بىلىم ئېلىڭ بۇرادىرىم جان دوستۇم،
بىلىمسىزلىك ئەڭ ئەشەددى دۈشمەندۇر.
بىلىم بولسا گادايدىمۇ، مىسكىندىمۇ،
بەگ، پادىشاھ ھامان ئۇنىڭغا مىھماندۇر.
بىلىم ئېلىڭ بۇرادىرىم جان دوستۇم،
بىلىمسىزدىن ھەممە ئادەم سەسكىنەر.
بىلىمى يوق قارا تۈرۈك ئادەمگە،
تەييار ناننى يىيىشمۇ ھەم تەس كىلەر.
بىلىم ئېلىڭ بۇرادىرىم جان دوستۇم،
بىلىم سىزگە مەڭگۈلىككە ھەمرادۇر.
بىلىم ئالماي بىكار تەلەت يۈرگەنلەر،
ھەر زامانغا ئىغىر يۈكتۇر ئەبگادۇر.
بىلىم ئېلىڭ بۇرادىرىم جان دوستۇم،
بىلىمسىزنى ئاللاھىممۇ ياقتۇرماس.
بىلىم ئالغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى،
ھەر زاماندا زالىملارغا قۇل بولماس.
بىلىم ئېلىڭ بۇرادىرىم جان دوستۇم،
بىلىملىكلەر ھەر زاماندا خار بولماس.
بىلىم دىگەن شۇنداق ئېسىل نىئمەت ئۇ،
ۋاقتى كەلسە ياۋلارغا ھەم ئەل بولماس.
بىلىم ئېلىڭ بۇرادىرىم جان دوستۇم،
قەلەم بولغۇسى ئاسمانغا تۈۋرۈك.
دانالار ھىكىمەتلىرى قۇلاق سېلىڭ،
بىلىم بولغۇسى ئەقىلگە كۆۋرۈك.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-4 06:08 PM