مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2933|ئىنكاس: 14

ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106450
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2014-4-27
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 05:12:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 q- U# h1 ^7 k5 E( [9 R. ?
ئورخۇن بويلىرىغا سەپەربۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! A- Z% O" g" }/ i/ c/ i

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( a' R* t# {8 r( b" r1 a
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 G, H3 N. T" G. Z2 r1 x, D

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% S2 \! m$ P! L, q9 u

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 i. S: T! p+ Y& w" x( M: g% X
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- b/ r0 a2 S+ q/ l+ Z0 X2 L' L


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, e$ p5 X( F4 R" e4 q- n; {

(بۇماقالە "دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغىچە" ناملىق كىتاپتىن قىسمەن قىسقارتىلپ ئېلىندى)

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. g- Z# U* y! u' N3 a

سىز بۇ دۇنيانىڭ شەھەر مەدەنىيىتىنى بىر مەزگىل ئۇنتۇپ، ئۆزىڭىزنى ئىنساننىڭ قارىسى كۆرۈنمەيدىغان، بۈگۈنكى زامانىۋى مەئىشەتلەردىن يىراق بولغان ساپ ھاۋالىق، پايانسىز ئۇپۇقنى سۆيگەن ياپ-يېشىل يايلاقتا قەدەملىرىڭىزنى ئاتا-بوۋىلىرىڭىز بىر زامانلاردا ئات چاپتۇرۇپ ماڭغان چىغىر يوللارغا تاشلاپ، قۇلاق تۈۋىڭىزدىن غۇر–غۇر ئۇتۇپ تۇرىدىغان شاماللارغا سىرداش بولۇپ ماڭسىڭىز ياكى قارىغايلىق تاغ ئېتەكلىرىدىن كېلىۋاتقان كۆك بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازىنى ئىشىتكەچ، كۆك تەڭرىنى سۆيۈپ تۇرغان ئاق باش چوقىلارغا ئەجدادلىرىڭىزنىڭ ياراتقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ، غۇرۇر تۇيغۇسى بىلەن نەزىرىڭىزنى چەكسىزكەتكەن يايلاقلارغا تاشلىسىڭىز، كېچىلىرى يۇلتۇزلار ئۆزلىرىنىڭ نۇرلىرىنى سېخىيلىق بىلەن تۆكىدىغان بۇ زېمىندا تۇرۇپ، يۇلتۇز سانىغاچ بوۋىمىز ئوغۇزخان ئىلتىجا قىلغان كۆك ئاسماندىكى كۆك تەڭرىگە بېشىڭىزنى تىك كۆتۈرۈپ باقسىڭىز ۋە ياكى بۈگۈنكى موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ شىمالىدىكى رۇسىيە (رۇس يەر) نىڭ زېمىنىغا ئايلانغان سىبىرىيە ئورمانلىقلىرىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بېلىق تۇتۇپ يېگەن بايقال كۆلىنىڭ (باي-قال-كۆل) نىڭ تىنچ ۋە تەمكىنلىكتە سىزگە مېھرى بىلەن باققان يۈزىگە سىنچىلاپ قارىسىڭىز، سىز يەنە ئېتىڭىزنى چاپتۇرۇپ جەنۇبقا قاراپ يورغىلاپ، ئورخۇن دەرياسى بويلىرىغا كېلىپ ئوچۇملاپ يۈرىكىڭىز قانغىچە ئۆتۇكەن تاغلىرىدىن كەلگەن تاغ سۇلىرىنى ئىچسىڭىز، ئۆزىڭىزنى قەيەردە دەپ بىلىسىز ۋەقانداق ھېسلاردا بولىسىز؟


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ R) _4 \$ r6 }5 P# c

مانا بۇ مۇقەددەس تۇپراق ئەجدادلىرىمىزنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىي بۇلىقى بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ 100 يىللاردىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن بۈگۈنكى موڭغۇلىيىدىكى ئورخۇن ۋادىسىدۇر!  بۇ تۇپراق شۇ ۋەجىدىن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تارىخىي قىممەتلىرى بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ ئىلتىماسى قىلىشى نەتىجىسىدە 2004-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئورخۇن دەريا ۋادىسى ئەتراپىدىكى 121، 967 گېكتار تۇپراق “ئورخۇن ۋادىسى مەدەنىيەت ئىزنالىرى”  نامىدا خەلقئارالىق قوغدىلىدىغان تارىخىي جايلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. مانا بۇ تۇتىيا زېمىندا ئورال-ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەرنىڭ 3-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى موڭغۇلىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ساھىبخانلىغىدا بولۇپ ئۆتتى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  X3 O) F2 \) B) z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 _. X- o; q" o( P2 X

2011-يىلى 4-ئىيۇل:

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 b4 U, l3 U/ F
قاراقۇرۇم شەھىرىدەبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% L3 u2 f$ g7 l2 I+ t  E

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! Z4 a0 J. ~5 F/ Lبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) b! v# K+ b8 S2 F

يامغۇرلۇق سەھەر. سەھەر تۇرۇپ ئەتىگەنلىك ناشتىلىقىمىزنى قىلىپ،“ئىككى بوز ئات” ئارامگاھىدىن ئايرىلىپ، ئاپتوبۇس بىلەن قاراقۇرۇم شەھىرىنى نىشانلاپ بىر سائەتلەرچە ماڭدۇق. بىزنىڭ موڭغۇل ۋە ئېنگلىزچە تەرجىمانىمىز سويولبولد ئاپتوبۇستا ماڭغاچ بىزگە مۇنداق دېدى: “سىلەرنىڭ سەپىرىڭلار بەك خاسىيەتلىك ئىكەن، ئاخشام بىز ھەممىمىز شامانلار بىلەن بىللە كۆك تەڭرىلەرگە قىلغان دۇئا-تىلاۋەتلىرىمىز قوبۇل بولۇپ بۈگۈن سەھەردىن باشلاپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ئادەتتە بۇ يەرلەردە بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە يامغۇر ناھايىتى ئاز ياغاتتى. بولۇپمۇ بۇيىل موڭغۇل يايلاقلىرىدا قۇرغاقچىلىق بولۇۋاتاتتى ئەمما سىلەر ئۇيغۇرلار تەڭرىگە يېقىن كىشىلەر بولغىنىڭلار ئۈچۈن  يامغۇرنى، بەرىكەت ۋە ئاسايىشلىقنى ئۆزۈڭلار بىلەن بىللە بىزگە ئېلىپ كەلدىڭلار".


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* C) z. v' W3 f/ q0 v
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 ?+ c) N' i# d1 s  e$ Sبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% t, a( M+ S( _0 w: Z3 I
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ W* v/ n/ n# K  O2 X6 }

بىز ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويلىرىغا جايلاشقان قەدىمىي تارىخىي شەھەرقاراقۇرۇم شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. قاراقۇرۇم شەھىرى ھازىرقى موڭغۇلىيىنىڭ ئوتتۇرا-جەنۇبىدىكى 21-ئايمىغى بولغان ئۆۋۆركھاڭاى ئۆلكىسىنىڭ غەرىبي-شىمالىغاجايلاشقان. تارىختا ئورخۇن بويلىرىغا تۇتۇشۇپ تۇرىدىغان قاراقۇرۇم شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى گۈزەل يايلاقلار ھۇن، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل قاتارلىق ئىمپېرىيىلىرىنىڭ پايتەختى بولغانلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر. تارىخى مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلساق مۇنداق بايانلارنى كۆرەلەيمىز: “1219-يىلى چىڭگىزخان قاراقۇرۇم دېگەن يەردە ئەسكەرلىرىنى يىغىپ خارەزىم شاھلىقىغا قارشى يۈرۈش قىلىدۇ".

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 o; p/ I. v. x0 ]4 w5 s9 i

تارىختا نۇرغۇنلىغان ئىمپراتۇرلۇقلارنىڭ پايتەختى بولۇپ دۇنيانىڭ تەقدىرى كېسىلگەن بۇ جاي چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نەۋرىسى قۇبلايخان 1260-يىلى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇپ پايتەختىنى خانبالىق (بۈگۈنكى بېيجىڭ) گە يۆتكىگەندىن كېيىن قاراقۇرۇم شەھىرى ئىچكى ئۇرۇشلار سەۋەبلىك كۆيدۈرۈلۈپ ۋەيران قىلىنىدۇ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 i7 t+ F$ i$ m1 \

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% \) q& c2 G, ~& \5 P6 h/ }8 ?
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 g. K% z: U3 _8 z' B

بۈگۈنكى قاراقۇرۇم شەھىرىنىڭ كۆلمى تارىختىكى قاراقۇرۇم شەھىرىدىن خېلىلا كىچىك بولۇپ، شەھەرنىڭ ئورنىمۇ بۇرۇنقى ئورنىدىن ئەتراپقا يۆتكەلگەنلىكى ياكى بۇرۇنقى قاراقۇرۇم شەھىرىنىڭ ئەينەن ئورنىنى بېكىتىشنىڭ قىيىنلىقىنى گېرمانىيىدە تۇغۇلغان رۇسىيىلىك تۈركلوگ ئالىم ۋەسىلي ۋاسىلىۋىچ رادلوف ئۆزبايانلىرىدا شەرھلەيدۇ.[ii]


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 d: N) ~3 D( y

ھازىرقى قاراقۇرۇم شەھىرىنىڭ شىمالىي بۇرجىكىدىكى كونا شەھەر خارابىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورخۇن دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى 6-ۋە7-ئەسىرلەرگە تەۋە بولغان ھۇن، كۆكتۈرك ئىمپېرىيىسى، ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان ئوردۇ بالىلىق (كېيىن قارابالاساغۇن دەپ ئاتالغان، كۆلىمى 2،5 كۋادرات كىلومېتىر) ھەم 13-ئەسىردىكى چىڭگىزخان موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرلىرىدىن قېلىپ قالغان نۇرغۇنلىغان تارىخىي يادىكارلىقلارغا ئىگە بولغان 121، 967 گېكتار يايلاق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن “ئورخۇن ۋادىسى مەدەنىيەت ئىزنالىرى” دېگەن نام بىلەن 2004-يىلى خەلقئارالىق قوغدىلىدىغان دۇنيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. [iii]  

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* d* j  Z4 Y5 |# l; R

تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى قاراقۇرۇم شەھىرىنىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي مۇھىملىقى ھەتتا بۈگۈنكى موڭغۇلىيە دۆلىتىدىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپقان بولۇپ 2004-يىلى موڭغۇلىيە دۆلەت رەئىسى ئەلبەگدورج ئەپەندى “قاراقۇرۇم شەھىرىنى موڭغۇلىيىنىڭ يېڭى پايتەختى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانى” نى ئوتتۇرىغا قويغان ئەمما ئۇ چاغدامەزكۇر پىلان ئەمەلگە ئاشمىغان ئىكەن. كېيىنكى نۆۋەتلىك دۆلەت رەئىسلىك سايلىمىدا قايتا رەئىس بولغان ئەلبەگدورج ئەپەندى بۇ پىلانىدىن ۋاز كەچمەي ھازىرمۇ بۇ ئىش تۈرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ھەرىكەت قىلىۋېتىپتۇ.[iv]  ئاپتوبۇس قاراقۇرۇم شەھىرىنى تىزلا ئايلىنىپ ئۆتۈپ كۆلمى ناھايىتى چوڭ بولغان، تىبەت بۇتخانىلىرىنىڭ مۇنارلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاق رەڭلىك مۇنارلار بىلەن ئەتراپى قورشاۋغا ئېلىنغان بىر قەدىمىي بۇتخانىنىڭ ئالدىدا توختىدى. بۇ موڭغۇلىيىدە تۇنجى سېلىنغان تىبەتلىكلەرنىڭ ئۇسلۇبىدىكى بۇتخانا بولۇپ، تىبەتلىك بۇددىست ئەردەنە زۇۇ[v] تەرىپىدىن ئۇرۇش خارابىلىكلىرىنىڭ ئورنىغا 1585-يىلى ياسالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ نامى بىلەن “ئەردەنە زۇۇ” دەپ ئاتالغان ئىكەن.[vi]

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* u$ u+ P% a" z$ U$ G

بىز يامغۇرنىڭ يېغىشىغا ئانچە پەرۋا قىلماي بۈگۈنكى قاراقۇرۇم شەھىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان ئەردەنە زۇۇ بۇتخانىسىنىڭ موزېيخانىسىنى، بۇتخانىنى ۋە بۇ بۇتخانىنىڭ سىرتىدا ئانچە يىراق بولمىغان جايغا ياسالغان تاشپاقا ھەيكەللىرىنى زىيارەت قىلدۇق. قەدىمكى ۋاقىتلاردا تاشپاقا ھەيكەللىرى خان ئوردىلىرىنىڭ ئەتراپىغا ئوردىنى، خەلقنى سۇ ۋە باشقا ئاپەتلەردىن قوغداش ئۈچۈن قويۇلىدىغانلىقى مەلۇم.[vii]         

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ w& Z: B) d7 t5 @
يۇرت ئارامگاھى - ئورخۇن بويدا تۈنىگەن كېچە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ f. Y' r- ^1 I, S  N% ^9 a% m* w( w5 ^
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, z! w6 |3 C; z, R

ئەردەنە زۇۇدىكى زىيارىتىمىزنى ئاياغلاشتۇرۇپ، قاراقۇرۇم شەھەر خارابىلىرىدىن غەرب تەرەپكە قاراپ 15 چاقىرىم مېڭىپ ئورگوو گەر ئارامگاھىغا كېلىپ ئورۇنلاشتۇق.  موڭغۇل تىلىدا ئورگوو دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى “ئاھالىلەر ياشايدىغان يەر، ئۆتەڭ ياكى ئوردا” دېگەن مەنىنى بىلدۈرسە “گەر” سۆزى “كىگىز، كىگىز ئوي ياكى يۇرت” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 c! {6 L! }  O2 l

شۇڭا بىز بۈگۈن ئاخشام تۈنەيدىغان ئورخۇن دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى بىر گۈزەل بۇلۇق يايلاقلىققا جايلاشقان بۇ ئارامگاھىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ «يۇرت ئارامگاھى» دەپ ئاتايلى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ b6 P  N" [/ j% t4 ?

بىز چۈشلۈك تامىقىمىزنى يۇرت ئارامگاھىدا كېچىكىپ يېگەندىن كېيىن،بىر سائەت ئارام ئېلىپ، ئالدىنقى كۈنىدىكىگە ئوخشاش مۇھاكىمە يىغىنىمىزنى سائەت 5 دە باشلىدۇق. بۈگۈنكى يىغىنىمىز ئىككى سائەت داۋام قىلدى. يىغىندا تۈركىيىدىن كەلگەن بوغازچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىلشۇناس پروفېسسور دوكتورى سۇئات كارانتاي ئەپەندى “تۈركىي تىللىرىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى تەرەققىياتى” دېگەن تېمىدا تەييارلىغان ماقالىسىنى كۆپچىلىككە ئاڭلىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر تىلنىڭ ئېنىق بىر چېگرىسى بولمايدىغانلىقى، تىلنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە بەزى تىلنىڭ مۇئەييەن تارىخىي باسقۇچلاردىن كېيىن كۈچلەنسە ۋەيەنە بەزى تىللارنىڭ يوقىلىپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا تىلنىڭ قانۇنىيىتى سۇبيېكتىپ ئاڭنىڭ ئوبيېكتىپ ئىنسان ھاياتىدا ئەكس ئېتىشى بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ھەر قانداق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تىلى دەۋر ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەرتىپكە سېلىنىپ تۇرۇلۇشى ۋەكۈچلەندۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى شەرھلەپ، جۈملىدىن تۈركىيىدە بولسا ئوسمان ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن يېڭى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىر تۇتاش سىياسەت تۈزۈپ تۈرك تىلىدا ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلۈكلەرنى تازلاپ چىقىرىپ، تۈرك تىلىنى ساپلاشتۇرۇشتەك تارىخىي بىر ۋەزىپىنى ئادا قىلغانلىقى ئەمما مۇشۇنداق دۆلەت دەرىجىلىك بىر تىل سىياسىتى ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە يۈرگۈزەلمىگەنلىكتىن بۇ تۈرك تۇپراقلىرىدا تىل مەسىلىسى نېگىزلىك بىر مەسىلە سۈپىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقى قاتارلىق بىر تۈرلۈك تىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تىل تەرەققىياتى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتىدۇ. يۇرت ئارامگاھىدىكى يىغىن يۇقىرى كەيپىياتلار بىلەن ئىككى سائەت داۋام قىلىدۇ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 d+ K. P: f0 t$ M, J

“كۆرۈنگەنتاغ يىراق ئەمەس”

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 q/ V3 Y4 A- U0 X

چەكسىز كۆك ئاسمان ئاستىدا ھاياتلىق بۇلىقى بولغان پايانسىز كەتكەن ياپ-يېشىل يايلاق كۆز بىلەن غۇۋا كۆرگىلى بولىدىغان ئۇپۇقنىڭ نامەلۇم بىرنۇقتىسىدا سۆيۈشمەكتە… قىزغۇچ رەڭگە كىرگەن نامازشام ۋاقتىدىكى قۇياش خۇددى ئۆزىنىڭ بىر كۈنلۈك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ ئۆيىگە ئالدىراپ ماڭغان شەھەرسودىگىرىدەك ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرىماقتا… تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى ھەر جايغىلا نېسىپ بولمىغىنىدەك ئەجدادلىرىمىز ياشىغان بۇ ئورخۇن بويلىرىدىكى قۇياش ئاتا قىلغان كەچ شەپەق گۈزەللىكىنى بۇ مىنۇتلاردا ئاددىي تىللىرىم بىلەن ئىپادە قىلىشقا ئاجىز كەلگەنلىكىمنى ئىختىيارسىز ھېس قىلىۋاتىمەن.                           


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 g  e1 J$ g+ W' {/ Z1 t% h7 s

يىغىننى تۈگىتىپ ھەممىمىز بوش بولغاندىن كېيىن، يىغىنغا كەلگەن چوڭلىرىمىزنىڭ تەلىپى بىلەن بىز يۇرت ئارامگاھىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ياردىمىدە بىز تۇرغان ئارامگاھىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە قوي كالىلىرىنى بېقىۋاتقان موڭغۇل چارۋىچىلاردىن بىر قوي سېتىپ ئېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىسلام دىنىي قائىدىسى بويىچە ھالال قىلىپ بوغۇزلىغاندىن كېيىن قازاندا گۆش ۋاراقلاپ قايناشقا باشلىدى… يەنە بىر قانچەيلەن قازاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئالدىراش قىيمىلىق قىلىپ تەييارلانغان قوي گۆشىنى زىققا ئۆتكۈزمەكتە.                             

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 ?1 y2 l4 M& d+ |5 ?' _

ئەمدى بۇ يەردىكى ئىش بولسا گۆشنىڭ پىشىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشلا قالغان ئىدى. مەن بىز تۇرغان بۇ يۇرت ئارامگاھىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە ناھايىتى يېقىن كۆرۈنگەن تاغ باغرىدا تارىخنىڭ تىرىك شاھىتى بولۇپ تىمتاس ئېقىۋاتقان ئورخۇن دەرياسىنى كۆرۈپ كېلىش ۋە ئىككى قولۇم بىلەن ئوچۇملاپ تۇرۇپ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىچكەن بۇ ئەزىم دەريانىڭ زەمزەم سۇلىرىدىن يۈرگۈم قانغىچە ئىچىش ئىستىكى تۇغۇلدى دە ئورخۇن دەرياسىنى نىشانلاپ بىر چىغىر يولنى بويلاپ ئۆزۈم يالغۇز يول ئالدىم.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* p( C1 w- ~9 \' T: d; S9 f

يۇرت ئارامگاھىدىن ئايرىلىپ تۇرۇشۇمغا سەپىرىمگە دولقۇن ئاكا، ئىنىمىز مولتجان قاتارلىق دوستلار قوشۇلدى. بىز يول بويى بىر خىل قەدەملىرىمىز بىلەن چىغىر يوللارنى بويلاپ شەپەق سۆيگەن گۈزەل يايلاقنىڭ ساپ ھاۋالىرىدا راھەتلەنگەچ ئارخېئولوگ، تارىخشۇناس دولقۇن قەمبىرى ئاكىمىزنىڭ ئورخۇن بويلىرىنىڭ تارىخى توغرىسىدا بىزگە ئېيتىپ بەرگەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ تارىخى كەچمىشلەرنى ئاڭلىغاچ يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.                                 


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 u& E3 I. C3 t/ C+ R
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! V' s3 p( C9 q

بىز خېلى ۋاقىت يۈردۇق، قىزغىن پاراڭلار بىلەن قانچىلىك ماڭغىنىمىزغىمۇ دىققەت قىلماپتىمىز. بىر چاغدا سائەتكە قارساق يەرلىك ۋاقىت 9 دىن 45 مىنۇت ئۆتۈپتۇ ئەمما بىز تېخى يېقىنلا كۆرۈنگەن تاغ باغرىدىكى ئورخۇن دەرياسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ سېيماسىنى غىل-پاللا كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. قەدەملىرىمىز ئاستىدىكى بۇ گۈزەل يايلاققا كېچە قاراڭغۇلۇقى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ ئالدىدا تۇرماقتا. “كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس” دېگەندەك، بىزئارامگاھتىن ئايرىلىپ بىر يېرىم سائەتتىن ئارتۇق مېڭىپتۇق ئەمما تېخى سەپىرىمىزنىڭ يېرىمىنىمۇ تۇگىتەلمىگەنلىكىمىزنى بايقىدۇق دە ئەگەر يولىمىزنى يەنەداۋاملاشتۇرساق كېچە سائەت 12 دىن بۇرۇن يۇرت ئارامگاھىغا قايتىپ كېلەلمەيدىغىنىمنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاندا قايناۋاتقان گۆشنىمۇ ئىسسىقىدا يېيەلمەيدىغانلىغىمىزنى مۆلچەرلەپ “كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس” دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تولۇق چۈشەنگەندەك ھېس قىلدۇق دە- قاراڭغۇلۇق ئىچىدە چىغىر يولنىڭ ئىزلىرىنى بىردە كۆرۈپ بىردە كۆرەلمەي دېگەندەك قانداقتۇر بىر كۆز يەتكۈسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىر-ئىككى تال چېكىت چوڭلۇقىدا پىلدىرلاپ كۆرۈنۈۋاتقان يورۇقلۇقلارنى نىشانلاپ قايتىپ ماڭدۇق. خېلى چارچاشلار بىلەن 11 يېرىملاردا يۇرت ئارامگاھىغا ساق-سالامەت قايتىپ كەلدۇق.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* b( g% n" y4 {: E

تەلىيىمىزگە بىز قايتىپ ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا قاراڭغۇ ئاسمان تۇيۇقسىز تېشىلگەندەك گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر شىددەتلىك يانغان چاقماقلار بىلەن تەڭلا شارقىراپ قۇيۇلۇشقا باشلىدى. بىز ھەممىمىز ئولاش-چولاش قولنى قولغا تۇتۇپ گۆش قايناۋاتقان قازاننى كىگىز ئوينىڭ ئىچىگە يۆتكەپ كىردۇق ۋە ئۆزىمىزنى خۇددى تارىختىكى ئەجدادلىرىمىز ياشىغان زامانلارغا قايتقاندەك ئانچە چوڭ بولمىغان بىركىگىز ئوي ئىچىگە بىز 20-30 كىشى بىرلىكتە  قىستىلىپ ئولتۇرۇپ كېچىلىك بەزمىمىزنى قىزىتىۋەتتۇق. قازاندا گۆش قاينىماقتا، ئاستىدا كاۋاپلار پىژىلداپ كۆيمەكتە، مەززىلىك پۇراقلار بىلەن ئاچچىق ئىس چىقىرىپ ئوي ئىچىنى لىق تولدۇرماقتا...ئورال-ئالتاي تىللىق ھەر مىللەتنىڭ ناخشىلىرى… كۈلكە چاقچاقلار بۇ غېرىبانە كىگىز ئوينىڭ ئىچىدە يامغۇردىن پاناھلىنىپ قىسىلىپ ئولتۇرغان بۇ سوغۇق كېچىنى ئاسانلا ئۇنتۇلدۇرماقتا… ھەر-بىر قەلبلەرگە ئۆزىگە خاس مېھرى-مۇھەببەتلەرنى ئاتا قىلماقتا، ئەجدادلىرىمىز ياشىغان يايلاق ھاياتىنىڭ ھەر-بىر قانۇنىيەتلىرىدىن بىزگە دەرس بەرمەكتە ئىدى.            


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 I5 n- F5 Q  B5 \* V: ?% r: k

2011-يىلى5-ئىيۇل:


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- G) ]0 M( c& o0 d0 f' R6 t7 E& Yخوشۇ سايدام تۈرك مەڭگۈتاش ئابىدىلىرىنى زىيارەت قىلىشبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( H3 \- c- |* r! O9 g
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& c; {# J6 F) Q' |, `

خوشۇ سايدام ئورخۇن بويلىرىنىڭ كۆك ئاسمىنىنى قارا بۇلۇتلارقاپلىغان، بورانلىق يامغۇر يېغىۋاتقان جۇدۇنلۇق بىر سەھەر. بىز ئاپتوبۇس بىلەن يۇرت ئارامگاھىدىن سەھەردىلا سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئاتلاندۇق.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 F- I! k3 Z4 s+ L0 g) b4 M

بىزنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇس ئارامگاھىدىن ئايرىلىپ يايلاقنىڭ چىغىر يوللىرىنى ئاۋايلاپ خېلى ماڭغاندىن كېيىن قاراقۇرۇم شەھىرىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ يېڭىدىن ياسالغان بىر تاش يولغا كىردى دە ئالدىغا قاراپ تىز يۈرۈشكە باشلىدى. بۇ تاش يولنىڭ باشقا يول بىلەن ئۇچرىشىدىغان كىرىش ئېغىزىدا يول ئۈستىگە رەختىن ياسالغان يوغان لوزۇنكا ئېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىنىش تەرىپىگە موڭغۇلىيە بىلەن تۈركىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى چۈشۈرۈلگەن، ئوتتۇرىسىغا قىزىل رەڭدە تۈرك ۋە موڭغۇل تىللىرىدا “خوشۇ سايدام تۈرك مەدەنىي يادىكارلىقلار ساھىلىغا خوش كەلدىڭىز” دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىدى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 O1 ]# d6 O1 H; Q- Y! v& ?
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: b* a8 l" u! t3 ^0 E( V, X& V

                                                

موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلەت تۇپرىقىدىكى مەدەنىي-يادىكارلىقلارنى قوغداش جۈملىدىن ئورخۇن دەريا ۋادىلىرىدىكى تۈرك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن دۆلەت دەرىجىلىك قوغداش تۇرلىرى تولۇق ئەمەلىيلەشمىگەن ئەمما 2004-يىلى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئورخۇن ۋادىلىرىدىكى تۈرك مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى قوغداش ئىلتىماسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن “خەلقئارالىق قوغدىلىدىغان تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى” تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن بىر تۈرلۈك قوغداش ئىش تۇرلىرى تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەل مەملىكەتلىرىنىڭ ياردىمىدە قانات يايدۇرۇلغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- m4 ^$ t8 y- a% k# `بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% R: f3 p6 y6 q6 ]

بىز ئاپتوبۇستا قاراقۇرۇم شەھىرىدىن كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈتاش ئابىدىلىرى قاتۇرۇلغان جاي- بۈگۈنكى خوشۇ سايدام مۇزېيغا بارغىچە بولغان 45 كىلومېتىر ئارىلىقتىكى يول تۈركىيە تىكا ئاجېنسىنىڭ بىۋاسىتە ئىقتىسادى ياردىمىدە ياسىلىپ بۇ يىل 5-ئايدا رەسمىي قاتناش باشلانغان ئىكەن. بىز ئورخۇن دەرياسىنىڭ شىمالىي بويلىرىنى بويلاپ بۇ يېڭى ياسالغان تاش يولدا بىر سائەت ماڭغاندىن كېيىن خوشۇ سايدام تۈرك مەڭگۈتاش ئابىدىلىرى ئۈچۈن ياسالغان بىرھەيۋەتلىك مۇزېيىم - خوشۇ سايدام مۇزېيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; K9 i3 A; J6 \  L4 @/ `

بۇ يەرنىڭ رەسمىي ئىسمى موڭغۇلچە “خوشۇ سايدام تۈرك مەدەنىيەت ئىزلىرى مۇزېيى” دەپ ئاتىلىدىكەن يەنى “خوشۇ” سۆزىنىڭ موڭغۇلچە مەنىسى “خاتىرەجاي” دېگەننى بىلدۈرسە “سايدام” سۆزى بولسا “ئويمانلىق”  دېگەننى  بىلدۈرىدىكەن. خوشۇ سايدام مۇزېيى يەنى كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈتاشلىرى ياسالغان جايلار ئورخۇن دەرياسىنىڭ شىمالىي بويلىرىغا، ئورخۇن دەريا ئېقىنى كېلىدىغان ئۆتۇكەن تاغلىرىنىڭ (بۈگۈنكى خانگاي تاغلىرى) شەرىقى شىمال تەرەپلىرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ يەر بۈگۈنكى موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتور (قىزىل باتۇر) دىن 400 كىلومېتىر يىراقلىقتا.

تۈركىيىنىڭ تىكا يەنە نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ كۆلتېكىن، بىلگە قاغان مەرمەر تاش مەڭگۈ ئابىدىلىرى قاتارلىق بىر تۈرلۈك تۈرك مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى بۇزۇلۇپ ۋەيران بولۇشتىن قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۆلمى زور بولغان خوشۇ سايدام تۈرك مۇزېيى” نى قۇرۇپ چىققان.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 I: Q! e5 ^, A2 o# n+ Fبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# j* p' L2 ]8 Q/ G

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( X; I5 k* v9 S% o  D

كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈ تاشلىرى قويۇلغان جايلارنىڭ ئەسلى ئورنى مۇكەممەل تام سېپىللىرى بىلەن قورشىلىپ مۇداپىئە قىلىنغان بولۇپ، مۇزېيخانا 400 مېتىر شىمال تەرەپكە ياسالغان. مۇزېي ئىچىگە كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغاننىڭ مەڭگۈتاش ئابىدىلىرى بىلەن بىرگە بۇ يەردىن تېپىلغان 6-7-ئەسىرلەردىكى كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسىگە ئائىت باشقا تارىخىي يادىكارلىقلارمۇ قويۇلغان. بۇ مۇزېينىڭ مۇكەممەلكى، ئىچىگە قويۇلغان تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ موللىقى بىلەن سىزنى ھەيرانۇ- ھەۋەستە قالدۇرىدۇ . چۈنكى بۇ سىزنىڭ ئەجدادلىرىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن 1300 يىللار ئىلگىرىكى بىز تۈرك ئەۋلادلىرىغا قالدۇرغان بىردىن بىر كۆز بىلەن كۆرگىلى، ئوقۇغىلى ۋە قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان ئاتا مىراسلىرىدۇر.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; Z' M- k* U! y7 n' [. d! ?

سىز تەقدىر نېسىپ ئەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ مۇزېيغا زىيارەتكە كەلسىڭىز ئۆزىڭىزنى لوندون ياكى پارىژدىكى ھەشەمەتلىك مۇزېيخانىلاردىنمۇ نەچچەھەسسە ئارتۇق زوق ئالىدىغانلىقىڭىزغا جەزمەن ئىشىنىمەن! مەنبەلەردە بايان قىلىنىشىچە ئاسىيا ھۇن ئىمپېرىيىسى غەربكە كۆچكەندىن كېيىن مىلادى 552-يىلىدىن744-يىلىغىچە ياۋروئاسىيادا شەرقتە تىنچ ئوكياندىن غەرىپتە كاسپىي دېڭىزى، شىمالدا ئورال تاغلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىپايان كەڭ زېمىندا ئەڭ ئاۋال تېلى، ئۇيغۇر ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە تاتار (ئوتتۇز تاتار)، قىرغىز، تۈركەش، قارلۇق قاتارلىق توققۇز ئوغۇز تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئىتتىپاقى ئاساسىدا ئاشنا ئۇرۇقتىن كۈچىيىپ تۈمەن (مەڭگۈتاشلاردا بۇمىن دەپ يېزىلغان) قاغانىڭ رەھبەرلىكىدە تۈرك خاقانلىقىنى قۇرىدۇ. تۈمەن ئۆزىگە “ئىلىك قاغان” دەپ نام بېرىدۇ ۋە بۇ خاقانلىق تارىختا “كۆكتۈرك ئىمپېرىيىسى” دەپ ئاتىلىدۇ.[viii]                                                


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# h6 p' M$ F5 ~8 j

كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسى مىلادىنىڭ 582 ۋە 583- يىللىرىغا كەلگەندە خاقانلىق ئىچىدە ھاكىمىيەت تالىشىش كۆرۈشى كەسكىنلىشىپ، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئىتتىپاقى بۇزۇلۇپ شەرىقى ۋە غەربىي تۈرك ئىمپېرىيىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسى ئىككىگە پارچىلانغاندىن كېيىن، غەربكە كۆچمەي ئۆتۇكەن تاغلىرىنى مەركەز قىلىپ ئورخۇن دەريا بويلىرىدا داۋاملىق ياشاپ كەلگەن تۈرك قەبىلىلىرى ئۆز ئىچكىدىكى زىددىيەتلىرى تۈپەيلى ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ “پارچىلاپ ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە يوقىتىش” ھىيلىسىنىڭ تۈرتكىسىدە كوپ ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ... كېيىنكى ۋاقىتتا قۇتلۇق ئىلتىرىش قاغان ۋە تۈيۇنقۇق باشچىلىق قىلىپ تۈرك قەبىلىلىرىنى قايتا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ تۈرك ئىمپېرىيىسىنى 682- يىلى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ۋە بۇ ئىمپېرىيە تارىختا شەرىقى تۈرك ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. شەرىقى تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇتلۇق ئىلتىرىش قاغاننىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ چوڭنىڭ ئىسمى بىلگە، كىچىكىنىڭ كۆلتېكىن ئىدى. قۇتلۇق ئىلتىرىش قاغان 692-يىل ۋاپابولىدۇ. ئۇ ۋاپات بولغان ۋاقىتتا بىلگە قاغان 8 يېشىدا، كۆلتېكىن 7 ياشتا قالىدۇ. بىلگە قاغان ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ شەرىقى تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانى بولىدۇ. شاھزادە ۋە ھەربىي قوماندان كۆلتېكىن تۈرك قەبىلىلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزغان قەبىلىلەرگە ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنى بويسۇندۇرىدۇ. ئۇ 720-يىلى تاڭ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئۇرۇشتا تاڭ سۇلالىسىنى يېڭىدۇ. 725-يىلى تۈيۇنقۇق ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نامىغىمۇ ئىككى تاش ئابىدە قاتۇرۇلىدۇ. [ix]   

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 K+ @: L6 n8 F2 e( Q& E1 W4 k
كۆلتېكىن بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* ~* C% a9 N8 Q) E1 q2 ?: I

                                

كۆلتېكىن 47 يېشىدا 731-يىلى ۋاپات بولىدۇ. بۇ تاش ئابىدىلەركۆلتېكىن[x]  ۋاپات بولۇپ بىر يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ، بۇ مەرمەر تاش ئابىدىنىڭ ئېگىزلىكى 3،57 سانتىمېتىر، كەڭىرلىگى 1،40 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 49 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بۇ مەرمەر تاشنىڭ ئۇچ تەرىپىگە جەمئىي 68 قۇر قەدىمكى تۈرك(رۈنىك) يېزىقىدا [xi]  خەت ئويۇلغان بولۇپ، بىر تەرىپىگە تاڭ سۇلالىسىنىڭ شۇەنزوڭ خانى ئۆز قولى بىلەن كۆلتېكىنىنىڭ ئۆلۈمىگە يازغان تەزىيىسى خەنزۇ يېزىقىدا تاشقا ئويۇلغان.[xii]  كۆلتېكىن مەڭگۈتېشى كۆلتېكىن ۋەبىلگە قاغاننىڭ جىيەنى يوللۇق تېكىن تەرىپىدىن تىكلەنگەن. مەڭگۈ تاشتا كۆلتېكىنىنىڭ ياراتقان تۆھپىلىرى ۋە باشقا ئەھۋاللار نەپىس شېئىرىي تىل بىلەن بايان قىلىنغان. بۇ تاش ئابىدىلەرگە ئويۇلغان تېكىستلەر 20-ئەسىردە تۇنجى قېتىم تۈركولوگ ئالىم رادلوف تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىدۇ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  E9 [! A4 U: V8 h; r" r" Dكۆلتېكىن مەڭگۈ تېشىغا ئويۇلغان تېكىستلەردىن ئۈزۈندەبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" [  A4 b. I9 x- K
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# U) |$ U5 X3 o. P: y+ a& r
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* p: i) n; [2 P% L* A. L

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ T8 \9 F0 o1 N5 W1 {& b

كۆلتېكىننىڭ سۈرئىتىنى قازاقىستاندا تونۇلغان رەسسام كۈرەش زۇلپىقاروف سىزغان ©

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* J8 ^! ]0 Y. z

كۆلتىكىن قاغاننىڭ مەڭگۈ تېشىغا ئويۇلغان خەتلەردىن ئۈزۈندە :

"…مەن شۇنچە كوپ جايلارغا قوشۇن تارتىپ باردىم، (لېكىن) ئۆتۇكەن تېغىدىن ياخشى جاي زادى يوق ئىكەن. ئەلنى ئىدارە قىلىدىغان يەر ئۆتۇكەن تېغى ئىكەن. بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ، تابغاچ (چىن) خەلقى بىلەن ياراشتىم.

                                                                                                  

تۈرك خەلقى ھالاك بولغاندىن كېيىن (قالغانلىرى) جەنۇبتىكى چوغاي تېغىغا توپلىنىپ يايلاقتا ئولتۇراقلىشايلى دېسە، يامان نىيەتلىك كىشىلەر تۈرك خەلقىنى شۇيەردە ئۆلسۇن دەپ: (ئەگەر چىنغا) يىراق بولساڭلار، ناچار سوۋغا بېرىدۇ، يېقىن بولساڭلار ياخشى سوۋغا بېرىدۇ دەپ قۇتراتقۇلۇق قىلىپتۇ؛ بۇ ھىيلىنى بىلمىگەن كىشىلەر ئۇ سۆزگە ئىشىنىپ، چىنغا يېقىن بېرىپ (نەتىجىدە) نۇرغۇن كىشى ئۆلدۈڭلار،ئۇ يەرگە بارساڭلار تۈرك خەلقى ئۆلىسىلەر، ئۆتۇكەن زېمىنىدا تۇرۇپ (ئۇلارغا) كارۋان ۋە ئەلچىلەرنىلا ئەۋەتسەڭلار (ئەلدە) ھېچقانداق غەم-قايغۇ بولمايدۇ، ئۆتۇكەن تېغىدا تۇرۇۋەرسەڭلار ئەلنى مەڭگۈ تۇتۇپ تۇرالايسىلەر….تۈرك خەلقى سىلەر قانائەتچانسىلەر، ئاچ-توق قالىدىغانلىقىڭلارنى ئويلىمايسىلەر، تويغان ۋاقتىڭلاردا ئاچ قالىدىغانلىقىڭلارنى ئويلىمايسىلەر، شۇنداق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى بېقىۋاتقان خاقانىڭلارنىڭ سۆزىنى ئالماي، ھەر تەرەپكە پىتىراپ كەتتىڭلار، (نەتىجىدە) ئۇ يەرلەردە ھالسىزلاندىڭلار، جېنىڭلاردىن ئايرىلدىڭلار، قالغانلىرىڭلار سەرگەردان بولۇپ ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالدىڭلار...".[xiii]

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) _9 o4 v/ N; V: u" Z8 ]- ?
بىلگە قاغان بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: F* S% S' ]0 D& I
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 u5 m/ Y' H# S" z9 t& V( _5 ]

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) x8 {$ N2 M6 y/ Jبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 v  y( ~" m, l: t9 D( L

بىلگە قاغاننىڭ سۈرىىتىنى قازاقىستاندا تونۇلغان رەسسام كۈرەش زۇلپىقاروف سىزغان ©


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 g1 Q# P; |4 m- R, J/ a8 `

بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى كۆلتېكىنىنىڭ ئاكىسى شەرىقى تۈرك  ئىمپېرىيىسىنىڭ خاقانى بىلگە قاغاننىڭ نامىغا ئاتاپ قويۇلغان مەڭگۈتاش ئابىدىسى بولۇپ خوشۇ سايدامدىكى كۆلتېكىن مەڭگۈتېشى تېپىلغان يەرگە يېقىن بىر جايدىن تېپىلغان. بىلگە خاقان مەڭگۈتېشى كۆلتېكىن مەڭگۈتېشى قۇيۇلۇپ 2 يىلدىن كېيىن يەنى734- يىلى بىلگە خاقان ۋاپات بولغاندا ياسالغان. بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىغا قەدىمكى تۈرك (رۈنىك) يېزىقىدا 80 قۇر خەت ئويۇلغان بولۇپ مەزمۇنى ئاساسەن دېگۈدەك بىلگەقاغاننىڭ شەرىقى تۈرك ئىمپېرىيىسىگە قوشقان تۆھپىلىرىگە مەدھىيىلەرئوقۇلغان.  


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 W# F3 d& ?; Sبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 k  w% P8 q: A: D8 |$ s6 \
بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىغا ئويۇلغان تېكىستلەردىن ئۈزۈندە:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: g1 h2 T4 c4 S- I
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! S7 Y8 n! S) H% r7 z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 v, i7 Q  Q7 }2 f

"……تەڭرىدەك تەڭرى ياراتقان تۈرك بىلگە خاقان مېنىڭ سۆزۈم. ئاتام تۈرك بىلگە خاقان…تى سىر، توققۇز ئوغۇز، ئىككى ئەدىز مەشھۇر بەگلىرى ۋە خەلقى…تۈرك تەڭرىسى…ئۈستىدە مەن خاقان بولۇپ ئولتۇردۇم، مەن تەختكە ئولتۇرغىنىمدا، ئۆلگۈدەك ھەسرەتتە قالغان تۈرۈك بەگلىرى ۋە خەلقى ئىنتايىن سۆيۈنۈپ ئۇلارنىڭ جانسىز كۆزلىرىگە جان كىردى. ئۆزۈم تەختكە ئولتۇرۇپ تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مۇھىم قانۇن تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ بەردىم...                     


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 Y1 h% A+ N/ x8 e2 ?4 `

تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنى بويسۇندۇردۇم. (ئۇلارنى) دۈشمەنسىز قىلدىم…ئون يەتتە يېشىمدا تاڭغۇتقا قوشۇن ئەۋەتتىم، تاڭغۇت خەلقىنى تارمار قىلدىم. (ئۇلارنىڭ) ئوغۇل-قىزلىرىنى ۋە مال-مۈلكىنى قولغا چۈشۈردۈم. ئونسەككىز يېشىمدا ئالتە چۆپ سوغداققا قوشۇن ئەۋەتتىم، سوغداق خەلقىنى تارمار قىلدىم، تابغاچتىن (چىندىن) ۋاڭ تۇتۇق بەش تۈمەن ئەسكەر (باشلاپ) كەلدى، مەن تاماغ ئىدۇق دېگەن بۇلاق بېشىدا سوقۇشتۇم. ئۇ قوشۇننى شۇ يەردە يوقاتتىم. يىگىرمە يېشىمدا،باسمىل ئىدىقۇت ئۆز ئۇرغۇمىزدىكى خەلق ئىدى. ئۇلار تارتۇقلارنى ئەۋەتمىدى دەپ ئۇلارغا يۈرۈش قىلدىم. (ئۇلارنى) بويسۇندۇردۇم، نۇرغۇنلىغان (ئولجىلارنى) ئۆيگە كەلتۇردۇم.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 ]3 j+ s( z8 M9 I4 S

يىگىرمە ئىككى يېشىمدا تابغاچقا (چىن گە ) يۈرۈش قىلدىم. چاچا جاڭجۇننىڭ سەككىز تۈمەن لەشكىرى بىلەن سوقۇشتۇم. قوشۇننى شۇ يەردە ئۆلتۈردۈم. يىگىرمە ئالتە ياش ۋاقتىمدا چىك خەلقى قىرغىزلار بىلەن بىرلىكتە (بىزگە) دۈشمەن بولدى. كەم دەرياسىدىن ئۆتۈپ چېرىكلەرگە يۈرۈش قىلدىم. ئورپەندە سوقۇشتۇم. قوشۇننى نەيزىلىدىم. ئاز خەلقىنى قولغا چۈشۈردۈم…ئوتتۇز يېشىمدا بەشبالىققا (بۈگۈنكى جىمىسار ناھىيىسى تەۋەسىدە) يۈرۈش قىلدىم. ئالتە قېتىم ئۇرۇشتۇم…قوشۇننى پۈتۈنلەي ئۆلتۈردۈم. شەھەر ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەر يوقىلاتتى (لېكىن) ئۇلار بىزنى تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بەشبالىق (ۋەيرانچىلىقتىن) ساقلىنىپ قالدى...     

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% _. S7 }$ y* H% N! s2 [+ O3 Y

….ئوتتۇز ئىككى يېشىمدا قارلۇق خەلقى (يىغىلىپ بىزگە قارشى تۇردى) مەن ئۇلارنى ئۆلتۈردۈم. توققۇز ئوغۇزلار مېنىڭ خەلقىم ئىدى. جاھان قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ۋە ئىچىدە ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن بىزگە دۈشمەن بولدى. بىر يىل ئىچىدە تۆت قېتىم سوقۇشتۇم. دەسلەپتە توغۇ بالىقتا سوقۇشتۇم. (قوشۇنۇم) توغلا دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ قوشۇنىنى يوقاتتى...                           


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 ~; P, R# ?# E5 l7 l9 x

…..قوشۇننى مەغلۇپ قىلدىم. بوي سۇنغانلىرى بوي سۇندى، (مېنىڭ) خەلقىم بولدى ئۆلگەنلىرى ئۆلدى . سېلىنگا دەرياسىنى بويلاپ تۆۋەنلەپ مېڭىپ، قاراغىن دېگەن قىساڭدا ئۆيۋاقىنى بۇزدۇم... ئۇلار تاققا چىقىۋالدى. ئۇيغۇر ئىلتەبەر يۈزچە ئەر بىلەن شەرققە قېچىپ كەتتى…تۈرك خەلقى ئاچ ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ يىلقىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ تۈرك خەلقىنى باقتىم...".[xiv]


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# b( K$ G' H% }" Jمويۇنچېر بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ v3 G$ K4 \6 u$ a- v: ~

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' w% _1 ~) j- ghttp://i60.tinypic.com/eafq4y.jpg
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 H$ F' S& c+ v! j
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& x! q2 P' U- G+ N% w0 E: b

مويۇنچېر قاغاننىڭ سۈرئىتىنى قازاقىستاندا تونۇلغان رەسسام كۈرەش زۇلپىقاروف سىزغان ©


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. r3 L8 T; M9 t" h

مويۇنچېر مەڭگۈتېشىنى 1909-يىلى فىنلاندىيىلىك ئالىم رامستەد (گ.ج.رامستەدت) موڭغۇلىيىنىڭ سېلىنگا دەرياسى ۋە شىنە ئۇسۇ كۆلى ئەتراپىدىن تاپقان. بۇ مەڭگۈتاش تەخمىنەن مىلادىنىڭ 759-يىلى تىكلەنگەن. مويۇنچېر مەڭگۈتېشىغا [xv]  قەدىمكى تۈرك (رۈنىك) يېزىقىدا جەمئىي 49 قۇر خەت ئويۇلغان.                                

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ Z/ ?! P4 M& ]& R# R' f! b9 Z9 l

تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە مويۇنچېر قاغان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى قۇتلۇق بىلگە قاغاننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ ئاتىسى بىلەن بىللە كۆك تۈرك قاغانلىقىغا قارشى ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئورخۇن ۋادىسىدا 744-يىلى ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرۇپ ئوردۇ بالىقنى پايتەخت قىلغانلىقى، مىلادى 747-يىلىدىن 759-يىلىغىچە مويۇنچېر قاغاننىڭ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قاغانى ۋە ئۇنىڭغا "ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان"، “ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش”دېگەن ناملارنىڭ بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. [xvi]  بۇ مەڭگۈتاش تېكىستى ئۆز زامانىسىدا ئورخۇن ۋادىسىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىخى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرىنى ئۆگۇنۇش ۋە تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 U6 |5 j3 b4 b

بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرگە شۇنى ئالدىدىن ۋاقىپلاندۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈمكى ئەتىكى پىلانلانغان سەپىرىمىزدە بىز ئورخۇن ۋادىسىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىلىق (قارابالاساغۇن) شەھەر خارابىلىرىنى زىيارەت قىلىمىز ۋە شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئەينى زاماندا قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تارىخىي جەريانلىرىنى يورۇتۇپ بېرىش ئىستىكىدە (گەرچە تولىمۇ ئەپسۇس بىز بايانچۇر مەڭگۈ تېشىنى زىيارەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولالمىغان بولساقمۇ) بۇ مەڭگۈ تاشقا ئويۇلغان تېكىستلەردىن بىر پاراگرافىنى دىقىتىڭىزلارغا سۇندۇم:    

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. U+ \4 l1 H7 h1 B+ ]+ S/ H
مويۇنچېر مەڭگۈ تېشىغا ئويۇلغان تېكىستلەردىن ئۈزۈندە:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 u8 G0 B% r/ G. U  ~. x3 {$ ?
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, c" m. N- y3 c, S0 t( v% Z0 u

"…..تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە خاقان…….تولىس…..ئۆتۇكەن ئەتراپى ئېلى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدىكەن، سۈيى سېلىنگا (دەرياسى) ئىكەن. ئۇ يەردە ئېلى……ئەركىن ياشايدىكەن….سۇ…..ئۇ يەردە قالغان خەلق ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز ئۈستىدە يۈز يىل ئولتۇرۇپ……ئورخۇن دەرياسى ……تۈرك قىپچاق (خەلقى ئۈستىدە) ئەللىك يىل ئولتۇرغانىكەن.                                                                           

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# R7 N. b% i! p7 R0 G/ ]. _" r0 I

ئۇ چاغدا بويلا…….يەنە چۈشتى. توققۇز ئوغۇز خەلقىمنى تېرىپ-يىغىپ ئالدىم. ئاتام كۆل بىلگە قاغان…..قوشۇن ئەۋەتتى. مېنى مىڭ بېشى قىلىپ ئەۋەتتى، ئالدى (شەرق) تەرەپكە بېرىپ، كەيرە (يەر نامى) نىڭ شەرقىدىن يانغۇچى…….بويسۇندۇرۇپ، يەنە يۈرۈش قىلدىم. كەيرە بېشىدا ۋە ئۇچ بەركۇن دېگەن (يەردە) خان قوشۇنى بىلەن قوشۇلدۇم. ئۇ يەر…قوغلىدىم. قارا قۇمدىن ئۆتۈپ، كوگۇردە، كومۇت تاغدا، يار دەرياسىدا، ئۇچ تۇغلۇق تۈرك خەلقى…..ئۆزمىش تېكىن خان بوپتۇ. قوي يىلى (743-يىل) دا مەن يۈرۈش قىلدىم. ئىككىنچى قېتىمقى ئۇرۇشنى بىرىنچى ئاينىڭ ئالتىنچى (كۈنى) قىلدىم….ئۆزمىش تېكىننى….تۇتتۇم؛ خانىشنى ئۇ يەردە قولغا چۈشۈردۈم. تۈرك خەلقى شۇندىن ئېتىبارەن يوقالدى...".[xvii]   


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" v9 }, Z5 _# N/ yتۈيۇنقۇق
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 q* ^2 u0 b4 C+ @: R  E( T6 \
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& w8 u" q- u; ]* e5 L$ jبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ d3 G. ^& R5 L
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 ?- A1 i" q$ V' {3 i

تۈيۇنقۇقنىڭ سۈرئىتىنى قازاقىستاندا تونۇلغان رەسسام كۈرەش زۇلپىقاروف سىزغان ©

                                                                                   

تاكى بۈگۈنگىچە موڭغۇلىيىدە تېپىلغان قەدىمكى تۈرك (رۈنىك-ئورخۇن) يېزىقىدا يېزىپ قالدۇرۇلغان تاش ئابىدىلەردىن چورىن مەڭگۈتېشى (ئۇلانباتورنىڭ شەرىقى جەنۇبىدىكى چورىن دېگەن جايدىن 1971-يىلى تېپىلغان، 686-687-يىللىرى ئورنىتىلغان)؛ تۈيۇنقۇق مەڭگۈتېشى (ئۇلانباتوردىن 60 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بايىن چوقتۇ دېگەن جايدىن 1897-يىلى تېپىلغان،مىلادي 716-يىلى ئورنىتىلغان)؛ مويۇنچېر مەڭگۈ تېشى-1 (موڭغۇلىيىنىڭ سېلىنگا دەرياسى بىلەن شىنە-ئوسۇ كۆلى ئارىلىقىدىن تېپىلغان، 759-يىلى ئورنىتىلغان)؛ مويۇنچېر مەڭگۈتېشى-2 (موڭغۇلىيىنىڭ تالياتتى دېگەن يېرىدىن تېپىلغان)؛ توققۇز ئۇيغۇر خاقان مەڭگۈ تېشى (ئورخۇن دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىنىڭ غەربىي-شىمال تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) دىن 1890-يىلى تېپىلغان)؛ سۇجى مەڭگۈ تاشلىرى (موڭغۇلىيىنىڭ شىمالىدىكى سۇجى داۋان يېنىدىن بىرنەچچە مەڭگۈتاشلار 1909-يىلى تېپىلغان.)


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( V- Y) @( q" \  @# y) Y3 f* f

موڭغۇلىيىدە تېپىلغان تۈرك مەڭگۈتاشلار ئورنىنىڭ تارقاق بولۇشى ۋەبۇ نۆۋەت موڭغۇلىيىگە قىلغان سەپىرىمىز پائالىيەتلىرىنىڭ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى سەۋەبلىك تولىمۇ ئەپسۇس ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ھەممە مەڭگۈتاش ئابىدىلىرىنى زىيارەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولالمىدۇق.                                             


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. P8 K& B" @( X  U. Q

بىز ناھايىتى قىزىقىش ۋە ھاياجانلىق كەيپىياتلار ئىچىدە ئاۋۋالخوشۇ سايدام مۇزېيى ئىچىگە قويۇلغان راست كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈ تاشلىرىنى ۋە باشقا تارىخىي يادىكارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ تۈگەتكەندىن كېيىن بۇ مەڭگۈتاشلارنىڭ ئەسلى ئورنىغا بېرىپ بۇ يەردە بار بولغان تەبىئىي تارىخىي كۆرۈنۈشنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە يېڭىدىن تەقلىد قىلىنىپ ياسالغان كۆلتېكىن ۋەبىلگە قاغان مەڭگۈ تاشلىرىنى ۋە تاش پاقا ھەيكەللىرىنى كۆردۇق. بۇ تۈركلەرنىڭ بۆشۈك يېرىدە غۇلىچىمىزنى بولۇشىغىچە تاشلاپ يېتىپ تۇپراقنى سۆيدۇق… تۈرك مىللەتلىرىگە بولۇپمۇ ئۇيغۇرغا بولغان تىلەكلىرىمىزنى، سۆيگۈمىزنى ئىزھار قىلدۇق. تارىخىمىزنىڭ يەككە شاھىتى بولغان بۇ تۇپراقلاردىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىدى ئەمما كۆپىنچىمىز ئەجدادلىرىمىز ياشىغان تۇپراقلارنىڭ تېشى دەپ تۇتىيادىن ئەۋزەل كۆرۈپ بىر–ئىككى تالدىن يانچۇقلىرىمىزغا سېلىۋالدۇق!

                                                               

ئەجدادلار قالدۇرغان تارىخىي ئىزلارنى كۆرۈپ غورۇرلىرىمىز ئىپتىخارلانماقتا، يۈرەكلىرىمىز قاتتىق سوقماقتا، قانلىرىمىز قىزىماقتا،نادامەتلىك پىغانلىرىمىز ۋىجدانىمىزنى تىلغىماقتا… بۇ مىنۇتلاردا يايلاقنى بېشىغاكىيىپ توختىماي غۇيۇلداپ كېلىۋاتقان سوغۇق شاماللىق تەلۋە يامغۇرلاريۈز-كۆزلىرىمىزگە شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ ھېچ بىرتەسىرىنى ئۆتكۈزەلمەي ۋاتاتتى...                                   


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) S# i4 I0 @$ ?6 d1 E4 p

بىز ئاخىر 2 سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان خوشو سايدام مۇزېيىدىكى زىيارىتىمىزنى تاماملاپ، بۇ يەردىن ئانچە ئۇزاقتا بولمىغان بۈگۈن ئاخشام بىز تۈنەيدىغان كىگىز ئۆيلەر - خوشۇ سايدام ئارامگاھىنى نىشانلاپ يۈرۈپ كەتتۇق.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. O4 d  k" ?! r# Z. {9 t) [

2011-يىلى6-ئىيۇن:

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. e/ X$ \% M$ i0 E: W
كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسى مازارلىقىغا زىيارەت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' x, H% _+ o* W1 _+ J& `  [بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 N/ h  ^8 l3 j' F, |& t3 u8 j0 }  a

بىر كېچە–كۈندۈز داۋام قىلغان توختىماي تۆكۈلگەن جۇدۇنلۇق يامغۇردىن كېيىن ئىيۇل ئېيىدا سالقىنلىققا مايىل موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ كۆك ئاسمىدا كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆزنىڭ ئىللىق ئاپتاپلىرىنى زېمىن يۈزىگە قايتىدىن تۆككەن، جاننى راھەتلەندۈرىدىغان غۇر-غۇر شاماللار يۈزلىرىمىزنى سىلاپ ئۆتۈپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى بىزگە يەنە بىر نۆۋەت ھېس قىلدۇرۇۋاتقان ساپ ھاۋالىق سەھەردە بىز خوشو سايدام  ئارامگاھىدىكى بىزنى كۈتۈۋالغان خىزمەتچىلەرگە مىننەتدارلىغىمىزنى بىلدۈرۈپ سەپىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى پائالىيەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن ئاپتوبۇس بىلەن يۈرۈپ كەتتۇق.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ H# ^) V( V, h$ {( l

بۈگۈنكى سەپەر پىلانىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خوشو سايدام  تۈرك مەدەنىيەت ئىزلىرى مۇزېيى يەنى كۆلتېكىن بىلەن بىلگە قاغان مەڭگۈتاشلىرى ئورنىتىلغان جايدىن 19 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى غەربىي-جەنۇپ تەرەپتە ئۆتۇكەن تاغلىرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان تاغ باغرىدىكى ئېگىزلىكتە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن پايتەخت قىلىپ ياسالغان تۈرك مىللەتلىرىنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى شەھرى-ئوردۇ بالىق (قارابالاساغۇن) شەھەر خارابىلىرىنى زىيارەت قىلىش بولۇپ، ئوردۇ بالىق شەھىرى بىلەن كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈ تاشلىرى ئورنىتىلغان يەرلەرنى ئورخۇن دەرياسى ئايرىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە بۇ يەردە ئوردۇبالىلىق شەھەر خارابىسىگە بىۋاسىتە بارىدىغان يول ياكى ئورخۇن دەرياسىدىن ئۆتىدىغان كۆۋرۈك بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ يەنە قاراقۇرۇم شەھىرىگە تۈركىيە ياساپ بەرگەن تاش يول ئارقىلىق قايتا بېرىپ، ئۇ يەردىن ئورخۇن دەرياسىغا سېلىنغان كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدىكەن.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: ?, }2 l  q  P* {/ b! B& [# C

ساياھەت يېتەكچىمىزنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە بىز ئاۋۋال خوشو سايدام  ئارامگاھىدىن ئانچە يىراقلىقتا بولمىغان شەرىقى-شىمال يۆلىنىش تەرەپتىكى تاش-ئېدىرلىق ئېگىزلىككە بېرىپ ئۇ يەردىكى كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەربىي ئىنشائاتلىرىنى يەنى يېقىنقى مەزگىللەردە ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن بايقالغان يەر ئاستى يوللارنى ۋە باشقا تارىخىي ئىزلارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئورخۇن دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئوردۇ بالىق شەھەر خارابىسىنى زىيارەت قىلىدىكەنمىز.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; Z: x) z! W& H! G3 C& X( f- U" x8 z  T

ئاپتوبۇس بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن ئېگىزلىككە ھالسىراپ ئىلگىرىلىمەكتە. كۆزىمىز ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن تەبىئەت ئىلاھى سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلغان ئورخۇن ۋادىسىنىڭ گۈزەللىكىگە ھەۋەس بىلەن تىكىلمەكتە.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ M9 ~9 m4 e4 ]: }% [* L: e

كۆز يەتكۈسىز يىراقلىقتا غۇۋالىق ئىچىدە تۇمان قاپلىغان تاغلار،تاغ باغرىلىردا تارقاق ئاق چېكىت چوڭلۇقىدا كۆرۈنۈۋاتقان كىگىز ئۆيلەر، كۆك ئاسماندا تەبىئەتنىڭ مەۋھۇم سىرلىرىنى نامايان قىلىۋاتقان شەيتان بۇلۇتلار، ئەگرى-توقاي ئېقىن ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ ئاققان ئورخۇن دەرياسى بويلىرىنى بويلاپ ئۆسكەن پاكار-پاكار ئورمانلار سىزگە خۇددى دۇنيادا ئەڭ ئۇستا رەسسام سىزغان بىرپارچە رەسىمدەك كۆرۈنىدىغان بىر مەنزىرىنى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۈيى ئۇلۇغ، چۆپلىرى بۇلۇق، تەبىئەت ئۆزىنىڭ ھەممە گۈزەللىك ۋە بايلىقلىرىنى سېخىيلىق بىلەن تۆكۈۋەتكەن بۇ باياشات زېمىندا دۆلەتلەر قۇرۇپ ئەسەرلەر ياشىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشىىمىز ئانچە قىيىن بولمىسا كېرەك!.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 d7 I# Z8 c. ], ]" m

بىز ئېگىزلىككە چىقتۇق. غۇر-غۇر شاماللار يۈزلىرىمىزنى خۇددى بىزنى قارشى ئېلىۋاتقاندەك سىلىق سۆيۈپ ئۆتمەكتە. بۇ يەر يەرلىك موڭغۇل بۇددىستلار تەرىپىدىن“ ئۇلۇغلار مازارگاھى” دەپ قارىلىپ، بىر تاش توپلىكنىڭ ئۈستىگە تاش پارچىلىرى توپلانغان بولۇپ، ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈز ۋە باش سۆڭەكلىرى ئۇلۇغلارنىڭ روھىغا ئاتاپ ھەدىيە قىلىنغان، ئالا-بۇلا لاتىلار چىگىلگەن قاغجىراپ كەتكەن شاخ-شۇمبىلار خۇددى ئەينى دەۋردىكى تۇغلاردەك ھەيۋەت بىلەن لەپىلدىمەكتە…

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 n- B  g- Y0 A7 ]! K

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' @! p& r8 R, c  t0 ^
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  ]8 f) C% q. U# Y

ساياھەت يېتەكچىمىز بىزگە چۈشەندۈرۈپ، ئارخېئولوگلارنىڭ بايقىشىچە كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈتاشلىرى قويۇلغان جايدىن بۇ يەرگىچە بولغان ئارىلىققا يەر ئاستى يولى ياسالغانلىقى، بۇ بىز تۇرغان ئېگىزلىك دەل يەر ئاستىيولىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولۇپ، كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغاننىڭ جەسىتى بۇ يەرگە خۇپىيانە ھالدا نەچچە يۈزلىگەن ئەسكەرلەر بىلەن بىللە دەپىنە قىلىنغانلىقىنى، 2008-يىلى قازاقىستان دۆلەت رەئىسى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ  ئالايىتەن بۇ يەرلەرنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە بۇ جايلاردىكى تارىخىي ئىزلارنى قوغداش ئۈچۈن قازاقىستان دۆلىتى ياردەم قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ Q7 v1 l8 W. ?" u/ Mئورخۇن دەرياسىنىڭ سۈينى ئىچىشبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 t0 N! G; @$ a" y# S
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& n# B7 V! d' |& h" |  E1 k

بىز كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغانلار دەپىنە قىلىنغان دەپ قارالغان كۆكتۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ تاغ ئۇستىدىكى تارىخىي ئىزنالىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن يېرىم سائەتتەك يول يۈرۈپ قاراقۇرۇم شەھىرىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ بىز تەشنالىق بىلەن كۈتكەن ئورخۇن دەرياسى كۆۋرۈكىگە يىتىپ كەلدۇق.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 _: f4 Y$ {' u5 b- ^0 J+ U6 E

ئورخۇن دەرياسى موڭغۇلىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئۆۋۆركھاڭا ئايمىقى(ئۆلكىسى) گە تەۋە بولغان خاڭاى تاغلىرى (تارىختىكى ئۆتۇكەن تاغلىرى) دىن باشلىنىپ شىمالغا قاراپ ئېقىپ تۇۇل دەرياسىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندىن كېيىن سېلىنگا دەرياسىغا قوشۇلىدۇ يەنە داۋاملىق شىمالغا قاراپ ئېقىپ ئەڭ ئاخىرىدا بايقال كۆلىگە قۇيۇلىدۇ ۋە بايقال كۆلىدىن يەنە داۋاملىق شىمالغا قاراپ ئېقىپ رۇسىيە تەۋەسىدە ئاڭارا دەرياسىغا ئايلىنىپ ئەڭ ئاخىرى شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ.[xviii]

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ {  l! o9 U6 k

بىز ئورخۇن دەرياسىنىڭ دەريا قېتىدا تۇرۇپ باغرىمىزنى بۇ ئانا دەرياغا يېقىپ تۇرۇپ چاڭقىغان يۈكىمىز قانغۇدەك سۇ ئىچتۇق ياق زەمزەم ئىچتۇق. قولىمىزدا ئۇچلاپ سۇلارنى ئېلىپ يۈزىمىزگە سۇرۈتتۇق.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- F" P& u* _* t4 E% f7 G
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& _/ S6 n9 n0 s, ^
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# |9 y. e% f# k* Q  }

دەريا باغرىنى قۇچاقلاپ يېتىپ يۈزلىرىمىزنى دەريا سۈيىگە يېقىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھلىرى بىلەن دىدارلاشتۇق… بىباھا دەريا قاشلىرىدىكى تاشلارنى ئالىقانلىرىمىز بىلەن سىلىدۇق، سۆيدۇق… چۈنكى بۇ دەريا ئوغۇزخان رىۋايەتلىرىدىن باشلاپ مىللىتىمىز مىللەت بولۇپ، خەلقىمىز ئۇيغۇر ئېلىنى قۇرۇپ سەلتەنەت سۈرگەن زامانلاردىن تارتىپ ۋەياكى بالايىئاپەتلەرگە مۇپتىلا بولۇپ ياۋلارنىڭ پاراكەندىلىككە دۇچار بولغان ئاھۇ-زارلىق زامانلاردا بولسۇن ئۇزاق تارىخىي ئۆتمۈشلەردىن بۇيان ئۇيغۇرنىڭ ھايات تومۇرىدا قان بولۇپ ئاققان، تەقدىر-تىلەك ۋە ئىستەكلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، تارىخنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرىنى قالدۇرغان ئاسمان تەڭرى ۋە زېمىن ئانا تەقدىم قىلغان ئەزىم دەريادۇر!


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* W& L5 Y; K! v; D6 y6 `/ L/ }! {

ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىق (قارابالاساغۇن) شەھەرخارابىسىنى زىيارەت قىلىش

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ o8 O  K+ L$ T0 F# w9 _2 U; u

بىزنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇس ئورخۇن دەرياسى كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ غەربىي جەنۇب يۆلىنىشكە قاراپ بىر سائەتكە يېقىن ماڭغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىق شەھەر خارابىسىدىن ئانچە يىراقتا بولمىغان بىر دالدىلىق تاغ باغرىغا كېلىپ توختىدى. بۇ يەردە يېڭىدىن ئىككى-ئۇچ كىگىز ئوي ياسالغان ۋە بىر يۈك ئاپتوموبىلى توختىتىلىپ قويۇلغان بولۇپ، بىرقانچە موڭغۇللاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا ئارخېئولوگلار دۆڭلۈك ئۇستىدىن ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى دەۋرىگە ئائىت بولغان بىر قەبرىستانلىقنى قىدىرىپ تەكشۈرۈۋاتقان ئىكەن.[xix]

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- D' a8 O9 |* x8 V# _
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 u/ @/ H  M. a
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! P! u3 H* I& y" n* L

بىز ئۇلارنىڭ چاسىلاپ، مېتىرلاپ، سانتىمېتىرلاپ يەر قەۋەتلىرىنى ئۆلچەپ، يەر يۈزىدىن چىققان ھەر بىر نەرسىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۈپۈرۈپ ئېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرغاندىن كېيىن بۇ قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەۋاتقان موڭغۇلىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئارخېئولوگى، دوكتور زاگد باتساىكھان ئەپەندى بىزگە ئۆزىنىڭ بۇ يەرلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلىرىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( N) h( d3 X+ [0 Z. b3 S' t

"بۇقارابالاساغۇن شەھىرىنىڭ ئەتراپلىرىدا نۇرغۇنلىغان قېزىلمىغان تارىخىي جايلار بار. بىز ھازىر قىزىۋاتقان بۇ يەردىن بىر قانچە بالىلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى ۋە قەبرە ئىچىگە قويۇلغان بۇيۇملارنى تاپتۇق…".

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) e7 g, P) T( E+ I& M4 [

كېيىن ساياھەت يېتەكچىمىز بىزگە بىز تۇرۇۋاتقان يەردىن قارابالاساغۇن شەھەر خارابىسىگە 2-3 كىلومېتىرچە كېلىدىغانلىقىنى ئەگەر خالىغانلار پىيادە ماڭسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن بىز بىرقانچە ياشلار چەبدەس قەدەملىرىمىزنى يورغىلىتىپ قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالى ) شەھەر خارابىسى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتۇق.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- U" A) z: Y5 v$ Y1 U  Y

كۆز ئالدىمىزدا ئاز دېگەندە يەر يۈزىدىن 10 نەچچە  مېتىر ئېگىزلىكتە چوقچىيىپ تۇرغان قارابالاساغۇن شەھەر قەلئەسىنىڭ ئىزنالىرىدىن بىرى بولغان ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ ئاز بولغاندا 3-4 قەۋەتلىك قىلىپ ياسالغان بۇتخانامۇنارىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە پەقەت بىر توپلۇق ئېگىزلىككە ئايلىنىپ قالغان خارابىسى يىراقتىن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بىز خارابىلىككە يېقىنلاشقاندىن كېيىن شەھەرنىڭ تۆتچاسا شەكىلدە ياسالغان تاملىرىنىڭ ئىزلىرىنى (بەلكىم ئىمپېرىيە ئوردىسى بولۇشى مۇمكىن)، شىمال ۋە شەرقى تەرىپىدىكى ئۇپراپ ئۆز ئەسلىدىن تامامەن تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن ئوردىغا كىرىش ئېغىزىنىڭ قاراۋۇللۇق مۇنارلىرىنى كۆردۇق.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 s" E: @( x$ `: r6 t5 ~& {" a* a

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 ?5 v1 u6 c5 i6 n+ j
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# c+ {9 h; @: p' q. L4 ^6 `. i

موڭغۇلىيىلىك ساياھەت يېتەكچىمىزنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ئەينى ۋاقىتتىكى قارابالاساغۇن شەھەر خارابىسى سۈننىي ھەمراھ ئارقىلىق تەكشۈرۈلۈپ سۈرەتكە ئېلىنغاندىن كېيىن ئانالىز قىلىنىپ،  شەھەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 25 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 |2 \' q% K; I- B  b% |( C, z& V# P

"پايتەخت ئوردۇ بالىق شەھىرىنىڭ 25 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان شەھەر دائىرىسى ئىچىگە پادىشاھلىق سارايلارنى، مىنىستىرلىكلەر بىنالىرى، ئىبادەتخانىلار، باغچىلار،قول-ھۇنەرۋەنچىلىك ۋە سودا رايونلىرى بەرپا قىلىنغان".[xx]


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ t% V* C! p$ u2 b: N

ئوردۇ بالىق (قارابالاساغۇن) شەھىرى ئورخۇن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تالالخاىن يايلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، موڭغۇلىيىنىڭ ئارخاڭاي ئۆلكىسىگە تەۋە بولغان بۈگۈنكى قاراقۇرۇم شەھىرىنىڭ غەربىي-شىمالىغا توغرا كېلىدۇ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% J6 }8 V3 T( |# ~8 w  N

مىلادى 742-يىللىرى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ سەركەردىسى قۇتلۇق بىلگەقاغان رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇر–قارلۇق قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلىپ كۆكتۈرك ئىمپېرىيىسىگە قارشى ھەربىي يۈرۈش قىلىدۇ ۋە كۆكتۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانى ئۆزمىش قاغاننى ئەسىرگە ئالغان باسمىل قەبىلىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئورخۇن دەرياسى بويىدا 744-يىلى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنى قۇرىدۇ. 747-يىلى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانى قۇتلۇق بىلگە قاغان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى مويۇنچېر قاغانغا “قاغان ئەل ئەتمىش بىلگە” نامى بېرىلىپ ئاتا تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى ئوردۇ بالىق [xxi]   (ئوردا شەھەر) [xxii] نى دۆلەت پايتەختى قىلىدۇ ۋە مويۇنچېر قاغان ئوردۇ بالىلىق شەھىرىنى قۇرۇپ 7 يىلدىن كېيىن سېلىنگا دەرياسى بويىدا بايبالىق (باي شەھەر) نى قۇرۇدى. ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ۋاقىتلىرىدا زېمىنى 5 مىليون 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشقان بولۇپ، شەرقتە تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىغىچە، جەنۇبتا چىننىڭ سېرىق دەريالىرىغىچە، شىمالدا بايقال كۆلىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زېمىنلارغىچە، غەرىپتە بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارال دېڭىزىغىچە بولغان زېمىنلارغا  ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 Q/ L  l, `. I2 D0 T9 Z2 @

  ئەينى ۋاقىتتا ئاسىيادا پەقەت تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان كۈچلۈك بىر ئىمپېرىيىگە ئايلىنىدۇ. [xxiii]  تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان سىياسىي ۋە سودا ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ ئۆز تەسىركۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ  بۇنىڭ دەلىلى شۇكى مىلادى 755-يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سۇزوڭ خانغا قارشى ئانلۇشەن قوزغىلىڭى قوزغىلىدۇ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ `' m: f5 w) q2 c

756-يىلى تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىدىن بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە چىن دۆلىتىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىپ ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشنىڭ پۇرسىتى دەپ بىلگەن ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى قاغانى تاڭ سۇلالىسىگە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ ئانلۇشەن قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇپ بېرىدۇ ۋە جەنۇب تەرەپتە چىن زېمىنىنى بېسىۋالغان تىبەتلەرنىمۇ مەغلۇپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىگە ئۇزۇن يىللار يىپەك ۋە باشقا ماللارنى تارتۇق قىلىدۇ. تاڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ مەلىكىسى نىڭۇونى بايانچۇر قاغانغا خوتۇنلۇققا ھەدىيە قىلىدۇ….759-يىلى بايانچۇر قاغان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى تەڭرى بۆگۈ تەختكە ۋارىسلىق قىلىدۇ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ a/ j7 `" S% r; V* v8 {$ cبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 _- j: _9 a" s
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# n5 l% q8 v( }

تەڭرى بۆگۈ 762- يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ داىزوڭ ۋە لوياڭ قاتارلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن زېمىنلارنى ئىگىلەيدۇ. 763-يىلى تاڭ سۇلالىسى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە تاڭ سۇلالىسى ھەر يىلى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىگە 20،000 تۈرگە يىپەك بېجى تۆلەيدۇ….

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ Z( {+ k# x3 d0 O9 L

839-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدە تەبىئىي ئاپەت ۋە كېسەل تارقىلىپ نۇرغۇنلىغان مال-چاۋىلار ئۆلۈپ كېتىدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن ئاچارچىلىق يۇزبېرىدۇ. 840-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچىدە ھاكىمىيەت تالىشىش كۆرۈشى كەسكىنلىشىدۇ. ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچىدىكى 9 مىنىستىرنىڭ بىرى ئۆتكۈچى كۇرەبىر قەبىلىسىدىن بولغان كۆل بۇقا دېگەن سەركەردە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوردا ئىچىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدە قاغانلىق ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە يېنسەي بويىدىكى قىرغىزلاردىن 100 مىڭغا يېقىن ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ كېلىپ ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، قارابالاساغۇن شەھىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئۇيغۇرئىمپېرىيىسى شۇندىن باشلاپ زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ …..


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 J2 g- a4 V1 s

بىز شەھەر خارابىلىكلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ خارابىلىكلەر ئىچىدە ئەڭ ئېگىز كۆرۈنگەن بۇتخانا مۇنارىنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقتۇق ۋە پۈتۈن شەھەر خارابىسىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى ئېنىق كۆردۇق.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- a* l7 X" f7 \9 z, A  f# T# j2 }, Q

بۇ دەقىقىلەردە تۇيۇقسىز كۆك ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلىدى…تەلۋە شاماللار غۇيۇلداپ كېلىپ قارابالاساغۇن شەھىرىنىڭ قان رەڭلىك توپا-تاشلىرىنى شەپقەتسىزلىك بىلەن يۈز-كۆزلىرىمىزگە تىقىشقا باشلىدى. بىلمىدۇق، بۈگۈن بىزنىڭ 1300 يىللار ئاۋال ئاتا-بوۋىلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ شەرەپلىك شەھەرگە تۇنجى قېتىم ئايىغىمىزنى باسساق ئانا تەبىئەت نېمە ئۈچۈن يۈز-كۆزلىرىمىزگە بۇنچىۋالا توپا-چاڭلارنى تىقىدۇ؟ شۇ دەقىقىلەردە توپا - چاڭلار بىزنى بىر ئالغان بولسىمۇ ئەجداتلارنىڭ مۇشۇنداق تارىخى زىمىنلىرىغا ئاياق باسقانلىقىمىزدىن يەنىلا خۇرسەن ئىدۇق .  


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: [& K: y& D+ Z' M# p$ Y

تارىخىي ئەسلىمىلەر ۋە بۈگۈنكى قىسمەتلىرىمىز سەۋەبىدىن كاللامغا يامغۇر مىسالى قۇيۇلۇۋاتقان جاۋابسىز سوئال-سوراقلار نەپىسىمنى بوغماقتا، يۈرىكىمنى ھالسىراتماقتا… قەدەملىرىم ئاستىدا دەسسىلىپ تۇرغان قان رەڭلىك تۇپراقنىڭ نىمجان نالە قىلىۋاتقان نىدالىرى يۈرىكىمگە ئوقيا تىغىدەك سانجىلماقتا…بۇ بەلكىم ئەجدادلار روھىنىڭ مەندە-ۋىجدانىمدا ئەكس ئېتىۋاتقان سۈكۈتتىكى سۇئال-سوراقلىق دەقىقىللىرىدۇر، بەلكىم!


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 Z3 z4 Y8 a* u8 I4 w2 Y

بىزبۇ سەپىرىمىز داۋامىدا بىر موڭغۇل زىيالىيسى چىڭگىزخاننىڭ ناھايىتى ئىقتىدارلىق رەھبەر، سىياسەتچى، پەلسەپىچى بىر بۈيۈك شەخس ئىكەنلىكىنى تەرىپلەپ ئېيتقان مۇنداق بىر سۆزى تۇيۇقسىز ئېسىمگە  كېلىپ قالدى: “چىڭگىزخان بارلىق موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ھەربىي يۈرۈشىنى باشلايدۇ، كۈچى يەتكەن قەبىلىلەرنى كۈچ بىلەن كۈچى يەتمىگەن قەبىلىلەرنى قايىل قىلارلىق سۆزى بىلەن قايىل قىلىپ باش ئەگدۈرىدۇ. ئۇ بىر قېتىم چىڭگىزخانغا قارشى چىققان ئۆكتىچى موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ باشلىقىغا بىر تال ئوقيانى بېرىپ ئۇنى سۇندۇرۇشنى سورايدۇ. ئۇ بۇ بىر تال ئوقيانى ھېچ بىر كۈچىمەستىنلا سۇندۇرىدۇ. ئارقىدىنلا چىڭگىزخان ئۇنىڭغا بىر توپ ئوقيانى بېرىپ، ئۇلارنىمۇ بىراقلا سۇندۇرۇشنى سورايدۇ ئەمما ئۇ قەبىلە باشلىقى ھەرقانچە كۈچەپمۇ بۇ ئوقيالارنى سۇندۇرالمايدۇ… كېيىن چىڭگىزخان قەبىلىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ تۇرۇپ- <بىز ئىتتىپاقلاشماي خۇددى بىر تال ئوقيادەك ياشىساق دۈشمەن بىزنى ئاسانلا يوق قىلىدۇ ئەگەر بىز ئۆم بولۇپ بىر توپ ئوقيادەك ياشىساق دۈشمەن بىزنى يوق قىلالمايدۇ. بىزنىڭ كۈچىمىز ئۆملۈكتىن كېلىدۇ>".

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ ?" f# o+ _7 F7 c# [

بىز كۈچلۈك بورانلىق شامالارغا قارشى ئۆمىلەپ يۈرۈپ دېگەندەك مىڭتەستە بۇتخانا مۇنارى ئۈستىگە يامىشىپ چىقتۇق ئەمما بىر بىرلىرىمىزگە يېقىن تۇرمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئارلىقمىزدىن شاماللار ئۆتۈشۈپ، بىزنى ئىككى يانغا ئىرغىتىشقا باشلىدى ھەتتا بىر قانچىمىزنى بورانلىق شاماللار ئۇچۇرتۇپ كېتىشكە تاسلا قالدى ئەمما بىز ئۇلارنى ئۆز سېپىمىزگە تارتۇق. بىز شۇ زامان بۇ ئىشتىن ساۋاق ئېلىپ ھەممىمىز دەرھال بىر يەرگە مەركەز بولۇپ توپلاندۇق، بىر-بىرلىرىمىزنىڭ قوللىرىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ ئاۋازىمىزنى بولۇشىغىچە قويۇۋېتىپ كۆك ئاسمانغا ياق، قارا بۇلۇت قاپلىغان ئاسمانغا … ۋارقىرىدۇق….ئۆتۈندۇق... بۇ نىدالىرىمىزدىن پەرۋاسىز شىددەتلىك چىقىۋاتقان بورانلىق شامال بىزنى ئۇچۇرتۇپ ئېلىپ كېتىشكە، قاياقلارغىدۇر ئۇچۇرۇپ بېرىپ ئىنسان كۆزىدىن غايىب قىلىۋېتىشكە، ئاخىرداجىن-ئالۋاستىلار ئالىممۇ بۇرۇن ئىگىلەپ ئۆزىنىڭ ماكانى قىلغان بۇ سەلتەنەتلىك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارابالاساغۇن شەھىرىنى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ئۇرنۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتقاندەك ۋەياكى بىز بۇ  تەبىئەتنىڭ مۇدھىشىنى بايقاپ قالغان چېغىمىزمۇ ئەيتاۋۇر، خۇددى ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئاتىدىغان ئوقى تۈگەپ چارسىز ھالدا دۈشمەن ئالدىدىكى ئىستىھكامغا بەدىنىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ۋەتەن ئازادلىقى ئۈچۈن شېھىت بولۇشقا ھازىر بولغان قەھرىمانلاردەك قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىكى ئۇستىدىكى بوران-چاپقۇنلۇق شاماللارغا كۆكرىكىمىزنى كېرىپ تۇرۇپ مۇراجىئەت قىلدۇق “....... بورانلىق شاماللار يۈز-كۆزلىرىمىزگە ئۇرغان توپا-چاڭلار سەۋەبىدىنمۇ ياكى يۈرەكلىرىمىز قاتتىق ئازابلاندىمۇ ياكى ھەر ئىككىلا سەۋەبتىنمۇ كۆزلىرىمىزدىن نادامەتلىك ئىسسىق ياشلار توختىماي تۆكۈلمەكتە... قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىكىدىكى قان رەڭلىك تۇپراققا قوشۇلۇپ تىزدىن كۆزدىن غايىب بولماقتا......

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) A; W7 l6 z  E7 i: B# f$ U* i

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. I/ X+ J( l6 }, t$ B1 M% pبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% F% T: ~7 r# M9 D0 ?

ناۋادا ماڭا بۇ خارابىلىكلەردىن ئەينى دەۋرگە ئائىت بىرەر نەرسە ئۇچراپ قالسا، ئۇنى ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك تەۋەررۈكۈم ۋە بايلىقىم سۈپىتىدە ئۆيۈمدە ئەينەك شېشىگە ئېلىپ ساقلىسام، كۈندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا بىر قارىسام… دېگەندەك شېرىن خىياللارنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قارابالاساغۇن شەھىرىنىڭ شەھەر خارابىلىقلىرىدە كۆزلىرىمگە كىرىۋاتقان توپ-چاڭلارنى سۈرتۈپ ئۇ يەر-بۇ يەرلەرنى تىمتىقلاشقاباشلىدىم. ھازىرمۇ يەر يۈزىدىن 2-3 مېتىر كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ۋە ئەينى زاماندىكى شەھەرنىڭ سېپىلى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدىغان توپا دۆڭلەرنى كەزدىم. بىرچاغدا قانداقتۇر بىر قاتتىق نەرسىنىڭ پۇتۇمغا ئۇرۇلغانلىقىنى تۇيدۇم دە پۇتۇم ئاستىدىكى بەلكىم قىرلىق تاش بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئېرەنلىك بىلەن قارىدىم. ئۇتاش ئەمەس ئىككى تال تۆمۈرنىڭ پارچىلىرى بولۇپ چىقتى. بۇ تۆمۈر پارچىلىرى ئەسلى سۇنغان بىر داش قازاننىڭ قىرغاقلىرى بولۇپ قېلىنلىقى 1.20 سانتىمېتىر، كەڭىرلىگى10 سانتىمېتىر، خىيالى ئايلانما شەكلىدە ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. دېمەك بۇنىڭدىن شۇنى مۇقەررەرلەشتۈرۈش تەس ئەمەسكى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلاردا تۆمۈرسانائىتىنى ئۆز ئىچىگە ھەر خىل ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرىمۇ خېلى مۇكەممەل دەرىجىدە راۋاجلانغان.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ m+ c( I( m4 A, M0 k( _2 T( k

  (مانا ئاخىر بىر ئارزۇيۇم بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشتى. ئەجدادلىرىمدىن ھېچ بولمىسىمۇ ماڭا قازاننىڭ بىر پۇچۇقى تەگدى ئەمما ئۇنى ئۆزۈم ئىزدەپ تاپتىم. بۇ ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىن قالغان قازاننىڭ پۇچۇقىنى موڭغۇلىيىدىن تاموژنىلاردا يوشۇرۇپ دېگەندەك ئۆتكۈزۈپ ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتىم، مەن ھازىر بۇ تۆمۈر پۇچۇقىنى ئەينەك شېشىدە تەۋەررۈكۈم قاتارىدا ئۆيۇمدە ساقلاۋاتىمەن. موڭغۇلىيە سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قانچە قېتىملاپ قولۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭغا قارىغىنىمنى ساناپ بولالمايمەن. –ئاپتوردىن)


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 I9 Z2 q, W$ r9 c
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; {9 m* K( A  q9 ~
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, l$ m; @2 V8 \3 c

تولىمۇ ئەپسۇس گەرچە 2004-يىلى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) شەھەر خارابىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورخۇن ۋادىلىرىدىكى تۈرك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئىلتىماسى بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ “خەلقئارالىق قوغدىلىدىغان تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى” تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ بۇ ھەشەمەتلىك دۇنياۋى تەشكىلاتنىڭ ياكى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىكلىرىنى قوغداش شەپقىتى تېخى يىتىپ كەلمىگەن ئىدى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& X, f0 W  h( i* E; q! W* i6 l

قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىكلىرى شۇ قەدەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرغانكى خارابىلىكنى كېسىپ ئوتكەن چىغىر يوللار ياكى موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ شەھەر خارابىلىكلىرى ئىچىدە  قوي-كالا بېقىپ قالدۇرغان ۋەيرانچىلىقلىرى ۋەياكى كەلگۈندى تەۋەككۈلچى ئېكىسپېدىيەچىلەرنىڭ ئاسارە-ئەتىقىلەر ئىزدەپ قالايمىقان كولاپ قالدۇرغان ئازگاللار قەدەمدە دېگەندەك ئۇچراپ تۇراتتى.  ھەتتا بۇ يەرنىڭ نام نىشانىمۇ رەسمىي شەكىلدە بىرەر يەرگە يېزىلمىغان بولۇپ، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى شەھەر خارابىلىكىگە كىرىدىغان بىر يەرگە بۇيەرنىڭ “ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارابالاساغۇن شەھەر خارابىسى” ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بىر تاختاي ياساپ بېكىتىشكىمۇ كۆڭۈل بۆلمىگەن .

گەرچە بىز ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش بولغان تۈركىيە خەلقىنىڭ دۆلىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىكىدىن 19 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈتاشلىرى ئورنىتىلغان يەرلەرگە بۇ تارىخىي ئىزلارنى قوغداش ئۈچۈن مىليۇنلىغان دوللار خەجلەپ مەخسۇس “خوشۇ سايدام تۈرك مەدەنىيەت ئىزلىرى مۇزېيى” قۇرۇپ ۋە بۇيەرگە بارىدىغان 45 كىلومېتىر تاش يول ياساپ ئۆز مەدەنىيەت ئىزلىرىگە ساھىب چىقىپتىكى بۇ شەپقەتلەر ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارابالاساغۇنغا مەنسۇپ بولماپتۇ. بىز ئاپتوبۇس بىلەن قايتىش يولىمىزدا يىغىن سەپىرىدە بىرگە بولغان بىرقانچە ئۇيغۇر پېشقەدەم يازارلىرىمىز ۋە زىيالىيلىرىمىز بىلەن ئوردۇ بالىلىق(قارابالاساغۇن) شەھەر خارابىلىكلىرىنى قانداق قوغداپ قېلىش توغرىسىدا قىزغىن مۇنازىرىلەر قىلىشتۇق ۋە ئاخىردا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نۇقتىدا ئورتاق بىر تونۇشقا كەلدۇق:


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! i9 t: l( A) K6 I. [

1- ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) شەھەر خارابىلىكلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن “خەلقئارالىق قوغدىلىدىغان تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى” تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن بىرىنچىدىن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي شەكىلدە قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* _; ]) y: Q6 k2 y  D9 W7 y; s- y0 ]) O

2-قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىكلىرى ئۇيغۇرلارغىلا مەنسۇپ بولماستىن تۈرك دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا تەۋە تارىخىي جاي ۋە بۇ نۇقتىدىن شەھەرخارابىلىكىنىڭ قوغدىلىنىشى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 p* P- E8 Y1 R" P

3-تۈركي مىللەتلەر جىددىي قاراپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسىگە ۋە باشقا خەلقئارالىق مەدەنىي ئاسارە-ئەتىقىلەرنى قوغداش جەمئىيەتلىرىگە ئىلتىماس قىلىش ۋە موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر قوللىنىشىغا كۆۋرۈك بولۇشى زۆرۈر.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- o( x* O( l5 n6 t% R( b; d/ |

4-تۈركي مىللەتلەر بىر ئارىغا كېلىپ ئۆزلىرى تەشكىل قىلغان بىر كومىتېت قۇرۇپ چىقىش ۋە بۇ كومىتېت مەخسۇس قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىرىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگەئالغان بارلىق ئۇيغۇر مەدەنىي ئاسارە-ئەتىقىللىرىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش ۋە تەدبىر كۆرۈش.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 I# `# d4 a% i) i: {0 M

5-قارابالاساغۇن شەھەر خارابىسىنى تۈركي مىللەتلەرنىڭ ساياھەت ۋە تەتقىق قىلىدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش، تۈركى مىللەتلەرنى موڭغۇلىيىنىڭ ئورخۇن ۋادىلىرىغا جۈملىدىن قارابالاساغۇن شەھەرخارابىلىرىنى زىيارەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى تۈركي مىللەت ياشلىرى ئارىسىدا ئۆز تارىخىمىزنى بىلىش قىزغىنلىقى قوزغاش.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ u3 J2 h) K9 y$ r3 M  y: {9 W* G

6-قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) شەھەر خارابىلىكلىرى ئارقىلىق تۈركي مىللەتلەرگە ئۆز كىملىكىنى تونۇش ۋە تارىخى بىلىمگە ئىگە بولۇش تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇش.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' ~, z% y) [4 s" k* J

7-مۇناسىۋەتلىك تۈركي مىللەت ۋەكىللىرى رەسمىي شەكىلدە موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) شەھەر خارابىلىرىنى ۋە موڭغۇلىيىدىكى باشقا  مۇناسىۋەتلىك تارىخىي جايلارنى قوغداش توغرىسىدا دىپلوماتىك قاناللار ئېچىپ قەرەللىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" Y2 N- q% v" g! U8 R9 v4 a

8-بۇمەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سودا-سانائەتچىلەر، ئىقتىسادى بارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تەشكىللەپ مەبلەغ يىغىش ۋە يىغىلغان مەبلەغلەرنى قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) شەھەر خارابىلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان موڭغۇلىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەرنى، تارىخىي جايلارنى قوغداشقا سەرپ قىلىش.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% r# L( s0 T" `

يۇقىرىقى يەكۈنلەر بۇ قېتىم موڭغۇلىيىنىڭ ئورخۇن بويلىرىدا ئېچىلغان “3- نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي خەلىقلىرى قۇرۇلتىيى .......” غا ئۇيغۇرلارغا  ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى  ئۇيغۇر يازغۇچى،رەسسام، تارىخچى، سەنئەتكارلارنىڭ ئورتاق تونۇشى ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن ئاممىۋى كۈچكە ئىگە مۇراجىئىتى بولۇپ، بۇ مۇراجىئەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى سۆيگەن، ئۇيغۇرنىڭ ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇمىغان، ئەجدادلىرى بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشلەرنى كېلەچەك ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ئۇيغۇرنىڭ تارىختىكى مەيدانىدا تۇرۇپ بۈگۈنكى مىللىي ۋە مەدەنىيەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىستەكلىرىدە بولۇۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر ۋەتەن سۆيەر ۋە مىللەت سۆيەرلىرىنىڭ جىددىي ئويلىنىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشنىمىز.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( F8 j/ Z9 e# b7 |9 M

بۇ ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرلەرگە تولغان سەپرىمىز ئاياغلاشتى. يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن سۆزگە چىققان .... باش كاتىپى ھورى تاكەئاكى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا سۆز قىلىپ: “مەن بۇ سەپەر جەريانىدا موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى گوبى چۆللۈكلىرىدىن بىر تال گۈل ئىزدەپ تېپىشنى كۆڭلۈمگە پۇتكەن بولساممۇ ئافرىقىدىكىگە ئوخشاش يەنىلا ئۆزۈم ئىزدىگەن گۈلنى تاپالمىدىم ئەمما ئۇ گۈلدىنمۇ ئارتۇق بىر نەرسە تاپتىم- ئۇ بولسىمۇ ئورال ئالتاي بىرلىكىنىڭ چىن دوستلۇقى. بىز سەپەر داۋامىدا يامغۇردا بولسۇن ياكى  پژىرغىن ئىسسىقتا بولسۇن دائىىم دېگەندەك كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپ، ئىسسىق-سوغۇققا چىداپ، يايلاقمۇ يايلاق، ئۇ تاغدىن بۇ تاغقا، بۇ تاغدىن ئۇ تاغقا توختىماي سەپەر قىلدۇق…بىز سەپەر داۋامىدا ئۆزىمىزنى قاتتىق چېنىقتۇردۇق ۋە بۇ سەپەر ئارقىلىق بىز ھەقىقى ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكىنىڭ ھۇلىنى سالدۇق. مەن بىزنىڭ پارلاق كېلەچىكىمىزنىڭ بارلىقىغا ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزنىڭ چوقۇم نەتىجىلىك بولىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچىدىمەن.”


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ V- F# x8 S. s/ s( T" q( T8 f" w

ئەڭ ئاخىردا موڭغۇلىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئاكادېمىيىسىنىڭ مەسئۇل ىساھىپخان گ مەند-ئوئويو ئەپەندى يىغىن ئەھلىگە خوشلىشىش سۆزى قىلغاندىن كېيىن“3-نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” نىڭ يىغىنى رەسمىي ئاياغلاشقانلىقى ئېلان قىلىندى ۋە يىغىن ئەھلى بىر- بىرلىرى بىلەن خوشلىشىپ، ئۆز-ئارا ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشۈپ يىغىن زالىدىن ئايرىلدى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& c0 \+ t4 b8 G+ jموڭغۇلىيىدىكى ئۇيغۇرلاربۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* ?4 _: b6 _; W9 {: ?7 V6 L8 n
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 E8 l( I  z& R: b, z4 o  Q

مىلادى 843-يىلى ئوردا بالىقنى پايتەخت قىلغان ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى زاۋاللىققا يۈزلەنگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار شەرق، جەنۇب ۋە غەربىي جەنۇب ئۇچ يۆلىنىشكە بۆلۇنۇپ كۆچۈپ، شەرىقى يۆلىنىشى سېرىق دەرياسىنىڭ جۇنۇبلىرىغىچە،جەنۇبىي يۆلىنىشى كەڭسۇ ۋە كۆكنۇر (ھازىرقى جۇڭگۇنىڭ گەنسۇ ، چىڭخەي ئۆلكىلىرى) گىچە، غەربىي يۆلىنىشى ھۇن ۋە تۈرك ئىمپېرىيىلىرى دەۋرلىرىدىن تارتىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىماللىرىدا تۇرپان، تارىم ۋادىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زېمىنلاردا ياشاپ كەلگەن يەرلىك توققۇز ئوغۇز (ئۇيغۇر) قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنى ۋە قاراخانىيلار دۆلەتلىرىنىنى قۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ دۆلەتچىلىك تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىلىرىنى ئاچىدۇ….

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' H* |5 ]+ J! d* ]

ھازىر بۈگۈنكى موڭغۇلىيىدە ئەڭ ئاز بولغاندا تەخمىنەن 5 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. ئۇلار ئاساسلىق موڭغۇلىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى رۇسىيە ۋە جۇڭگۇ بىلەن 40 كىلومېتىر چېگرىداش بولغان ئالتاي تاغلىرىنىڭ شەرقى بۆلگىگە جايلاشقان بايان ئۆلگەي (ئۆلگىىى) ئايمىغى ۋە خوبدا، زاپخۇن قاتارلىق شەھەرلەرنى مەركەز قىلىپ قازاقلار بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، يەنە ئاز بىرقىسىم ئۇيغۇرلار ئۇلانباتور شەھىرىدە ياشايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەۋلادلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مانجۇ زۇلۇمدىن قېچىپ، تىرىكچىلىك قىلىش يوللىرىنى ئىزدەپ ئاتۇش، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق يۇرتلاردىن كۆچۈپ كەلگەن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 W% d' t! g9 S5 z' f

ئۇيغۇرلار ئەينى زاماندا موڭغۇلىيىگە ئۇيغۇرنىڭ تاماقلىرى، يېزائىگىلىك ۋە قۇرۇلۇش قاتارلىق ھەر خىل ھۈنەر-كەسىپلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە موڭغۇلىيىگە ئېلىپ كېلىپ چارۋىچى موڭغۇل خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولغانلىقنى موڭغۇلىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، 1957-يىلى موڭغۇلىيىدىن ۋەتەنگە قايتقان ئابدۇراخمان ئەبەي ئەپەندى ئۆزنىڭ ۋە بارلىق موڭغۇلىيىدە ياشىغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھايات سەرگۇزەشتىللىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ يازغان “موڭغۇلىيىدىن ۋەتىنىگە قايتقان ئۇيغۇرلار”ناملىق ماقالىسىدە شەرھلەيدۇ.   


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* V" n7 s( k2 P8 M' V7 @+ m+ Wئەڭ ئاخىرقى سۆزبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' x& G% T. A0 @$ C8 I
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' J/ }3 o1 I# a

بۇ يىغىن ئاياغلاشتى. بۇ يىغىن موڭغۇل يايلاقلىرىدا-ئۇيغۇرنىڭ ئاتا تۇپرىقى ئورخۇن بويلىرىدا بىر ھەپتە داۋام قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرىنىڭ قەلبىگە جۈملىدىن ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىگە چوڭقۇر ھاياجانلارنى، تولۇپ تاشقان ئارزۇ-ئارمانلارنى، ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ ئاياغلاشتى...


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 Y2 F; Q# D! |' `1 e2 |2 h

بۇ يىغىن بىزگە بىر قىممەتلىك دەرسخانا، ئۇيغۇرنىڭ كېلەچىكىگە ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى، يولىمىزغا يېڭى نىشانلارنى ئاتا قىلغان بىر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن بولدى. خۇددى بىز بۇ يىل فېۋرالدا تارىختىكى ھۇن بوۋىلىرىمىزنىڭ ھازىرقى دۆلىتى ۋېنگرىيىنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزگەن يىغىنىغا ئوخشاش بىزگە بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى......  تارىخىي قان-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ دۇنيادا كۆپلىكىنى........ قايتىدىن ئەسلەتكىنىگە ئوخشاش بۇ نۆۋەتلىك يىغىندىمۇ ئەينەن تەكرارلاندى…

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: O" J* ~" r$ Z3 U

مەيلى بىز قىزىل باتۇر (ئۇلانباتۇر) شەھىرىدىكى ھەشەمەتلىك يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلاردا بولايلى ياكى كۆلتېكىن، بىلگە قاغان مەڭگۈتاش ئابىدىلىرىنى زىيارەت قىلايلى ياكى خانىۋەيرانچىلىقتا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى مۈكچەيگەن دۆڭلۈكلەر ئارقىلىقلا بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىق(قارابالاساغۇن) شەھەر خارابىلىرىنى زىيارەت قىلايلى ياكى بولمىسا گۈزەل موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىدە پەيدا بولۇپ قالغان ئېزىتقۇ چىغىر يوللارنى بويلاپ خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ سۈكۈتتە ماڭايلى، ھەر كاللىدا ھەر بىر دەقىقىدەبىرلا سو’ئال ۋىجدانىمىزنى تىلغىدى… ئۇ بولسىمۇ “ئەي ئۇيغۇر، ئاتا-بوۋىللىرىڭنىڭ تارىخى سېنىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ سېنىڭ كەلگۈسىىڭ نىچۇن؟ ياكى مىلادى 843- يىلىدىكىدەك ئۇيغۇر سەركەردىسى كۆل بۇقنىڭ ۋەتىنىگە ئاسىيلىق قىلىپ قىرغىزلارنى باشلاپ كېلىپ ئۆز ۋەتىنىنى گۇمران قىلغىنىدەك ياكى 1678- يىلى ئىسلام تونىنى كىيگەن سۇفى - ئىشان ئاپئاق غوجا جۇڭغارلارنى (ئورىيات موڭغۇللىرى) باشلاپ كېلىپ سەئىدىيە ئۇيغۇرخانلىقىنى مۇنقەرز قىلغىنىدەك ۋە ياكى1877- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەت مانجۇ ئىشغالىيەتچى كۈچلىرىنى ئانا تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقارغان ۋە 10 يىل مۇستەقىل دۆلەت سورىغان قەشقەرىيىنىڭ ئەمىر بەدۆلەت ياقۇپ بەگنى كورلىدا خوتەنلىك نىياز بەگنىڭ زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرگىنىدەك ...... يەنە……يەنە…”  تەبىئىيكى بۇ جاۋابسىز قالغان سوراقلارغا جاۋاب تېپىش ئارمانلىرى بىلەن يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەتىنى ئۈچۈن ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلىش بەدىلىگە كۈرەش قىلغان كۈرەشچان ئەجدادلار روھىنىڭ بۈگۈن بىز تاۋاپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىق خارابىلىقلىرىدە، ھەر بىرئۇيغۇرنىڭ قەلبلىرىدە ۋىجدان سوراقلىرى بولۇپ قايتىدىن مۇشۇ دەقىقىلەردە سورالماقتا.......


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( @" _/ W& n8 a) e

“بۇدۇنيادا ئۆلمەيدىغان ئۇلۇغ ھۆكۈمدارلار يوق، ئەڭ كۈچلۈك ئىمپېرىيىلەرمۇ ھامان گۇمران بولۇپ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ خاتىرىسىدىن غايىب بولىدۇ ئەمما ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى ئىنسانلارغا تەۋە بولۇپ ھاياتلىق داۋاملىشىدىكەن، ئىنسان ئەجدادلىرىنىڭ تارىخ مۇساپىسىدە ياراتقان ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلىرى، مەدەنىيەت ئاڭ قۇرۇلمىلىرى، مەدەنىي ۋە تارىخىي مىراسلىرى بۈگۈنكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا ئۆز رولىنى داۋاملىق ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ.”

بىر مىللەتنىڭ تارىخى ئۇ ئۆز ئۆتمۈشىنىڭ ئەينىكىدۇر. ئۇ ئەينەككە قاراپ ئۆز تارىخىنى ياخشى ئۆگەنمىگەن، تارىخىدا ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ساۋاقلىرىدىن ئىبرەت ئالمىغان مىللەت كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆز تارىخىنى يارىتالمايدۇ!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ H+ F+ g. B4 \1 W+ ^; c3 {% qئوقۇرمەنلەرگە رەھمەت!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: U- R) v3 w/ H. [  h" m7 n

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 G. V! p% ]* y

2011-يىلى، ئاۋغۇست

ئۇلانباتور، ئالمۇتا، لوندون
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: S( c0 _2 E& R' z0 X* i* n____________________________بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# I. f7 c! y! k- a! e$ o" O9 a2 [
پايدىلانغان بىر قىسىم مەنبەلەر:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 E5 z3 a! T: ?7 a. C/ O9 ^

  خارەزىمشاھلىقى: http://en.wikipedia.org/wiki/Khwarezm_Empire

[ii] گېرمانىيىدە تۇغۇلغان رۇسىيىلىك تۈركولوگ ئالىم ۋاسىلي ۋاسىلىەۋىچ رادلوفمۇ تەستىقلايدۇ: http://en.wikipedia.org/wiki/Wilhelm_Radloff

[iii]  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن “ئورخۇن ۋادىسى مەدەنىي يادىكارلىقلار رايونى” دېگەن نام بىلەن 2004- يىلى قوغدىلىدىغان دۇنيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

[UNESCOCulture World Heritage List Orkhon Valley Cultural Landscape] http://whc.unesco.org/en/list/1081

[iv]   سۈكھابااتار مەيدانى: http://www.mongolianart.de/01_mo ...agiin_elbegdorj.htm

[v]  ئەردەنە زۇۇ “يۈز بايلىق” دېگەنمەنىنى بىلدۈرىدۇ

[vi]    :قاراقۇرۇم ئەردەنە زۇۇبۇتخانىسى http://en.wikipedia.org/wiki/Erdene_Zuu_monastery

[vii]    قاراقۇرۇم  http://www.bluemongolia.com/kharakhorum.html
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 D6 q5 |, O# }6 E1 r

[viii]  ''ئۇيغۇر قەدىمىي يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما'' دېگەن كىتابنىڭ 24، 25، 26- بەتلىرىگە قارالسۇن. كىتابنى تۈزگۈچىلەر ئابدۇقېيۇم غوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ. 1983- يىلشىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى. كىتاب نومۇرى: م7098.55

[ix]  شەرىقى تۈرك خاقانلىقى:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 U8 |, i0 \7 k  x' A* R. ^; Y

http://www.heavengames.com/cgi-b ....cgi?action=ct&f=10,5596,1590,all

[x]  قەدىمكى تۈرك يېزىقى 38 دىن40 گىچە ھەرىپ-بەلگىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ ئاتىلىشى ھەرخىل. بۇ يېزىقتا ئويۇلغان مەڭگۈتاشلار موڭغۇلىيىدىكى ئورخۇن–يېنسەي دەريا ۋادىسىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن “ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى” دەپ ئاتالغان بولسا بۇ يېزىقنىڭ شەكلى شىمالىي ياۋروپادا قوللىنىلىدىغان رۈنىك يېزىقىغىمۇ ئوخشايدىغانلىقىغا قاراپ ئۇنى “رۈنىك يېزىقى” ياكى “تۇرك-رۈنىك يېزىقى” دەپمۇ ئاتايدۇ.

[xi]  بۇ ھەقتە “كونا تاڭنامە” 194-جىلدىدا تۆۋەندىكىچە خاتىرىلەر پۈتۈلگەن: “كۆلتېكىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇەنزوڭخان جىن ۋۇژاڭجۇن ئۇنۋانى بىلەن ژاڭ قۇيۇ ۋە دۇگۇان لاڭژۇڭ ئۇنۋانلىق لۇيشىاڭلارنى خاننىڭ مۆھرى بېسىلغان تەزىيەنامە بىلەن (تۈرك خانلىقىغا) ئەۋەتتى ۋە مەڭگۈتاش تىكلىدى. خاننىڭ ئوز قولى بىلەن يېزىپ بەرگەن تەزىيەنامىسى ئويدۇرۇلدى”. يەنە بۇھەقتە “يېڭى تاڭنامە2 نىڭ 215-جىلدىدا مۇنداق خاتىرىلەر بار “شۇەنزوڭ خان ماھىر نەققاشتىن 6 كىشىنى تۈرك خانلىقىغا ئەۋەتتى. ئۇلار تۈرك خانلىقىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەيران قالارلىق سۇرەت-نەقىشلەرنى ئويدى. بىلگە خاقان بۇنى كۆرۈپ تەسىرلەنگەنلىكىدىن تېخىمۇ قايغۇ ئۇردى”.  “ئۇيغۇر قەدىمىي يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما” دېگەن كىتابنىڭ 62-63 بەتلەر.

[xii]  “ئۇيغۇر قەدىمىي يازمايادىكارلىقلىرىدىن تاللانما”  دېگەن كىتابنىڭ 77، 78، 79- بەتلىرىدىنئېلىندى

[xiii]   بەتلەرگەقارالسۇن  100،، 101، 102، 103-“ئۇيغۇر قەدىمىي يازما يادىكارلىقلىرىدىنتاللانما”  دېگەن كىتابنىڭ

[xiv]   بايانچۇر خان(مويۇنچېر)  http://en.wikipedia.org/wiki/Bayanchur_Khan

[xv] بايانچۇر خان (مويۇنچېر)  http://en.wikipedia.org/wiki/Bayanchur_Khanبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 g; z8 J2 C- D" b4 l% H

   قۇتلۇق بىلگە قاغان (گۈلى پەيلو) http://en.wikipedia.org/wiki/Kutlug_I_Bilge_Kagan

[xvi]  بەتلەرگە قارالسۇن 114, 115,116-“ئۇيغۇر قەدىمىي يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما”  دېگەن كىتابنىڭ

[xvii]    ئورخۇن دەرياسى: http://en.wikipedia.org/wiki/Orkhon_Riverبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ @/ n; ]8 J7 `7 @; I0 B8 T

[xviii]  تۈركىيە ترت خەۋەر ئاگېنتلىقى خەۋىرى - موڭغۇلىيىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مازار  (Moğolistan'daUygurlara Ait Mezar): http://www.trt.net.tr/Haber/Habe ... e-a165-906ab76e2a83

[xix]   ''ئۇيغۇرلار كىم ؟''
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ p( Y; J: z2 ~& e7 J. S

[Whoare the UYGHURS and what is the PEN?] By G Mend-Ooyo Mongolian poet and writer:

[xx]   ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىلىق (شەھەر بالىلىق) شەھىرى توغرىسىدا: http://en.wikipedia.org/wiki/Ordu-Baliq

10 [xxi]-ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ “تۈركىي تىللار دىۋانى” كىتابىدا “بالىلىق” سۆزىنىڭ “شەھەر” دېگەنمەنىسىنى بىلدۇردىغانلىغىنى بايان قىلغان –ئاپتوردىن.

[xxii] ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچەتارىخى  ............

[xxiii]   موڭغۇل ئىسمىنىڭ كېلىپ چىقىشى..........

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-7 12:54 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" K" o' X( s$ X; C* t8 z/ H

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  r" @9 \) F0 ?7 ^* X. F: \

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40708
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1729 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 10:22:58 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ajrigizga kup taxakkur    nahayti isil    tarihi  bilimdin tamin atkinigiz ga rahmat

111

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 784
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2156
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 11:03:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.....موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلەت تۇپرىقىدىكى مەدەنىي-يادىكارلىقلارنى قوغداش جۈملىدىن ئورخۇن دەريا ۋادىلىرىدىكى تۈرك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن دۆلەت دەرىجىلىك قوغداش تۇرلىرى تولۇق ئەمەلىيلەشمىگەن ئەمما 2004-يىلى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئورخۇن ۋادىلىرىدىكى تۈرك مەدەنىيەتيادىكارلىقلارنى قوغداش ئىلتىماسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەتمەھكىمىسى تەرىپىدىن “خەلقئارالىق قوغدىلىدىغان تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى” تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن بىر تۈرلۈك قوغداش ئىش تۇرلىرى تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەل مەملىكەتلىرىنىڭ ياردىمىدە قانات يايدۇرۇلغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 C$ U8 W$ `4 E$ i3 s% Z. g......كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈ تاشلىرى قويۇلغان جايلارنىڭ ئەسلى ئورنى مۇكەممەل تام سېپىللىرى بىلەن قورشىلىپ مۇداپىئە قىلىنغان بولۇپ، مۇزېيخانا 400 مېتىر شىمال تەرەپكە ياسالغان. مۇزېي ئىچىگە كۆلتېكىن ۋە بىلگە قاغاننىڭ مەڭگۈتاش ئابىدىلىرى بىلەن بىرگە بۇ يەردىن تېپىلغان 6-7-ئەسىرلەردىكى كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسىگە ئائىت باشقا تارىخىي يادىكارلىقلارمۇ قويۇلغان. بۇ مۇزېينىڭ مۇكەممەلكى، ئىچىگە قويۇلغان تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ موللىقى بىلەن سىزنى ھەيرانۇ- ھەۋەستە قالدۇرىدۇ چۈنكى بۇ سىزنىڭ ئەجدادلىرىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن 1300 يىللار ئىلگىرىكى بىز تۈرك ئەۋلادلىرىغا قالدۇرغان بىردىن بىر كۆز بىلەن كۆرگىلى، ئوقۇغىلى ۋە قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان ئاتا مىراسلىرىدۇر.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 S, I, i7 x" ^
  ....سىز تەقدىر نېسىپ ئەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ مۇزېيغا زىيارەتكەكەلسىڭىز ئۆزىڭىزنى لوندون ياكى پارىژدىكى ھەشەمەتلىك مۇزېيخانىلاردىنمۇ نەچچەھەسسە ئارتۇق زوق ئالىدىغانلىقىڭىزغا جەزمەن ئىشىنىمەن!
  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 d/ z8 q: P0 l0 o" q; Oبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* }/ l8 e5 R' N% W9 _; m+ U
   كۆلتېگىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ  تام-سېپىللار بىلەن قورشالغانلىقى ئادەمنى خوشاللاندۇردىغان ئىش بوپتۇ! بىر كۈنلەردە ئۇ جايلارنى كۆرۈشۈمۈزگە نىسىپ قىلغاي!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 N% p9 Y& M& k  P7 s% G! |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 784
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2156
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 04:30:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ئەپسۇس گەرچە 2004-يىلى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) شەھەر خارابىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورخۇن ۋادىلىرىدىكى تۈرك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئىلتىماسى بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ “خەلقئارالىق قوغدىلىدىغان تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى” تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ بۇ ھەشەمەتلىك دۇنياۋى تەشكىلاتنىڭ ياكى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىكلىرىنى قوغداش شەپقىتى تېخى يىتىپ كەلمىگەن ئىدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  D7 c) H2 u6 F$ w$ K
  ...يىغىن سەپىرىدە بىرگە بولغان بىرقانچە ئۇيغۇر پېشقەدەم يازارلىرىمىز ۋە زىيالىيلىرىمىز بىلەن ئوردۇ بالىلىق(قارابالاساغۇن) شەھەر خارابىلىكلىرىنى قانداق قوغداپ قېلىش توغرىسىدا قىزغىن مۇنازىرىلەر قىلىشتۇق ۋە ئاخىردا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نۇقتىدا ئورتاق بىر تونۇشقا كەلدۇق
:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 q/ s$ A7 d8 b$ P7 E1 p. n7 h4 W' N
  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 x* p6 L; ~3 ~ ئاشۇ تەكلىپلەر ئەمەلگە ئاشسا،  ئوردۇ بالىق ( قارا بالا ساغۇن)مۇ كۆلتېكىن، بىلگە قاغان تېشىدەك  قوغدۇلۇپ، موزىي بولالىسا، ئاندىن ئۇ يالدامىلار يەر شارىدىن ئۆچۈپ كەتمىگۈدەك.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' A) ^9 X2 Y: E; Z! j: r  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  L- ~- J+ k7 R3 h7 \, c* z

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 784
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2156
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 04:40:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى بىز قىزىل باتۇر (ئۇلانباتۇر) شەھىرىدىكى ھەشەمەتلىك يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلاردا بولايلى ياكى كۆلتېكىن، بىلگە قاغان مەڭگۈتاش ئابىدىلىرىنى زىيارەت قىلايلى ياكى خانىۋەيرانچىلىقتا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى مۈكچەيگەن دۆڭلۈكلەرئارقىلىقلا بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىق(قارابالاساغۇن) شەھەر خارابىلىرىنى زىيارەت قىلايلى ياكى بولمىسا گۈزەل موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىدە پەيدا بولۇپ قالغان ئېزىتقۇ چىغىر يوللارنى بويلاپ خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ سۈكۈتتە ماڭايلى، ھەر كاللىدا ھەر بىر دەقىقىدەبىرلا سو’ئال ۋىجدانىمىزنى تىلغىدى… ئۇ بولسىمۇ “ئەي ئۇيغۇر، ئاتا-بوۋىللىرىڭنىڭ تارىخى سېنىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ سېنىڭ كەلگۈسىىڭ نىچۇن؟ ياكى مىلادى 843- يىلىدىكىدەك ئۇيغۇر سەركەردىسى كۆل بۇقنىڭ ۋەتىنىگە ئاسىيلىق قىلىپ قىرغىزلارنى باشلاپ كېلىپ ئۆز ۋەتىنىنى گۇمران قىلغىنىدەك ياكى 1678- يىلى ئىسلام تونىنى كىيگەن سۇفى - ئىشان ئاپئاق غوجا جۇڭغارلارنى (ئورىيات موڭغۇللىرى) باشلاپ كېلىپ سەئىدىيە ئۇيغۇرخانلىقىنى مۇنقەرز قىلغىنىدەك ۋە ياكى1877- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەت مانجۇ-چىن ئىشغالىيەتچى كۈچلىرىنى ئانا تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقارغان ۋە 10 يىل مۇستەقىل دۆلەت سورىغان قەشقەرىيىنىڭ ئەمىر بەدۆلەت ياقۇپ بەگنى كورلىدا خوتەنلىك نىياز بەگنىڭ زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرگىنىدەك ...... يەنە كىملەر سېنى قايسى ئوتلارغا تاشلاپ كۆيدۈرەر؟! يەنە كىملەر ساڭا زەھەر بېرەر؟.......يەنە……يەنە…”  تەبىئىيكى بۇ جاۋابسىز قالغان سوراقلارغا جاۋاب تېپىش ئارمانلىرى بىلەن يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەتىنى ئۈچۈن ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلىش بەدىلىگە كۈرەش قىلغان كۈرەشچان ئەجدادلار روھىنىڭ بۈگۈن بىز تاۋاپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىق خارابىلىقلىرىدە، ھەر بىرئۇيغۇرنىڭ قەلبلىرىدە ۋىجدان سوراقلىرى بولۇپ قايتىدىن مۇشۇ دەقىقىلەردە سورالماقتا.......بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% Q" W8 Q% H2 `
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& C. n# Y& [! q- ]
843-يىلدىكى كۆل بۇقا، 1678-يىلدىكى ئافاق غوجا، 1877-يىلدىكى نىياز ھېكىمبەگ ...بۇلار ئۆز ۋاقتىدىكى ھاكىمىيەتنى ۋەيران قىلغانلاركەن...

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4254
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19736
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1550 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 09:40:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل. ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى باغراشتا يۇقتۇرۇپ ئۇقۇيتۇم. مىسرانىمدىمۇ كۆرگەنلىكىمدىن خۇشالمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106400
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2014-4-25
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 07:12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز،تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم،ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۇنتۇلماس تدەرسلىكنىڭ ئورنىدىكى ماقالىكەن،ماقالىدا ‹‹ئەنلۇشەن توپىلىڭى›› دەپ ئېلىنىپتۇ، ئۇيغۇرچىسى ‹‹ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى››دىيىلىدىكەن،ئىشقىلىپ ساقلىۋالغۇدەك ماقالىكەن،مۇمكىن بولسا يەنە مۇشۇنداق ئېسىل تىمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن،سوراپ باقسام سىز مۇشۇ ماقالىدىكى بىرەر كىشىمۇ،ياكى سىزمۇ ئەشۇ نەق مەيداندىكى شاھىدمۇ؟ بەك قىزىقىپ قالدىم،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز، ،،،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% l" o; D7 y2 Nمېنىڭ ئارزۇيۇممۇ شۇ ئىدى چوقۇم ئارخولوگ بولۇپ ئەشۇ ئورخون ۋادىسىنى قېزىپ باققۇم باتى،ئەپسۇس ئۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشماي قالدى،بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئۆزۈم ئايلىنىپ كەلگەندەك بولدۇم، رەھمەت سىزگە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# p: c( T( e) g  ئەگەر بىزنىڭ ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئىچىدە ئارخولوگىيەدە ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان قېرىنداشلار بولسا ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە ئۆز نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ باقسا دىگەن ئۈمۈدتىمەن، بىر ئىش دىگەن قىلماسلىقتىن قالىدۇ،ئۆزىمىز ئىگە بولمىساق خەق بىزگە ۋاكالەتەن ئىگە بولمايدۇ،تۈركىيە ئۆز ئاتا بوۋىللىرىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسلىرىنى قوغداپ قاپتۇ،ئەپسۇس بىزنىڭچۇ؟ تالادا تاشلىنىپ قاپتۇ،بۇنى ئوقۇپ بىر خىللا بوپ قالدىم... بىزدىنمۇ ئەشۇنداق مىراسلارغا ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ‹‹ئەلكۈيى››ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە،زېرىكمەي ئولتۇرۇپ خەت باسقان بارماقلىرىغا دەت بەرمىگەي، يەنە مۇشۇنداق ماقالىلەرنى كۆپلەپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز،،، رەھمەت.

ئىماننى تاشلىساڭ جەننەتتىن ئايرىلىسەن،قولۇڭدىكى قىلىچنى تاشلىساڭ جېنىڭدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106450
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2014-4-27
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 07:37:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
HLB يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 07:12 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& y& P/ h; {( f) R8 R* S8 Z
بەك ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز،تەپسىلى ئوقۇپ چىقتى ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( `. `# h4 D7 ^. M% |& D' n1 Mسالامۇ ئەلەيكۇم! رەخمەت ئىنىم، بۇ ماقالىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزدىن سۆيۇندۇم. ئەلبەتتە مەنمۇ سۆز-ئاتالغۇلارنى ئىمكان با ئانا تىلىمىزدا يېزىش ۋە سۆزلەش تەرەپدارى.  ياخشى بىر تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ مۇندى كېيىن ماقالىدا ئېيتىلغان ‹‹ئەنلۇشەن توپىلىڭى›› نى ئۇيغۇرچە ‹‹ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى›› دەپ ئوقۇپ كېتىىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) S4 l3 w1 Y! T4 Fبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 g6 Q6 v, A6 w
توغرا، مەن بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ۋە ئورخۇن بويلىرىنى زىيارەت قىلغۇچى. بۇ ماقالىدىكى ئەڭ ئاخىرقى رەسىمدە سولدىن بىرىنچىسى مەن شۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 G$ ]3 a( O$ u( N8 Y

قاراڭغۇدىن زارل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17347
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8182
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 08:08:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۆھتىرەم ئۇقۇرمەنلەر ،قېرىنداشلار بۇ مۇبارەك يازمىنى كۈرۈۋېتىپ  يەنە ۋاقىتلىق ئۇقۇشماسلىق يۈزبىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىچىككىنە ئىزاھات بەرگۈم كەلدى .ئىككى ھەپتە  بولدى  .دوس بىرادەرلەر،يېقىنلاردىن  بىر نەچچە قېتىم تېلفۈن كەلدى .[ «ئۇرخۇن بويلىرىغا سەپەر ››ناملىق يازماڭ بەك ياخشى چىقىپتۇ...مۇبارەك بولسۇن!]مەن بىر-بىرلەپ شۇنداق دىدىم ؛[ئۇ يازمىنى ئىسمىمىز ئوخشاش بولغان بىلەن مەن يازمىدىم ...باشقا ئەزىز ئەيسا يازدى ...تەخەللۇسىمىزمىزغا قاراڭلار ].....بۇ يەردە  يازما ئىگىسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىگە ئالاھىدە ھۆرمىتىمنى،رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن مىسرانىمدىكى  ئەزىزلەرمۇ شۇنداق چۈشىنىشىڭىلارنى ئالدىن سەمىڭلارغا سالىمەن .ھۆرمەت بىلەن ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-6 08:09 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  m: Y4 J1 L: g& u* uبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" E, K: Q1 L$ b

قاراڭغۇدىن زارلانماي شام ياندۇر !

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4243
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28761
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 01:24:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilqut يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 10:40 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: f6 V, t+ ^" v# S3 @  ~: x
ئوقۇپ بولالمىدىم، لېكىن ئېسىل تېمىدەك قىلىدۇ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: R/ ^  K" U  s5 o0 A
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, W0 S- d% I, S& n; W7 {8 Y3 w9 z7 }
مەن يىغىنچاقلاپ دەپ بىرەي : بۇ تىمىدا ئاساسلىقى بىر تۈركۈم تارىخشۇناس ، زىيالىلارنىڭ  ھازىرقى موڭغۇلىيە دۆلىتى تەۋەسىدىكى ئورخۇن دەرياسى ۋادىلىرىغا جايلاشقان بىزنىڭ قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئوردۇ بالىق ( قارا بالاساغۇن ) شەھىرى خارابىسى ۋە شۇ چاغلاردىكى قاغانلار ( بىلگە ، كۆلتېكىن ) قاتارلىقلارنىڭ ئىش ئىزلىرى تەسىۋېرلەنگەن مەڭگۈتاشلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ قوشۇمچە شۇ بۇرۇنقى تارىخنى سۆزلىگەن ھەمدە تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يوقىلىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئوردۇ بالىق شەھەر خارابىلىكلىرىنى قوغداش ، كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇراجىئەت قىلىنغان .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 q0 t  z; J9 t1 M, E
چۈنكى ئۇ تارىخى مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ئاللىقاچان ب د ت پەن مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت تارىخى يادىكارلىق ئورنى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ ئەمما ئاشۇنداق تارىخى مەدىنىي يادىكارلىك ئورنى تاشلىنىپ قېلىنغانلىقى ، بىرەر تال ئابىدە خارەكتىرلىك ۋىۋىسكىمۇ يوقلىقى قوشۇمچە بايان قىلىنغان .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ Y  I6 j! K" o+ l. L0 i  _4 C; f
ئۇ جاي ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تارىخ يالغۇز بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بولماستىن بەلكى باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭمۇ تارىخى دىيىشكە بولىدىكەن . چۈنكى ئەينى چاغدىكى خانبالىق زاۋاللىققا يۈزلەنگەندىن كىيىن ئۇيغۇرلار ئۈچ يۆلىنىشكە قاراپ ئوتتۇرا - غەربى ئاسىيا تەرەپلەرگە كۆچمەن بولۇپ كەتكەن ئىكەن .

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, {9 D3 @3 G8 j- L, fسەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقلىرىدىن ئاۋۋالقى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر خانلىقىغا ئائىت مەزمۇنلار بۇ تىمىدا سۆزلىنىپتۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 U# E" O6 Z2 w5 e# [" S& q1 ?ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى بۇ تىمىدا  بىز پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك بىر تارىخىمىزنى بىلىۋالىدىكەنمىز  .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! M; H" o" }1 s6 i/ g+ `
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-7 01:32 AM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: r+ H6 G' w9 C- Dبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* l5 d  R! `- n* d, h

مۇھتاجىلىق بەك يامان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش