇغ ھەمدۇ-سانانى (ئەمەلىيەتتە ئۇ جەننەتتىكى بىر خەزىنە) تەكرار تەكرار ئوقۇپتۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇ بالىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن نائۈمىد بولۇپ تۇرغاندا، ئوغلىنىڭ ئىشىك قاققان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇرسەن بوپتۇ. مانا بۇ اللە قا ئىشەنگەننىڭ، نالە قىلغاننىڭ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەۋەككۈل قىلغاننىڭ ئەجىر-مۇكاپاتى. شۇڭا دائىم « اللە قا تايانماستىن كۈچ-قۇۋۋەت ۋە چارە-تەدبىر يوق » دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆزنى ئسىڭىزدە تۇتۇڭ. ئۇ مۇۋەپپىقىيەت ۋە بەخىت-سائادەتنىڭ سىرى. بۇنى كۆپ ئوقۇڭ، ئۇ رودىپايدەك چاپلىشىۋالغان ئازاپلىرىڭىزنى ۋە ئەندىشىڭىزنى قوغلايدۇ. اللە پات ئارىدا سىزگە بەخىت ۋە چىقىش يولى ئاتا قىلىدۇ. ئىشەنچنى يوقىتىشتىن، ئىسەنگىرەشتىن پەخەس بولۇڭ. چۈنكى قىيىنچىلىقتىن كېيىنكىسى ئاسانلىقتۇر. بۇ نوقتىدا قىلچە شەك يوق. ئاكتىپ ھالدا، ئۇلۇغ اللە قا يۈزلىنىڭ، چىن قەلبىڭىزدىن ئۇنىڭغا يۆلىنىڭ، ئۇنىڭدىن بىر چىقىش يولى بېرىشنى تىلەڭ ھەم سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈڭ.
   
« مەسىلىڭىزنى باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىدىغان تېمىغا ئايلاندۇرىۋالماڭ، بولمىسا ئۆزىڭىز بىلەن بەخىت ئوتتۇرىسىغا بىر توساق سالغان بولىسىز.»
   
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر » (32 :53)

6
ئائىلە- شان-شەرەپ ۋە مېھىر-مۇھەببەت خاندانىدۇر

   سۆيۈملۈك ھەمشىرەم، زۆرۈر ياكى مۇھىم ئىشلار بولماستىن ئائىلىڭىزدىن ئايرىلماڭ. چۈنكى ئائىلە بەخىت-سائادەتنىڭ بۇلىقى.
   « سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا تۇرۇڭلار.» (33:33)
   ئائىلىدە سىز بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمىسىز، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ئابرويىڭىزنى قوغدىيالايسىز. قىممىتى يوق ئايال ھەمىشە مەقسەتسىز بازار ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ بار يوق ھەۋىسى ئېقىمغا ماسلىشىشتا، مودا قوغلىشىشتا، ماگزىنلارغا بېرىپ يېڭى مەھسۇلاتلارنى سۈرۈشتە قىلىشتا. ئۇنىڭ ئىمان، دەئۋەت دېگەنلەر بىلەن خۇشى يوق، بىلىم ئېلىش، تەربىيلىنىش نىيىتى يوق. ئۇ راھەت-پاراغەتكە بېرىلىدۇ، پەقەت يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەككىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ.
   ئائىلىڭىزدىن يىراقلاشمڭ. چۈنكى ئۇ سائادەتلىك، بىخەتەر، تىنىچ جاي، كىشىگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىدىغان پاناگاھ. ئائىلىڭىزنى مېھىر-شەپقەت، سېخىلىق، ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ بۇلىقىغا ئايلاندۇرۇڭ.
  
  « دەرتلىرىڭىزنى ياخشى سۆز ۋە پىكىر-تەكلىپلىرى بىلەن سىزگە ياردەم بېرەلەيدىغان ئاشۇ ئادەملەردىن باشقىغا تۆكمەڭ.»
  
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« مۇئمىن نېمىدىگەن بەخىتلىك-ھە! ئۇنىڭ ھەممە ئىشىغا ياخشىلىق باردۇر.» (ھەدىس)

7
قۇرۇق پاراڭغا ۋاقتىڭىز يوق

مەڭگۈ يۈز بەرمەيدىغان ئىشلارنى دەتالاش، بەس-مۇنازىرە قىلىش كىشىنى غەم-ئەندىشە ۋە ئاۋارىچىلىققا دۇچار قىلىدۇ. ھېچقاچان، ئوخشىمىغان قاراشقا يول قويۇلىدىغان مەسىلىلەردە باشقىلارنى قايىل قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ. ئەمما ئۆز قارىشىڭىزنى قىسقىچە بايان قىلسىڭىز بولىدۇ. ئاچچىقلىماڭ ياكى باشقىلارغا بېسىم قىلماڭ. بىراۋنى ھەددىدىن زىيادە ئەيىبلىمەڭ ياكى تەنقىد قىلماڭ. بۇنداق قىلىش سىزنى ۋەھىمىگە سالىدۇ، باشقىلارغا يامان تەسىر بېرىدۇ. بىر خىل دوستانە، ئىللىق شەكىل بىلەن دېيىشكە تېگىشلىك گەپنى دەڭ، شۇندىلا باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيسىز ھەم ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرالايسىز. يەنە كېلىپ، گۇمان ۋە ئەندىشە غەيۋەت قىلىشنى ۋە باشقىلارنى ھاقارەت قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل قىلمىش ئەمەل-ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ، گۇناھ يۈكلەيدۇ، خاتىرجەملىكنى بۇزىدۇ. شۇڭلاشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز سەۋەنلىكىڭىزنى تۈزىتىڭ، باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا ئېسىلىۋالماڭ. اللە بىزنى مۇكەممەل، كەم-كۈتىسىز ياراتقىنى يوق، بىز ھامان خاتالىق ئۆتكۈزىمىز. ئاشۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆز خاتالىقىنى تۈزەپ، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى كوچىلىمايدىغان كىشىلەرگە خۇش بىشارەت بولسۇن.
   
« مۇبادا بىر بالا ئېگىزدىن يىقىلىپ چۈشسە، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئالدى بىلەن قىلىشقا تېگىشلىكى كۆڭۈل قويۇپ يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلىشتۇر، ھەرگىزمۇ يىغلاپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش ئەمەس.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« بىلگىنكى، ساڭا تېگىشلىك ئىش سەندىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ.» (ھەدىس)

8
كۆڭلىڭىز خۇرسەن بولسا پۈتۈن دۇنيا سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ

   ھاياتقا مېھىر-مۇھەببەتلىك، ئۈمۈتۋار پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. چۈنكى ئۇ اللە ئىنسانغا ئاتا قىلغان سوۋغا. يىگانە خۇدانىڭ سوۋغىسىنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭ. نۇرلۇق تاڭ شەپىقىنى، كېچە جىمجىتلىقىنى، كۈندۈز يورۇقلىقىنى باغاشلاڭ. شۈكرانە قەلىب بىلەن بۇ سۈزۈك سۇنى ئىچىڭ، رازىمەن قەلىب بىلەن ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىڭ. قىزىل گۈلنىڭ خۇش ھىدى ئۈچۈن اللە قا مەدھىيە ئوقۇڭ. كائىناتنىڭ ئاجايىباتلىرى ئۈستىدە تەپەككۈر قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىلىم ئىزدەڭ. كەڭ زېمىن ئاتا قىلغان بەختيار سوۋغاتلار-چىرايلىق گۈللەر، ساپ ھاۋالار، شادىمان چاغلار، ئىللىق قۇياش نۇرى، نەپىس ئاي شولىسىدىن ھوزۇرلىنىڭ. بۇ ئىلتىپاتلار سىزنى اللە قا، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلىشقا، تەشەككۈر ئېيتىشقا، رەھىمدىللىكى ۋە سېخىلىقىغا ئاپرىن ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرسۈن. غەم-قايغۇ بۇ نېئمەتلەرنى كۆرۈشكە توسالغۇلۇق قىلىپ، سىزنى نېئمەتنى بىلمەيدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويمىسۇن. ياراتقۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچىنىڭ ئىنئاملىرىنى يادىڭىزدا تۇتۇڭ. ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە ياردەم بېرىڭ.
   « ئى پەيغەمبەرلەر، ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن.» (51 :23)
   
«ھەقىقىي مەرتلىك ئاشۇ ھېچنىمىسى يوق بىراق بىر ئېغىز ياخشى گەپنىڭ، بىر قېتىملىق تەبەسسۇمنىڭ قىممىتىنى بىلىدىغان كىشىلەردە بولىدۇ......»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« كىم اللە تىن قورقىدىكەن، اللە ئۇنىڭغا بىر چىقىش يولى بېرىدۇ.» (2 :65)

9
مۇتلەق شاد-خۇرام ئادەم يوق
   
مۇبادا سىز، تۇرمۇش يۈزدە يۈز كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتىشى كېرەك، دەپ قارىسىڭىز ئېغىر بىر خاتالىق سادىر قىلغان بولىسىز. بۇ پەقەت جەننەتتىلا بولىدۇ. ئەمما بۇ دۇنيادا بەخىت بىلەن  خوشاللىق نىسپىيدۇر. سىز خالىغاننىڭ ھەممىسىگە ئېرىشەلمەيسىز، ھامان بىر قىسىم مەسىلىلەر، كېسەللەر، قىيىنچىلىقلار، ئاۋارىچىلىقلار بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئازادىچىلىكتە شۈكرى قىلىڭ، تارچىلىقتا سەۋىر قىلىڭ، بەك غايىۋىي بولۇپ كەتمەڭ. كېسەل بولماي مەڭگۈ ساغلام تۇرۇشنى، نامرات بولماي مەڭگۈ باي بولۇشنى، مەڭگۈ شادىمان بولۇپ، شاتلىقىڭىزنى بۇزىدىغان ھېچ ئىشنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى ئارزۇ قىلماڭ. شۇنداقلا كەم-كۈتىسىز ئەر، سەۋەنلىكى يوق دوستنى خام-خىيال قىلماڭ. بۇ مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس. ئاشۇ كەمچىلىكلەر ۋە سەۋەنلىكلەرگە قانداق پەرۋا قىلماسلىقنى ئۆگېنىۋېلىڭ. پەقەت ياخشى، ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرىگە قاراڭ، ھامان باشقىلارغا ياخشى گۇماندا بولۇڭ، ئۇلارنىڭ بىخەستىلىكى ئۈچۈن يوللۇق باھانە ئىزدەڭ. ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇن، پەقەت اللە قىلا تاپشۇرۇڭ چۈنكى ئادەم تاپشۇرۇشقا، تايىنىشقا يارىمايدۇ.
   « شۈبھىسىزكى، ئۇلار سەندىن اللە تىن كەلگەن ھېچنەرسىنى تۇسالمايدۇ.» (19 :45)

« تۇرمۇشىڭىزدا قىسمەن قاراڭغۇلۇقلار بولغانلىقى ئۈچۈن قەدىمىڭىزنى توختاتماڭ، ماياك ئالدىڭىزدىلا، سىز پەقەت ئالغا ئىلگىرلەپ ئۇنى يورۇتسىڭىزلا بولدى.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« كىمكى اللە تىن قورقىدىكەن، اللە ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.» (4 :65)

10
بىلىم باغچىسىغا مەرھەمەت

   بەخت-سائادەت يوللىرىدىن بىرى دىيننى چۈشۈنۈشتۇر. دىين ئۆگېنىش قانائەت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ ۋە اللە نى رازى قىلىدۇ. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك: « اللە كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىيندا ئالىم قىلىدۇ.»، شۇڭا ئاسان تاپقىلى بولىدىغان، ئىسلامى بىلىملەرنى ئاشۇرىدىغان كىتاپلارنى كۆپ ئوقۇڭ. مەسىلەن: «ياخشىلار باغچىسى»، «مۇسۇلمانلارنىڭ يولى»، «قىسقىچە ئىسلام تارىخى »، «قۇرئان تەپسىرى» ۋە باشقا پايدىلىق كىتابلار. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئەڭ ياخشى ئىش «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» تىن ئۆگېنىپ، اللە ۋە پەيغەمبەرنىڭ بۇيرىغانلىرىنى تۇنۇشتۇر. ھەدە-سىڭىللىرىڭىز بىلەن كۆپرەك قۇرئان ئوقۇڭ، ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ بارىچە ئاڭلاڭ ۋە ئەمەل قىلىڭ. چۈنكى شەرىئەتنى بىلمەسلىك كۆڭۈل قارىلىق ۋە غەم-ئەندىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گەرچە كىچىك بولسىمۇ، پايدىلىق كىتاپلار ۋە پىلاستىنكىلارغا تولغان بىر ئائىلە كۈتۈپخانىڭىز بولسۇن. چولپانلارنى قوغلىشىش، ماغزاپ تىياتىرلارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. چۈنكى ھاياتىڭىزدىكى ھەر بىر دەقىقىدىن ھېساپ ئېلىنىدۇ. سىزنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىڭىز اللە نى، ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ خۇدانى رازى قىلىشقا سەرپ قىلىنىشى كېرەك.

« ئۆزىگە ئىشەنگۈچىنىڭ تەبەسسۇمى بىلەن ئەڭ قىيىن ئىشلار ئاسان بولىدۇ.»

داۋامى بار...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OYCHIMAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-9 02:41 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 05:38:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىق ئېسىل  تېما  بوپتۇ   ،تېما   ئىگىسىنىڭ  ئەجرىگە  تەشەككۈر

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 1253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 804 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 06:19:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەھمەت سىزگە نىمدىگەن ئىسىل يازمىلار ،ئاللا ئەجىرڭىزنى بەرسۇن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65388
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3659
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 338 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 10:19:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاب بۇرۇن مەرىپەت تورىدا تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغانغۇ! بۇ قايتا تەرجىمىسىمۇ ياكى شۇمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105932
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 10:22:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ئاللاھىم كاتتا ئەجىر بەرگەي!
‏داۋامىغا تەشنامىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102290
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1078
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-1-15
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-10 03:33:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[بۇ كىتاب بۇرۇن مەرىپەت تورىدا تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغانغۇ! بۇ قايتا تەرجىمىسىمۇ ياكى شۇمۇ؟


  ياق، بۇنى مەن تەرجىمە قىلىپ، تېخى بىرەر تور بەتكە يوللىمىغان. بەلكىم باشقىلارمۇ قىلغان بولسا كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35999
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4816
تۆھپە نۇمۇرى: 143
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-10 02:14:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ئامىين.
مەزكۇر كىتاب مەرىپەت يولى مۇنبىرىدە بىر يېللار ئاۋال تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ نەشىرگە بېرىلىپ بولغان،كېيىن بوزقىر ئەدەبىي تەرجىمە شىركىتىدىكىلەر بىزمۇ نەشىرگە سۇنغان دەپ يۈرۈپ كۆڭۈلسىزلىكلەر چىقىپ كەتكەن.
ئەمدى سىزنىڭ تەرجىمىڭىز قوشۇلۇپتۇ، ئەگەر بىر باشتىن قىلىۋاتقان بولسىڭىز، تەكرار ئەمگەك بولمىسۇن، ۋاقىت ۋە زېھنىڭىزنى باشقا كىتابلارغا قاراتقايسىز.

ئىسمى نېمىلىكى نامەلۇم بىر گۈل،
ئۆزى بىلمەيدىغان يوچۇن بىر جايدا.
دېدى شائىرغا: >ئەي، دىلكەش ئامرىقىم،
بىز تۇغۇلغانمۇ ئوخشاش تۇپراقتا؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106188
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2014-4-19
ئاخىرقى: 2014-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-10 09:29:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ پ د ف سى كىمدە بار؟؟؟ماڭا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار ئالەمچە خۇش بولاتتىم 1242664746@163.com

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107607
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2014-6-10
ئاخىرقى: 2014-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 03:24:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش