|
|
|
|
ئەي ئاتا-ئانا ۋەسىيەتنامە يازدىڭىزمۇبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% T! l' Q) K0 o9 {* f- k
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 E2 c7 n2 ~$ {0 M: d
ئالدى بىلەن بارلىق ئاتا -ئانىلاردىن يۇقارقى قوپال گېپىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن. توغرا بۇ ئادەمنى تولىمۇ راھەتسىزلەندۈردىغان، چوڭلارغا نىسبەتەن ھۆرمەتسىزلىك تۈسىنى بېرىپ قويىدىغان گەپ. چۈنكى ۋەسىيەتنامە دىگەن گەپ بىلەن تەڭ ھەممىمىز ئۆلۈمنى ئەسكە ئېلىشقا مەجبۇر بولىمىز. شۇنداقتىمۇ مەن يەنىلا كىشى تىلغا ئىلىشقا ئەيمىنىدىغان بۇ ئىبارە ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىشنى خالاپ قالدىم.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. w' k' z" j$ P( I, M% S
ھەممىمىز كۆز يۇمالمايدىغان ھەقىقەت شۇكى ئىنسان ھامان ئۆلۈپ كىتىدۇ، ئەتراپىدىكى يىقىنلىرىدىن باللىرىدىن، قەۋم قىرىنداشلىرىن چوقۇم بىركۈنى ئايرىلىدۇ، ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا يىغقان مال-مۆلۈكلىرى ئۆي-ۋاقىلىرى شۇ پىتى قالىدۇ. ئۇنداقتا مەن بۇ يەردە ۋەسياتنامە دېگەن سۆزنى نىمە ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىقىرىپ قالدىم. بۇ سوئالغا جاۋاپ بىرىشتىن بۇرۇن مەن ۋەسىيەتنامە دېگەن سۆزنى ئىزاھلىۋىتەي. مېنىڭ نەزىرىمدە كەڭ مەنىدىن چۈشەنگەندە ۋەسىيەتنامە ئاتا-ئانا، بوۋا-مومىلارنىڭ، ئەۋلادلارغا قالدۇرغان يول كۆرسەتكۈچلۈك رولىنى ئوينايدىغان سۆز-ئىبارىلەر، پەندى-نەسىھەت خاراكتىرلىك يازما ماتىرياللارنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لىكىن مەن بۇ ماقالەمدە تەكىتلىمەكچى ۋەسىيەتنامە ئاتا ئانىلار ئۆلۈپ كېتىشىتىن بۇرۇن بالىلىرىغا ئۆز ئىلكىدىكى مال-مۆلۈك ۋە باشقا نەرسىلەرنى كېيىن قانداق بىر تەرەپ قىلىش، قىرىنداشلار قانداق ئۆتۈش توغۇرلۇق يىزىپ قالدۇرغان يازمىچە كۆرسەتمىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 |2 z9 |9 X% M6 L- P3 d7 ^ قارايدىغان بولساق يىقىنىقى مەزگىللەردە مەتبۇئات ھەم تاراتقۇلاردا ئائىلە ماجرالىرى كۆپرەك تىلغا ئىلىندىغان بولۇپ قالدى. بۇمۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ساقىلنىش تەس بولغان بىر ھادىسە. دىققەت قىلساق ھازىر نىكاھ ماجراسىدىن سىرىت مىراس ماجراسى قانۇن ئورۇنلىرىدا ھەل قىلىش تەس بولغان تولىمۇ مۇرەككەپ بولغان بىر دىلو سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىۋاتىدۇ. كىشىلەر تولا ھاللاردا بۇ مەسلىلەرنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبىنى پەقەت پەرزەنتلەردىنلا ئىزدەپ بۇنداق پەرزەنتلەرنى نادان كۆيۈمسىىز، ۋاپاسىزلارغا چىقىرۋىتدۇ. لىكىن مەن ئويلايمەن بۇ ئىشلاردا ئەڭ بۇرۇن مەسئۇلىيەتنى ئاتا-ئانىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش كىرەك.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' [% n8 i% {9 t: z2 D0 W4 D3 R E: {
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئۇچرىغان بىر ئىش ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ، بىر كۈنى مەن دەرسلىك ماتىريالىنى نۇسخىلاش ئۈچۈن مەكتەپ سېرتىدىكى بىر كومپىيۇتۇر مۇلازىمەت ئورنىغا كىردىم. دۇكاندا ئىشىمنى بىجىرگەچ بىر جۈپ ياشانغان ئۇيغۇر ئەر -ئايالنىڭ كومپىيۇتۇر ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇلازىمەتچى قىزغا ئۇزۇن بىرنەرسىنى يازدۇرۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىم. بىردەم سەپ سالغاندىن كىيىن بۇ ئەر-ئايالنىڭ يازغۇزۋاتقىنىنىڭ ۋەسىيەتنامە ئىكەنلىكنى بىلدىم. بۇ ئىش ماڭا شۇ چاغدا سەل غەلىتەرەك بىلىندى. ئۇلار گەرچە ياشانغان بولسىمۇ تۇرقىدىن خىلى تىمەن، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ مال مۆلۈكلىرى خىلى جىق بولۇپ باللىرىنىڭ سانىمۇ بەش ئالتىدىن كام ئەمەس، ھەممىسى ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ بولغاندەك قىلاتتى. بۇ ئاتا-ئانا قارىغاندا خىلى ئۇقۇمۇشلۇق، ياش چاغلىرىدا جىق جاپا تارتقان، يول ھەم پۇل تاپقان كىشىلەردىن ئىكەنلىكى ئىنىق ئىدى. ئۇلار ۋەسياتنامىنى ماددىللارغا بۆلۈپ ھەر بىر بالىسىغا قانچىلىك يەر، قانچلىك مال- مۆلۈك، قانچىلىك پۇل قالىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بىرمۇ بىر ئىنىق يازدۇرۇپ ئاخىرىدا بۇنى نەچچە نۇسخا قىلىپ چىقىرىپ ئۆزلىرى قول قويۇپ بولغاندىن كېيىن گۇۋاھچىلار بارمىقىنى باسدىغان يەرنى ئايرىپ قويدى. ئۇلارنىڭ شۇنچىلىك ئەستايىدىللىقىغا ھەيران قالدىم. تۇرۇپ ئىچىمدە ئويلاپ قالدىم. بىزدە مۇشۇنداق ۋەسىياتنامە يىزىپ قالدۇردىغان ئاتا-ئانىلارىدىن نەچچىلىك چىقار.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ U$ L! i Q- o9 m مانا ھازىرمۇ شۇ ئىش توغۇرلۇق ئويلىنىپ قالىمەن. ھىلىقى ئاتا-ئانىلار ھازىرمۇ بارمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ باللىرى قانداق ياشاۋاتقاندۇ؟ مېنىڭچە ئاشۇ ۋسىيەتنامە بويىچە ئىش قىلغانلا بولسا، ئۇ پەرزەنتلەر چوقۇم ئىناق ئىتتىپاق، ياخشى ياشاۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىزىدىن بىسىپ يول ھەم پۇل تىپىۋاتىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! J, q; t; M3 [, x+ k
لىكىن ھازىر بىزدە ئاتا-ئانا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن يۈز بىرىدىغان كۆپىنچە ئەھۋال پەرزەنتلەر ئوتتۇرسىدىكى ياتلىشىىش، ئازارلىشىشتىن ئىبارەت. تىخىمۇ ئېغىرى تۈگىمەس مىراس غەۋغاسىغا چۈشۈشتىن ئىبارەت. مەيلى دۆلەت قانۇنىدا بولسۇن ياكى ئىسلام شەرىئىتىدە بولسۇن مىراسنى بىرتەرەپ قىلشتا ئەڭ ئالدى بىلەن مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ۋەسيەتنامىسى ئاساس قىلىنىدۇ. پەقەت ۋەسىيەتنامە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن باشقا تەرەپتىن ئويلىشىدۇ. ئەمما بىزدە كۆپىنچە ئاتا-ئانا ئۆلۈپ كىتىشتىن بۇرۇن ئۆز باللىرىغا ۋەسىياتنامە قالدۇرمايدۇ،(پەرزەنتلەر ئەلۋەتتە بۇگەپنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا دېيەلمەيدۇ). ئەگەر ئاتا-ئانا بالىلارغا ھايات چىغىدا ئىنىق بىر يول كۆرسەتمە بىرىۋەتكەن بولسا كىيىنكى كۈندە بالىلار تۈگىمەن مىراس دەۋاسىغا چۈشمىگەن، ئۆز -ئارا ئازارلىشىپ ئاخىرىدا قىرىنداشلىقتىن كەچمىگەن بولاتتى. ۋە« خەپ ئاتا-ئانىمىز ھايات چىغىدا بىزنى بىر يەرگە چاقىرىپ بۇ ئىشلار توغۇرلۇق ئىنىق بىرنەرسە دەۋەتكەن بولسا قىرىنداشلار بۇنداق بولۇپ كەتمەيتتۇق» دەپ گۇناھنى ئاتا-ئانىدا قويمىغان بولاتتى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ x- U9 E3 h8 }5 G/ |- w: i
مەن يىقىندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىراس توغۇرلۇق سوتقا چۈشكەن بىر ماجرانى ئۇچرىتىپ قالدىم. سوتتا دەۋاغا چۈشكەنلەر جەمئىي بەش قىرىنداش بولۇپ ئۇلار ئاتا-ئانىسى ھايات چىغىدا تولىمۇ ئىجىل -ئىناق ئىكەن. ئات-ئانىسىمۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ھەممسىنىڭ تويىنى قىلىپ ئۆي-ئوچاقلىق قىلىپ قويۇپتۇ، ۋە كېيىن كىسەل سەۋەبى بىلەن ھەر ئىكىلىسى بىر-بىرلەپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. لىكىن ئاتا-ئانىسى ھايات چىغىدا بىرلىكتە ئاتا-ئانىسىغا ياخشى قاراپ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىنلا قىرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە دەز كېتىپتۇ. سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانسىدىن قالغان چوڭ بىر قورا جاي بولۇپ بۇ قورا -جاينى قانداق بۆلۈشۈش توغۇرلۇق ئۇلار ئارىسىدا قاتتىق دە-تالاش بوپتۇ. بالىلارنىڭ كىچىكى قور-جاي ماڭا قالىدۇ، دېسە، چوڭى ئاتا-ئانىمىزنىڭ ھالىدىن مەن جىق خەۋەر ئالغان، شۇڭا قورا - جاي ماڭا تەۋە بولىدۇ، دەيدىكەن.بىرى ئۆينى ساتىمىز دېسە، بىرى ساتمايمىز دەيدىكەن. مۇشۇ جاڭجال بىلەن چىقىشالماي ئۇلار ئاخىرى سوتقا دەۋاغا چۈشۈپتۇ. ھازىر ئۇلار بىرىنجى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي بىر دەرىجە يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلىمىز دەپ تەييارلىق قىلىۋاتقۇدەك.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ b( [, i6 t' b, `: G6 ]! u
ئويلاپ باقايلى مۇشۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا پەرزەنتلەردىن باشقا شۇ ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقمۇ؟ توغرا بۇ پەرزەنتلەردىمۇ مەلۇم سەۋەنىلىك ۋە خاتالىقلار چوقۇم بار. ئەمما ئەگەر شۇ ئاتا-ئانا ھايات چىغىدا ھەممە بالىسىنى ئالدىغا چاقىرىپ تۆت ئادەمنى گۇۋاھچى قىلىپ بۇ مىراس توغۇرلۇق ئىنىق بىر كۆرسەتمە بېرىۋەتكەن بولسا ھازىرقىدەك قىرىنداشلار ئارا جاڭجاللىشىش، ئازارلىشىشىلار يۈز بەرگەن بولاتتىمۇ!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" z/ B$ J7 P' |% v" u بۈگۈنكى تۇرمۇش رىتىمى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ. بىز دۇچ كىلدىغان خىلمۇ خىل ئۆتكۈر زىددىيەتلەر، ئىقتىسادىي بىسىملار بىزنىڭ قىلچە بىپەرۋالىق، ۋە بوشاڭلىق قىلىشىمىزغا يول قويمايدۇ.مۇشۇ تەرەپتىن ئېيتقاندىمۇ ياشلار دۇچ كىلىۋاتقان خىرىس تولىمۇ ئىغىر. چوڭلىرىمىز مانا مۇ شۇ ھەقىقەتنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن چۈشىنىپ يېتىشى، پەرزەنلەرنىڭ ئارىسىغا تۈگىمەس ئاداۋەت ئۇرۇقى تاشلاپ قويماي بەلكى ئۇلارنى ھەق ھىدايەت يولىغا باشلاپ قويۇشى كىرەك .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' H; f5 ^' _. u' R/ f
قاراپ باقسا باقسام ئەسلىدە ئۇيغۇرلادا ۋەسىيەتنامە يېزىش ئادىتى خىلى بۇرۇندىلا بار ئىكەن. ئىسلامىيەت يېتىپ كەلگەندىن كىيىن بۇ ئىش شەرىئەتنىڭ بىر مۇھىم ئەھكامى سۈپىتىدە تەكىتلىنىپتۇ، بۇ توغۇرلۇق ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان مۇنداق بىر سۆزى بار؛«قانداقلا بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەسىيەت قىلدىغان بىرەر ئىشى بولۇپ، ۋەسىيەت ھۆججىتىنى تاماملىماستىن بىر كىچىدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكۈزىشى جائىز ئەمەس» (دىن ۋە ھايات ئىككى مىڭ سوئالغا جاۋاپتىن). بۇ ھەدىستىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى كىشى ئۆلۈم كىلىشتىن بۇرۇن ئۆزى ساق، كاللىسى نورمال، ئەس-ھوشى جايىدا ۋاقتىدا ۋەسىيەتنامە يىزىپ قويىشى كىرەك. ئىنسان قاچان، قانداق ئۆلۈپ كىتىدۇ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئۆلۈم ھەم ياش قىرىغا باقمايدۇ. قۇرئان كەرىمدىمۇ ئالاھتائالا مىراس توغۇرلۇق قىزلارغا، ئوغۇللارغا ۋە باشقا قەۋىم قىرىنداش، ئۇرۇق تۇققانلا ئارا مىراسنى قانداق تەقسىمات قىلىش توغۇرلۇق تەپسىلىي ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ ئاخىرىدا مۇنداق گەپنى قىتىپ قويىدۇ«بۇ تەقسىمات مىيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئېلىپ بىرىلىدۇ.»( سۈرە نىسا 12-ئايەت) بۇ ئايەتتىن مىراسنى تەقسىم قىلىشتا ۋەسىيەتنامىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ ۋەسىياتنامە يىزىش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغىچە ئانچە ئومۇملاشمىغان، بار دېگەندىمۇ بۇ ئىش پەقەت ئوقۇغان مەرىپەتپەرۋەر، ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن. زور كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ ئىشنى مۇھىم دەپ قارىمىغان، ھەم ئىسىىگە ئەكەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىزدە ئاتا-ئانا ھايات چىغىدا قەۋىم قىرىنداش ئۇرۇق تۇققانلار ئۆز ئارا ياخشى، ئاتا-ئانا ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن بىرى -بىرى بىلەن يامان بولۇشىدىغان، قاراشمايدىغان ئىش ئوتتۇرغا چىققان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, H8 `/ J* \, E8 K: m- r8 y, p توغرا بىر كىشىنىڭ ھايات چىغىدا پەرزەنتىگە بەرگەن تەربىيەسى، سىڭدۈرگەن ئەجرى، بەرگەن ئىلمى ۋەسىيەتنامىدىنمۇ مۇھىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن باشتا تىلغا ئالغان كەڭ مەنىدىكى ۋەسىيەتنامىنىڭ ئۆزى شۇ. مۇشۇ بويىچە قارىغاندا ئۆتكەن ئۇلۇغلىرىمىزمۇ بىزگەن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ۋەسىيەتلەرنى قالدۇرغان بولىدۇ. لىكىن بۇ يەردە مەن سىزنى كىيىنكىلەرگە ئىبرەت، ۋە ئۆرنەك بولىدىغان بىر پارچە كىتاپ ياكى ئەسەر قالدۇرۇڭ دىمەكچى ئەمەس. پەقەت سىزدىن تەلەپ قىلدىغىنىم بىر ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن شەخسەن ئۆز پەرزەنتلىرىڭىزگە ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىر ۋەسىيەتنامە تەييارلاڭ. ئۇ ۋەسىيەتنامىدە پەرزەتلىرىڭىزنىڭ كىيىنكى كۈنلۈكتە قايسى يولدا، قانداق مېڭىش كىرەكلىكى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا- سىڭىل قىرىنداشلار ئارا قانداق ئۆتۈش كىرەكلىكىنى كۆرسۈتۈپ بىرىڭ. ئۇلار سىز كۆرسەتكەن ئاشۇ يولدا باشتىن ئاخىر تەۋرەنمەي ماڭسۇن. ھەقىقي بەخىتنى، پاك، ھالال نىسىۋىنى سىز كۆرسەتكەن ئاشۇ توغرا يولدىن ئىزدىسۇن. شۇنداقلا پەرزەنتلىرىڭىز كىيىن سىزدىن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ «قاراڭلا بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز مۇشۇنداق ئىسىل كىشىلەردىن ئىدى »دەپ ئۈنلۈك توۋلىيالىسۇن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 e3 [) a$ c, J$ Z/ `4 ?
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 K3 s. M1 s; B2 Q4 }
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* m- C7 }4 v. U9 t4 c; L
مەنبە: ئۆز قەلىمىمبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ R" N) D, y" b6 r# y, d1 R4 p2 {3 `
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 [9 v* ^* G! j5 X2014-يىلى 5-ئاينىڭ4-كۈنى شەمەر بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- W/ a" S$ A6 m. N
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 k: Q$ x! z. S7 T" j
|
|
|
|
|
|