مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1341|ئىنكاس: 9

سىنىڭ دوپپاڭنى مەن كەيسەم، ساڭا ئوخشامدىمەن يايرىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90242
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 358
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 02:22:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سېنىڭ دوپپاڭنى مەن كەيسەم

                    ساڭا ئوخشامدىمەن يايرىم؟

   قارىماققا ماۋزۇدىكى سۇئالغا جاۋاب بېرىش بىر قەدەر قىيىن، ھالبۇكى، ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى كۈچلۈك ئەمەلىيەتچانلىق ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاددى، ئەمما چۇڭقۇر مەزمۇندارلىق، ھازىر جاۋابلىق بىلەن قەلىبىمىزگە چەكسىز يارقىن، جەزبىدار تۇيغۇ، ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدۇ ۋە يۈرەكتىكى تەشنالىقنى قاندۇرۇشتەك خاسلىقى بىلەن ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. ئالايلۇق، ماۋزۇنىڭ جاۋابى: « دۈشمەننىڭ گېپى بىلەن، سېنى تاشلامدىمەن يايرىم!» خۇددى شۇنىڭدەك، يېرىم ئەسىر ياشىغان مەن ئۈچۈن «يار، يەنى ئاشنا»نىڭ زۆرۈريىتى يوق، ھالبۇكى، يارغا ئوخشاش قەدىرلىك ۋە قىممەتلىك بولغان، ئىسىل ئادەت ۋە ئەنئەنىنىڭ ناماياندىسى، روھىيىتىم ۋە ھەرىكىتىمنىڭ ھەمراسى، كىملىكىمنىڭ ھەقداسى بولغان نۇرغۇن نەرسىلەر يەنىلا مېنىڭ «يايرىم!» مانا مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىكى كۈندە كېيىپ يۈرۈيدىغان دوپپام ئەڭ سۆيۈملۈك «يايرىم»دۇر. چۈنكى ئۇنى دادام بىلەن ئانام ماڭا ئەقلىمنى تاپماستا، بۆشۈكتىن يەرگە چۈشكەن چاغلىرىمدىلا كېيدۈرگەن، ھاياتىمنى ئاختۇرسام، دوپپىدىن زادىلا ئايرىلماپتىمەن، ئايرىلىشنى ئويلاپ باقماپتىمەن، شۇنداق دىيەلەيمەنكى، مەڭگۈ شۇنداق بولىدۇ. سەۋەبى: ئۇ كىملىكىمنى، ئۆزلىكىمنى، خاسلىقىمنى ھەم مۇشۇ جەھەتتىكى روھىيىتىمنى دەلىلەپ تۇرىدىغان ناماياندىلىرىم ئىچىدىكى بىردىن بىر نۇرانە گۈل تاجىمدۇر! ئۆمۈر مۇساپەمنى ئەسلىسەم، ئۇنىڭ ماڭا كەلتۈرگەن شەرەپ ۋە ئۇتۇقلىرى شۇنچىلىك كۆپ، ئەڭ مۇھىمى ئۇ مېنىڭ سالاپەت ۋە سالايىھىتىمنى ئىزچىل يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىپ كەلدى. شۇڭا بەزىلەرنىڭ دوپپا كېيىۋاپسىزغۇ؟ دائىم دوپپا كېيىپ يۈرۈشكە ئامراقمۇ سىز؟ دېگەن پىسپاس گەپلىرىگە:« مېنىڭغۇ دوپپام بار، سېنىڭ دوپپاڭ قېنى؟!» دەپ دەككە بېرىشنى ئادەت قىلىۋالدىم. ئاشۇنداق سۇئالغا دۇچ كەلگەن ياكى سوغۇق، غەيرى نەزەرلىك كۆزلەرگە دۇچ كەلگەن چاغدىمۇ ئاچچىق جاۋاب، مەسخىرلىك كەيپىيات بىلەن ئۇنداقلارنى ۋىجدانسىز، غۇرۇرى يوق، ساپاسىزلار قاتارىدا كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ قالدىم.

  بۇ يىل نورۇز بايرىمى كېلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن چىمەن دوپپامنى كەيدىم، ئۇ تولىمۇ ئىسىل دوپپا بولۇپ، ئۇنىڭدىكى گۈل – نەقىشلەر باھار مەنزىرىسىنى ئەسكە سالاتتى. دوپپىنى بالدۇر كېيىشىمدىكى مەقسەت، بىرسى باھارغا بولغان تەلپۇنىشىمنى ئىپادىلەش بولسا، يەنە بىرسى كىشىلەرگە باھارنىڭ، نورۇزنىڭ كېلىپ قالغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىش ئىدى. نورۇز كەلسىمۇ سۇغۇق جۇدۇن كەتمىگەن ئۈرۈمچى ئۈچۈن، بۇ ھال غەيرى تۇيۇلدىمۇ قانداق بىر قانچە سورۇندا كۈتمىگەن غەيرى نۇرمال مۇئامىلىگە ئۇچرىدىم.

   دوپپا كېيگەن ئاشۇ كۈنى بىر دوستۇم كەچلىك تاماققا چاقىردى، پۈتۈشكەن ۋاقىتتا بىر تاماقخانىغا بىر قانچە تونۇش جەم بولدۇق، ئارىدا كىرگەن شائېر دوستىمىز سالام – سائەتتىن كېيىنلا ماڭا:« ۋاھ بۇ دوپپا سىلىگە ئەجەپ يارىشىپتۇ! بىراق سەل بۇرۇن كېيىۋالدىڭلارمۇ قانداق؟ ماڭا غەيرىلا تۇيىلىۋاتىدۇ!» دېدى. مەن شۇئان ئۇنىڭغا: «مەنغۇ كېيىپتىمەن، سەن نېمىشقا كەيمىدىڭ، سىنىڭ دوپپاڭ قېنى؟ ئوغرى ئىلىۋالمىغاندۇ؟ گېپىڭنىڭ ئالدى بەك چىرايلىق بولدى، كەينىدىكىسى ھەسەتخورلۇقمۇ؟ ئۆزەڭ كەيمەيسەن، مەن كەيسەم قۇسۇر تاپامسەن؟ نېمە ئىشىڭغا پۇتلاشتى مېنىڭ دوپپا كېيىشىم؟ سەن بېشىڭغا ھېچ نەرسە كېيمەپتىكەنسەن، تۇرىقىڭ سۇغۇقتا كاچكۇلغا چۈشكەن مۇشۇكتەك بولۇپ قاپتۇ، ئالدى بىلەن بېشىڭغا بىر نەرسە كېيىپ، ئاندىن باشقىلارنىڭ كەيگەن- كىيمىگەنلىرىگە گەپ قىل، كەيسە تېخى قۇسۇر تېپىپ، كەيمىسە تېخى قوسۇر تېپىپ، كۇسپورۇچلۇق قىلما.!..» دېدىم. ئاغزىمدىن چىققان گەپلەر خۇددى پىلۇمۇتتەك ئىدى، قارىغاندا تاماقخانىنى بېشىمغا كەيگەن چېغىم، ئەتراپىمغا قارىسام، تاماق يەۋاتقان 40-50 لىكچە ئادەم ماڭا قاراۋېتىپتۇ. مېنىڭ گەپلىرىمگە ھېچكىم قارشى چىقمىغاندەك قىلاتتى، ھەتتا گەپلىرىم ئۇلارغا ياغدەك ياغقاندەك قىلاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ شائېر دوستىمىز سالايىھىتىگە مۇناسىپ گەپ قىلمىدى، ئۇ ئۆزىنى جەمئىيەتتىكى ئىلغار، ئىلمىي پىكىرلىك كىشى دەپ قارايدىغان ھەم شۇ سالايىھەتكە ئىگە ئادەم ئىدى. ھالبۇكى، بۇ سورۇندا ئۇ ئىنتايىن ئۇسال ھالغا چۈشۈپ قالدى، شۇڭا ئۇ پوكاندەك قىزاردى. مېنىڭچە بولغاندا، ئۆزىنى جەمئىيەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ھېسابلايدىغان ئادەم باشقىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىش – ھەرىكەت، پوزۇتسىيەسىگە باھا بەرگەندە، گەپ قىلغاندا، سورۇن تاللاشقا، ئىجتىمائىي مۇھىتنى تەدبىقلاشقا ھەم شۇ مۇھىتنى چىقىش قىلىشقا، شۇ ئادەمنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. دوپپا كېيىش بىزنىڭ ئەلمىساقتىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىي ئادىتىمىز، توي- توكۇن، ھېيت- بايراملاردا ئەڭ ئېسىل دوپپا- تۇماقلارنى كېيىشمۇ مۇقەددەس ئادەت. مىللەت قەۋمىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى بۇنى تولۇق بىلىدۇ، ئەجىبا، ئاتالمىش ئۆزىنى ئۇلۇقلارنىڭ بىرى سانايدىغان شائېر دوستىمىز بۇنى بىلمەمدىغاندۇ؟

   مۇشۇنىڭغا ئۇللاپ ئەتىسى يەنە بىر ئىشقا دۇچ كەلدىم. شۇ كۈنى مەن مەلۇم ئورگاندىكى بىر دوستۇمنى ئىزدەپ باردىم، ئۇ بەك خوش بولدى، بىراق ئۇ تۇرۇپلا: دوپپاڭ ئەجەپ يارىشىپتۇ، بىراق نېمە دەپ قارا قىشتا دوپپا كېيىۋالدىڭ؟ بىرەر ئۇرۇق – تۇغقىنىڭ ئۆلۈپ كەتمىگەندۇ؟» دېدى. مېنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى. ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچكىرسىگە قاراپ قويدۇم، ئۇ شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالسا بولاتتى، ئۇ يەنە گەپ تەشتى:« دوپپا دېگەننى قېرىلار كەيسە بولىدۇ، نېمە دەپ ئەمدى ئۆزۈڭنى قېرى كۆرسىتىسەن؟» مەن ئۇنىڭغا: «نېمە كارىڭ؟ساڭا ئوخشاش چاچ بوياپ قېرىلىقىمنى پەدازلاپ يۈرسەم بولامتى؟ مېنىڭغۇ باركەن، قېنى سىنىڭ دوپپاڭ؟!» دېدىم زەردە بىلەن. مەن ئۆزۈمى تۇتۇۋالالماي سۆزلەپ كەتتىم، ئاخرىدا « سەن ئۆز تۇرۇق- ھالىتىڭنى دوپپا كېيىپ ئەينەك ئالدىدا بىر قېتىم كۆر، چېچىڭنى بۇياپ يەنە بىر قېتىم كۆر، شۇ چاغدا تەقى-تۇرقىڭ، قەددى – قامىتىڭنىڭ پەرقىنى تاپالايسەن!» دېدىم.

دۇپپا ئاتا- بوۋىلار، موما- چوڭ ئانىلاردىن قالغان ئۇلۇقنىڭ سىمۇۋۇلى، شۇنداقلا ئۆزىمىزگە خاس – تەقى- تۇرۇقنىڭ نامايان قىلغۇچىسى. ناھايىتى ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا كېيىشنى ئادەت قىلىپ كەلگەن دوپپا – تۇماقلىرىمىز باشنى ئىسسىق- سۇغۇقتىن، چاڭ تۇزاڭ، زىيان- زەخمەتتىن ساقلاشتەك خاسلىقى بىلەنلا ئەمەس، گۈزەل رۇخسار، ساغلام، جۇشقۇن كەيپىيات يارىتىشتىكى ئارتۇقچىلىقى بىلەنمۇ قەدىرلىك، ئەتىقۋارلىق، ھالبۇكى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا يۈز بەرگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا ئۆزىمىزگە خاس دوپپا – تۇماقلىرىمىزنىڭ ئورنىنى شەپكىگە ئوخشاش باش كېيىملەر ئىگىلىدى، يېقىنقى 30 نەچچە يىلدا بولسا، شەپكە تەدرىجى ئىستىمالدىن قېلىپ، باش كېيىمسىز، چاچ، كالتە چاچ ياكى چاچسىز يۈرۈش مۇدا بولدى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەردە چەتنىڭ باش كېيىملىرى، كېيىم- كېچەكلىرىنى كېيىش، چەتنىڭ مۇدا بولغان كېيىنىش، ياسىنىش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىش خائىشچانلىقى ئەۋىج ئېلىپ خاسلىق يوقالدى. دۇپپا- تۇماقلىرىمىز بولسا،مۇراسىم كېيىمى، توي- توكۈن، ئۆلۈم- يېتىم، مۇسىبەت كېيىمى ياكى ياشانغانلار كېيىمى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدىغان بويۇمغا ئايلاندى. ھالبۇكى، باش كېيىمى بولغان دوپپا مىللەت كىملىكى سەھنىسىدىن چۈشۈپ قالماي، دۆلەت رەھبەرلىرىگە، چەتئەللىك ئېزىز مېھمانلارغا تەقدىم قىلىنىدىغان قىممەتلىك سوۋغا بويۇمىغا ئايلاندى. بۇنىڭدىن باشقا دوپپا- تۇماقلىرىمىز سەنئەتكارلارنىڭ ئەتىۋارلىق سەھنە كېيىمىگە ئايلاندى. بۇ يەردە بىر نەرسىنى تەكىتلەش كېرەككى، دوپپا –تۇماقلىرىمىز ناچار مەدەنىيەت ئامىلى بولماستىن، ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرى بولغانلىقتىن،ئومۇملاشقان ئىستېمالدىن قالغان بولسىمۇ، ئىلغار مەدەنىيەت- سەنئەت، ئادەت، ئەنئەنە سەھنىسىدىن چۈشۈپ قالماي مەۋجۇتلىقىنى يۈكسەكلىك چوقىسىدا نامايان قىلىپ كەلدى. بۇ يەردە يەنە بىر نەرسىنى تەكتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، نەچچە مىليۇن ئىشچى - خىزمەتچى فورما كەيدى، بۇمۇ دوپپا - توماقلىرىمىزغا بەلگۈلۈك تەسىر كۆرسەتتى... لېكىن بۇ شۇنداق قىلىش زۆرۈر بولغان ئېھتىياج... ھالبۇكى، ئالدىنقى باياندىكى بىر قاتار قىسمەنلىك بايقىدەك دوستلىرىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلاردا خاسلىق بىلەن يارىتىلغان ۋە مۇكەممەللەشكەن مەدەنىيەت مەھسۇلاتىمىزغا، روھىيەت سەلتەنىتىمىزگە بولغان ئىتىقادىنى سۇسۇلاشتۇرۇۋەتكەن. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە ئۇلاردا ئاشۇنداق گۇمانسىرايدىغان، دوپپا- تۇماقلىرىمىزدىن  نۇمۇس قىلىدىغان ھالەتنى شەكىلەندۈرۈپ قويغان. بۇنى مىللەت روھىيىتىگە تەدبىقلايدىغان بولساق، بۇ ئاشۇنداق ئادەملەردىكى بۇزۇلغان بىر خىل خىلىتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ماھايەتتە بۇ بىر قىسىم ئادەملەردىكى  ئىچىكى بۇزۇلۇش بولۇپ، قانداقتۇر شۇنداقلا دېيىلىۋاتقان گەپ ئەمەس. لېكىن، ئۇ روھى جەھەتتىكى ساغلاملىققا نۇقسان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، شۇ ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنىمۇ بۇزىدۇ. بۇنداق پىسخىك بۇزۇلۇش ئادەمنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىتىنى تەبىيلا ئىنكار قىلىدۇ ياكى ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا ئېلىپ بارىدۇ، ئۇ ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، ئېنىقكى، ئېغىر نۇقسان ۋە بىچارىلىق پەيدا قىلىپ كىملىكىنى بەربات قىلىۋېتىدۇ.

مەن نۇرۇز كۈنى ھېلىقى دوپپامنى ۋە يېڭىدىن سېتىۋالغان كاستيۇم- بۇرۇلكامنى كېيىپ، سەھەردىلا شىنجاڭ پەن – تېخنىكا نەشرىياتىنىڭ بەت ياساش ئىشخانىسىغا باردىم. بۇ يەردىكى قىزلار:« ۋاھ، بۇ دوپپا، بۇ كېيىملىرىڭىز ئەجەپمۇ يارىشىپتۇ، 30 ياش ياشىرىپ كېتىپسىز، مۇبارەك بولسۇن، مۇرۇزىڭىزغا مەرھابا!..» دەپ چۇقۇراشتى. « رەھمەت، ھەممىڭلارنىڭ نۇرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن، نۇرۇز ھەمىمىزگە شاد- خۇراملىق بەرسۇن!» دېدىم مەنمۇ سۆيۈنۈش بىلەن.  شۇ كۈنى يەنە شۇ ناشرىياتتىكى ۋە «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدىكى مۇقاۋا لايىھىلىگۈچىلەر، بەت ياسىغۇچىلار ئاتايىتەن رۇخسەتلىك ئۆتۈنۈش بىلەن مېنىڭ سۈرۈتىمنى تارتىۋالدى. مەن ئۇلارنىڭ مەقسىدىنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلدىم. شۇ يەردە يەنە خاس كېيىملىرىمىز ھەققىدە پاراڭ بولدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشتىن كېيىن نۇرۇزلۇق كېيىمنلىرىنى كېيىپ كېلىدىغان بولدى ھەم شۇنداق قىلدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بالىلىرىدا خاس ئۇيغۇرچە كېيىملەرنى كېيىش قىزغىنلىقى ناھايىتى  يۇقىرى ئىكەن، ھازىر ھەر بىر ھېيىت – بايرام، مۇراسىم بولسىلا، بالىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەنئەنىۋىي كېيىملەرنى كېيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپتۇ. مەن يېقىنقى بەش يىل مابەينىدە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى خاس، رەڭدار كېيىملەرنى كەيگەن ياشلار، بالىلارنى تۈركۈم- تۈركۈملەپ كۆردۇم، ئۇلارنىڭ رەڭدار كېيىملىرى كىشىگە ئاجايىپ بىر خىل جەلىپكارلىق ۋە ھوزۇر بېرىدۇ. بۇ يەردە بىر نەرسىنى تەكىتلىمەي بولمايدۇكى، ھەر مىللەت كىشىلىرى توپلاشقان ئۈرۈمچىگە نىسبەتەن خاس كېيىم- كېچەكلەرنى كېيىش رەڭدار گۈل ھاسىل قىلىدۇكى، ئايرىمىچىلىك، مىللەتچىلىك تۇيغۇسى بەرمەيدۇ. چۈنكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كېيىم- كېچىكىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخى بار، ئۇ شۇ مىللەت كىشىلىرىگە شۇ قەدەر گۈزەل، يارقىن، جەلىبكار تۈس بېرىدۇ. رەڭدار كېيىش يەنە بىر جەھەتتىن بىر بىرىگە بولغان ھۆرمەت، چۈشۈنۈش، ئىتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى قوزغاپ، ئىناق، ئىجىل، ئىتتىپاق ئۆتۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ نۆۋەتتەىكى دەۋىر تەلىپى، تەرەققىيات يۈزلنىشىمىزگە ھەمكارلىق كەيپىياتى ئېلىپ كېلىدىغان ئومۇمىيلىققا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئاساسىي قانۇندا كىشىلەرنىڭ تەرقى- تۇرۇق ھۇقۇقى ناھايىتى ئېنىق يۇرۇتۇلغان ۋە ھەر كىمنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى ئېنىق ئۆلچەم بىلەن بېكىتىلگەن، شۇ ۋەجىدىن كىمنىڭ قانداق كېيىنىشى چەكلىمىگە ئۇچرىماي كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ، ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرىمىزدىكى ھەممىنى چەكلەشكە ئادەتلىنىپ قالغان ياكى خاتا قوبۇل قىلىۋېلىشنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ئەقىدە قىلىۋالغان كىشىلىرىمىزدە ئىلغار ئەنئەنىۋىيلىككە تەۋە خاسلىقنى بىر خىل كونىلىق دەپ قاراپ، غەيرى تۇيلۇش پىسخىكىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىش داۋاملاشقانلىقتىن، ماڭا ئوخشاش ئۆزىمىزنىڭ خاس دۇپپا – تۇماقلىرىنى ياقتۇرۇپ كېيىدىغانلارغا نىسبەتەن قۇسۇر تاپقۇسى كېلىپ تۇرىدىغان ئاجىزلىق مەۋجۇت، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىچە غەيرى تۇيۇلغان نەرسىلەرگە قارىتا سىياسەت چىقىرىش بىلەن بېسىش، كازاپلىق بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئارقىلىق ياخشىچاق بولۇش، كۆزىگە غەلىتە كۆرۈنگەن ھالەت، ھادىسە، نەرسىلەرنى ئۇچۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش خائىشى مەۋجۇت. بۇ تولىمۇ بىمەنىلىك، باشقىلارنىڭ غۇرۇر- شەخسىيىتىگە شەرمەندىلەرچە چېلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.

كېيىم – كېچەك ئادەم تاشقى قىياپەتنىڭ ئىنكاسى، شۇنداقلا ئىچىكى ماھايەتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەكىس ئەتكەن بىرلىكى. بىر ئادەمنىڭ قانداق كېيىمنى كېيىشى ۋە قايسى تەقلىتتە كېيىشى مەقسەت- مۇدىئاسىز بولمايدۇ. ئۇ بىر ئادەمنىڭ سۈپەت، ساپاسىنى، نېمە ئويلاپ، نېمە قىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇشۇ مەندىن ئالغاندا، كېيىم- كېچەكنى قانداق كېيىش ئادەمنىڭ ئىچىكى ماھايىتىنى نامايان قىلىپ بېرىش بولۇپ،قانداقتۇر ئۇ ئاددى، يۈزەكى، تۇترۇقسىز پۇزۇتسىيە بىلەن باھا بەرگىلى بولىدىغان يۈزەكى نەرسە ئەمەس. كېيىم- كېچەك ئىنسانيەت  مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ ئاساسلىرىدىن بىرسى، يىراق ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، ئىنسانلارنىڭ ياۋايىلىقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى بەلگۈسىمۇ كېيىم- كېچەك بولغان، ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيىلىكىمۇ كېيىم- كېچىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ شەكىللەنگەن، ئاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى ھەرىكەتنىڭ شەكىللىنىشىنى ۋە ئۆزگىرىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئىستېمالنىڭ كەڭلىكىنى ھاسىل قىلغان. كېيىم – كېچەكنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ، بىۋاسىتە بولۇپ، ئۇنى كىشىلىك ھاياتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنىڭ مەنبەسى دېيىشكە بولىدۇ.   كېيىم – كېچەك، زىبۇ- زىنەت، چاچ- ساقال، شۇنداقلا ئادەملىك تۇرۇق بىلەن مىللەت ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويغىلى بولمىسىمۇ، بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ دەرىجە، سۈپىتىنى ئىسىل، خاس كېيىم – كېچەك، زىبۇ- زىنەت، چاچ- ساقالدىن ئايرىپ بېكىتكىلى بولمايدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى خاسلىق تەرەققىياتنىڭ مۇھىم مەنبەلىرىدىن بىرسى، خاسلىقنى زور كۈچ بىلەن نامايان قىلىش كېرەك دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئاياللار ئارىسىدا «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كېيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت، گىرىم بويۇملىرى، تەقى –تۇرۇق خاسلىقىنى تولۇق، يۇكسەك دەرىجىدە نامايان قىلىشنى يولغا قويدى ھەمدە ناھايىتى زور ھەجىمدىكى مەبلەغنى بۇ تۈر ئۈچۈن ئاجراتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سىز كىم بولۇڭ، خاسلىقىڭىزنى نامايان قىلسىڭىز، ئېنىقكى، مانا مۇشۇ تەشەببۇسقا ھەقىقىي ئاۋاز قوشقان بولىسىز. ئەكسىنچە، كىمنىڭدۇ كېيىنىشى، تەقى – تۇرقىغا قوسۇر تېپىشقا ھەققىڭىز يوق. بار ھەم ئىلغار نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىشقا ھەققىڭىز يوق! كىمنىڭ قانداق ياشىشى، قانداق كېيىنىشىنى نېمە دەپ نازارەت قىلىمىز؟ شۇنداق قىلىشقا نېمە ھەققىمىز؟ كىمنڭ قانداق ياشىشىنى سەن تاللاپ بەرمە، ئۇ ئۆزى تاللىسۇن، ئۆزى ياقتۇرغان ئىش ئەڭ توغرا ئىش، ئەڭ چوڭ بەخت تۇيغۇسى بېرىدىغان ۋاسىتىدۇر! دوپپا ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى، كېيىملىرىنىڭ گۈل تاجى، شۇنداقلا، ئۇ ناھايىتى يۈكسەك قىممەتكە ئىگە ئۇلۇق، مۇقەددەس مەدەنىيىتىدۇر!

2014-4-14- كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.j.tuprak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-3 02:37 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-4 07:57 PM):
مەنبە:ئۆزۈمنىڭ يېڭى يازمىسى.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2556
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21676
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9902 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 11:24:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مۇنبەر بەلگىلىمىسى بويىچە ئەسەر ئاپتورى ياكى كېلىش مەنبەسىنى ئىنكاس ئارقىلىق دەرھال ئەسكەرتىپ بېرىشىڭىزنى سورايمەن.

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 941
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 11:00:31 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇرۇن دوپپاكەيگەنلەرنى كۆرسەم  باشقىچە قارايتىم  بىريىل بولدى ئۆزەم كىيۋالدىم   دوپپا كەيمىگەنلەرنى  باشقا مىللەتلەرنى  كۆرسەم   ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر لۇقۇمدىن  پەخرلىنىپ كىتىمەن زادى     يازمىڭىز قالتىس بوپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92563
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 550
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 01:51:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  تېرشىپ  3 كۈن كەيدىم  !!
ئەمما كۆرگەنلا تونۇش - بىلىشلىرىم : تېچلىقتۇ ؟  دەپ يۈرەكنى سىقتى شۇنىڭ بىلەن ...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   delawur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-5 01:51 AM  


ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي

بۇ كۈنلەرمۇئۈتۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19864
يازما سانى: 497
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12619
تۆھپە نۇمۇرى: 325
توردا: 2149 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 10:42:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا،بۈگۈن ئەتىگەن دوپپا كىيىپ ئىشقا كەلسەم باشلىقىم،ئۆيدە بىرەر ئىش بولدىما دىمەسما،بىر قىسىملا بولۇپ قالدىم.

بۇ كۈنلەرمۇئۈتۈپ كىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103224
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2014-2-6
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 02:49:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
delawur يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 01:51 AM
مەنمۇ  تېرشىپ  3 كۈن كەيدىم  !!
ئەمما كۆرگەنلا تونۇش - بىل ...

]شۇنۇڭ بېلەن كەيمىدىڭىز دەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103224
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2014-2-6
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 02:51:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tawgaq يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 10:42 AM
توۋا،بۈگۈن ئەتىگەن دوپپا كىيىپ ئىشقا كەلسەم باشلىقىم، ...

ھازىرقى جاھان  ئاشۇندا بوپ كېتېپتۇ...ئادەمنىڭ رايىنى  ياندۇرۇپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102898
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 63
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-1-28
ئاخىرقى: 2014-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 09:58:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوپپا كىيىش ئەسلىدىلا ياخشى ئىش،چۈنكى،بىرىنچىدىن -ئۆزىڭىزنىڭ قايسىى قەۋىمگە تەۋەلىگىڭىزنى نامايەن قىلىسىز؛ئىككىنچىدىن-بېشىڭىزنى چاڭ-توزاڭلاردىن ساقلايسىز؛ئۈچىنچىدىن-بېشىڭىزغا ئاپتاپ ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىپ قالىسىز؛تۆتىنچىدىن-كوچا ئاپتوبۇسلاردا دوپپىڭىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن سىزگە ئورۇن بوشىتىپ بېرىدىغانلار چىقىپ قېلىشىمۇ مۈمكىن.باشقىلار نىمىلا دېمىسۇن ئۆزىڭىزنىڭ دوپپىڭىزنى ئۆزىڭىز كىيمىسىڭىز كىم كىيىدۇ؟باشقىلارغا تارتۇق قىلسىڭىزمۇ ،پەقەت،بىردەملىك......

ئوقۇتقۇچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48789
يازما سانى: 648
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5728
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 733 سائەت
تىزىم: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 02:05:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى كۈنى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ تىلىغۇندا بىر پارچە رەسىمگە چۈشۈپ (دوپپا كىيىپ) ئۈندىدار دوسلۇق چەمبىرىكىگە يوللىغانتىم ، دوسلىرىم كۆرۈپ، ئۇيغۇر دوپىسىنى كىيىۋىلىپ يات مىللەتكە يات تىلدا دەرس سۆزلەمسە دەپ غوتۇلداپ كەتتى ، شۇنداق خۇيۇم تۇتتى ...

ئۇلارنىڭ جاينامازدا ئىمانى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى، يۈرىكىدە پىغانى، سەپ ئالدىدا مەيدانى، تىغ ئالدىدا تەن- جېنى، تومۇرىدا دولقۇنلۇق قېنى  ھاياتىدا ئۆلۈم ھەم شان- شەرىپى نېسى ئىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 10:08:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوپپا تىكتىم چىرايلىق،
كەيسەم بېشىمغا لايىق.
كىيىپ ئۆتسەم كوچاڭدىن،
ھەيران قالسۇن خالايىق.


خەلق قوشاقلىرىدىن بىر تېمىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش