مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3384|ئىنكاس: 19

دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102290
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1078
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-1-15
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 09:57:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال


ئاپتورى: ئائىز قەرنىي (سەئۇدىي ئەرەبىستان)

            
                                                   تەرجىمەقىلغۇچى: ئويچى



  ئىلاۋە:


بۈگۈنكى كۈندە روھىيەت ئىلمى (پىسخولوگىيە)تەرەققىي قىلىپ، ئۇنىڭ تەتقىقات سەمەرىلىرى تىببىي ساھەدە كەڭ قوللىنىلماقتا.


بىزنىڭچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى روھىيەت ئۇستازى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز دەۋرىدە يۈز بەرگەن روھىي مەسىلىلەر ۋە روھىي كېسەللىكلەرگە قارىتا ئۈنۈملۈك دورا بەرگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يېزىپ بەرگەن بۇ رېتسىپلار ھېلىمۇ شۇ پېتى مەۋجۇت.


ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان قەۋم. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر تامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى ئىسلام لىباسىنى كىيگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئېستىمالىدىمۇ كۈچلۈك ئىسلام پۇرىقى بار. تەپەككۇرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئىسلام كاتېگورىيىسىگە كىرىدىغان بىر خەلق روھىي جەھەتتىنمۇ ئىسلام تۇيغۇسىغا تۇيۇنغان بولىدۇ، ئەلبەتتە.


يېقىنقى ئون نەچچە يىل مابەينىدە، دىيارىمىزدا روھىيەت ساھەسىگە بېغىشلانغان نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەر ۋۇجۇدقا كەلدى ۋە كەلمەكتە. ھالبۇكى بۇ ئەسەرلەرنىڭ تولىسى ياتئەل ۋە يات ئېتىقاد سىستېمىسىدىكى ئالىملار تەرىپىدىن روياپقا چىقىرىلغان بولغاچقا، پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ ناھايىتى يۇقۇرى بولۇشىغا قارىماي، خەلقىمىزنىڭ ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە كۆرە قۇۋۇشالماسلىق ھادىسىلىرى مەۋجۇت.


ئۇيغۇركىتابخانىلىرىدىكى بۇ ساھەگە بېغىشلانغان ئەسەرلەر ئىچىدە خەلقىمىزنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە ئۇيغۇن ئەسەرلەرنىڭ تولىمۇ ئازلىقىنى تونۇپ يەتكىنىمدىن بۇيان، بۇ ساھەدە ئىزدىنىش ئىستىكى ماڭا ھەمرا ئىدى. ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەرتۈپەيلىدىن تا بۈگۈنگىچە بىرەر سەمەرىلىك خىزمەتنى روياپقا چىقىرالماي كەلدىم.سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقى ۋە شارائىتىم يار بەرمىگەنلىكتىن چوڭراق ھەجىمدىكىئىجادىي ئەسەرگە تۇتۇش قىلالمىدىم. ئۆزۈم قىلالمىغانلىقتىن باشقىلار قىلغاننى بولسىمۇ تۇنۇشتۇرۇپ تۇراي دېگەن مەقسەتتە ئۇشبۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىپ چىققان ئىدىم. مانا ئەمدى ئاددىي بولسىمۇ، ئون نەچچە يىللىق ئىلىم يولىدىكى جاپالىق رىيازەتلىرىمنىڭ تۇنجى سەمەرىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە بۇ كىتابنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقتىمەن. خالىس دۇئالىرىڭلاردا كەمىنىنىڭ تېنىنىڭ ساغلام، ئىلمىنىڭ زىيادە،ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەپ قويغايسىلەر!


گەرچە بۇ ئىجادىي ئەسەر بولمىسىمۇ، ئەمما بىز بىلەن بىر ئېتىقاد سىستېمىسىدىكى نۇپۇزلۇق ئالىم تەرىپىدىن يېزىلغان بىر ياخشى ئەسەردۇر. ئەسەر مۇئەللىپى دوكتۇر ئائىزقەرنىي ھازىرقى زامان ئىسلام دۇنياسىدىكى داڭلىق ۋە مول ھۇسۇللۇق ئالىملاردىن بىرى. ئۇ تۈرلۈك ئىلمىي پائالىيەتلەر، جامائەت سورۇنلىرى ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى بولۇپ، ھەرخىل تېمىلاردا نۇتۇق سۆزلەيدۇ ۋە لېكسىيە ئۇقۇيدۇ. ئۇ بۈگۈنگىچە، سان- ساناقسىز نۇتۇق، لىكسىيەلەرنى سۆزلىگەندىن سىرت، 30 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يازغان . ئەسەرلىرى ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىچى،سىرتىدا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە.  


مەزكۇركىتاب ئاياللارغا بېغىشلانغان، روھىيەتنى تەڭشەش ئۇسۇللىرى ۋە تۈرلۈك پىسخىك مەسلىھەتلەر تۇنۇشتۇرۇلغان نادىر ئەسەر بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇسۇلمانئاياللار شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا خانىم-قىزلىرىغا سۇنغان قىممەتلىك سوۋغىسى ھېسابلىنىدۇ. كىتابنىڭ مەزمۇنى روھنىڭ ھەقىقى ئۇزۇقى بولغان دىينىي ۋە پەلسەپىۋى ھېكمەتلەرگە تۇيۇنغان.بۇ نۇقۇل ئەقىل ۋە ماددىيەتچىلىك پەلسەپىسى بۇيىچە تەھلىلئېلىپ بارىدىغان پىسخولوگىيەگە ئائىت ئەسەرلەرگە قارىغاندا خاس ئالاھىدىلىككە ئىگەبولۇپ، ئوقۇرمەنگە ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلىدۇ.


  كىتاب يېقىملىق شېئىرىي تىل بىلەن يېزىلغان، تىلى راۋان، چۈشىنىشلۈك،ئىلھامبەخىش، ھەجىمى كىچىك بولۇش بىلەن بىرگە، قىسقا-قىسقا باب، پاراگرافلارغا بۆلۈنگەن؛ ئېلىپ يۈرۈپ ئۇقۇشقا ۋە تاللاپ ئۇقۇشقا تۇلىمۇ ماس كېلىدۇ.


*************************************************************************************


بېغىشلىما




ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىسلامنىڭ دىينى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگەرازى بولغان ھەر بىر مۇسۇلمان ئايالغا؛                  


ھەقىقەت يولىغا ئەگەشكەن، ئۇلۇغ بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان ھەر بىر قىزغا؛


  ئۆزىنىڭ تىلى ئارقىلىق كۆرەش قىلىپ، قىممەت قاراشلىرىنى قوغداپ، روھىنى پاكلىغان ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا؛


بالىلىرىنى ئاللاھتىن قورقىدىغان، سۈننەتكە رىئايە قىلىدىغان، گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۇلۇغلايدىغان قىلىپ تەربىيەلىگەن ھەربىر ئانىغا؛


غەم-قايغۇۋە ئازاب-ئوقۇبەت تارتقان ھەر بىر ئايالغا بېغىشلايمەن!


سىزنىڭ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇشىڭىزغا  ياردەم بېرىدىغان بۇ خۇش بىشارەتنى اللە نىڭ ئىلتىپاتى، مەدىتى ۋە غايەت زورئەجىر-مۇكاپاتى بىلەن قوشۇپ، خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغايسىز!


*************************************************************************************************




مۇقەددىمە




جىمى مەدھىيە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە، ساھابىلىرىگە شۇنداقلا بارلىق ئەگەشكۈچىلىرىگە رەھمەت ۋە سالام بولسۇن!


بۇ كىتاب مۇسۇلمان ئايالغا ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىماندىن ۋە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتتىن زوقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە؛ ئازابلانغان، روھسىزلانغان ۋەدەرت-ئەلەمگە مۇپتىلا بولغان ھەر بىر كىشىگە ئۈمىد ۋە خۇش-بىشارەت ئېلىپ كېلىدۇ.شۇنداقلا مۇسۇلمان ئايالنى نىجاتلىقنى كۆتۈشكە، خاپىلىقتىن كىيىنكى ئاسانلىقنى ئىستەشكە چاقىرىدۇ. بۇ كىتاب ئۇنىڭ ئەقلى ۋە روھىغا شۇنداق خىتاب قىلىدۇ: سەۋربىلەن ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئىزدەڭ، روھسىزلانماڭ، بەل قۇيىۋەتمەڭ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرلەڭ، چۈنكى قۇدرەتلىك ئاللاھ سىز بىلەن بىللە، ئۇ سىزنى مەمنۇن قىلىدۇ ۋەقوغدايدۇ.


ھەمشىرەم،بۇ كىتابنى ئوقۇڭ، ئۇنىڭدا رۇشەن ئايەتلەر، سەھىھ ھەدىسلەر، تىرەن پىكىرلەر،ئىلھام بەخىش قىسسەلەر ۋە پۈتمەس-تۈگىمەس ھېكمەتلەر بار. بۇ كىتابنى ئۇقۇڭ، ئۇھەسرەتنىڭ كۈلەڭگىسىنى، قورقۇنچ ۋە ئەنسىزلىكنىڭ قاباھىتىنى قوغلىۋېتىدۇ. بۇكىتابنى ئۇقۇڭ، ئۇ  كاللىڭىزدىكى چىرماش خىياللارنى، ئېزىتقۇ ۋەسۋەسىلەرنى يۇقۇتۇشىڭىزغا ياردەملىشىپ، سىز ئۈچۈن ئىمان،خاتىرجەملىك، شاتلىق ۋە سائادەتكە تولغان بىر يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ سىزگە ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەت ئاتاقىلغاي! ئاللاھ سىزدىن رازى بولغاي! چۈنكى ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك، ناھايىتى مېھرىبان زاتتۇر.


بۇ كىتاب  خۇددى يارقىن پىكىرلەرقاچىلانغان خەزىنە كەبى، ھاياتىڭىزنى زىننەتلەيدۇ. ئۇنىڭدا ساقلانغان بەخت ۋەھەقىقەت دۇردانىلىرىنىڭ قىممىتى  يالتىراق،ئېزىتقۇ ئالتۇن-كۈمۈشنى بېسىپ چۈشىدۇ. سىزدە بۇ كىتاب بولسىلا، سىزنىڭ قايتاھەرقانداق دۇنيالىق پەردازغا، قۇرۇق زىبۇ-زىننەتكە، ساختا قىياپەت ۋە بىردەملىك مودىغا خۇشىڭىز قالمايدۇ. بۇ مەنىۋىي بايلىقلار بىلەن ئۆزىڭىزنى بىزەڭ، تۇرمۇشتىكى ھەر قانداق سورۇندا ئۇلارنى  تاقىۋېلىڭ. ئۇھالدا، ئاللاھ خالىسا، دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايالغا ئايلىنىسىز.


ئىلىم-مەرىپەت ۋە تەلىم-تەربىيەدىن بەختكە تۇتاشقان يولنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا رومانتىك مۇھەببەت ھېكايىلىرى بىلەن يەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنداق ھېكايىلەر ئۇقۇرمەننى رېئاللىقتىن ئايرىپ، شېرىن چۈش ۋەخام-خىيال قاينىمىغا غەرق قىلىدۇ، پەقەت ئېزىقىش ۋە ئەنسىزلىكلا ئېلىپ كېلىدۇ،ئەمەلىيەتتە، نەتىجىسى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇسال بولۇشى مۇمكىن، خۇددى كىشىلەرگە ئالدامچىلىق، جىنايەت ۋە بۇلاڭچىلىقنى ئۆگېتىدىغان ئەجاسا كرىستىنىڭ ھېكايىلىرىگەئوخشاش. مەن « دۇنيادىكى داڭلىق رومانلاردىن تاللانمىلار » ناملىق مەجمۇئەنى ئۇقۇدۇم. ئۇ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رومانلار توپلىمى ئىدى. مەن بۇ ھېكايىلەردەئېغىر خاتالىق ۋە جاھالەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدىم. شۈبھىسىزكى، نۇقۇل ئەدەبى ئىجادىيەت ۋە تەسۋىر ماھارىتى نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىتايىن ياخشى. مەسىلەن: ھىمىڭۋاينىڭ « بۇۋاي ۋە دېڭىز » دېگەن رومانى ھەمدە باشقا  چاكىنا مەزمۇنلاردىن، چۈشكۈن ئىدىيەلەردىن ۋە ئەدەبى زاۋاللىقنىڭ ئاسارەتلىرىدىن خالى ئەسەرلەر.


ھەر بىر ئاقىل ئايال مۇنەۋۋەر ئەرەب ۋە ئىسلام ئەدەبى مىراسلىرىنى ئۇقۇشى لازىم. مەسىلەن: تەنتاۋىي، كەيلانىي، مەنفىلۇتىي، رافىئىي قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرى. بۇ پاكىز، ئەخلاقلىق ۋە ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئېنىق ئۇچۇرتارقىتىدۇ. مەن بۇلارنى تىلغا ئالدىم، چۈنكى مەن كىتابىمنڭ ھەرقانداق يات، پۇچەك ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھەقىقەتتىن قىڭغىر كېتىشىنى خالىمايمەن.ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇ ئاتالمىش داڭدار غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. مېھرىبان ئاللاھ ئۇقۇرمەننى ئاشۇ ناچارئىدىيەلەرنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچراشتىن ساقلىغاي!


نېمىلادېگەن بىلەن، ئاللاھ ئۆزىنىڭ كىتابىدا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۆزىنىڭ سۈننىتىدە بايان قىلغان قىسسەلەر شۇنداقلا دۇرۇس خەلىپەلەر، ئالىملار، ۋە سالىھلارنىڭ شانلىق تارىخى باشقا ھەرقانداق ھېكايىدىن مەنپەئەتلىكتۇر. سىزــ ھەق دىننىڭ ھىدايىتىگە، ئىمان ۋەئىسلام ئەنئەنىسىگە نائىل ئىنسان ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ئۈچۈن خۇرسەنلىككە چۈمۈشىڭىزكېرەك.


                                                                                                    ــ د . ئائىز قەرنىي


ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ




بىرىنچى باب




«مەيلى سىز بوران-چاپقۇن، قار-يامغۇرداقېلىڭ، ھامان ئۈمىدۋار بولۇڭ»




************************************************************************************




1


مەرھابا




مەرھابا،ئىخلاسمەنلەر مەرھابا، رۇزىدار، نامازخانلار مەرھابا.


مەرھابا، ئالىيجاناپ، دانىشمەنلەر مەرھابا، ھىجاپ كىيگەن ئۇز ئاياللار مەرھابا.


ئويغاق، ئاقىل، ئالىمەلەر مەرھابا.


ساداقەتمەن، مېھرىبان تۈز ئاياللار مەرھابا.


ئىزدەپ اللە رىزاسى، تىلەپ ئەپۇمەغفىرەت، ھەق ئۈستىدە چىڭ تۇرغان سەۋىرچانلار مەرھابا.


اللە نى ئەسلەيدىغان، اللە دەپ توۋلايدىغان شۈكۈرچانلار مەرھابا.


ئاسىيە، مەريەم، خەدىچە ئىزىنى بويلىغانلارمەرھابا.


ئارسلانلارنى چوڭ قىلغان پەرۋىشكارلار مەرھابا.


ئەخلاق خەزىنىدارلىرى، قاراۋۇللىرى، خۇش كەلدىڭلارمەرھابا.


اللە قا ھۆرمەت، شەرىئەتكە رىئايە قىلىدىغانقىز-چوكانلار مەرھابا.


ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ




2


ھەئە...!


   گۈزەل تەبەسسۇمىڭىزنى نامايەن قىلىڭ، ئىللىقلىق، دوستلۇق تارقىتىڭ.


يېقىشلىق سۆزلىرىڭىز بىلەن ئىسلامى دوستلۇق بەرپا قىلىپ، ئۆچ-ئاداۋەتنى يۇيۇڭ.


  كىشىنى مەمنۇن قىلىدىغان خەير-ئېھسان قىلىڭ، كەمبەغەلنى خۇرسەن قىلىڭ،ئاچنى تويغۇزۇڭ.


ھەمىشەقۇرئان بىلەن بىرگە بولۇڭ، ئوقۇڭ، ئىچىدىكى ۋەز-نەسىھەتلەرنى تەپەككۈر قىلىڭ، ئۇنى ھاياتىڭىزدىكى كومپاسقا، ئەپۇغا ئېرىشىشتىكى ۋاستىگە ئايلاندۇرىۋېلىڭ.


   اللە نى كۆپ ياد ئېتىڭ،ئۈزۈلدۈرمەي دۇئا قىلىڭ، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن تەۋبە قىلىڭ، اللە نىڭ ئەپۇرەھمىتىنى تىلەڭ.


  بالىلىرىڭىزنى ئىسلام يولىدا چوڭ قىلىڭ، ئۇلارغا سۈننەتنى ئۆگېتىڭ، ئۇلارنى مەنپەئەتلىك ئىشلارغا باشلاڭ.


  ئېسىل، سالاپەتلىك كىيىنىڭ، اللە نىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنلاڭ، ھىجابلىنىش بولسا ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئۇسۇلى.


  اللە تىن ئەيمىنىدىغان، ئىسلامنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئەخلاقنى ئۇلۇغلايدىغان ئاياللار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىڭ.


  ئاتا-ئانىلارغا ھۆرمەت قىلىڭ، ئۇرۇق تۇغقانلارنى يوقلاڭ، قولۇم-قوشنىلارنى ھۆرمەتلەڭ، يېتىم-يېسىرلارغا غەمخۇرلۇق قىلىڭ،


مەنپەئەتلىك كىتابلارنى ئوقۇڭ.


ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ




3


ياق...!




   مەنپەئەتسىز ئىشلارنى قوغلاشماڭ، ئۆچ ئېلىشقا بەنت بولماڭ، ئورۇنسىز تالاش-تارتىشلارغا ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ.


   مال-دۇنيانى ساغلاملىق، خۇشاللىق، شېرىن ئۇيقۇ ۋە كۆڭۈل خاتىرجەملىكىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋالماڭ.


  باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كوچىلىماڭ، غەيۋەت قىلىپ ئۆزگىلەرنى نابۇت قىلماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقىنى بولسا ئەسلا ئۇنۇتماڭ.


  ماددى ھوزۇر-ھالاۋەتكە دۈم چۈشمەڭ، كۆڭۈل خاھىشغا قۇل بولماڭ.


پەس ئادەملەر بىلەن ئارىلاشماڭ، قۇرۇق ئىشلارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلماڭ.


   شەخسى تازىلىق ۋە ئۆي ئىچىنىڭ پاكىز، رەتلىك بولۇشىغا سەل قارىماڭ، ئۆي ئىشلىرىنى قالايمىقان قىلىۋەتمەڭ.


  ھاراق ئىچمەڭ، تاماكا چەكمەڭ، ئاڭلىق ھالدا بارلىق ئىپلاسلىقلاردىن نېرى تۇرۇڭ.


  ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات دەڭ، ئىلگىركى خاتالىقلار ئىچىگە ئۆزىڭىزنى قامىۋالماڭ.


ئاخىرەتتە بولىدىغان ئىشلارنى ئۇنۇتماڭ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەڭ.


  ھارام نەرسىلەرگە پۇل خەجلىمەڭ، ھالال نەرسىلەرنى ئىسراپ قىلماڭ،تائەت-ئىبادەتكە سەل قارىماڭ.


ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ




4


......چوڭقۇرئويلىنىڭ




   1. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىزنىڭ پەرۋەردىگارىڭىز ئەپۇ سورىغۇچىلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۆزى تەرەپكە قايتقۇچىلارغا يول بېرىدۇ.


  2. ئاجىزلارغا مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ، خۇشال بولىسىز؛مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىڭ، قانائەت تاپىسىز؛ ھەسەتتىن يىراق تۇرۇڭ، ساغلامبولىسىز.


  3. ئۈمىدۋار بولۇڭ، چۈنكى اللە سىز بىلەن بىللە، پەرىشتىلەر سىز ئۈچۈن دۇئاقىلىدۇ، جەننەت سىزنى كۈتمەكتە.


   4. كۆز ياشلىرىڭىزنى سۈرتىۋېتىڭ، رەببىڭىزنى قىزغىن سۆيۇڭ، غەم-قايغۇلىرىڭىزنى قوغلاڭ، اللە سىزگە ئاتاقىلغان نىئمەتلەرنى ئەسلەڭ.


  5. بۇ دۇنيا ھېچكىمگە تولۇق ۋاپا قىلغان ئەمەس، يەرشارىدا ھەممە ئىشكۈتكىنىدەك چىقىدىغان، غەم-قايغۇسىز بىرمۇ ئىنسان يوق.


   6. تاش ئاتقانغا مېۋە تاشلاپ بېرىدىغان، باراقسان ئۆسكەن دەرەختەك ياشاڭ.


   7. دەرت-پىغاننىڭ يوقاتقاننى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ باققانمۇ سىز؟ ياكى قايغۇ-ھەسرەتنىڭ خاتالىقنى تۈزەتكىنىنى؟ ئۇنداق بولسا دەرت-پىغان، قايغۇ-ھەسرەتكە نە ھاجەت؟


8.سىناق ۋە مۇسىبەتنى تىلىمەڭ، تىنىچلىق، ئامانلىق، تەن ساقلىقنى تىلەڭ.


  9. سىزگە ئازار بەرگەن بارچەكىشىلەرنى ئەپۇ قىلىڭ، قەلبىڭىزدىكى قىساس ئوتىنى ئۆچۈرۈڭ.


10. تەرتىپلىك يۇيۇنۇش، تاھارەت، مىسۋاك بارچە بەخىتسىزلىك ۋە غەمئەندىشىنى ساقايتىدىغان ياخشى دورا.


ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ




5


.......سەمىڭىزدەبولسۇن




   1. ھەسەل ھەرىسىدەك خۇشپۇراق گۈللەرگە، ياپ-يېشىل شاخلارغا قونۇڭ.


   2. سىزدە باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى ۋە ئەيىبىنى ئىزدەيدىغانغا ۋاقىت يوق.


   3. ئاللاھ سىز بىلەن بىرگەبولسا، كىمدىن قورقىسىز؟ ئاللاھ سىزگە قارشى بولسا، كىمدىن ئۈمىد كۈتىسىز؟!


4. ھەسەت ئوتى تېنىڭىزنى نابۇت قىلىدۇ، چەكتىن ئاشقان ھەۋەس شىددەتلىك پارتلىغان ۋۇلقانغا ئوخشايدۇ.


  5. مۇبادا بۈگۈن تەييارلىق قىلمىسىڭىز، ئەتە ھېچ ئىشنى قىلالمايسىز.


   6. قۇرۇق گەپ بولىدىغان جايدىن ئاستاغىنەكېتىڭ.


  7. پەزىلىتىڭىز ھەم پوزىتسىيىڭىز چىمەنلىكتىن بەكرەك گۈزەل بولسۇن.


   8. ئىشنى ياخشى قىلىش سىزنى ئەڭ خوشال ئادەمگەئايلاندۇرىدۇ.


  9. كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسىغا تاپشۇرۇڭ، ھەسەتنى ئۆلۈمگە قالدۇرۇڭ، رەقىبلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.


10. ھارام ئىشلار ئېلىپ كەلگەن مەغرۇرلۇق چوقۇمكى پۇشايمان، زىيان ۋەجازاغا ھەمراھ.




ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ




ئىككىنچىباب




«ئۆتمۈش ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلاندى، سىز كۆتۈۋاتقان كەلگۈسى تېخى نامەلۇم، ئىلكىڭىزدىكى بار-يوقى پەقەتلا ‹ھازىر›»




*********************************************************************************************


«كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھتىنلا كېلىدۇ»




1


زومىگەرلىككە جەڭ ئېلان قىلغان ئايال




ئۆتمۈش ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلاندى. سىز كۆتۈۋاتقان كەلگۈسى تېخى نامەلۇم، ئىلكىڭىزدىكى بار-يوقى پەقەتلا «ھازىر».


بىزئىسلامنىڭ پەند-نەسىھەتلىرىگە قاراپ باقايلى. بۈيۈك، ھەممىگە قادىر اللە «قۇرئان»دا ئىپپەتلىك، ئىمانلىق ئاياللارنى ماختىدى: «اللە پىرئەۋىننىڭ ئايالىنىم ۇئمىنلەرنىڭ نەمۇنىسى قىلدى.ئەينى چاغدا، ئۇ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم مەن ئۈچۈن دەرگاھىڭدا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكىلىكىدىن قۇتقۇزغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» (11 :66).


  ئويلاپ بېقىڭ، اللە قانداقسىگە بۇ ئايالنى (ئاسىيەنى) ئىمانلىق ئاياللارنىڭئۆلگىسى قىلدى؟ ئۇ قانداق قىلىپ ھىدايەت تېپىشنى، اللە نىڭ يولىغا ئەگىشىشنى ئارزۇقىلىدىغان بارچە كىشىلەرنىڭ روشەن سىمۋولىغا ئايلاندى؟ ئۇ نېمىدىگەن دانا ھە! اللەنىڭ دەرگاھىدىن ئۆزىگە نىسبەتەن دۇنيا مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن بولغان تۇرالغۇ تەلەپقىلدى. ئۇ ئۆزىنى جاھىلىيەتچى، زالىم، كاپىر پىرئەۋن كونتىروللىقىدىن ئازاد  قىلدى. خىزمىتىنى قىلغىلى كېنىزەكلەر، كىيگىلى ھەشەمەتلىك كىيىملەر تەل بولغان راھەت-پاراغەتلىك قەسىردە تۇرۇشنى رەت قىلدى. ئۇئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللە تىن تېخىمۇ يۇقالماس، تېخىمۇ گۈزەل تۇرالغۇ، كۆپلىگەن چىمەنزارلىقلار، ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە تولغان جەننەت سورىدى. ھەممىگە قادىر اللە قا،يىگانە، مەدھىيەگە لايىق، ئۇلۇغ، ھوقۇق ۋە شان-شۆھرەتكە ئىگە خۇداغا يېقىنلىشىشنىئىستىدى. «قۇدرەتلىك اللە نىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنغا ئېرىشىدۇ» (55 :54).ئۇ بىر ئۇلۇغ ئايال، زالىم ئېرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھىممىتى ۋە ساداقىتىئۇنى ھەقىقەت ۋە ئىماننى سۆزلەشكە قىستىدى. ئۇ ئاللاھ يولىدا قىيىن-قىستاققائۇچرىدى. ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى دەرگاھىدىن مۇكەممەل پاناھتاپتى. ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇنى تا قىيامەتكىچىلىك ھەر بىر ئىمانلىق ئەر-ئايالنىڭ نەمۇنىسى قىلدى، شۇنداقلا مۇقەددەس كىتاپلاردا ئۇنى ماختىدى. ئۇنىڭ نامىنى ۋە ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرلىدى. ئۇنىڭ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرىگەن ئېرىنى بولسا قارغىدى.




«گەرچە سىز بوران-چاپقۇن، قار-يامغۇردا قالسىڭىزمۇ، ھامان ئۈمىدۋار بولۇڭ»




ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


«ئەلۋەتتە، ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىرئاسانلىق بار» (6 :94)




2


سانسىز نىئمەت ۋە چەكسىز يوشۇرۇن كۈچ




ھەمشىرەم،«ئەلۋەتتە، ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار» (6 :94). زۇلمەتلىك كېچە ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن چوقۇم نۇرلۇق سەھەر كېلىدۇ، ئارام بەرمەس ھەسرەت بۇلۇتلىرى تارقىلىپ، جاننى قىينايدىغان قاباھەت ھامان يۇقۇلىدۇ، ئازابلىق مۇسىبەتمۇ بىركۈن تۈگەيدۇ، ئىنشا اللە. بىلىڭكى، سىز ھامان ئەجىرگە ئېرىشىسىز. مۇبادا سىز بىر ئانابولۇپ، پەرزەنتلىرىڭىزنى ئىسلامنىڭ غوللۇق كۈچلىرىدىن قىلىپ تەربىيلىسىڭىز، ئۇلارسىز ئۈچۈن سەجدىلەردە ۋە سەھەرلەردە  دۇئاقىلسا، ئۇ چاغدا سىز ھېسداش قەلىبلەرگە باي، مېھرىبان، شەپقەتلىك بىر ئانىغائايلىنىسىز، بەخىت دېگەن شۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىئامىنە ئىنسانىيەتكە بىر ئۇلۇغ رەھبەر، كاتتا پەيغەمبەرنى تەقدىم قىلدى. ئانابولغانلىقىڭىز، بىر ئەۋلاد مۇسۇلمانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىڭىز ئۈچۈن ئىپتىخار ۋە شان-شەرەپكە نېمىدىگەن لايىقسىز-ھە!


  سىزدە بىر دەۋەتچىگە ئايلىنىش يوشۇرۇن كۈچى بار. يېقىملىق سۆزلىرىڭىز، پاراسەتلىك نەسىھەتلىرىڭىز، ھېكمەتلىك ئۇسلۇبىڭىز بىلەن باشقا ئاياللارنى اللە نىڭ يولىدامېڭىشقا چاقىرىڭ. ئېسىل ئىش-ھەركەتلىرىڭىز بىلەن ئۆزگىلەرنى تەسىرلەندۈرۈڭ، ئۇلارغايول باشلاڭ، ئۇلارنىڭ نەمۇنىسىگە ئايلىنىڭ. بىر ئايالنىڭ گۈزەل خۇلقى-مىجەزى،پاكىز، دىيانەتلىك ئىش-ھەركەتلىرىنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە بولغان يېتەكلەش رولى دىنىي دەۋەت، لېكسىيە ۋە دەرسلەر قولغا كەلتۈرەلمىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.ئۇ قوشنىلار ئارا ياشايدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ دىين-دىيانىتىنى تىلغا ئالىدۇ. ئېسىلكىيىمى، گۈزەل مۇئامىلىسى، قوشنىلار بىلەن ئىناقلىقى، ئېرىگە ئىتائەتمەنلىكىنى سۆزلىشىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆلگىسىگە ئايلىنىدۇ، ھەممە كىشى ئۇنى ماختايدۇ.




   «گۈللەر تېزلا ئېچىلىدۇ، قايغۇ-ھەسرەت ھامان يوقۇلىدۇ، شادلىق چوقۇم ھۆكۈم سۈرىدۇ»




ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


«قىيىنچىلىقتىن كېيىن اللە ئاسان قىلىدۇ»  (7 :65)




3


سىز غايەت زور بايلىققا ئىگە




پەقەت نىيەت اللە ئۈچۈن بولسىلا، سىز ئۇچرىغان بارچە خاپىلىق گۇناھلىرىڭىزنى ئۆچۈرۈپتاشلايدۇ. ھەدىس تارقاتقان خۇش-خەۋەرنى ئاڭلاڭ: «بىر ئايال رەببىگە ئىتائەت قىلسا،بەش ۋاخ نامېزىنى ئۆتىسە، ئىززەت-ئابرويىنى قوغدىسا، رەببىنىڭ جەننىتىگە كىرىدۇ».


  اللە ئاسان قىلغان ئادەمگە نىسبەتەن بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن ئاساندۇر. بۇكاتتا خىزمەتلەرنى قىلسىڭىز، سىزگە ئىككى دۇنيالىق بەخىت ئاتا قىلغان مېھرىبان پەرۋەردى‍گارىڭىزنى كۆرەلەيسىز. ئۇنىڭ شەرىئىتىگە بويسۇنۇڭ، قۇرئان ۋە ھەدىسنى چىڭ تۇتۇڭ. چۈنكى سىزمۇسۇلمان ئايال، بۇ دېگەن ئەڭ ئۇلۇغ شان-شەرەپ ۋە ئىپتىخار بۇلىقى. اللە سىزنىمۇسۇلمان بولۇشقا تاللىدى، سىزنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بىرى قىلدى، ئائىشە، خەدىچە ۋە فاتىمەلەرنىڭ ۋارىسى قىلدى.


  بەش ۋاخ ناماز ئۆتىگەنلىكىڭىز، روزا تۇتقانلىقىڭىز، ھەج قىلغانلىقىڭىز، ھىجاپكىيگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز!


  اللە نىڭ پەرۋەردىگارىڭىز، ئىسلامنىڭ دىينىڭىز، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبىرىڭىز بولغىنىغا رازى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن مۇبارەك بولسۇن!




«ئىمان-ئېتىقاد سىزنىڭ ئالتۇنىڭىز، دىيانەتسىزنىڭ زىبۇ-زىننىتىڭىز، ئەدەپ-ئەخلاق سىزنىڭ بايلىقىڭىز»




ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


«اللە بىزگە يېتەرلىك، ئۇ نېمىدىگەن ياخشى ھامىي-ھە!» (173 :3)




4


ئىسلامىيەتتىكى ئايال جاھىلىيەتتىكى ئايالغا ئوخشىمايدۇ




   سىز پەقەت بىر ئىشنى-ئىسلامىيەت مۇھىتىدا ياشىغان مۇسۇلمانئايال بىلەن جاھىلىيەت مۇھىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان غەيرى مۇسۇلمان ئايالنىڭئەھۋالىنى-ئىنچىكە ئويلانسىڭىزلا بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمىسىز. ئىمانلىق ئايال اللەتىن قورقىدۇ، خەير-ئېھسان قىلىدۇ، روزا تۇتىدۇ، كېچىلىرى ناماز ئوقۇيدۇ،ھېجاپلىنىدۇ، ئېرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، قوشنىسى بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ، بالىلىرىغاكۆيىنىدۇ. ئەمما جاھىل ئايال بەدەنلىرىنى خالىغانچە ئوچۇق قويىدۇ. بىلىمسىز،نادان، پەقەت دەۋرنىڭ مودىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدا ئەخلاق مىزانى يوق، ئابروي ئۆلچىمى يوق، ئىمان تېخىمۇ يوق. بۇ ئىككى خىل ھالەتنى سېلىشتۇرسىڭىزلا ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ بەختلىك ئىكەنلىكىڭىزنى بايقايسىز، ئۇلۇغ ئاللاھقا شۈكرى!




«بوشىشىپ قالماڭلار، قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر.» (139:3)




« قەسىردە ياشىغان ئادەممۇ، كەپىدە ياشىغان ئادەممۇ ئوخشاشلاياشايدۇ، بىراق كىم بەختلىك ياشايدۇ؟»




ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


«اللە مېنىڭ ئىگەمدۇر، مەنئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن»




5


ھورۇنلۇق مەغلۇبىيەتنىڭ بىر تۇققىنى




   مەن سىزگە كۈچەپ نەسىھەت قىلاي، ئالدىراش يۈرۈڭ. ھورۇنلۇق ۋەبىكار تەلەتلىككە چۆكۈپ قالماڭ، ئۆي-ۋاقىڭىز ۋە ئائىلە كۈتۈپخانىڭىزغا ئوبدان قاراڭ، خىزمىتىڭىزنى، مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئادا قىلىڭ ياكى بولمىسا ناماز ئوقۇڭ، قۇرئان ۋە پايدىلىق ئەسەرلەرنى كۆرۈڭ، مەنپەئەتلىك نۇتۇقلارنى ئاڭلاڭ ۋە ياكىدوستلىرىڭىز، قۇلۇم-قوشنىلىرىڭىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، ئۇلارنى اللە قا تېخىمۇيېقىنلاشتۇرىدىغان تېمىلاردا پاراڭلىشىڭ. شۇندىلا بەخت ۋە شاتلىقنى تاپالايسىز.قۇرۇق ھېسياتقا قۇل بولۇشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى ئۇ باش ئاغرىقى، غەم-ئەندىشە ۋە يامان ۋەسۋەسە- گۇمانلارنى قوزغايدۇ، بۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەشتىنباشقا چارە يوق.


  قىياپىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، ئائىلىدە خۇشپۇراق ئىشلىتىڭ، ئۆينى پاكىزتۇتۇڭ، ئېرىڭىزگە، بالىلىرىڭىزغا، ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللىرىڭىزغا، تۇققانلىرىڭىزۋە دوستلىرىڭىزغا خۇرسەن قەلب، چىن تەبەسسۇم، قانائەتچان روھىي ھالەت بىلەنمۇئامىلە قىلىڭ.


  ئاشۇ بەخىتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گۇناھلاردىن نېرى تۇرۇڭ. مەسىلەن:ھارام قىلىنغان قاراش، خالىغانچە ئېچىلغان زىننەت، يات ئەر بىلەن يالغۇز بىرگەتۇرۇش، قارغاش، تۆھمەت، غەيۋەت، ئەرگە سەركەشلىك قىلىش، ياخشىلىقىغا كۆز يۇمۇش؛مانا بۇ گۇناھلار ئاياللار ئارىسىدا ئىنتايىن يامراپ كەتتى، پەقەت ئاشۇ اللە نىڭرەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا. اللە نىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ،اللە تىن ئەيمىنىڭ، چۈنكى تەقۋالىق بەخت ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ.




   « مۇسىبەت تۇيۇقسىز كەلگەندە، ئاپەت بىر-بىرىگە ئۇلاشقاندا،‹لە ئىلاھە ئىللەللاھ› (اللە تىن ئۆزگە ئىلاھ يوق) دەڭ»




ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


«مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن» (18 :12)




6


سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز كۆپلىگەن ئاياللارنىڭكىدىن ياخشى




   ئويلاپ بېقىڭ، بۇدۇنيادا، دوختۇرخانىلاردا ساقايماس كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، ھادىسىلەرگەيولۇقۇپ يېتىۋاتقان بىمارلاردىن قانچىسى بار؟ تۈرمىلەردە ئەركىنلىك ۋە ھوقۇقتىن مەھرۇم بولۇپ يېتىۋاتقان مەھبۇسلاردىن قانچىسى بار؟ روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا يېتىۋاتقان، ئەقىللىرىدىن ئايرىلىپ ئېلىشىپ قالغانلاردىن قانچىسى بار؟ ئەجىبا دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر كونا كەپە، چىدىرلاردا تۇرۇپ يىگىلى نان تاپالمايۋاتمامدۇ؟ئەجىبا كۆپلىگەن ئاياللار ئاپەتكە ئۇچراپ ھەممە باللىرىدىن ياكى كۆزىدىن، قۇلىقىدىنۋە ياكى ئەقىل-تەپەككۇرىدىن ئايرىلىۋاتمامدۇ؟ ھەتتا ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇۋاتمامدۇ؟ئەمما سىزگە كەلسەك، بەش ئەزايىڭىز ساق، تېنىڭىز ساغلام، تۇرمۇشىڭىز خاتىرجەم.شۇڭا سىز قانائەت قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ نېئمەتلەر ئۈچۈن ئۇلۇغ، مېھرىبان اللە قا تەشەككۈر ئېيتىشىڭىز لازىم. ۋاقتىڭىزنى اللە نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلمەيدىغانئىشلارغا زايا قىلماڭ. تېلېۋىزور ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇرۇپ ئاشۇ ئىپلاس، چىرىكمەزمۇنلارنى كۆرۈش ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، تېنىنى ھورۇن، تەييار تاپ قىلىپ قويىدۇ. پايدىلىق پروگراممىلارنى، لېكسىيە ۋە سۆھبەتلەرنى تاللاپ كۆرۈڭ،مەسىلەن:  تىببي ساۋاتلار لېكسىيەسى ياكى مۇسۇلمانلارغا ئائىت خەۋەرلەر دېگەندەك. ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ يۈرۈشىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئىپلاس ئىدىيەلەردىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى ئۇلارئىززەت-ئابرويىڭىز، ئىمان-ئېتىقادىڭىزغا زىيان يەتكۈزىدۇ.




«يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئاخىرەت سوتىغا قالدۇرۇڭ، ئۇ چاغدا ئاللاھتىن باشقا  سوتچى يوق»




ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


« بىر مىنۇت ئىچىدە خاپىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى تاپقىلى بولۇشىمۇمكىن»




7


ئۆزىڭىز ئۈچۈن جەننەتتە بىر قەسىر بىنا قىلىڭ




   قاراڭ، قانچىلىغان ئەسىرلەر خۇددى ئىس-تۈتەك كەبى غايىپ بولدى.ئاشۇ ئەسىرلەردىكى كىشىلەر بۇ دۇنيادىكى بايلىقىنى ئېلىپ كېتەلىدىمۇ؟ ياكى قەسىر-ساراي، ئەمەل-مەنسەپلىرىنى ئېلىپ كەتتىمۇ؟ ئۇلار ئالتۇن-كۈمۈشلىرى بىلەنبىرگە دەپنە قىلىندىمۇ ياكى ئاپتوموبىل، ئايروپىلانلىرى بىلەن؟ ياق، ھەتتا ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ سالدۇرىۋېلىندى. كېپەنگە يۆگىلىپ قەبرىگە قويۇلدى. ئۇ يەردەھەر بىر ئادەم سوراققا دۇچ كېلىدۇ:


   پەرۋەردىگارىڭ كىم؟ پەيغەمبىرىڭ كىم؟ دىنىڭ نېمە؟


  ئاشۇ كۈن ئۈچۈن ئوبدان تەييارلىق قىلىڭ، بۇ دۇنيادىكى ئەرزىمەس، ئۆتكۈنچى ھوزۇر-ھالاۋەت ئۈچۈن ھەسرەت-نادامەت چەكمەڭ. شۇ چاغ كەلگەندە ياخشى ئەمەلدىن باشقا ھېچنىمە سىزگە ھەمراھ بولمايدۇ.


  ئۇلۇغ خۇدا ئېيتتى: « ئەر-ئايال مۇئمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن،بىز ئۇنى (دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەققىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز.» (97 :16)




«كېسەللىك خۇش-خەۋەرگە ھامىلدار، خۇددى ساقلىق نەپىس كىيىم بولغانكەبى»




ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


«(پەرۋەردىگارىم) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن( جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن. مەن ھەقىقەتەن (ئۆزۈمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم»(87 :21)




8


قەلبىڭىزنى خاراب قىلماڭ




   ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان بارچە ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ، مەسىلەن:ئەخلاقنى بۇزىدىغان ژۇرنال، ناچار ئىدىيە تارقىتىدىغان كىتاب ئوقۇش،  مەزمۇنى شاللاق سېرىق سۈرەتلەرگە قاراش دېگەندەك.سىز چوقۇم ئەھمىيەتلىك كىتابلارنى ئىزدەپ تېپىڭ، مەسىلەن: ئىسلامىي ژۇرناللار، دۇنيا ۋە ئاخىرەتكە پايدىلىق كىتابلار ۋە ماقالىلەر. بىر قىسىم كىتاب-ژۇرناللار باركى ئىدىيەنى بۇلغاپ، كىشى قەلبىنى گۇمراھلىققا باشلايدۇ، بۇلار كۇفر دۇنياسىدى نئىسلام دۇنياسىغا ئېقىپ كىرگەن چۈشكۈن مەدەنىيەتنىڭ تەسىرلىرىدۇر.


  ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ! غەيىب دۇنياسىنىڭ ئاچقۇچى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە. ئۇ ھەممىگەقادىر، مېھرىبان ئىگە. پەقەت اللە لا تەسەللى ئېلىپ كېلىپ، غەم-قايغۇنى قوغلايدۇ.شۇڭا ئۇنىڭغا چوقۇنۇڭ، ئۇنىڭغا سېغىنىڭ. قايتا-قايتا مۇنۇ دۇئانى ئوقۇپ تۇرۇڭ:


  «ئېھ اللە، ساڭا سېغىنىپ غەم-قايغۇدىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپئاجىزلىق، ھورۇنلۇقتىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ بېخىللىق ۋە قورقۇنچاقلىقتىنپاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ قەرزدارلىقتىن، كىشىلەرنىڭ زۇلمىدىن پاناھ تىلەيمەن».


  مۇبادا بۇ دۇئانى تەكرار ئوقۇسىڭىز ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى تەپەككۈر قىلسىڭىزھەممىگە قادىر، ناھايىتى شەپقەتلىك اللە سىزنىڭ قايغۇ ھەسرەتتىن قۇتۇلىشىڭىزغاياردەم بېرىدۇ.




«بىر سىكۇنت ئىچىدە بىر ئېغىزھەمدۇ-سانا ‹تىكىڭ›، بىر مىنۇت ئىچىدە بىر ئوي ‹تىكىڭ›، بىر سائەت ئىچىدە بىرئەمەل ‹تىكىڭ›»




ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


«بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئاقىلسا ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋەسىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ اللە تىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟» (62:27)




9


يۈزلەنگىنىڭىز مېھرىبان، شەپقەتلىك تەڭرى




   شاتلىنىڭ، ئۇلۇغ اللەسىزگە غايەت زور ئەجىر-مۇكاپات ۋەدە قىلدى. ئۇ ئېيتتى: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن،ئايال بولسۇن، ھەرقانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكارقىلىۋەتمەيمەن.» (195 :3)


  اللە ئەر-ئاياللارغا ئوخشاش ۋەدە بەردى. ئەرلەرنى ماختىغاندا ئاياللارنىمۇبىرگە ماختىدى: «مۇسۇلمان ئەر-ئاياللار، مۇئمىن ئەر-ئاياللار، تائەت-ئىبادەت قىلغۇچى ئەر-ئاياللار، راستچىل ئەر-ئاياللار، سەۋىرچان ئەر-ئاياللار، تەقۋادارئەر-ئاياللار، خەير-ئېھسان قىلغۇچى ئەر-ئاياللار، روزا تۇتقۇچى ئەر-ئاياللار،ئىپپەتلىك ئەر-ئاياللار، اللە نى ئەسلەپ تۇرغۇچى ئەر-ئاياللار ئۈچۈن اللە مەغفىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى.» (35 :33)


  بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى:ئايال ئەرنىڭ يېرىمى ۋە جورىسى.سىزنىڭ ئەجرىڭىز اللەنىڭ دەرگاھىدا ساقلىنىدۇ. سىزمەيلى ئائىلىدە بولسۇن ۋە ياكى جەمئىيەتتە بولسۇن ياخشى ئىش قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ سىزنىڭ اللە نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. سىز مەھەللىدىكى بالىلارغا ياخشى ئۈلگە، يېتەكچى بولۇشىڭىز لازىم.


  ئاسىيە ـــ پىرئەۋىننىڭ ئايالى، مەريەم، خەدىچە، ئائىشە، ئەسما، فاتىمەلەرنىڭتۇرمۇش شەكلىنى ئۆگېنىڭ. بۇلار تاللانغان سالىھە، مۇئمىنە ئاياللاردۇر.ئۇلاركۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى ناماز ئوقۇيتتى، ئاللاھتىن ئۆزلىرىگە رازىلىق ۋەساۋاپ تىلەيتتى. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولدى ۋە ئۇلارنى رازى قىلدى. ئۇلارنىڭئىزىدىن ماڭسىڭىز چوقۇم خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەت تاپىسىز.


«جەننەتتىكى سارايغا ئېرىشىش ئۈچۈن، يېتىمنىڭ يېشىنى سۈرتۈپ، اللە نى رازى قىلىڭ»


ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


«تاڭ-سەھەر يېقىن ئەمەسمۇ؟» (81 :11)




10


سىز ھامان غالىب




   اللە تىن ساۋاب ئۈمىد قىلىڭ. مۇبادا غەم-ئەندىشە، بالا-قازا،ئازاپ-ئوقۇبەتكە گىرىپتار بولسىڭىز، ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇ دېگەن گۇناھتىنپاكلىنىشنىڭ بىر خىل يولى. مۇبادا بالىڭىزدىن ئايرىلسىڭىز، ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ ،ئۇاللە نىڭ دەرگاھىدا سىزگە شاپائەت قىلىدۇ. مۇبادا كېسەل تەگسە، ئۇنۇتماڭ، ئۇ اللەنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب-مۇكاپات سۈپىتىدە ساقلىنىدۇ. ئاچلىق، كېسەللىك، نامراتلىق ھەممىسى ساۋابنى باشلاپ كېلىدۇ. اللە نىڭ دەرگاھىدا سىزگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ.اللە ئاشۇ ساۋابلارنى ئامانەت سۈپىتىدە ئۇزاق مۇددەت ساقلاپ، قىيامەت كۈنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.




«ناماز تىنىچ-ئاراملىقنىڭ كاپالىتى، ئۇ دەرت-ئەلەمنى قوغلايدۇ»



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-8 06:59 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Pinhangul + 299 ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 299   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 11:56:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن  ،ساقلىۋېلىپ  ئالدىرىماي  ئوقۇي،  تېما  ئىگىسگە   رەھمەت

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەسكى خوتەنلىك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59159
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8926
تۆھپە نۇمۇرى: 1382
توردا: 1011 سائەت
تىزىم: 2011-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 11:59:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جزاكم اللە خيرا

ئەلنى تاشلىغان،ئەر ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3599
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8187
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 12:09:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ نەشىر قىلىنغىنى بارمىدۇ؟

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 01:58:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى مۇلاھىز ە يۇرگۈزۈشكە ئەرزىگۈدەك تېمىكەن.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106538
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 157
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2014-4-29
ئاخىرقى: 2014-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 02:14:01 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما  مەن ياقتۇردۇم رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105354
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 158
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2014-3-27
ئاخىرقى: 2014-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 02:16:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇقەددىمە   قىسمىدىلا  بۇ كىتاپنىڭ   پايدىلنىش قىممىتىنىڭ  يۇقىرلىقى  چىقىپ  تۇرۇپتۇ   رەخمەت  ،    تىخىمۇ   ياخشى  ئەسەرلەرنى   تەرجىمە   قىلىپ   بىز  بىلەن   يۇز  كۇرۇشتىرشىڭىزنى  ئۈمىد  قىلىمەن  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105932
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 02:55:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏بەكلا تېتىملىق، تىلى يەڭگىل، ھەر قانداق كىشى ئوقۇپ چۈشۈنەلەيدىغان، چوڭقۇر پىكىرلىك ياخشى كىتاپ ئىكەن، ئاللاھ كاتتا ئەجىر بەرگەي.
‏ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى، بەركىتى مۇشۇ كىتاپنى يازغۇچى، ۋە تەرجىمە قىلىپ سۇنغۇچى قېرىندىشىمىزغا بولسۇن.
‏كۆپ رەھمەت.

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 10:08:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن مەنپەئەتلىك مەزمۇنلار ئىكەن،! تولۇق ئوقۇپ چىقتىم، .ئاللاغا يازغان ھەم يوللىغان ئادەمگە رەھمەت قىلسۇن!

قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىش، ئەرەپ تىلى ئۈگۈنۈشتىن مەسلىھەت سورايمەن، ئۈگۈنۈش تەجىربىسى بارلار ياردەم قىلىپ، قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلىرىڭلارنى ئايىمىساڭلار، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 10:45:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلنىش قىممىتى زور بولغان تىمىنى يوللاپسىز قېرىندىشىم ،ئاللا ئىگەم بەختىڭىزنى بەرگەي

شاھ زاد
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش