تەجەللىنىڭ ئۈچتۇرپانغا سەپىرى
(كىچىككىنە چۈشۈنۈك:تەجەللى ھەزرەتنىڭ ھۆرمىتى ،يازمىنىڭ قىممىتىنى نەزەرگە ئېلىپ يەنە ئەلداۋا تور بېتىدىن بۇ يازمىنى بۇيەرگە يۆتكىدىم ،يازما ئىگىسى،ھەرقايسى مىسرانىم ،ئەلداۋا تاراتقۇ ئىگىلىرىنى مىنىڭ بۇ ئاقساقاللىغىمنى ئەپۇ قىلۇمىكىن؟ )
تەجەللىنىڭ تېبابەتچىلىك، شېئىرىيەت، ئىلمىي نۇجۇم، كالامىزم جەھەتتىكى بىلىمى ناھايىتى مول بولۇپ، ئۇنىڭ داڭقى ئالتە شەھەرگە كەڭرى يېيىلغانىدى. ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئىلىمخۇمارلار تەجەللى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشنى، ئۇنىڭ ئىككى كەلىمە سۆزلىرىنى ئاڭلاشنى، مۇبارەك چىرايىنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىشاتتى. شۇ قاتاردا ئۈچتۇرپاندىكى ئىلىمخۇمارلار ئارىسىدىمۇ تەجەللىگە ئىخلاس قويىدىغانلار كۆپ ئىدى. ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، ئۈچتۇرپان ھاكىمى تاجىۋاڭنىڭ مەخسۇس مۆھۈرى بېسىلغان بىر تەكلىپنامىنى تەجەللى ھەزرەتلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا يوللاشتى.
بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە تەجەللىنىڭمۇ سەپەر قىلىپ، كەڭ ئىلىم ئەھلى بىلەن ئۇچراشقۇسى، يۇرت كۆرۈپ، كۆكسى - قارنىنى ئاچقۇسى كېلىپ قالغانىدى. 1924 - يىلللىرى كۈز ئېيىدا، تەجەللى ھەزرەتلىرى ئۈچتۇرپان خەلقىنىڭ مۇبارەك تەكلىپىگە ئاساسەن بىر قانچە مۇرىت، تالىپلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۈچتۇرپانغا كېلىپ، بۇ يەردە تاجىۋاڭ قاتارلىق ئەمەلدارلار، ئابدۇۋايىت داموللام قاتارلىق يۇرتنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرى ۋە نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. شۇنىڭ بىلەن تەرەپ - تەرەپكە خەۋەرچىلەر ماڭغۇزۇلۇپ، كەلپىن، ئاۋات، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن كۆپلىگەن ئىخلاسمەنلەر، ئۆلىما، تالىپلار ئۈچتۇرپانغا جەم بولۇپ، تەجەللىنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا جەم بولۇشتى. ئۈچتۇرپان شەھىرىنى قىزغىن كەيپىيات قاپلاپ، ھەممە ئادەمنىڭ چىرايىدىن بىر خۇشاللىق ئالامەتلىرى جىلۋە قىلاتتى.
تەجەللى ئۈچتۇرپانغا كېلىپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ئابدۇۋايىت داموللام بىلەن تەجەللىنىڭ بىر داستىخاندا ئولتۇرىدىغانلىقى بېكىتىلدى. ئابدۇۋايىت داموللام ئوسمان داموللام قاتارلىق ئوندەك چېچەن، ناتىق تالىپلىرىغا تەجەللىدىن سورايدىغان سوئاللىرىنى بەلگىلەپ، ئۇلارغا ئالاھىدە ۋەزىپە تاپشۇردى. يەنى ئۆزى ئالدى بىلەن نەزمە ئارقىلىق سوئال سورايدىغانلىقىنى، تەجەللى مۇبادا بۇ سوئالغا نەزمە ئارقىلىق جاۋاب بېرەلىسە، تالىپلىرىغا باشقا گەپ قىلمايدىغانلىقىنى، ئەگەر جاۋاب بېرەلمەي قالسا، ئوڭ كۆزىنى قىسىپ بەلگە بېرىدىغانلىقىنى، شاگىرتلىرىنىڭ تەجەللىدىن كەينى - كەينىدىن سوئال سورىشى لازىملىقى، بۇ سوئاللارغا تەجەللى جايىدا جاۋاب بېرەلىسە، ئۇنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى؛ جاۋاب بېرەلمىسە، ئۇنىڭ كاتتا ئالىملىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئادەتتىكىچە كۈتۈش بىلەن بولدى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. پىلان بويىچە ھاكىم تاجىۋاڭنىڭ ھويلىسىدا داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش سورۇنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇنىڭغا تاجىۋاڭ قاتارلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرى، زۇنۇن ھاجىم، ئابدۇقادىر ئاقساقال، ئابدۇۋايىت داموللام قاتارلىق ئۆلىمالار ۋە نەچچە ئون تالىپلار، جۈملىدىن ئوسمان داموللام قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.
كىشىلەر قىزغىن پاراڭغا چۈشكەندە ئابدۇۋايىت داموللام ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىگە سۆز ئېلىپ، تەجەللىگە قارىتىپ نەزمە ئوقۇپ ھال - ئەھۋال سورىدى. ئۇنىڭ نەزمسى پارسچە بولۇپ، سورۇن ئەھلىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇردى.
تەجەللى ھەزرەتلىرى ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن سورۇن ئەھلىگە قاراپ، رەھمەت، ئۆزلىرىنىڭ ماڭا نەزمە ئېيتقانلىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. مەن قەشقەردىكى ۋاقتىمدا تەلچىنىڭ شەھىرىدە بىر كاتتا ئالىم يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىغانىدىم. بۈگۈن قادىر ئاللا، دەل شۇ ئالىم بىلەن مېنى داستىخاندا بولۇشقا داخىل قىپتۇ، نەزمىڭىزگە نەزمە بىلەن جاۋاب بەرمىسەم، قاغىلىقتىن كەلگەن تەجەللىنىڭ ھالى شۇنچىلىك ئىكەن دەپ قالارسىز دەپ، داستىخاندىكى نازۇ نېمەتلەرنى مەدھىيىلەپ پارسچە نەزمە ئوقۇدى ....
تەجەللىنىڭ نەزمىسى ئابدۇۋايىت داموللامغا تولىمۇ يېقىپ كەتتى. ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، تەجەللى ھەزرەتلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن قۇچاقلاپ تۇرۇپ:
_ ھەزرەتلىرى ئۆزلىرى مېنىڭ ھازىر، بۇنىڭدىن كېيىن ۋە باقىي ئالەمدىكىمۇ ئۇستازىم، مەن سىلىنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيمەن دەپ، يېنىدىن ئەللىك سەر تەڭگىنى چىقىرىپ، تەجەللىنىڭ ئالدىغا قويدى ۋە بۇنى سەپەر جەريانىدا ئاز بولسىمۇ خىراجەتكە لازىم قىلارلا، - دېدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ تەجەللىنىڭ مۇبارەك سىيماسى كۆپچىلىككە قايتىدىن ئۆز سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى مېھماندارچىلىقتا، تەكرار داستىخان سېلىنىش ئارىلىقىدا تەجەللى تەكلىپ بىلەن تاجىۋاڭنىڭ قىزىنىڭ كېسىلىنى كۆردى. خانقىزنىڭ بىتاپ بولۇپ قالغىنىغا خېلى يىللار بولۇپ قالغان بولۇپ، تېۋىپلارغا كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ شىپا تاپالمىغانىدى. تەجەللى خانقىزنىڭ تومۇرىنى دىققەت بىلەن تۇتۇپ كۆرۈپ، ئىككى ئالقىنى، ئىككى تاپىنىغا ئىككىدىن تۆتنى ئۇرۇپ قويدى - دە، تاجىۋاڭدىن قىزنىڭ كۈيەسى بارمۇ دەپ سورىدى. «ياق» دەپ جاۋاب بەردى تاجىۋاڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك. بۇ گەپنى ئاڭلاپ، تەجەللى تاجىۋاڭغالا _ ۋاي غوجام لەگلەك ئۇچۇش مۆھلىتىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئۇنى خالىغان جايغا ئۇچقىلى قويساق، بەك ياخشى بولغان بولاتتى، - دېدى. كېيىنكى كۈنلەردە تاجىۋاڭنىڭ قىزى ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بىر يىگىتكە ياتلىق قىلىنىۋىدى، دېگەندەك كېسىلى سەللىمازا ساقىيىپ كەتتى.
تەجەللىنىڭ تېبابەتچىلىك تەرەپتىكى ماھارىتىمۇ ئۈچتۇرپان خەلقى ئارىسىدا خېلى يىللارغىچە يادلىنىپ تۇردى. تەجەللى بۇ قېتىم ئۈچتۇرپانغا كەلگەندە، شەھەر كوچىسىدىكى ئوردا مەسچىتتە بىر قانچە قېتىم دەرس سۆزلىدى. ئۇنىڭ لېكسىيىسىگە ئۈچتۇرپان، كەلپىن، ئاۋات، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن يىغىلغان ئۆلىمالار، تالىپلار، ئىخلاسمەن مۇخلىسلار ئىشتىراك قىلىشتى.
تەجەللىنىڭ ئۈچتۇرپانغا مەشھۇر سەيلىگاھ سوۋۇتقا مازىرىنى تاۋاپ قىلىشى خاسىيەتلىك ئىش بولدى. ئۇ بۇ يەردىكى موللا شاكىر قەبرىسىگە كېلىپ، خەتمىقۇرئان قىلدى، يىغىلغان كىشىلەرگە، موللا شاكىرنىڭ ئىنشا، شېئىرىيەت ۋە مەنتىق ئىلمىدە كامالەتكە يەتكەن ئالىم ئىكەنلىكىنى، يەكەندىكى چېغىدا ئۇنىڭ «زەپەرنامە» ناملىق داستانىنىڭ پارسچە نۇسخىسىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ پاساھەت ۋە بالاغىتىدىن بەھرە ئالغانلىقىنى زوقمەنلىك بىلەن سۆزلەپ، ئۈچتۇرپاندىكى ئۆلىما، تالىپلاردىن پۇرسەت تاپسىلا بۇ زاتنىڭ مۇبارەك قەبرىسىگە كېلىپ، ئۇنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ قويۇپ قايتىشىنى تاپىلاپتۇ. ھەمراھ بولغۇچىلار، تەجەللى ھەزرەتلىرىنىڭ بۇ تەۋەررۈك سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ، باشلىرىنى لىڭشىتىپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن سوۋۇتقا سەيلىگاھى ۋە موللا شاكىر قەبرىسى كىشىلەر تەرىپىدىن يەنىمۇ ئۇلۇغلىنىدىغان بوپتۇ.
http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1543