يىـڭى ئــەزا
ئاھىمدىن تەۋرىدى يۈرەك تەنلىرىم، تىنىمنى قاپلىدى ئاچچىق ھارارەت. پۇتۇمدا قالمىدى مېڭىشقا دەرمان، قەلبىمدىن يۇقىدى ئوتلۇق جاسارەت. كۆزلىرىم نەمدەلدى ھەريانغا بېقىپ، تۆت تامدىن ئۆزگىنى تاپالماي ئەسلا. سەن ياتقان ئۈيۈڭنىڭ ئىشىكىنى قېقىپ، جاۋاپسىز قەدەملەر كۈتۈلەر تەسلا. سەپەرگە ئاتلانسام دۇئا بىرەتتىڭ، ئامان بول ئوغلۇم دەپ يىغلاپ كىتەتتىڭ. قانمايتتىڭ بارىم دەپ ئوغلۇڭغا ئەسلا، يېنىشلاپ كۈزۈمگە سۈيۈپ كىتەتتىڭ. ئېچىندىم قىلغان شۇ تەنتەكلىكىمگە، بۇ غەمسىز باشىمغا ئەلەم يەتكەندە. ھۆركۈرەپ يىغلىدىم سۈرەتكە بېقىپ، جانىجان يۈلەنچۈك ئانام كەتكەندە. 2014/04/29 ئۈرۈمچى ئىلھام يازمىسى!
پاش قىلىش
تىرىشچان ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
malika1234 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 04:43 PM ياخشى يىزىپسىز .
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ