دوپپا دىگەن ‹‹كىملىك››تۇر
تۆتتاش
بايرام بۈگۈن بولغاچقا دوپپا كەيدىم ئۆزگىچە،
دوپپا كىيىپ يول ئالدىم ئېتىز-قىرلار تۈزگىچە،
ئەمدى سالماي كىيۇرمەن باھار ،ياز ھەم كۈزگىچە،
دىدىم شۇنداق ئاۋامغا قايتىپ كەلگەچ ئۆيگىچە،
دوپپا دىگەن ئودۇمۇم ھاياتلىقتىن ئۆلگىچە.
ئەجداتلىرىم ئۇلۇغلاپ تەۋەرۈك قىپ ساقلىغان،
دوپپا كىيىپ خاسلىقنى، ئۆز-ئۆزىنى ئاقلىغان،
نۆۋىتىدە شۇنداھەم ئەدەپ - ئەخلاق ياقلىغان،
دوپپا بىلەن ئىماننى ،ئېتىقاتنى پاكلىغان،
دوپپا دىگەن‹‹يول خېتى››قۇرۇلتايدىن يانغۇچە.
مەن ئېيتىمەن ناخشىنى، دوپپا ئۇيغۇر ناخشىسى،
دوپپىلاردەك باش كىيىم تېپىلمايدۇ ياخشىسى،
چۈنكى دوپپا نۇر چاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ تاجىسى،
دوپپا مىنىڭ بەلگەمدۇر، مەن بىر ئۇيغۇر تامچىسى،
داستان قىلىپ كۆيلەيمەن بېشىم كۆككە يەتكۈچە.
دوپپا دىگەن‹‹كىملىك››تۇر،بىر مىللەتنى تۇنۇتقان،
پاك ئۇدۇمنى ئەۋلادقا ھېكمەت قىلىپ يۇرۇتقان،
بىراق بەزى گۆدەكلەر بۇ ھېكمەتنى ئۇنۇتقان،
چىقارمىغىن ئىسىڭدىن بىز دوپپىدىن ئۇيۇشقان،
دوپپا ئۇيغۇر ئۇدۇمى، ئەلمىساقتىن كەلگۈچە.
دوپپا بىزنىڭ بەلگىمىز 55 خىل مىللەتتىن،
تاشلىمايلى دوپپىنى ساقلىنىپ بىز ئىللەتتىن،
ئۆگىنەيلى ئۆز-ئارا ئىتىپاقلىق خىسلەتتىن،
نۇرلاندۇرغىن ئۆزەڭنى دوپپا‹‹كىملىك››ھېكمەتتىن،
‹‹دارغا ئېسىلىپ ئۈلىۋال››دوپپىدىن ۋاز كەچكۈچە.
دوپپا كىيگەن قوشناڭغا كۆزلىرىڭنى ياشلىما،
ناماز بوپتۇ ئۆيدە دەپ، دوستلىرىنى باشلىما،
‹‹سەۋىر قىلىڭ››دەپ قولنى، مۈرىسىگە تاشلىما،
‹‹بەلباغ››يوق دەپ بىلىدە، گەدىنىڭنى قاشلىما،
ماتەمسىزمۇ كىيگەن بىز، كىرگۈچە ياش يۈزگىچە.
دوپپا كىيسە ئۆز-ئارا مىھرى تۇنۇش ئۆز بۇلۇر،
ھەۋەس قىلىپ بىزلەرگە ھەممە جايدا كۆز بۇلۇر،
بارچە مىللەت ئىناق دەپ جاراڭلىغان سۆز كىلۇر،
تۇنۇشمىغان كۆڭۈللەر دوپپا بىلەن ئۆز بۇلۇر،
دوپپا كۆرسە دوپپىنى تەكلىپ قىلار تۆرگىچە.
تاشلىۋەتسە كىم ئۇنى ئەلدىن يانار سورىقى،
شۇڭا دائىم بۇلۇدۇ دوپپىلارنىڭ كۆرىكى،
دوپپا دىگەن تەۋەرۇك-ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈكى،
دوپپىلاردىن ياتلاشقان بولماس مىللەت ئۆرنىكى،
قەدىرلەيلى دوپپىنى بۇ دۇنيادى كەتكىچە.
توقسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-6 06:18 AM