مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 904|ئىنكاس: 30

بولمايلى بىز يانفونخۇمار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7346
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 03:01:08 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىردەم بىكار بولساقلا قارايمىز شۇ يانفونغا
ئائىلىگە نىسبەتەن ئايلاندى ئۇ«مەلئۇن»غا
تارتىۋالدى ئۇ مەلئۇن،ۋاقتىمىزنى ھەممىنى
بىزمۇ يامان ئۆگەتتۇق نەپسىمىزنى ئۇنىڭغا
بولمايلىچۇ بىز  ئەمدى يانفونخۇمار كېسىلى

چوڭلار بىزگە باققاندا،كۆزىمىز شۇ يانفوندا
ئايال بىر گەپ سورىسا كۆزلەر يەنە يانفوندا
بالا ئەركىلىگەندە،كۆزلىرىمىز يانفوندا
قانچە قىلساق ئەرزىيتى شۇ ئەزىزە جانلارغا…
بولمايلىچۇ بىز ئەمدى يانفونخۇمار كېسىلى

دادا گەپ قىپ بەرسىمۇ،ئاستا يانفون ئوينىدۇق
دادىمىزغا ھار كەلدى،ئەمما بۇنى تۇيمىدۇق
ئەسلىدە بىز تۇيغانتۇق،لېكىن پەرۋا قىلمىدۇق
يانفوننى دەپ چوڭلارنى پەقەت كۆزگە ئىلمىدۇق
بولمايلىچۇ بىز ئەمدى يانفونخۇمار كېسىلى


ھە دېسە كۆزئۈزمىدۇق گەپ سۆزلەرمۇ كەملىدى
ئايالنىڭ كۆڭلى سۇنۇق،كۆزلىرىنى نەملىدى
يالغان كۈلۈپ گاھىدا،ئۆز ئۆزىنى بەزلىدى
چىدىيالماي ئاخىرى بولۇشىغا يىغلىدى
بولمايلىچۇ بىز ئەمدى يانفونخۇمار كېسىلى

يانفون بىلەن بوپ كېتىپ گەپ قىلمىدۇق بالىغا
ئۇ سورىغان سوئالغا جاۋاپ بەردۇق چالىلا
كۆزىمىزگە تىكىلدى جاۋاپ ئىزلەپ شۇ ھالدا
ئەمما پەرۋا قىلمىدۇق،يۈگۈردى ئۇ ھويلىغا…
بولمايلىچۇ بىز ئەمدى يانفونخۇمار كېسىلى

يانفوننى دەپ ئۇنۇتمايلى كىشلىك قەدىر قىممەتنى
ئۇ،يوقتىمۇ ياشىغانتۇق ئېلىپ بۇندىن ئىبرەتنى
چوڭلارنىمۇ قەدىرلەيلى ئائىلىگە كۆيۈنۈپ
بېرىلمەيلى يانفونغا قۇبۇل قىلىپ ھېكمەتنى
بولمايلى بىز ئەمدى بەس!ھەرگىز يانفون سارىڭى…


مەنبە : ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-2 04:13 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92355
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 242 سائەت
تىزىم: 2013-2-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 08:14:04 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس يېزپسىلى،مەندمۇ  ئازراق  با  يانفۇن  كسلى…خەپ  ئەمدى ئچىكىرى  يانجۇقۇمغا  سېلۋىتمەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103728
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 463
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2014-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 09:22:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ  داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى شئىرلارنى يوللاپ تۇرغايسىز   

   
   ھەي 60 ئادەم كورۇپسىلە بىرمۇ ئىنكاس يوق     سىلگە زىيانلىق  بولمىسا يا    بەزەنلە ھەقچان نىمە كارى دەپ  كورۇپلا  قويۇپ چىقىپكىتىپسىلە ھە قىرىنداشلا

ئاللا بەندىللىرىڭنىڭ گۇنايىنى ئوزۇڭ كەچۇر (ئامىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7346
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 09:50:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
halisman يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 09:22 AM
ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ  داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى شئىرلا ...

رەھمەت سىزگە،بەلكىم سەھەردە تەستىقلانغان بولغاچقا ئىنكاس يېزىش ئەپسىز بولۇپ قالغاندۇ،توغرا چۈشىنىمەن قېرىندىشىم.

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7346
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 09:50:59 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdulla5 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 08:14 AM
قالتىس يېزپسىلى،مەندمۇ  ئازراق  با  يانفۇن  كسلى…خەپ  ئ ...

ھە سىزنى تونۇغاندەك قىلدىمغۇ،سىز شۇمۇ… ھې ھې ھې

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33564
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4266
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2014-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 10:54:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىساممەن نەزمىجاننىڭ گەپ سۆزىنىڭ ئورامى
قامچىلاپتۇ تۇرمۇشتىكى ‹ مودا › بولغان سالجىنى .
يېزىپ تۇرۇڭ ئۆتكۈر تىلدا يەنە دائىم مۇشۇنداق
چىقسۇن شۇندا يانفۇنخۇماركالۋالارنىڭ ۋايجېنى ...

ئەسلەپ قالىمەن بەزىدە ئون باھارنىڭ ئالدىنى
يوق ئىدى ئۇ چاغلاردا  شەيتانچاقنىڭ يانفۇنى .
چۆچەكلەرگە ئەمما لېكىن لىق تولغان دۇنيا
ئارماننىڭ - ئۈمىدنىڭ كۆزلەردە بار يالقۇنى .

نىمە جاھان بولىۋاتىدۇ - بىلگىلى بولماس
ئەدەپتىن ھەم ھايادىن ئەسلا  يوق ئەسەر .
بۇلغاپ بولدى بىزلەرنى يانفۇن ، تېلۋۇزۇر
گۆرىستاندەك كۆرىنىدۇ ياتلاشقان شەھەر .

ئۈندىداردا سۆزلەشكەن ئەپتىگە بىر قارىسام
دىگۈم كېلۇر ئەينەككە قاراپ باقساڭ بولمامدۇ؟
ھېلى تۇتار قۇلاققا  پۇرلاپ تىقىپ ئېغىزغا
ياكى يانفۇن يانچۇقتا بىردەم تىنىچ تۇرمامدۇ ...

يولدىمۇ ، ئۆيدىمۇ - ئىشخانا ، خالادىمۇ ھەم
نەگىلا قارىسا شۇ ، شەيتان يانفۇن قۇلۇڭدا .
بىر ئۆينىڭ تۆۋرۈكى ئەي ئەركەك زاتى
قاراپ باققىن بالاڭغا - يىتىرقاپ ئۇ بۇلۇڭدا .

ئاتا - ئاناڭ دوستلىرىڭ ، ئايالىڭ ۋە بالاڭمۇ
سەندىن ھەردەم كۈتىدۇ مېھىر ۋاپا مۇھاببەت .
ساداقەتكە جاۋابەن بولسۇن سەندە غورۇر ھەم
تۆت كۈنلۈك بۇ ئالەمدە بولسۇن سەندە رىقابەت .

يۇلتۇزۇم ،سىرداشلار، ئاشىخ  تور بەتلىرى كېلىشىم باھادا  سېتىلىدۇ؛
www.axih.cn    www.yultuzum.cn   www.sirdaxlar.net
QQ  669641364

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1035 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 11:07:53 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندە يانفۇن خۇمارلىق كىسىلى خىلى بار،
لىكىن يانفۇن بىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ
ئارلىقىمىزنى تىخىمۇ يىقىن قىلدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7346
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 11:47:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
etirgul يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 10:54 AM
قارىساممەن نەزمىجاننىڭ گەپ سۆزىنىڭ ئورامى
قامچىلاپتۇ  ...

بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز
مېنىڭكىنى تولۇقلاپ
قايىل بولدۇم سىزگە ھەم
ئوقۇپ كەتتىم يېنىشلاپ…

ئەلۋەتتە بۇ نەرسىنىڭ
كۆپتۇر ئارتۇقچىلىقى
دەل ئاشۇنداق بولغاچقا
بەك ئالىدۇ ۋاقىتنى

باھانىمىز يوقتۇر ھېچ
شۇ يانفوندىن قاخشاشقا
بىر ئاز چارە قىلايلى
ئۆزىمىزنى ئوڭشاشقا



كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7346
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 11:56:48 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنى قانداق ئىشلىتىش
ئۆزىمىزگە باغلىق ئىش
مېنىڭ تەكىتىگىنىم
بەك بېرىلىپ كەتمەسلىك…

نورمال پايدىلانساقلا
كۆپتۇر ئۇنىڭ قىممىتى
بولۇپ بېرەر بىزلەرگە
ھەتتا «جاھان ئەينىكى»

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7346
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 12:35:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
FIRDEWIS يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 11:47 AM
بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز
مېنىڭكىنى تولۇقلاپ
قايىل بولدۇم ...

كەچۈرۈڭلار ئەي دوستلار،ئۇنتۇپتىمەن بىر ئىشنى
مەنبەسىنى ئەسكەرتمەي،يوللاپتىمەن شېئىرنى
مەنبەسىدۇر مەن ئۆزۈم،يازغانتم بۇ شېئىرنى
يوللىغاندا تەكىتلەپ قويماپتىمەن شۇ يەرنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   FIRDEWIS تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-2 12:35 PM  


كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش