بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# [( K3 Q N% I0 l; ~& t; n
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 D2 d: N9 o) ~1 n( j4 e
1.بۇ قوڭالتاقتەك دۇنياغا قاراپ ئاجايىپ ھەيران قالىدۇ جۇمۇ كىشى، بىر ھەقىقەتنى ھىس قىلمىدىڭلارمۇ !؟ ئادەم دىگەن مۇشۇ ئۆزىگە ۋەزىپە دەپ قارىغان ئىشتىن قىچىپمۇ قۇتۇلالمايدىكەن ھەم ھوزۇرمۇ ئالالمايدىكەن قاراڭلار، تاكى ئۇنى ئۆزىنىڭ ياخشى كۆردىغان بىر ئىشىغا ئايلاندۇرمىغىچە .ماۋۇ ئاخشىمى يىتىپ سەھەردە قوپىدىغان غىتمەك ئىشنى بىلىسىلەر غۇ ، ھىلىقى تەڭ كىچىگىچە ئۇخلىماي ئۇيقىسى كەلمىسىمۇ زورلاپ كەلتۇرۇپ بىر ئىككى سائەت يىتىپ تاڭ ئاتقۇزۇپ ۋەزىپىنى ئىجرا قىلدىغان ئىشنى دەيمە، ھە ئەينا ،نىمە جاپا ھەي بۇ !! تىخى بۇ قاملاشمىغان ئىشنى قىلدىغان مەدىكارچىلارمۇ قىززىق ،ئۇخلاشتىن بۇرۇن ‹‹ ئەتە سەخە قوپاپ ئانداغنى مۇنداغ قىلىپ ھىلىقاندەك ئىشنى ئەتىگەن باشلىمىسام ھىساپ ئەمەس ››دەپ پىلان تۇزۇشۇپ ئەتىسى كۇن چۇشكىچە ئۇخلاپ يالغاندىن ئىنجىقلاپ سائەت قانچە بولدى دەپ سورايدىغان ئوسۇرۇقچى قوڭچىلار غا ياقامنى تۇتۇپ ھەيرانلا قالىمەن ، ئىڭراپ ‹‹ۋاي دەددەڭنى ››دىيىشىپ ئۆزىدىن ئۆزى رەنجىيدىغان ،كەچكىچە پوق يەپ سۇيدۇك ئىچىۋاغاندەك يۇرىيدىغان ،ئەتىسى يەنە ئوخشاش ئىشنى قىلدىغان ،توۋا ،مۇشۇ ئۇخلاشمۇ زە قاملاشمىغان بىر ئىشكەن جۇمۇ ئادەمگە ۋەزىپە بوپ قاسا ، شۇندا قىپ نامازمۇ يوق ، با دىگەندىمۇ ئاندا مۇندا چالا پۇچۇق تىڭى بار تىڭى يوق ئوقۇپ ئۇيقۇنى ئاچماي يەرنىڭ بىقىنىغا ئۈسۈپ مىڭ بىر جاپادا دۇئانى قىلىپ جاينامازنىمۇ يىغماي موكلا يتىپ ئۇخلايدىغان ، قانچە قىتىملاپ غوتۇلدۇتۇپ ئوسۇرۇپ ئويغانغاندا تەرىتىم(تاھارەت) نىڭ با چىغىدا ماندا ماندا قىلىۋالاي دەپ ئالدىرايدىغان .ھەي توۋا .... لىكىنزە يەنە بەزى قوڭالتاقلار بار خىلى ئەدەمنىڭ مەسلىگىنى كەلتۇردىغان ،ئاخشىمى بالدۇر ياتىدۇ ،سەخەدە قوپاپ نامىزىنى جايى جايىدا ئوقۇپ ئىشلىرنى باشلايدۇ ،كەچكىچە كۇلۇپ ئۆتىدۇ ،مانا بۇلارچۇ ئۇيقۇ دىگەننى ۋەزىپە ئەمەس ياخشى كۆردىغانلار ،ئۇيقۇنى ئاللانىڭ ئۆزىگە قىلغان شىرىن سوۋغىسى دەپ بىلدىغانلار ،شوڭازە ھەممە ئىشى جايىدا .
ھە مانا ،ماشۇ بويىچە بولغاندا ۋەزىپە ھىللىكاتاڭ ياخشى كۆرگەن ئىش ئۆز جايىدا بولدىكەن جۇما ، بۇلا ئەمەس ،ماۋۇ دوقمۇش دوقمۇشتا مەخەببىتىگە گۇل تەييارلاپ سائىتىگە مىنۇتىغا يۇز قىتىم قاراپ سالپىيىپ تۇردىغان گويلارنىڭمۇ ھالىغا ۋاي ، بۇمۇ ئۇلارغا بىر ۋەزىپىدە ، ئاللا رىزالىقى ئۇچۇن ياخشى كۆرسە مانا بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىمانغۇ ، كۆڭۇلنى شەكىلگە باغلاپ ھە ، بەلكىم خىزمەت پىزمەت دىگەنمۇ ماشتا بولسا كىرەك . شوڭاۋاغۇ چۇ ،ما كونىلار ‹‹مەدىكاچىنىڭ ئوبدىنى يوق ››دەپ يامان بەلەن ئىيتقان ، يا باشقىلار خوش بولمىغان يا ئۆزى رازى بولمىغان ، شوڭا ئادەم مەدىكاچى بولۇپ قالسا بولمايدىكەن جۇمۇ ، باشقىلاغا ئىشلەش ئەگەر ئاشۇ ئىشنى ھەقىقى قىزغىنلىق ئۇستىگە بولسا بەلكىم مەدىكارچىلىق ھىسابلانماس مىنىڭچە ، سىلەرچە چۇ !؟؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' O' f8 n6 h! K u
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 A$ f; M' ~3 r0 R& k/ v
2.ھازىر ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىن رازى بولمايدىغان ،داۋاملىق قاقشايدىغان پەيلاسوپلار ئۇندىدارغىلا توپلاشقان ئوخشايدۇ ، دوستلار چەمبىركىدە ئىقىۋاتقان ئىشقا قاراپ ‹‹ خە ، ماندا ئىشمۇ باكەندە ››دەپ قالمەن ، بىرسى قوپاپ ‹‹ ئۇنى قەدىرلەڭ بۇنى قەدىرلەڭ دەۋاتقان ›› يەنە بەزىلەر ‹‹ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ ››دەپ تىلفۇننى مەھكەپ قۇچاغلاپ مىنۇت سىكۇنىت ۋاقىت تاپسا دوستلار چەمبىركىنى ئاۋات قىلىۋاتقان ،تىخى بەزىلەر ‹‹ئۇندا قىممىساڭ ئۇندا ئايرۇپىلاندەك يوقاپ كىتىمەن ، ماندا دىڭىزغا چۆكەپ كىتىمەن ››دەپ قوڭىنى غىت قىسىپ ئولتاماي قاخشاپ پونى بولدى دىگىچە ئاتىدىغان ،تىخى ئاندانى ماندا ھۆرمەتلەڭ ،ھىلىقىدەك قەدىرلەڭ دەپ دوستلار چەمبىركىنى ھۆددىگە ئىلىۋالغان پەيلاسوپ ھۆددىگەرلە بىژژەدە ئۇچۇرتۇپ قالساڭ قاپاق ماڭلايلىردىن بوران ئۇچۇردىغان ،خۇددى بىرسى قەدىرلىمەي ھارۋىغا قىتىپ قىغ توشۇغىلى سالغاندەك ، ئۇ ئۇيە بۇيەدە دەپ قويغان ھىساب ئەمەس ئەمىليەتتە قىلسا ھىساپ شۇنداققۇ !؟ ھۆرمەكە تۇشلۇق ئىززەت تاپىدۇ ئادەم دىگەن ، ئۆزڭىزنى خۇدانىڭ بەندىسى دەپ چاغلاشىسڭىز خەقمۇ ياغاچچىنىڭ رەندىسى ئەمەس ، قاپاق ماڭلايلىرڭىزنى ئوڭشۇشۇپ سالام ساھەتنى جايىدا قىلىشىپ ئاندىن سۆزلىسەك بولىدۇ .مۇشۇ جاھاندىن رەنجىپ قاخشاپ چەمبىرەككە دەرت تۆكۇپ كۇندۇزلىرى پاھ دەيدىغان كەچلىرى ئاھ دەيدىغان بىچارە قىرىنداشلىرمنىڭ تارتقان ئازابلىرغا قاراپ ئۆزۇمنى ئەڭ ئازابسىز ئەڭ بەختلىك ھىس قىلىمەن جۇما .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 J- ^$ w4 @5 D @3 h' N
3. يەنە شۇ ئۇندىدارنىڭ گىپى ، ئاجايىپ نەرسىكەن جۇمۇ بۇ ئۇندىدار دىگەن ،مەنمۇ مەپتۇن بوپ قالىمەن گاھىدا . بىر ئىشنى دىسەم مازاق قىلماڭلا ، ئۇندىداردا بىر نەچچە قىتىم توي قىپ بولدۇم جۇمۇ مەن ،توۋا ،دىسەم ھەيران قالىسىلە ،ئۇندىداردا مەخەببەتنى دىگەننىغۇ تۇتۇپ تۇتۇپ دۆۋلەپ قويدۇم ئا بىر بۇلۇڭغا ،ئەممازە بىرەسىمۇ كۆڭلۇمگە ياقمىدى . بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم دەڭلا ، سەت چىرايلىق كاساپەتتى لىكىن ، ھە ، ئەمىليەتتىمۇ كۆرۇشۇپ ژۇرۇپ قويدۇق ، مۇشۇ تاماق يىگىلى چىقساقلا بىر جوزا بىر جوزا قورىما ،لىكىن داۋاملىق ئاچ قالدىم قاراڭلار ، ئەمدى يەي دىسەم يىگىلى قويمايدۇ ، سۆڭەكلىرنى ئۆزىمىز غاجاپ لوخ بەلەن يەرلىرنى دەرھال رەسىمگە تارتىمىزدە زىياپەتنى دوسىتلار چەمبىركىدە قۇرىمىز ، تۇتمۇتۇشتىن ‹‹ۋاھ ،پاھ ›،دىگەن باھالار كىلىۋاتقان ،قولىمىز قايتۇرۇپ ھارمايۋاتقان ،قورساق ئىچىپ كوكىراۋاتقان تاماق سوۋۇپ سۇيۇقى قويۇقلۇشىۋاتقان ،تىلفۇنىنىڭ توكى تۇگەپ ئەمدى يەيلى دىگەندە سوۋۇپ قالغان تاماققا كۆڭۇل بارماي تاشلاپ قويۇۋاتقان ، ‹‹مەن دىگەن قىز بالا ›› غىتىلداپ ماڭسا يانجۇققا ھومايماي بولمىغان ، قوساقنىڭ چالىسىغا تەييار چوپ چىلاپ ياۋاتقان ، توۋا ، شۇندا قىلىپ ئاشقازان كىسىلى تاپتۇق ، يالغاندىن باھانە تىپىپ چاقىرغان يەرلىرگە بارماي ئاران قۇتۇلدۇم .
يەنە بىرسى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ، بەك ئوماق بەك مۇتەكتى ئۇ ۋاججان ۋاججان ،ھاملا قىپ يۇتىۋەتكىدەك ،ياغلىقنى ئالدىدىن چىگىپ چۇشكەن رەسىملىرنى دوسىتلار چەمبىركىگە چىقىرىپ ئاللادىن نۇرغۇن ياخشى تىلەكلىرنى تىلەيتى ، باشقا يىرىمۇ مەيلى مۇشۇ ياغلىقنى ئالدىدىن چىرايلىق چىگىپ تەقۋا ھالىتى مىنى ئۆزىگە كەلتۇرۋالدى ، خىلى ئىمانى پاك قىزكەن دەپ ھۆرمىتىم ئاشتى ، ئەيمىنىپ ئەيمىنىپ بىر قاندا قىلىپ يۇرۇپ ئۇنىمۇ كەلتۇرۋالدىم ،ئاللا خالىسا مۇشۇنىڭ بىلەن تويۇمنى قىلىپ ئاللاغا ئىتائەت قىلىپ بىلمىگەننى ئۇگۇنۇپ بەخىتلىك كۈن كەچۇرەمەن دىگەن خىيالنى قىلىپمۇ ئۇلگۇرگەن ، بىر كۇنى كۆرۇشمەكچى بولدۇق ، خۇشاللىقىمدا بالدۇر چىقىپ ساقلاپ تۇرۇپتىمەن ،كىم بىلىدۇ بىر چاغدا ‹‹ ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم !!›› دەيدۇ بىرى ، قارىسام چاچنى قەپقىزىل بويىۋالغان پاللۇڭ پۇللۇڭ بىرسى تۇرىدۇ ، يۇزىگە سۇرتىۋالغان ئۇنغا سۇ تىگىپ كەتكەن چىغى خمىر بولۇپ قىتىپ قاپتۇ،‹‹ھۆ ،..››دەپ چالا پۇلا سالام قىلىپ ھىلىقى ‹‹تەقۋا ››قىزنىڭ يولىغا بوينۇمنى سوزۇپ قاراپ تۇردۇم ،پاللۇڭ پۇللۇڭ قىز ‹‹ مەن كەلدىمغۇ مانا ›› دەيدۇ ، شۇندا سەپ سىلىپ قارىسام ھىلىقى ‹‹ئوماق ›› ‹‹ تەقۋا ›› قىز ، توۋا دەپ يەنە بىر قىتىم كۆرۇشتۇم ، كىيىنزە تازا بىر نەرسە ئىچىمگە پاتماي ‹‹ سىز ئەسلىدە ماندا مانداتىڭىزغۇ ›› دىسەم ‹‹ ۋىيەي بەك مەتۇ كەنسىز ، ئۇ دىگەن ئۇندىداردىكى مەن ،ئالدىڭىزدا تۇرغىنى ئەمىليەتتىكى مەن ›› دەپ تەپ تارتماستىن قولتۇقۇمغا قولنى سالماسما ، ھەيرانلا قالدىمدە قاچاغا يەر تاپالماي مىڭ بىر جاپادا ئاران قۇتۇلدۇم ،شۇندا قىلىپ ئۇندىدارغىمۇ قاراش ئۆزگەردى مانا ، دەڭلا ، ياخشىمىكەن بۇ ئۇندىدار !!؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 O+ V% E4 ^8 v8 |; t# w, k, Y
4..مۇشۇ دادام دىگەن گويغا بەك ھەۋەس قىلىمەن جۇمۇ ، خوتۇن دىگەندىن ئاجايىپ تەلىي كەپتىكەن جۇمۇ كاساپەتكە ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۇزەل ئەڭ مىھرىبان ،ئەڭ قەدىردان ،ئەڭ سويۇملۇك ئايال(ئانام ) نى ئىلىۋاپتىكەن ، ئۆزىمىغۇ خىلى قاملاشقان سۇمباتلىق ئوماق قىرىغان سولتەك بولمىسا ، بوپتۇ ، دادام دىگەن پاسىبان تاغدەك يولەنچۇكۇم بولغان گويغا ۋە ئۇ ئىلىۋالغان ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۇر جاپا ۋە ھالاۋەتتە بىرگە بولغان ،مەن ئۇچۇن ئوت ۋە سۇ بولۇپ بارلىقىنى بىغىشلىغان مىھرىبان ئايال ( ئانام ) غا ئۇلۇغ ئىگەمدىن سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەيمەن!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) j( T# g, b3 o( n. G* F) u! R5 h
باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى: ئەسەرنىڭ ئاپتورى ياكى مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-8 11:27 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 g. J0 O: F7 m @4 h8 X8 J
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( N. ]5 m3 B: D. D, b$ t
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 E8 C: y* o) v8 Yبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' H/ p4 Q6 H, R& V5 H. l/ J2 |& {8 B
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-9 03:39 PM):
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- D3 T) T- |/ y2 r# Q2 Vئاپتۇرى :مەمەتنىياز قادىر ،مەنبەسى ئۆزۇم .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" e2 ]2 w \, v; x& H# k) Q& Jبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 W7 I* V0 X! b* S0 n2 ]( p
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-9 03:40 PM):
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 ?4 O$ n- E/ v9 i4 Sئىزاھات : بەزى سۆز ۋە جۇملىلەر ئۇندىدار دوسىتلار چەمبىركىدىن ئىلىندى .