ماتىماتىكا ئۈگىنىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە
1. كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى
كۆڭلىڭىزدە ئېنىق بىرنىشان بولسۇن، ماتىماتىكا ھەرگىزمۇ ئۆلۈكتەك يادلاش ئەمەس شۇڭا بىز نىشاننى كۆڭلىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز لازىم.
2. كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى
ماتىماتىكى چۈشىنىش ئۈچۈن مەنبەسىنى ئەسلىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ.
ھەربىر فورمۇلالارنىڭ كىلىپ چىقىش مەنبەسى بولىدۇ،بىز مەنبەسىنى چىڭ تۇتۇپ ، يەكۈنلەش جەريانىنى رەتلەپ ئۈگىنىۋىلىشىمىز لازىم.
3.ئۆزىمىزگە خاس ئۇسۇل بىلەن مىسالنى يىشىشىمىز لازىم.
ماتىماتىكىدىكى مىساللارنىڭ كۆپىنچىسى بىزگە نىسبەتەن قىيىن نۇقتىلار ھىسابلىنىدۇ،ئەگەر بىز ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن ئەمەلىي مىساللاردىكى قانۇنىيەتنى تېپىۋالساقلا مۇئەللىمنى ئىزدەپ سوراش ھاجەتسىز.
4.چوڭ ئىمتاھانلاردا دىققەتنى يىغىپ ئولتۇرۇش ، ئولتۇرۇش ھالىتىمىز رۇس بولۇش،ئورۇندۇقنى سەل ئالدىغا بەدىنىمىزنى سەل ئارقىغا تارتىپ ئولتۇرىشىمىز،خەتنى توغرا چىرايلىق يېزىش ئۈچۈن بىر قولىمىزدا كۆرسىتىپ تۇرۇپ يەنە بىر قولىمىزدا يېزىشىمىز لازىم.
5.ماتىماتىكا ئۈگىنىشكە چوڭقۇر چۆكىشىمىز لازىم.
مەشىق قەغىزىنى توختىماي ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش بەئەينى كۆمپىيۇتىرنى توختىماي يېڭىلىغانغا ئوخشايدۇ،بىز پەقەت مەشىق قەغىزىنى توختىماي ئالماشتۇرۇپ تۇرساق سۇئاللارغا نىسبەتەن چوڭقۇر تەپەككۇر ئېلىپ بارالايمىزدە شۇ ئارقىلىق ماتىماتىكىغا بولغان قىزىقىشىمىزنى ئاشۇرالايمىز.ماتىماتىكا ئۆزىڭىزنى قىزىقتۇرالىدىڭىز دىگەن گەپ سىزنى ماتىماتىكىدا ئۇتۇق قازىنالىشىڭىزغا ئىمكانىيەت زور دىگەنلىك بولۇپ ئەگەر سىز ماتىماتىكاچوڭقۇر چۆكمىسىڭىز ماتىماتىكا سىزنىڭ دۈشمىنىڭىزغا ئايلىنىپ قالىدۇ دە نەتىجىگە تەسىر يىتىدۇ.
6.خاتىرە قالدۇرمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.
ماتىماتىكا بولسا كۆپىنچە يەكۈنلەشتە شەكىلنى ئاساس قىلىدىغان پەن
بىز بىلىملەرنى بىر قېتىمدىلا كاللىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ كىيىن كۆپ مەشىق قىلساقلا پۇختىلىنىدىغان بولۇپ ماتىماتىكىنى قايتا ئەسلەش ئارقىلىق ياكى قايتا ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىقمۇ پۇختا ئەستە ساقلىغىلى بولىدۇ.
7.دەرس ۋاقتىدا ئاكتىپ پىكىر قىلىش ،ئاساسى ياىشى بولغان تەقدىردىمۇئالدىن ئۈگىنىپ كىلىش لازىم.
دەرس ۋاقتىدا چوقۇر پىكىر قاتناشتۇرىشىمىزلازىم،گەرچە نىمە دىيىشنى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ باشقىلارغا ئەگىشىپ جۆيلۈشكە توغرا كەلگەندىمۇ يەنىلا ئەركىن پىكىر قىلىش ، تارتىنماسلىق،كۆپچىلىك ئورتاق پىكىر قىلغاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىپ ماتىماتىكىغا .ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىشىمىز لازىم.بۇنداق قىلغاندا دەرس ئۈنۈمى مۇقەررەر ھالدا ياخشى بولغان بولىدۇ.
8.مىنىڭچە بولغاندا مىساللارنى چوقۇم مۇئەللىمدىن بۇرۇن ئىشلەپ كىلىشىمىز ھېچبولمىغاندا مۇئەللىم دوسكىغا مىسالنى يازغان ھامان دەرھال كاللىمىزنى ئىشلىتىپ،ئۇ مىسالنىڭ ئىشلىنىش يولى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز لازىم.
9.مىسالنى ئىشلىگەندە . ئۇنىڭغا بەلگە قويۇپ ئۈگىنىش زۆرۈر.
بەلگە قويۇلغان مىسالنى تەكرار ئىشلىگەندە ئەستە قېلىش نىسبىتى بەك يۇقىرى بولىدۇ.
10.مىسالنى ئىشلىگەندە تولىمۇ ئىھتىياتچان بولىشىمىز،ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىقىمىز لازىم.
ئادەمنىڭ تۇنجى سەزگۈسى ناھايىتى مۇھىم ، شۇڭا تۇنجى قېتىم خاتا ئۈگەنگەن ، خاتا مۇلاھىزە قىلغان نەرسىنى ئۆزگەرتىش بۇ بەسى مۈشكۈل بىر ئىش .
شۇڭا تۇنجى قېتىمدا تولىمۇ ئاۋايلىشىمىز،تولىمۇ ئېغىر-بېسىق بولۇپ قولىمىزغا قەغەزنى ئېلىپلا يېزىشقا چۈشۈپ كىتىشتىن ھەزەر ئەيلىشىمىز لازىم.
ئەسكەرتىش:بۇ ماتىرىيالىنى مەن خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان ، شۇڭا مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىشنى لايىق كۆرمىدىم ، ئەمما مەقسىتىم بارلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرنىڭ يۇقارقى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىشىنى شۇ ئارقىلىق << ماتىماتىكىنى ئۈگىنىش تەس >>دىگەن خاتا چۈشەنچىدىن خالاس بولىشىنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن،تارقىتىپ قويۇڭ!!!
تەرجىمە قىلغۇچى:ئالىمجان تۇرسۇن ئاتەش ئوغلى
مەنبەسى:تېلفۇنىمدىكى بىر يۇمتال