شەيتاننىڭ شاتلىقى
ئەجەپ نىمە ئادەم دىگەن، ئىتىپ ئەخمەق يۈرۈۋەردىم،
ئاڭا تىلغاپ ئارامىنى چۈشلىرىنى بۇزۇۋەردىم.
مىنىڭ ئاتىم ،ئىرۇر شەيتان،بۇۋاق تامان بىلور ھەممە،
مىنى قوغلاپ سۈرەلمىدى،ئالەم ئارا كىزىۋەردىم.
ماڭار سىزغان سىزىقىمدا،بىلىپ تۇرۇپ يامانلىقنى،
يامان ئاتاق بىرىپ كەلدىم،ئۆرەك-قاپقان قۇرۇۋەردىم.
گۇمانخورلۇق تۇنى يايدىم،رەشىك بىرلە چېچىپ ھەريان،
گۇمان تونى كىيەر ئادەم،ئاڭا ئۆلچەپ پىچىۋەردىم.
ئىرادىگە بولۇپ دۈشمەن،مۇشەققەتكەبىرىپ ياردەم،
قۇلاق تارتىپ،ئىشى چالا،يېرىم يولدا قۇيۇۋەردىم.
ئاداۋەتلەر تاغارلاپ بار،مىنىڭ مىكىر غەزىنەمدە،
سورىساكىم،ئاياپ يۈرمەي،سېخىلارچە بىرىۋەردىم.
مىنىڭ تۆھپەم ئەجەپ كاتتا،قەلىبلەردە سۈرەر دەۋران،
ئاشۇ كۆڭۈل پىغان چەكسە،قاقاھلاپ مەن كۈلۈۋەردىم.
ئاڭاھەمرا، ماڭا ھەممە،قاچالماستۇر يىراق تامان،
قەسەمياتتۇر ئادىمىيگە بولۇپ ھەمرا ئۆتۈۋەردىم.
ئاپتۇر:كىرىمجان ياسىن(زەپەر).