مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 476|ئىنكاس: 7

ئەمەسمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 37501
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5750 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 10:55:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەسمەن

(ئابدۇۋەلى  راخمان ھەققانىينىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس)

تۇرسۇنگۈل ساۋۇت يالپۇز  

زاتى ئىنسان پۇشتىمەن بىر قاۋاندىن  ئەمەسمەن.
دېنى پۈتۈن بۇغدايمەن ھەم ساماندىن  ئەمەسمەن،
ئەقىل ماڭا يۆلەكتۇر دۆت –ناداندىن  ئەمەسمەن،
كۆرەلمەسلەر دېگەندەك ،مەن ياماندىن ئەمەسمەن،
تەرلەر تۆكتۈم بىر ئۆمۈر ئوينىغاندىن ئەمەسمەن.

سودا قىلسام پايدا ئېپ باجگىرلىرىم    باج دېدى،
ئەت قونغانتى ئازراق ،تەڭرى بەرگەن تاج دېدى،
كىيىۋالسام تاجىمنى ئاچ بېشىڭنى تاز دېدى،
دۇرۇس ماڭسام تۈز يولدا ھەسەت؛‹‹يۇلۇڭ كاج›› دېدى،
زىنھار ئەگرى قەدەمنى چامدىغاندىن ئەمەسمەن
.
تىزگىن سالدىم ئەقىلگە قۇيۇۋەتمەي مەيلىگە،
تۇتۇۋالدىم ئۆزۈمنى چېپىپ  يۈرمەي سەيلىگە،
ئىجات قىلىش ئويىدا چۈشتۈم مەنمۇ بەيگىگە،
بۇ جاھاندا كىم ياخشى چۈشۈپ دەرھال كەينىگە،
كۈندە چېقىپ چوڭامغا جايلىغاندىن ئەمەسمەن.

ئاقىل بىلەن ياندىشىپ  قەدەملەردە ئوي قاتتىم،
ياخشىلاردىن سۆيۈنۈپ مەشرەپ قىلىپ توي قاتتىم.
دوستلار بەرسە قۇلىنى ،ئەھدىم بىلەن قول قاتتىم،
ئىناقلىقنى بىر ئۆمۈر مەدھىيىلىدىم -كۈي قاتتىم،
ھەر كىملەرگە ئىت بولۇپ كاپشىغاندىن ئەمەسمەن.

تېرىقچىلىق نەپ تەگسە كېرىلمىدىم ئالچاڭلاپ،
يامانلارنى ساۋىدىم ياخشىلارنى  ھەم داڭلاپ.
سەۋرىم بىلەن ياشىدىم قالسام پىتنە  گەر   ئاڭلاپ
ھەممە ئىش ئۆز مەيلىمچە بولسىدى دەپ ۋايۋايلاپ،
ئېكەك سېلىپ ئۆمرۈمگە قاينىغاندىن ئەمەسمەن.


مېھمىنىبىز  دۇنيانىڭ ئالتە كۈنلۈك كەپ -كېتەر،
  ھەر بەندىنىڭ قەدىمى بولسا دېدىم بىخەتەر.
ئېيتقانلىرىم بەرھەقتۇر  ۋىجدان ئەھلى چىن پۈتەر
بۇ ئەتراپتا،بۇ يۇرتتا كىم قازانسا شان-زەپەر،
     تۆھمەت،ئەرزى،دات ئېيتىپ ۋايسىغاندىن ئەمەسمەن.

       قاپقان قۇرۇپ ئوۋچىدەك دوقمۇشلاردا ئىز - ئىزدەپ،،
  ئۆزگىلەرنى  ياراتماي تۆگە سويغان خەق بىز دەپ
ياغ تولغاندا كۆزىگە قېرىنداشنى كىم سىز دەپ،                              
   ئۆز ئىشىنى جىم قىلماي خەقتىن دائىم كىر ئىزدەپ،
    تالايلارنى دۈشمەن دەپ قاقشىغاندىن ئەمەسمەن.
                     
چامغۇر سوراپ كەلگەنگە بېرىپ دائىم كۆكىنى ،
جاللات مىسال باش كېسەر   ،ئەكەل دېسە بۆكىنى،
يۇقتۇرمىغان قۇۋۇمغا  يا بىرەر تال تۈكىنى
دوراپ مەككار تۈلكىنى،كۈلۈپ ساختا  كۈلكىنى،
  نەشتىرىنى دوستلارغا سانجىغاندىن ئەمەسمەن.

ساقلىغىلى بولماسكەن قاپتا زىنھار بىگىزنى،
تاپالمايسىز  ئالەمدە ئۇنداق پىخسىق –چىڭگىزنى،
ئارقا تامدىن تاشلاپتۇ بىر تال پۇچۇق كىگىزنى
  مەنسەپ ماراپ بىر ئۆمۈر بويى  يەتمەي، ئېگىزنى
   زەھەر تىلدا يىل-يىللاپ،تىللىغاندىن ئەمەسمەن.

تاپقانلىرىم يېتىدۇ ئاشار بەلكى بالامدىن،
دۇنيا يىغدىم ھالاللاپ ئۈركىمىگىن  قارامدىن
نامەردلەرنىڭ توپىدا نېسىۋەم يوق  سالامدىن
  خالى يۈردۈم  تامادىن ،نەپ -مەنپەئەت ھارامدىن،
  نەسلى-زاتىم ئوغۇزغا تويمىغاندىن ئەمەسمەن
.
پۇتۇم يىغىپ  ئۇخلىدىم   قاراپ بېقىپ يوتقانغا،
جېنىم چىڭكەن ئۆلمىدىم بەزەن زەھەر  يۇتقانغا
قوشماق ئىكەن كۈلكە ياش بۇ ھاياتنى ئۇققانغا،                  
   مالال يەتسە خىزمەتداش،قۇلۇم-قوشنا تۇغقانغا،
       ‹‹ خۇشخەۋەر›› دەپ شادلىنىپ يايرىغاندىن ئەمەسمەن.

مېھىر بەرسەم بەزىلەر توپا چاچتى  كۆزۈمگە
كۆرمەك بولدى تاماشا قارا سۈرتۈپ يۈزۈمگە.
ئامال نەدە قەدەمدە تۈك ئۈندۈرسە سۆزۈمگە
  رەنجى تېپىپ بىھۇدە ئۆزگىلەرگە- ئۆزۈمگە،
مەن بەك ئادىل،پاك،لىللا، دەيدىغاندىن ئەمەسمەن.

تىنچ ياتقان يولۋاسنىڭ   پۇچقىقىدىن  يەل بېرىپ
چۈشسە دەرھال دۇئېلغا قول قوشتۇرۇپ  بەل  بېرىپ
دوستلىرىغا قول شىلتىپ ،دەككىسىنى دەل بېرىپ،
    زەھەرخەندە نائىنساب ئاچكۆزلەرگە ھەل بېرىپ،
    ھەقنى تىللاپ،ناھەقنى ماختىغاندىن ئەمەسمەن.

ئانام مىسال  باغلارغا    ھارارەتلىك نۇر سۇندۇم.
ئاتام مىسال تاغلارغا  سۈزۈك گۆھەر-دۇر سۇندۇم        
دوستلىرىمغا قىزىل چوغ،رەقىبلەرگە كۈل سۇندۇم
دەۋرانىمغا -خەلقىمگە دەستە-دەستە گۈل سۇندۇم.
   قاقشال شاختا ھۇۋقۇشتەك سايرىغاندىن ئەمەسمەن.

ئوتۇن يېرىش نۆۋىتى كېلىپ قالسا پالتىدا،
ئىشچانلارغا يانداشتىم تۇرۇۋالماي دالدىدا  
زىنھار ئۆرە تۇرماسكەن  ئۇن بولمىسا خالتىدا
يۈزۈم يورۇق ئەل-ۋەتەن،ئەجدادلارنىڭ ئالدىدا،
   ئوڭدا يېتىپ بىكار نان يەيدىغاندىن ئەمەسمەن.

ئارمىنىم شۇ   كۈي تۆكۈپ كۆڭۈللەرنى خوش ئەتمەك
سۆيۈپ ئىلھام قىزىنى ۋىسالىغا ھەم يەتمەك
ئىجات ئاتلىق گۈزەلدىن  كەلدى ماڭا تەس ،كەچمەك،
   ھەممىمىزگە باب تەمسىل يەتتە ئۆلچەپ بىر كەسمەك،
   ئەقلى-ھوشۇم بار تېخى ئالجىغاندىن ئەمەسمەن.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106230
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2014-4-20
ئاخىرقى: 2014-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 11:24:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ، قولىڭىڭزغا دەرت كەلمىسۇن

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 01:56:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2856
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 02:04:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى چوڭقۇر  بەك ياخشى  شېئىر  بوپتۇ    ،ئەجرىڭىزگە  كۆپ   تەشەككۈر

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102534
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1485
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 03:14:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققىقەتنى كۈيلەيدىغان بۇ شائىرە دوستىمىزنىڭ ئىسىل شېئىرىنى ئوقۇغۇنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن !
ھەققانى سىزگىمۇ رەھمەت !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103807
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 191
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 03:28:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە بەك ياخشى چىقىپتۇ قەلەم قۇۋىتىڭىز راستىنلا بەك كۈچلۈككەن.

ياخشې تۇردۇڭلارمۇ؟

تەپەككۇرسىز ھاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36113
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5072
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 2483 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 05:11:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققانىينىڭ غەزىلىگە تەخمسنىڭ يېزلىشى «گۈلى-گۈلىگە» كەلگەندەك بەلەن ئىش بوپتۇ.... كۆپ مەدەت قىپسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 37501
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5750 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 10:38:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرسۇن گۈل ساۋۇت بۇ شېئىرىمغا جان كىرگۈزۈپتۇ.ئىجادىيەتلىرىڭىزگە تېخىمۇ زور مۇۋاپىقىيەتلەر تىلەيمەن.مەتبۇئاتلارغا بىرىشنى ئويلۇنۇپ كۆردىڭىزمۇ؟«ياخشى نەرسە مەخپى قالمىسۇن.»

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش