« بىر كىتاب ۋە بىر ئالەم » پىروگراممىسى نېمىشقا قالدۇرۇلىدۇ؟
مۇھەممەتجان ئابدۇۋەلى ئۇزلۇق
ياشاش قەۋەت خاسىيەتلىك بىر ئىش. لېكىن كىتابسىز ياشاش ياشىمىغان بىلەن باراۋەر. ھېچبولمىغاندا كىتاب ئوقۇپ ياشىغىنىڭ پۈتۈن دېگەندە ھاياتىڭنىڭ يېرىمىنى ياشىماي قويغىنىڭ بىلەن باراۋەر - باتۇر روزى .
ئېسىل بىر كىتاب ھەقىقەتەن ئۆزگىچە دۇنيا، شۇ گۈزەل دۇنيانىڭ سىرلىق قەسىرىگە قەدەم بېسىش، ھەر قانداق تەم بىلەن تەڭلەشكۈسىز ھۇزۇرىدىن بەھىر ئېلىشتىن ئارتۇق ئىش بولماس. بىر كىتاب - بىر دوست، بىر كىتاب- بىر ھايات. بىر كىتاب - بىر ئالەم، بىر ھەق. بىر كىتاب ھەقىقەتەن بىر ئالەم.
« بىر كىتاب بىر ئالەم » دېگەن بۇ ئىبارە بىز ئۈچۈن ناتۇنۇش ئەمەس. بۇ رايۇنىمىزدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق ئاخبارات ئورگىنى بولغان شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 2011 - يىلى 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن باشلاپ تەسىىس قىلغان مەخسۇس كىتاب ھەققىدە بۇلىدىغان سۆھبەت خاراكتىرلىك پىروگراممىسى بۇلۇپ، تېلۋىزىيەدە قويۇلغاندىن كېيىن كۆرۈرمەنلەردە ناھايىتى ياخشى بولغان تەسىر قالدۇرغان ئىدى. چۈنكى بۇنىڭ ئالدىدا كىتاب ھەققىدە « بىر كىتاب بىر ئالەم » دەك مەخسۇس بىر پىروگرامما بۇلۇپ باقمىغان. گەرچە نەچچە يىل ئىلگىرىكى « تەڭرىتاغ گۈلزارى »، « سەنئەت گۈلزارى »، « مەدەنىيەت بوستانى » قاتارلىق تېلۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا ئەدىب، سەنئەتكارلارنىڭ ھايات كەچمىشلىرى، ئىجادىيەت سەمەرىلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما « بىر كىتاب بىر ئالەم » بولسا يالغۇز يازغۇچنىڭ ئۆزىنىلا ئەمەس، بەلكى ئەسەرنىڭ ئۆزى نوقتىلىق، كونكىرىت، مەزمۇنلۇق ھالدا ئاپتۇر، شۇ ساھە تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسسسلەرنىڭ تەھلىللىرى بىلەن كەڭ كۆرۈرمەنلەردە خۇددىي شۇ كىتابنى ئوقۇغاندەك، ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن مۇھىتتا ياشىغاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. شۇ تەرەپلىردىن « بىر كىتاب بىر ئالەم » ئىخلاسمەن كىتابخۇمار كىشلەرنىڭ يىقىن سىردىشىغا ۋە دىلكىشگە ئايلانغان ئىدى.
بىر كىتابتىكى مۇھىم نوقتىلارنى ۋە مەركىزىي ئىدىيەنى كۆرۈرمەنلەرگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكۈزۈش تېخىمۇ تەس. ئەمما بىز كۆرۈپ يەتتۇقكى، مەزكۇر پىروگرامما رىياسەتچىنىڭ قابىللىقى، يۇقىرى تىل ماھارىتى، جانلىق سۇئاللىرى، جۇشقۇنلۇق روھى ھالىتى بىلەن سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ كۈچلۈك مۇلاھىزە ۋە تەھلىلىرى شۇ كىتابتىكى ئۆزگىچە بىر دۇنيانىڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىدە زاھىر بۇلۇپ، شۇ كىتابنى بىر ئوقۇپ بېقىشقا تەقەززا قىلغان ئىدى. « بىر كىتاب بىر ئالەم » قۇيۇلۇشتىن توختاپتۇ، بۇ گەپنى مەن نەچچە ئاي ئىلگىرى بىر دوستۇمدىن ئاڭلاپ ئەپسۇسلۇق خىياللاردا ئولتۇرۇپ كەتكەن ئىدىم. بۇ قانداقتۇر ئۆزۈمنىڭ كىتابخۇمارلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئون مىليۇندىن ئارتۇق نۇپۇسقا ئىگە بىر مىللەتتە « كىتاب ھەققىدە » مەخسۇس بىر پىروگراممىنىڭ بولماسلىقى ئىدى.
كىتاب ئوقۇش بەس-بەستە تەكىتلىنىۋاتقان، كىتابنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى ئورنى مەيلى قانچىلىك زۇلمەتلىك بىر دەۋىرلەر بولسۇن ۋە ياكى ھازىرقىدەك ئىنسانىيەت ئۇچۇر دەۋىرىدە تۇرۋاتقاندا بولسۇن، كىتاب ھامان ئىنسانلار تەرەققىياتى بىلەن بىرگە بۇلۇپ كەلدى. دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا مىڭبىر جاپادا يوقتىن بار بولغان، ئەمما « بالدۇر توزىغان گۈل » دەك ئۆمرى قىسقا بولغان مۇشۇنداق قىممەتلىك پىروگراممىنىڭ ئۈن تۈنسىز ئىكراندىن غايىب بۇلۇشى مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان كۆرۈرمەنلەرنى ئەجەبلەندۈرگەن بۇلۇشى مۇمكىن. بىزدە دەل مۇشۇنداق مەخسۇس كىتاب ھەققىدە تېلۋىزىيە پىروگراممىسى يوق ئىدى. ھازىر تېخىمۇ يوق بولدى، بىراق بۇ ھەرگىز ئاددىي مەسىلە ئەمەس. « بىر كىتاب ۋە بىر ئالەم » پىروگراممىسىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى، تېلۋىزىيە ئىستانسى ئۈچۈن خىزمەت ھالقىسىدىكى ئاددىي بىر ئىش بولسىمۇ، ئەسلىدىنلا كىتاب ئوقۇمايدىغان، كىتاب ئوقۇش ھاياتىدىكى بارلىق ئىشلىرىدىن تەس ۋە زىرىكىشلىك تۇيۇلىدىغان خەلقىمىزگە نېسبەتەن قۇلاق بىلەن ئاڭلاپ، كۆز بىلەن كۆرۈپ نەزەر دائىرسىنى ئېچىشىغا پايدىلىق ئىدى. ئەمما لېكىن ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك 10 مىليۇندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ تېلۋىزىيە پىروگراممىسىدا بۇ ھەقتە مەزمۇننىڭ بولماسلىقى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ ۋە ئەپسۇسلاندۇرماي قالمايدۇ. بۇلۇپمۇ ھازىرقىدەك مەزكەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا يېڭى يېزا، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ساغلام، ئىناق، باياشات بىر مەدەنىيەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئورتاق ساداغا ئايلانغان، مەزكەزدىن كىتابخۇمارلار جەمئىيتى قۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىپ، يېزا-قىشلاقلاردىمۇ دېھقانلار كۈتۈپخانىسى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ ھەرخىل سەۋەبلەردىن كىتاب-ژورنال كۆرۈش پۇرستىدىن بەھرىمان بۇلالمىغان دېھقان - چارۋىچىلار ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر پىروگراممىنىڭ دائىم، مۇمكىن بولسا كۈندە دېگۈدەك تېلۋىزۇردا قۇيۇلۇشى، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى، دۇنيا قارىشىنى، كۆز قارىشىنى يېڭىلىشىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
توغرا تۇنۇش ۋە ئىلغار ئىدىيە ۋە دۇنيا قاراشقا ئىگە ئادەم ھامان ھەر جەھەتتىن باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرالايدۇ، نادانلىق ۋە مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە بولمىغان ئادەم، ھە دېسە باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدۇ، ھەم شۇنداقلا ئاسانلا يامان يولغا كىرىپ قالىدۇ. ھازىر ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يېزا- قىشلاقلادا قۇرۇلغان « دېھقانلار كۈتۈپخانىسى » كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەمنىڭ يوقلىقىدىن كۈن بۇيى تاقاق ھالەتتە تۇرىدىكەن. ھەتتا بىر قىسىم كۈتۈپخانىلار مۇزىيدەكمۇ رولى بولماي، كىتاب جازىلىرىدىكى كىتابلار قول تەگمىگەن ھالەتتە توپا بېسىپ تۇرغان. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
تەكشۈرۈپ كەلگەندە بىزنىڭ كىتاب ئوقۇمايدىغىمىز بىر خىل ئەنئەنە بولۇپ قالغان، كىتاب ئوقۇغىنىدىن ئەمەس، بەلكى كىتاب ئوقۇمىغىنىدىن مەغرۇرلىنىپ سۆزلەيدىغان كىشلىرىمىز ئۈچۈن بۇ بىر خىل نورماللىق بولسىمۇ. كىتاب ئوقۇش زۆرۈرىىيىتى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك رىقابەتلىك دەۋىرگە نېسبەتەن كىتابنىڭ قۇدىرىتىگە ھەرگىز سەل قارىغىلى بولمايدۇ. تەرەققىي قىلغان ئەللەردىن ئامېرىكا، ياپۇنىيە، ئەنگىلىيە، گىرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزغىنىلىقى ۋە ئەستايىدىللىقى، ئومۇمىى خەلىقنىڭ ساپاسى، تەرەققىي قىلغان مائارىپ، جەمئىيەت ئاتمۇسفىراسى بىلەن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، مانا مۇشۇ ئەللەردە كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيتى ئەنئەنە ۋە مىراس سۈپىتىدە ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىگە سېڭىپ كەتكەن. دېمەك، بىر رايۇننىڭ مەدەنىيلىشىش ۋە زامانىۋىلىشتا كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيتى ناھايىتى ياخشى بولغان كۆرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. تولىستوي: «كۆڭۈلدىكىدەك كىتاب پاراسەتنىڭ ئاچقۇچى، كىشلەرنى يۇقىرىغا باشلايدىغان شوتا، كىشلەرنى مۇكەممەللىشكە ئېلىپ بارىدىغان كېمە » دەپ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىقان. شۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى بىر كىتابنىڭ كىشىگە بېرىدىغان ئىلھامى ۋە سېھرى كۈچىنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. شۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا « بىر كىتاب بىر ئالەم » پىروگراممىىسى يولغا قۇيۇلۇپ، ئېكراندىن يۈتكۈچە بولغان مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بىز « مەمەت ئاۋاق ». « ئانىنا - كارىننا »، « مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»، « لۈشۈن ئەسەرلىرى »، « ئايتماتوف ئەسەرلىرى »، قاتارلىق جۇڭگۇ ۋە دۇنياغا داڭلىق ئەسەرلەر بىلەن تۇنۇشقان بولساق، « سەرسان روھ »، « باھادىرنامە »، « كەچمىش»، « قۇم باسقان شەھەر»، « سالچىلار » قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەر ھەققىدىكى مۇھاكىملىك تۇنۇشتۇرۇش كىتاب ئوقۇمايدىغان ۋە مۇشۇنداق بىر كىتابنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغان كىشلەرنىڭ بەس - بەستە سېتىۋېلىپ ئوقۇشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. كىتاب ئوقۇيالمايدىغان چەت يېزا - قىشلاقتىكى كىشىلەر تېلىۋىزۇردىن « بىر كىتاب بىر ئالەم » پىروگراممىسنى كۆرۈپ ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتقان، كىتاب ئوقۇشنىڭ، بالا ئوقۇتۇشنىڭ، ساۋاتلىق بۇلۇشنىڭ ھەقىقەتەن ئۆمۈرلۈك ۋە خاسىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن ئىدى. دېمەككى، مۇشۇنداق بىر خاسىيەتلىك، ئەھمىيەتلىك ئىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈلگەن پىروگراممىنىڭ « كۆرۈش نىسبىتى » ياكى ئاللىقانداقتۇر باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى تېلىۋىزىيە ئىكرانىدىن غايىپ بۇلۇشى ئىشىمەنكى بىر مەنلا ئەمەس، كىتابنى سۆيىدىغان ئونلىغان، مىڭلىغان ئىخلاسمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى پەرىشان قىلىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پۈتۈن جەمئىيەتتىن شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم، ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت رەھبەرلىرنىڭ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ، بۇلۇپمۇ شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلىقنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كىلىۋاتقان « بىر كىتاب بىر ئالەم » پىروگراممىسىنى تىزراق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، ئىكران يۈزىدە بىز بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشتۈرۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۆمۈت قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-8 01:00 AM