مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2018|ئىنكاس: 10

ئەر بولساڭ ،ئەركەكتەك ياشا! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73559
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 6020
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 01:15:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەر بولساڭ ،ئەركەكتەك ياشا

( بىر ئايالنىڭ ئازابلىق  كەچۈرمشىلىرى)

ئەخمەتجان ئابلىز

   ئۆز قېزىقىشىلىرىم بىلەن ئانچە- مۇنچە بىر نىمىلەرنى يازدىغان ئادىتىم بار ئىدى. بەزى ھاللاردا مۇنبەرلەرگىمۇ  يوللاپ قۇياتتىم . يازغانلىرىم ئۆزۈمگە ئانچە بەك ياراپ كەتمىسىمۇ ، لىكىن تورداشلار ئۈچۈن قېزىق تىما  بولۇپ تۇيۇلامدىكىن، نۇرغۇن ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپ قۇياتتى. ئۇلارنىڭ ئىنكاسلىرى ، بەرگەن باھاللىرى مىنى ئىلھاملاندۇرۇپ ، تۇختاۋسىز  قەلەم تەۋرىتىشكە ئۈندەيتى.‹‹ ئەر بولساڭ ،ئەركەكتەك ياشا ›› دىگەن بۇ يازماممۇ دەل شۇ سەۋەبدىن يېزىلغان ئىدى. يازغانلىرىم قەلىبى ئازابلانغان ، يۈرىكى قۇقاس ئوتتا پۇچلانغان  ئاياللىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ مەلىھەم، مىسكىن دىللىرىغا روھى ئۇزۇق ، ئاڭقاۋلىق، تەيتارتاپلىق ، بىغەم كۇچىسىغا كىرىۋالغان ۋە كىرىپ كىتىۋاتقان ئەرلىرىمىزگە  كۈچ –قۇدرەت، غەيرەت-جاسارەت   ئاتا قىلالىسا ، قىلغان ئەمگەكلىرىمدىن قانائەتلەنگەن بۇلار ئىدىم.

مەن ئېرىم بىلەن قانداق تۇنۇشۇپ ، توي قىلغانلىقىمنى ئېسىمگە ئالالمايمەن. چۈنكى ئۇ چاغلاردا ، ھازىرقى قىز-يىگىتلەردەك كۆرۇشۇپ ، مۇھەببەتلىشىدىغان، ئۆزئارا چۈشىنىپ ، كۆڭۈل بىرىشىدىغان ئىشلار يوق ئىدى. ھەتتاكى نۇرغۇنلىرىمىز  بولغۇسى ئېرىمىزنىڭ پاكارمۇ ، ئېگىزمۇ؟ ئۇرۇقمۇ ، سىمىزمۇ؟ تازمۇ، ساقمۇ؟ ئوغرىمۇ، يانچۇقچىمۇ؟ قىمارۋازمۇ ، ھاراقكەشمۇ؟ ئىمانى بارمۇ ، يۇقمۇ؟ دېگەنلەردىن خەۋەرسىز توي كىچىسى بىر ياستۇققا باش قۇياتتۇق. ئەتىمىزنىڭ قانداق بولۇشى بىزگە سىرلىق تىپىشماق ئىدى. بەختىمىز ئوڭ كىلىپ، ئاللا رەھمىتى چۈشكەنلىرىمىزنىڭ بەختى قۇياشتەك كۈلۈپ كىتىدىغان ، تەتۇر پىشانە، ئاللانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغانلىرىمىزنىڭ بەختى قاراڭغۇ زۇلمەتلىك بىلەن باشلىناتتى.

مانا مەنمۇ ئاشۇنداق قىسمەتلەرگە مۇپتىلا بولغان روھى قەيسەر ، قەلىبى پۇچلانغان ئاجىزە ئايال.

مەن ئۆمۈرلۈك ھەمراھىمنىڭ تەقى –تۇرقى ، رەڭگى –رۇخسارى، ھۆسىن ـ جامالىنى توي كىچىسى كۆردۇم . شۇ كىچىسى ئۇنىڭ  قىلغان تاتلىق گەپلىرى، ۋاپاردارلىقى ، مىھىرىبانلىقى ، كۆيۈمچانلىقى ئەتەمنىڭ پارلاق بولدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدى. ئىچىمدە ئاللانىڭ ماڭا ياخشى بىر ئەرنى قەدىناس قىلغانلىقىغا مىڭ ھەمدۇ سانالارنى ئىيتىقان ئىدىم . نىكاھ غايىپ دېگەن مانا مۇشۇ ئوخشايىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىز ئىككىمىز ئەر-خۇتۇن بولۇپ خىلى كۈنلەرگىچە ياخشى ئۆتتۇق.  لىكىن ‹‹ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا›، دېگەندەك ئېرىمنىڭ بولمىغۇر قىلىقلىرى بارا-بارا ئاشكارلىنىشقا باشلىدى. ئۇ ئەتىتىگەن چىقىپ كەتسە  كەچقارايغان، ھەتتاكى يىرىم كىچىلەردە ئۆيگە قايىتىپ كىلەتتى. ئۇ مىنىڭ ، ياق چوڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزغاننىڭ تاشاينىسىغا ئىت ، تۇخۇلارنىڭمۇ  تاتىلىق ئۇيقۇسىنى بۇزىۋەتتى. نەچچە قىتىم گەپ قىلماقچى بولدۇم ، لىكىن چوڭلار ئېغىز ئاچسۇن دەپ ئاغزىغا قاردىم ، ئەپسۇس ئۇلاردىن ھىچبىر سادا كەلمەيتى. ئاخىرى ، تاقىتىمنىڭ چىكى تۇشۇپ : - جىنىم، نىمانداق ئۆزىڭىزنىڭ جىنى قىينايسىز؟ مەندىن كۆڭلىڭىز رەنجىپ قالغان بولسا ، مىنى كەچۈرۈڭ –دىدىم بىر كۈنى . سۇئاللىرىم جاۋابىسىز قالدى. يۈرىكىم ئازابلىق دېڭىزغا غەرق بولدى . كىيىنچە جاۋابسىز سۇئاللىرىم تىل –دەشناملار بىلەن قايتۇرۇلدى. يۈرىكىم چوغدا پۇچلانغاندەك ئېچىشاتتى. ئۆيۈمگە كىتەي دىدىميۇ ، ئاتا-ئانام، ئاكا –ئىنىلىرىم، ئاچا-سىڭىلىرىم ئالدىدا، ياق مەھەللە-كويلا، ئەل –جامائەت ئالدىدا سەت تۇرارمۇ دەپ ئاچچىقىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ، زەنجىرلەنگەن قەلب قەسىرلىرىدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم.

توۋا دەيمەن ، تەقدىرىنىڭ قىسمەتلىرىگە نىمە دىگۈلۈك . كۆڭلىم بىر نەرسىلەرنى تارتىدىغان‹‹ ھۆ ››قىلدىغان بولۇپ قالدىم . كىچىلىكمىكىن باشتا مىجەزىم يوق ئوخشايدۇ دەپتىمەن، بىر كۈنى تاماق ئېتىۋىتىپ كۆڭلىم ئېلىشپ ،‹‹ھۆ›› قىلىپ سالدىم. قىيىن ئانام مەندىكى بۇ ھالەتلەرنى كۆرۇپ ،چىرايدىن خۇشاللىق جىلۋە قىلغاندەك بولدى. ئىچىمدە ‹‹ ھۇ›› ئالجىغان قىرى ، مىجەزىم يۇق تۇرسا خۇش بولۇپ كەتكىنى دىدىم . شۇ كۈندىن باشلاپ قىيىن ئانامنىڭ مۇئامىلىسى باشىقىچە ئۆزگەردى. بىر كۈنى قىيىن ئانام بويۇمغا قالغانلىقىنى ئىيىتماسمۇ ، بېشىم پىرىدە پىرقىراپ  داق يەرگە پاققىدە چۈشتىم . بىر چاغدا سۇپىغا سېىلىنغان كۆرپە ئۈسىتىدە سۇنايىلىنىپ يىتىپتىمەن ،ئالدىمدا قىيىن ئانام ،قىيىن ئاتام تىكلىپ تۇراتتى. ئۇلارغا نىمە دىيىشمنى بىلەلمەي كۆزۈمنى چىڭ يۇمدىم. ئىھ ،خۇدا ،سەن نىمانداق رەھىمسىز ، نىمانداق شەپقەتسىز، مىنى بۇنداق ئازابلارغا سالغۇچە ، دەرگاھىڭغا ئېلىپ كەتسەڭچۇ؟ -دىدىم ئىچىمدە شىۋىرلاپ تۇرۇپ. لەۋىلىرىمنىڭ بىلىنەر –بىلىنمەس مىدىرلاۋاتقانلىقىنى قىيىن ئانام،قىيىن ئاتام سەزدىمۇ بەلىكىم ، قىزىم ،نىمە گىپىڭىز بولسا ،بىزگە دەڭ ! بىز سىزنى يەرگە قاراتمايمىز –دىدى. ئۇلارغا تەڭرىگە ئىيىتقانلىرىمىنى دىگىلى بولاتتىمۇ، ھىچقانداق گىپىم يوق دىگەندەك قىلىپ ،بېشىمنى لىڭشىتىم . ئۇلار ئىچىمدە تۈگىمەس دەرت –ھەسرەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئالىقاچان بىلىگەن چىغى چۇڭقۇر ئۇھسىنغىچە ئۇرۇنلىرىدىن تۇرۇپ  ،سىرتىقا قاراپ ماڭدى. خىياللىرىم روھى دۇنيارىم بىلەن ئېلىشماقتا ئىدى. ئاللانىڭ ماڭا قىلىغان ئىلتىپاتلىرىنى  بۇ دۇنياغا ئاپرىدە قىلىش ،قىلماسلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. كۇنىلارنىڭ پەرزەنىت ئائىلىنىڭ چىرىغى ، ھەرقانداق ئەسىكى ئەر پەرزەنىت تۇغۇلغان ھامان ،ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىپ كىتىدۇ دېگەنلەر كۆڭلىمىدىن غۇۋا ئۆتمەكتە ئىدى. شۇنداق بولىسمۇ كۆڭلىمىنىڭ بىر يەرلىرى ئۈمىد شاملىرى بىلەن يۇرۇۋاتقاندەك بولدى. ئاخىرى ھىچقانداق بىر گۇناھى يۇق كەلگۈسى تۇغۇلدىغان جاننى ساقلاپ قىلىش نىيىتىگە كەلدىم . بىر –ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئېرىم ئۆيگە قايىتىپ كەلدى . ئۇنىڭغا تەبەسسۇم  بىلەن باقتىم .لىكىن ئۇنىڭ سۇغۇق تەلەتى تىنىمنى شۈركۈندۇرۋەتتى . يەنىلا دەرتىمنى ئىچىمىگە يۇتۇشكە مەجبۇر بولدۇم . كەچتە بىر ياستۇققا باش قۇيۇپ ،ئاياللىق مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلاي دېگەن نىيەتتە ، ئۇرۇن –كۆرپە راسىلاپ ساقلىدىم .لىكىن ئۇنىڭ قارسىمۇ كۆرۇنمەيتى. بىر چاغدا  ئىشكىنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى ،ئىلغا قىلىنغان كۆزلىرىمنى ئاچقۇزىۋەتتى- دە: - كىرىدىڭىزمۇ؟ -دىدىم ئارانلا. ئۇ بىر ئېغىزمۇ تىنمىدى. يۈرىكىم قارتىلا قىلىپ كەتتى. ئۇ ئۇدۇل كىلىپ ، كىيىم –كىچەكلىرى بىلەنلا ئۇرۇنغا ئۆزىنى تاشلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى تۇرۇسقا مىختەك  تىكىلگەن  ئىدى. مەن بېشىمنى ياستۇقىتىن كۆتۇرۇپ :- مىجەزىڭىز يۇقمۇ؟ بىرەر يىرىڭىز ئاغرامدۇ؟ -دەپ سۇردۇم ئۇنىڭدىن . ئۇ بېشىنى چايقىنغىچە ‹‹ياق ›› دىدى. ئاللا شۈكىرى ،ھەر نىمە بولسا  بۇ مەخلۇقىتىن زۇۋان كەلدى. ئەمدى  قۇرسىقىمدا قالغانلىقىنى ئېيىتىپ ، ئۇنىڭ غەمكىن دىللىرىنى شاتلاندۇراي دىدىم –دە: - بەكىرى ، قۇرسىقىمدا قاپتۇ، قاراڭ –دىدىم قۇللىرىم بىلەن قۇرسىقىمنى سىيىلاپ تۇرۇپ. ئۇ يا ھاياجانلانمىدى يا خاپا بولمىدى ،پەقەت چىرايىدا بىلىنەر –بىلىنمەس ئالامەتلەركۆرۇندى. توۋا دەيمەن، ئايالىنىڭ قورسىقىدا قالغانلىقىنى ئاڭلىغان قانچىلىغان ئەرلەرنىڭ خۇشاللىقىتىن بېشى كۆككە يەتكەن ئىدى-ھە! ھەتتاكى نۇرغۇن ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ قۇرسىقىدا قالغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ دادا بولدىغانلىقىدىن ئالەمچە شادىلىنىپ ، قىلمىغان قىلىقلىرى قالىمىغان بولغىيىتى .  قاراڭ ، مۇنۇ مەخلۇقنىڭ يېتىشلىرى گۇيا مىنى چۇشقىنىڭ يىنىدا تۇرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىۋاتاتتى. چىشلىرىم غەزەپتىن كىرىشىپ كىتىۋاتاتتى. ھازىرلا ئىتتىڭ پىچاق بىلەن ئۇنىڭ تاشتەك يۈرىكىنى تىلغاپ كۆرگۈم كىلۋاتاتتى. لىكىن  ئىمانىم بۇنىڭغا پەقەت يول قويمايتى. ئۇنىڭدىن بىر غىرىچ بولسىمۇ يىراقراق تۇراي دەپ ئۇرۇنىدىن يۆتكەلدىم . تامغا يۇللىنىپ تۈگىمەس خىياللار قايىنىمىغا غەرق بولماقتا ئىدىم. شۇ كىچىسى كۆزۈم ئۇيقۇغا ئېلىنماي ئۆتۈپ كەتتى . ئەتتىگەن تاڭ سۈزۈلمەستە ئۇرنۇمدىن تۇرۇپ ، تاھارەت ئېلىپ بامدات نامازنى ئوقۇدۇم ،دۇئاللىرىمدا ئېرىمگە تىنچىلىق ،ئامانلىق ،ساقلىق ، بەخىت ،ئىمان ،ئاسايىشلىق تىلدىم . تېخى ياراتقان ئاللادىن قەبرە ،دۇۋزاق ئازابلىرىدىن يىراق ، جەننەت رەھىمەتلىرىگە يىقىن قىلىشنى ئۆتۈندۇم. شۇ دۇئاللارنى قىلۋاتقان ۋاقىتىمىدا كۆزلىرىمىدىن تاراملاپ ياشلار قۇيۇلۇپ ، مەڭزىمنى بۇيلاپ سىرغاپ ، قەلىب قەسىرلىرىمدىكى كىرلەرنى پاك –پاكىز يۇيماقتا ئىدى. سېزىك ۋاقىتىممۇ ئاخىرلىشىپ بەش –ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. قۇرساقلىرىم خىللا تومپيىپ ،ماڭا ئانلىق بىشارىتىنى بىرىۋاتاتتى. مۇشۇ كۈنلەردە ھىلىقى ئېرىم دىگەن مەخلۇق قارسىنىمۇ كۆرسەتمەيۋاتاتتى ، كىيىن باشىقلاردىن بىلسەم ،ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تىجارەت قىلمەن دەپ چىقىپ كىتىپتۇ. تەقدىر –پىشانەمنىڭ تەتۈرلىكىدىن ، كۆردىغان كۈنلىرىمنىڭ تېخى ئازلىقىدىن ئۆكۈندۇم، يىغلىدىم، قاقشىدىم . ئامال قانچە؟  نىكاھ  ئوقۇلغان چاغدا ئورۇنىدىن دەس تۇرۇپ ، ‹‹ئەمرىمگە ئالدىم ››دېگەن نوچىنىڭ قىلغان ئىشلىرى شۇ تۇرسا...؟

ۋاقىت بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ، كۈن ،ئايلار ئۆتۇۋەردى. مەنمۇ قىيىن ئاتام ،قىيىن ئاناملارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ تۇرىۋەردىم. كەتمەكچىمۇ بولغان ئىدىم ،لىكىن شۇ ئىككى قىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىغان ئادەمنىڭ يۇقلىقى مىنى بۇ خىياللاردىن ۋاز كەچكۈزدى، ئېرىم دېگەن مەخلۇق بىلمىسە بۇلار بىلەر ، بۇلارمۇ بىلمىسە ياراتقان ئىگەم بىلەر دەپ يۈزۈمنى قىلىن قىلىپ ياشاۋەردىم . ئاخىرى ئاي ،كۈنۈممۇ تۇشۇشقا ئاز قالدى. بىر كىچىسى قۇرسىقىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى . قۇللىرىم بىلەن قۇسىقىمنى سىيىلىدىم ، دۇملىدىم، ۋايسىرىدىم . لىكىن قۇرسىقىم ئاغىرىقى بىر ئازمۇ پەسىيىش بولۇش تۈگۈل ، تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقىلى تۇردى. بىر چاغلاردا قىيىن ئاتامنىڭ يۈتەلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپسىلىپ قالدى.چاقىرىماقچى بولغان ئىدىميۇ ، ئاۋازىم چىقىمىدى ،شۇ  ۋايجانلاش ، ئېڭرەشتىن باشقا سادا يوق ئىدى. قىيىن ئاتام مىنىڭ بۇغۇلۇپ ئېڭرەۋاتقانلىقىمنى سەزدىمۇ ، قىيىن ئانامنى چاقىردى. ھايال ئۆتمەي ئۇلار ياتاق ئۆيۇمگە كىرىپ ،مىنىڭ ھالىمنى كۆرۇپ داڭ قىتىپ تۇرۇپ قالدى. قىيىن ئانام مىنىڭ بۇشۇندىغانلىقىمىنى بىلگەن چېغى قىيىن ئاتامنى ئادەم چاقرىپ كىلىشكە بۇيرىدى-دە، يىنىمغا كىلىپ ،قۇللىرى بىلەن بېشىمنى ئۈستۈن قىلىپ ،ئىنجىقلاشنى ئېيىتتى . ئايغىمىدىن قان كىلىپ ، ياتقان ئۇرۇنمىنى قىپ –قېزىل بۇيىۋەتكەن ئىدى. تۇغۇت –ھايات –ماماتلىق ئوتتۇرسىدىكى جەڭ ئىكەن . ئۆلۈم كۆزئالدىڭىزغا كىلىۋىلىپ ،سىزنى ياشاشقا قەيسەر قىلدىكەن. مۇشۇ قىتىم ھايات قالسام ،چۇقۇم كۈلۈپ ياشايمەن دەپ ئۆزىڭىزگە تەسەللىي بىرىش بىلەن بىرگە ئاللادىن ئامانلىقىڭىز تىلەيدىكەنسىز؟ كۆرگەن كۈنلىرىڭىز، تارتقان جاپاللىرىڭىز ، چەككەن رىيازەتلىرىڭىزنى ئۇنتۇپلا كىتىدىكەنسىز؟ ھايات قىلىش- ھەممە،ھەممە نىمىدىن بەكمۇ قىممەتلىك تۇيۇلدىكەن ئەمەسمۇ؟ ھۆشۇمدىن كىتىپ قانداق بۇشانغانلىقىمنى پەقەتلا بىلمەيمەن . بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام ، يىنىمدا قىيىن ئاتام،قىيىن ئانام ، مەھەللىدىكى ياشتا چوڭراق ئاياللار قاراپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ چىرايدىن خۇشاللىق جىلۋە قىلاتتى. قىيىن ئانام زاكىغا  ئۇرۇلغان بالىنى ماڭا تەڭلەپ تۇرۇپ :- قىزىم ، ماراك بولسۇن ، قىز تۇغدىڭىز –دىدى ، باشىقىلارمۇ دەممۇ –دەم تەبىرىكلەشتى. بالامغا قاردىم ، قاراڭ تەقدىرىنىڭ چاقچاقلىرىغا ، مۇنۇ بىتەلەي  قىزىمنىڭ دادىسغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتى. شۇنداقتىمۇ خۇداغا شۈكىرى ،تىنىچ –ئامان،ساق-سالامەت بۇشۇندۇم . ئەمدى قىزىم ماڭا ھەمراھ بولىدۇ ، ھاياتقا كۈلۈپ قارايمەن . كىيىن قىيىن ئانامىدىن تۇغۇش جەريانىدا نەچچە قىتىم ئۆلۈپ –تىرىلگەنلىكىمنى ، قىيىن ئاتامنىڭ ياشىنپ قالغانلىقىغا قارىماي ، مەھەللىمىزدىكى تۇغۇت ئانلىرىنى چاقىرىپ كەلگەنلىكىنى ئېيىتىپ بەردى. قىيىن ئانامنىڭ گەپلىرىن ئاڭلاپ ، بىچارە قېرى دادامنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان رىيازەتلىرى ،چەككەن جاپالىرىنى ئويلاپ  كۆزۈمدىن ياشلار ئىختيارسىز قۇيۇلۇپ كەتتى. ئىچىمدە دادامغا ئۈزۈن ئۆمۈر ، تىنىچ –ئامانلىق تىلىدىم . ئەمدى كۈنلىرىم بۇرۇنقىدەك بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتۈشىتىن كۈلۈمسىرەپ ئۆتۈشكە يۈزلەندى. ھەركۈنى سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، ھويلا –ئاراملارنى پاكىز تازلاپ ، ئۆيدىكىلەرگە ناشىتىلىق تەييارلايمەن. قازان –قۇمۇچىلارنى يىغىشتۇرىۋەتكەندىن كىيىن ، قىزىمنى ئېلىپ ئېتىزلىققا قاراپ ئاتلىنىمەن . چۈشتىمۇ قايتىپ كەلمەي ئىشلەيمەن، كەچقارايغان ، كۈن ئۇلتۇرۇشقان چاغدا بالامنى كۆتۈرگەنچە  قايىتىپ كىلمەن. ھېرىپ –چارچاپ ، ھالىم قالمىسمۇ ، بالامنى، ئىككى قېرىنى كۆرۇپ ، قايىتىدىن روھلىنىپ كىتىمەن. ھاردۇقلىرىم چىقىپ قالىدۇ. كۈنلىرىم شۇ تەرىقىدە ئۆتۈشكە باشلىدى. قىزىممۇ بارا-بارا چوڭ بولۇپ ، تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىشقا باشلىدى.  ئۇنىڭ ۋىلىق –ۋىلىق كۈلۈشلىرى،قوللىرى بىلەن يۈزـ كۆزلىرىمنى سىيلاشلىرى مىنى يەنىمۇ قەيسەر بولۇشقا ئۈندەيتى. قىزىم يېشىغا تۇشقۇچە بولغان ئارلىقتا ھىلىقى مەخلۇق ئېرىمدىن ھىچبىر خەت –خەۋەر يۇق ئىدى، ئۆلۈك –تىرىكلىكىنىمۇ ئىنىق ئەمەس ئىدى. دادام،ئاناملارمۇ بىر قانچە قىتىم دىرىكىنى قىلىپ بېقىش ھەققىدە ئېغىز ئاچقان بولىسمۇ ، مەندەك ئاجىزە بىر ئايال نىمىمۇ قىلالايتىم، ئۇلارنى دىرىكىنى قىلسۇن دىسەم ،بۇ يېىشىغا كەلگەندە يەنە نىمە كۈنلەرنى كۆرىدۇ؟ شۇڭا ،ياراتقان ئىگەمگە تاپشۇرۇپ ياشاشتىن باشقا ئامالىم يۇق ئىدى.

تەڭرى ئاياللارنى ئەرلەرنىڭ بىر قۇۋىرغىسىدىن ياراتقان ، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئاجىزە دەپ ئاڭلىغان ئىدىم . لىكىن مەن بۇنىڭغا پەقەتلا ئىشەنمەيمەن. ئاجىزە دەپ قاراشقا توغرا كەلسە ،ئۇنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتى بولۇشى مۇمىكىن ، لىكىن روھى ئەرلەردىن ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرامدىكىن دەپ ئويلايمەن. جاپا –مۇشاقەتلەر ھەرقانداق كىشنى قەيسەر ،قۇرقىماس، يۈرەكلىك قىلىپ تاۋلايدىكەن. مانا مەنمۇ ھاياتنىڭ قايناملىرىدا  تاۋلاندىم، پىشىتىم،ھاياتنىڭ بۇران –چاپقۇنلىرى  روھى دۇنياردىمدا ئەرلىك جاسارەت  يىتشتۇردى. كىشلەر تەرىپلەشكەندەك ‹‹ ئەردەك ئايال›› بولۇشقا تىرىشىپ كەلدىم. قايسىبىر شائىرىنىڭ ‹‹يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ،ئەكىلىپ بىرىدۇ،ئاياللارغا قۇرۇق ،ئەرلەرگە ساقال›› دېگەنلىرى راسىت ئىكەن . مانا گۈلدەك چىرايلىرىم زەپىران بولدى، ، ئورغاقتەك قاشلىرىم  يىمرىلدى، مەجنۇنتالدەك چاچلىرىم تۆكۈلدى، سۇۋادان تىرەكتەك بەللىرىم  يادەك  ئىگلىدى. ياش تۇرۇپلا توللۇق كۇچىسىغا، قېرىلىق يولىغا قەدەم تاشلىدىم.  شۇنداق بولسىمۇ رىسىق-نىسۋەمنى ئاللا ئەجىر-مىھنەتلىرىمگە يارىشا ئايماي بەردى. شۇ ئارلىقتا ھەش-پەش دىگۈچە ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى . قىزىممۇ چوڭ بولۇپ ، تەم –تەم قەدەملەر بىلەن ماڭالايدىغان ،‹‹ ئاننا›› دىيەلەيدىغان بولدى.دادام ،ئاناملارغىمۇ قىرىلىق يەتتىمۇ بارا-بارا ئۆز ھاجەتلىرىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالدى. ھەممە ئىشلار ماڭا قاراشلىق بولۇپ تۇراتتى. ھىلىقى مەلئۇندىن( ئاللا دېگەنلىرىمنى مەغىپىرەت قىلسۇن) يەنىلا خەۋەر يۇق ئىدى. دادام –ئاناملارغا قېرىلىق يەتكەتكىمۇ پات-پاتلا ئاغرىپ قالاتتى ، ھىلى دوختۇرخانىغا ،ھىلى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا يۈگۈرۈپ ،ماجالىم قالمىدى. تەقدىرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى شۇنداق بولسا كىرەك دادام كىسەلىدىن ياخشىلىنىپ كىتەلمەي بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى، يىغا –زار قىلىشتۇق، يىغا –زاەر قىلغانغا دادىمىز قايىتىپ كىلەمىتى؟ ئاخىرى سەبىرى قىلىشقا ، دادىمىزنىڭ روھىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن تەسەللىي تىپىشتۇق، ئوقۇغان نامازلىرىمىزدا دۇئا قىلىشتۇق.دادىمىزنىڭ قىرىق نەزىرسىنى بىرىپ ،ئۈزۈن ئۆتمەي ،ئاناممۇ دادامغا تارتىشىپ قالدىمۇ ، كىتىپ قالدى. چاچلىرىمنى يۈلۈپ، يۈز-كۆزلىرىمنى تاتىلاپ ، ھۆڭكىرەپ  يىغىلىغۇم كەلدى، لىكىن يەنىلا ئۆزۈمىنى بەزلىدىم . بېشىمغا كەلگەن بالايى-قازالار مىنى چۈشكۈنلەشتۇرىۋەتتى، روھىمىنى سۇندۇرىۋەتتى، ھاياتقا بولغان ئوتتەك مۇھەببەتىمىنى ئۆچۈرۋەتتى.  شۇ ئىشلار بولۇپ بىر ئايغىچە ھاراڭ ھالەتتە يۈردۇم. قۇلۇم –قوشىنىلار ، تۇنۇش –بىلىشلەر تەسەللىي بەرگەن بولسىمۇ ،پايدىسى بولمىدى، ئۆز ئاتا-ئانلىرىم ،ئۇرۇق –تۇققانلىرىم قىشىغا ئېلىپ كىتىشنى ئيىتقان بولسىمۇ ، ئەشۇلارنىڭ چىرىغنى ياندۇرۇپ تۇراي، بىر ئەرنىڭ نىكاھىدا بولغانئىكەنمەن ساقلاپ تۇراي دەپ ياندۇردۇم .ئەمدى ماڭا قىزىم ھەمراھ، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىمەن، سىردىشىمەن،دەرت –ھەسرەتلىرىمىنى ئۇنىڭغا بايان قىلمەن،ئۇ گەرچە بۇنى بىلىپ يىتەلمىسمۇ ،يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى بۇشاپ قالغاندەك بولۇپ قالاتتى. مەن ئەمدى باشقىلار تەرىپىدىن ‹‹نىرىۋىسى ئاجىز،ساراڭ›› دېگەندەك ناملارغا مۇيەسسەربولۇپ قالدىم.

بەخىت – ئاجايىپ رەھىمىسىز نىمە ئىكەن . سىز قانچە قوغلىسىڭىز، ئۇ شۇنچە يىراقلىشىپ ،سىزنى ھالسىرتىپ قۇيدىكەن .بىر كەملەردە بولدىلا ،ئەمدى پىشانەمگە پۇتۇلگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ ئۆزىڭىزگە تەسەللىي بىرىپ ، يۈرگەن چاغلىرىڭىزدا ، يامغۇردىن كىيىنكى ھەسەن –ھۈسەندەك ‹‹ۋاللىدە ››قىلىپ سىزنى يەنە ئالىقاندۇقتۇر خىياللارغا مۇپتىلا قىلىپ ، ئۇيقۇ باسقان قەلىبلىرىڭىزنى ئۇيغۇتۇپ ، كۆڭلىڭىزدە  دۇنيادا يەيدىغان رسىقىم يەنە بولسا كىرەك دەپ  مىدىرىلاشقا مەجبۇر بولدىكەنسىز. دادا، -ئاناملار تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ، شۇنچە شۇكلىشىپ، جىمغۇرلىشىپ كەتكەن ئىدىم ، تېخى باشقىلار تەرىپدىن تۈرلۈك ھاقارەت ، بېسىملارغىمۇ ئۇچرىدىم . بۇ دۇنيادا  بېشىغا كۈن چۈشمىگەن ئادەم قانداقسىگە بىراۋنىڭ ھالىغا يىتىدۇ دەيسىز؟ ھەممە ئۆز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، بىر قاقنى ئىككى قىلماق كۇيىدا يۇرۇۋاتقان ، مىھىرى- مۇھەببەت، كۆيۈمچانلىق ، ھېسداشلىق كۆتۇرۇلۇپ رەزىللىك، ۋاپاسىزلىق ئەۋج ئېلىۋاتقان جەمىيەتتە يەنە قانداقىسگە  باشىقىلاردىن مىھىرى –مۇھەببەت يامغۇرى تۆكۈلسۇن دەيسىز؟ مانا مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە ، يىزا ئورگانلىرى، مەكتەپلەردە خىزمەتچى قۇبۇل قىلدىغانلىق ئۇچۇرىنى ئاكام –ئاچاملاردىن ، تۇنۇش –بىلىشلەردىن خەۋەردار بولۇپ قالدىم . كۇنىلارنىڭ ‹‹ قولۇڭ قەيەردە ئسىنسا ، شۇ يەرگە سۇن››دېگەندەك مەنمۇ رىسقى –نىسىۋەمنى مۇشۇ ئۇرۇنلارنىڭ بىرىدە خىزمەت ئېزدەش نىيىتىگە كەلدىم.  ھە ،ھەقىچان ھەيران بولۇپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن ؟ بوپتۇ ،سىزگە  مەكتەپ ھاياتىمنىمۇ سۆزلەپ بىرەي .بىزنىڭ ئائىلىدە دادام-ئاناملار خىزمەتچى ئىدى. چوڭ ئاچام ،چوڭ ئاكام قاتارلىقلار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ خىزمەتكە ئۇرۇنلاشقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە  دادام- ئاناملارنىڭمۇ ئۆز ئۇرۇنلىرىدا ئىناۋىتى بار، مائاشى خىلى يۇقىرى ئادەملەر  ئىدى. بىز ئاچا-سىڭىل تۇلۇقىسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن ناھىيە تەۋەسىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلدۇق. باشتا بىزدەك سەھرادىن كەلگەنلەر  ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ باقىمىغاچمىكىن ،سەل كۆنەلمەي قالدۇق . نەچچە قىتىم  ئاچا –سىڭىل ئىككەيلەن  ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ  قايىتپ كىتىش نىيىتىگىمۇ كەلدۇق. لىكىن يىزىمىزدا بىزگە ئوخشاش بۇنداق ئوقۇش شارائىتىغا ئېرشەلەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە دادام –ئاناملار بىزنى مەكتەپكە ئەكىلىپ ئۇرۇنلاشتۇرغان چاغدا: -قىزلىرىم ، ياخشى ئوقۇڭلار،ياراملىق ئادەم بولۇپ يىزىمىزنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن بىر كىشلىك توھپە قۇشۇڭلار! سىلەردىن كۈتدىغان ئۈمىدىم بەكمۇ چوڭ- دېگەنلىرىنىڭ ئۇيلاپ بۇ خىياللىرىمىزدىن ياندۇق. شۇنداق قىلىپ ،قىيىنچىلىقلار كۈتۈپ ياتقان، نامراتچلىق بىلەن ئۆتكەن تۇرمۇشىقا ماسلىشىپ كەتتۇق. يىزىمىز بىلەن ناھىيىنىڭ ئارلىقى ئانچە يىراق بولىسمۇ ،ئەمما بىز ئوقۇغان چاغلاردا قاتناش يۇق بولغاچقا ، ئۆيگە بىر ئايدا ھەتتاكى ئىككى ئايدا بىر قىتىم بىرىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۇشەلەيتۇق. ئۆيگە بارالىمىغان چاغلىرىمىزدا دادام –ئاناملار كىلىپ ، يۇق نەرسە –كىرەكلىرىمىز تەييار قىلىپ بىرىپ كىتەتتى . مۇشۇنداق چاغلاردا ئاچا-سىڭىل ئىككىمىز قىيالماسلىق ئىلىكىدە ئۇلارغا ئېسىلىپ ،كۆز يېشى قىلاتتۇق. ئۇ چاغلاردا  مەكتەپتىدىكى قىيىنچلىقلارنى بىر دىمەڭ ، مەن بۇ يەردە ئۇقۇش جەريانىدا تارتىقان ئازاب-ئۇقبەتلەرنىڭ سۆزلەپ ئولتۇرماي. شۇنداق قىلىپ ئوقۇشىمىز ناھايىتى ياخشى بولىۋاتاتتى. تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ئىدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. بىر كۈنى سىنپتا ئولتۇرسام ،سىنىپ مۇدىرىمىز چاقرىپ : - سىزنىڭ يۇرتىڭىزدىن بىرەيلەپ ئىزدەپ كەپتۇ، دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ قالدى-دىدى بىر خىل ھەسرەت ئارلاش ھالدا .كۆڭلىم ئالىقانداقتۇر بىر نىمىلەرنى سەزگەندەك بولدى. ئىچىمىدە: - ئىھ، خۇدا، ئۆيدىكىلەرنى تىنىچ –ئامان قىلغايسەن، بالايى- قازا يىراق تۇرسۇن! دېگەنچە دەرۋازا ئالدىدا قاراپ ماڭدىم. قەدەملەرنى ئاستا ئالاي دەيمەننۇ ،لىكىن بارغانسىرى ئىلداملىشپ كىتىۋاتاتتى. يۈرىكىم ئەنىسىز سۇقۇپ ، كۆكرەك قەپىزدىن ھىللا چىقىپ كىتىدىغاندەك  قىلاتتى. مەكتەپ دەرۋازا ئالدىدا  بىر ئادەم تۇراتتى...



   ئاخىرىسى   بار


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-2 02:33 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105360
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 397
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2014-3-27
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 03:09:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋالغۇش ئىچىدە يىنىۋاتقان يۈرەكلەرگە دەۋا بولۇپ قالغۇسى!
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن !!
داۋامىنى ساقلايمەن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73559
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 6020
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 03:55:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى  يېزىلۋاتىدۇ. ساقلاپ تۇرۇشۇڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن.

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 04:04:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105749
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2014-4-6
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 04:27:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kokzat يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 04:04 PM
ئەر بولساڭ ،ئەركەكتەك ياشا! ئەركەك ھايۋانغا خاستۇر.شۇڭ ...

ئىنكاسىڭىزنىڭ  ئاساسى بار

ھەركىم ئۆزتەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4715
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 05:06:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرسىنى  كۈتۈمىز  

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1562
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8736
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 05:32:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما بوپتۇ ئاخىرىسنى  ساقلايمىز  

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 05:43:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97297
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-8-27
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 07:38:57 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمەن

پىكىرنىڭ ئۆزى قورال

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89039
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 721
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 11:12:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىنى ئوقۇسام تېما ئىگىسى خوتۇن كىشىنى كۆرسە ئىچى ئاغرىيدىغان، ئەر كىشىنى كۆرسە بېشى ئاغرىيدىغان ئاداشمۇ نېمە؟ ھې ھې ھې...

چاقچاق قىپ قويدۇم ھە...داۋامىنى يېزىپ بولغاندا بىراقلا يوللىسىڭىزمۇ بوپتىكەن. بۇنداق بۆلۈپ ئوقۇسا ئادەم بىر نەرسە ئوقۇغاندەك بولمايدۇ.

مەن ھەممە ئادەمنىڭ پىكرىنى، قارارىنى ھۆرمەت قىلىمەن. شۇڭا مېنىڭ پىكرىمنىمۇ ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش