مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8622|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇر سىتودېنىتلىرى :بىز ئەمدى سۈكۈت قىلىۋەرمەيمىز  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10310
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2983 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 06:22:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ۋوگىزالىدا ئېغىر زوراۋانلىق پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى ، زوراۋان تېررورچىلار ۋوگىزالنىڭ چىقىش ئېغىزىدا قولىغا پىچاق ئېلىپ بىگۇناھ ئاممىنى چاناپ ۋە پارتىلىتىش قۇرۇلمىسىنى پارتىلىتىپ 3 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە 79 ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

5-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگو ئاخبارات تورى ، شىنلاڭ تورى ، تېڭشۈن تورى ، خەلىق گېزىتى تورى ، ۋاڭيى تورى قاتارلىق نۇپۇزلۇق تور بېكەتلەر ئۇيغۇر سىتودېنىتلار زوراۋانلىق ھۇجۇمىنى ئەيىپلىدى: بىز ئەمدى سۈكۈت قىلىۋەرمەيمىز دېگەن تېمىدىكى باياناتنى ئېلان قىلدى. بۇ باياناتتا دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىشنى قاتتىق ئەيىپلىگەن ۋە ئۆلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ دۆلەت ئىچىدە خېلى زور تەسىر پەيدا قىلدى.
مىسرانىم تورى تەرىپىدىن ئۆز پېتى تەرجىمە قىلىنىپ يوللاندى



ئۇيغۇر سىتودېنىتلار زوراۋانلىق ھۇجۇمىنى ئەيىپلىدى: بىز ئەمدى سۈكۈت قىلىۋەرمەيمىز

(جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 1-مايدىكى ئاخباراتى


ماۋزۇ:بىز ئەمدى سۈكۈت قىلىۋەرمەيمىز )



تېررورچىلار بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلدى ، ئۇلارنىڭ جىنايىتى ناھايىتى ئېغىر ، ئۇلار ئۆلگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا قارغىش ۋە نەپرەتلىنىشتىن قۇتۇلالمايدۇ

شۇم خەۋەر ئارقا ئارقىدىن يېتىپ كەلمەكتە . بۇ قېتىملىق ۋاقىت 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 19:10 . بىزنىڭ يۈرىكىمىزدىن يەنە قان ئېقىشقا باشلىدى ، بىگۇناھ ئامما جېنىدىن ئايرىلدى ، 79 يۈرەكتە ئېغىر جاراھەت ئىزى قالدى . 1-ماي دەم ئېلىش كۈنى يېتىپ كېلەي دەپ قالغاچقا سومكامنى تاشلاپ قۇيۇپ  ۋوگىزالدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساياھەتكە چىقىش ئۈچۈن بېلەت سېتىۋېلىپ خۇشال خۇرام سەيلە قىلماقچى ئىدىم .لېكىن دەل مۇشۇ پەيىتتە مېنىڭ بايىقى خۇشاللىقىم كۆپۈككە ئايلاندى . مەن ھېچقانداق كىشىگە زىيانكەشلىك قىلمىدىم ، لېكىن مەن ئۆزۈمنى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەندەك ھېس قىلدىم ، مەن ھېچكىمنىڭ چىشىغا تەگمىدىم ، لېكىن ئەتراپىمدىكىلەر يەنە بىر قېتىم مەندىن ھەزەر ئەيلەشكە ۋە ئۆزىنى قاچۇرۇشقا باشلىدى.
قاتىل جىنايەتچىلەر ، سىلەر زادى نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟ سىلەر نېمىگە ئېرىشمەكچى ؟ سىلەر بىزنىڭ مىللىتىمىزگە نېمە پايدا ئېلىپ كەلدىڭلار؟ سىلەر ئېغىزىڭلاردىن شۇئارنى چۈشۈرمەي توۋلايدىكەنسىلەر ، سىلەر «بىزگە ھوقۇق ۋە ھۆرمەت كېرەك» دەيدىكەنسىلەر ، لېكىن سىلەر پارتىلىتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغان جاينىڭ يېنىدىلا مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇپ تەۋىبە قىلىدىغان مەسچىت بار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئىخلاسمەن مۇسۇلمان دەيدىكەنسىلەر ، لېكىن سىلەرنىڭ مىللەت ئايرىماي ، ئەر -ئايال قېرى ياش دىمەي رەزىللىك ۋاستىلەر بىلەن قىلغان جىنايىتىڭلاردا دىنىمىزنىڭ  مىھرىبانلىق ، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە باشقاگۈزەل پەزىلەتلىرىدىن ئەسەرمۇ يوققۇ؟سىلەرنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ زادى نېمە ئۆچۈڭلار بار ؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنى مىللەتنى بەخىت سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدۇق دىيسىلەر ،لېكىن سىلەرنىڭ جىنايىتىڭلار باشقىلارنى بىزدىن ھەزەر ئەيلەشكە قىستىدى ، سىلەر پۈتۈن مىللەتنى «تېررورچى» دېگەن نام بىلەن باغلاپ قويدۇڭلار ، سىلەر بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ «تېررورچى» دېگەن نام بىلەن باغلاپ قويدۇڭلار ، ھەتتا چەتئەللەردىمۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرماقچى بولساق باشقىلاردىن ئۇشۇق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىگىدىن ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ ، سىلەر بىز شىنجاڭلىقلارنى دۆلەت ئىچىگە كوماندۇرىپكىغا چىققاندا ئاسانلىقچە تۇرالغۇ تاپالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدىڭلار .... قاتىل جىنايەتچىلەر ، سىلەر بىزنىڭ مىللىتىمىزگە چەكسىز ئازاپ ۋە ئېغىر كۈلپەت ئېلىپ كەلدىڭلار.تېررورچىلاردىن سۇراپ باقسام ، سىلەر نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟
ئاشۇ ئەخمەق قىلىنغان تېررورچىلار ئېيىتقاندەك بىر «كاپىر»نى ئۆلتۈرسە راستىنلا جەننەتكە كىرگىلى بولامدۇ ؟ قۇرئان كەرىمدە «ئىككى دۇنيالىق بەخىت سائادەت» نى تەكىتلەيدۇ ، يەنى بۇ دۇنيادا بەخىت سائادەتلىق ياشىغانلار ئۇ دۇنيادىمۇ خاتىرجەم بەھۇزۇر ياشايدۇ . «قۇتادغۇبىلىك» تە « ئەگەر بۇ ئۆمرۈڭدە ياخشىلىققا ئېرىشمەكچى بولساڭ ياخشى ئىشنى كۆپرەڭ قىل » دېيىلگەن . لېكىن تېررورچىلار قەبىھلىكتە ئۇچىغا چىققان . ئەجىبا قىلچىلىك گۇناھى يوق ئاممىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش ،  قولىدىكى مۇدھىش پىچقىنى قالايمىقان شىلتىپ بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرۈش مىھرىبانلىق ھېساپلىنامدۇ؟
تېررورچىلاردىن يەنە سۇراپ باقسام ، سىلەرنىڭ مەقسىتىڭلار نېمە؟
جىنايەتچىلەرنىڭ مەقسىتى تېررولۇق پەيدا قىلىش . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاۋات بازارلاردا يۈز بەرگەن بولۇپ نىشانىنى تەسىر كۈچى يۇقىرى بولغان مەيدان،ئوبىيكىت ۋە ئادەملەرگە قارىتىلغان ، ئايروپىلان ، پويىز ، تاشيول ، ئۆي ، ساقچى ، كادىر ، كومتېت ، دېھقان ئىشلەمچى ، ئاياللار ، ياشانغانلار ، بالىلار ، ئۇيغۇرلار ، خەنزۇلار ، مۇڭغۇللار ، خۈيزۇلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغان ، جىنايەتچى ئۇنسىرلار نېمىشقا بۇنچە غالجىرلىشىپ ھەددىدىن ئاشىدۇ؟ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىدا ئەنسىزلرىك پەيدا قىلىپ ، زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۆچمەنلىكنى قۇترىتىش.

تېررورچىلاردىن يەنە سۇراپ باقسام ، سىلەر نېمىگە ئېرىشتىڭلار؟
سىلەرنىڭ ئېرىشكىنىڭلار باشقىلارنى ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ جېنىنى سېلىپ بىرىشمۇ ؟ زوراۋان ئۇنسىرلارنىڭ ئېرىشكىنى قانغا مىلەنگەن قوللىرى ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن كەچۈرگىسىز گۇناھلىرى : يەنە ئىككى كۈندىن كېيىنلا توي قىلىدىغان ئۇيغۇر يىگىتى ، قوللىرىنى كىرىپ دادىسى ئۈچۈن پەرىيات چېكىۋاتقان بالا ، بالىسىغا تەپلۈنگەن ئانا...... زوراۋان ئۇنسىرلار شىنجاڭلىقلارغا ئاۋارچىلىق ئېلىپ كەلدى، سىرتتىكىلەر شىنجاڭلىقلاردىن قورقۇشقا باشلىدى ، شىنجاڭلىق ، ئۇيغۇر دېگەن سۆزلەر «زوراۋان تېررورچى» دېگەن ئاتالغۇنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ قالدى. شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرالغا جاي تاپالماسلىقى ، ئايروپىلانغا چىققاندا ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئىشىگىدىن مېڭىشى .... بۇلارنى بىز توغرا چۈشىنىمىز ، بىز ئىچكىردىكى كىشىلەردىن ئاغرىنمايمىز ، بۇلارنىڭ ھەممىسى زوراۋان تېررورچىلارنىڭ بىزنىڭ مىللىتىمىزگە ئېلىپ كەلگەن «بەخىت-سائادىتى».چەتئەللەردە بىزنىڭ پىروفىسورلىرىمىزمۇ ئايرىم قايتا قايتا تەكشۈرۈلدى ، ئۇيغۇر مىللىتى خەلىقئارالىق مەسلىسى ئېغىر مىللەت بولۇپ قالدى.... جىنايەتچى ئۇنسىرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەرنىڭ بەدىلىنى شىنجاڭلىق بىگۇناھ ئامما تۆلىمەكتە . كۈنمىڭدا تىجارەت قىلىدىغان شىنجاڭلىق يىگىت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىگۇناھ ئاممىغا قان تەقدىم قىلغاندىن كېيىن ، كۆزلىرى ياشقا تولغان ھالدا ئەتراپتىكىلەرگە تەزىم قىلدى ، ئۇ تېررورچىلار شىنجاڭلىق كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دېدى ، لېكىن شىنجاڭدىن كەلگەن بولغاچقا كۆپچىلىككە «كەچۈرۈڭلار» دېدى.
زوراۋان تېررورچىلار«ئىككى دۇنيالىق» تا ئېغىر جازاغا ئۇچرايدۇ .ھەر قېتىم تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ، زوراۋان تېرورچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بارار جايى ھەقىيقەت سۇراقخانىسى بولغان سوت مەھكىمىسى بولىدۇ .مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ بىر ھەدىسىدە «ئىتقادنىڭ ماھايىتى ھەق يولىدا مېڭىش» دېيىلگەن .«مۇسۇلمانلار يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىمۇ خورلىماسلىقى ۋە ھاقارەتلىمەسلىكى كېرەك.» ، ئىسلام دىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ۋە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈشنى قاتتىق چەكلەيدۇ،بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرۈش ئەڭ ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرى .زوراۋان تېررورچىلار ئاللىقاچان ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالدى ، ئۇلار بۇلۇڭ پۇچقاقلاردىكى چاشقاننىڭ ئۆزى .
زوراۋان تېرورچى ئۇنسۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ قەبىھ قىلمىشى مەڭگۈ تارىخ بېتىگە يېزىلغۇسى .قانۇن ۋە ھەققانىيەت ھەر بىر جىنايىتى ئېغىر ئۇنسۇرنى بوش قۇيىۋەتمەيدۇ ، مۇستەھكەم دۆلەت ھاكىمىيىتى بىلەن قارشىلىشىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈمدىن باشقىسى ئەمەس، پۈتكۈل تىنىچلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان خەلىق بىلەن قارشىلاشقانلار ئاقىۋىتتە ئۆز-ئۆزىنى كۈكۈم تالقان قىلىدۇ .بىز يەنە مىللىي تونغا ئورىنىۋېلىپ زوراۋانلىق قىلىۋاتقانلارنى ئاگاھلاندۇرىمىز ، بالدۇرراق ھۇشۇڭلارنى تېپىۋېلىڭلار.
بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى قەيسەرلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ، چەكتىن ئاشقان رەزىللىككنى تۇسۇپ ، چەكتىن ئاشقان رەزىل ئىدىيەلەر بىلەن كۆرەش قىلىشقا مۇراجەت قىلىمىز ؛ قۇلۇڭلارنى چىقىرىڭلار ، چۇڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كېتەي دەپ قالغان سەبىي بالىلارنى قۇتقۇزۇپ قالايلى ، نادان ئەخمەق كىشىلەرنىڭ يەنە تېررولۇق ۋەقەسى سادىر قىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولىشىدىن ساقلىنايلى ، «زوراۋان تېررورچى» دېگەن سۆزنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلار بىلەن باغلىنىپ قېلىشىنى ، «زوراۋان تېررورچى» سۆزىنىڭ شىنجاڭنىڭ بەلگىسى بولۇپ قېلىشىنى تۇسايلى .
بىز ھەر مىللەت قېرىنداشلىرىمىزنى چىگرا ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ پاجىئەلىك ۋەقە سادىر قىلىپ ، ئەنسىزلىك پەيدا قىلىپ ، ئىتتىپاقلىقنى بۇزۇپ ، جەمئىيەتنى پارچىلاپ دۆلەتنى پارچىلاش سۈيقەستىنى تۇنۇپ يىتىشكە مۇراجەت قىلىمىز .بىز چوقۇم كۆزىمىزنى سۈرتىۋېتىشىمىز ، دۈشمەننىڭ سۈيقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىقىمىز ، ھەرگىزمۇ دۈشمەننىڭ ئالدىمىغا چۈشمەسلىكىمىز لازىم.

دۈشمەن بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىمىزدىن قورقىدۇ ، دېمەك ئىتتىپاقلىشىشنىڭ كۈچى زور ؛دۈشمەن ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغانسىرى بىز تېخىمۇ بەك ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك ! بىز ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك!
سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋېرىشكە بولمايدۇ ، شۇنداقلا بىز ئەمدى سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز! بىز مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ زوراۋان تېررورچىلارغا مۇشىت ئاتىمىز!



شىنلاڭ تورىدىكى مەنبەسى:
http://news.sina.com.cn/c/2014-05-01/182430046370.shtml

تېڭشۈن تورىدىكى مەنبەسى:
http://news.qq.com/a/20140501/013435.htm

جۇڭگو ئاخبارات تورىدىكى مەنبەسى:
http://www.chinanews.com/gn/2014/05-01/6125337.shtml

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-3 12:03 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hujayin1 + 10 قىزىل پاچاق

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش