يېتىلىۋاتقان ئەزا
ھاياتلىقنىڭ مەنىسى
( مۇھاكىمە ماقالىسى )
ھاياتلىقنىڭ قانداق مەنىسى بار؟ نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھەقتە ئويلىنىپ كۆرگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئالدىراپ-تېنەپ كىلىپ ئالدىراپ-تېنەپ كىتىپ قېلىشتى، قالدۇرغىنى پەقەت چەكسىز ئازاپ ۋە ئەپسۇسلىنىش بولدى. ئۇنداقتا ھاياتلىقنىڭ مەنىسى زادى نىمە؟ بەزىلەر دەيدۇكى : ھاياتلىق بولسا مۆجىزە، بۇ دۇنياغا كىلىش بولسا مۆجىزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر. ھەقىقىەتەن، ھاياتلىق بىر مۆجىزە . سان-ساناقسىز ھۈجەيرىلەر ئىچىدە پەقەت بىرلا ھۈجەيرە تۆرەلمىدە ئاستا-ئاستا يىتىلىپ، يىتىلىپ ئاخىرىدا بىر ھاياتلىقنى پەيدا قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر دەيدۇكى : ھاياتلىق بولسا بەھىرلىنىش ئۈچۈندۇر . راس،ھاياتلىق بولسا بەھىرلىنىش جەريانى . بىز بۇ گۈزەل دۇنيادىن بەھىرلىنىمىز، بۇ گۈزەل ھاياتتىن بەھىرلىنىمىز. كىشىلىك ھاياتتىكى بارلىق گۈزەل نەسىلەردىن بەھىرلىنىمىز. مىنىڭچە بولغاندا ھاياتلىق بولسا بەدەل تۆلەش، تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن، ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسمۇ؟ قەدىمدىن تا ھازىرغىچە يېنىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ھاياتلىق تۆھپە قوشماقتا ، بەدەل تۆلىمەكتە. ئاشۇ كۆزگە ئېلىنمايدىغان كۈز يوپۇرمىقىدىن ئۇلۇغ ئانىلارغىچە، شەرەپلىك جەڭچىلەردىن تونۇلمىغان ئىشچىلارغىچە ھەممىسىلا بەدەل تۆلەش ، تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق بۇ جەمئىيەتنى تېرىپ تۇرىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار بولمىغان بولسا بىزنىڭ بارلىقىمىزمۇ بولمىغان بولاتتى. ئەجىبا ھاياتلىقنىڭ مەنىسى بۇنداق ئەمەسمۇ؟ توختاۋسىز بەدەل تۆلەش، تىنىمسىز تۆھپە قوشۇش بىر تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە ھاياتلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. لېي فېڭ تاغا شۇنداق دەيدۇ :ھاياتلىق چەكلىك ، ئەمما خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بولسا چەكسىز، مەن بۇ چەكلىك ھاياتىمنى چەكسىز بولغان خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىغا بېغىشلايمەن. بىز ياش-ئۆسمۈرلەر ھەممىنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ توختىماي تۆھپە قوشساق ، توختىماي بەدەل تۆلىسەكلا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ، ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى تەبئىيلا چۈشىنىپ يىتەلەيمىز، ھەم شۇنداقلا ئانىلارنىڭ بۈيۈكلىكىنى ، جەڭچىلەرنىڭ شەخسىيەتسىزلىكىنى ، ئىشچىلارنىڭ كەسىپ سۆيەرلىكىنى ، كۈز يوپۇرمىقىنىڭ مەڭگۈلىكلىكىنى بايقىيالايمىز. تىنىمسىز تۆھپە، سانسىزلىغان بەدەل بۇ ھاياتنى ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە قىلالايدۇ مەنبە: ‹‹بالىلىقتىكى ئىزلار›› ژۇرنىلى تەرجىمە قىلغۇچى : ئالىمجان تۇرسۇن ئاتەش ئوغلى
پاش قىلىش
سىزمۇ كۈلۈڭ!!!
دائىملىق ئــەزا
مەستانە ئـــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ