سەجدىگاھ
سەجدىگە قويدۇم بېشىمنى ئورايدۇ تەشۋىش تۇمان
چۈنكى مەن سۆيگەچ سېنى ئويغىنار ھەر خىل گۇمان
ئۆزگىلەر سۈت ئۇيقىدا ،مەن ئولتۇرۇپ ئىتىكاپتا
كۆز يېشىم تەسۋى بولۇپ ئوقۇلار ئايەتسىمان
كېچە -ئۇ مەۋجۇتلىقىم،تېنىمدىن بولدۇم جۇدا
غەيبكە قىلدىم دۇئا دۇنيانىڭ قارشىسىسىمان
غىدىقلىدى پۇتلىرىمنى ياۋايى توشقان كېلىپ
چىقىۋەتتىم پۇتلىرىنى ئەمدى ئۇ ئەرۋاھسىمان
تەرىتىم باتىل ئىدى ،سۆزدە قۇتقۇزدۇم سېنى
سەجدىگە قويدۇم بېشىمنى بىغۇبار نامىڭسىمان.
مۈشۈك ۋە قاراڭغۇ ئورمان
مۈشۈكۈم تولىمۇ ھىيلىگەر
مەن ئۇنىڭدىن زىرىكىپ، ئورمانغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتمەكچى بولدۇم
ئالدىمدا ھېچبىر پايدىلىنىش نوقتىسى يوق ئىدى
مەن يولدىن ئېزىپ قالدىم،-دە
مۈشۈكۈمنى قويىۋىتىپ ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم
ئۆيۈممۇ ئورماندەك ئىدى ،كۆزۈمنى تۈننىڭ ئىلغۇچىغا ئېسىپ قويۇپ تاماكا چەكتىم ...
شۇنىڭدىن كېيىن قاراڭغۇ ئورمانغا قانچە قېتىم باردىم
بىراق ئېزىپ قالغىنىم زىنھار ئېسىمدە يوق..
.
تۈن دەرىخى
مەن ماۋۇ دەرەخنىڭ كاۋىكىدا تۇغۇلغان
تۇغۇلغان ۋاقتىم ،دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشنىڭ ئالدىغا توغرا كېلىدۇ
كىم مېنى ئانامدىن ئايرىغان ؟
مەن ئۆتمۈشۈمگە قارىدىم
كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى
كەلگۈسىگە قارىدىم ،ئۇ يەردە بولۇق پىشقان مېۋە بار ئىدى
بوسۇغىغا دەسسىەڭ يامان بولىدۇ دەيدىغان، ئانام ...
مەن قولۇمنى سوزىدۇم،ئۇ ماڭا مېۋىنى بىرتال-بىرتالدىن تاشلاپ بەرگەچ چېكىندى ،ئەمما ئەڭ چوڭ مېۋىنى يەيمەن دەپ تۇرىۋالاتتىم
مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىۋىتىپ بوسۇغىغا پۇتلىشىپ كەتتىم ،-دە ئانامنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى تاشلىماقچى بولدۇم
نەدىن بىلەي ،ئانام دەرەخنىڭ ئەڭ ئۇچىدا ئولتۇرۇپ بىر توپ بالىلارغا مېۋە ئۈزۈپ بەرگىلى تۇرۇپتۇ
ئانام دەرەختىن -دەرەخكە ئاتلاپ كېتىۋاتاتتى ،بالىلار قوغلايىتتى ...
بالىلارنى چاتقاللار ئورىۋالاتتى ،يېقىپ چۈشەتتى ،تونىغىلى بولمايىتتى
ئەمەلىيەتتە بىز ئۇنىڭ باللىرى ئىدۇق...
ئۇنىڭ بولۇق پىشقان مېۋىلىرى بار ئىدى ،بىراق بىزگە بەرمەيىتتى ؟...
ئۇنىڭ تېنى تاڭدەك يورۇق بولۇپ ،چىڭقى چۈشتە ئىستەكلەر ئارا يۈرەتتۇق
قوغلايىتتۇق ،قوغلىدۇق ،يېتىشنى ئىستىدۇق
بىراق ئۇنى ھاردۇقى چىقمىغاندەك ھىس قىلدۇق ...
ھاسىرايىتتۇق ،شەبنەملەرگە ئايلىناتتۇق
قاغىدەك بېرىپ ئۇنىڭ ئۇۋىسىنى چۇۋۇۋىتىشنى ئىستەيىتتۇق ،بىراق
تەشۋىش بىزنى جىنسىي ئىستەكتەك ئازابلايىتتى ...
قولىمىزدا سېۋەت ،كۆكسىمىزدە شەبنەم
پۇتىمىزدا ئاق چاتقال
ۋادەرىخ !
ئانامنى بىر كۆرسەم ...
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-4 09:03 AM