شەيتاننىڭ قاتتىق ئازدۇرۇشى-سېرىق فىلىم كۆرۈش
جىنسىيەت بۇ ناھايىتى ئىنچىكە قارىلىدىغان سۆز بولغاچقا ،نۇرغۇن كىشى بۇ ھەقتەئېغىز ئېچىشتىن خىجىل بولىدۇ ۋەئىھتىيات قىلىدۇ .ئىسلامىي ئەخلاق نۇقتىسىدىنمۇ رامكىدىن چىقىپ كەتكەن ،ئويۇن ئۈچۈن دىيىلىدىغان جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر ھارام ھېساپلىنىدۇ .ئادەتتە ئۆي ئىچىدىكى ئىشلارنى باشقىلارغا دىيىش قەتئىي ھارام ئىشتور .جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىش ھەركەتلەر دەل مۇشۇنداق مەخپىيەتلىككە ۋە پىنھانلىققا ئىگە.شەيتان دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ پىنھاندىكى ئىنساننى ھەر تۈرلۈك ئاماللار بىلەن شەھۋەت كوچىسىغا باشلاپ كىرىپ ،ئىنساننى ئاللاھ يولىدىن ئازدۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەك بولىدۇ.بۈگۈنكى سۆھبەت ياشلاردا كۆرىلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر جەمىيىتىگەئېغىر لېكىن كۆرۈنمەس تەسىر بىرىۋاتقان سېرىق فىلىم توغرىسىدا بولىدۇ .سېرىق فىلىمنىڭ كېلىش تارىخى ئۇزۇن بولۇپ ،كىنو بارلىققا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەيدانغا كەلگەن .دۇنيادىكى ھەق ئاللاھقا قارشى شەيتانى كۈچلەر ۋە يەھۇدىي سۈيقەستچىلىرى ،ئالدى بىلەن غەرىپ دۇنيادىكى ،خىرىستىيانلىقتىن يۈز ئۆرگەن ياكى خىرىستىيانلىقتا ئاجىز ئىنسانلار توپىنى تېخىمۇچوڭقۇر مەھكۇملۇققا پاتىرۇپ،ئاللاھ توغرىسىدا ئويلىنىشتىن ۋاز كەچكۈزۈش ئۈچۈن ،ئوچۇغىنى ئېيتقاندا دىنسىزلاشقان ياشلارنى تېخىمۇ شەيتاننىڭ سېرتمىقىداچىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن مەيدانغا كەلتۈرگەن .خىرىستىيان دىنىدا بىنورمال جىنسى ئالاقە قەتئىي چەكلىنىدىغان قەبىھ ئىش دەپ قارىلىدۇ .لېكىن شەيتانىۋى كۈچلەرنىڭ سىتىخىلىك ئۇزۇن ئەسىر سۈيقەست قىلىشى بىلەن غەرىپ دۇنياسىدا پاھىشىگە بولغان بېسىم يىللاردىن بېرى ئاجىزلاپ باردى .كىنو پەيدا بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان سېرىق فىلىمنى ئاللىقاچان خىرىستىيان ئەخلاقىدىن ۋاز كەچكەن غەرىپ دۇنياسى ھېچقانداق قارشىلىقسىزلار قوبۇل قىلدى .لېكىن بۇ چاغدا ئىسلامى ئەخلاقتا قاتتىق چىڭ تۇرغان ئىسلام دۇنياسىدا بۇ ھادىسىنى قوبۇل قىلىدىغان سېسىق مۇھىت تېخى بەرپا قىلىنمىغان ئىدى .شەيتانلارنىڭ مەقسىتىمۇ خۇددى جازانىنى يەنى بانكىنى دۇنياغا قانونلاشتۇرغاندەك سېرىق فىلىمنى ئىسلامى دۇنياغا كېڭەيتىشكە ئالدىرمىدى .بەلكى بۇنىجىسنى ئالدى بىلەن غەرىپ دۇنياسىدا ئوموملاشتۇرۇپ ۋە قانونلاشتۇرۇپ ،ئاندىن تېخنىقىلىق مىدىيارلار بىلەن پۈتكۈل ئىنسانلارغا جۈملىدىن مۇسۇلمانلارغا تارقىتىشنى پىلانلىدى .مانا ھازىرقى دۇنيا دەل شەيتانى كۈچلەرنىڭ رەزىل پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشقان دۇنيادۇر .بۇ ئۇلارنىڭ ئەقىللىقلىقى ئەمەس بەلكى رەزىللىكى شەيتانى يولدا ماڭغىنىدۇر .پاھىشە ئەخلاقنى سۇندۇرۇدۇ .جەڭگىۋارلىقنى ،جەسورلۇقنى يەرگە ئۇرىدۇ .ھەقىقەتنى سۇغا چىلاشتۇرىدۇ ،ئىنساننى مۇناپىق سۈپەتكە ۋە ئاسمىلاتسىيەگە ئېلىپ بارىدۇ .بۇ ھەقتە دەپ كەلسەك كۆپ .
دىمەك ھازىر بولۇپمۇ ئىنتىرنىت پەيدا بولغاندىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيادىكى جۈملىدىن مۇسۇلمان دۇنياسىدا سېرىق فىلىمنىڭ تاقىلىشى ۋە تەسىرى ئالاھىدە ئېچىنىشلىق بولىۋاتىدۇ .ھەرقايسى مەجوسىي تۈزۈم ئاستىدىكى دۆلەتلەر جۈملىدىن جۇڭگومۇ سېرىق فىلىمنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقاندەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتەشەيتانىۋى كۈچلەر قۇرغان نۇرغۇن سېرىق فىلىم تور بىكەتلىرىنى توسىيالمايۋاتىدۇ .يېقىندا دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت تور ئادرىسى سودىسى بىر سېرىق فىلىم تارقىتىدىغان مەنە ئىپادىلەيدىغان تور ئادرىسى ئۈستىدە بولدى .بۇ خەۋەر پۈتكۈل دۇنيادا كۈچەپ تەشۋىق قىلىندى .ئاقىۋەت بۇ ئادرىسنى ھەممەبىلىپ بولغان بولسىمۇ لېكىن بىرمۇ دۆلەتتە بۇ سېرىق فىلىم ئادرىسنى چەكلىمىدى ئەمىلىيەتتىمۇ چەكلىيەلمەيتتى .چۈنكى ئىنساننى ئۆزىگە ئوخشاش شەيتانى تۇرمۇشقامەجبۇر قىلىدىغان يەھۇدىي ئوڭچىللىرى سىياسىي بېسىم ۋە ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق بۇ تور ئادرىسلارنى چەكلىيەلمەيدىغان ھالەتكە ئەكەلدى .توردىن بولۇپمۇ خىرىستىيانتور بىكەتلىرىدىن ئىزدىسەك يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيا سېرىق فىلىم سودىسىنىڭ ‹ئاۋانگات›لىرى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز .لېكىن بۈگۈن يەھۇدىيلار توغرىسىدا توختالمايمىزئۇلارنىڭ رەزىل پىلانى توغرىلىق ئىزدىنىشنى تورداشلارنىڭ ئۆزىگە قالدۇرمىز .
غەرىپچە مەدىنىيەتنىڭ تەسىرى بىلەن سېرىق فىلىم ئۇيغۇر دۇنياسىغىمۇ تەسىر قىلدى.ۋە يىلسىرى زىيىنى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتماقتا .ئۇيغۇر تور ساھاسىدە سېرىق فىلىمنىڭ ياشلارغا بولغان تەسىرى بولۇپمۇ ئىسلامى ئىتىقاتنىڭ سۇسلىشىغا بولغانتەسىرى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق قىلغاندا ئالدىنى ئېلىش توغرىلىق ئىزدىنىشلەربولۇندى، لېكىن بۇ ئاساسەن تېۋىپلار تورلىرىدا ئانچە مۇنچە بولۇندى .ئەمەلىيەتتە سېرىق فىلىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارسىغا تاشلانغان بىئولوگىيەلىكبومبا دىسەك ئېغىر كەتمەيدۇ .تەھلىق قىلايلى .ئۇ ئانانىزىمغا خۇمار قىلدۇردۇ ،پاھىشىگە ئېلىپ بارىدۇ ،قاننى بۇلغايدۇ ،ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشقا ۋە جنسىيكىسەل بولۇشقا سەۋەپ قىلىدۇ .ئىبادەتلەردىن تەرك ئەتكۈزىدۇ.ئىرادىنى ۋە جەڭگىۋارلىقنى يوقىتىدۇ .بوشاڭ ۋە مەسئولىيەتسىز بىر ئەۋلاتلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ .ئۇنىڭ زىيىنىنى سۆزلەپ تۈگىگەتكىلى بولمايدۇ .ئۇنداقتا سىرىق فىلىم ئۇيغۇر ياشلىرىغاقانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلىدى ؟بۇ ھەقىقەتەن قىيىن سۇئال .بىز پەقەت جەمىيەتتەيۈز بىرىۋاتقان ھادىسىلەرنى كۆرۈپ يۈزەكىلا تەھلىك يۈرگىزەلەيمىز .لېكىن ئەھۋالبۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولىشى مۇمكىن .مېنىڭ بىررەسمى سىتاستىكا قىلىشىمچە مەنسۇئال سورىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (تولۇقسىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )توقسان پىرسەنتىدىن ئارتۇق بالا سېرىق فىلىم كۆرۈپ بېقىپتۇ .يېرىمىدىن كۆپ بالاھەپتىدە ئايدا بىر نەچچە قېتىم كۆرىدىكەن .بەزىلەر ھەتتا تېلىفۇنغا قاچىلۋېلىپمەكتەپلەرگە ئېلىپ كېلىپ ساۋاقداشلىرىغا كۆرسىتىدىكەن .
بىر قىسىم ئۇكىلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە ،سېرىق فىلىمنى ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلىرى ئارسىدا كۆرىدىغانلىرىمۇ كۆپىيۋېتىپتۇ .بىر نۆۋەت بىر تېلىفۇنغا ناخشاقاچىلايدىغان ئۇكام بىلەن پاراڭلاشسام بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ تېلىفۇنىدىن بىر نەچچە سېرىق فىلىمنى بايقاپتۇ .بۇ قىزنىڭ ئەپتىدىن ئۇنداق نەرسەكۆرىدىغان چىقمايدۇ دەيدۇ بۇ ئۇكام .دىمەك بۇ گەپ راستكەن .بەزىلەر ماڭا ساۋاقداشلار چچ توپلىرىدا دائىم يېڭى بايقالغان سېرىق فىلىم ئادرىسلىرىنى ھەمبەھىرلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ،قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭچچ توپلىرىدا ھاھاھاھا دەپ كۈلۈپ كېتىدىغانلىنى ماڭا ئېيتتى .بولۇپمۇ شەيتانىۋى كۈچلەر(يەھۇدىي شەيتانلىرى)قۇرغان ھېلىقىچەكلەنمەيدىغان سېرىق فىلىم تور بىكەتلىرىنى ئوقۇغۇچىلار بەكرەك كۆرىدىكەن .
ھادىسە مانا مۇشۇنداق ئېغىر .ھەممە ئىش پىنھاندا بولىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىلار !!ئۆزىمىزنىڭ ئىلىمسىزلىكى ۋە كومپىيوتىر بىلىمىنىڭ يىتەرسىزلىكى بىلەن بالىلارنىڭ بۇ پاتقاققا پېتىپ قېلىۋاتقانلىقىنى سەزمەيۋاتىمىز .ئەمدى بۇنىڭ بىلەن قانداق ئەشەددىي ئىشلار مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ ؟تۆۋەندىكى قۇرلارغا نەزەرگە سېلىڭ،بەزى ئوقۇغۇچىلار ئاتا ئانىسى يوق چاغلاردا كومپىتورنى ئېچىپ سېرىق فىلىم كۆرىدىكەن ۋە دائىم ئانانىزىم قىلىدىكەن .بەزىلەر ئۆزى تورۇشلۇق شەھەرنىڭ دەۋىر مەيدانلىرىغا بېرىپ، ئۇندىدارنىڭ ئادەم ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ پاھىشە قىلىدىغان ئوبىكىتى ئىزدەيدىكەن .قىززىق يېرى دەۋىر مەيدانىغابولۇپمۇ ياز كۈنلىرى ئاتا ئانىسىنى ئالداپ پەي توپ ئويناشنى باناقىلىپ ،تۈركۈم تۈركۈم قىز ئوقۇغۇچىلار چىرايلىق ياسىنىپ ئۆزىنى بازارغاسېلىۋېتىپتۇ .ئىشەنمىسىڭىز تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ .ئەلۋەتتە بۇ قىزلارپاھىشە چىقماسلىقى مۇمكىن لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدا مۆكوپ ياتقان بۆرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ .شۇنداق قىزلار جىنسىي پائالىيەتتە ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكار بولمايدۇ .سېرىق فىلىمنى جىق كۆرۈپ كاللىسى شەھۋاتكە پاتقان ئوغۇللارئالدى بىلەن جەسور ،مەرت،ئەخلاقلىق،چىقىشقاق قىياپەتتە قىزلارغا يېقىنلىشىدۇ .قىزلارنىڭ ئىشنچىسىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئاندىن مۇھەببەت باسقۇچىغايىتىلەيدۇ .ئاندىن قىزلارنىڭ ھىسيات جەھەتتە قوغدىنىشىنىڭ تۆۋەنلىكى جۈملىدىن ئىسلامدا زىنانىڭ ھاراملىقىنى ئاتا ئانىسى ئۆگەتمىگەن قىزلار ‹ئىنتايىن تەبىئىي›ھالەتتە ئۆزىنى تۇتقۇزۇپ قويىدۇ .شۇنداق مۇشۇ يىللاردابۇزۇلىۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلىرىمىز دەل ئاشۇ سېرىق فىلىم كۆرۈپ كاللىسى شەيتانلاشقان ئوغۇللارنىڭ ئېزىقتۇرىشى بىلەن بۇزۇلىۋاتىدۇ .
ئەمدى قۇرامىغا يەتكەن جەمىيەتتىكىلەر توغرىسىدا توختالمىساقمۇ بولارئەقىللىق ئوقۇرمەن ئىشنىڭ زادى قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بىلەلەيدۇ .ئۇنداقتا بۇ ھادىسدىن قانداق ئالدىنى ئالىمىز ؟ياشلارنى سېرىق فىلىمدىن قانداق توسايمىز؟ئاتا ئانىلار قانداق قىلغاندا بالىنىڭ زەھەرلىشىنى توسالايدۇ ؟
مېنىڭ تەكلىپىم تۆۋەندىكىدەك:
1.ئالدى بىلەن ئۆزىمىز سېرىق فىلىمنىڭ زىيينىنى قەتئىي چۈشىنىشىمىز كىرەك ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىمىزدا ئەشەددىي كەچۈرگىسىز گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كىرەك .ئاندىن سورۇنلاردا ،سۆھبەتلەردە بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمىزنى باشقىلارغا بىلدۇرۇپ قويىشىمىز ،چامىمىزنىڭ يىتىشىچە تەشۋىق قىلىپ قويىشىمىز كىرەك .
2.شەرىئەتتە توي قىلمىغان زىناخورغا 100دەررە ياكى 100قامچا ئۇرۇش جازاسى بىرىلىدىغانلىقنى ،توي قىلغان زىناخورغا چالما كىسەكلەپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بىرىلىدىغانلىقى،كۆز زىناسىنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى ،باشقىلارنىڭ جنسى ئالاقە قىلغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشنىڭ كۆز زىناسىدىنمۇ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلكىنى ۋە ئۇنىڭ شەرىئەتتە ئېغىر جازا بىرىلىدىغانلىقىنى ،ئەگەر تەۋبە قىلمىسامەڭگۈ ئازاپتا قالىدىغانلىقنى بىلىشىمىز ،مۇشۇ تونۇشقا كېلىشىمىز كىرەك .
3.ئۆزىمىزدە تونۇش ئەينەكتەك سۇزۇك ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن بالىمىزغا مۇشۇ ھەقتە پەدشەپ كۆتىرەلەيدىغان دائىرە ئىچىدەئامال بار ئوچۇق ئىسلامى زىنا تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشىمىز كىرەك .ئۇلارغا زىنانىڭ ئىسلامدا ھارام قىلىدىغانلىقى ،جازاسىنى چۈشەندۈرۈشتىن سىرىت ،زىنانىڭ مىللەتنىڭ قېنىنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى ،مىللەتنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە جەسورلۇقىغا ئېغىر زىيانلار ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىشىمىز كىرەك .
4.كومپىيوتىرنىڭ ۋاقىتلىق ساقلىغۇچىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىشىمىز ،تور ئادرىس خاتىرلىگۇچنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇشىمىز .بالىمىزنىڭتېلىفۇنىنى ۋە ساقلىغۇچلىرىنى ئامال بار ئۆزى سىزەلمىگەن ۋاقىتتاتەكشۈرۈپ تۇرۇشىمىز كىرەك .ئۇلارنى چەكلەش تەدبىرى ئامال بارپىنھان بولىشى كىرەك .ۋاقىتلىق ساقلىغۇچتا شۇ كۈندە ۋە ئۇنىڭدىنئىلگىرىكى مەلۇم كۈنلىرىگىچە كۆرگەن تور بىكەتلەردىكى رەسىم ۋە فىلىملەر ساقلىنىپ قالىدۇ .بۇ تېخنىكىنى بارلىق ئاتا ئانىلار ئامال بارئۆگىنىۋېلىشى كىرەك .تۆۋەندىكى فىلىملارنى كۆرسىڭىز بۇ تېخنىكىنى ئاسانلار ئۆگىنەلەيسىز .
http://v.youku.com/v_show/id_XMTMzNjk1NDY4.html
http://www.56.com/u83/v_NjA3OTMyODg.html
يېقىنقى كۈنلەردە ئاچقان تور بىكەتلەرنى تۆۋەندىكى يۇمشاق دىتالنى چۈشۈرۈپ بىلەلەيسىز .
http://www.downxia.com/downinfo/25870.html
5.ئەگەر ئوغۇلىمىزنىڭ ياكى قىزىمىزنىڭ سېرىق فىلىم كۆرگەنلىكىنى بايقىساق ،پاكىتنى ئېنىق توپلىغاندىن كېيىن ،ئۆزىمىزنى قەتئىي تۇتىۋېلىپ،ئۇلارغا تەربىيە قىلىش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشىمىز.ئۇلارغا مۇستەبىتلىك ۋە تەن جازاسى بىلەن ئەمەس بەلكى چىن يۈركىدىن تەۋبە قىلالايدىغان ھالەتتە تەربىيە قىلىشىمىز .ئەگەر تەربىيە قىلىشتا ئىشەنچىمىزبولمىسا ،بىرەر ئۇستاز تېپىپ مەسلىھەت سورىشىمىز .مېنىڭ يەنە بىرمەسلىھىتىم شۇكى بالىمىزنى ئامال بار ھەر ئايدا نەفلە روزا تۇرۇشقا ئويۇشتۇرشىمىز .ئۆزىمىز باشلامچە بولۇپ بىرىشىمىز كىرەك .بولۇپمۇ سېرىق فىلىم كۆرگەن بالىدا خۇددى زەھەر ۋە نەشىدەك خۇمار قىلىدىغان ئۇنىڭدىكى كۆرىنىشلەر بەزى بەزىدە كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ شەھۋەتنى ئۇيغۇتۇپ يەنەكۆرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ .شۇڭا ئىشنى بايقىغاندىن كېيىن ،بالىمىزنى نەفلە روزاتۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرشىمىز كىرەك .چۈنكى نەفلە روزا شەھۋاتنى كىسىدۇ .روزا تۇرۇش قىز ئوغۇل ئورتاق بولىدۇ .روزا قىزلارنىڭمۇ شەھۋىتىنى كىسىدۇ .قىزىمىزغا شەرمى ھايانىڭ مۇھىملىقىنى ،شەرمى ھايالىق قىزلارنىڭ بەخىتلىك بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىككى ئالەم ساۋاپ ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىشىمىز .بولۇپمۇ قۇرئاندىكى زىنا ھەققىدىكى ئايەتنى ئوقۇپ بىرىشىمىز .ئاللاھ قۇرئاندا:
«زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ.زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تىگىدۇ» دېگەن. (نۇر سۈرىسى 3 ـ ئايەت)
6.بالىلىرىمىز بىلەن ئامال بار سۆھبەتداش بولۇپ ،بىللە بولىدىغان ۋاقىتنى كۆپەيتىشىمىز .ئۇلارنى دالا پائالىيەتلىرىگە ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش پائالىيەتلىرىگە،ئېكىسپىدىتسىيە پائالىيەتلىرىگە،دەۋەت پائالىيەتلىرىگە،بوكىس ۋە پۇتبول قاتارلىق تەنتەربىيە ،چېنىقىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇشمىز كىرەك .ئامال بار ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشتىن ئىھتىيات قىلىشىمىز كىرەك .ئۇلارنىڭ دوستلىرىنىڭ كىملىكى قانداق ئەخلاقتا ئىكەنلىكى ،ئاتا ئانىسىنىڭ كىملىكى قانداق ئەخلاقتا ئىكەنلىكىتوغرىسىدا كۆز قۇلاق بولۇپ تۇرشىمىز كىرەك .
قېرىنداشلار جىق سۆزلەپ قويدۇم ،بەلكىم مەن بۇ ھەقتە سىزلەردىنجىقراق ئىزدەنگەنلىكتىن ،ۋە بۇ ھادىسىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلىرىغاقاتتىق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى سىزلەردىن يېرىم قەدەم بۇرۇنسەزگەندۇرمەن ۋە بۇ سەۋەب بىلەن جىقراق سۆزلەپ قويغاندۇرمەن .ئارتۇق كەتكەن بولسا ئاللاھ كۈچۈرسۇن ئاندىن سىزلەرنىڭ سەبىرتاقەت بىلەن مېنىڭ تەكلىپىمنى ئويلىشىپ بېقىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
مەنبە:سەرۋەڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-9 06:58 PM
|