روھىى نامراتلار
(ھىكايە)
مۈرىسىگە كۈلكە بىلەن يىغا ئۇرىقىنى ئارتىپ كەڭ تەبىئەتكە خۇش تەبەسسۇم بىلەن بېقىپ بىزنى غەپلەتتىن،ئۇيقۇدىن ئويغىتىدىغان بۇ ساخاۋەتلىك دوستىمىز ئەتىگەندىلا مۈرىسىدىكى ئۇرۇقلارنى كەڭ زىمىنغا چېچىپ ئۆز ھارارىتى بىلەن زىمىننى ئىللىتىشقا باشلىغان ئىدى.
بۈگۈن ئادەتتىكى كۈن ئەمەس بۈگۈن بولسا ئۇلۇغ ئايەم ،ئۇلۇغ ھېيىت يەنى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ‹قۇربا ›ھېيتى،بۇنداق ئۇلۇغ كۈندە بۇ ساخاۋەتلىك دوستىمىزمۇ قۇرۇق قول چىقمىغاندەك قىلاتتى،بۈگۈنكى نۇر باشقا كۈندىكىدىن سېخى خېلىلا كۈچلۈك بولۇپ قاراڭغۇ دىللارنى يورىتىۋەتكەن ئىدى.
مەن ئەتىگەندىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن مەكتەپكە بېرىپ،ئاشۇ ماڭا بىلىم بىرىپ كىلىۋاتقان جاپاكەش ئۇستازلىرىمنىڭ،ھەمدە مەندەك بىلىم بېغىدا ھارماي-تالماي شىرنە يىغىۋاتقان تىرىشچانداشلىرىمنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ بولۇپ،مەكتەپ قويۇپ بەرگەندىن كىيىنلا ئۆيگىمۇ كىرمەي ئۇدۇل چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگىلا باردىم،چۈنكى چوڭ ئانام ھەممە نەۋرىلەر ئىچىدە ماڭا بەكرەك ئىدى.مەن ھەم ئۇنىڭغا تولىمۇ ئامراق ئىدىم،بولۇپمۇ ئۇ ئېيتىدىغان قىزىقارلىق ھىكايىلەرنى ياختۇرۇپ ئاڭلايتتىم.
كۈن چۈشكە قايرىلىشقا ئاز قالغان بولغاچقىمىكىن ،دادام-ئاپاملار چوڭ-كىچىك تاغا -ھەدەملەر ھەممىسىلا چوڭ ئۆيگە كىلىپ يىغىلىشىپ بايرام شادلىقىغا چۆمگەن ئىدى.ئۆيدە يەنە بىر ئەزىز مىھمان يەنى چوڭ ئانامنىڭ سىڭلىسمۇ بار ئىدى،مەن بۇلارنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولغان ئىدىم ،چۈنكى بۇلار چاقىرتىپمۇ يىغىپ بولغىلى بولمايدىغان مېھمانلار ئىدى.
مەن ئۇلار بىلەن سالاملىشىپ ،بايرىمىنى بىر قۇر تەبرىكلىۋەتكەندىن كېيىن،ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ تاماقنىڭ داستىخانغا كەلتۈرىشىنى كۈتتىم.
-ھە!ئامانگۇل ئاچا!يېقىندىن بېرى بەك كەم دىدار بولۇپ كەتتىلە،ھېيىت بولمىغان بولسا بىزلەرنى ئۇنتۇپ قالاركەنلا ھە؟
-ياقەي سىڭلىم ،نەدىكىنى پات-پات كىلپ تۇرىمەنغۇ ؟سىلەرنى ئۇنتۇپ قالسام قانداق بولىدۇ؟
تۇيۇقسىز مۇنۇ پاراڭلار مىنى ئەمدىلەتىن باشلىغان بايرامنى قانداق ئۆتكۈزۈش خىيالىمدىن تارتىپ ئېلىپ چىقتى.مەن سۆزلىشىۋاتقانلارغا قاراپ ،كۆزۈمگە-قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم.بۇلارنى دىيشىۋاتقىنى باشقا كىشىلەر بولماستىن بەلكى چوڭ ئانامنىڭ سىڭلىسى بىلەن چوڭ ھامما ئىدى،ئۇلارغا قاراپ تۇيۇقسىز ئالدىنقى يىلى دەل مۇشۇنداق بايرام مەزگىلىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار خىيالىمدىن كەچتى،
تۇيۇقسىز ئالدىنقى يىلى دەل مۇشۇنداق ھەممە يەر بايرام شادلىقىغان چۆمىۋاتقاندا چوڭ ئانام سىڭلىسىنى باشلاپ ھاممامنىڭ ئۆيىگە پەتىگە ئاپىرىپتۇ ،بۇ چاغدا تاغام بىر قۇدىسىنىڭكىگە پەتىگە كېتىپ قاپتۇ ،چوڭ ئاناملارنىڭ كەلگىنىنى كۆرگەن ھاممام خۇشاللىقىدا ئۇلارنى ئۆيگە باشلاپ داستىخانغا ئۆيىدىكى بارلىق نازۇ-نىممەتلەرنى تىزىۋىتىپتۇ.
ئارقىدىنلا قوي گۆشىدىن شورپا قىلىپ ئالدىغا ئەكىرىپتۇ،كىم بىلسۇن ئويلىمىغان يەردىن شورپا ئەكىرگەن چىنە بىلىنەر-بىلىنمەس چاك كەتكەن ئىكەن،‹بالا كەلسە قوش كەپتۇ ›دېگەندە گۆشكىمۇ ئاز تولا ياغ ئارىلىشىپ قاپتۇ،بۇنى كۆرگەن چوڭ ئانامنىڭ سىڭلىسى تاماق يىگۈچە ئارىلىقتا ھاممامغا تەنە ئارىلاش
گەپ قېپتۇ،تېخىمۇ قىززىق يېرى بۇ بىر كىچىككنە سەۋەنلىك ۋە كىچىككنە ئىچى تارلىق چوڭ بىر جىدەلنى پەيدا قىلىپتۇ،بۇنى كۆرگەن چوڭ ئانام ئارىلىقتا تەڭقىسلىكتە تۇرۇپ قاپتۇ،كېيىن بۇ ئىشتىن تاغام خەۋەر تېپىپ ئۇمۇ ئەيىبنى ئايالىدا قويۇپتۇ ،بۇ ئەلەمگە چىدىمىغان ھاممام تاس قاپتۇ قۇدىلىق بولغاندا ئاجىرىشىپ يۈرگىلى ،ھىلىمۇ ياخشى دادام-ئاپاملار ۋە كىچىك تاغا –ھەدىللىرىم ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ،ئەپۇ سوراپ يۈرۈپ ئۇلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ.
ئارىدىن بەش-ئالتە ئايلار ئۆتكەندىن كىيىن تاغام كىچىك قىزىنى ياتلىق قىلماقچى بولدى.مەن تاغامغا ياردەملىشىپ باغاق تارقىتىشىپ بەردىم،ھەمدە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ چوڭ ئانامنىڭ سىڭلىسىغا بىر دانە باغاق بەردىم شۇنىڭ بىلەن بۇ خاسىيەتلىك توي مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى خېلىلا ياخشىلاشتى.
-ئەركىنجان بالام!نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتىسەن ؟قازاندىكى گۆش پىشقۇچە سىرتتا ئويناپ تۇرامسەن يە؟ئاپامنىڭ چاقىرىشى بىلەن خىياللىرىم ئاللا قاياقلارغىدۇر كەتكەن ئىدى.
-ھە.ياق بولدى. سىلەرنىڭ پارىڭىڭلارنى ئاڭلاپ ئولتۇراي ئاپا:-دىدىم مەن جاۋابەن.
-تازىمۇ جاھىل بالا بولدى بۇ :ـ دەپ قويدى ئاپام يەنە مومام سۆز باشلىدى:
-ھىلىقى باش مەھەللىدىكى ھوشۇرخاننىڭ كېلىنى ماڭا ھېچنەرسە ئېلىپ بەرمىدىڭلار دەپ ئەتىگەندە ئانىسىنىڭكىگە مېڭىپتۇ.يەنە ئاياغ مەھەللىدىكى سادىق ھاجىمنىڭ كېلىنىمۇ مۇشۇنداق باي
ئائىلە تۇرۇپ ئاران 500يۈئەنلىك كىيىم ئېلىپ بەردىڭلار ئالتۇن ھالقا ئېلىپ بەرمىدىڭلار دەپ ئاجىرشىمەن دەپ تۇرىۋاتقۇدەك!
مىنى يەنە تېگى يوق خىياللار ئۆزىگە تارتىپ ئەكىرىپ كەتكەن ئىدى.‹بۇ چوڭلار بولۇپمۇ ئاياللار نىمىدىگەن ھاماقەت ھە! يىلدا بىرلا بايرامدا ئۆزىگە خۇشاللىق ئىزدىمەكتە يوق خاپىلىق تاپىدىكەن. ئۇلارغا مال-دۇنيا دىگەن خۇشاللىقتىنمۇ،بەخىتلىك خاتىرجەم تۇرمۇشتىنمۇ مۇھىممىدۇ؟ھەي!›
-ئوماق نەۋرەم يەنە نېمىنى خىيال قىلىۋاتىسەن؟
مومام مىنىڭ خېلى ياشقا بېرىپ قالغىنىمغا قارىماي مىنى مۇشۇنداق ئەركە تىللار بىلە چاقىراتتى.
-مەن ئويلايمەن چوڭ ئانا ،سىلەر ھەقىقەتەن بەكلا ھاماقەت ئىكەنسىلەر ،جەمئىيتىمىزدە نۇرغۇن يىتىم-يىسىرلار ،يورۇق دۇنيادىن مۇستەسنا ئەمالار ،تۈرلۈك ھادىسىلەرگە ئۇچراپ قول ياكى پۇتى ئاجىز بولۇپ قالغان مىيىپلار جېنىدا تۇرمۇشىغا قانائەت قىلىپ ياشاۋاتىدۇ، ھەم ياشايدۇ،بىراق سىلەرنىڭ بەش ئەزايىڭلار ساق تۇرۇقلۇق يەنە مال-دۇنيا ،ئىززەت-ئابرۇي ئۈچۈنلا ياشاپ كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئاغرىنىپ ھەقىقىي بەخىتنىڭ نىمىلىكىنى ھىس قىلالمايدىكەنسىلەر .سىلەر ئاشۇ كىشىلەردەكمۇ بولالمايدىكەنسىلەر ،سىلەر ھەقىقەتەن روھىيىتىڭلاردىن نامرات ئىكەنسىلەر...!:-دىدىم مەن چوڭ ئانامغا،
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھاممام بىلەن چوڭ ئانامنىڭ سىڭلىسى خىجىللىقتىن يەرگە قارىۋالدى.
ئاپتور : ئالىمجان تۇرسۇن ئاتەش ئوغلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-7 09:25 PM