مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 586|ئىنكاس: 5

جېنىمدىكى جان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 780
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13835
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 02:08:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جېنىمدىكى جان

(خاسىيەت ئابلىمىت )

شۇتاپ ،
تۇرماقتىمەن ئەينەكتىكى ئۆزەمگە قاراپ ،
ھىچ،
ھىچ ئىشەنگۈم كەلمەس،
روھىم ، جىسمىم بىشەك ئېغىر بىتاپ ....

تېخى ئون كۈن ئاۋال ،
يۈرەتتىم بۇلۇتلاردا ،
كۈلەتتىم بوستانلاردا ،
خانىش سىياق ئىدىم ئانىلىق شەرىپىدىن ،
نەقىسمەت ؟
نەھۈكۈم ؟!
ھىچ بىلمىدىم ، دىل ئاسمىنىمدا بىمەھەل زاۋال .....

چۈشۈمدەك ، شىرىن خىيالىمدەك ،
ئەسلىمىسىمان ،
تۆت ياشار قىزىمنىڭ بۇدرۇق قوللىرى،
قورسىقىمنى سىپار ئىدى مامۇق پەيسىمان :
«ئۇكام ، تاتلىق ئۇكام ، چاپسان تۇغىلە،
تە-تە ئىتەي مەن ، بۇلماق بىرەيمەن ،
ئاڭلىدىڭمۇ ئۈنۈمنى ؟
تۇتۇپ ماڭساڭ قولۇمنى .....»

كۈلەتتىم خەندان ئۇرۇپ ،
«ئاھ، ئىككى قاناتىم بار بولدى ،
شۈكرى ساڭا ئىگەم »،
پىنھان ۋەدىلەر بىلەن خۇشلىقىمنى دىگەن ...

ئوخچىغانىدى يۈرىكىمدە قان ،
سىغماي تىنىمگە شادلىقتىن ، بەختىيارلىقتىن ،
چېچەكلىگەنىدى جېنىمدىكى يېڭى بىر جان ،
كۈتەتتىم ، باغاشلايتتىم ئۆزۈمنى ئۆزۈم ،
ئايدەك بولسىدى دەپ -ئايدا ،
گۈلدەك بولسىدى دەپ -گۈلدە،
ئېغىر ، ھۇسۇللۇق بولسۇن دەپ -يەردە ئىدى،
جۈپ قارا كۈزۈم ....

تەغدىر تۇتتى مىنى مەھكەم ،
ئۆزەم گۇيا ھاڭ لىۋىدە ،
تەشنا پېتىم ، سۇسىز قۇدۇق بويىدا ،
كارۋىنىدىن ئېزىققان يىگانە يولۇچى گۇيا ......
ئۆزەمدە ئۆزەم ئۆلدۈم ،
مىدرىغان جان ،
تەپكەن يۇمران تاپان ،
يۈرۈكۈمنى لەرزىگە سالغان ،
(ئىزىلدى قەلبىم .....)
يالغۇزلىقىمدا ، بىقۇۋلىقىمدا ،
بەردەم ئوغۇلنىڭ سۈرىتى ،
چۈشۈم تامان ئىسىمدە قالغان ....

ئاھ نىتەي ؟ دەردىمنى كىمگە دەي ؟!
ھايات بەزىدە شىرىن ،
يەنە بەزىدە مانا شۇنداق ئوغا ،
ئازابنىمۇ چىرايلىق بىزەپ ، قىلىپ قويىدۇ سوۋغا،
تۆت ئايلىق يېڭى جان ،
بولدى ماڭا تۆت ئايلا ھەمرا ،
تۆت ئايلا كۈلدۈم ،
جېنىمنىڭ چېچىكى ،
ئۇچرىدى قايسى بورانغا؟
يۇلۇقتى قايسى يامانغا ؟
تۆكۈلمەك بولدى ....
جىسمىم مىنىڭ پۈكۈلمەك بولدى ،
نەئىلاج؟ جېنىمنىڭ چېچىكىنى تىنىمدە كۆمدۈم ......

زارلىسام ، يىغلىسام ، چېچىمنى يۇلسام ،
نەھال ؟ ، نە پايدا ؟
قەلبىمگە كىردى بىر نىدا :
«بەزىڭلارنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا ،
بەزىڭلارنى تۇغۇلغىنىڭلاردا ،
يەنە بەزىڭلارنى مۇئەييەن ياشتا،
ئالىمىز ئىلكىمىزگە ، بۇ ھايات ئۇيۇن ئەمەس ،
بىلگۈچىلەرگە، پات ئارىدا ئاياندۇر ھەممە ....»

نىتەي بەندىلىكىمدە ،
كۆرسىتىپتۇ ھەقلىغىنى جىسمىمدە ،
چىن پۈتتۈم ،
بەرگىنى ئالەمچە سەۋر، ئالەمچە ئۈمىد،
ئىسىملىدىم - مىرئادىل ،
«ئۈمىدىم شۇكى ، پەرۋەردىگارىم -ئادىل ،
تىگىمىز تۇپراق ،
مەندىن ئاۋال قايتتىڭ يۇمرانىم ،
سەھەر -شامدا سەن ئۈچۈندۇر دۇئايىم »،
(شۇ تاپ كۆز ياشلىرىم سەلدۇر ،
سەن سەۋەبلىك تۈكۈلگۈسى گۇناھىم  ، )
دىدىم پەقەت شۇنچىلا ،
ئادەملىكىم قاسراق تاشلىدى،
ئەقىدەم ھەم تىرەن مەنزىل باشلىدى.
.............................................................

2014-يىل 5-ماي
مەنبە : خاسىيەت ئابلىمىت قەلىمى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-6 03:16 PM  


ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1004
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2775
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 09:43:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىن قەلىبتىن تۆكۈلگەن مۇڭلۇق دۇردانىلىرىڭىزنى ئوقۇپ ،مۇڭلاندىم ،اللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغاي.

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 780
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13835
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 09:53:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەر ماڭا يات ئەمەس ، مەن سىلەرگە يات ئەمەس ، شۇڭا قەلبىمدىكىنى تۆككۈم كەلدى ....ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلغاي ، مىنىڭ بېشىمغا كەلگىنى باشقا ئانىلارنىڭ بېشىغا كەلمىگەي ...

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 867
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5673
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2232 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 10:33:59 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرزەنتىدىن ئايرىلغان ئانىلارنىڭ ئورنى جەننەت دېيىشىدىكەن قېرىندىشىم.

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 11:56:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىت، سەۋىر قىلىڭ، قېرىندىشىم، ئاللاھ يەنە ئاتا قىلىدۇ، سىزلا ساق ساغلام بولسىڭىز، يەنە پەرزەنىت كۆرىسىز، ئىنشائاللاھ.

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97965
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1822
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 08:56:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋر قىلىڭ ھەدە، ئاللاھ شۇ ناتىۋانىڭىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن، ئامىن! سىزگىمۇ ەم ئىككى دۇنيالىق مەرتىۋە ئاتا قىلغاي، ئامىن!

نە ئۈچۈن ئەيلەي كۆڭۈلنى شادلەر، قايسى غەملەرگە قىلاي پەريادلەر؟!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش