دەۋرىمىز قاشگەرلىكىنىڭ كەسپ تۈرلىرى
ئابلىكىم ئاۋۇت
قاشگەرلىك ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ،ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن خاس كەسپىي تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.بۇ كەسىپلەر تۆۋەندىكىچە:
1.قاش كانچىلىق كەسپى
كانچىلىق كەسپى قاشگەرلىكىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە تەرەقىياتىدىكى غوللۇق كەسىپ بولۇپ،ئۇ قاشگەرلىكىمىز تەرەقىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك كاپالىتى.شۇڭا كانچىلىقنى قاشگەرلىكىمىزنىڭ غول يىلتىزى دەيمىز.
2.قاش كولاش ۋە سۈزۈش كەسپى
بۇ تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ،بىزگە ئەڭ تۇنۇش ،ھازىرقى بازاردا كەسىپداشلىرىمىز نېنىنى ئەڭ كۆپ يىگەن تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ،ئىسىل زىرە قاشلىرىمىزنىڭ كىلىش مەنبەسىدۇر.
3.قاشگەرلىك نەزىرىيە تەتقىقاتى كەسپى
ھەرقانداق نەزىرىيە ئەمەلىيەتتىن كىلىدۇ ھەم يەنە شۇ ئەمەلىيەتكە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.قاشگەرلىكىمىزنىڭ تەرەقىيات مۇساپىسىدە ئەنە شۇنداق يىتەكچى نەزىرىيە ۋە ئۇنىڭ ئىختىراچىلىرىنىڭ رۇلى ناھايتى زور بولۇپ،قاشگەرلىك ئىدىلوگىيە ۋە نەزىرىيە قۇرۇلىشىدا بۇ مۇتەخەسىسلىرىمىز كەم بولسا بولمايدىغان كىشىلەردۇر.دەۋرىمىزدىكى خوتەن قاشگەرلىك مەدەنىيىتى مۇتەخەسىسى ئابدۇرىشات موساجان توغرۇل يۈرەك قېنىنى مۇشۇ ساھەگە سەرىپ قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.
4.قاش سورتلاش (سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتىش) كەسپى
ھەقىقىسى بىلەن ساختىسى ئارلىشىپ پەرىق ئىتىش تەسلىشىپ كەتكەن بۇ بازاردا قاشلارنىڭ سۈپىتىنى باھالاپ بېكىشتىن ئىبارەت قاش سورتلاش كەسپى بارلىققا كىلىپ،ناھايتى تېز تەرەققى قىلدى ھەم ئىستىقباللىق كەسىپكە ئايلاندى.مۇشۇ كەسىپ بويىچە مەخسۇس تەربىيىلىنىپ دۆلەت ئېتىراپ قىلىدىغان گۇۋاھنامە ئالغاندىن كېيىن ئىش باشلاپ تىجارەت قىلىش قاشگەرلىكىمىزدە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپتۇر.بۇ تۈردە دۆلەت ئېتىراپ قىلغان قاش سورتلاش مۇتەخەسىسلىرىمىزدىن خوتەن ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى قاش سۈپىتىنى بېكىتىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى توختى ئابدۇۋايىتنى كۆرسىتىش مۈمكىن.
5.قاش ئويمىچىلىق كەسپى
قاش ئويمىچىلىق- تارىخىمىزدا يۈكسەك دەرجىدە گۈللۈنىپ،يۇقۇرى پەللە ياراتقان تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ،دەۋرىمىزدە ئىنتايىن ئاجىز ،ئىپتىدائى ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ.ئېتىقاد،ئۆرپادىتىمىزگە مۇناسىپ ئويمىچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھازىرقى قاش بازىرىنىڭ تەقەززاسى بولۇپ ،پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە.
6.قاش ئويما چىرتىيوژچىلىقى كەسپى
مۇرەككەپ قاش ئويىلارنىڭ چىرتىيوژىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ مۇرەككەپ بولىدۇ.ئويمىچىلارنىڭ ھەممىسىلا چىرتىيوژ ئۇستىلىرى بولمىغاچقا ئۇلار شۇنداق كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا مۇھتاج بولىدۇ.شۇ سەۋەپتىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئويمىچىلىق تەرەققىي قىلغان جايلاردا بۇ كەسىپ يېڭىدىن گۈللىنىپ،تاپاۋىتى يۇقۇرى،ئىستىقباللىق كەسىپكە ئايلاندى.
7.قاشلارنى تېخنىكىلىق كىسىش كەسپى
ئويمىچى ئۇستىلارنىڭ ياكى قاش ئىگىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنى تولۇقلاپ ،قاشلارنى ئۆلچەملىك كىسىش نازۇك ،تېخنىكىلىق ھۈنەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ،قاشچىلىق تەرەققىي قىلغان سۇجۇ ،ياڭجو،شاڭخەي،جېياڭ،شۈيجو،دالى،رۈيلى قاتارلىق جايلاردا بۇ تۈر مەخسۇس كەسىپلىشىپ ،كىرىمى مۇقىم تۈرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
8.قاشلارنى ۋە قاش ئويمىلارنى پاقىرتىش كەسپى
قاشگەرلەر تەبىئى قاشلارنى ياكى قاش ئويمىلارنى تېخىمۇ جۇلالىتىش مەخسىدىدە مەخسۇس پاقىرىتىش ئۈسكۈنىسى تۇلۇق ۋە ھۈنىرى ياخشى ئۇستىلارنى ئىزدەيدۇ.بۇمۇ تېخنىكىلىق تەلىپى يۇقۇرى ،نازۇك مەشغۇلات بولۇپ،ئادەتتە چوڭ ئويمىلارنى پاقىرتىش ئۈچۈن بىرەر ئاي ۋاقىت كېتىدۇ.قاشچىلىق تەرەققىي قىلغان رايۇنلاردا بۇ تۈر ئاللىقاچان كۆلەملىشىپ بولغان بولۇپ،كىرىمى ياخشى تۈر ھىساپلىنىدۇ.
9.قاش ۋە قاش ئويمىلارغا مەخسۇس تەگلىك لاھىيەلەپ ياساش كەسپى
تەبىئى قاش ۋە قاش ئويمىلارنىڭ گۈزەللىكى،جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مەخسۇس لاھىيەلىنىپ ئىسىل ياغاچلاردا ،تۆمۈر ۋە باشقا مېتاللاردا ياسالغان تەگلىكلەرنىڭ رۇلى زور بولىدۇ.ھازىرقى بازاردا ئىسىلرەك قاش تەگلىكلەرنىڭ باھاسى ئون مىڭدىن ئوتتۇز-قىرىق مىڭ سومغىچە بولۇپ،بازىرى ئىتتىك،باھاسى ئۆرە قاش تەگلىكچىلىكى ئىچكىرى بازارلىرىدا كىرىمى يۇقۇرى كەسىپ ھىساپلىنىدۇ.
10.تەبىئى قاش ۋە قاش ئويمىلارنى سېتىش كەسپى
قاشلارنى توپ ۋە پارچە سېتىش،يايمىلاردا، يەرمەنكىلەردە،مەخسۇس دۇكانلاردا،قاش مەدەنىيەت سارايلىرىدا،كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش بازارلىرىدا ...پۇلىغا چىقىرىپ سېتىش؛ئويما بۇيۇملارنى ماركىلىق قىلىپ كۆلەملەشتۈرۈپ سېتىش قاشگەرلىكىمىزدىكى ئەڭ سۈيۈملۈك نوقتا بولۇپ،بۇ ھەممىمىزدىن يۈكسەك دەرجىدىكى ھۇشيارلىق ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ.بۇ كەسىپنىڭ زىرە ۋە كان قاشلارنى سېتىش تۈرىگە بىز قاتناشتۇق.ئەمما ئويمىلارنى سېتىش تۈرىدە بىز يوق دىيەرلىك.
11.قاش ۋە قاش ئويمىلارنى يىغىپ ساقلاش كەسپى
بۇ مەبلەغ سېلىش خارەكتىرىدىكى تۈر بولۇپ،سۈپەتلىك زىرە قاشلار ۋە ئىسىل ئويمىلارنى يىغىپ ساقلاپ بازار كۆتۈرۈلگەندە ھەسسىلەپ پايدىسىغا سېتىشنى مەخسەت قىلغان .ھازىرقى ئىسىل قاشلار ئويمىچىلارنىڭ قۇلىدا بولماستىن يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ قولىدا بولۇپ،قاشلارنى يىغىپ ساقلاش جوڭگۇ مەدەنىيەت بازىرىدىكى خىيىم -خەتىرى ئەڭ ئاز،پايدىسى ئەڭ كۆپ بولغان قىزىق نوقتىلارنىڭ بىرى.ئاقسۇلۇق قاشگەر تاھىر يۈسۈپ مۇندىن 15 يىل بۇرۇن بىر زىرە قاشنى ئىككى مىليۇنغا سېتىۋالغان.2014-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 200 مىليون يۈەنلىك باشلىنىش باھاسى بىلەن كىمئارتۇق قىلىش بازىرىغا سېلىنغانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
12.قاش ۋە قاش ئويمىلارغا جاۋاھىراتلارنى پار قىلىپ جۇلالىتىش كەسپى
بۇ كەسىپ قاشگەرلىكىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ گۈللىنىۋاتقان تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ،دىيارىمىزدا بۇ تۈر زەرگەرلەرنىڭ ئىشلىشى بىلەن چەكلىنىۋاتىدۇ.ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بولسا ئاللىقاچان مەخسۇس كۆلەملىشىش،كەسىپلىشىش باسقۇچىغا كىرىپ بولدى.
13.قاش ۋە قاش ئويمىلارنى ھاۋالىلىك سېتىش كەسپى
بۇ قاشگەرلىكىمىزدە يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن تۈر بولۇپ، قولىدا مەبلىغى يوق ئەمما سېتىشنى بىلىدىغان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز مال ئىگىلىرىدىن سېتىشقا كۈزى يەتكەن ماللارنى ئېلىپ بازار ئارلاپ سېتىۋاتىدۇ.بۇ خىل سېتىشنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بولسىمۇ،ئەمما ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن چىقىۋاتىدۇ.
14.قاش ۋە قاش ئويمىلارغا خېرىدار تاپىدىغان ۋاستىچىلىق كەسپى
بۇ كەسىپتە بىر قىسىم شىركەتلەر ۋە شەخىسلەر سېتىشقا قاتناشقان بولۇپ،ئۇلار قاشگەرلەر بىلەن خېرىدارلارنى بىۋاستە ئۇچراشتۇرۇپ بولغان سودىنىڭ ئون پىرسەنتى بۇيىچە شىرىنكانە ئېلىۋاتىدۇ. ھازىر ئىچكىرى بازارلىرىدا مۇنداق ۋاستىچىلار كۆپ بولۇپ،ئۇلارنىڭ سودىمىزغا ئاكتىپ تەسىرى بولسىمۇ،ئەمما يامان تەسىرىمۇ كۆپ بۇلىۋاتىدۇ.
15.قاش ۋە قاش ئويمىلارغا تۈشۈك تىشىش،يىپقا ئۆتكۈزۈش كەسپى
بۇ خانىم قىزلىرىمىزغا ياكى ياشتا چوڭراق كىشىلىرىمىزگە ماس كېلىدىغان بولۇپ،قاشلارغا تۈشۈك تېشىش،يىپ ئۆتكۈزۈپ بىلەيزۈك،مارجانلارنى تۇقۇشتەك ئۆزى يەڭگىل،كىرىمى ياخشى كەسىپ.تۈشۈك تېشىش ماشىنىسى ،يىپ قاتارلىقلار ئەرزان ،ئۆگىنىشمۇ ئاسان بولۇپ،ئائىلىلەردە قىلىشقا ماس كېلىدۇ.
16.قاش ئويمىچىلىق ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش كەسپى
ئويمىچىلىقنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭغا لازىملىق ئۈسكىنىلەرنى سېتىش كەسپىمۇ تەڭ تەرەققى قىلدى.گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ جېياڭ شەھىرى،خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىپوسى بازىرى،سۇجۇ قاتارلىق جايلاردا بۇ خىلدىكى ئۈسكىنىلەر بىر قەدەر تولۇق ھەم سېتىلىشىمۇ ياخشى بۇلىۋاتىدۇ.
17.قاشگەرلىكتىكى زۆرۈر قۇشۇمچە بۇيۇملارنى سېتىش كەسپى
زۆرۇر قۇشۇمچە بۇيۇملار دىگىنىمىزدە-قاشگەرلىككە كېرەك بولىدىغان يۇقۇرى يۇرۇقلۇقتىكى كىچىك قول چىراق،قاشلارنى ئاسرايدىغان ماي،قاش تەگلىكى،چوڭايتىش ئەينىكى...قاتارلىق بۇيۇملار بولۇپ،قاش بازارلىرىدا قاشلارغا قۇشۇلۇپ بۇ خىل بۇيۇملارنىڭ سودىسىمۇ ياخشى بولىۋاتىدۇ.
18.قاشگەرلىك ۋە ئويمىچىلىق بۇيىچە مەكتەپ ئېچىپ تەربىيلەش ھەم كەسپى كىتاپ- ژورناللارنى بېسىپ تارقىتىش كەسپى
قاشگەرلىكنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ قاشگەرلىك مائارىپى ۋە قاشگەرلىككە ئائىت كەسپى كىتاپ،ژورناللارنى چىقىرىش ئىشلىرى تىز تەرەققى قىلدى.مەملىكەتنىڭ ھەممىلا ئۆلكىلىرىدە جۇملىدىن بېيجىڭ،شاڭخەي،جىنپىڭ قاتارلىق جايلاردامەخسۇس قاشگەرلىك مەكتەپلىرى قۇرۇلدى.ژورنالچىلىقتا دىيارىمىزدا چىقىرىلىۋاتقان ‹‹中国和田玉›› ناملىق ژورنال نوپۇزلۇق ژورنال ھىساپلىنىدۇ.
19.قاشلارنى خام ئەشيا قىلىپ ساغلاملىق بۇيۇمى ۋەگىرىم بۇيۇملىرى....نى ئىشلەش كەسپى
خوتەن قاشلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ چۇڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ قاشلارنىڭ تىبابەتتىكى ،كۈندىلىك تۇرمۇشىمىشدىكى رۇلى،ئەھمىيىتىگە قارىتا كىشىلەرنىڭ تۇنۇشى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى.بۇنىڭ بىلەن قاشلارنى خام ئەشيا قىلىپ ساغلاملىق بۇيۇمى،گىرىم بۇيۇمى،تۇرمۇش بۇيۇمى ئىشلەش كەسپى بارلىققا كەلدى.بۇ تۈر قاشگەرلىكتىكى يېڭى ساھە بۇلۇپ،بازار مۇتەخەسىسلىرى بۇ كەسىپنىڭ ئىستىقبالىنىڭ پارلاقلىقىنى دەلىللىمەكتە.
20.قاشگەرلىك موزىيخانىلىرى ئېچىش كەسپى
بۇ قاشگەرلىكىمىزدىكى يېڭى ساھە بولۇپ،قاشگەرلىك تارىخى،مەدەنىيىتىنى يۇرۇتۇپ بىرىش ،بۇ ئارقىلىق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەخسەت قىلغان .ھازىرقى شارائىتتا دىيارىمىزدا تەخمىنەن يەتتە كەسپىي موزىي بولۇپ،بۇ قاشگەرلىك ساھەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان تۈر ھىساپلىنىدۇ.21.قاشگەرلىك بازارلىرى ۋە ئويمىچىلىق رايۇنلىرىنى قۇرۇش كەسپى
قاشگەرلىك سودىسىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ ھەرقايسى جايلاردا كۆلەملەشكەن خاس قاش بازارلىرى ۋە ئويمىچىلىق رايۇنلىرى بارلىققا كەلدى.ئەمەلىي ئىقتىسادى كۈچى بار،يىراقنى كۈرەر،بازار ۋە سودا پۇرسىتىنى بايقاشقا ماھىر بىر قىسىم كىشىلەر مەخسۇس قاش بازارلىرىنى قۇرۇش،كۆلەملەشتۈرۈش ،بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي ھەم ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئىرىشىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ئىگىلىك يۇلىغا ماڭدى.سۇجۇ ئاق قاشتېشى مېھمان سارىيىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئەكبەر ھاجىم ۋە ئالىمجانلار ئەنە شۇنداق قېرىنداشلىرىمىز بولۇپ،بۇ تۈرمۇ ئىقتىسادى كۈچى زور قاشگەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئەرزىيدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە قاش كانلارنى بايقاش،گىئولۇگىيە،ئارخولوگىيە ،پۇل-مۇئامىلە يەنى مەبلەغ سېلىش قاتارلىق تۈرلەرمۇ بولۇپ،بۇ تۈرلەر گەرچە قاشگەرلىكىمىزگىلا خاس بولمىسىمۇ،لېكىن قاشگەرلىك ساھەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان تۈرلەر ھىساپلىنىدۇ.
ئاپتۇر:ئۇيغۇر قاشتېشى تورىدىن
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى