سەنئەتكارنىڭ رولى ۋە ئەخلاقىي پەزىلەتلىرى توغرىسىدا
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار تەييارلىغان
تەنقىد ــ تەنقىد ئۇبيېكىتى ئېنىق بولۇش ۋە ئۇبيېكىتنى تۇلۇق چۈشىنىش،بەلگىلىك توغرا ،ئادىل ئۆلچەم قوللىنىش،مۇئەييەن مەقسەت بولۇشنى شەرت قىلىدۇ.
ـــ «تەنقىدى تەپەككۇرنىڭ قىممىتى»دىن.
سەنئەتكارنىڭ رولى
بۇ ھەقتە كىلاسسىكلارغا ياكى دەستۇرلارغا ،خەلق قوشاقلىرىمىزغا،مەدەنىيەت تارىخىغا مۇراجەت قىلمايمۇ دېيەلەيمىزكى، ئادەم ــ تاش- كېسەك ئەمەس،بەلكى ھېسياتلىق مەخلۇق. ئىنسان تەبىئىيتى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارمۇ بىرياقتا تۇرۇپ تۇرسۇن، نورمال ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە ھېسيات ،خۇشاللىق-خاپىلىق،مۇھەببەت-نەپرەت قاتارلىق تۇيغۇلار بولىدۇ.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئىجتىمائى ئىش تەقسىماتىنى بارلىققا كەلتۈردى.سەنئەتكارلارنىڭ ئىجتىمائى ئىش تەقسىماتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ.باشقا ئىجتىمائى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ رۇلىنى ئۆتەپ بولالمايدۇ.
سەنئەتكارلار ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئىجتىمائى جەمئىيەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئۇلارنىڭ رۇلىنى ئىخچام ئېيتقاندا تۆۋەندىكىدەك:
1. ئىنسانلارنىڭ ھېسياتىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە خاتىرلەيدۇ.
2.ئىنسانلارنىڭ روھى كەيپىياتىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.
3.گۈزەللىك ئۇبيېكتى يارىتىدۇ ۋە گۈزەللىك تەربىيسى ئېلىپ بارىدۇ.
رېئاللىق ھەقىقى بولىدۇ،شۇنداقلا رەھىمسىز بولىدۇ. شۇ تۈپەيلى مەۋھۇملۇقنىڭ مەۋجۇتلۇق ئەھمىيتى ئاشىدۇ. سەنئەت ئەنە شۇنداق مەۋھۇملۇق ۋە رېئاللىقتىن كېلىپ چىققان غايىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغىنى ئۈچۈن شۇلارنى يەتكۈزگۈچى بولمىش سەنئەتكارلار كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ ۋە ئىجتىمائى رولى زور بولىدۇ.
سەنئەتكارنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرى
سەنئەتكارلار خەلق ئاممىسى مەنىۋى ھاياتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى،كىشىلەرگە مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلار،كىشىلىك مۇتەپەككۇرلىرى،ئۇنىڭ قانچىلىك تەربىيلىنىشى ئەسەرلىرىگە شۇنچىلىك مەنىۋى كۈچ ۋە ئىستېتىك كۈچ بېغىشلايدۇ(ئا.مۇھەممەتئىمىن:«قاتلاملىق ئىستېتىكا»دىن).
ئەخلاق كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى،شەخىس بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى،شەخىس بىلەن كوللېكتىپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەيدىغان ھەرىكەت ئۆلچىمى.مەلۇم بىر جەمئىيەتتە ھەمىشە مۇئەييەن ئەخلاق مىزانى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ.ئەخلاق ھەربىر كىشىنىڭ ئىنسانىي ساپاسى،پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەينەك.ئۇ قەلب قانۇنى ــ ۋىجدان ۋە جامائەت پىكرى ئارقىلىق تىزگىنلىنىدۇ.جامائەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئەرباپلىرى بولغان سەنئەتكار بۇنىڭدىن ھەرگىز مۇستەسنا ئەمەس.
سەنئەتكار كەڭ جامائەت ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.ئۇنىڭ ۋەتەن،خەلق بىلەن،كىتابخانلار ۋە تاماشىبىنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،كەسىپداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،ئۆز-ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،كەسىپ ئەخلاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەمەلىيەت جەريانىدا شەكىللىنىدۇ.
1.سەنئەتكار ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىشى،ئۆزىنى تۇتۇپ ئۆز قەدرىنى ئۆزى قىلىشى لازىم.قەدىمكى گرېك مۇتەپەككۇرى پىفاگور:«ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ھۆرمەت قىلىشنى بىل،بۇ سېنىڭ بىرىنچى قانۇنۇڭ بولۇشى لازىم»دېگەن ئىدى.ئۆزىنى تۇتۇش ــ ئەخلاق ۋە ئەقىلنىڭ مۇجەسسەملىكىدۇر.
سەنئەتكار ئۆزىگە خۇراپىيلارچە،قارىغۇلارچە چوقۇنماسلىقى،باشقىلاردىن ھەتتا ئاۋام خەلقتىن ئۆزىگە چۇقۇنۇش كەيپىياتى تەلەپ قىلماسلىقى،شەخسى،ساختا شۆھرەتپەرەسلىككە بېرىلمەسلىكى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار خىزمىتىنى چاكىنا نام-ئاتاق ئۈچۈن قۇربان قىلماسلىقى لازىم.
ئۇ ھەمىشە ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان سەنئەت كەسپىنىڭ ئاۋام خەلققە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئەستە ساقلىشى لازىم.
2.سەنئەتكار ئۆزكەسىپداشلىرى بىلەن سەمىمىي،ماھىرلىق بىلەن ئىتتىپاقلىشىشى لازىم.
ئۇ پېشقەدەملەرنى ھۆرمەتلەيدىغان،كەسىپداشلىرىنىڭ ئۇتۇقلىرىغا كۆزقىزارتمايدىغان،باشقا كەسىپداشلىرىنى چەتكە قاقمايدىغان،ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن ھەرتەرەپلىمە ئېشىپ كېتىشىنى قوللايدىغان؛ھەسەت،كۆرەلمەسلىك،پىتنە-پاسات،بۆھتان،سۈيقەست قاتارلىق ئىللەتلەرگە قەتئى يول قويمايدىغان بولۇشى،ئۆزىنى بۇنداق جىنايەتلىك،ئاپەتلىك،ھالاكەتلىك ئىشتىن يىراق تۇتۇشى لازىم. بۇنداق بولمىغۇر ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچى سەنئەتكار بولماستىن بەلكى ئاپەتكار ھېسابلىنىدۇ.
سەنئەتكار تىل گۈزەللىكىگە ئېتىبار بېرىشى،مىجەز-خارەكتېر يىتىلدۈرۈشكە دېققەت قىلىشى،مىجەزى مۇلايىم بولۇشى،ھەرگىزمۇ ھاكاۋۇر،مەنمەنچى بولماسلىقى لازىم. بۇ ھەقتە ئەلىشىر ناۋايى ناھايىتى بۇرۇنلا «سازەندىنىڭ مىجەزى مۇلايىم،ئۆزى ئەقىللىق بولسا، تاش يۈرەك بولسىمۇ باغرىنى ئېرىتىۋېتەلەيدۇ».دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان ئىدى(ئەلىشىر ناۋايى:«مەھبۇبۇل-قۇلۇب»تىن).
3.سەنئەتكار ئۆزىنىڭ خۇسۇسى تۇرمۇشىنى ياخشى يولغا قويۇشى كېرەك.ئېغىز بىلەن ئەمەلىيەت بىردەك بولۇشى،ئەسەر بىلەن تۇرمۇش بىردەك بولۇشى سەنئەتچىنىڭ مەنىۋى كامالىتىنى كۆرسىتىدۇ.سۆزى شېرىن،ئىش-ئەمەلىيتى تېتىقسىز،لاۋزا،ئەسەرلىرى گۈزەل،تۇرمۇشى چاكىنا سەنئەتكارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشقا تۇتۇش قىلىشغا ئۈمىد باغلاش قىيىن.
4.سەنئەتكارنىڭ كەسپى پائالىيتى ئۆزگىچە بولغانلىقى ئۈچۈن،سەنئەتكار يۇقىرىقى بىرقاتار ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە بويسۇنۇشتىن تاشقىرى يەنە كەسپى ئەخلاق تەلەپلىرىگە ئەمەل قىلىشى زۆرۈر.
پايدىلانمىلار:
«سەنئەت نەزەرىيسى ئاساسلىرى»ناملىق كىتابتىن پايدىلىنىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-4 01:02 PM