مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2067|ئىنكاس: 18

توختمايدىغان ياش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 12:47:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


توختىمايدىغان ياش


بۇبىر ھەقىقى ھېكايە

(1)

بۈگۈن يەنە كۈندىكىدەكلا سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يولدىشىم بىلەن قېيىنئاتامنى مەسچىتكە يولغا سالدىمدە، ئۆزۈم تاھارەت ئېلىپ نامىزىمنى ئوقۇدۇم،ئاندىن ئۇلارنىڭ مەسچىتتىن كىلىشىگە ناشتىلىق تەييار قىلدىم، ھەممىمىز ناشتىلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن يولدۇشۇمنى ناۋايخانىغا، قېيىنئاتامنى ياشانغانلار كۆڭۈل ئېچىش ئورنىغا يولغا سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئارامىمىنىمۇ ئالماي ھويلا-ئارامنى تازلاپ، كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە يوغىناپ قالغان قورسىقىمنى كۆتۈرۈپ، ئىشىك ئالدىدىن تاكسى توسۇپلا ئۆز ئۆيۈمگە يول ئالدىم.

تاكسى مېنى  ئۆيۈمىزنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ چۇشۇرۇپ قويدى، كۆزۈمگە قاراماققا شۇنداق مەرى ئىسسىق ئەمما ماڭا ۋەھىمە ئەكىلىدىغان ئاشۇ سۈرلۈك تۈمۈر دەرۋازا كۆرۈندى، دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كەلدىميۇ، ئەمما ئىچىگە كىرەلمىدىم، ئەينى ۋاقىتتا بۇ تۈمۈر دەرۋازا سەۋەبلىك مەن ئۆز قېرىندىشىمنىڭ تېخى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بالىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدىم، بۇ تۈمۈر دەرۋازا سەۋەبىدىن ئۆز ئاكامدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغان ئىدىم،ھەر دايىم بۇ دەرۋازىدىن ئىچىگە كىرگۈچە شۇنچىلىك قىينىلىمەن، بۇ دەرۋازىدىن پەقەتلا ئۆتكۈم كەلمەيدۇ، لېكىن بۇ دەرۋازىدىن ئۆتمەسلىككە ئامالىم يوق، چۈنكى بۇدەرۋازىنىڭ ئىچىگە مېنىڭ بۇ دۈنيادا ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ گۈنايىم يوشۇرۇنغان.

بىر قولۇمدا تامنى ياقىلاپ، يەنە بىر قولۇمدا  ئاپامغا ئەكەلگەن نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتۈرۈپ مىڭبىر جاپادا ھويلىغا كىردىم، قورونىڭ ئىچى ناھايتى پاكىز رەتلىك قىلىپ تازلانغانبولۇپ، ئاكام بىلەن يەڭگەم ئۆيدە يوقتەك قىلاتتى، مەن ئاستا مېڭىپ ئاپامنىڭ ھوجۇرسىغا كىردىم، ئاپام ئەتتىگەندە ھويلا-ئارامنى تازلايمەن دەپ بەك ھېرىپ كەتكەن بولسا كېرەك بېشىغا ياستۇقنى قويۇپلا ئىشىككە كەينىنى قىلىپ، قاتتىق گىلەمنىڭ ئۇستىدىلا ئۇخلاپ قالغان ئىدى، ئۇنى ئويغىتىشقا كۆزۈم قېيماي ئاستا قېشىغا كېلىپ قاراپ تۇردۇم.

ۋاقىتسىزلا چۇشكەن يول-يول قورۇقلار، ياغلىقتىن كۆرۈنۈپ قالغان ئاقارغان چاچلار، ئەمدىلا 50ياشلارغا كىرىپ قالغان ئاپامغا قەتتىلا ماس كەلمىگەن ئىدى، پۇتۇن مېھرىم بىلەن ئاپامنىڭ ئاشۇ ئاقارغان چاچلىرىغا قول ئۇزتتىم، قولۇمتىگە-تەگمەي ئاپام خۇددى سېزىپ قالغاندەكلا مەن تەرەپكە ئورۇلدى، كۆزۇمگە كۆپ-كۆك كۆكەرگەر يۈز، توختىماي ئېقىۋاتقان ياش كۆرۈندى، يۈرۈگۈم ئەنسىز سوقۇپ، بېشىم قېيىپ كەتتى، يەنە بىردەم قاراپ تۇردىغان بولسام مۇشۇ يەردىلا ئايلىنىپ قېلىشىم مۇمكىن، دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇمدە يۈگۈرۈپ سىرتقا چىقىپ ئىشىكنىڭ يېنىغا قويۈلغان كارۋاتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم. توپتوغرا 8يىل بولدى، 8يىلدىن بېرى ئاشۇ كۆكەرگەن چىراي،توختىماي ئېقىۋاتقان ياش مىنى ئازاپلاپ كۈندە مۇشۇنداق دوزاق ئوتىغا تاشلاپكەلمەكتە ئىدى.


(2)

كىچىكىمدىن باشلاپ بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئاپام ۋە ئاكا-ھەدىلىرىم تەرپىدىن ھېچنىمىدىن غەم قىلماي دادامنىڭ يوقلىقىنى سەزمەي چوڭ بولغان ئىدىم، دادام بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن، بىچارە ئاپام تازىلىق ئىشچىلىق قىلىپ بىز 5بالنى باقاتتى، كېيىن چوڭ ئاكام تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرۇپ مەكتەپتىن چىقىۋىلىپ قۇرلۇشتا ئىشلەپ ئاپامنىڭ يۈكىنى بىز ئاز بولسىمۇ يىنىكلەتتى، ئىككىنجى ئاكام ۋەئىككى ھەدەم مەكتەپتە ئوقۇيتى، مەن بولسام يېشىم خىلى چوڭىيىپ قالغاندا مەكتەپكە كىرگەن ئىدىم.

ئائىلە قېيىنچىلىقىمىز ھەر قانچە ئېغىر بولسىمۇ ئاپام مېنى ھېچكىمدىن قىلىشمىغۇدەك ھەتتا ئۇلاردىنمۇ ئاشۇرۇپ باققاتتى، ئىسىمنى بىلسەم بىرەرسىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالغىنىمنى بىلمەيتىم، شۇڭىلاشقىمىكىن كىچكىمدىن باشلاپ بىرخىل تەككەپپۇر، ھېچكىمنى ياراتمايدىغان، ئۆزۈمنىڭكىنىلا راس دەيدىغان بولۇپ چوڭ بولدۇم، ئاپامدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئادەم مېنىڭ بۇ مىجەزىمىگە بەرداشلىق بېرىپ بولالمايتى. ئاكا ھەدىلىرىمگە شۇنچىلىك ئېسلىۋالاتتىمكى، چوپ-چوڭ بولۇپ قالغۇچە ھەتتا پايپىقىمنىمۇ ئۆزۈم يۇماي ئۇلارغا يۇغۇزاتتىم، چوڭ ئاكام بىر كۈن چارچاپ ئىشلەپ ئەكىرگەن پۇللىرىنى بەرگىلى ئۇنىمىسا، يىغلاپ، بىشەملىك قىلىپ ياكى بولمىسا ئۇخلاپ قالغان ۋاقىتلىرىدا يانجۇقىغا قولۇمنى تىقىپ تۇرۇپ ئېلىۋالاتتىم، لېكىن ئاپام ماڭا قەتتى قاتتىق تەگمەيتى، پەقەت قېشىغا ئولتۇرغۇزۋىلىپ نەسىيەت قىلاتتى، لېكىن بۇ نەسىيەتلەر مېنىڭ ئوڭ قۇلۇقۇمدىن كىرىپ، سول قۇلۇقۇمدىن چىقىپ كېتەتتىدە يەنە ئۆز سەنىمىمگە دەسسەپ يۇرىۋېرەتتىم.12ياش ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك چوڭ ئاكام تام قوشنىمىزنىڭ قىزى بىلەن ئاددىغىنا توي قىلىۋالدى، ئەمدى ئاپامنىڭ يۈكى خېلىلا يىنىكلەپ قالغان ئىدى، يەڭگەم بەك ئوچۇق-يورۇق چىقىشقاق ئايال بولغاچقا بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپلا ھەممىز بىلەن بىرئائىلە كىشىلىرىگە ئايلىنىپ بولغان ئىدى، لېكىن مەن بۇ يىڭى يەڭگەمنى پەقەتلا ياقتۇرمىدىم، ئۇ بىزنىڭ ئۆيگە كىرگەندىن باشلاپ ئاپام ئۇنى بەك ئەرتىۋالاپ، مەن ئۇنىڭغا ئازىراق ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ قويسام ياكى ھەدىلىرىمنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ ئىشقا بۇيرۇپ قويسام، ئۇنىڭ ئالدىدىلا مېنى تىللاپ باسىدىغان بولىۋالغان ئىدى، شۇڭىلاشقىمۇ ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدە غۇم ساقلاپ ئىچىمدە دائىم «خەپ» دەپلا يۇرەتتىم.

ئارىدىن 2يىل ئۆتۇپ چوڭ ھەدەم توي قىلىپ چىقىپ كەتتى، يەڭگەمنىڭ بولسا بويىدا قالدى، بۇ ئىش مېنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىمنى كەلتۇردى، بۇ خوتۇن تېخىمۇ ئەتىۋالىشىپ مەن بىر چەتتە قېلىۋاتاتتىم.

كۈنلەر مۇشۇنداق بىر-بىرنىڭ كەينىدىن ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى، مەن تۇلۇقسىزنىڭ 2-يىللىقغا چىققان ۋاقىتقۇ دەيمەن، كىچىك ھەدەمنىڭمۇ قوشنا ناھىيەدىكى بىرسى بىلەن تويى بولۇپ كېتىپ قالدى، كىچىك ئاكامنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ تۇلۇقنىڭ 2-يىللىقىغا چىققان يىلى «تەنتەربىيەدە ئالاھىدلىكى باركەن» دەپ  ئىچكىردىكى بىر مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنىپ كىتىپ قالدى.

ئۆيدە ئاپام، مەن، ئاكام، يەڭگەملەرلا  قالدۇق،يەڭگەمنىڭ قورسىقى تازا يوغۇناپ تۇغۇت ۋاقتىغا ئاز قالغان بىر كۈنى كەچلىكى مەن سىنىپتىكى بالىلار بىلەن ناھىيە سىرتىغا چىقىپ ئويناپ كەچ قالدىم، سائەت 8لەربولغان چاغ بولسا كېرەك، پۇتۇن جاھان قاراڭغۇلاشقاندا ئۆيگە كىردىم، كۆڭلۈمدە ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇخلاپ بولدى دەپ ئويلاپ خاتىرجەم ئىدىم، لېكىن ئىش مېنىڭ ئويلىغان يېرىمدىن چىقمىدى، مەن ھويلىغا كىرىپ ئاستا ئۆز ھۈجۈرا ئۆيۈم تەرەپكە ماڭسام كەينىمدىن ئاكامنىڭ قاتتىق ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى:

-ھېي، نەگە باردىڭ، ئەمدى كەپسەنغۇ، بىزنىڭ سېنى ساقلاپ ئولتۇغۇنىمىزغا نە ۋاق، قوشنىلارنىڭ بالىلار سائەت 5تىلا كەپ بولدى، ئېيتە نەگە باردىڭ؟- ئاكام مېنىڭ جاۋابىمسىز سوئال دېگەننى ياغدۇرۋەتتى،بۇرۇندىن ئاكامنىڭ ماڭا بىرەر ئېغىز قاتتىق تەككىنىنى بىلمەيتىم، ھەتتا بۇرۇن پۇللىرىنى مەجبۇرى، ئوغۇرلاپ ئېلىۋالساممۇ، ئازىراقمۇ ئاچچىقلاپ باقمىغان ئاكام بۈگۈن مېنى سەنلەپ تىللاپ كەتتى. ئاپام بىلەن يەڭگەممۇ ئىشىك تۈۋىگە چىقىپ مېنى ھازىرلا بوغۇپ قويىدىغاندەك قاپاقلىرىنى تۇرۇپ تۇراتتى.

شۇ چاغدىكى ئاچچىقىم نەدىن كەلدى بىلمەيمەن، ئاۋازىمنى بولىشىغا چىقىرىپ ئاكامغا ۋاقىردىم:

-نەگە بارسام نىمە كارىڭ، تولا مېنى باشقۇرغۇچە بېرىپ ئاۋۇ خوتۇنىڭنى باشقۇرۋال.

-يەنە ۋاقىرايسەنغۇ، خوتۇنۇمنى باشقۇرامدىمەن تېخى ھازىر كېچىدە كەلگىنى ئۇ ئەمەس بەلكى سەن.

-كەچ كېلەمدىمەن، بالدۇر كېلەمدىمەن،ئۆزۈمنىڭ ئىشى، مەنمۇ چوڭ بولدۇم، ئەمدى مېنى باشقۇرالمايسەن،-بۇ گېپمنى ئاڭلاپ ئاپام ئالدىمغا كېلىپ ئاكامغا بۇلۇشۇپ سۆزلىگىلى تۇردى.

-ئاكىڭىزگە ئۇنداق ۋاقىرماڭ، ئۇنىڭ دېگىنى توغرا ئېيتىگە بۇنچە كەچكىچە نەگە باردىڭىز؟-، ئاپامنىڭ گېپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ياۋاقىرالماي يا ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيىتقىم كەلمەي جىم تۇرۋالدىم.

-گەپ قىلە ھە، ئاپام سوراۋاتىدۇ، نەگە بادىڭ؟-، ئاكام بارغانچە ئەزۋەيلەپ ماڭا ۋاقىرغىلى تۇردى.

-ئۇكام راس گەپنى قىلىڭە، ئاكىڭىزنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالدى،- يەڭگەم شۇنداق دەپ كېلىپ مورەمنى تۇتۇپ مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتۈپ تۇردى.

- ھەي قانجۈق نەگە بادىڭ داۋاتىمەن،گەپ قىلە قېلىنلىق قىلىپ قاراپ تۇرماي،-ئاكام مېنىڭ جىم تۇرۋالغىنىمنى كۆرۈپ ئاغىزىنى بۇزىۋەتتى.

-نېمە داۋاتىسەن كىم قانجۈقكەن، دېدىمغۇ مىنى باشقۇرماي ماۋۇ بۇزۇق خوتۇنىڭنى باشقۇر دەپ،-مەنمۇ بوش كەلمەي ئاكامغا گەپ قىلغان بولۇپ، يەڭگەمنى تىللاۋاتاتتىم. يەڭگەم گىپىمنى ئاڭلاپ كۆزىگە ياش ئېلىپ ئاكامنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالدى، ئاپام ماڭا گەپ قىلغىلى ئاغىزىنى ئاچقان ئىدى،ئۇنىڭغىچە ئاكام قېشىمغا يېقىن كېلىپ:

-ئاغىزڭغا بېقىپ سۆزلە،-دەپ ماڭا قولىنى كۆتۈردىيۈ، لېكىن ئۇرماي چەكچەيگىنىچە توختاپ قالدى. ئاكامنىڭ مېنى خوتۇنىنى دەپ ئۇرۇشىغا ئىشەنمەيتىم، شۇڭا بوش كەلمىدىم.

-نېمە ئۇنى دەپ مېنى ئۇرامسەن، ياخشى ئۇرە ئەمسە، قېنى ئۇرە،-شۇنداق دەپ ئۇنىڭ ئالدىغىراق باردىم، «چاڭ» تەككەن بىر كاچات بىلەن كەينىمگە ئۇچۇپ چۇشتۇم، بۇرنۇمدىن ئوقتەك قان كەتتى، ئاپام بىلەن يەڭگەم يۈگىرەپ كېلىپ مېنى يولەشتۇردى، ئاكام بولسا ماڭا شۇنداق سەت بىرنى ئالىيۋەتتىدە،كەينىگە ئورۇلگىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى، بۇ مېنىڭ تۈنجى قېتىم بىرسىدىن بۇنچە قاتتىق تاياق يىيىشىم ئىدى، بۇ تاياقنىڭ ئاچچىقى ئىچىمگە پەقەتلا پاتمىدى بولغاي ئۆزۈممۇ سەزمەي كەينىمگە ئورۇلۇپلا دەرۋازا تەرەپكە ماڭدىم، ئاپام بىلەن يەڭگەم كەينىمىدىن بىر نېمىلەرنى دەپ ئەگىشىپ كەلدى، دەرۋازىدىن چىقىشىمغا يەڭگەم قولۇمغائېسلىۋىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:

-ئۇنداق قىلماڭ ئۇكام، ئاكىڭىز ئاچچىقىدا ئۇرۇپ سالدى، بۇنچە كەچتە نەگە بارىسىز ، يۇرۇڭ كىرىپ كېتەيلى،-ئۇنىڭ گەپلىرى ماڭا قىلچىلىكمۇ تەسىر قىلمدى، بەلكى تېخىمۇ ئاچچىقىمنى كەلتۇرۋەتتى، ئاكام مېنى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ئۇرغان ئىدى، ئاچچىقىمدا ئۇنىڭ قۇلىنى سىلكىۋىتىپ، ئۇنى كەينىمدىن چىقمىسۇن دەپ دەرۋازىنىڭ بىر قانىتىنى كۈچەپ قاتتىق ياپتىم، «ۋايجان»قاتتىق ۋاقىرغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يەڭگەم كەينىگە يېقىلىپ چۇشتى، دەرۋازا قاتتىق تەككەن بولسا كېرەك بېشىدىن قان ئېقىۋاتاتتى،مەن نېمىش بولغانلىقىنى، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي جايمىدا قېتىپلا تۇرۇپ قالدىم. ئانغىچە ئاپام بىلەن ئاكام ۋاقىرشىپ ئەنسىزلىك ئىچىدە يەڭگەمنى دوختۇرخانىغا ئەكىتىشتى.

شۇنداق قىلىپ ئاكامنىڭ تۈنجى پەرزەنتى مېنىڭ سەۋەبىمدىن يوق بولدى، يەڭگەم بىلەن ئاكام شۇ ئىشتىن كېيىن مېنىڭ يۈزۈمگە قارمىدى ۋە يەڭگەم دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئىككى كۈن بولا-بولماي سىرتتىن ئىجارە  ئېلىپ كۆچۈپ كەتتى، ئاپامنىڭ بۇ ئىشتىن كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم بولدىكى نەچچە كۈنگىچە كۆزىدىن ياش قۇرمىدى، بۇ ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى بولغاي مىجەزىممۇ خېلى ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىدى.

ئاپام، ئاكا ھەدىلىرىمدەك ماڭا يامان كۆزدە قاراپ، بەزىدە سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ، بەزىدە بىرەر ئېغىز گەپ قىلماي تۇرۋالمىدى، لېكىن مىنى بەك قاتتىق باشقۇردىغان بولۇپ قالدى، نەگە باردىم، كىم بىلەن ئارلاشتىم، مەكتەپكە قانچىدە بېرىپ قانچىدە كەلدىم ھەممىنى باشقۇراتتى.سەللا خاتالىق ئۆتكۈزسەم تولا سۆزلەپ باش-مىڭەمنى يەيتى، شۇڭىلاشقىمۇ ھازىر ئۆيدىنرايىم يېنىپ كىرىگىم كەلمەس بولۇپ قالغان ئىدى.

بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە بارسام يەنە شۇ ئاپامنىڭ قۇرۇق گېپىنى ئاڭلاش خۇش ياقماي، دوستۇمنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنىڭ ئۆيۈگە باردىم، ئۇ يەردە دوستۇم بىلەن بىللە تاپشۈرۈق ئىشلەپ، تاماق يەپ بولۇپ،تىل ئاڭلاشقا پۇختا تەييارلىق قىلىپ، ئۆيگە كەلدىم، ئىشىكتىن كىرىشىم بىلەن يەنە شۇ ۋات ۋات ئېغىز ئېچىلدى.

-نەگە باردىڭىز؟ بۇ كەمگىچە نىمىش قىلدىڭىز؟ ماڭا يەنە ئىش تېپىپ بەگىڭىز كېلىۋاتامدۇ؟-، ئاپام توختىماي سۆزلەۋاتاتتى، مەن بولسام قېلىنىلىق قىلىپ بىر ئېغىز گەپ قىلمىلى ئۇنىماي خىيالى كىتاپمغا قاراپ ئولتۇرۋالغان ئىدىم، ئاپام مەندىن جاۋاپ ئالالماي ۋاقىرغىلى تۇردى، مەن يەنىلا پەرۋايىمغا ئېلىپ قويماي ئولتۇرىۋەردىم، ئاخىرى چىدىمىغان ئاپام قېشىمغا كېلىپ بېشىمغا بىرنى سالدى، ئاپام مېنى ئۇردى، مېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغان بىرەر ئادەمنى ماڭا تاك قىلىپ چەكتۇرمەيدىغان ئاپام مېنى ئۇردى، ئۆزۇمنى تۇتىۋالالماي قولۇمنى بىرنى كۆتۈرگىنىمنى بىلەمەن قاتتىق ۋاقىرغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئاپام ئوڭ كۆزىنى تۇتقىنىچە كەينىگە يېقىلىپ، بىر كۆزىنى ئاچالماي يەردە يېتى پقالدى......

ئاكا، ھەدىلىرىم ھەرياندىن كۈچ چىقىرىپ ئاپامنى كۆپ داۋالاتتى،قولىدىن كېلىشچە كۈچ چىقىرىشىدىن ئاپامنىڭ كۆزى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى، لېكىن كۆزىنىڭ ئەتراپىدا ئاساسلىقى بىر يۈزىدە كۆك داغ پەيدا بولۇپ قالدى ۋە قولۇم بۇگۈناھكار قولۇم تەككەن كۆزىدىن توختىماي ياش ئاقىدىغان بولۇپ قالدى. دېمەك مەندەك بىر قاتتىق گۈناھكار قىزنىڭ ۋاپاسىز قولى بىر جاپاكەش، ئۇلۇغ ئانىنىڭ يۈزىگە ئۆچمەس داغ سېلىپ قويدى.

شۇ ئىشتىن كېيىن بىر تۇققان قېرىنداشلىرىم ۋە باشقا تۇققانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مەندىن بىراقلا يۈز ئۆرىدى، ھەتتا چوڭ ئاكا «مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق سىڭلىم يوق» دەپ ھۆججەت قىلىۋالدى، لېكىن ئاشۇ ئاقكۆڭۈل كۈيۈمچان ئاپام يەنلا مېنى كەچۇرۋەتتى، قېرىنداشلىرىمنىڭ مېنى ھاقارەتلىشىدىن،ئۇرۇشىدىن،چەتكە قېقىشىدىن توسوپ، مېنى قوغداپ قالدى.

ئەپسۇس، بۇ ئىشتىن كېيىن ئاپام مېنى كەچۇرگىنى بىلەن مەن ئۆزۇمنى كەچۇرەلىمدىم، بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىشكە شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ، ئاپامنىڭ توختىماي ئېقىۋاتقان يېشى ئۇنتۇشۇمغا قەتتى ئىمكانيىەت بەرمىدى، ئاپام ماڭا قانچەياخشى مۇئامىلە قىلغانسىرى ئازاپلىنىپ ئاپامنىڭ يېنىدا، بۇ تۇرۇشقا قەتتى چىدىمىدىم، ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ ئارۇسىغا خىلاپ ھالدا مەكتەپتىن چىقىۋىلىپ، بۇرۇن قىلچىلىكمۇ ياراتمايدىغان، كۆزگە ئىلمەيدىغان مەھەللىمىزنىڭ دوقمۇشىدا ناۋايچىلىققىلىدىغان يالغۇز دادىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۇرىدىغان ناۋاي بالا بىلەن تېپىشىپ توي قىلىۋالدىم، ئاكا ھەدىلىرىم «ئاپامنى مېيىپ قىلىپ قويۇپ، قېشىدا تۇرۇپ خىزمىتىنى قىلماي، مەسئۇليەتتىن قېچىپ تويىنى قىلىۋالدى»دەپ گەپ تېپىشتى، لېكىن يەنلا شۇ ئاپام مېنى توغرا چۇشەندى، ئۇ مېنىڭ شۇچاغدىكى ئازابىمنى ئىنىق بىلىپ بولغان ئىدى. مېنىڭ توي قىلىپ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كىتىشىم ھەر ئىككىلىمىز ئۈچۈن ياخشى ئىدى.

مەن توي قىلىپ يىڭى بىر ئائىلىگە ئىگە بولدۇم، لېكىن ئاپامنى ئاشۇ كۆزىدىن ئېقىۋاتقان ياشنى پەقەتلا ئۇنتىيالمىدىم،  قېشىدا كۈن ھالىدىن خەۋەر ئالغۇدەك ھېچكىمۇ يوق، يالغۇز غېرىپسىنىپ ئولتۇرغان ھالىتىنى ئويلاپ بىرەر كۈنۈممۈ خاتىرجەم ئوتمىدى، ئاپامنى مېيىپ قىلىپ قويۇپ بولۇپ كارىم بولماي قېچىپ چىقىپ كەتكىنىمدىن كۆپ ئۆكۈندۈم، ئاخىرى بولماي كۈندە يولدۇشۇم بىلەن ئېيىنئاتامنى يولغا سېلىپلا ئاپامنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان بولىدۇم، ئاپامغا باشقا قېرىنداشلىرىمدىن نەچچە ھەسسە كۆيۈنۈپ بارلىقىمىنى ئاپامغىلا بېغىشلاپ ياشىدىم، لېكىن ئاپامنىڭ كۆزىدىكى ياش تاكى ھازىرغىچە توختىمىدى.

(3)

ئىشكنىڭ تۇيىدىكى كارۋاتتا يېتىپ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلاپ چىقتىم، ئاپامنىڭ بايامقى ھالىتىنى كۆرۈپ بۇزۇلغان كۆڭلۈم تېخىمۇ بۇزۇلۇپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغىلىدىم، ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن، بىرۋاقىتتا باش تەرپىمدىن ئاپامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

-ۋۇي نېمە بولدىڭىز قىزىم، يىغلاپسىزغۇ، بىرەر يېرىڭىز ئاغىرۋاتامدى؟- ئاپام شۇنداق دەپ قېشىمغا كېلىپ، ئەنسىرگەن ھالدا بېشىمنى تۇتقىلىتۇردى، «نېمە دېگەن مېھىربان ھە، مەن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئازاپ سالغان بولساممۇ، ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەك ماڭا شۇنچە كۈيىنىدۇ».

تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي، ئاپامنىڭ باغرىغا ئۆزۇمنى ئېتىپ يىغلاپ كەتتىم، كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تۆككىلى تۇردۇم:

-ئاپا، جېنىم ئاپا، مەن گۈناھكار، ئەڭ چوڭ گۈناھكار، مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن، مەن بىر ئانىسىغا قول كۆتۇرگەن ۋاپاسىز، مەن ئادەم ئەمەس ئاپا، مېنى ئۇلۇغ ئاللاھ ھەرگىز كەچۇرمەيدۇ، مەن دوزاققا چۇشۇشكە  ھەقلىق، مەن ھەرگىز ياخشى كۈن كۆرمەيمەن جېنىم ئاپا...

توختىماي يىغلىۋاتىمەن، يىغلىغاچ سۆزلەۋاتىمەن، نەچچە يىلدىن بېرى تارىتقان ئازابىمنى ئاپامغا بىراقلا تۆكىۋاتىمەن.

-ياق قىزىم، ئۇنداق دىمەڭ مەن سىزنى بۇرۇنلا كەچۇرۋەتكەن، ئۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كىتىڭ، مەن سىزدىن رازى قىزىم، مەڭگۈ سىزدىن رازى، ئۇلۇغ ئاللاھمۇ چوقۇم سىزدىن رازى بولىدۇ جېنىم قىزىم،-ئاپاممۇ يىغلىدى، ئىككىمىز بىر كۈن ئولتۇرۇپ بىر-بىرسىمىزگە دەردىمىزنى تۆكۈشتۇق، كۆڭۈل سىرلىرىمىنى ئېيتىشتۇق. بۇگۈن مېنىڭ كۆڭلۈم ئېچىلىپ باشقىچىلا خۇشال بولۇپ قالدىم، ئۆز ئۆيۈمگە بېرىپ ئۇزاققىچەئويلاندىم، «ئىسىت باشتىراق مۇشۇنداق ھەممە ئىشنى ئىنىق ھەل قىلىۋەتكەن بولسامچۇ،نەچچە يىللاردىن بېرى بۇنداق قىينىلىپ يۇرمەيتىم».

خورازنىڭ چىللىشى بىلەن يەنە بىر يىڭى كۈن باشلاندى، بۈگۈن كۆڭلۈم شۇنچىلىك خۇشال، كۆڭلۈمدە خۇددى ئەمدى ئاپامنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقمايدىغاندەكلا،ئەمدى تەلتۈكۈس ساقىيىپ كەتكەندەكلا ھېس قىلىپ يولدۇشۇم بىلەن قېيىنئاتامنى يولغا سېلىۋىتىپ، ئاپامنىڭ ئۆيىگە كەلدىم. ئۇلۇغ ئاللاھتىن تۈنۈگۈنكى ئىشتىن كېيىن بىراقلا ساقىيىپ كېتىشىنى دۇئا قىلىپ، شۇنداق بۇلىشىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ، يۇرۇگۇم ئەنسىز سوقۇپ كېتىپ باراتتى، «ئەگەر راستىنلا ئاپامنىڭ يېشى توختىغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە، ئۇ چاغدا ئومۇر بويى ئارمانسىز ئۆتكەن بولاتتىم» مەن شۇلارنى ئويلاپ خۇشال ھالدا ھويلىغا كىردىم.

-ئاپا، ئاپا نەدە سىز مەن كەلدىم،-

-ھە مانا قىزىم،-ئاپام شۇنداق دېگىنىچە ئاشخانا ئۆيدىن چىقتى،كۆزۈمگە يەنە شۇ توختىماي ئېقىۋاتقان ياش، كۆك كۆز كۆرۈندى...

دېمەك بۇ ياش مەڭگۈ توختىمايتى. بۇ ياش مەڭگۈ توختىمايدىغان ياش  ئىدى.....

مەنبە:پىروزە




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پىروزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-2 02:12 PM  


سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97020
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4857
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 640 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 02:06:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدەمنى بەك تەسىرلەندۈردىغان يىزىپسىز ،بەك ياخشى چىقىپتۇ!

سەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەرنىڭ ھالىغا ئەتە قاراپ باق!
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 05:44:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95177
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1699
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2013-4-21
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 06:18:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا قۇرىمايدىغان ياشكەن ؟ بۇ يازمىدىكى پىرسۇناژنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلۇغ اللاھ مەغپىرەت قېلسۇن امىن ............ جازا - مۇكاتنى بەرگۈچى اللاھ ئۆزى كەچۈرە .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 11:27:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يھخشى يىزىپسىز بۇنداق ۋەقە راسلا ئاز ئۇچرايدۇ.كىمنىڭمۇ مۇشۇنداق ئەسكى قىزى باردۇ؟؟ھەي شۈكرى ئاللا!!

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 807
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 11:44:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەركەن.ئاتا -ئانىمىز بىز نىم قىلساق كۆتىردىكەن،ئاتا-ئانىدەك مىھرىبان ئىنسان يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106202
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2014-4-19
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 12:20:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ كۆزۈمگە ياش كەلدى خۇدايىم ئانىلار باغرىنى شۇنداق يۇمشاق يارتىپتىكەن ، بۇنى ئوقۇۋېتىپ مىنىڭمۇ يىراقتىكى ئانام يادىمغا يىتىپ قالدى ، بەكلا ياخشى يېزىپسىز

تارزان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 11:47:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر ھەقىقى بولغان ئىش بولغاچقا سىز نىڭ قەلەم قۇۋۋىتىڭىز قۇشۇلۇپ ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ،ئەگەر بۇ سىز بولسىڭىز يەنى ئۆزىڭىزنىڭ كەچمىشى بولسا كوڭلىڭىزنى ھەرگىز يېرىم قىلماڭ ،ئاللاھنىڭ تەقدىرىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ .ئۇلۇغ ئاللاھ ئانىڭىزنىڭ كۆزىدىكى ئاشۇ ياش ئارقىلىق سىزنى ھىدايەت قىلغان بۇلىشى مۇمكىن ،قېينىئاتىڭىز ،ئىرىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ ،ئاپىڭىزنىڭ ھالدىن ياخشى خەۋەر ئالىدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىم كامىل .سىز پەقەت قېينىئاتا،ئاپىڭىز ھەم ئىرىڭىزنىڭ رازىيلىقىنى ئېلىپ ،پاك دىيانەت ئىمان ئىنساب بىلەن ياشاپ پەزىر ئەمەللەرنى تەرىك ئەتمەي ياشىڭىسزلا ئۇلۇغ ئاللاھ سىزگە جەننەتتىن بىر كىشلىك ئورۇن بەرگەي ،ئۇلۇغ ئاللاھ ناھايىتى رەھمەتلىكتۇر ،ئەپۇ قىلغۇچىدۇر .

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 12:09:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
vmvdwar-uyhur يوللىغان ۋاقتى  2014-5-4 11:47 AM
بۇ بىر ھەقىقى بولغان ئىش بولغاچقا سىز نىڭ قەلەم قۇۋۋىت ...

رەھمەت سىزگە، ياخشى تەكلىپ-پىكىر بەردىڭىز، لېكىن بۇ ھېكايىدىكى پىرسىناژ مەن ئەمەس، مېنىڭ دوستۇم.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 01:41:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىروزە يوللىغان ۋاقتى  2014-5-4 12:09 PM
رەھمەت سىزگە، ياخشى تەكلىپ-پىكىر بەردىڭىز، لېكىن بۇ ھ ...

ئۇنداقتا بۇ پىكىرىمنى مۇمكىن بولسا شۇ دوستىڭىزغا يەتكۈزۈپ قۇيۇڭ ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش