دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئۇۋاق پىشلاق
‹‹مىرەن مەلىكىسى›› نىڭ جەسىتىدىن تېپىلدى
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، پىشلاق غەربىي ئاسىيادا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئېسىل يېمەكلىك ، قەدىمىي رىم دەۋرىدە ئۇ مەدھىيەلەشكە ۋە مۇھەببەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان سوۋغا بولغان .
يېقىندا ، ‹‹شىنجاڭدىكى 3600 يىل بۇرۇنقى جەسەتتە دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى ئۇۋاق پىشلاق ساقلانغان ›› دېگەن تېمىدىكى يوللانما تورلاردا تارقىلىشقا باشلىدى . گېرمانىيە ماكس پلانك مولېكۇلا ھۈجەيرە بىيولوگىيەسى ۋە ئېرسىيەت ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ خىمىيە ئانالىزچىسى ئاندىرۇ شېپچېنكو يوللانمىدا مۇنداق دېگەن ، بۇ سىرلىق جەسەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30–يىللىرى شىنجاڭنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدىن قېزىۋېلىنغان بولۇپ ، تەتقىقاتچىلار پەقەت ئۇۋاق ماددىنىڭ ئاقسىل ۋە ماي مىقدارىنىلا ئانالىز قىلغان ھەمدە بۇنىڭ 3600 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان .
شېپچېنكو ۋە ئۇنىڭ ئەترىتى بۇ پىشلاقتا لاكتوزا مىقدارى يوقلۇقىنى ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايقىغان . قەدىمىي پىشلاقنىڭ بايقىلىشى مىس قوراللار دەۋرىدە سۈت مەھسۇلاتلار ئىگىلىكىنىڭ تېز تارقىلىپ تەرەققىي قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنكەن .
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىق قىلىش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇ قېتىملىق بايقاشتا شىنجاڭ تەرەپ قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلىگەن ، جۇڭگو ئاكادېمىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە فاكۇلتېتى بىلەن گېرمانىيە ماكس پلانك مولېكۇلا ھۈجەيرە بىيولوگىيەسى ۋە ئېرسىيەت ئىلمى جەمئىيىتى بىرلىشىپ تەتقىقاتقا مەسئۇل بولغان ، بۇنىڭدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى ‹‹ئارخېئولوگىيە پەن–تېخنىكىسى ژۇرنىلى›› دا ئېلان قىلىنغان .
ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ باشلىقى خۇ شېشىن مۇنداق دېدى : بۇ پىشلاق كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىدىكى ‹‹ كىچىك مىرەن مەلىكىسى ›› نىڭ جەسىتىدىن بايقالدى . ‹‹كىچىك مىرەن مەلىكىسى›› قېزىۋېلىنغاندا ئۇنىڭ يۈزى ۋە بوينىدا بىر قەۋەت نەرسىنىڭ چاپلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق ، ئەينى ۋاقىتتا تەتقىق قىلمىغان ئىدۇق ، بۇ قېتىم تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ بىر قەۋەت نەرسىنىڭ پىشلاق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۇق .
شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىق قىلىش ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىشلاقنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپنە قىلغان ۋاقىتتىكى قۇرغاق ، پىژغىرىم ئىسسىق ھاۋا كىلىماتى ئىكەن ، ئۇنىڭدىن باشقا كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىدىكى جەسەتلەر قولۋاقسىمان ساندۇققا سېلىنىپ ، سىرتى كالا تېرىسى بىلەن چىڭ ئورىلىپ ، چوڭقۇر قۇم ئاستىغا كۆمۈلىدىغان بولغاچقا ، ئاساسىي جەھەتتىن ۋاكۇئۇم ھالەتتە ساقلىنىدىكەن .
باشقا قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان جەسەتلەرگە قىزىل ھاراق ۋە بولكا قوشۇپ دەپنە قىلىنغان بولۇپ ، مۇتەخەسسىسلەر بايقالغان پىشلاقنى شۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىقادى بويىچە ئۆلگۈچى قايتا تىرىلگەندە ئىشلىتىشى ئۈچۈن قويۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان .
كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى لوپنۇر رايونى كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان لوپ قۇملۇقىدىن بايقالغان ، شەرقتىكى كىروران قەدىمىي شەھىرى خارابىسىگە 175 كىلومېتىر كېلىدۇ . 2003– يىلىدىن 2005–يىلىغىچە شىنجاڭ قەدىمىي يادىكارلىقلارنى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىق قىلىش ئورنى بۇ يەرنى ئومۇميۈزلۈك قېزىپ تەكشۈرگەن .
مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yipek-yoli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-9 10:02 AM