چولپانلارغا تەكلىپ
(ھەجۋى)
ئەسقەر قادىر
سالام ئەيلەي، دۇنيادىكى جامائەتكە ،
چولپان بارمۇ ياكى يوقمۇ ئاراڭلاردا ،
قاچان يۇقتى يۇقۇملۇقتەك ناچارئىللەت ،
بىزدەك ،سىزدەك چولپانخۇمارساراڭلارغا.
ھەقىقەتنى مەن پەقەتلا كۆرمەيمەن،
ئەلگە قىلچە بىكارغا نەپ بەرمەيمەن،
تاماششاسىز ھايات پەيزىن سۈرمەيمەن،
تاماششا بار ،مەنمۇ ھەرگىز «ئۆلمەيمەن».
مانا كەتتۇق، ئۇزاق بولدى چولپانسىراپ،
بىرەر چولپان يۇرتىمىزغا كەلمىگەچكە،
ئوت چىقىرىپ سەھنىمىزدىن چاڭتۇزۇتۇپ،
ۋاچچەللىدە بەللىرىنى ئەگمىگەچكە.
بىچارىگە بەش مو بەرسەك قۇرساق ئاغرىپ،
بەش يۈز سومغا بىلەت ئېلىپ كىرىۋىرىپ،
يەنە تېخى تون ياپىمىز بىلپ قېلىڭ،
سىزمۇ ھەرگىز خىجىل بولماڭ ئېلىۋىرىپ.
يۇرتىمىزدا ئاپەت بولدى ،پۇل بەرمىدۇق،
ئەمما سىزگە پۇل بىرىمىز بىلىپ قېلىڭ،
ناخىشىڭىزدا گىپىڭىزنى ئۇقمىساقمۇ،
پۇل تۇشۇدۇ سەھنىڭىزگە تىرىپ ئېلىڭ.
بولسا بىرگە ئېلىپ كىلىڭ بەش –ئالتىنى
تولغايدىغان ،يۆگەيدىغان ئۇسۇلچىنى،
تېلىۋىزوردا ئىلان بىرىڭ كەلمەي تۇرۇپ،
مانا شۇندا تاپالمايسىز قۇسۇرچىنى.
مۇزىكىغا باش قاتۇرماي ئېلىپ كىلىڭ،
چالالمىسا تۇتۇپ تۇرسۇن سازلىرىنى،
ياڭراتقۇنى تاز ا يۇغان ئېچىۋىتىڭ،
چاندۇرمىسۇن سەنئىتىڭنىڭ مازلىقىنى.
كەلمەڭ ئەمەس ،بىلىپ كىلىڭ ھەقىقەتنى،
قۇلاق سېلىڭ ، كۈرۈڭ ئاندىن ھالىمىزنى ،
ئەلنى نەپكە باشلىسىڭىز كىلىۋىرىڭ ،
ئاڭلىمايسىز شۇ ۋاقىتتا نالىمىزنى.
(رۇخسەتسىز كۈچۈرمەڭ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dolanlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-9 12:53 PM