|
|
|
|
كۇروش دۇمباقچەسى
كۇروشى بوزورگنىڭ دۇمباقچەسى (يا كۇروشنىڭ ئىنسان ھوقۇقى يارلىقى) لايدىن پۇشۇرۇلغان دۇمباقسىمان جىسىم بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى بەش يۈش ئوتتۇز سەككىزىنچى يىلى، ھەخامەنېشى شاھىنشاھلىقىنىڭ ئاساسچىسى كۇروشى بوزورگنىڭ پەرمانى بىلەن پۈتۈلگەن. مەزكۇر يارلىق، تا ھازىرغىچە تېپىلغان ئىنسان ھوقۇقى ھەققىدىكى پۈتۈكنىڭ ئەڭ قەدىمقىسى ھېسابلىنىۋاتىدۇ. بۇ پۈتۈكنىڭ ئالدىنقى يېرىمى بابېللىق ۋەقە خاتېرىلىگۈچىلەرنىڭ تىلىدىن ۋە كېيىنكى يېرىمىدا كۇروشنىڭ سۆزلىرى ۋە بۇيرۇقلىرى ئەكەد مىخ يېزىقى ھەم تىلى (يېڭى بابېل تىلى) بىلەن يېزىلغان. بۇ دۇمباقچە خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك سەككىزىنچى يىلى\ مىلادىيە بىر مىڭ سەككىز يۈز يەتمىش توققۇزىنچى يىلى، قەدىمقى بابېل شەھىرىدە پەيدا بولغان ۋە ئەمدىلىكتە لوندون شەھىرىدىكى بېرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا. بۇ يارلىق، ئىران مەدەنىيەتىدىكى قۇلدارلىق روھى نىشانەلىرىنىڭ ئەڭ كاتتالىرىدىن بىرىدۇر.
مەزكۇر دۇمباقچەنىڭ تەركىبى ساپال لاي بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 22.5 سانتىمېتىر ۋە كەڭلىكى 11 سانتىمېتىر. ئايلانمىسى قېرىق بەش قۇرلۇق (چېقۇلۇق قىسمىدىن ئۆزگە).
تۆۋەندىكىسى شۇ پۈتۈكنىڭ ئىخچام مەزمۇنىنىڭ ئۆزەم ئۆزلەشتۈرگىنىم:
360 تىن چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://yunpan.cn/QNhDrCSMQITmC
شىفىرى: cb3b
دۇمباقچەنىڭ ئۇدۇلدىن كۆرۈنۈشى:
ئارقىدىن كۆرۈنۈشى:
يارلىقتىن ئېلىنغان تېكىستى:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا syawush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-2 11:08 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-3 08:01 PM):
ھەمبەھر ئادرېسى يېڭىلاندى: http://yunpan.cn/QigJBk9xMsgNY
شىفىرى: 9293
|
|
|
|
|
|