مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 644|ئىنكاس: 8

دوغاپچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8657
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 602 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 01:40:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوغاپچى

گۈپۈلدىگەن ئىسسقتا مۇز چانايدۇ دوغاپچى ،
خۇش ئاۋازدا توختىماي زەپ سايرايدۇ دوغاپچى ،
چاڭقاپ كەتكەن دىللارغا سوغ تارايدۇ دوغاپچى،
خېرىدارنى ھۆرمەتلەپ ئۆز سانايدۇ دوغاپچى ،
باشمالتاقتا ھەر مىللەت دەر ، يارايدۇ دوغاپچى .


قاينىغاندا ھاۋانىڭ ھارارىتى يالقۇنلاپ ،
دەل دەرەخنىڭ تۈۋىگە قاچار ھەر جان سالقىنلاپ ،
ئوت چىقمامدۇ يوللاردىن تۇرسا بازار شاۋقۇنلاپ ،
يىراقلاردىن قەدەملەر كېلەر سېنى نىشانلاپ ،
توموزلاردا قايناقسۇ كىم خالايدۇ دوغاپچى ،

نەدىن تاپتىڭ دەريانىڭ مونەك- مونەك مۇزىنى ،
كىم چاقىدۇ تەڭگىسى جىرىڭلىغان كوزىنى ؟
كىم سۆيمەيدۇ سۈت پۇراپ مەرەپ تۇرغان قوزىنى ؟
شۇڭا تەڭشەپ تۇرىسەن بازارنىڭ تەم –تۇزىنى ،
بىر قوشۇقتا بەدەنگە سوغ تارايدۇ  دوغاپچى ؟


ئېقىپ تۇرغان ياغلىرى سۈزمىلىرىڭ بۇزۇلماس ،
غۇچۇرلىتار چىشلارنى كومور –كومور مۇز ئالماس ،
ھەزىم بولغان ئالامەت ئاشقازاندا داپ چالماس ،
قويۇققىنە زەم زەملەر سىڭگەن ئۈچەي ھېچ قانماس ،
ئۇسسىمىغان خېرىدار بويۇندايدۇ  دوغاپچى .


قەدىرلىگىن ئەمگىكىڭنى چىۋىنلەردىن ساقلىغىن ،
كۈيە چۈشكەن مىراسىڭنى سەر ئاپتاپقا قاقلىغىن ،
ئەل تەپەككۈر بىسلىرىنى ئەقىل نۇرىدا چاقلىغىن ،
يەرمەنكىدە كېرىلىپ تۇر ، ئاتا ئۈمۈدى ئاقلىغىن ،
قازىنىدا  ئەخلاقىنىڭ سىر ساقلايدۇ دوغاپچى.

ئۈستىلىڭدىن ئاقسا يۇندا كۆيدى بەخت قۇيرىقى،
ھوسۇلىدىن قاچار بەرىكەت بۇغداي ياكى قونىقى ،
ھەر نىيەتكە باردۇر  سادا مىسلى قىيامەت سورىقى ،
سەگىتىشتە ئاچسۇن كۆزۈڭ ئەھلى ۋىجدان بۇيرىقى،
قىرۇ باسقان ئەينەكتە چاچ تارايدۇ دوغاپچى.

ئۆپكە –ھېسىپ ، كاۋاپچىغا باشلاپ بەرگىن ئۇلىنىش ،
رىقابەتنىڭ خامىنىدا ياراشمايدۇ خۇيلىنىش ،
تارتقۇزىدۇ پۈتۈن ناننى كەمسۆز قىلىقتا ئۇيىلىش ،
بىلىنمىگەي ئوتلۇق قىزىقىش بىر خىل غىدىقتا تۇيىلىش ،
رازى بولسادۈشمىنىڭ كىم تالايدۇ دوغاپچى ؟



رىسالىسى ئۇيغۇرنىڭ قىلسۇن بۇنى ئېتىراپ ،
ئۆزگىلەرگە قاچمىسۇن ھالال كەسپ پىتىراپ ،
كېسەل بەكمۇ ئامراقتۇر يۈرگەنلەرگە تەر پۇراپ ،
يوقاپ كەتكەن رېتسىپنى ئېرىنمىگىن تاپ سوراپ !
ئۈمۈدىنى خەلقىنىڭ چىن  ئاقلايدۇ دوغاپچى .



ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-4 02:39 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8044
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2092 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 05:52:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىر ھەققىدە ھېچنىمە دېگۈم يوق  . ئىقتىساد نەزىرەسى  بۇيىنچە  ئېيىتقاندا :
كاڭ ئۇستام ، <<  تۇڭيى >>   چايلىرىدەك  ،  خېمىۋيلىك   رەڭلەرنىڭ  قۇشۇپ
ئىشلەنگەن  ئىچىملىكلەر  ئالدىدىدا   :   ئۇسسۇزلۇقنى  قاندۇرىدىغان  ، تەبىي
ئىچىملىكلىرىمىزنىڭ  بۇيۇن قىسىپ   قېلىشى   ئەجەبلىنەرلىك  ئەمەس  ...
خۇددى بىر قىسىم  جۇۋانلىرىمىزنىڭ   پۇلى   بولسىلا   :  <<  مۇھەببەت  
مىللەت  ئايرىمايدۇ  >> دەپ خېنەنلىكلەرگە خوتۇن  بولۇۋالغىنىدەك  بىر ئىش...
ماۋزۇسىدىن  سىزنىڭ  يازغانلىقىڭىزنى  پەرەز  قىلغان  ئىدىم  ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-4 05:59 AM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104120
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 615
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2014-2-26
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 09:24:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يىزىپسىز  ،  مۇشۇ  دوغچىلىرىمىز  قالغان  مەدھىيلىمىگەن  ،   بوتۇلكۇلۇق  ئىچىملىكلەردىن  

ئۆزىمىزنىڭ  دوغاپى  ياخشى  ،  بىز  قەشقەردە   دوغ   لا  دەيمىز  باشقا  يۇرتتا   دوغاپ  دەيدىغان  ئوخشىمامدۇ .     بارىكاللا   تىما  ئىگىسى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102534
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1485
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 09:56:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdusami1992 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-4 09:24 AM
ياخشى  يىزىپسىز  ،  مۇشۇ  دوغچىلىرىمىز  قالغان  مەدھىيلى ...

توغرا دەيسىز،ھەممىنىمۇ مەدھىيلەپتۇق،ئويلاپ باقسام مۇنبەردە بالىلارغا ئائىت
شېئىرلارنى ئۇچراتمىدىم.بۇ كەلگۈسى ئىزباسارلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالساق بولماس.ھەممەيلەن ئىزدىنىپ،ھەم يېقىشلىق ھەم تەربىيىۋى ئەھمىيتى بار شېئىرلارنى ئۇلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنساق.

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 02:08:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 02:48:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرپاندا دوغاپ يوقكەنغۇ؟شۇنچە ئىسسىق تۇرسا تۇرپان؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8044
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2092 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 03:11:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
misken.cn يوللىغان ۋاقتى  2014-5-4 02:08 PM
ياخشىمۇسىز...  سىز روىلان تورىدىكى  سەرگادان شۇما ؟؟

ۋە ـ  ئەلەيكۇم   ئەسسالام  :   كەچۈرۈڭ    ،  ئەمەس...

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 03:31:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101915
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 01:13:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
7-ئاي 8- ئايلارنىڭ تۇمۇز ئىسسىقىدا ساراڭ دوغاپتىن بىرنى ئېچۋالسا، باشقىچە روھلىنىپ كىتىدۇ ئادەم

خىياللىرى بىلەن ئەمەس قەدەملىرى بىلەن،يالغانلىرى بىلەن ئەمەس ۋىجدانى بىلەن،ساختا مىھرى بىلەن ئەمەس چىن مىھرى بىلەن سۈيىدىغان ئادىمىڭىز بولسا ئۈزىڭىزنى مەن بەخىتلىك دەپ ھىساپلاڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش