ئەسكەرتىش: تۈۋەندىكى مەزمۇنلار پەقەت مىنىڭ شەخسىي كۆز-قاراشلىرىم،باشقىلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش دىگەندەك ناچار مەقسەتلىرىم يوق.قېرىنداشلارنىڭ تەپەككۈرىنى ئېچىشقا پايدىسى تەگسىكەن دەيمەن. ئەسەرنىڭ تۇرمۇشقا چىنلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەش مەقسىتىدە بەزى مەزمۇنلار ئاغزاكى تىلدا يېزىلدى.
ئوبدان ئويلاپ بېقىڭ سىز يامانغا يانتاياق بولدىڭىزمۇ؟
ئەگەر بىر دوستىڭىز زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن سانغۇن كەبى پەخىرلەنگەن ھالدا بىر قىزنى ئالداپ سىلاپ يۈرۈپ قانداق قولغا چۈشۈرگىنىنى بايان ئەيلىسە ،سىز بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ”ھەي گۇي يامان نىمە جىما سەن،ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى بىلىسەن ،بىزلە تېخى گىلدىڭشىپ ژۈرىمىز مانا بويتاق. ”دىدىڭىزمۇ يوق ؟
قايسى كۈنى تېخى بىرىدىن ئايرىلىپ كەتكەن دوستىڭىز ئايرىلغىنىغا بىر ئاي بولا-بولماي تۇرۇپ باشقا بىر يات جىنىس بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى دوسلار چەمبىركىگە چىقىرىپ “ 晒幸福啦,我要8 个赞。ئاللاھ بەختىمىزنى بەرسۇن ،سىزنى بەخىتلىك قىلىمەن جېنىم ”(ئالدىنقىسىنىمۇ دەششەت سۈيەتتى،ئۇنىمۇ بەخىتلىك قىلاتتى ئەفسۇس ”ئايرىلىپ كەتتۇق“ دىگەن بىر ئېغىز گەپ بىلەن ھەممە مەسئولىيەت يوققا چىقتى) دىسە دەرھال ئاپتۇماتېك ھالدا قوللاش بەلگىسىنى باستىڭىزمۇ يوق؟ بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماي ”بېشىڭلار باش ئايىغىڭلار تاش بولسۇن“، ”بىر-بىرىڭلارغا بەك ماس كىلىدىكەنسىلەر ”، “ يەڭگىمىز ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن “ دىگەندەك باھالارنى يېزىپ ئۈلگۈردىڭىزمۇ يوق؟
قايسى بىر دوستىڭىز جەڭنامە سۆزلىگەندەك ئۇستىلىق بىلەن قايسى بىر كۈنى ھاراقنى بولشىغا ئىچىپ قايسى بىر سورۇنلاردىن ئوت چىقىرۋەتكەنلىكىنى دەبدەبىلىك ھالدا سۆزلىسە، ئۇ سۆزلىگەنلىرىنىڭ گۇناھ ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىڭىكىڭىزنى يۆلەپ تۇرۇپ مۇمىڭىز چۆچەك ئېيتىپ بەرسە زوقلىنىپ ئاڭلىغان كەبى ئاڭلاپ ئولتۇردىڭىزمۇ يوق ؟
قايسى بىر دوستىڭىز قايسى بىر قىزنى ئېلىپ قاچماقچى بولغىنىنى ئېيتقىنىدا ئۈزىڭىزنىڭمۇ بويىغا يىتەي دىگەن سىڭلىڭىز تۇرسىمۇ ئۇنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ ”ئانىسى بەگىلى ئۇنىمىغاندىكىن ئېپقاچقۇلۇق ،شۇندا قىلساڭ ئەتىسىلا ئۈزى ئۈيەڭگە ئەكەپ قۇيىدۇ “ دىدىڭىزمۇ يوق ؟
قايسى بىر دوستىڭىز قايسى بىر قىز بىلەن بىرگە بولۇپ ئۇ قىزنىڭ بويىدا قالغانلىقىنى ، ئۈزىنى ئەمىرىگە ئېلىشنى ئېيتقىنىدا ، دوستىڭىز ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئۇنى ئالداپ سىلاپ بالىنى چۈشۈرۋىتىشكە ئىندەككە كەلتۈرگەنلىكىنى ، ھەمدە بالىنى ئالغۇزىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنى تاشلاپ بەدەر قاچقانلىقىنى سىزگە ئەقىل-پاراسىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئېيتقىنىدا ، سىز سىياسى ئانالىزچى كەبى ”ما قېتىم كاللاڭ ئىشلەپ قاپتۇ،ئەگەردە دۆتلىك قىلىپ توي قىلغان بوساڭ تۈگەشكىنىڭ شۇتى، پۇت-قۇلاڭغا كىشەن سېلنىتى ،تىلفۇن قېقىپ ”ئېدېش نەدە؟“ دىسەك،سەن قۇپاپ ”ئىشلەۋاتقان“ دىسەڭ ،“خۇتۇن پاتاڭغا مىنگەن ئوخشىمامدا ھېچ كۈرەنمەس بوپكەتتىڭلا؟“ دىسەك ،“ئۆيگە ئازراق پۇل لازىم بوپقاغان شۇ“ دىسەڭ ، شۇندا قىلىپ سەندەك ئىسىل ئاغىندىن ئارىلىپ قالىتۇق ،ئەرزىمدۇ دەيمە ؟“ دىدىڭىزمۇ يوق ؟
قايسى بىر دوستىڭىز قايسىبىر ياۋاشنى ئۇنى-بۇنى دەپ نەيراڭ ئىشلىتىپ يۈرۈپ قانداق ئۇستىلىق بىلەن قۇيۋەتكىنىنى داستان قىلىپ سۆزلەپ بەرسە ،سىز پەيلاسوپلار كەبى ”ياۋاشنى بوزەك قىممىساڭ قىژامەتتە سورىغى با“دىدىڭىزمۇ يوق؟
باشقىلار سىزگە مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغىنىدا چىرايلىقچە رەت قىلدىڭىز،چۈنكى گۇناھ بولىدىغىنىنى بىلەتتىڭىز، ئەمما بىر دوستىڭىز بىرىنىڭ كەينىدىن كۆيدىم-پىشتىم ئاھ-پاھ دەپ يۈرسە ،سىز ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسىغان ھالدا ”ئالىي مەكتەپتە بىرەسى بىلەن ژۈمىسە ئەدەم زىرىكىپ قالىدۇ زادى، ئىشىڭمۇ پۈتۈپ قالا بىر كۈنى ئاداش “ دىدىڭىزمۇ يوق؟
ئۈزىڭىز ئورۇنۇپ ھىجابلىنىپ يۈرىسىز،ئەمما دوستلىرىڭىز بايا تېخى يوتقاندىن سۇغۇرلۇپ چىققاندەك كىيىنىپ يۈرسە، سىز تەپتارتماستىن “ كىيىملىرىڭ ھەجەپ يارىشىپتۇ ، ئوغۇللارنىڭ كۈزىدىن ئوت چىقىردىغان بولدۇڭدە ئەمدى.“ دىدىڭىزمۇ يوق؟
ئۈزىڭىز كەچلىرى ۋاقتىدا ئارام ئېلىپ ئەتىگەنلىرى سەھەر تۇرۇپ نامازلىرىڭىزنى جايى-جايىدا ئۇقاتتىڭىز،لىكىن قايسىبىر دوستىڭىز“بۈگەن چۈشكىچە ئۇخلاپتىمەن،ئەتىگەن نەچچە بىلەن ياتتىمكى تاڭ، ئۇياننى دەششەت ئويناپتىمە“ دىسە، سىز دەرھاللا “ بىكا بوغاندىكىن ئۇخلىماي نىمىش قىلىسە دەيمە، ئارام ئېلىش كۈنلىرى ياتاقنىڭ تۇكىنى ئۈزىۋەتمىگەندىكىن مۇشتا ۋاختىدا ئوينىۋاممىسا پۇخادىن چىقامدا ئەدەم“ دىدىڭىزمۇ يوق؟
ئۈزىڭىز كىتاب ئوقۇشقا ئامىراق. قەلبىڭىزنىڭ چاڭقىغان جايلىرىغا كىتابتىن روھى ئۇزۇق ئالىسىز. ئەمما ئۇيانچىراق بىرسى كىلىپ “ بىژكۈن كەچكىچە كىشتاب كۈتىرۋالدىغانلاغا ھەقلىم ھەيران جىما،چىشىڭنىڭ بارىدا گوش يە دەپتىكەن ، بىزدەك ئوينىمامدا دەيمە ياشلىقتا دىگەن.“ دىسە ، سىز قوپۇپ ئۇنىڭ سۆزىنىڭ كام قالغان جايلىرىنى تولۇقلاپ ”كىشتابنى دىگەن قېرىغاندا ئۇقىيدىغان نىمە ئۇ، ئاپتاپقا ئۇرۇندۇقتىن بىژنى قۇيۋېلىپ تازا،قىلىدىغان باشقا ئىشىمۇ بوممىغاندىكىن،ياشلىقتا دىگەن ئۇنى-بۇنى قىلىپ ئويناژۈرۈپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش كىرەك.“ دىدىڭىزمۇ يوق؟ (كىتاب دىگەن ئادەمنىڭ تەپەككۈرىنى ئاچىدۇ، پىكىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ دىيىشنىڭ ئورنىغا)
سىز بۇلارنىڭ توغرا ئەمەسلىگىنى ئوبدان بىلەتتىڭىز،ئۈزىڭىز قىلمايتىڭىز ئەمما باشقىلار قىلغاندا يۇقارقىدەك ھەرخىل ئۇسۇلدا ”چاۋاك“ چالاتتىڭىز.سىز بۇنداق قىلماقتىن باشقا ئامال يوق دەپ قارايتىڭىز،چۈنكى بۇنداق ”چاۋاك“ لار ئارقىلىق كىشىلىك مۇناسىۋەت چەمبىركىڭىزنى ساقلاپ ياكى كېڭەيتىپ تۇرمىسىڭز، كىيىنچە ئۇلارغا ھاجىتىڭىز چۈشكەندە ”ھە-ھۇ“ دىيىشىپ بەرمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلاتتىڭىز.ياكى بولمىسا زاماننىڭ ئارقىدا قاپتۇ دەپ تەرىپلىنىشتىن ئەندىشە قىلاتتىڭىز.سىز ئۇلارغا تەنبىھ بىرەلمىگەن تەقدىردىمۇ ھېچ بولمىسا سۈكۈتتە تۇرۇش ھوقۇقىڭىز بار ئىدى. ئەفسۇس يەنە بىر ئەفسۇس سىز تۇرمۇش دېگەن مۇشۇنداق ئامال يوق دەپ قارايسىز،تۇرمۇش ئەسلى بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى،ھەم بۇنداق بولمىسىمۇ بولاتتى. لېكىن ”چاۋاك“ چالىدىغانلارنىڭ كۆپلىكىدىن تۇرمۇش مۇشۇ تەرىقىدە كىتىپ بارىدۇ. بىر ئادەم بىر ئىش قىلىشتا نېمە كىرەك بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ئۇلار بولسا جىسمانىي ۋە مەنىۋى قۇۋۋەت.جىسمانىي قۇۋۋەت بولسا پۇل،مال،ۋاقىت،زېھىن دىگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مەنىۋى قۇۋۋەت بولسا ئىشەنچ، باشقىلارنىڭ قوللىشى،ئىتراپ قىلىشى،رىغبەتلەندۈرىشى دىگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر بىرسىنىڭ جىسمانىي قۇۋىتى ناھايىتى زور بۇلۇپ مەنىۋى قۇۋىتى ئاجىز بولسا بىر ئىشنى قىلالىشى ناتايىن. سىزنىڭ يۇقارقىدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ”چاۋاك“ چېلىشىڭىز ئۇلارنىڭ روھى قۇۋۋىتىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا سەۋەب بولىدۇ.يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ناتوغرا ئىشلارنى داۋاملاشتۇرشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئۈستىدىكى مەزمۇننى ئوبدان تەپەككۈر قىلىڭ،ئىسىڭىزدە بولسۇنكى باشقىلارغا تەنبىھ بىرەلمىسىڭىز ”چاۋاك“ چالماي سۈكۈتتە تۇرۇش ھۇقۇقىڭىز ھەم بار.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى
شاڭخەي
مەنبە : سابات بىلوگى www.sabat.cn
http://www.sabat.cn/index.php/2014/04/11/yaman
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەرنى كۈچۈرۈپ تارقاتقاندا ئەسلى مەنبەسىنى چۇقۇم ئەسكەرتىڭ . ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەتلەڭ ! رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توغراقى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-3 08:05 PM