ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قىرىنداشلىرىمىز ،سىلەرگە ئوتلۇق سالام،يىقىندىن بىرى يۇقۇرىنىڭ چاقىرىقى بويىنچە تۆۋەنگە چۈشكەنلىگىمدىن ،خىزمەت ئورنۇمدا تور قولايلىقى بولمىغانلىقىدىن مىسرانىم تورىغا چىقىدىغان ۋاقتىم ئازلاپ قالدى،بۈگۈن بىر كۈنلۈك دەم ئىلىش پۇرسىتى بىلەن ئۆيۈمگە قايتىپ كىلىپلامىسرانىم مۇنبىرىنى ئاچتىم ،يىقىندىن بىرىقى يوللانغان تىمىلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەكلا سۆيۈندى،توردىكى قىرىنداشلىرىمىزدىكى ئاق كۆڭۈللۈك،ئىناقلىق مىنى بەكلا خوشال قىلدى.
شۇ سەۋەپتىن
مىنىڭ دەم ئىلىشىم ئىنتايىن قىسقا بولسىمۇ دوسلىرىمىزغا ئاددىي ئوقۇغان بۇ ناخشامنى سۇنغۇم كەلدى،ئەزىزى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ تىنىغا سالامەتلىك تىلەيمەن!!!
قارا تۇمان ناملىق بۇ ناخشا رەھمەتلىك ئۆمەر ئوسمان ئەپەندىنىڭ 90-يىللاردا قىلغان ئىجادىيىتى بولۇپ،بۇ ناخشىنى قايتىلاپ ئوقۇغان سەنئەتكارلىرىمىز بەكلا كۆپ،ئەكبەر قەھرىمان،ئابلاجان ئاۋۇت،گىتتارچى ئۆمەرجان قاتارلىقلار بۇ ناخشىنى بەكلا چىرايلىق ۋە ئۆزگىچە ئوقۇغان،،،،
مەنمۇ پەقەت بىرلا پىيانىنو ئۇسلۇبى بىلەن ئوقۇپ باقتىم،ئەزىزى دوسلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!!!
ناخشىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ بىۋاستە قويۇلىدىغان قىلىپ چىقىرالمىدىم،ئەگەر مۇشۇنى ئوبدانراق چۈشىنىدىغان دوسلىرىمىز بولسا ناخشىنى مۇشۇ توردا بىۋاستە قويۇلىدىغان قىلىپ قويغان بولساڭلار!!! ناخشا ئاڭلاش ۋە چۈشۈرۈش ئادىرىسى؛
http://fc.5sing.com/12800392.html
بۇ ناخشىغا ئىشلەتكەن رەھبەر دىتال بولسا ؛cubase7.5
پىيانىنو ئاۋازى دىتالى بولسا ؛Akoustik Piano
ئىشلەتكەن مىك بولسا؛Neumann 纽曼 TLM 103
مىكروفون كۈچەيىتكۈچ بولسا ؛spl channel one
سىفىرلىق ئاۋاز سۇپىسى بولسا؛yamaha 01v96i
ئاۋاز كارتىسى بولسا؛scope professional 15 DSP
مەشغۇلات سىستىمىسى بولسا؛win7 64bit
دوسلىرىمىزغا ئامەت يار بولغاي!!!!!