مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8525|ئىنكاس: 65

تەجەللى بىلەن ياقۇپبەگنىڭ سۆھبىتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قاراڭغۇدىن زارل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17347
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8250
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 11:15:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەجەللى بىلەن ياقۇپبەگنىڭ سۆھبىتى


تەجەللىنىڭ داڭقى ھەش-پەش دىگۈچە قەشقەرگىمۇ پۇر كەتكەنىدى. ئۆزى قاتتىق قول، زالىم بولسىمۇ، ئالىم-ئۆلىمالارغا باشقىچە ئىتىبار بىلەن قارايدىغان شۇ چاغدىكى ھۆكۈمدار ياقۇپ بەگمۇ ئالىمنىڭ كۈنسايىن ئۇلغىيىپ بېرىۋاتقان شۆھرىتىدىن خەۋەردا ئىدى. ئۇ بىر قېتىم يەكەنگە قىلغان سەپىرىدە يەكەن ھاكىمبىگى مۇھەممەت يۇنۇسجان شىغاۋۇلدىن تەجەللىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سوراپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتتە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇھەممەت يۇنۇسجان شىغاۋۇل دەرھال ئوردىدا كاتتا زىياپەت راسلاپ، چاپارمەنلەردىن ئىككىنى تەجەللىنى چاقىرىپ كىلىشكە ئەۋەتتى ۋە يەكەندىكى چوڭ-چوڭ ئۆلىما، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوردا زىياپىتىگە چىللاپ خەۋەر بىرىۋەتتى.
چاپارمەنلەر ئوردىدىن ئات ئوينىتىپ چىقىپ، بىردەمدىلا تەجەللىنىڭ قوروسى ئالدىغا كىلىپ توختىدى ۋە ئىشىك ھالقىسىنى جىرىڭلاشتتى. تەجەللىنىڭ خاس تالىپلىرىدىن بىرەيلەن چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى.
بۇ چاغدا تەجەللى كۈتۈپخانىسىغا بېكىنىۋېلىپ، يېقىن بۇرادىرى مەۋلانە مۇھەممەت يولداشقا شېئىرىي مەكتۇپ يېزىۋاتاتتى. تەجەللىنىڭ ئىلھامى ھەدەپ جۇش ئۇرۇپ تاشماقتا ئىدى. تالىپ تاپسىدىلا توختاپ، گېلىنى قىرىپ، ئۇستازىغا دەيدىغان گىپى بارلىقىدىن بىشارەت بەردى. تەجەللى تالىپقا قاراپ «قۇلۇقۇم سەندە» دەپ ئىشارەت قىلدى.
- ياقۇپ بەگ ئالىيلىرى ھەزرىتىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ئارزۇسىدا ئۇستازنى ھاكىمبەگ ئوردىسىغا چىللاپ چاپارمەن ئەۋەتىپتۇ،-دىدى تالىپ.
تەجەللى ئويلىنىپ قالدى. شۇ تاپتا ئۇ گرىك پەيلاسۇپى دىئاگون بىلەن ئىقلىمگىر ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشنى يادىغا ئالدى:
گېرىك پەيلاسوپى دىئاگون ھەقىقەت ئارىسىغا شۇنداق چۆككەنكى، پەلسەپىۋى پىكىرلەر ئۇنى تاۋلاپ ئەڭ يوقىرى پەللىگە ئېلىپ چىققانىدى. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن قەلەمدار ۋە ئەلەمدارلىرىنى باشلاپ كىرت ئارىلىدا ئۇنى يوقلىغاندا، پەيلاسوپ بۇ ئۇلۇغ زىيارەتچىگە ئىتىبار قىلىپ كەتمىگەن. ئۇلار بار-يوقى تۆت ئېغىزلا گەپ قىلىشقان:
- مەن ماكىدونىيىدىن كەلگەن ئۇلۇغ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بولىمەن .
- مەن نىك مەزھىبىدىن، ئىسمىم دىئاگون.
- قانداق ھاجىتىڭىز بولسا دىگەن يىرىڭىزدىن چىقسام دەيمەن.
- ئادەملىرىڭنى ئېلىپ يېنىمدىن يوقال، ئاپتىپىمنى توسما، تەلىپىم شۇ.
نەق مەيداندا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە يېقىن تۇرغان ۋەزىرلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇلۇغ داھىيىسىنىڭ «ناۋادا مەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بولمىغان بولسام، ئۇنداقتا دىئاگون بولار ئىكەنمەن» دەپ پىچىرلىغىنىنى ئاڭلىغان.
بىراق، ھازىر تەجەللى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت دىئاگون بىلەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشقا كۆپ ئوخشىشىپ كەتمەيتتى. گەرچە ئۇنىڭ ھازىرقى روھى ھالىتى دىئاگوندىن كۆپ پەرقلەنمىسىمۇ، لىكىن ئۇنى جەنۇبى شىنجاڭنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلغان ياقۇپ بەگ، ئىسكەندەرگە ئوخشاش سوقراتتەك پەيلاسوپلارنىڭ قۇلىدا تەربىيلەنگەن مەدەنىيەت ئېگىسى ئەمەس ئىدى. بۈزرۇك خوجىنى ھەج تاۋاپ قىلدۇرۇش باھانىسى بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن چەتلىنىپ مەككىگە ھەيدىۋىتىپ، پۈتكۈل جەنۇبى شىنجاڭنى ھەتتا ۋەزىرمۇ ئىشلەتمەي بىر ئۆزى ئوڭچە ئىگىلىۋالغان ياقۇپ بەگنىڭ ناھايىتى قەھرىلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى تەجەللىمۇ ئاڭلىغانىدى. ئۇنىڭ تەكلىپىگە پىسەنت قىلماسلىق باشنى قىلىچقا تۇتۇپ بەرگەن بىلەن باراۋەر ئىدى. «ماقۇل» دەپ ئۇنىڭ ئالدىغا باراي دىسە، كۆڭلى كۆتۈرمەيتتى. ئىلھامى جۇش ئۇرۇپ قايناۋاتقان ھازىرقى پەيتتە ئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تالاي گۈزەل شىئىرلارنى يېزىپ، ئۈزىنىڭ روھىي تەجرىبە دۇنياسىدىكى جەننەت ھۇزۇرىنى سۈرۈشكە ئىشتىھاسى قەۋەت كۈچلۈك ئىدى. ئانا يۇرتىنىڭ تەقدىرى مەسلىسىدە، ئۇ ياقۇپ بەگدىن ئاللىبۇرۇن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئۈلپەتچىلىكنىڭ تەجەللى ئۈچۈن ھىچقانچە ئەھمىيىتى يوق بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە بىر مۇنچە باش ئاغرىقى، گېزى كەلسە كاللا كېتىدىغان خەۋپ-خەتەرلەردىن بىشارەت بېرەتتى. تەجەللى ھۆكۈمدارلاردىن يىراق تۇرۇشنى ئاقىللىق دەپ بىلەتتى. ئۇنىڭدا قانداقتۇر بىرەر مەنسەپ ياكى ئىمتىياز تەمەسى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ نەزىرىدە نازۇك ھېسسىياتلار بىلەن سۇغۇرۇلغان بىر مىسرا شېئىر قىممەت جەھەتتە ياقۇپ بەگدىن چەندان ئارتۇق ئىدى. ئاخىر ئۇ ئۈزىنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ تەلمۈرۈپ تۇرغان تالىپقا زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان بىر ئۇسۇلدا جاۋاپ بەردى.
چاپارمەنلەر تەجەللى ھەزرەتلىرىنىڭ جاۋابىنى ئېلىپ ئوردىغا يىتىپ كەلگەندە يەكەندىكى يۇرت كاتتىلىرى ۋە ئۆلۈمارلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئوردىغا جەم بولۇپ، ياقۇپ بەگنىڭ ئالدىدا كۈچۈكلىنىپ، خوشامەت تۈسىنى ئالغان ياغلىما گەپلەر بىلەن سۆھبەتنى باشلىۋەتكەنىدى. قايسىدۇر بىر شائىر چىرقىراق ئاۋازدا شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىپ ياقۇپ بەگنى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام بىلەن تەڭ ئۇرۇنغا قويۇپ ماختاۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن شۆلگەيلىرى ئېقىپ ساقاللىرىنى نەملىۋەتكەنىدى.
چاپارمەنلەر ئوردا ياساۋۇللىرى ئارقىلىق مۇھەممەت يۇنۇسجان شىغاۋۇلغا تەجەللىنىڭ جاۋابىنى يەتكۈزدى. مۇھەممەت يۇنۇسجان شىغاۋۇل ياقۇپ بەگنى ماختاپ شېئىر ئۇقۇۋاتقان شائىرغا مەسخىرلىك كۈلۈپ قۇيۇپ ئالتۇن كۇرسىدا مۈگدەپ ئولتۇرغان ياقۇپ بەگنىڭ قۇلاقلىرىغا ساراسىمىگە چۈشكەن ھالدا تەجەللىنىڭ جاۋابىنى يەتكۈزۈپ پىچىرلىدى:
- ئالىيلىرى، تەجەللى ھەزرەتلىرى ھازىر ئىنتايىن بىر ئىش بىلەن ئىستىقامەت ئۈستىدە ئىكەن، ئىككى سائەتكىچە ھىچكىم بىلەن سۆزلەشمەيدىكەن، ھازىر ھەتتا خانىمىمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلالمايدىكەن. شۇڭا، ئالىيلىرىنىڭ مۇبارەك پەرمانىدىن خەۋەر تاپالماي قاپتۇ. خانىمى چاپارمەنلىرىمىزگە «تەجەللى ھەزرىتىم ئىستىقامەتتىن پارىخ بولۇپ چىققاندىن كىيىن ياقۇپ بەگ ئالىيلىرىنىڭ دىدارىغا مۇلاقات بولۇش ئۈچۈن باشچىلاپ چاپقاي» دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
ياقۇپ بەگ غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. بەزمىدىكىلەرنىڭ ھەممسى تىمتاس بولۇپ قېلىشقانىدى. تەجەللىگە ھەسەت قىلىپ يۈرگەن بىر قىسىم خوشامەتچىلەر ياقۇپ بەگنىڭ غەزىپىدىن خۇرسەن بولۇپ ئۆزلىرىنى قۇيۇشقىلى يەر تاپالماي قېلىشقانىدى. مۇھەممەت يۇنۇسجان شىغاۋۇل ئەكسىچە تەجەللىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ، چىپ-چىپ تەرلەپ كەتكەنىدى. بىر ھازا جىمجىتلىقتىن كىيىن ياقۇپ بەگ ھىچ كۈتۈلمىگەندە ئۆزلىكىدىن پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. مۇھەممەت يۇنۇسجان شىغاۋۇل ئۈستىدىن بىر ئېغىر يۈك ئېلىپ تاشلانغاندەك يىنىك ئۇھ تارتىپ قويدى.
- تەجەللى ھەزرەتلىرى تېخى يۈرۈگىنى قاپتەك قىلىپ ھۆكۈمدارنىڭ ئەقلىنى سىناۋىتىپتۇ. مەن ھەممىنى چۈشەندىم، ئۇنىڭ ئىستىقامەتتە ئولتۇرغىنىمۇ يالغان. پاھ ، ئۇنىڭ جۈرئىتىگە بارىكاللا! مەن ئەنە شۇنداق جۈرئەتلىك دانىشمەنلەرگە ئامراق. تەجەللى ھەزرەتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلغان ئادەم مانا مەن، ھەرگىز تەجەللى ھەزرەتلىرى ئەمەس. ئەلمىساقتىن داۋاملىشىۋاتقان قائىدە بۇيىچە ھاجەتمەن ئادەم ھاجىتى چۈشكەن ئادەمنىڭ ئالدىغا بېرىشى كېرەك. ھاجەتنى راۋا قىلغۇچى ھاجەتمەننى ئىزدەپ بارىدىغان ئىش قەيەردە بار؟ مەن ھەممىنى چۈشەندىم. تەجەللى ھەزرىتىم بىلەن سۆھبەتلىشىشنى مەن تەلەپ قىلغان بولغاندىكىن، مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىشىم كېرەك ئىدى. جامائەت جۈرۈڭلار! بىز قائىدە بۇيىچە تەجەللى ھەزرەتلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سالامغا بارايلى!
بايا گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ھەسەتخورلارنىڭ مانا ئەمدىلىكتە قولتۇقلىرىدىن تاۋۇزلىرى چۈشۈپ سالپىيىپ قېلىشقانىدى. مۇھەممەت يۇنۇسجان شىغاۋۇل قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي، بىر ھازا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. ياقۇپ بەگە ئاللىبۇرۇن تەختتىن چۈشۈپ ئوردا ئىشىكىگە بېرىپ بولغانىدى. مۇھەممەت يۇنۇسجان شىغاۋۇل بىردىنلا ئىسىگە كەلدى-دە، ئوردا مۇلازىملىرىغا زىياپەت ئۈچۈن تەييارلانغان بارلىق نەرسىلەرنى شۇ پېتى تەجەللى ھەزرەتلىرىنىڭ ئۈيىگە يۆتكەشنى تاپىلاپ، ئوردا ئىشىكىدىن چىقىۋاتقان ياقۇپ بەگكە يۈگۈرۈپ دىگۈدەك يىتىشىۋالدى.
تەجەللى ھەزرىتىمنىڭ شىئىرى ئىلھامىمۇ ئاللىقاياقلارغا ئۇچقانىدى. ئۇ ئوردىدىن قانداق خەۋەر يىتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالماي پەرىشان بولۇپ ئولتۇراتتى. ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشىلىقتىن كۆرە، كۆپرەك يامانلىققا جۇرايتتى. «ئاللاغا تەۋەككۇل، گېزى كەلسە بېشىم كېتەر، ھازىر ئۆلمىسەممۇ ھامىنى بىر كۈنى ئۈلۈپ كېتىمەنغۇ؟ بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن...» دەپ ئويلاپ ئويلايتتى ئۇ ئىچىدە. بۈۋى زىبا خېنىم تەجەللىدىن بەكرەك تەشۋىشكە چۈشكەنىدى. ئۇ ھەتتا تەجەللىدىن ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ۋەسىيەت سوراپ ئاۋارە ئىدى.
ھايال ئۆتمەي بايىقى چاپارمەنلەر ئىشىكتە يەنە پەيدا بولدى، ئۇلار ناھايىتى تېز چاپقاچقا ھاسىراپ كىتىشكەنىدى:
- ھەزرىتىم، ئالىيلىرى بىر توپ جامائەتنى باشلاپ ھۇزۇرلىرىغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ!
تەجەللى كۈلۈمسىرىدى. «...قارىغاندا كۆرىدىغان كۈنۈم بار ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىدى ئۇ. ئارقىدىنلا ئائىلىسىدىكى ئۇلۇغ-ئۇششاق ھەممەيلەننى ھەركەتلەندۈرۈپ مىھمانخانا ئۆينى مىھمانلارغا لايىق تەييارلاشقا تۇتۇندى.
بىرەر چۈگۈن قاينىم ئۆتە-ئۆتمەي نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن، تۆت تەرىپى ئالتۇن، تۆت ئات قۇشۇلغان ياسىداق مەپە تەجەللىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كىلىپ توختىدى. تەجەللى ھەزرەتلىرى كۈلۈمسىرەپ ئىشىك ئالدىغا چىقتى ۋە مەپىدىن چۈشۈۋاتقان ياقۇپ بەگكە سەل-پەل ئېگىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
- ئالىيلىرىنىڭ غېرىبانە كۈلبەمگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىغا ئاپىرىن !
ياقۇپ بەگمۇ ئۆز نۆۋىتىدە تەجەللى بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۈرۈشتى:
- ھەدىسلەردە: «بىر ئالىمنىڭ سۆھبىتىدە بولماق مىڭ رەكەت ناماز ئۇقۇش، مىڭ كېسەلنى داۋالاش، مىڭ جىنازا نامىزىغا قاتنىشىشتىن ئەۋزەل» دىيىلگەن. شۇڭا، ئۆزلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ھۇزۇرلىرىغا كەلدۇق.
- مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز يەنە شۇنداق دىگەن: «ئۈممەتلىرىم ئىچىدە ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بار. ئۇلار ياخشى بولسا، باشقا كىشىلەرمۇ ياخشى، ئەگەر ئۇلار بۇزۇلسا باشقىلارمۇ بۇزۇلىدۇ. ئۇلار بولسا يۇرت كاتتىلىرى ۋە ئالىملاردۇر»... خەلقنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن جاناپلىرىدەك يۇرت كاتتىلىرى بىلەن پېقىردەك ئالىم سانىلىپ قالغانلارنىڭ ئۆز-ئارا دۇرۇس نىيەتلەر ئۈستىدە ھەمجەھەتتە بولمىقىمىز زۆرۈر، ئەلۋەتتە!
ئۇلار شۇ تەرىقىدە سۆھبەتلەشكەچ مىھمانخانىغا كىرىپ كەلدى. ئوردىدىن ئېلىپ كىلىنگەن نازۇ نىمەتلەر پۈتۈن سۇپىنى ئىگىلىگەن داستخانغا لىق تولۇپ يەنە ئېشىپ قالدى. ھۆرمەت سىنچايلىرى توختاۋسىز ئايلىنىپ تۇردى. تەجەللى ھەزرەتلىرىنىڭ «يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ»، پەردازلىماي، ئۇدۇل-ئۇدۇل پىكىر قىلىشلىرى تەسىرىدە سورۇندىكىلەردە قۇرۇنۇش يوقاپ، سۆھبەت مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە جانلىنىپ كەتتى. بايا ئوردىدا ياقۇپ بەگنى ماختاپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىشقانلار مانا ئەمدىلىكتە ياقۇپ بەگنىڭ كەم كۆرىلىدىغان، پەۋقۇلئادە ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن بۇ تەلەيلىك ئالىمنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ خوشامەتلىرىدىن ئالىمنىڭ بەدەنلىرى تىكەنلىشىپ كەتتى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئالىمنى كۆرەلمەي يۈرگەنلەرمۇ بار ئىدى.
ئۇلار «قۇرئان كەرىم»دىكى
«ئالىملار-پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر»،
«بەندىلەر ئىچىدە تەڭرىدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ»،
«بىلگەن بىلەن بىلمىگەن قاچان تەڭ بولغان؟» دىگەن ئايەتلەرنى،
«ئالىملار تەڭرىنىڭ يەر يۈزىدىكى پاسىبانى»،
«قىيامەت كۈنى ئالىملار ئىشلەتكەن سىياھ بىلەن شىھىتلەرنىڭ قېنى تارازىغا ئېغىر ئولتۇرىدۇ»،
«ئالىملار ئۈچۈن پۈتۈن ئاسمان ۋە زېمىندىكى پەرىشتىلەر تەڭرىدىن كەچۈرۈم سورايدۇ»،
«ئالىملارنىڭ دەرىجىسى ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دەرىجىسىدىن يەتتە يۈز دەرىجە ئارتۇق تۇرىدۇ، دەرىجىنىڭ ئارلىقى بەش يۈز يىللىق»،
«تەڭرى قايسى بەندىسىگە ياخشىلىق خالىسا، ئۇنى دىندا ئالىم قىلىدۇ» دىگەندەك ھەدىسلەرنى شىپى كەلتۈرۈپ ئالىمنى ھەدەپ ئۇچۇرماقتا ئىدى.
- كونىلاردا: «بىلگەنلىرىڭنى ئەلدىن يۇشۇرما» دېگەن گەپ بار، -دىدى ئالىم ماختاشلاردىن زىرىككەن تەرزىدە -شۇڭا مەنمۇ بىلگەنلىرىمنى سىلەردەك ئەزىر مىھمانلىرىمدىن ئاياپ نىمە قىلاي؟ ھازىر جامائەت ئارىسىدا دىنىي ئىتىقاد بىلەن ئىلىم-پەننى بىر-بىرىگە قارشى قىلىپ قويىدىغان مۇتەسسىپ كۆز قاراش ئېغىر دەرىجىدە ساقلانماقتا. بۇ تارىختا ئۇزۇن مەزگىل جاھان تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە يول ئېچىپ ماڭغان ئىسلام شەرقىنى ھالا بۇ كۈنلەرگە كەلگەندە جاھاندىكى ئەڭ تەرەققى قىلمايۋاتقان قالاق ئەللەر قاتارىغا چۈشۈرۈپ قويغان ھالقىلىق مەسىلە. ھازىر بۇ ھەقتە تەخىرسىزلىك بىلەن ئويلانماق لازىم. ئىلىم-پەن تەڭرى بەندىلەرگە ئاتا قىلغان ئەڭ ئىسىل نېمەت. ئىلىم-پەننى ئىنكار قىلىش ماھىيەت ئىتىبار بىلەن ئېيتقاندا تەڭرىنىڭ نېمەتلىرىگە كۇپۇرلۇق قىلغانلىقتۇر ۋە ئۆز-ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىقتۇر . قۇرئان كەرىمدىكى ئىككى يۈز ئەللىكتىن كۆپرەك ئايەتتە مۇسۇلمانلار تەبىئەتنى تەتقىق قىلىپ، ئىلىم-پەن ئىشلىرىنى پۈتۈن مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
ھەدىستە: «ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر-ئايال ئۈچۈن پەرىزدۇر» دىيىلگەن. پەيغەمبىرىمىز: «ئىلىم، يىراق جۇڭگۇدا بولسىمۇ بېرىپ ئۆگىنىڭلار» دېگەن. ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئاشۇ تەلىمگە ئەمەل قىلىپ، ئۆگىنىش ۋە ئالاقە باغلاش ئۈچۈن جۇڭگۇغا ئەلچى ئەۋەتكەن.
ئايەتلەردە شۇنداق كېلىدۇ: «تەڭرى ئاراڭلاردىن ئۈزىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرنى ۋە بىلىمگە ئىگە كىشىلەرنى يوقىرى مەرتىۋىلەرگە كۆتۈرىدۇ»،
بۈيۈك ئەللامە غەززالىنىڭ قارىشىچە، «بىز سىلەرگە ئەيىبىڭلارنى ياپىدىغان كىيىم چۈشۈرۈپ بەردۇق» دىگەن ئايەتتىكى «كىيىم» سۆزى دەل ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ دۇنيادا بىر تەڭرىدىن باشقا ھەر قانداق ئىنسان ئەيىپ ۋە نوقسانلاردىن خالىي بولالمايدۇ. ئەيىپلەرنى يېپىش ۋە نوقسانلاردىن خالىي بۇلۇشتا بىزگە ئىلىم ئۆگىنىشتىن باشقا ئىككىنچى بىر يول يوق. پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاقمۇ ئادەمگە زىننەت بېغىشلىيالايدۇ. بىراق نادانلاردا پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق نىمىش قىلسۇن؟
پەيبەمبىرىمىز: «تەڭرى ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ ياراتقان» دىگەنىدى. ئىلىم ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش تەڭرىگە يېقىنلىششىنىڭ بىردىنبىر يۇلى.
ھەدىسلەردە شۇنداق كېلىدۇ:
«ھېكمەت دىگەن ئۇلۇغ ئىنساننى تېخىمۇ ئۇلۇغ قىلىدۇ، قۇلنى پادىشاھلىققا يەتكۈزىدۇ»،
«ئىماننىڭ كىيىمى-تەقۋالىق، تەقۋالىقنىڭ زىننىتى-ھايا، مىۋىسى-ئىلىمدۇر»،
«ئىبادەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىلىمدۇر».
غەززالى: «ئىلىلم بولمىسا ئىبادەتمۇ بولمايدۇ» دەپ قالتىس توغرا ئېيتقان.
نەۋائى ھەزرەتلىرىمۇ: «بىر سائەتلىك تەپەككۇر بىر يىللىق ئىبادەتتىن ئەلا» دېگەنىدى.
پەيغەمبىرىمىز يەنە: «تەڭرىنىڭ بەندىلىرى بىلىمدار بولۇشتىنمۇ ئارتۇق پەزىلەتنى تاپالمايدۇ. ئەلۋەتتە بىر ئالىم شەيتان، بىر ئالىم شەيتانغا، مىڭ قارا قوساق مۇسۇلماندىن بىر ئالىم قورقۇنۇچلۇقراقتۇر. ھەممە نەرسىنىڭ تۈۋرىكى بار، دىننىڭ تۈۋرىكى بولسا ئىلىمدۇر» دەيدۇ.
تەننىڭ غىزاسى تائام، قەلبنىڭ غىزاسى ئىلىمدۇر. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ئىش ئىلىم ۋە ئىبادەتتۇر.
لوقمان ھەكىم شۇنداق دىگەن: «ئاللا قاقاس دالىلارنى يامغۇر بىلەن تىرىلدۈرگەندەك، دىللارنى ھېكمەت نۇرى بىلەن تىرىلدۈرىدۇ».
پەيغەمبىرىمىز يەنە شۇنداق دەيدۇ:
«پەرىشتىلەر ئىلىم ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئىشىدىن خۇرسەن بولۇپ قاناتلىرىنى ئۇنىڭ ئايىقىغا قويىدۇ»،
«قۇرئان پەقەت ئىلىم بىلەنلا مەنپەئەت بېرىدۇ. كىمكى ئىسلامنى راۋاج تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئىلىم ئىزدىگەن ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتسە، جەننەتتە ئۇ ئادەم بىلەن پەيغەمبەرلەر ئارىسىدا پەقەت بىر دەرىجىلا پەرق قالىدۇ».
ساھابىلەر شۇنداق دىگەن:
«كىمكى ئىلىم ئىزدەشنى جىھاد دەپ قارىمايدىكەن، ئۇ ساراڭ ھېساپلىنىدۇ».
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان تۇنجى سۆرە «ئۇقۇ!» دىگەن گەپ بىلەن باشلانغان.
مەدرىسلەر-ئىلىم ئوچىقىدۇر. بىراق، ھازىر ئادەملىرىمىز مەدرىسلەردىن خۇددى ھەپسىدىن قاچقاندەك قاچىدىغان بولىۋالدى. سەۋەبى نىمە؟ ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى ناچار، تالىپلار بىر ئايدا ئۆگىنىدىغان دەرسنى بىر يىلدا ئۆگىنىۋاتىدۇ. مەدرىسلەرگە دۆلەت خەزىنىسىدىن كىلىۋاتقان ياردەم يوق دىيەرلىك، مۇدەررىسلەرنىڭ ھەققىدىن تارتىپ مەدرىسنىڭ ئۇششاق-چۈشەك چىقىملىرىنىڭ ھەمىسى تالىپلارنىڭ گەجگىسىگە چۈشمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇدەررىسلىرىمىزنىڭ نەپسىمۇ بەك يوغىناپ قېلىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى مۇدەررىسلەر ۋەخپىلەرنىڭ كىرىمىنى قاقتى-سوقتى قىلشتىنمۇ تەپ تارتىشمايۋاتىدۇ. پۇقرالىرىمىز كەمبەغەل، پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەشتە بۇنداق ئېغىر يۈكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. تەڭرى ئۆز ئائىلىسىنى غەپلەتتە قويغۇچىلارغا قاتتىق ئازاپ ۋەدە قىلغان. پادىشاھلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا پۇقرالار ئۇلارنىڭ ئۆز ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئوخشاش.
ئايەتلەردە شۇنداق كېلىدۇ: «ھەرقانداق قوۋم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەتمىگىچە، تەڭرى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»
ئۆز ۋاقتىدا سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا تاللاش ئۈچۈن ئىلىم، پادىشاھلىق ۋە مال-دۇنيا بىرىلگەنىدى. لىكىن سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئىلىمنى تاللىدى. پادىشاھلىق ۋە مال-دۇنيا ئىلىمگە ئۈستەك قىلىپ بىرىلدى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئىلىم ئۆگىنىپ كاپىر بولغىنى يوق. بىز ئىلىم ئۆگەنگەنگە ھەرگىز كاپىر بولۇپ قالمايمىز. ئەكسىچە تەڭرىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز. ئۆز ئەھۋالىمىزنى ئۆزگەرىتش ئۈچۈن ئىلىم-پەنگە جىددى يۈرۈش قىلماق كېرەك.
جامائەت چوڭقۇر ھاياجان ئىلگىدە ئويلىنىشقا ئەسىر بولدى. سۆھبەت قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملىشىۋاتاتتى.
ئارىدا تەجەللى ياقۇپبەگنىڭ ئىلتىماسى بىلەن
«بەھاردا ۋەفا يوق، غەنىمەتتۇر ئول كىم، چەمەن ئىچرە بەزمە ئىشرەت قۇرايلى...
ھەقىقەتنى ئەجدىھاردەك تارتىپ دەم، مائارىپتا يولۋاس بولۇپ يۈرەيلى...»
دىگەن مىسرالار يېزىلغان بىر پارچىنى ئۇقۇپ بەردى.
ياقۇپبەگ ھاياجانلىنىپ ئۈزىنىڭ ئۈستىدىكى تونىنى سېلىپ سۇرۇننىڭ ئۈزىدىلا تەجەللىگە كەيدۈرۈپ قويدى. پادىشاھلارنىڭ ئادىتىدە بۇ كەم كۆرىلىدىغان ئېھسان ئىدى. ئاخىرىدا ياقۇپ بەگ تەجەللى ھەزرەتلىرىدىن ئۈزىگە قانداق ھاجىتى بولسا تارتىنماي ئېيتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئالىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشنى ئۈزىگە شەرەپ دەپ بىلىدىغانلىقىنى قۇشۇمچە قىلدى.
تەجەللى ھىچ كۈتۈلمىگەندە ئۈزىنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان، ئادەتتە كاللا كىتىشتىن ئەنسىرەپ ھىچكىم ئېيتالمىغان تەلەپلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ياغدۇرۋەتتى:
- بۈيۈك ئەللامە جالالىددىن رۇمى ھەزرەتلىرى: «ھەقىقىي ھاكىمىيەت ئادەملەر ئۈسىتىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قەلبى ئۈستىدىن قارار تاپىدۇ» دەپ قالتىس توغرا ئېيتقان. جانابىي ئالىيلىرىنىڭ قىلىچىنىڭ زور بىلەن ئەمەس، بەلكى ئادالەت بىلەن تىكلەنگەن. شۇنداقلا خەلقنىڭ قەلب مايىللىقلىرى ئۈستىگە قارار تاپقان ھەقىقى ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىشلىرىغا تىلەكداشمەن. ئۈزۈمچىلىك ھۆكۈم سۈرگەن سەلتەنەت مەلئۇن سەلتەنەتتۇر. ئالدىلىرىدا تەپ تارتماي ئەدەپسىزلىك قىلغان بولسام كەچۈرگەيلا.
بايا ياقۇپ بەگنىڭ دەرغەزەپ بولۇپ قان تۈكۈپ سېلىشىدىن ئەنسىرەپ سۇرۇندىكىلەرنىڭ ئۈڭسۈلى ئۆچكەنىدى. مانا ئەمدىلىكتە ياقۇپبەگ بىلەن تەجەللى ئىككىسىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ تېخىمۇ ھەيران بولدى. تەجەللى ياقۇپبەگدىن يەنە جاي-جايلاردا مەسچىت سېلىشنىڭ ئورنىغا مەدرىسلەرنى كۆپرەك سېلىشنى، مەسچىتلەرنىڭ ۋەخپە ۋە دۆلەت خەزىنىسىدىن بېرىلىدىغان خىراجەتنى كۆپەيتىپ بىرىشنى، مەدرىسلەردە يېڭىچە ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرۈپ بىرىشنى، جاي-جايلاردا ھاكىمىيەتنىڭ زورى بىلەن بولسىمۇ ئالىم-ئۆلىمالارنى ھۆرمەتلەشنى ئۇدۇمغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۈزىنىڭ خۇسۇسىي ھاجىتى ھەققىدە بىرەر ئېغىزمۇ تىنمىدى. ئالىمنىڭ سۇرۇندا بار بولغان بىر قىسىم رەقىبلىرىمۇ خۇددى ياقۇپ بەگكە ئوخشاشلا ئالىمنىڭ قۇرقۇمسىزلىقى ۋە ئەلنىڭ مەنپەئەتىنىلا كۆزلەيدىغان ئالىيجاناپ پەزىلىتىگە قايىل بولماي تۇرالمىدى.
سۆھبەت تاڭ ئاتقۇچە داۋاملاشتى. ياقۇپ بەگ:
- ئالىملارنىڭ كۈزىكەنلا، نىمىشقا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۆزلىرىنى ئاشكارلىماي، بىزنىڭ مۇبارەك نەزەر-ئىتىبارىمىزدىن پىنھان تۇتۇپ كەلدىلە؟ -دىدى ئالىمغا سۇئال نەزىرى بىلەن تىكىلىپ.
- مىنى ماختىغانلىرىغا كۆپ رەھمەت. ئىلىم ئېگىسىنى ئىلىمنىڭ ئۈزى ئاشكارلايدۇ. ئۈزىنى ئۆزى كۆز-كۆز قىلىش دىگەن ئەخمەقلەرنىڭ ئىشىدۇر، خالاس! -دەپ جاۋاپ بەردى تەجەللى.
مەنبە ؛http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1543

قاراڭغۇدىن زارلانماي شام ياندۇر !
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 12:36:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 707
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 01:04:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستاز تەجەللى بۈيۈك ئالىم، تىبابەت، ئىلمى نۇجۇم...... نۇرغۇن تەرەپلەردە يېتىشكەن بۈيۈك ئىستىدات ئىگىسى. ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن. كېيىنكى ئەۋلادلارنى ئەنە شۇ كىشىنىڭ ئىزىدىن بېسىپ مېڭىشقا نىسىب ئەيلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 707
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 01:06:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقۇپبەگ ھەققىدە مەلۇماتى چالا، ئۇنى زالىم، خۇنخور، چەتئەلگە سېتىلغان دەپ قارايدىغانلار ‹قەشقەرىيە› ۋە ‹ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمھالى› ناملىق كىتابلارنى كۆرگەيسىلەر. بۇ كىتابلار ئەينى ۋاقىتتىكى چارروسىيە جاسۇسىنىڭ قەشقەرىيە ھەققىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرى ھەققىدە چارپادىشاھقا يوللىغان مەكتۇپلىرى ئاساسىدا يېزىلغان. ئىشەنچىلكلىك دەرىجىسى يۇقىرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94936
يازما سانى: 445
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 257
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1001 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 01:09:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر جامائەت ئارىسىدا دىنىي ئىتىقاد بىلەن ئىلىم-پەننى بىر-بىرىگە قارشى قىلىپ قويىدىغان مۇتەسسىپ كۆز قاراش ئېغىر دەرىجىدە ساقلانماقتا. بۇ تارىختا ئۇزۇن مەزگىل جاھان تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە يول ئېچىپ ماڭغان ئىسلام شەرقىنى ھالا بۇ كۈنلەرگە كەلگەندە جاھاندىكى ئەڭ تەرەققى قىلمايۋاتقان قالاق ئەللەر قاتارىغا چۈشۈرۈپ قويغان ھالقىلىق مەسىلە. ھازىر بۇ ھەقتە تەخىرسىزلىك بىلەن ئويلانماق لازىم. ئىلىم-پەن تەڭرى بەندىلەرگە ئاتا قىلغان ئەڭ ئىسىل نېمەت. ئىلىم-پەننى ئىنكار قىلىش ماھىيەت ئىتىبار بىلەن ئېيتقاندا تەڭرىنىڭ نېمەتلىرىگە كۇپۇرلۇق قىلغانلىقتۇر ۋە ئۆز-ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىقتۇر.

ئالىم ھەقىقەتەن زامانىسىنىڭ ئالدى كۆرەر دانىشمىنى ئىكەن.

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 01:46:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەجەللى ئۇستاز بىلەن بىر يۇرتلۇق بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن.

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 01:50:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش سۆرىتىڭىز بىر خىل ۋەھىمىلىك ۋە سۈرلۈك ئىكەن،ئەگەر خالىسىڭىز  باشقىسىغا ئالماشتۇرۋالامسىز؟

رەخمەت سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 03:11:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
misken.cn يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 12:36 PM
تەجەللى كىم باللا....ئۇ

دابازادا يايما ئاچىدىغان بىرسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 03:47:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەننىڭ غىزاسى تائام، قەلبنىڭ غىزاسى ئىلىمدۇر! بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ئىش ---ئىلىم ۋە ئىبادەتتۇر.
ئىلىم ئېگىسىنى ئىلىمنىڭ ئۆزى ئاشكارىلايدۇ! ئۆزىنى ئۆزى كۆز-كۆز قىلىش ---ئەخمەقلەرنىڭ ئىشىدۇر!

نىمە دېگەن ئېسىل دۇردانىلەر بۇ !
قايتا -قايتا ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدىكەن بۇ سۆھبەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63527
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1245
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 04:25:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىدا ئاللاھ دەپ بار ئېدى .مەن بۇ يەردە  ئەجەپ تولا تەڭرى دەپ كۆرمەنيا.
  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش