|
|
|
|
قاغا توغۇرلۇق پاراڭ سالمامسىلەر جەنۇبى شىنجاڭدا ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغان قۇش تۇرىنىڭ بىرى،قاغىغا بولغان دەسلەپكى تونۇشۇم، «قىسسەسۇل ئەنبىيادىن» كەلگەن ،ئادەم ئۆلتۇرۇشنى ئىنسانلارنىڭ قاغىدىن ئۇگەنگەنلگى بايان قىلىنغان،ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىدىكى «ئۇر توقماق » دىگەن چۆچەكتە بىر قىرى قاغا تەسۋىرلەنگەن، ئاشۇ ۋاقىتلاردا مەن قاغىنى 1000 يىل ياشايدۇ دەپ ئويلىۋاپتىكەنمەن .ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللەردىمۇ «قاغا بىلەن يۇرسەك يىيشىڭ پوق »، «قاغا قاق ئىتەر ،ئۆز كوڭلىنى خوش ئىتەر » «قاغا بالام ئاپپاق، كىرپە بالام يۇمشاق » قاتارلىق تەمسىللەرنى تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمىز .قاغا جىگدىسى دەپ دەرەخگىمۇ نامى قويۇلغان . قارغىلىق دەپ يەر جاي نامىغىمۇ ئىسمى قويۇلغان . پەسىل قۇشلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى جەھەتتە ھەممە قۇشلار قىشتا قايتىپ كەتسە قاغا قىشتا ئورنىغا يىنىپ كىلىدىكەن . قاغا ئائىلىسىدە يىگىرمىدىن ئارتۇق تۇر بولۇپ ،رەڭگى قارا ئۇزۇن قۇيرقلۇق قۇش . قاغىنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ سايرىشىغا ئاساسەن قويۇلغان . ئاساسەن شىمالى ئامىركا ۋە ياۋرۇ ئاسىيا قۇرۇقلىغىدا ياشايدۇ . ئاشلىق ، مىۋە، قۇرۇت- قوڭغۇز، تاپ، قۇشلارنىڭ تۇخۇمى قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ .دىخانلار زىرائەتلەرگە زىيان سالىدۇ دەپ قاغىلارنى ئېتىزدىن ھەيدەيدۇ،ئەمما ئۇلار ئېتىزدىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنىمۇ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ ، نەچچە يۇزلىگەن قاغىلار توپلىشۇپ بىرگە ياشايدۇ، ئەمما توپلۇشۇپ بىر يەرگە ئۇۋا سالمايدۇ . قاغا دۇنيادا ئەقىللق قۇش سانىلىدىغان بولۇپ، ئىنسانلار قاغىنىڭ قۇرال ئىشلىتەلەيدىغانلىغىنى بايقىغان، ئۇ قۇرال ئىشلىتىپلا قالماستىن ئۆزىگە لازىم بولغان قۇرالنىمۇ ياسىيالايدىكەن. ئامىرىكىدا بىر دىھقان ئۆيىدە باققان قاغا ئىنسانلاردەك تاۋۇش چىقىرىشنى ئۇگەنگەن . بەزى بىر بايقاشلارغا ئاساسلانغاندا قاغا ئوتتۇرا ئاسىيادىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىگە تارقالغان ئىكەن . قاغىلار ئادەتتە چىشىسى ئۇچ ياشتا ئەركىكى بەش ياشتا كۆپۇيۇش مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ . قاغىلار نۇرمال يىگىرمە يىل ئومۇر كۆرىدۇ، ئۇزۇنراق ياشىسا ئوتتۇز يىلغا بارىدۇ، ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ئەڭ ئۇزۇن ئومۇر كۆرگەن قاغا 59 يىل ياشىغان . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muztagata تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-8 09:08 PM
|
|
|
|
|
|