مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2162|ئىنكاس: 8

قۇتيار شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسىنىڭ تور نۇسخىسى ئېلان قىلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6176
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8495
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 01:48:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىمىز نەچچە ئاي جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن قۇتيار 2014- يىللىق شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىلىرىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى، يانفون نۇسخىسى ۋە يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدۇق. ھەمدە شۇ چاغدا مەزكۇر سىستېمىنىڭ تور نۇسخىسىنى ئىشلەۋاتقانلىقىمىز ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. مانا بۈگۈن بۇ سىستېمىنىڭ تور نۇسخىسىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ سىستېما ھەققىدە كۆپ سۆزلىمىسەكمۇ بولار، چۈنكى ئالدىنقى تېمىلاردا سىستېما ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ۋە مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولغان ئىدىڭلار. بۇ سىستېمىمىزمۇ شۇ سىستېمىلارغا ئوخشاش، ھەممە يەرلىرى ئاساسەن ئوخشايدۇ.ئەڭ مۇھىمى سوئال ئامبىرى كومپيۇتېر ۋە يانفون نۇسخىلىرى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش، پەقەت ئىشلىتىدىغان مۇھىتىلا ئوخشىمايدۇ.

بۇ تور نۇسخىسىنى ياساشتىن مەقسەد
بىرىنچىدىن: سۇپا ئاتلاش، ھەممە ئادەم Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىپ كېتىشى ناتايىن، ئەتراپىمىزدا باشقا مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغانلارمۇ كۆپ.
  ئەركىن ئىشلىتىش، بىرلا قېتىم سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش قېتىم سانى تۈگىگۈچە ئۆيدە، ئىشخانىدا  ۋە باشقا تور بار مۇھىتلاردا سىستېمىنى كۆپ ئورۇندا ئىشلىتىش.
ئۈچىنچىدىن:  كومپيۇتېرى يوق، يانفونى Android سىستېمىلىق ئەمەس، تورخانىغا تولا كىرىۋالىدىغان، تورچى دوستلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش.
مەزكۇر تور نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى سىزدە پەقەت بىر دانە كومپيۇتېر (قايسى ماركىلىق، قانداق سىستېمىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ كامىدا بىر تور كۆرگۈچ بولىشى كېرەك) ھەمدە شۇ كومپيۇتېرغا ئۇلاغلىق سىملىق ياكى سىمسىز تور بولسىلا سىز بۇ سىستېمىنى بىمالال ئىشلىتىپ كېتەلەيسىز.
ئۇنىڭدىن باشقا مۇھىت ، سۇپا ئاتلاش بۇ سىستېمىمىزنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، يەنى مەزكۇر تور نۇسخىسى ھازىرغىچە تۆۋەندىكى تور كۆرگۈلەردەنورمال خىزمەت قىلالايدۇ
IE6, IE7, IE8, IE9, IE10, IE11، Google Chrome، FireFox، Opera(Presto)، Safari قاتارلىقلار.
بۇ سىستېما تور كۆرگۈچكە تاينىپ ئىشلەيدىغان بولغاچ مەشغۇلات سىستېمىسى Linux  ياكى MacOS X  بولغان دوستلىرىمىزمۇ ئەنسىرىمەي سېتىۋالسا بولىدۇ، بىزنىڭمۇ تور نۇسخىسىنى ياساشتىن مەقسەدمۇ دەل كۆپ سۇپىدا ئىشلەيدىغان قىلىش.

ئۇنداقتا مەزكۇر تور نۇسخا شوپۇرلۇق سىستېمىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
كىرىش كۆزنىكى

يۇقارقى كۆزنەكتىن سىز مەزكۇر سىستېمىغا كىرسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە 2 خىل تاللاش بار.
سىزدە كىرىش كۆزنىكىگە ماس بولغان كارتا ۋە مەخپىي نومۇر بولسا بىۋاسىتە بسىپ كىرپلا سىستېمىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا يوق بولۇپ قالسا. ياندىكى «ئەگەردە قولىڭىزدا كارتا نومۇرى بولمىسا بۇ يەرنى بېسىڭ» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ توردا بىۋاسىتە سېتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.
بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى ئاپتوماتىك ئېلىپ بېرىلدۇ. سىز بىز بىلەن ئالاقە قىلماي تۇرۇپمۇ ئالىپاي ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇپ بولۇپلا مەزكۇر سىستېمىنى سېتىۋالالايسىز. يەنى كارتا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرنى پۇل تاپشۇرغاندىن كېيىنلا ئالالايسىز.
قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىدەك:






پۇل تۆلەش بېتى ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىنلا ئۇ بەتنى ئۆچۈرۋەتمەي نەچچە سېكۇنت ساقلسىڭىز كارتا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرغا ئېرىشىسىز.

مانا بۇ سىز ئېرىشمەكچى بولغان كارتا نومۇرى شۇ.
بۇ توردىن سېتىۋېلىش ئۇسۇلى. يەنە بىر خىل ئۇسۇل مۇشۇ كارتىنىڭ ھەقىقىيسىنى بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ياكى ھەرقايسى ۋاكالەتچىلەردىن سېتىۋېلىش ئۇسۇلىدۇر. بۇنىڭدا قولىڭىزغا ئادەتتىكى بانكا كارتىسىغا ئوخشاش قاتتىق بولغان ئۈستىدىكىدەك رەسىملىك بىر كارتا بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدا كارتا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇر بار. ئۇ نومۇرنى قولدا جىجىلاپ چىقىرىپ شۇ ئارقىلىق سىستېمىغا كىرىسىز.

ئەمدى بۇ مەشغۇلاتلارنى تاماملاپ بولغاندىن كېىن بىۋاسىتە كىرىپ سوئال ئىشلىسڭىز بولىدۇ.











چىقىرىش: ‎2014-5-6 00:34
چۈشۈرۈش (299.88 KB)





مانا بۇ ئىمتىھان بېرىش ۋە مەشىق قىلىش جەريانىدىكى كۆرۈنۈشلەر.
بۇ سىستېمىنىڭ بىر تۇتاش باھاسى 50 يۈەن. سىز 50 يۈەن تاپشۇرۇپلا بۇ سىستېمىنى 200 قېتىم ئىشلىتەلەيسىز. ۋاقىت چېكى يوق ئەمما قېتىم چېكى بار. بىر قېتىم كىرىش كۆزنىكىگە كىرىپ نومۇر باسسىڭىزلا بىر قېتىمغا ھېسابلىنىپ ماڭىدۇ. ۋاقىت، زامان ۋە ماكان چەكلىمىسى يوق. سىستېما تاللىمايدۇ، مەيلى ئالما كومپيۇتېرى بولسۇن ياكىLinux سىستېمىسى بار كومپيۇتېر بولسۇن ئىنتېرنېتقا ئۇلانغان بولسا بىمالال سوئال ئىشلەپ ماڭالايسىز. (7 سۇڭدىن چوڭ iPad تە نورمال ئىشلىتىش ئۇزۇنغا قالمايلا ئەمەلگە ئاشماقچى ، iPad بار دوستلارنىڭمۇ سېتىۋېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.)

خوش ئۇنداق بولسا بۇ سىستېمىمىز بىلەنمۇ بىرەر قۇر تونۇشۇپ چىقتۇق. ئەمدى ئاساسلىق گەپكە كەلسەك، بىز ئىنسان، خاتالىقتىن خالىي ئەمەس. مەيلى بۇرۇن ئېلان قىلغان كومپيۇتېر نۇسخىسى، يانفون نۇسخىسى ۋە يۈرۈشلۈك كىتابلىرىمىزدا بولسا ئاز تولا خاتالىقلار بولۇشى تەبئىي. لېكىن بىز خاتالىقنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ تۇرۇپ، يەنىلا ھەرقايسى كۇرسانتلارنىڭ ئويلاپ تۇرۇپ ئىنچىكىلىك بىلەن بۇ سىستېمىلارنى پۈتتۈرپ بازارغا سالدۇق.بۇ سىستېمىنىڭ تەرجىمىسى، ئىملاسى ۋە باشقا سۈپەت جەھەتتە بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بۇ تۈردىكى سىستېمىلاردىن ياخشى دېيەلەيمىز.
ئىشلەتكۈچىلىرىمىزنىڭ  ئۆزىنىڭ ئەمەلىي مۇھىتىغا ۋە ئەھۋالىغا قاراپ،ە ھەرقايسى نۇسخىدىكى سىستېمىلىرىمىزنى  ئۆزى خالىغانچە تاللاپ سېتىۋېلىپ، تىرىشىپ ئۆگەنسىلا شوپۇرلۇق ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ مۇنەۋەر بىر شوپۇر بولۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
بىز ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ ياخشى شوپۇرلۇق سىستېمىسىنى ياسىغۇچى بولماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما بىز شۇنداق بولۇشقا تىرىشىمىز ۋە تىرىشىۋاتىمىز. سىزلا تىرىشسىڭىز بىز سىزگە ئەڭ قولايلىق شوپۇرلۇق ئۆگىنىش سىستېمىلىرىنى يېڭىلاپ تەييار قىلالايمىز.

بۇ شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ كېيىنكى يېڭىقلىرى:
1 - ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى مەكتەپلەرنى تاللاپ تۇرۇپ سوئال ئىشلەش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ.
.....
......
...... قالغان تۈرلەر ھازىرچە مەخپىي، ئۆزۈر.

سىستېمىغا كىرىش ئادرېسى:
http://tor.shopurluq.com ياكى  http://tor.xopurluk.com

ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
قۇتيار تور بېكىتى
ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى

2014-يىلى باھار ئېيىنىڭ 6-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alim215 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-6 02:12 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Pinhangul + 99 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10863
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2209 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 11:19:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن شوپۇرلۇقتا ئوقىغان ۋاقىتلاردا يازمىچە بىرەتتۇق،،،،  زامان تەرەقى قىلغانسىرى ھەممە ئىش ئۇچۇرلىشىپ كەتتى دىسە..........  

بەكلا جاپا چېكىپسىلەر.......  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىدىن چىقىدۇ بۇ سېستىماڭلار.......


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104785
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3612
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2014-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 11:26:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن جاپا چىكىپسىلەر ، ئەمما

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10417
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 02:21:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندە  ئالماس  شىركىتىنىڭ  تىلفۇن  نۇسقىسى  با   
بەك  ياخشىكەن .

بوپتۇ  بۇنىمۇ  سىناپ  باقاي

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101773
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 369
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2014-1-4
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 05:09:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
200 قېتىم سەل ئازمۇ قانداق،مەنغۇ ئۇقۇپ بولغان،ئۆگۈنۈو بولغۇچە 200 قېتمنى نەچچە قاتلاپ كۆرۋەتكەندىمەن ،شۇڭا ئازدەك بىلنۋاتدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6176
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8495
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 09:24:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىليارر يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 05:09 PM
200 قېتىم سەل ئازمۇ قانداق،مەنغۇ ئۇقۇپ بولغان،ئۆگۈنۈو ب ...

200 نى ساناپ بېقىڭە. خېلى ئۇزۇندا سانايسىز دەيمە
1-پەننى ئەڭ جىق بولغاندا 50 قېتىم، 4-پەننى ئوبدانلا 20 قېتىم كۆرسىڭىز ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كېتىسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101773
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 369
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2014-1-4
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 12:15:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alim215 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 09:24 PM
200 نى ساناپ بېقىڭە. خېلى ئۇزۇندا سانايسىز دەيمە
1-پە ...

مەن ئىمتاھاندىن ئۈتۈپ پىراۋنمۇ ئەپ بولغان،شۇڭا دىدىم بىرنچى تۈردىلا 200 دىن كۆپ قېتىم ئاچقاندىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88492
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 11:00:51 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
axek13999649893 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 12:21 PM
مەندە  ئالماس  شىركىتىنىڭ  تىلفۇن  نۇسقىسى  با   
بەك  ياخ ...

رەھمەت!

سەددىچىننى سوققانلار ، ھون بوۋامدىن قورققانلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105749
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2014-4-6
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 09:02:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇلتۇر بۇنداق ياخشى سىستېمىنى  تاپالماي  بەك قاتراپ كەتكەن  ...ئەمدىلىكتە ئىمتاندىن ئۈتۈپ كىنىشكىنى ئەپ بولغان ياقى  كەڭرى بوپ كەتتى  دىسە

ھەركىم ئۆزتەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش