|
|
|
|
يۈرەكتىكى ياش(سانائىل سۆز ئۇيۇنى) يامانلاردىن يىراق يۈرۈڭ!ياماندىن يىراق يۈرمەي يېقىنلاشسىڭىز يامانلار ياپتىلاپ يۈرىكىڭىزنى يېغىرلايدۇ. يانتاق يورتىدىكى يىشى يىگىرمە يەتتىگە يەتكەن،ياخشى يىگىتلەرنى ياراتماي يۈرگەن، يىگانە،يۈگەنسىز ياش «يۇ»،يانتاق يۇرىتىدىن يىراقراق ياندۇما يۇرتىدىكى يىپەكچىلىكتە يىتىلگەن ياش يالقۇننىڭ يىپەكلىرىنى ياپۇنىيە، يۈگۈسلاۋىيەدەك يەرلەرگىمۇ يەتكۈزۈپ ياۋرۇپا يۇرتلىرىدا يايلاپ يۈرگەنلىكىگە يۈرىكى يېلىنجاپ، يالقۇنغا يۇشۇرۇنچە يۈرىكىدىكى يالقۇنلىرىنى يېنىش-يېنىشلاپ يېزىپ،ياندۇمىدىكى يېقىن يۇرىتدىشى يازىگۈلنىڭ ياردىمىدە يازمىسىنى يالقۇنغا يەتكۈزدى.يالقۇن يازمىغا يۈزلىنىپ،يازمىدىكى يىلىنىشلاردىن يۈرىكى ياشىرىپ، ياندۇمىلاپ يازما يېزىپ يۈرمەي،يانچۇقىدىكى يانغونىدا «يۇ»نىڭ يانفۇننى ياڭرىتىپ،«يۇ»غاياراشقا يۈزلىنىپ،يالغانلاردىن،«يۇ»غا يارىغانلىقىدىن يۈركىنىڭ ياشارغانلىقىنى،«يۇ»نىمۇ يېقىنقى يىللاردا يۇشۇرۇنچە ياقتۇرۇپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى يەتكۈزۋىدى،-«يۇ» يالقۇندەك يىتىلگەن ياشنى يۈگەنلىيەلىگەنلىكىدىن يۈرىكى يوغىناپ،يالقۇنغا يۇپۇشتى.يالقۇننىڭ يىپەكچىلىكىنىلا يارىتىپ، يالقۇننىڭ يىتىلگەن يالغانچىلىقىنى، يۈزسىزلىكىنى، يادىغايەتكۈزەلمەستىن،يالقۇنغا يەنىمۇ ياراشقا،يۈزلىرىنى يۈزلەپ يۇيۇپ،يېڭى،ياخشى يېپىنچىلاردا ياسىنىپ،يالقۇنغا ياندىشىپ،ياندۇمىدا، يېقىن-يىراق يۇرتلاردا يۇشۇرۇنچە يۈرىۋەردى.يالقۇنمۇ يالغاندىن ياسالمايۇسۇندا،«يۇ»دىن يانمايدىغانلىقىنى،«يۇ»ياقتۇرسىلايۆگىمەچتەك يۇپۇشۇپ، ياپۇنىيەدە ياشايدىغانلىقىنى يۈزلەپ يادىلاپ «يۇ»غا يېلىندى.«يۇ»مۇ يالقۇننىڭ يىلىنىشلىرىدىن يۇۋاشلىشىپ،يىگانە يۈرۈۋەسە يېشىنىڭ يەنىمۇ يوغىنىشى،يالقۇنغا يۈزلىنىۋالمىسا يانتاق يېزىسىدىن يىرىلالماي يەنىلا يىگانە يۈرشى،يۈرىكىنىڭ يىتىمسىرشى يادىغا يىتىپ،يامان يوللارغا يۈزلەندى.يالقۇن يىلىنىپ يۈرۈپ «يۇ»نى ياۋرۇپاچە ياسالغان،ياسىداق ياتاقلاردا ياتقۇزدى.يالقۇن ياۋايىلىشىپ«يۇ»غايۇپۇشتى. «يۇ»مۇيىلىنىشلاردا يالقۇندىن يۇلقۇنالمىدى. «يۇ»يۈكۈنسىمۇ يالقۇن يانمىدى.يائاللا! «يۇ» يامان يولدا يىمىرىلدى-دە.يالقۇن، «يۇ»لار ياتاقتىن يېنىشىتى.يالقۇن «يۇ»غايېقىندا ياۋرۇپاغا يىپەك يەتكۈزۈشكە يۈرىدىغانلىقىنى،يېڭى يىلدا «يۇ»نى يوقلايدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ،يۇشۇرۇنچە ياقا-يۇرتلارغايوقالدى.يانفۇنىنىمۇ يەڭگۈشلىۋەتتى. «يۇ»يالقۇننى يادىلاپ يۈرۈۋەردى. يېڭى يىلدا يالقۇن ياندۇمىغا يېقىن يولىمىدى.يولىمىغانسىرى«يۇ» يىتىمسىرىدى.يامان يىرى«يۇ»نىڭ يانپىشىنىڭ يۇقۇرىسىدىكى يالقۇننىڭ يالدامىسى يوغىناپ،«يۇ» يۆتىلىپ يۇمىلاندى. يېپىنچىلىرىنى يۇڭۇزلاپ،ياۋايىلاشتى.ياقىلىرىنى يىرتىۋەتتى.«يۇ»يۇرتىغا يامان يۇسۇندا يۈزلىشەلمەي، يېقىنى يازىگۈلنىڭ يوليۇرىقى،ياردەملىرىدە يىراقتىكى يىشۆيۈەندە يالقۇننىڭ يالدامىسىنى يۇشۇرۇنچە يۇقاتتى.يالداما يوقالسىمۇ «يۇ»نىڭ يۈرىكى يارىلاندى. «يۇ»نىڭ يېشى يۇقالماستىن يەنە يامرىدى. يورىتداشلار،يىگانە يۈرۈۋاتقان ياشلار!يېشىڭلارنىڭ يۇغۇنىشىدىن يۈرەكزادىلەشمەي، ياخشى يەرلەرگە يۇپۇشۇپ، يۈرىكىڭلاردىكى يالقۇندىن يىلىنجاپ،يامانلارنىڭ يانپىشىدا يىقىلماڭلار! ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-3 10:36 AM
|
|
|
|
|
|