ئاھ، بىچارە تۈمەن دەرياسى!
قەشقەر خەلقىنىڭ ئانا دەرياسى--تۈمەن دەرياسى كونىشەھەر ناھىيە لەنگەر يېزىسىنىڭ توپا تاغ باغرىدىكى چوڭ-كىچىك بۇلاقلارنى ئۆزىگە مەنبەئە قىلغاچقا، دەريانىڭ تۆت پەسىلدىكى ئېقىن مىقدارى مۇقىم، سۈيى سۈزۈك، تەمى تاتلىق، مېنىرال ماددىلار ئىنتايىن مول. دەريانىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 38.7 كىلومېتىر، قەشقەر شەھرىدىن ئۆتىدىغا ئۇزۇنلۇقى 17.9 كۇلومېتىر بولۇپ، سۇ يۈزىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 576 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قىش كۈنلىرى دەرياغا مۇز تۇتمايدۇ، دەريا سۈيىنىڭ تېمپۇراتۇرىسى دەريا ئۈستىدىكى ھاۋانىڭ تېمپۇراتۇرىسىدىن يۇقۇرى بولغاچقا، پارغا ئايلانغان دەريا سۈيى سىرىتتىكى سوغۇق ھاۋان بىلەن ئۇچرىشىپ، سۇ يۈزىنى بىر قەۋەت تۇمان قاپلايدۇ، شۇڭا بۇ دەرياغا قەدىمقىلەر <<تۈمەن دەرياسى>> دەپ نام بەرگەن.
بۇ ئانا دەريا ئەسىر-ئەسىرلەردىن بۇيان قەشقەر خەلقىنى بېقىپ كەلگەن، بۇندىن مىڭ يىللار بۇرۇن دەل مۇشۇ دەريا بولغاچقىلا، خاقانىيە پايتەختى 27 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خانئۆي قەدەمىي شەھرىدىن بۇ دەريا بويىغا كۆچۈرۈلگەن، دەل مۇشۇ دەريا بولغاچقىلا، قەشقەرنىڭ ھاۋاسى قىشتا بەك سوۋۇپ كەتمەيدۇ، يازدا بەك ئىسسىپ كەتمەيدۇ، دەل مۇشۇ دەريا قەشقەرنى ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قىلغان.تارىختا نۇرغۇن سۇ ساتقۇچىلار دەريادىن سۇ تارتىپ، شەھەر خەلقىغە ستىپ ( شەھەر ئىچىدە غالتەك بىلەن سۇ توشۇپ ساتقۇچىلار <<ئەپكەش>> دەپ ئاتالغان) تىرىكچىلىك قىلغان. قەشقەرلىقلەر بۇ دەريانى تولىمۇ قەدىرلگەچكە، دەريا توغرىسىدا نۇرغۇن رومانتىك شېئىر-قوشاقلار يېزىلغان، شۇڭا قەشقەر ياشلىرى <<تۈمەن دەرياسىنىڭ ئەكەك سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان ئوغاۋالا بىز>> دەپ ناھايىتى پەخىرلەنگەن.
تۈمەن دەرياسى قەشقەر تارىخىنىڭ تىرىك شاھىتى سۈپىتىدە ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ رولىنى تېگىشلىك جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. 2009-يىلى 10-ئايدا ھۆكۈمەتنىڭ 150 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن دەريانىڭ مۇھىتى ئومۇمىيۈزلۈك بىر قېتىم ياخشىلىنىپ، سەيلى-ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قىلىنىپ ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن.
ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باشقۇرۇش ياخشى بولمىغانلىقتىن، دەريا ئەتراپىدىكى دوختۇرخانا، ئالىي مەكتەپ، كارخانا-شىركەت، بازار-ساراي ۋە ئاھالىلەر رايونىدىن چىققان يۇندا-ئەخلەتلەر دەرياغا بىۋاستە قويۇپ بېرىلگەچكە، بۇ دەريانىڭ ھالى كۈندىن-كۈنگە خاراپلىشىپ، سۇ مىقدارى يىلدىن-يىلغا ئازىيىپ، <<يۇندا دەرياسى>>غا ئايلانماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە ھەپتىدىن بۇيان شەھەر ئىچىدىكى ئەۋرەز يوللىرى كاردىن چىققاچقا، كېرەكسىز سۇلار دەرياغا تۇتاش بولغان تۈمەن كۆلىگە داۋاملىق قۇيۇلماقتا، بۇ بىچارە دەريا ھازىر دەريا بولغىنىغا تويۇپ كەتمەكتە، <<قېنى مېنىڭ شەربەت سۈيۈم؟>> دەپ پەرياد چەكمەكتە! بىز مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ بۇ ئىشقا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈپ، دەريانىڭ مۇھىتنى تۈزەش-ياخشىلاشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى سەمىمى ئۈمىت قىلىمىز.
سۈرەتلەر <<قەشقەر مەركىزىي شەھەر تورى>> دىن كۆچۈرۈلدى.
تۈمەن دەرياسىنىڭ ھازىرقى(2014يىلى 4-ئايدىكى) ھالىتى