ياپونىيىدە كارتون كەسپىنى تاماملاپ ھازىر ئاسپرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئېرپان يارمۇھەممەتنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدىنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن يېڭى ئەسىرى رىۋايەت تورىدا بۈگۈن ئېلان قىلىندى.
رىۋايەت تورىدىن ئېلىندى
----------------------------------------------------------------------------------------------
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كارتون ھەۋەسكارلىرى ۋە بارلىق تورداشلار.مەن ياپونىيە دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرسىتېتى مەزمۇنلۇق دىگىتال ۋاستىلىرى ئاسپرانتلىق ئوقۇغۇچىسى ئېرپان يارمۇھەممەت بولىمەن.
كەڭ كارتۇن ھەۋەسكارلىرى ۋە تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە مەن قۇرغان UACG،يەنى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي كارتۇن گۇرۇپپىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تۇنجى ئەنئەنىۋىي ئۇسلۇبتا ئىشلەنگەن قسقا ۋەقەلىك مۇزىكىلىق كارتۇن فىلىم ‹ ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان› نىڭ تولۇق نۇسخىى بۈگۈن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋىدىئو تور بەتلىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلان قىلىندى.
بۇ فىلىم تۇرپان دىيارىدا تارقالغان ئۇيغۇر خەلق چۆچىكىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ كارتون فىلىم پۈتۈنلەي ياپۇنىيەنىڭ ئەنئەنىۋى كارتون فىلىم ئىشلەش پىرىنسىپى ۋە ئىشلەش باسقۇچى بىلەن ئىشلىنىپ، پۈتۈن كۆرۈنۈشلەر قولدا سىزىپ چىقىلىپ، تەخمىنەن 1800 پارچىگە يېقىن ھەرىكەت رەسىمى ۋە 80 پارچىگە يېقىن ئارقا كۆرۈنۈش رەسىمى بىلەن پۈتۈپ چىقتى .ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىلمېنتلىرى پىرسۇناژ ۋە باشقا تۈرلۈك لايىھىلەر ئارقىلىق جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلدى. ئەڭ مۇھىمى بۇ كارتون فىلىمنى ئىشلەشكە قاتناشقانلار بولسا، مەن 2013-يىلى ئۈرۈمچىدە ئاچقان قىسقا مۇددەتلىك كارتۇن فىلىم تەربىيىلەش سىنىپىمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، قىسقىغىنە ئىككى ھەپتىلىك تەربىيىلەش ئارقىلىق بەش ئايغا سوزۇلغان جاپالىق فىلىم ئىشلەش مۇساپىسىنى نەتىجىلىك تاماملىغانلىقىنىڭ ئەمگەك مىۋىسىدۇر. فىلىمدىكى پىرسۇناژ ۋە رەڭ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئاكادىمىيىسىدە بۇ فىلىمنىڭ ئالدىن ئېلان قىلىنغان تەشۋىقات فىلىمى بولسا ياخشى بولغان باھالارغا ئېرىشتى.
بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس دۇنيادىكى ھەرقانداق مىللەتلەر كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان ھالەتتە ئىپادىلەش ئۈچۈن، دىئالوگسىز ئىپادىلەش ئۇسلۇبى قوللىنىلىپ، مۇزىكا ۋە پىرسۇناژ ئوبراز ھەمدە ھەركىتى ئارقىلىق مەزمۇنى تېخىمۇ ئېنىق ۋە جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى. بولۇپمۇ مۇزىكىسى بولسا تۇرپان خەلق ئاھاڭلىرىدىن نازىركۇم مىلودىيىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمنىڭ ئورۇن ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى.
بۇ فىلىمدا بەزى كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەر بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھەربىر ساھە ۋە تەرەققىياتنىڭ باشلىنىشى مۇكەممەل ۋە تولۇق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئەمما بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇر كارتۇنچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ، گۇرۇپپىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسەرلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە تولۇق چىقىشى، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ يېڭىچە ئۇسلۇبتا خەلقئاراغا تونۇلىشىغا ھەسسە قوشۇش بولسا، مەن ۋە مەن قۇرغان UACGگۇرۇپپىمىزنىڭ ئورتاق نىشانى ۋە يەتمەكچى بولغان مەنزىلىدۇر.
ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسى
خەنزۇچە خەتلىك نۇسخىسى
ياپونچە، ئېنگىلىزچە خەتلىك نۇسخىسى
ئىشلىگۈچىلەر:
پىرسۇناژ لايىھىسى: پەخىردىن پەرھات
رەڭ لايىھىسى: ئېرپان يارمۇھەممەت
سۈرەتكە ئالغۇچى ۋە كىرىشتۈرگۈچى: ئېرپانجان ئەخمەت
مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى: يارمۇھەممەت جامالىدىن
ئەسلى رەسىم: ئېرپان يارمۇھەممەت، پەخىردىن پەرھات، دىلشات ئابلا
تولۇقلىما ھەرىكەت: ئابدۇۋەلى مەمەت، راھىلە ئەركىن، مەۋلان غېنى، ئابدۇرۇسۇل ئابلىكىم
ئارقا كۆرنۈش ۋە دىكۇراتسىيە: مەردان ئۆمەر، پەخىرىدىن پەرھات، پەرھات ھەسەن
رەڭ بەرگۈچىلەر: مەۋلان غېنى، پەخىردىن پەرھات، ئەلقەم ئەكرەم، ئېرپان يارمۇھەممەت
ئۇسسۇل ھەرىكەت مودىلى: كۈندۈز ئارسىلان
ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچى: ئابلىمىت قۇربان
سىنارىيىلەشتۈرگۈچى: ئايدىن ئابلىز، ئېرپان يارمۇھەممەت
كۆرۈنۈشكە بۆلگۈچى: ئېرپان يارمۇھەممەت
مۇزىكىسىنى ئاۋازغا ئالغۇچى: ئايتىكىن يارمۇھەممەت
رىژىسور: ئېرپان يارمۇھەممەت
UACG ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي كارتۇن گۇرۇپپىسى ئىشلىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yodobashi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-4 04:33 AM